غەربكە ساياھەت - يەتمىش يەتتىنچى باب
يەتمىش يەتتىنچى باب
ئالۋاستىلارنىڭ ئەسلىگە يانغانلىقى
بىرلىكتە بۇدداغا باش قويغانلىقى
تاڭ سېڭنىڭ قايغۇرغىنىنى قويۇپ، گەپنى بۇ ياقتىن باشلايلى. ئەلقىسسە، ئۈچ ئالۋاستى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ شەھەرنىڭ شەرقىدىكى تاغدا ئۈچ شەيخ بىلەن قاتتىق ئېلىشتى. بۇ جەڭ بەئەينى «تۆمۈر سۈپۈرگىدە قازان يۇسا ھەممە ئۆي تاراڭ - تۇرۇڭغا توشۇپتۇ» دېگەندەك بولدى. قىلىچ - نەيزىلەر ۋال - ۋۇل چاقنىدى، ھېچكىم رەھىم - شەپقەت قىلمىدى. ئۇلار شۇ تەرزدە ئۇزاق ئېلىشتى. ئاستا - ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، شامال بىلەن كەلگەن تۇمان بىرپەسنىڭ ئىچىدە جاھانغا تۈن پەردىسىنى ياپتى. جۇ باجيې ھېرىپ بەرداشلىق بېرەلمىدى - دە، تىرنىسىنى سۆرەپ قاچتى. چوڭ ئالۋاستى كەينىدىن قىلىچ ئۇرغانىدى، ئۇ جان تەسلىم قىلغىلى تاسلا قالدى. ئۇ چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ تۇرۇشىغا، چوڭ ئالۋاستى قوغلاپ كېلىپ ئۇنى بېشىدىن چىشلەپلا شەھەرگە ئەكىرىپ جىنلارغا تاشلاپ بەردى، جىنلار ئۇنى چەمبەرچاس باغلاپ ئوردىغا ئەكىرىپ قويدى. شاسېڭمۇ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ ھاسىسىنى يالغاندىن پۇلاڭلىتىپ قاچقانىدى، ئىككىنچى ئالۋاستى بۇرنىغا ئىلىپلا شەھەرگە ئەكىرىپ جىنلارغا ئۇنى باغلاپ ئوردىغا ئېلىپ كىرىشىنى بۇيرۇدى. سۇن ۋۇكۇڭ بولسا ئىككى قېرىندىشى قولغا چۈشكەنلىكتىن يالغۇز قېلىپ ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدى. «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دېگەن شۇ - دە. ئۇ بىرلا ۋارقىراپ ئۈچ ئالۋاستىنىڭ قورالىنى تۆمۈر كالتىكىدە قايرىۋېتىپ، غۇي قىلىپلا ئاسمانغا چىقىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپلا ئۈچىنچى ئالۋاستى بىر سىلكىنىپ ئۆز ئەسلىگە كېلىپ، قاناتلىرىنى كېرىپ سۇن ۋۇكۇڭنى قوغلاپ كەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ بىر موللاق ئېتىشىدا بىر يۈز سەكسەن مىڭ چاقىرىم يول باساتتى. ئالۋاستى بولسا بىر قانىتىدىلا توقسان مىڭ چاقىرىم يول باساتتى. شۇڭا ئالۋاستى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇپلا ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى - دە، كاپپىدە تۇتۇپ شەھەرگە قايتىپ ئۇنى توپىغا تاشلىدى، جىنلارغا بولسا جۇ باجيېنى باغلاپ، شاسېڭلار بىلەن بىر جايغا قويۇشنى تاپىلىدى.
ئىككىنچى جېسەك ۋاقتى بولغاندا، ئالۋاستىلار ۋە جىنلار ئۆز ئارا كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن تاڭ سەنزاڭنى كۇرسىدىن پەسكە ئىتتىرىۋەتتى. چىراغ يورۇقىدا ئۇ ئۈچ شاگىرتىنىڭ يەردە باغلاغلىق ياتقىنىنى كۆرۈپ، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ يېنىغا كېلىپ يىغلىدى:
− شاگىرتىم ! دائىم پېشكەللىككە ئۇچرىغاندا سەن تاشقىرىدا قېلىپ، كارامىتىڭ بىلەن دىۋە - ئالۋاستىلارنى يېڭىپ بىزنى قۇتۇلدۇراتتىڭ. بۈگۈن سەنمۇ قولغا چۈشۈپ قاپسەن. مەن شور پېشانە قانداقمۇ جېنىمنى ساقلاپ قالارمەن؟
جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ ئۇستازىنىڭ ھەسرەت - نالىسىنى ئاڭلاپ تەڭلا يىغلاپ كەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ بولسا كۈلۈمسىرەپ مۇنداق دېدى:
− ئۇستاز، غەم قىلمىسىلا، ئىنىلىرىم، يىغلىماڭلار. ئۇ نېمىلەر بىزنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ. ئالۋاستىلار جىمىققاندا بىز تىكىۋېتىمىز.
− ئاغا، چاقچاق قىلمىسىڭىزچۇ ! − دېدى جۇ باجيې، − كەندىر ئارغامچىنىڭ چىڭلىقىدىن تۈزۈك نەپەس ئالالمايۋاتقاندا قانداق قاچىمىز؟ سىز ئورۇق بولغاچقا بىلمىگەن ئوخشايسىز، سېمىزلىكىم ماڭا بىر دەردىسە بولدى.
− ھېلىغۇ كەندىر ئارغامچىدا باغلىنىپتۇق، تۆمۈر زەنجىردە باغلانساقمۇ كارايىتى چاغلىق، قۇتۇلالايمىز، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ.
مۇشۇ سۆزلەر بولۇۋاتقاندا، چوڭ ئالۋاستىنىڭ مۇنۇ گېپى ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا كىردى:
− نۆكەرلەر، تۆمۈر قاسقاننى ئېلىپ چىقىڭلار، تۆت شەيخنى پىشۇرۇپ يەيلى.
