قەلەم، قەغەز، خەت (شېئىر)
ئىمىن ئەھمىدى
يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق پوچتا ماركىسى ئېلىپ،
ئەرزان لىپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت.
كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ،
خەت كەلدى، لېكىن كەلمىدى ھەسرەت.
تېشىلىپ كەتتى قەغەز نەچچە يەردىن،
سانجىلغاندا چېكىت، پەشكە قەلەمنىڭ ئۇچى.
بۇ ئەمەس ئىدى قەغەزنىڭ نېپىزلىقىدىن،
شۇنداق قىلاتتى سېغىنىش، سۆيگۈنىڭ كۈچى.
رەڭ يېيىلاتتى ئۇ يەر بۇ يەرگە،
داغ چۈشۈرەتتى قەغەزگە كۆز ياش.
سوئال، ئۈندەشلەرنىڭ مايماقلىقى،
قىلىپ قوياتتى ماڭا كۆڭلۈڭنى پاش.
دەرىخا! كومپيۇتېر، يانفوندىكى گەپلەر،
شۇنداق تۈز، ھېچ نەرسە بولمىغاندەك.
قولۇڭنىڭ تىترىگىنى نامەلۇم،
سېمونت ئېرىقتا سۇ ماڭغاندەك.
قېنى ئۆز ۋاقتىدىكى تۈگىمەس گەپلەر،
قېنى ۋاراقلارغا سىڭگەن ھاياجان.
قەغەزنى مىجىپ مەيدەمگە تاڭاتتىم،
كومپيۇتېرغا نەدە مۇنداق ئىمكان؟
يەنىلا سەككىز پۇڭلۇق ماركا ئېلىپ،
ئەرزان لىپاپ بىلەن ئەۋەتكىن خەت.
كومپيۇتېردا خەت يازدىم دېدىڭ،
ئۇنىڭدىن شادلىق ئەمەس، كۆپەيدى ھەسرەت.
Yorumlar
Yorum Gönder