مۇستەملىكىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىمتىھانى
ئاسارەت قانداقتۇر مەھكۇملۇق تۈرمىسىنىڭ گۇندىخانىسىغا ئېسىلغان قۇرۇق ۋىۋىسكىدىن ئىبارەت ئەمەس. ئاسارەت كۈنىمىزدە ئىنساننى ئىنسانلىقتىن چىقىرىش، ئىنساننى ئىنسانلىقىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاش ئۈچۈن كەلگەن قەپەسنىڭ نامى. ئاسارەت نە پەقەت جىسمانىي تۇتقۇنلۇقنى، پۇت – قولنىڭ چۈشەكىلىشىنى، ئىشغالچى كۈچ يولغا قويغان رېجىمنىڭ قۇلى بولۇشنى شەرت قىلىش بىلەن چەكلەنگەن. بەلكى ئاسارەت جىسمانىي تۇتقۇنلۇقنى ئازادلىق، روھىي تۇتقۇنلۇقنى ھۆرلۈك، تەسلىمچىلىكنى مەجبۇرىيەت بىلىش قاتارلىق مەنىلەرنىمۇ ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغاندۇر. ئاسارەتتىكى ئىنسان دېمەكلىك، جورج ئورېۋىلنىڭ «1984» رومانىدىكى تەسۋىرىدە ئېيتىلغان: ئۇرۇش تىنچلىق دېمەكتۇر، ھۆرلۈك قۇللۇق دېمەكتۇر، جاھالەت كۈچ دېمەكتۇر، دېگەن ئۈچ چوڭ بۇرمىلانما شوئارنى شوئۇرىغا سىڭدۈرگەن، ئۇنى ئۆزلەشتۈرگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەقىقەتلىرىنى سەپسەتىلەر بىلەن يۇغۇرۇپ تاشلىغان كىشى، يەنى ھەقىقەت ئېڭى ئۆلگەن كىشى دېمەكتۇر. ئاسارەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، رېجىمنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى ئالدى بىلەن قارشىسىدىكى خەلقنىڭ ئىنسانلىقى ۋە ئىنسانىيلىقىدۇر. بۇ مەنىدىن مۇستەملىكىچىنىڭ كۈنلىكى ئاستىدا قۇرۇلغان ئاسارەت ئىنساننى ئىنسانلىق خاراكتېرىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغۇچى، قۇللۇق زەنجىرىنى چىقىش ئورنىغا ئىنساننى ئىنسان قىلىپ تۇرغان قىممەتلەر زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا، مىزانسىزلىشىشقا، قىممەتسىزلىشىشكە، ئەقىدىسىزلىشىشكە ئىتتەرگۈچى ئاسارەتتۇر. ئاسارەتتىكى ئىنسان ھۆكۈمران كۈچ ئۈچۈن پەقەتلا ئادەم سۈرەتلىك پارازىت، خالاس. شۇڭا ئۇنىڭ نورمال ئىنسان ھاياتىنى ياشاش ھەققى يوق. ئۇنىڭ ئۆز ئىرادىسى بويىچە تاللاش، خالاش ئەركىنلىكىمۇ يوق. ئەركىنلىكى، تاللىشى ۋە ئىرادىسى بولمىغان بىرىنىڭ خالىغان دىن ياكى ئېقىمنىڭ مەنسۇبى بولۇشنى تاللاپ ياشىشى، مۇستەملىكىچىسىنىڭ ئىرادىسىغا مۇخالىپ ئىدىيەلەر بىلەن ئۇچرىشىشى ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچى ئۈچۈن كەلگۈسى تەھدىتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مۇستەملىكىچى پەقەت ئۆزىنىڭلا مۇتلەق كۈچ ئورنىدا كۆرۈلۈشىنى، ھەرقاچان ئاسارىتى ئاستىدىكى ھېلىقى ئادەمسىمان «پارازىت»تەرىپىدىن، يەنى دۇنيا قارىشى ئۆزى بىلەن پۈتۈنلەي باشقا بولغان مەھكۇم توپ تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشنى ئىستەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن گېزى كەلسە ئاسارىتى ئاستىدىكى مەھكۇم خەلقنىڭ ئەقىدىسىدىكى تەڭرىدىنمۇ قىزغىنىدۇ - دە، ئۆزىنى تەڭرىنىڭ ئورنىدا ئۇلۇغلىنىشىنى، ئۇنىڭغا قىلىنغان مۇتلەق تەسلىمىيەتنىڭ ئۆزىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل غالجىرانە ئىستەك ئۇنى شۇ قەدەر قىزغانچۇق ھالغا ئېلىپ كېلىدۇكى، مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ قىممەت بېرىدىغان نېمىسى بولسا، ھەممىسىنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ دەسسىتىلىشىنى ئىستەيدۇ. ئۇلارنىڭ جىمى مۇقەددەساتلىرى ئورنىغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈشىنى، ئەقىل قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە بولۇشىغا قارىماي مېتافىزىكىلىق مەۋجۇتلۇق ئورنىغا ئۆزىنىڭ فانتازىيەلەشتۈرۈلۈشىنى، خەلق قەلبىدىكى ياراتقۇچىنىڭ، رىزىق بەرگۈچىنىڭ ئورنىغا دەسسەشنى ئىستەيدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، تەڭرىنىڭ دىنىنىمۇ قىزغىنىدۇ ۋە ئۆزى تەرىپىدىن پىششىقلانغان ئىدېئولوگىيەنى دىن ئورنىغا دەسسىتىشكە تىرىشىدۇ. نەزىرىدىكى ئادەمسىمان «پارازىت»لارنىڭ سۈنئىيلەشتۈرۈلگەن، سۇيىئىستېمال قىلىنغان بارچە ياسالما دىن، ئىدېئولوگىيە ۋە ساختا مەنىۋى ئوزۇقلارنى رەت قىلىشىنى ۋاقتى كەلسە ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان ناھەقچىلىككە قارشى پارتلىغان ئىسياندىنمۇ ئېغىر دەپ قارايدۇ. ئۆزى سۇنغان ساختا دىنىي تەلقىنلەرگە پەرۋا قىلماستىن دىننى ئۆز مەنبەسى بويىچە ئۆگەنمەكچى بولۇش، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىچە ياشاش يولىنى تاللاش ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچى نەزىرىدە خوجىسىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، ئۇنىڭ ئىستەكلىرى ۋە يوليورۇقلىرىنى تۆۋەن كۆرگەنلىككە باراۋەر. مۇستەملىكىچىگە قويۇپ بەرسە ئاسارەتتىكى ئىنساننىڭ، يەنى ئىشغالچى نەزىرىدىكى ئادەمسىمان «مەخلۇق»نىڭ بىرلا «ھوقۇقى» بولۇشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭلا بەلگىلەپ بەرگەن «قىممەت»لەرنىڭ مەھبۇسى، ئۇنىڭلا ئەسىرى، ئۇنىڭلا تۇتقۇنى بولۇش. مانا بۇ مەزكۇر «مەخلۇق»نىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن سۇنۇلغان بىردىنبىر تاللاش. توغرىسى بىردىنبىر مەجبۇرى چىقىش يولى. بۇ ۋەجىدىن ئاسارەتلىك ھاياتتا تەڭرىگە، پەيغەمبەرگە، ئەجدادقا، ئۆرپكە، تۆرىگە ھەقىقىي مەنىدە ئەسلا ئورۇن بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئىدىيە ۋە قىممەتتىن ئىبارەت ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ تىزگىنى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ چاڭگىلىدا بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ چۈشۈرگەن يارلىقى نېمە دېسە شۇ بولۇشى، كىشىنىڭ كىمنى تەڭرى بىلىشى، كىمنى پەيغەمبەر بىلىشى، كىمنى ئەجداد بىلىشى ۋە نېمىنى ئۆرپى – ئادىتى قىلىپ، نېمىنى قوبۇل قىلىپ نېمىنى چۆرۈپ تاشلىشىغىچە بولغان ھەممە ئىختىيارلىقلار، قارارلار ۋە تاللاشلار پەقەتلا ھۆكۈمران كۈچ تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى كېرەك. قىسقىسى، ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ئاپپاراتىنىڭ سۈزگۈچىدىن ئۆتكەن بولۇشى شەرت. ئەجەبا بۇنداق بىر قۇرۇلما ئاستىدا ئىنسان بولۇش، ئىنسان پېتى ياشاش ۋە ئىنسانلىق سۈپەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇش قانداقسىگە مۇمكىن، بولسۇن؟!