− ئاغا، ئاڭلاۋاتامسىز؟ ئالۋاستىلار بىزنى پىشۇرۇپ يەيمىز دەۋاتىدۇ ! − دېدى جۇ باجيې قورقۇپ تىتىرەپ.
− قورقماڭلار. يولىنى ئۆزۈم قىلىمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
شۇ ئارىلىقتا جىنلار خەۋەر قىلدى:
− سۇ قاينىدى.
ئالۋاستى ئۇلارنى قاسقانغا سېلىشقا بۇيرۇدى. جىنلار جۇ باجيېنى قولمۇقول كۆتۈرۈپ ئەڭ تېگىدىكى قاسقانغا سالدى، شاسېڭنى ئىككىنچى قاسقانغا سالدى. سۇن ۋۇكۇڭ نۆۋەت ئۆزىگە كەلگەنلىكىنى پەملەپ، بىر تال مويىنى يۇلۇپ بىر پۈۋلەپ «ئۆزگەر !» دېگەنىدى، باغلاغلىق يەنە بىر سۇن ۋۇكۇڭ پەيدا بولدى. ئۆزى بولسا سېھىر بىلەن ھاۋاغا چىقىۋېلىپ پەسكە قاراپ تۇردى. جىنلار راست - يالغاننى پەرق ئېتەلمەي «يالغان سۇن ۋۇكۇڭ»نى ئۈچىنچى قاسقانغا سالدى، تاڭ سېڭنى دۈم ياتقۇزۇپ باغلاپ تۆتىنچى قاسقانغا سالدى. قۇرۇق ئوتۇن گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلىدى. سۇن ۋۇكۇڭ ھەسرەت بىلەن ئۆزىگە: «جۇ باجيې، شاسېڭلار ئاز - تولا چىدايدۇ، ئۇستازىم بولسا ھېلىلا تەييار بولىدۇ. بىر ئامال قىلىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالمىسام پۇشايمان يەپ قالماي يەنە !» دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ ھاۋادا تۇرۇپ ئەپسۇن ئوقۇپ شىمالىي دېڭىزدىكى ئەجدىھا شاھنى چاقىردى. شۇئان ئاسماندا بىر قارا بۇلۇت پەيدا بولۇپ توۋلىدى:
− شىمالىي دېڭىزدىكى پىقىر خىزمىتىڭىزدە بولۇش ئۈچۈن باش قويۇۋاتىمەن.
− تۇرۇڭ ! ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ ! ئىش بولمىسا سىزنىمۇ مالال قىلمايتتىم. بۈگۈن ئۇستازىم تاڭ سېڭ بىلەن مۇشۇ يەرگە كەلگەنىدۇق، ئۇلارنى ئالۋاستى تۇتۇۋېلىپ پىشۇرۇش ئۈچۈن قاسقانغا سېلىپ قويدى. سىز شۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ بېرىڭ، پىشىپ قالمىسۇن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
ئەجدىھا شاھ شۇئان سوغۇق شامالغا ئايلىنىپ ئوچاققا كىردى، ئوتنى قازانغا تەگكۈزمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەننىڭ جېنى ئامان قالدى.
ئۈچىنچى جېسەك بولغاندا، قېرى ئالۋاستىنىڭ مۇنۇ گېپى سۇن ۋۇكۇڭغا ئاڭلاندى:
− نۆكەرلەر، بىز مىڭبىر پەنت بىلەن تاڭ سېڭ قاتارلىق تۆتىنى قولغا چۈشۈردۇق، بۇ يەرگىچە ئېلىپ كېلىمىز دەپ كۆپ رىيازەت چەكتۇق، تۆت كېچە - كۈندۈز كۆز يۇممىدۇق. ئەمدى ئۇلار باغلىنىپ قاسقانغا چۈشتى، قۇتۇلمىقى تەس. سىلەر ناھايىتى دىققەت بىلەن ساقلاڭلار، بىز سەل كۆز يۇمۇپ ئارام ئېلىۋالايلى. بەشىنچى جېسەك بولۇپ سۈبھى كۆتۈرۈلگۈچە ئارىلىقتا ئۇلار پىشىدۇ، ئېلىپ دورا - دەرمەك، سامساق، تۇز، ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى سېلىپ، ئاندىن بىزنى ئويغىتىڭلار، مەززە قىلىپ يەيلى.
جىنلار بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرىدىغان بولدى، ئۈچ ئالۋاستى ئۇخلاشقا ھۇجرىلىرىغا كەتتى.
سۇن ۋۇكۇڭ ھاۋادا تۇرۇپ بۇ تاپشۇرۇقلارنى ئاڭلىدى. پەسرەك چۈشۈپ قۇلاق سالغانىدى، قاسقاندىن ھېچ ئاۋاز كەلمىدى، «ئۆلۈپ قالدىمۇ، نېمە؟ يېقىنراق بېرىپ ئاڭلاپ باقاي» دېدى - دە، بىر دومىلاپلا قارا چىۋىنغا ئايلىنىپ قاسقانغا قونۇپ دىققەت بىلەن قۇلاق سالدى، جۇ باجيېنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
− نەس باستى ! نەس باستى ! بىزنى ھوردىتىپ پىشۇرامدىغاندۇ، ھورداتماي پىشۇرامدىغاندۇ، ھېچ بىلمىدىم.
− ئاغا، «ھوردىتىپ»، «ھورداتماي» دېگىنىڭىز قانداق گەپ؟ − دېدى شاسېڭ.
− ھوردىتىپ پىشۇرسا، قاسقاننىڭ تۇۋىقىنى ياپىدۇ، ھورداتماي پىشۇرسا، تۇۋاقنى ياپمايدۇ، − دېدى جۇ باجيې.
− شاگىرتلىرىم، تۇۋاقنى ياپمىدى، − دېدى ئەڭ ئۈستىدىكى قاسقاندا تۇرغان تاڭ سەنزاڭ.
− خۇداغا شۈكۈر ! بۈگۈن كېچە ئۆلمەيدىكەنمىز ! بىزنى ھورداتماي پىشۇرغۇدەك ! − دېدى جۇ باجيې.
سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئامان - ئېسەنلىكىنى بىلدى - دە، ئۇچۇپ بېرىپ تۇۋاقنى ئاستا يېپىۋەتتى. تاڭ سەنزاڭ ئالاقزادە بولۇپ:
− شاگىرتلىرىم ! تۇۋاقنى يېپىۋەتتى ! − دېدى.
− ئەستاغپىرۇللا ! ھوردىتىپ پىشۇرسا بۈگۈن كېچە جەزمەن ئۆلىدىكەنمىز، − دېدى جۇ باجيې. شاسېڭ بىلەن تاڭ سېڭ يىغلاپ كەتتى. جۇ باجيې:
− يىغلىماڭلار، ئوت قالايدىغانلار ئالمىشىۋاتىدۇ، − دېدى.
− بۇنى قانداق بىلدىڭىز؟ − سورىدى شاسېڭ.
− مېنى قاسقانغا سالغاندا تازا خۇش ياققانىدى، چۈنكى، سەل تومۇقاپ قاپتىكەنمەن، راسا بىر تەرلىنەي دېگەنىدىم، ئەمدى قارىسام سوغۇق كېلىۋاتىدۇ. ھەي ئوت قالىغۇچى غوجام، ئوتۇننى جىقراق سالساڭلارچۇ؟ سىلەردىن نېمە كېتىدۇ ! − دېدى جۇ باجيې.
بۇنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدى: «ماۋۇ ئەسكىنى كۆر ! سوغۇق بولغىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئىسسىق بولسا ئامان قالامدۇ. يەنە تۇرسام جىنلار بىلىپ قالمىسۇن، ئۇلارنى دەرھال قۇتۇلدۇرۇۋالاي ... توختا ! ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قىياپىتىمگە قايتمىسام بولمايدۇ. ئۇ چاغدا ئوت قالىغۇچى جىنلار كۆرۈپ قالىدۇ - دە، چۇقان سېلىپ ئالۋاستىلارنى ئويغىتىدۇ، بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىك تۇغۇلىدۇ ... ئاۋۋال ئۇلارغا بىر ئامال قىلاي... − بىردىن مۇنۇ ئىش يادىغا چۈشتى، − ھە راست، ئەينى ۋاقىتتا، يەنى ئەۋلىيا چېغىمدا، ئەرشنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان پەلەك شاھ بىلەن تېپىشماق ئېيتىشىپ ئوينىغاندا ئۇنىڭدىن ئۇخلىتىدىغان قۇرت ئۇتۇۋالغان، شۇنىڭدىن بار ئىدى. مۇشۇنى ئىشلىتەي... − سۇن ۋۇكۇڭ ئاختۇرۇپ قارىسا ئون ئىككى تال بار ئىكەن، − بۇ ئونىغا ئون-نى ئىشلەتسەم، ئۇرۇقلۇققا يەنە ئىككىسى قالىدىكەن، − ئۇ قۇرتلارنى ئاتتى. بۇلار ئون جىننىڭ يۈزىگە چۈشۈپ، ئاندىن بۇرنىغا كىرىۋالدى. جىنلار مۈگدەپ ئاستا - ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى. لاخشىگىر تۇتقان بىرى قاتتىق ئۇخلىمىغانىدى، − بۇ نېمىگە ئىككى پىلىكلىك شام بېرەيچۇ»، دەپ يەنە بىر قۇرتنى ئۇنىڭ يۈزىگە ئاتقانىدى، ئۇ ئىككى - ئۈچ ئەسنەپلا لاخشىگىرنى تاشلاپ موك چۈشتى، ئۇيان - بۇيانغىمۇ ئۆرۈلمىدى.
«بۇ ئامال قالتىس ئەسقاتتى !» دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، ئاندىن ئۆز قىياپىتىگە كىرىپ قاسقانغا يېقىن كېلىپ: «ئۇستاز !» دەپ توۋلىدى. تاڭ سەنزاڭ بۇنى ئاڭلاپلا:
− شاگىرتىم، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋال ! − دېدى.
− ئاغا، سىز سىرتتا تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتامسىز، نېمە؟ − دېدى شاسېڭ.
− مەن سىرتتا بولماي، سىلەر بىلەن تەڭ قىينالسام بولاتتىمۇ؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئاغا، قاچىدىغىنى قېچىپ بوپتۇ. بار دەردنى بىزلا تارتىدىكەنمىز ! − دېدى جۇ باجيې.
− قاقشىما، ئىنىم، سىلەرنى قۇتۇلدۇراي دەپ كەلدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، ئاندىن قاسقاننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىپ ئاۋۋال تاڭ سېڭنى قۇتۇلدۇردى. ئۆز شەكلىگە كىرگۈزۈپ قويغان مويىنى ئېلىپ بىر سىلكىنىپلا جايىغا سېلىۋالدى. ئارقىدىن شاسېڭ، جۇ باجيېلارنى قويۇۋەتتى. جۇ باجيې قۇتۇلۇپلا قاچماقچى بولۇۋىدى، سۇن ۋۇكۇڭ توختىتىۋالدى:
− ئالدىرىما ! ئالدىرىماي تۇر !
سۇن ۋۇكۇڭ ئەپسۇن ئوقۇپ ئەجدىھا شاھنى كەتكۈزۈۋەتتى، ئاندىن جۇ باجيېغا:
− بىز غەربكە بارغۇچە يەنە تاغ - جىرالاردىن ئۆتىمىز. ئۇستاز پىيادە ماڭالمايدۇ، مەن ئاتنى ئېلىپ كەلگۈچە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ سارايغا بارغاندا، چوڭ - كىچىك جىن - ئالۋاستىلار ئۇخلاپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئاتنى ئاستا يېشىۋالدى. ئات ئەسلىي ئەجدىھا بولۇپ، يوچۇن ئادەمنى كۆرسە تېپىپ كىشنەيتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۆز ئادىمى بولغاچقا، تەپمىدى ۋە كىشنىمىدى. ئۇ ئاتنى ئاستا يېتىلەپ كېلىپ توقۇپ ئۇستازىنى ئاتقا مىنىشكە ئۈندىدى. تاڭ سېڭ تىترەپ تۇرۇپ ئاتقا مىندى - دە، مېڭىشقا تەمشەلدى. سۇن ۋۇكۇڭ:
− ئالدىرىماي تۇرسىلا، غەربتە يەنە پادىشاھلىقلار بار، ئۇلاردىن يولخېتىنى ئالماشتۇرساق ئاندىن ئۆتەلەيمىز. بولمىسا قانداق ماڭىمىز؟ مەن بېرىپ يۈك - تاقلارنى تېپىپ كېلەي، − دېدى.
