تەنھا تۇرغاندا (شېئىر)


دۇفۇ شېئىرلىرىدىن

ئابدۇكېرىم خوجا تەرجىمىسى


تەنھا تۇرغاندا


ئۇچسا سار كۆك قەرىدە پەرۋاز ئۇرۇپ،

سۇدا لەيلەك قۇش ئۈزەر بىر جۈپ بولۇپ؛

شۇڭغۇسا سار ئالىمەن دەپ پەنجىگە،

قېلىشى مۇمكىنمۇ قۇشنىڭ قۇتۇلۇپ؟

ئۆمۈچۈك توقۇيدۇ تور چىمەن ئارا،

چۈشسە شەبنەم كېتىدۇ ئۇ بۇزۇلۇپ.

تەقدىرى ئاللاھنىڭ سىرى شۇنداق ئىكەن،

قىسمىتىدىن چۆچۈدۈم تەنھا تۇرۇپ.



Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»