«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئۈمىد پەرۋانىلىرىمىز
«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئۈمىد پەرۋانىلىرىمىز
ئۇيغۇر بۇلاقنىڭ
«شالغۇت زېھنىيەت ئىنشاسى» پىروجىسى ئىكەنلىكى تارتىشمىغا ئورۇن قالدۇرمىغۇدەك
دەرىجىدە ئاشكارا بولسىمۇ، بۇنداق بىر تەرتىپكە قول ئۇرغۇچىنىڭ كىتابقا ئىسمى
ئاتالغان يازارنىڭ مۇستەقىل قەلىمىدە چىققانلىقى گۇمان ئوبيېكتى ئىدى. تۈنۈگۈنكى
پىروگراممىدىن مەلۇم بولدىكى، ئاپتور ئەسەرنىڭ ئىچىنى ئۆزىمۇ ئانچە ئىچكىرىلەپ
ئىزاھلىيالايدىغاندەك ئەمەس. ئاپتورنىڭ ئىسمى يېزىلغان كىتابقا پەقەتلا مەزكۇر
كىتابنى بىر قانچە رەت ئوقۇپ چىققۇچىنىڭ تەسىراتى سەۋىيەسىدە كىتابقا ئىزاھات
بەرگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك. يېزىلىۋاتقان ئوبزورلارنى چۈشۈنۈۋاتقان ياكى خۇپسەنلىك بىلەن
ئوبزوردا مۇنداق دېيىلىپتۇ، مەن مۇنداق دېدىم دەۋاتقاندىكى گەپ سۆزىدىن
قارىغاندىمۇ ئاپتورنىڭ ئوبزورنى ئوڭ تۇتۇپ ئوقۇپ كۆرگەنلىكىمۇ شۈبھىلىك.
يازغۇچىنىڭ قايسى سۆزنى قانداق ئورۇندا ۋە قانداق شەكىلدە ئىشلەتكەنلىكىنىمۇ بىر -
بىرىنى ئىنكار قىلغۇچى تەرزدە ئالدى - ئارقىغا يېنىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىمۇ
سۆزلىگۈچىنىڭ ئەسەرنىڭ مۇستەقىل ئاپتورى ئىكەنلىكىگە بولغان گۇماننى كۈچەيتمەكتە.
يازارنىڭ ئۆز ئەسىرىنى ئوقۇرمەن سەۋىيەسىدىمۇ تەھلىل قىلىپ بېرەلمەسلىكى،
مەسىلىنىڭ ئۆزى ئۈستىدە توختىلىشتىن قېچىپ ۋەزخانلىق قىلىشلىرى ھەقىقەتەن
غەلىتىلىك.
ئىككى سائەتتىن
ئارتۇق بىر - بىرىگە زىت، تۇتۇرۇقسىز ۋە گېزى كەلگەندە تۇتۇرۇقسىز ئىپادىلەر بىلەن
كۆرۈرمەننىڭ ۋاقتىنى ئوغرىلىيالىغان زۇۋانداز تىپىدىكى پىروگراممىنى سەۋرچانلىق
بىلەن كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئالغان تەسىرات شۇ بولدىكى، ئۇيغۇر بۇلاققا يازغان
ئوبزورىمىزنىڭ شەخسكە ئەمەس زېھنىيەتكە، كىشىگە ئەمەس ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكى،
ئىدىيەسى، تىپىكلىكى ۋە چىنلىقىغا قارىتىلغان بولۇشى كەمكۈتىسىز توغرا بولغان ۋە
جايىنى تاپقان.