− ئېسىمىدە قېلىشىچە، ئىشكىتىن كىرگەندىن كېيىن جىنلار يۈك - تاقلارنى تەختنىڭ سول تەرىپىدە قويغاندەك قىلغان، شۇ يەردە بولۇشى مۇمكىن، − دېدى تاڭ سەنزاڭ. سۇن ۋۇكۇڭ «ئۇقتۇم !» دېدى - دە، تەخت تۈۋىگە بېرىپ ئىزدىدى. قارىسا، يۈك - تاقلار قويغان جايدا تۇرۇپتۇ، ئۇنى ئېلىپ چۈشتى - دە، شاسېڭغا بەردى.
جۇ باجيې ئاتنى يېتىلەپ يول باشلاپ كۈنچىقىش دەرۋازىغا كەلگەنىدى، قوڭغۇراقلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. دەرۋازا مەھكەم قۇلۇپلىنىپ پېچەتلەنگەنىدى.
− شۇنچە قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىۋېتىپتۇ، قانداق ئۆتىمىز؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئارقا ئىشىكتىن ماڭايلى، − دېدى جۇ باجيې.
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ باشلىشى بىلەن ئۇلار ئارقا ئىشىككە باردى. بۇ يەردىمۇ قوڭغۇراقلار جىرىڭلايتتى، دەرۋازىدىمۇ قۇلۇپ ۋە پېچەت بار ئىدى.
− ئاغا، بىز مۇھاپىزىتى بوشراق جاينى تېپىپ، ئۇستازنى كۆتۈرۈپ تامدىن ئارتىلىپ چىقىپ كېتەيلى، − دېدى جۇ باجيې.
− بۇ ياخشى چارە ئەمەس، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ، − ھازىرغۇ ئامالنىڭ يوقىدىن ئۆتەرمىز. بۇددا نومىنى ئېلىپ قايتىپ كەلگۈچە سەن ئاغزى بوش ھاڭۋاقتى يول بويى خەقلەرگە، بىز تامدىن ئارتىلىپ ئۆتكەن شەيخلەر، دەپ جار سالارسەن.
− ھازىر قىلمىشىمىزنىڭ ياخشى - يامانلىقى بىلەن ئەمەس، ھاياتىمىز بىلەن قېلىۋاتىمىز، − دېدى جۇ باجيې. سۇن ۋۇكۇڭ ئامالسىز ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى. ئۇلار خالىيراق تام تۈۋىگە كېلىپ ئارتىلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى.
ھەي، نەدىمۇ بۇنداق ئوڭاي ئىش بولسۇن ! يەنىلا تاڭ سەنزاڭنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن ئۇلار قاچالمىدى. ھەرەمدە ئۇخلاۋاتقان ئالۋاستىلار تۇيۇقسىز ئۈندەرەپ ئويغىنشتى - دە، ئورنىدىن تۇرۇپ پالاقلاپ ئوردىغا چىقىپ سورىدى:
− تاڭ سېڭ نەچچە قاينىدى؟
ئوت قالىغۇچىلار قاتتىق ئۇيقۇدا بولۇپ، ئۇرسىمۇ ئويغانمايتتى. باشقا ئىش بىلەن بولغانلاردىن بىرنەچچىسى ئويغىنىپ، قارىسىغىلا: «يەتتە ... يەتتە ... يەتتە ... يەتتە قېتىم قاينىدى !» دەپ جاۋاب بەردى ۋە يۈگۈرۈپ ئوچاق تۈۋىگە كەلدى. قاسقانلار ئوڭدا - دۈمدە ياتاتتى، ئوت قالىغۇچىلار ئۇخلاۋاتاتتى. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن جىنلار بېرىپ: «قېچىپتۇ، قېچىپتۇ !» دەپ خەۋەر قىلدى.
ئالۋاستىلار قازاننىڭ تۈۋىگە كېلىپ قارىسا، دەرۋەقە قاسقانلار ئوڭدا - دۈمدە ياتاتتى، ئوچاقنىڭ ئوتى ئۆچكەنىدى. بۇنىڭدىن ئالاقزادە بولغان جىنلار تەڭلا: «تاڭ سېڭنى تۇتۇڭلار ! دەررۇ تاڭ سېڭنى تۇتۇڭلار !» دەپ ۋارقىراشتى. بۇنىڭ بىلەن جىمى جىن - ئالۋاستىلار چۆچۈپ ئويغاندى - دە، قورال - ياراغلىرىنى ئېلىپ كۈنچىقىش دەرۋازىغا قاراپ چاپتى. ئۇلار دەرۋازا پېچىتىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقى، قوڭغۇراقلارنىڭ چېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سىرتتا كۆزەت قىلىۋاتقانلاردىن:
− تاڭ سېڭ قەيەردىن قاچتى؟ − دەپ سورىدى.
− بىرەرى چىقمىدىغۇ؟ − دېدى ئۇلار.