سەمىمىزدە بولغايكى، مىللەت بولۇش ئالدى بىلەن ئىنسان بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. مىللىي روھ ھېچقاچان ئىنسانلىق (ئادىمىيلىك)نى پايخان قىلىش بەدىلىگە ئىنشا بولغان ئەمەس. بىيولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇق مىللىي روھ قەتلى قىلىنغان «ئىنسانلىق» بىلەن بىر گەۋدە ئىچىدە ھەرگىزمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. مىللىي روھ بولسا، مىللىي دەۋانىڭ جېنىدۇر. ئىسلام بۇ روھنى كۆكلەتكۈچى زىلال سۇ مىسالى ھاياتلىق مەنبەسىدۇر. ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق بولسا، ئۇشبۇ ھاياتىيلىقنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ كاپالىتىدۇر. بۇ مەنىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادىمىيلىكىنى قۇرۇپ چىقالمىغان دىندارلىقتىن، دىندارلىقىنى يوقاتقان مىللەتۋازلىقتىن مىللەتكە خەيرلىك كەلمەيدۇ. شۇنداقلا ئۆز مىللەتداشلىرىنى ياتنىڭ قولىدا بابلاشتا ۋاسىتە تاللىمايدىغان، كاللىسى باشقىلارنىڭ ئەقلىنى ئويۇنچۇق قىلىش تەدبىرنامىلىرى بىلەن پىروگراممىلىنىپ كەتكەن «شالغۇت زېھنىيەت» بىمارلىرىدىنمۇ ۋەتەن -مىللەتكە خەيرلىك كەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئىنسانلىقى زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلمىگەن بىرىنىڭ مىللىي دەۋا يولىدىكى سەمىمىيتىمۇ دەرگۇماندۇر. بۇ نۇقتىدا شۇنىمۇ سوراقلاپ كۆرۈشكە ھاجەتمىزكى: ئەجەبا ۋەتەن – مىللەت يولىدا قىلىۋاتقان ئۇرۇنۇشلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مىللەتنىڭ ئەزاسىغا لايىق رەۋىشتە قىلىنىۋاتقان سەمىمىي تىرىشچانلىقلار، پۈتۈنلەي مۇقەددەس غايىنى كۆزلەپ قېلىۋاتقان، باشقا ھەرقانداق مەنپەئەت بىلەن دۇغلاشتۇرماي ئېلىپ بېرىۋاتقان سەمىمىي ئۇرۇنۇشلار دېگىلى بولامدۇ، يوق. مۇنداقچە ئېيتساق، قىلىۋاتقانلىرىمىزنى راستتىنلا داۋا، دېگىلى بولۇۋاتامدۇ، يوق؟! قىلىۋاتقانلىرىمىزدا ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ بىزدىن نېمە كۈتىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلىقىمىزنىڭ بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئىنسانلىقىمىزنىڭ بىزدىن قانداق ئىنسان بولۇشىمىزنى كۈتىدىغانلىقىنى ئىش – پائالىيەتلىرىمىزدە قانچىلىك دىققەتكە ئېلىۋاتىمىز، قايسى دەرىجىدە سەمىمىي بولۇۋاتىمىز؟ ئەجەبا، ھېلىھەم ئىنسان پېتى قىلىشتەك ئەقەللىي خۇسۇسىيىتىمىزنى مۇھاپىزەت قىلالاۋاتامدۇق - يوق، ئىنسانلىقىمىزنىڭ ئۇلارچە ئىنسانلىققا ئۆزگىرىپ كەتمەيۋاتقانلىقىغا كاپالىتىمىز نېمە؟ ئىنسانلىقىمىزنى ساق – سالامەت دېسەك، ئۇنداقتا بۇ ئىنسانلىقىمىز ئاڭ – ئىدراكىمىزغا، ۋىجدان ۋە ئىرادىمىزگە ئەقەللىي بىر ھەرىكەت چاغلىق قارشىلىق روھىنى ئەكس ئەتتۈرەلەۋاتامدۇ - يوق، ئىنسانلىقىمىز زادى بىزنى قايسى دەرىجىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىدى ۋە كەلتۈرۈۋاتىدۇ؟
مانا بۇلار ھەقىقەتەن ئىنسانلىقى ئىشغالغا ئۇچرىمىغان، ئىنسانلىقى قايتا شەكىللەندۈرۈشنى رەت قىلىپ كەلگەن ھەمدە ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دەپسەندىچلىكلەرنىڭ، قىرغىنچىلىقلارنىڭ تاماشىبىنى بولۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتقان كۈنىمىز دۇنياسىدا «ئىنسان پېتى قېلىش» كۈرىشىنى توختاتمىغان ۋە ئاسارەتكە قارشى كۈرەشتىن شاشماسلىقنى ئىنسانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى دەپ بىلگەن، قىسقىسى ئىنسانلىقى تېخى نابۇت بولۇپ ئۈلگۈرمىگەن ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى ئۈچۈن ئەمەلىي جاۋاب كۈتۈۋاتقان سوئاللاردۇر.
-بۇرھان مۇھەممەد
Yorumlar
Yorum Gönder