📂 تېمىسى: ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟ ✍️ ئاپتورى: ب ۇرھان مۇھەممەد 🏷️ تۈرى : ئەدەبىي ئوبزور ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟ مىللەت گەۋدىسى بىر بىناغا ئوخشىتىلسا، ھەر بىر شەخس بۇ بىنانىڭ شەكىللىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئامىللىرىدىن بىرى بولغان خىشلىرى ۋە ئۇيۇل تاشلىرىدۇر. مىللەت گەۋدىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە مەزمۇت يىلتىزىنى تەشكىل قىلغۇچى نەچچە مىڭ يىلغا سوزۇلغان تارىخىنىڭ بولۇشى، مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئىلاھىي تۇتقۇ بولغان قۇرئان ۋە سۈننىتىنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ ئاسان غۇلاپ كەتمەيدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرغۇچى ئەۋزەللىكلىرىدىندۇر. مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە دىنىنى بۇرمىلاش، بىر پۈتۈن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزىدە بولۇۋاتقان زالىم كۈچلەر يىللاردىن بىرى ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان يىلتىزدىن قومۇرۇپ تاشلاش سىياسىتىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولۇشىغا قارىماي، دېگەندەك ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ ئېقىشىغا بېقىپ مىللەتنىڭ ئىچىدىن ئويغىنىش مەيدانغا كېلىپ، ئىدىيە ۋە كۈچ بىرلىكىنى بەرپا قىلىش ئۈمىدىنىڭ يېڭىۋاشتىن جۇلالاۋاتقانلىقىنى سەزدى - دە، ئىنتايىن...
Yorumlar
Yorum Gönder