ئۇلار دەررۇ ئارقا دەرۋازىغا چاپتى. ئۇ يەرنىڭمۇ ئالدى تەرەپكە ئوخشاشلا پېچەتلەنگەن پېتى تۇرغانلىقى، قوڭغۇراقلارنىڭ چېلىنىۋاتقىنىنى كۆرۈپ پانۇس، مەشئەللەرنى كۆتۈرۈپ ھەممە ياقنى ئىزدىدى. ھەممە يەر شۇئان كۈندۈزدەك يورۇپ، تامدىن ئارتىلىۋاتقان تۆتەيلەن دەررۇ كۆزگە چۈشتى ! چوڭ ئالۋاستى يېقىن كېلىپ: «قەيەرگە قاچىسەن !» دەپ ۋارقىرىدى، بۇنى ئاڭلاپ تاڭ سېڭنىڭ جان - پېنى چىقىپلا كەتتى، پۇت قولى بوشىشىپ تامنىڭ تۈۋىگە يىقىلدى. قېرى ئالۋاستى ئۇنى كاپ قىلىپ تۇتۇۋالدى. ئىككىنچى ئالۋاستى شا شەيخنى، ئۈچىنچىسى جۇ باجيېنى تۇتۇۋالدى، قالغان جىنلار يۈك - تاق، ئاتنى بۇلىدى. بىرلا سۇن ۋۇكۇڭ قېچىپ قۇتۇلدى.
ئالۋاستىلار تاڭ سېڭنى ئوردىغا ئېلىپ باردى، لېكىن قاسقانغا سالمىدى. ئىككىنچى ئالۋاستى جۇ باجيېنى ئوردىنىڭ ئالدىدىكى تۈۋرۈككە باغلاشنى، ئۈچىنچى ئالۋاستى شاسېڭنى ئوردىنىڭ كەينىدىكى تۈۋرۈككە باغلاشنى بۇيرۇدى، بىرلا تاڭ سېڭنى سۇن ۋۇكۇڭ يەنە كېلىپ ئوغرىلاپ كەتمىسۇن، دەپ ئەنسىرەپ چىڭ تۇتۇشتى.
− ھەرىمىمنىڭ ئىچىدە ناھايىتى كۆركەم بىر ھۇجرا، ھۇجرىنىڭ ئىچىدە بىر تۆمۈر ئىشكاپ بار. مېنىڭچە بىز تاڭ سېڭنى تۆمۈر ئىشكاپقا سولاپ ھۇجرىنى ئېتىۋېتەيلى، ئاندىن تاڭ سېڭنى خاملا يەۋەتكەنلىكىمىز توغرۇلۇق گەپ تارقىتايلى. بۇنى نۆكەرلىرىمىز شەھەردە ئالدىغا ئۇچرىغانغا دېسۇن. سۇن ۋۇكۇڭ تىڭ تىڭلاشقا كېلىپ بۇنى ئاڭلىسا، چوقۇم قۇتۇلدۇرۇش نىيىتىدىن يېنىپ قايتىپ كېتىدۇ. بىرنەچچە كۈنگىچە ئۇ كېلىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرمىسا، تاڭ سىڭنى ئالدىرىماي ئۆلتۈرۈپ يەيلى. قانداق دەيسىلەر؟ − دېدى ئۈچىنچى ئالۋاستى.
چوڭ ئالۋاستى بىلەن ئىككىنچى ئالۋاستى خۇش بولۇپ:
− بولىدۇ، بولىدۇ ! ماقۇل ! ئىنىمىزنىڭ گېپى ئورۇنلۇق، − دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىچارە تاڭ سېڭنى كېچىلەپ ھەرەمگە ئەكىرىپ ئىشكاپقا سولاپ، ھۇجرىنى ئېتىۋەتتى. شەھەردە يالغان گەپ دەررۇ پۇر كەتتى. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن.
ئەلقىسسە، سۇن ۋۇكۇڭ تۈن كېچىدە تاڭ سېڭنىمۇ تاشلاپ بۇلۇتقا چىقىپ قۇتۇلدى. ئۇدۇل شىرتۆگە غارىغا بېرىپ ئۇ يەردىكى جىنلارنىڭ جىمىسىنى كالتەكلەپ ئۆلتۈرۈپ تۈگەتتى. ئۇ ئالدىراپ - تېنەپ قايتىپ كەلگەندە كۈن چىققانىدى. ئۇ شەھەرگە كېلىپ ئالۋاستىلارنى جەڭگە چاقىرىشقا پېتىنالماي، بىر دومىلاپ جىنغا ئايلىنىپ شەھەر دەرۋازىسىدىن كىردى، كوچىلاردا يۈرۈپ تىڭ تىڭلىدى. شەھەردە «تاڭ سېڭنى كېچىدىن غوجىلىرىمىز خاملا يەۋېتىپتۇ» دېگەن گەپ تارقىلىپ يۈرەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ تەشۋىشلىنىپ ئوردىنىڭ يېنىغا كېلىپ كۆزەتتى. بېشىغا تۆمۈر قالپاق، ئۇچىسىغا سېرىق رەختتىن كىيىم كىيگەن، قىزىل سىرلانغان كالتەكلەرنى تۇتقان، پىل چىشىدىن بەلگە ئاسقان نۇرغۇنلىغان جىنلار ئۇيان - بۇيان مېڭىپ، كىرىپ - چىقىپ يۈرەتتى. «بۇلار چوقۇم ئوردا جىنلىرى بولسا كېرەك. مەن شۇلارنىڭ سىياقىدا كىرىپ ئۇقۇپ باقاي» دەپ ئويلىدى سۇن ۋۇكۇڭ. ئۇ ئۇلارغا ئوپئوخشاش بولۇپ ئۆزگەردى - دە، ئالتۇن دەرۋازىدىن كىردى. كېتىۋېتىپ ساراي ئىشىكى ئالدىدىكى تۈۋرۈككە باغلىنىپ ۋايساۋاتقان جۇ باجيېغا كۆزى چۈشتى. يېقىن بېرىپ «جۇ ۋۇنېڭ» دەپ توۋلىغانىدى، جۇ باجيې ئۇنى ئاۋازىدىن تونۇپ:
− ئاغا، كەلدىڭىزمۇ؟ مېنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ، − دېدى.
− سېنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇستاز قەيەردە؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئۇستاز يوق ئەمدى. تۈنۈگۈن كېچە ئالۋاستىلار ئۇنى خاملا يەۋەتتى، − دېدى جۇ باجيې.