ئەسەرنىڭ شەخسكە
ئائىت ئەمەس، بەلكى ئىسمى يېزىلغان ئاپتورنىڭمۇ ئەقىل خوجىلىرىنىڭ مۇداخىلىسى بار
بولغان، ھەمدە ئۇيغۇر دېئاسپوراسىغا قارانچۇق بولۇپ كېلىۋاتقان ۋە بۈگۈننىڭلا
ئەمەس، كېلەچەكنىڭمۇ ئالدىن زېھنىي ئىنشاچىلىقىنىڭ دەسلەپكى ئۇلىنى سېلىش ئۈچۈن
قول سېلىۋاتقان بىر زېھنىيەتكە ئائىت ئىكەنلىكىگە بولغان قانائىتىمىزنى
كۈچەيتمەكتە. بۇ جەھەتتىنمۇ ئوبزورىمىزنىڭ ئۇ يەر بۇ يەردە سۆزلەنگەن
گەپدانلىقلارغا قارىتا ئەمەس، ئالدىمىزدىكى كونكرېت ئۆرنەك بولغان ئەسەرنىڭ ئۆزىدە
يېزىلغان ۋە سىزىلغانلارنى مەركەز قىلغانلىقى، تەنقىدىي نەزەرنىڭ مەزكۇر ئىسمى
يېزىلغان شەخس ۋە ئۇنىڭ خامىلىيونچە ئاغزاكى بايانلىرىغا ئەمەس، قەلىمىدىن
تېمىۋاتقان رەڭلەرگە ۋە بۇ رەڭلەرنىڭ خىمىيەۋىلىك خۇسۇسىيەتلىرىگە
مەركەزلەشكەنلىكى توغرا قانائەتتە ۋە توغرا خۇلاسىدە ئىكەنلىكىمىزنى كۈچەيتتى.
يىغىپ ئېيتساق ،
ھېلىھەم بۇ ھەقتىكى تەنقىدىي نەزىرىمىز شەخس ئۈستىدە ئەمەس، ئۇنىڭغا نىسبەتلىنىپ
تۇرۇپ ئەۋلادلىرىمىزغا سۇنۇلغان ئەسەردە. شۇ ئېنىق بولسۇنكى، بىز ئوبزور
قىلىۋاتقان زېھنىيەت ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۇلىشىپ كەلگەن ئۇيغۇرلۇقنىڭ كۈيچىسى
بولۇشقا يارايدىغان زېھنىيەت ئەمەس.
بىز ئوبزور
قىلىۋاتقان زېھنىيەت ئۇيغۇرلۇقنى شاكاللاشتۇرغۇچى زېھنىيەت، سۈزۈك پىترىتى بىلەن
دۇنياغا كەلگەن ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ساپ ئەقلىنى شالغۇتلاشتۇرغۇچى زېھنىيەتتۇر.
بۇنداق زېھنىيەت قانداق ماسكا ئاستىغا سىغىنىپ تۇرۇپ، كىمنىڭ ئاتىقى ۋە داۋرىڭىغا
ئارىلىشىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىقسۇن چوقۇم مۇناسىپ تىلدا ۋە مۇناسىپ ئۇسۇلدا
تېگىشلىك جاۋابىنى ئالىدۇ. بۇ زېھنىيەت مىللەتنىڭ ئەقلىنى چالغىتالايمەن، ئەلنىڭ
كۆزىنى بويالايمەن دەپ خىيالىنى خام ئەيلىمىگەي. ئەۋلادلىرىمىزنى ئادەمسىمان
شاياتۇنلارنىڭ چاڭگىلىغا تاشلاپ قويمىغىدەك، شالغۇت زېھنىيەت پىرخونلىرىنىڭ
ئەپسۇنلىرىغا رام بولۇشتىن ئۇلارنى ھىمايە قىلىشتىن ئاجىز كەلمىگۈدەك دەرىجىدە
سەگەك ئاتا - ئانىلارنىڭ، ئويغاق مۇئەللىملەرنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇماسلىقى لازىم.
شەيتان ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئىنسان ئورۇندايدۇ. ئەمما بۇ مىللەتنىڭ سەگەك ئانىلىرى،
ئويغاق مۇئەللىملىرى باركى، ئۇلار ئادەمسىمان شالغۇت زېھنىيەتنىڭ ۋەسۋەسىسىنى
ئەمەس، سالاھىيىتىنىڭ تەلىپىنى، ئەۋلادلارنى ئۆزلىرىگە ئامانەت قىلىپ تۇتقۇزغان
ئاتا - ئانىلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندايدۇ.
ئەۋلادلىرىمىزغا ساھىبلىنىۋاتقان، ئىلىم نۇرى بىلەن يورۇتۇۋاتقان مۇئەللىم ۋە
مۇئەللىمەلىرىمىزنىڭ قەدىمى قۇتلۇق، يولى ئوچۇق بولسۇن!
مەنبە: «» سەھىپىسى
Yorumlar