بۇنى ئاڭلاپلا سۇن ۋۇكۇڭنىڭ كۆزىدىن چېلەكلەپ ياغقان يامغۇردەك ياش قۇيۇلدى. جۇ باجيې:
− ئاغا، يىغلىماڭ. مەنمۇ بۇ گەپنى جىنلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدىم، كۆزۈم بىلەن كۆرمىدىم. سىز قايغۇرماڭ، ئاختۇرۇپ بېقىڭ، − دېدى. سۇن ۋۇكۇڭ شۇندىلا يىغىدىن توختاپ ئىزدەپ ماڭدى. توساتتىن ساراي كەينىدىكى تۈۋرۈككە باغلاقلىق شاسېڭنى كۆرۈپ قېلىپ يېقىن باردى - دە، ئۇنىڭ مەيدىسىنى سىلاپ تۇرۇپ: «شا ۋۇجىڭ» دېدى. شا ۋۇجىڭمۇ ئۇنى تونۇپ:
− ئاغا، سىز باشقىچە قىياپەت بىلەن كىرىپسىز - دە، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ، − دېدى.
− سېنى قۇتۇلدۇرماق ئوڭاي، ئۇستازنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلەمسەن؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ۋاي ئاغا، ئۇستازنى ئالۋاستىلار پىشۇرماستىن خاملا يەۋەتتى، − دېدى شا ۋۇجىڭ يىغلاپ.
ئىككىيلەننىڭ گېپى ئوخشاش چىققاندىن كېيىن، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلىغاندەك ئازابلاندى، بىرلا مۇللاق ئېتىپ ئاسمانغا چىقىپ، جۇ باجيې، شا ۋۇجىڭلارنى قۇتۇلدۇرماستىن، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى تاغقا كەلدى، بۇلۇتتىن چۈشۈپ ھۆڭرەپ راسا يىغلىدى، قايغۇ ئىچىدە ئويغا چۆمدى: «بۇ يولنىڭ بۇنچە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كىم ئويلىغان. مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇستاز جېنىدىن ئايرىلدى ! ۋاي دەردىم ! ۋاي تەڭرىم ! ۋاي توۋا ! بۇلۇت بىلەن دەررۇ تاتھاگاتونىڭ ئالدىغا باراي، بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ ئۇستازىمنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلاي !»
سۇن ۋۇكۇڭ بىرلا موللاق ئېتىپ بۇلۇتقا چىقىپ ئۇدۇل ھىندىستانغا ماڭدى. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن يىراقتىن خىسلەتدار تاغ كۆرۈندى. ئۇ يەرگە بېرىپ بۈركۈت چوققىسىغا چۈشتى. بۇددا تاتھاگاتو نېلۇپەر تەختتە ئولتۇرۇپ ئون سەككىز ئارخاتقا ۋەز ئېيتىۋاتاتتى. ئۇ سۇن ۋۇكۇڭنى كۆرۈپلا:
− سۇن ۋۇكۇڭ كەلدى، سىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىڭلار، − دېدى.
ئارخاتلار دەررۇ تاشقىرىغا چىقىپ:
− ئەۋلىيا ئەزەم، بۇددىمىز ئۆزىڭىزنى چاقىرىۋاتىدۇ، − دېدى. شۇئان دەرۋازىدىكى تۆت ۋاجرا يول ئېچىپ ئۇنى كىرگۈزۈۋەتتى. ئۇ ئارخاتلارنىڭ باشلىشى بىلەن نېلۇپەر تەخت تۈۋىگە كېلىپ تازىم قىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلدى.
− سۇن ۋۇكۇڭ، سېنى نېمە ئىش بۇنچە قايغۇغا سالدى؟ − دېدى تاتھاگاتو.
− پېقىر تاڭ سېڭنى قوغداپ غەربكە ماڭغاندىن بېرى ھەرقانچە مۇشكۈللۈككە ئۇچرىساممۇ قاقشىمىغانىدىم ! شىرتۆگە تېغىدىكى شىرتۆگە غارىغا كەلگىنىمىزدە شىر پادىشاھ، پىل پادىشاھ، ئەنقا پادىشاھ دەيدىغان ئۈچ زەھەرلىك ئالۋاستى ئۇستازىمنى تۇتۇپ كەتكەننى ئاز دەپ، بىزنىمۇ تۇتۇۋالدى، ھەممىمىزنى باغلاپ قاسقانغا سېلىپ بالاغا گىرىپتار قىلدى. بەختكە يارىشا كەمىنىلىرى قېچىپ چىقىپ ئەجدىھا شاھنى ياردەمگە چاقىردىم. كېچىسى ئوغرىلىقچە ئۇستاز ۋە قېرىنداشلىرىمنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىۋاتسام، كۈتمىگەندە ئۇلار يەنە تۇتۇلۇپ قالدى. ئەتىسى شەھەرگە كىرىپ تىڭ تىڭلىسام، ھېلىقى ئالۋاستىلار ئىنتايىن ۋەھشىي ئىكەن، ئۇستازنى خاملا يەۋېتىپتۇ. ئىنىلىرىم شا ۋۇجىڭ، جۇ ۋۇنېڭلارمۇ باغلاقتا، ھاياتى خەۋپتە ئىكەن. پېقىر ھېچ ئامال قىلالماي ئالايىتەن ھۇزۇرلىرىغا كەلدىم. ماڭا بىر شەپقەت قىلىپ چەمبىرەكنى ئەپسۇن ئوقۇپ بوشاتقايلا. مەن ئۇنى ئۆزلىرىگە ياندۇرۇپ بېرەي. پېقىرنى ئۆزۈمنىڭ كەڭ - كۇشادە ماكانىم گۈلشەن تېغىغا قايتۇرۇۋەتكەيلا !
سۇن ۋۇكۇڭ شۇنداق دەپ ھۆڭ - ھۆڭ يىغىلاپ كەتتى. تاتھاگاتو كۈلۈپ:
− سۇن ۋۇكۇڭ، قايغۇرما، ئالۋاستىلار بەك يامان بولغاچقا، ئۇنى يېڭەلمىگىنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق كۆڭلۈڭ يېرىم بوپتۇ، − دېدى.
− ئۆزلىرىدىن يوشۇرمايمەن. پېقىر ئادەم بولغىنىمدىن بۇيان زىيان تارتماي كەلگەن. بۇ نۆۋەت بۇ قەبىھ ئالۋاستىلاردىن زەربە يەپ قالدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ مەيدىسىگە مۇشتلاپ.
− ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگىن. بۇ ئالۋاستىلارنى مەن تونۇيمەن، − دېدى تاتھاگاتو.
− قانداق تونۇيدىلا؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئەقىل كۆزۈم بىلەن قاراپ تونۇۋالغانمەن. ئۇلارنىڭ غوجىسى بار، − دېدى تاتھاگاتو ۋە توۋلىدى، − ئانو، جيايې، بۇ ياققا كېلىڭلار ! ئىككىڭلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەيشەن تېغى، ئېمېيشەن تېغىغا بېرىپ ۋېنشۇ، پۇشيەنلەرنى چاقىرىپ كېلىڭلار.
ئىككىيلەن بۇيرۇققا بىنائەن يۈرۈپ كەتتى. تاتھاگاتو:
− ئۇلار چوڭ ۋە ئىككىنچى ئالۋاستىنىڭ خوجايىنلىرى. ئۈچىنچى ئالۋاستىنى ئۆزۈم تۇتمىسام بولمايدۇ، − دېدى.
تاتھاگاتو نېلۇپەر تەختىدىن چۈشۈپ ئەۋلىيالار بىلەن تاشقىرىغا چىقتى، ئانو بىلەن جيايې ۋېنشۇ بىلەن پۇشيەنلەرنى چاقىرىپ كەلگەنىدى. ئىككى بۇدساتۋا بۇددىغا سالام بەردى.
− سىلەرنىڭ ھايۋانلىرىڭلار تاغدىن قاچان چۈشكەن؟ − دەپ سورىدى تاتھاگاتو.
− يەتتە كۈن بولدى، − دېدى ۋېنشۇ.
− بۇ يەرنىڭ يەتتە كۈنى پانىي ئالەمنىڭ نەچچە مىڭ يىلىغا باراۋەر. ئۇ نېمىلەر قانچىلىغان ھاياتلىققا زەخمە يەتكۈزگەندۇ. دەررۇ مەن بىلەن بېرىپ ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىڭلار، − دېدى تاتھاگاتو.
بۇدساتۋالار ئۇنىڭ ئوڭ - سولىغا ئۆتۈپ كۆپچىلىك بىلەن ئۇچتى. كۆپ ئۆتمەي شەھەر كۆرۈندى.
− تاتھاگاتو، قارا بۇس چىقىۋاتقىنى شىرتۆگە دۆلىتى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئاۋۋال سەن چۈشكىن، شەھەرگە بېرىپ ئالۋاستىلار بىلەن ئېلىشقىن، مەغلۇپ بولغىنكى، ھەرگىز يېڭىۋالما. ئۇنى ئۆزۈم جايلايمەن، − دېدى تاتھاگاتو.
سۇن ۋۇكۇڭ پەسكە چۈشۈپ ئۇدۇل شەھەرگە كەلدى - دە، تىل سالدى:
− مۇناپىقلار ! چىقىشە، مەن بىلەن جەڭ قىلىشمامسەن !
شەھەر راۋىقىدىكى جىنلار ئالاقزادە بولۇشۇپ سەكرەپ چۈشۈپ خەۋەر قىلدى:
− غوجام، سۇن ۋۇكۇڭ ھەرقايسىلىرىنى جەڭگە چاقىرىۋاتىدۇ.
− بۇ مايمۇن ئۈچ كۈندىن بېرى يوقىغانىدى. بۈگۈن كېلىپ جەڭگە چاقىرغىنىدىن قارىغاندا ياردەمگە لەشكەر تارتىپ كەلدىمۇ نېمە؟ − دېدى چوڭ ئالۋاستى.
ئۈچىنچى ئالۋاستى مۇنداق دېدى:
− ئۇنىڭدىن نېمە قورقۇش. چىقىپ قاراپ باقمايمىزمۇ؟
ئۈچ ئالۋاستى قورال - ياراغلىرىنى كۆتۈرۈپ شەھەردىن چىقتى. ئۇلار سۇن ۋۇكۇڭنى كۆرۈپلا گەپ - سۆز قىلماستىن ھۇجۇمغا ئۆتتى. سۇن ۋۇكۇڭمۇ كالتىكى بىلەن ئېلىشتى. يەتتە - سەككىز قېتىم تۇتۇشقاندىن كېيىن سۇن ۋۇكۇڭ يېڭىلىپ قاچتى. «قەيەرگە قاچىسەن !» دەپ ۋارقىراشتى ئالۋاستىلار. سۇن ۋۇكۇڭ بىر موللاق ئېتىپ ئاسمانغا چىقىۋالدى، ئۈچ ئالۋاستىمۇ بۇلۇتنى ھەيدەپ قوغلاپ كەلدى، سۇن ۋۇكۇڭ شاققىدە بۇددىنىڭ ئالتۇن نۇرى سايىسىگە كىرىۋېلىپ كۆزدىن غايىب بولدى. ئۆتكەن زاماننىڭ، كەلگۈسى زاماننىڭ، ئەينى زاماننىڭ بولۇپ ئۈچ بۇددا، بەش يۈز ئارخات، ئۈچ مىڭ مۇئەككەل، تەڭرىلەر ئەتراپقا تارقىلىپ ئۈچ ئالۋاستىنى زىچ قورشىۋالدى. چوڭ ئالۋاستى ۋەھىمىگە چۈشۈپ:
− ئىنىلىرىم، ئىش چاتاق، بۇ مايمۇن راستتىنلا يامان نېمە ئىكەن، غوجىلىرىمىزنى چاقىرىپ كەپتۇ ئەمەسمۇ، − دېدى.
− ئاغا، قورقماڭ، بىز تەڭلا بېرىپ تاتھاگاتونى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن گۆھەرنېشىن تېغىدىكى تەختنى تارتىۋالىمىز، − دېدى ئۈچىنچى ئالۋاستى. چوڭ ئالۋاستى ئۆزىنىڭ تۈگەشكىنىنى ئۇقماي قىلىچ ئۇرۇشقا باشلىدى. شۇئان ۋېنشۇ، پۇشيەنلەر ئەپسۇن ئوقۇپ ۋارقىرىدى:
− سەن مۇناپىقلار ئىنساپقا كەلمەي قاچانغىچە يۈرۈشىسەن؟
چوڭ ئالۋاستى بىلەن ئىككىنچى ئالۋاستى قورقۇپ كەتتى - دە، قورالىنى تاشلاپ دومىلاپ ئەسلىي قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى، ئىككى بۇدساتۋا نېلۇپەر تەختنى ئالۋاستىلارنىڭ دۈمبىسىگە تاشلاپ ئۈستىگە چىقتى. ئىككى ئالۋاستى غىڭ قىلماستىن ماڭدى.
ئىككى بۇدساتۋا كۆك شىر بىلەن ئاق پىلنى ئېلىپ كەتتى، ئۈچىنچى ئالۋاستىلا تۇتۇلمىدى، ئۇ قاناتلىرىنى كېرىپ، ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن مايمۇن پادىشاھنى تۇتۇشقا تەمشەلدى. سۇن ۋۇكۇڭ نۇر ئىچىگە كىرىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يېقىن كېلەلمىدى. تاتھاگاتو بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئالتۇن نۇر چېچىپ، سېغىزخاننىڭ چاڭگىسىدەك بېشىنى بىرلا سىلكىپ قىپقىزىل گۆشكە ئايلاندى. ئالۋاستى ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن قولىنى ئۇزىتىشىغا، ئۇ قولىنى بىر شىلتىۋىدى، ئالۋاستى ئەسلىي قىياپىتىگە قايتتى. ئالۋاستى ئالتۇن قاناتلىق ئەنقار بولۇپ، قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى قىلالمىدى ۋە قېچىپمۇ كېتەلمىدى، نائىلاج بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولدى.
سۇن ۋۇكۇڭ شۇندىلا نۇر ئىچىدىن چىقىپ تاتھاگاتوغا باش قويۇپ مۇنداق دېدى:
− بۇددا ئاتا، ئۆزلىرى ئالۋاستىنى تۇتۇپ، بالايىئاپەتنى يوقاتتىلا. ئەمما، ئۇستازىم يوق ئەمدى.
− مۇتتەھەم مايمۇن ! ئۇستازىڭنى بىز نەدە يەپتۇق. كۆركەم ھۇجرىدىكى تۆمۈر ساندۇقتا بار ئەمەسمۇ؟ − دېدى ئەنقار زەردە بىلەن. بۇنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭ تاتھاگاتوغا باش قويۇپ تەشەككۇر ئېيتتى. تاتھاگاتو بولسا ئەنقارنى قويۇۋەتمەستىن چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭغا يالقۇن ئىچىدە ئۆزىنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىشنى تاپىلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بۇلۇتقا چىقىپ تەختكە قايتتى.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇلۇتتىن چۈشۈپ ئۇدۇل شەھەرگە كىردى، شەھەردە بولسا بىرمۇ جىن يوق ئىدى. خۇددى «يىلان باشسىز يۈرەلمەيدۇ، قۇش قاناتسىز ئۇچالمايدۇ» دېگەندەك، ئۇلار پادىشاھلىرىنى بۇددىنىڭ تۇتۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ جېنىنى قولىغا ئېلىپ ھەر تەرەپكە قاچقانىدى. سۇن ۋۇكۇڭ جۇ باجيې، شاسېڭلارنى يېشىپ ئۇلار بىلەن يۈك - تاقلارنى، ئاتنى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن:
− ئۇلار ئۇستازنى يېمەپتۇ. كەينىمدىن مېڭىڭلار، − دېدى ۋە ئىككىيلەننى باشلاپ ھەرەمگە كىرىپ كۆركەم ھۇجرىنى تاپتى. ئېچىپ قارىسا، ئىچىدە بىر تۆمۈر ئىشكاپ تۇراتتى، ئۇ يەردىن تاڭ شەنزاڭنىڭ يىغىسى ئاڭلىنىۋاتاتتى. شاسېڭ ئالۋاستى تۇتىدىغان ھاسىسىدا ئىشكاپنى ئېچىپ «ئۇستاز !» دەپ توۋلىدى. تاڭ سەنزاڭ ئۇلارنى كۆرۈپلا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى:
− ئاھ شاگىرتلىرىم ! ئالۋاستىلارنى قانداق يوقاتتىڭلار؟ مېنى قانداقلارچە بۇ يەردىن تاپتىڭلار؟ − دېدى. سۇن ۋۇكۇڭ يۇقىرىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بەردى. تاڭ سەنزاڭ ئۈزۈلدۈرمەي رەھمەت ئېيتقىلى تۇردى. ئۇستاز ۋە شاگىرتلار ئوردىدىن گۈرۈچ تېپىپ، تاماق، قورۇمىلاردا تۇيغۇچە غىزالاندى، ئاندىن نەرسە - كېرەكلىرىنى ئېلىپ شەھەردىن چىقىپ غەرب تامان يۈرۈپ كەتتى. ھەقىقەتەن بۇ، بۇددا نومىنى چىن ئەقىدە باغلىغانلار ئالۇر، يالغانچىلارنىڭ يۈرىكى پوك - پوك بولۇر، دېگەننىڭ ئۆزى بولدى. بۇ مېڭىشىدا ئۇلارنىڭ تاتھاگاتونىڭ دىدارىنى قاچانلاردا كۆرگەنلىكىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder