قىزىل راۋاقتىكى چۈش - ئاتمىش تۆتىنچى باب

 ئاتمىش تۆتىنچى باب

غەمكىن ساھىبجامالنىڭ ھەسرەت ئىچىدە بەش گۈزەلنى كۈيلەپ شېئىر يازغانلىقى

شاللاق يىگىتنىڭ ئىشق ئوتىدا توققۇز ئەجدىھا گۈللۈك كەمىرىنى ھەدىيە قىلغانلىقى

جيا رۇڭ ئائىلىدىكى تەييارلىق ئىشلىرىنىڭ ئېپى - جېپى بىلەن ئورۇنلانغانلىقىنى كۆرۈپ، تۆمۈر ئاستانىلىق مازارغا دەرھال قايتىپ بېرىپ جيا جېنغا مەلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تەزىيەگە كېرەكلىك ئىش - كۇش ۋە ئادەملەر كېچىلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، لازىملىق تۇغ - بۇيداش ساپلىرى قاتارلىق نەرسىلەر تەييارلاندى، ئاينىڭ تۆتىنچى كۈنى سەھەر ۋاقتىدا مېيىتنى شەھەرگە يۆتكەيدىغان بولدى. يەنە ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلەرگىمۇ ئۇقتۇرۇلدى. شۇ كۈنى تەزىيە مۇراسىمى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولدى، مېھمانلار مىغىلداپ كەتتى. تۆمۈر ئاستانىلىق مازاردىن نىڭگو قەسىرىگىچە يولنىڭ قاسناقلىرىدا تۇرغان كىشىلەر بىرقانچە تۈمەندىن كەم ئەمەس ئىدى. بۇلاردىن بەزىلىرى ئاھ ئۇرۇشاتتى، بەزىلىرى ھەۋىسى كېلىپ قاراپ تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئانچە - مۇنچە ئوقۇغان «چالا موللىلار» ماتەم مۇراسىمىنى مۇنداق بۇزۇپ - چېچىپ ئىسراپخورلۇق بىلەن ئەمەس، ئاددىي - ساددا قىلىپ قايغۇ بىلەن ئۆتكۈزگىنى ياخشى ئىدى، دېيىشەتتى. يول بويى ئاشۇنداق ھەر خىل گەپ - سۆزلەر بولۇپ تۇردى. ئاخىر - پېشىن بىلەن دىگەر ۋاقتى ئارىلىقىدا يېتىپ كېلىپ مېيىتنى چوڭ مېھمانخانىغا قويۇشتى. پەتە ئوقۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلەر بىر - بىرلەپ قايتىپ كېتىشتى. ئۆز جەمەتىدىكىلەردىن پەقەت مېھمانلارنى قارشى ئېلىش - ئۇزىتىش ئىشلىرىغا قارايدىغانلارلا قالدى. يېقىن تۇغقانلاردىن شىڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ ئىنىسى غوجا شىڭ تاغىلا ھەمراھ بولۇپ قېلىپ قالدى.

جيا جېن بىلەن جيا رۇڭ ھازىر ئەدەپ - رەسمىيەت يۈزىسىدىن، مېيىت يېنىدا باشلىرىغا پاخالنى تەكىيە قىلىپ، قاتتىق ھەسرەت چېكىپ ھازىدار بولدى، كىشىلەر تارقالغاندىن كېيىن، ئېپىنى تاپسىلا ئىچكىرىگە كىرىپ قېينبويان ھەمشىرىلەر ئارىسىدا تېتىقسىزلىق قىلىپمۇ تۇردى، باۋيۈيمۇ قارىلىق كىيىم بىلەن ھەر كۈنى نىڭگو قەسىرىدە بولۇپ، ئاخشىمى كىشىلەر تارقالغاندىن كېيىن باغقا يېنىپ كېلەتتى. فېڭجيې تېخىچە ساقىيىپ كېتەلمىگىنى ئۈچۈن، نىڭگو قەسىرىدە دائىم بىللە بولالمىدى، تىلاۋەت ئۆتكۈزگەن ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلار نەزىر - سەدىقە قىلغىلى كەلگەن كۈنلىرىدىلا، تىرىشىپ - تىرمىشىپ كېلىپ، يۈشى خېنىمغا قارىشىپ بېرىپ تۇردى.

بىر كۈنى ناشتىدىن كېيىن، كۈن ئۇزاق بولغانلىقى ئۈچۈن، جيا جېنلار ئۇدا نەچچە كۈنگىچە ھازىدار بولۇپ ھېرىپ كېتىپ، مېيىتنىڭ يېنىدىلا كات قويۇپ ئارام ئېلىشتى. بۈگۈن پەتىگە كەلگۈچىلەر بولمىغانلىقتىن، باۋيۈي باغقا قايتىپ دەييۈينى يوقلىماقچى بولدى. ئۇ ئاۋۋال ئارامبەخش ھويلىغا كەلدى. ئىشىكتىن كىرىپ قارىغۇدەك بولسا، ھويلا ئادەمسىز تىپتىنچ ئىدى، بىرقانچە خىزمەتكار مومايلار بىلەن چۆرە قىزلار ئەگىم ئايۋاندا سەگىدىشىپ ئولتۇراتتى، بەزىلىرى يېتىپ ئۇخلاۋاتاتتى، بەزىلىرى مۈگدىشىپ ئولتۇراتتى. باۋيۈي ئۇلارغا دەخلى قىلماي ئاستا مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى. باۋيۈينى سىئېر كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا دەرھال مىلەڭزە قايرىپ بەردى. بوسۇغىدىن ئاتلىشىغا، فاڭگۇەن كۈلگىنىچە ئىچكىرىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، باۋيۈينىڭ كۆكسىگە ئۈسۈۋالغىلى تاسلا قالدى، باۋيۈينى كۆرۈپ كۈلۈمسىرەپ توختىدى:

− يېنىپ كەپلىغۇ؟ چىڭۋېننى توسۇۋالسىلا، مېنى ئۇرىمەن دەۋاتىدۇ ...

ئۇنىڭ گېپى تۈگە - تۈگىمەيلا، ئۆيدە نېمىدۇر بىر نەرسە يەرگە چېچىلىپ شاراقلاپ كەتتى. ئاندىن چىڭۋېن تىللىغىنىچە قوغلاپ چىقىپ كەلدى:

ھە، قېنى نەگە قاچىسەنكىن سەن جۇۋاينىمەك؟ ئۇتتۇرۇپ قويۇپمۇ ئۇردۇرمامتىڭ؟ باۋيۈي يوق، قېنى كۆرەي، سېنى كىم قۇتقۇزۇۋالاركىن !

باۋيۈي كۈلۈمسىرەپ ئۇنى توسۇۋالدى:

− سىڭلىڭ كىچىك، سېنى نېمىشقا رەنجىتىپ قويغاندۇ، مېنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ بولسىمۇ ئۇنى كەچۈرگىن.

چىڭۋېن شۇ تاپتىلا باۋيۈينى كېلىپ قالىدۇ دەپ ئويلىمىغانىدى، شۇنداق قاراپلا كۈلۈۋېتىپ:

− فاڭگۇەن راستلا ئادەم سىياقىغا كىرىۋالغان غەنناج ئوخشىمامدۇ؟ مالائىكلەرنى چىللاپ ھەرقانچە دۇرۇت ئوقۇغىنى بىلەنمۇ مۇنچە تېز چاقىرىپ كېلەلمەس ئىدى ! مەيلى، سەن راستلا مالائىكنى چىللاپ كەلتۈرگىنىڭ بىلەنمۇ قورقۇپ قالمايمەن، − دېدى - دە، فاڭگۇەننى تۇتماقچى بولۇپ قول ئۇزارتىۋىدى، فاڭگۇەن باۋيۈينىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىپ، ئۇنىڭغا چىڭ چاپلىشىۋالدى. باۋيۈي بىر قولىدا چىڭۋېننى تارتىپ، بىر قولىدا فاڭگۇەننى يېتىلەپ ئۆيگە كىردى. كۈنپېتىش ياندىكى كاڭدا شېيۆ، چيۇۋېن، بىخېن، چۈنيەنلەر ئوقتاش ئويناۋېتىپتىكەن. فاڭگۇەن چىڭۋېنگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئۆزىنى ئۇردۇرماي قېچىپ چىققان، چىڭۋېن ئۇنى قوغلاپ ماڭغاندا قوينىدىكى ئوقتاشلار چېچىلىپ كەتكەنىكەن.

− مۇشۇنداق ئۇزۇن كۈنلەردە، مەن ئۆيدە بولماي قېلىپ، سىلەرنى ئىچى پۇشۇپ، غىزادىن كېيىنلا ئۇخلاپ قالسا كېسەل تېپىۋالارمىكىن دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، ئويۇن تېپىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقارغىنىڭلار ئوبدان بوپتۇ، − دېدى كۈلۈپ باۋيۈي. ئاندىن شىرېن كۆرۈنمىگەنلىكتىن ئۇنى سورىدى، − شىرېن ئاچاڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟

− شىرېنمۇ؟ ئۇ بارغانسېرى تەقۋالىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئىچكىرىكى ئۆيدە ئۆزى يالغۇز تامغا يۈزلىنىپ ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ، − دېدى چىڭۋېن، − خېلى ۋاق بولۇپ قالدى، كىرىپمۇ باقمىدۇق، نېمە قىلىۋاتىدىكىنتاڭ، ئۈن - تىنىمۇ ئاڭلانمايدىغۇ، كىرىپ باقسىلا، بەلكىم بۇ چاغقىچە ئېتىكاپتىن پارىخ بولسىمۇ بولغاندۇ !

باۋيۈي بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويۇپ، ئىچكىرىكى ئۆيگە كىردى. شىرېن دېرىزە تۈۋىدىكى كارىۋاتتا گۈل رەڭ چىلتەكتە توپچا تۈگۈپ ئولتۇراتتى، باۋيۈينى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كۈلدى:

− چىڭۋېن دېگەن ۋىت - ۋىت مېنى نېمە دەپ زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ؟ مۇشۇ توپچىنى تۈگىتىۋېتەي دەپ ئالدىراپ، ئۇلار بىلەن ئويناشقا چولام تەگمەي: «سىلەر ئويناۋېرىڭلار، غوجام ئۆيدە يوق چېغىدا بىردەم جىم ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋالاي» دەپ ئالداپ قويغانىدىم. ئۇ مېنى «تامغا يۈزلىنىپ» دەمدۇ، «ئېتىكاپتا ئولتۇردى» دەمدۇ، بىر نېمىلەرنى دەپ زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ. خەپ توختاپ تۇر، ئاغزىڭنى يىرتىۋەتمەيدىغان بولسام !

باۋيۈي كۈلۈپ كېتىپ، شىرېننىڭ يېنىدا ئولتۇردى ۋە ئۇنىڭ تۈگۈۋاتقان توپچىسىغا قاراپ سورىدى:

− كۈن شۇنداق ئۇزۇن بولغاندىن كېيىن، سەنمۇ ئارام ئالساڭ ياكى ئۇلار بىلەن ئويۇن - كۈلكە قىلىشساڭ، ياكى بولمىسا دەييۈي سىڭلىمنى يوقلاپ كەلسەڭ بولغانىكەن. مۇنداق پىژغىرىم ئىسسىقتا بۇنى تۈگۈپ نېمىگە ئىشلەتمەكچىدىڭ؟

− يېنىڭىزغا ئېسىۋالغان يەلپۈگۈچ قېپىنى قايسى يىلى جيا رۇڭ غوجامنىڭ ئاغىچىسىنىڭ مۇسىبىتى بىلەن تىككەنىدىم، − دېدى شىرېن، − ئۇنداق نەرسىنى ئۆز جەمەت ئىچىدە ياكى ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلەر ئارىسىدا ياز كۈنلىرى مۇسىبەت ئىشلىرى بولۇپ قالغاندا ئېسىۋالىدۇ. بەك مۇھىممۇ بىرەر يىل ئىچىدە شۇنداق ئىشلار بولۇپ قالغاندا بىر - ئىككى قېتىملا ئېسىۋالسا بولىدىغان نەرسە. ئادەتتە ئۇنى تىكىپمۇ ئولتۇرمايمىز، ھازىر نېرىقى قەسىردە مۇسىبەت ئىشى بولۇپ قالدى، بۇنى ئىلگىرىكى چاغلاردا ھەر كۈنى ئېسىپ يۈرىدىغان نەرسە بولغاچقا، باشقا بىرنى تۈگۈپ بېرەي دەپ ئالدىراۋاتىمەن. تۈگۈپ بولغاندىن كېيىن، يېنىڭىزدىكى كونىسىنى يەڭگۈشلىۋېتىڭ، سىزغۇ، بۇنداق نەرسىلەرگە ئېتىبار قىلىپمۇ كەتمەيسىز. ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم قايتىپ كەلگەندە كۆرۈپ قالسا، بىزنى ھۇرۇنلۇق قىلىپ، بۇنىڭ كىيىدىغان - ئاسىدىغان نەرسىلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلمەپسىلەر، دەپ كايىيدۇ.

− ئۆزۈڭنى ئۇپرىتىپ بۇنى ئويلاپ يېتىپسەن. شۇنداقتىمۇ، ئۈلگۈرتىمەن دەپ، ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ كەتمە. ساڭا ئىسسىق ئۆتۈپ كەتسە چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ، − دەپ باۋيۈي كۈلۈمسىرىدى.

ئاڭغىچە فاڭگۇەن مۇزدەك سۇغا سېلىپ سوۋۇتۇلغان چايدىن بىر پىيالە ئەكەلدى. باۋيۈي ئاجىز بولغاچقا، تومۇز ئايلىرىدا سوغۇق نەرسىنى ئىچەلمەيتتى. لېكىن، داسقا يېڭى تارتىلغان قۇدۇق سۈيىنى قۇيۇپ، شۇنىڭغا چاي دەملەنگەن چەينەكنى چىلاپ، سۈيىنى پات - پات يەڭگۈشلەپ چاينى سوۋۇتۇپ بېرەتتى. باۋيۈي فاڭگۇەننىڭ قولىدىن يېرىم پىيالە چاي ئىچتى، ئاندىن شىرېنگە:

− مەن قايتىپ كېلىۋېتىپ بېيمىڭغا: جيا جېن چوڭ ئاكام تەرەپتە مۇھىم مېھمانلار كېلىپ قالغاندا ماڭا دەرھال خەۋەر قىل، زۆرۈر ئىش بولمىسا مەن ئۇيانغا ئۆتمەيمەن، دەپ تاپىلاپ قويدۇم، − دەپلا ئۆيدىن تالاغا چىقتى ۋە كەينىگە قايرىلىپ بىخېنلارغا، − ئىش چىقىپ قالسا مېنى دەييۈي قىزنىڭكىگە ئىزدەپ بارغىن، − دەپ تاپىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ بامبۇكزار سارايغا دەييۈي قىزنى كۆرگىلى ماڭدى. ئەترەپشان كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈشىگىلا، شۆيەن ئىككى خىزمەتكار موماينى كەينىگە سېلىپ كېلىپ قالدى. مومايلار پىچىم گۈل، نېلۇپەر يىلتىزى، مېۋە - چىۋە دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆتۈرۈۋالغانىدى. باۋيۈي شۆيەندىن سورىدى:

− سىلەرنىڭ خان قىز مۇنداق سوغۇق نەرسىلەرنى يېمەيتتى، بۇ مېۋە - چىۋىلەرنى نېمە قىلىدىغاندۇ؟ خان قىز ياكى كېلىن ئاغىچىلاردىن بىرەرسىنى چىللامدىكەن يا؟

− مەن سىلىگە دەپ بەرسەم، خان قىزغا دەپ قويمىسىلا جۇمۇ ! − دېدى شۆيەن كۈلۈپ.

باۋيۈي بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇل بولدى. شۆيەن:

− مېۋىلەرنى ئاپىرىپ، زىجۈەن ئاچامغا بېرىڭلار. مېنى سوراپ قالسا، بىرەر ئىشى بار ئوخشايدۇ، ھازىر كېلىدۇ دەپ قويۇڭلار، − دەپ مومايلارنى يولغا سالدى، ئاندىن باۋيۈيگە ئېيتىپ بەردى، − بىزنىڭ خان قىز بىر - ئىككى كۈندىن بۇيان خېلى ئوبدانلا تۈزىلىپ قالدى. بۈگۈن غىزادىن كېيىن ئۈچىنچى خان قىز كېلىپ، ئوتتۇرانچى كېلىن ئاغىچىنى يوقلاپ كېلەيلى، دېگەنىدى، خان قىز بارماي قويدى. خىيالىغا نېمە كەچتىكىن، ئۆزى يالغۇز بىر پەس كۆز يېشى قىلدى، قولىغا قەلەمنى ئېلىپ، شېئىرمىكىن، نەزممىكىن، ئىشقىلىپ، بىرنېمىلەرنى يازدى. مېنى مېۋە - چىۋە ئالدۇرۇشقا جورۇغانىدى، چىقىپ كېتىۋاتقىنىمدا، خان قىزنىڭ: زىجۈەننى ئىچكىرىكى ئۆيدىن جىغانە شىرەسىدىكى تىزىقلىق نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ، شىرەنى تاشقىرىقى ئۆيگە ئاچىقىپ شۇ يەرگە قوي، ئاندىن ئەجدىھا گۈللۈك كۈجىداننى شىرەگە قويۇپ قوي، مېۋىلەر كەلگەندە ئىشلىتىمىز، دەپ جورىغانلىقى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. بىر كىمنى چىللامدىكىن دېسە، ئۇنداق ئالدىراش - تېنەش كۈجىداننى قويدۇرمايتتى؛ كۈجە ياقامدىكىن دېسە، بىزنىڭ خان قىز يېڭى گۈل، مېۋە - چىۋە قاتارلىق نەرسىلەرنىلا قويدۇرۇپ، كىيىم - كېچەكنى ئىسلىتىۋېتىدىغان ئۇنداق نەرسىنى ياقتۇرمايتتى. كۈجە كۆيدۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزى دائىم ياتىدىغان جايدىلا كۆيدۈرەتتى ياكى خىزمەتكار مومايلار ئۆينى ئىسلاپ سېسىتىۋەتتى دەپ، كۈجە تۇتۇۋېتەيلى دېگىنىمىكىن؟ نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى مەنمۇ ئۇقالمايلا قالدىم. غوجام، ئۆزلىرى كىرىپ مۇنداقلا بىر قاراپ باقسىلا.

باۋيۈي بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئىختىيارسىز ئويغا كەتتى: «شۆيەننىڭ گېپىگە قارىغاندا، ئۇنداق قىلىشنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك. ھەمشىرىلەردىن بىرەرسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرماقچى بولغان بولسا، ئالدى بىلەن مۇنداق قاچا - قۇچىلارنى تىزدۇرۇپ قويمايتتى. قېيىنئاغامنىڭ ياكى ھاممامنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىمۇ يا؟ ياق، ئېسىمدە قېلىشىچە، ھەر يىلى شۇ كۈنلىرى كەلگەندە، چوڭ ئانام نەزىر قىلىشقا كېرەكلىك يېمەكلىكلەرنى ئايرىم تەييارلاتقۇزۇپ، دەييۈي سىڭلىمنىڭ ئۆز ئالدىغا نەزىر قىلىشى ئۈچۈن ئەۋەتكۈزۈپ بېرەتتى، بىراق ئۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن. ئېھتىمال يەتتىنچى ئاي ۋاقتى مېۋە - چىۋە پەسلى بولغاچقا، ھەممە ئائىلىلەر قەبرە بېشىغا چىقاتتى. شۇڭا، دەييۈي سىڭلىممۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ھۇجرىسىدا ئۆزى يالغۇز نەزىر ئۆتكۈزۈۋېتەي دېگەن ئوخشايدۇ. «يوسۇننامە»دە قەيت قىلىنغان «تۆت پەسىلدىكى يېڭى يېمەكلىكلەر بىلەن نەزىر - سەدىقە ئۆتكۈزگەي» دېگەن مەنىدە شۇنداق قىلسىمۇ قىلغاندۇ ... لېكىن شۇ تۇرقىدا كىرسەم، ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تەسەللى ئېيتماي بولمايدۇ، ئۇنداق قىلسام، تېخىمۇ پەرىشان بولۇپ، يۈرىكىگە دەرد تۈگۈلۈپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن، كىرمەي دېسەم، ئۇ تېخىمۇ مەيۈسلىنىپ، تەسەللى ئېيتىدىغان ئادەم بولماي قالىدۇ. كىرسەممۇ، كىرمىسەممۇ ھەر ئىككىسى دەردكە سەۋەبچى بولۇپ قالغۇدەك. ئۇنىڭدىن كۆرە، بېرىپ فېڭجيې ئاچامنى يوقلاپ بىردەم ئولتۇرۇپ كېلەي. ئۇ چاغدىمۇ دەييۈي سىڭلىم يەنىلا كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئولتۇرغان بولسا، ئاندىن بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى ئېيتارمەن. شۇنداق قىلسام، ھەددىدىن ئارتۇق ھەسرەت چېكىشىگىمۇ سەۋەبكار بولۇپ قالمىغۇدەكمەن، قايغۇسى سەل بېسىلسا، دەرد - ئەلەم تۈپەيلىدىن كېسەلمۇ بولۇپ قالمايدۇ.» خىيالى شۇ يەرگە يەتكەندە، باۋيۈي شۆيەننى ئۇزىتىۋېتىپ، باغدىن چىقتى - دە، فېڭجيېنىڭ ھويلىسىغا كەلدى. ئۇ يەردە بىرقانچە خىزمەتكار مومايلار ئۆز ئىشلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ قايتىپ چىقىشىۋاتقان، فېڭجيې ئىشىككە يۆلىنىپ، پىڭئېر بىلەن گەپلىشىۋاتقانىكەن.

− يېنىپ چىقتىڭمۇ؟ − دېدى باۋيۈينى كۆرۈشى بىلەنلا فېڭجيې، − مەن تېخى يېڭىلا لىن جىشياۋنىڭ ئايالىغا بىر كىمدىن، باۋيۈينىڭ مۇلازىمىغا ئېيتقۇزۇپ قويۇڭ، باشقا ئىشى بولمىسا، قايتىپ كېلىپ ئارام ئالسۇن، دەپ تاپىلىغانىدىم. بولمىسا ئۇ يەردە ئادەم تولا، ئۇنداق بەتبۇيچىلىققا سەن چىداپ تۇرالامتىڭ؟ بىلگەندەك مانا ئۆزۈڭمۇ يېنىپ كەپسەن.

− ئاچا، ياد ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت، − دېدى باۋيۈي كۈلۈمسىرەپ − قارىسام، بۈگۈن باشقا ئىشمۇ يوق ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزمۇ بىر - ئىككى كۈندىن بۇيان نېرىقى قەسىرگە ئۆتمىدىڭىز، سەللىمازا ساقىيىپ كەتتىمىكىن، قانداق بولدىكىن دەپ، سىزنى يوقلاپ كەلدىم.

− يەنىلا شۇ پېتىچە تۇرۇپتىمەن، ئۈچ كۈن ساق بولسام، ئىككى كۈن ئاغرىق، − دېدى فېڭجيې، − ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم، ئاغىچا خېنىم ئۆيدە بولمىغاندىن كېيىن، مۇنۇ خىزمەتكار ئانىكىلارنى قويغىنا ! ئۇلارنىڭ قايسىبىرى ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكۈر قىلىدۇ دەيسەن؟ بۇلارنىڭ ئۇرۇشمايدىغان، تاكاللاشمايدىغان كۈنى يوق، قىمار ئويناش، ئوغرىلىق قىلىش ۋەقەلىرى ئىككى - ئۈچ قېتىم بولدى. ئۈچىنچى خان قىزغۇ ئىشلارغا قارىشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان قىز بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇشقا بولىدىغان ئىشلارمۇ بار، دېگىلى بولمايدىغان ئىشلارمۇ بار. شۇڭا، ئۆزۈم زورۇقۇپ بولسىمۇ تىرمىشىپ يۈرىمەن، بىرەردەممۇ كۆڭلۈم ئارام تاپمايدۇ ! كېسىلىمنىڭ ساقىيىشى بۇياقتا تۇرسۇن، ئۈستىلەپ كېسەل چاپلاشمىسىلا بولاتتىغۇ !

− ئاچا، شۇنداقمۇ دەيسىز، لېكىن سالامەتلىكىڭىزنى ئوبدان ئاسراڭ، تولا غەم يەپ كەتمەڭ، − دېدى. باۋيۈي ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىردەم قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئاندىن فېڭجيې بىلەن خوشلىشىپ باغقا يېنىپ كىردى. بامبۇكزار ساراينىڭ ئىشىكىگە كېلىپ قاراپ باقتى، كۈجىداندا ئازراق ئىس تۇتەپ تۇراتتى، نەزىر قىلىنغان شارابلاردىن ئېشىپ قالغانلىرى بار ئىدى، زىجۈەن ئۆيگە شىرەنى يۆتكىتىپ، نەرسە - كېرەكلەرنى توشۇتقۇزۇۋاتاتتى. باۋيۈي نەزىر - چىراغ تۈگىگەنلىكىنى بىلىپ ئۆيگە كىردى. دەييۈي تامغا قاراپ قىڭغىيىپ، ماغدۇرى ئۈزۈلۈپ ھالىدىن كەتكەندەك ياتاتتى.

− باۋيۈي غوجام كەلدى، − دېدى ئالدىراپ زىجۈەن.

دەييۈي ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈلۈمسىرەپ ئولتۇردى.

− سىڭلىم، بىر - ئىككى كۈندىن بۇيان خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغان ئوخشايسىز ! رەڭگىرويىڭىزدىن خاتىرجەم كۆرۈنىسىز. لېكىن، نېمىشقىدۇر كۆڭلىڭىز يەنە يېرىم ئوخشىمامدۇ؟ − دېدى باۋيۈي.

− بۇ گېپىڭىز توغرا بولمىدى ! − دېدى دەييۈي، − ئوبدان تۇرۇپتۇمەنغۇ، قاچان كۆڭلۈمنى يېرىم قىپتىمەن؟

− سىڭلىم، يۈزىڭىزدە ياش يۇقى تۇرسا، مېنى قانداق ئالدىيالايسىز؟ خىيالىمچە، سىز تولا كېسەل بولىسىز، شۇڭا ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىڭىزگە تەسەللى بېرىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. بىھۇدە ھەسرەت چەككەننىڭ پايدىسى يوق. ئۆزىڭىزنى نابۇت قىلىۋالسىڭىز. مېنى ... − گېپى شۇ يەرگە كەلگەندە باۋيۈي ئاخىرىنى دېيەلمەي دەرھال گېپىنى ئىچىگە يۇتۇۋەتتى. ئۇ دەييۈي بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغاچقا، بىر - بىرى بىلەن چىقىشاتتى، ئۆلۈم - كۆرۈمدە بىللە بولۇشنى خالايتتى. بۇنى ئۇلار كۆڭلىدىلا بىلىپ، بىر - بىرىگە يۈزتۇرا دېيىشمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەييۈي گۇمانخور بولغاچقا، گەپ - سۆز قىلىشقانلىرىدا باۋيۈي كۆپىنچە قاراملىق قىلىپ قويۇپ ئۇنى رەنجىتىپ قوياتتى. بۈگۈن دەييۈيگە تەسەللى بەرگىلى كەلگەندە، يەنە قاراملىق قىلىپ دېمەيدىغان گەپنى دەپ تاشلاپ، گېپىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماي ھودۇقۇپ قالدى. دەييۈينى ئاغرىنىپ قالمىسۇن دەپ، ئۆز كۆڭلىدە ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياخشىلىق تىلەپ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، بىردىنلا كۆڭلى يېرىم بولدى - دە، كۆزىگە ياش ئالدى.

دەييۈي بالدۇر باۋيۈينى گەپنىڭ قاتتىق - يۇمشاقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەي سۆزلەۋېرىدۇ دەپ، ئۇنىڭدىن ئاغرىناتتى. ئۇنىڭ ھازىرقى ئەۋزايىنى كۆرۈپ كۆڭلى بۇزۇلدى، ئەزەلدىن يىغلاڭغۇ بولغاچقا، شۇ تاپتا گەپ قىلالماي تەڭلا ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى.

زىجۈەن چاي كۆتۈرۈپ كىرىپ، ئۇ ئىككىسى يەنە نېمىشقا گەپ تالىشىپ قالغاندۇ دېگەن پەرەز بىلەن:

− خان قىز ئەمدىلا ياخشى بولۇپ قالغانىدى، غوجام كېلىپلا يەنە جىلە قىلىپ قويۇپتۇ، زادى نېمە بولدى؟ − دېدى.

− سىڭلىمنى جىلە قىلىدىغانغا كىمنىڭ ھەددى ئىكەن؟ − دېدى باۋيۈي يېشىنى سۈرتىۋېتىپ ۋە گەپ ئېچىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇيان - بۇيان ماڭدى. بىر چاغدا سىياھداننىڭ تېگىدە ئارانچە كۆرۈنۈپ تۇرغان قەغەزنىڭ بۇرجىكىگە كۆزى چۈشۈپ قېلىپ، ئىختىيارسىز قولىنى سوزۇپ قەغەزنى ئالدى. دەييۈي ئورنىدىن تۇرۇپ تارتىۋالماقچى بولغانىدى، باۋيۈي قەغەزنى دەرھال قوينىغا تىقىۋالدى.

− ئوبدان سىڭلىم، مەن بىر كۆرۈپ باقايلا ! − دەپ يالۋۇردى ئۇ.

− بۇ يەرگە كەلسىڭىز، كۆرۈنگەنلا نېمىگە ئوڭ - تەتۈر قول ئۇزارتىۋېرىدىكەنسىز ! − دېدى دەييۈي.

شۇ ئارىدا باۋچەي كىرىپ قالدى.

− باۋيۈي ئۇكام، نېمىنى كۆرەي دەيسىز؟ − دەپ سورىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.

باۋيۈي ئۇ قەغەزگە قانداق سۆز - ئىبارىلەر يېزىلغانلىقىنى تېخى كۆرمىگەنىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەييۈينىڭ كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇڭا، قارىسىغا جاۋاب بېرىشكە پېتىنالماي، دەييۈيگە قارىغىنىچە كۈلۈپ تۇرىۋەردى، دەييۈي باۋچەينى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ قويۇپ:

− قەدىمكى تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇغىنىمدا، ئۇلاردا بايان قىلىنغان ئىستېداتلىق ئاياللارنى ئۇچراتقانىدىم، ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتلىرىگە قارىغاندا، كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان، ھەۋىسىنى قوزغايدىغان، ھەم كىشىلەرنى ھەسرەتلەندۈرىدىغان ۋە ئاھ ئۇردۇرىدىغانلىرىمۇ تولا ئىكەن. بۈگۈن غىزادىن كېيىن قولۇم بوشاپ قاپتىكەن، شۇلاردىن بىرقانچىسىنى تاللاپ، ئۆز تەسىراتىمنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە، بىلىشىمچە شۇلار ھەققىدە بىرنەچچە شېئىر يازاي دەپ تۇراتتىم. تەنچۈن قىز فېڭجيېنى يوقلاپ كېلەيلى دەپ كەپتۇ، قارىسام، پۇت - قولۇمنىڭ ھېچ ماغدۇرى يوق، شۇڭا بىللە بارماي، ئولتۇرۇپ شېئىر يازدىم. بەش شېئىرنى يازا - يازمايلا ھېرىپ قېلىپ ئاۋۇ يەرگە تاشلاپ قويغانىدىم، باۋيۈي غوجام كېلىپ كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ كۆرسىمۇغۇ ھېچنېمە بولمايدۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەدېسىلا كۆچۈرۈۋېلىپ، خەققە كۆرسىتىدىغانلىقىدىن بىزار بولدۇم.

− قاچانلاردا خەققە كۆرسىتىپتىمەن؟ − دېدى باۋيۈي، − «ئاق يەسىمەن ھەققىدە» دېگەن شېئىرلارنى ياقتۇرغانلىقىم ئۈچۈن، دائىم قولۇمدا بولسا كۆرۈشكە ئەپلىك بولارمىكىن دەپ، قايسى كۈنكى ھېلىقى يەلپۈگۈچكە ئۇششاق خەت بىلەن رەسمىيانە يېزىۋالغانىدىم. ھەرەمخانا قىزلىرىنىڭ شېئىر - پۈتۈكلىرىنى خالىغانچە تالا - تۈزدە قىرائەت قىلىپ يۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمتىم؟ سىز مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويغاندىن تارتىپ باغدىن تاشقىرىسىغا زادىلا ئاچىقمىدىم.

− دەييۈي سىڭلىمنىڭ بۇنداق ئەندىشە قىلىشى ئورۇنلۇق، − دېدى باۋچەي، − يەلپۈگۈچكە يېزىۋالدىم دېگىنىڭىز بىلەن يادىڭىزدىن چىقىپ قىرائەتخانىغا ئېلىپ بارسىڭىز، ئۇ يەردىكى پۈتۈكچى موللاملار كۆرۈپ قالسا، كىم يازغان دەپ سورىماي قالارمۇ؟ ئاندىن ئۇلار سىرتقا تارقىتىۋەتسە چىرايلىق ئىش بولمايدۇ. قەدىمدىن تارتىپ «ئايالنىڭ پەزىلىتى نادانلىقتا» دېگەن گەپ بار. ئىپپەتلىك بولۇش بىرىنچى ئورۇندىكى ئىش. ئاياللارنىڭ قول ھۈنىرى بولسا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئىش. ئاندىن قالسا، شېئىر، نەزم ھەرەمخانىدىكىلەر ئۈچۈن ئەرمەك ھېسابلىنىدۇ، بۇ بىلسىمۇ بولىدىغان، بىلمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان نەرسە. بىزدەك خەقنىڭ قىزلىرىغا ئۇنداق ئىستېداتلىق دېگەن نام - شۆھرەتنىڭ زادىلا كېرىكى يوق، − ئاندىن ئۇ كۈلۈمسىرەپ دەييۈيگە قارىدى، − ماڭا كۆرسەتسىڭىز ھېچنېمە بولمايدۇ، باۋيۈي ئۇكام ئاچىقىپ كەتمىسىلا بولدى.

− ئۇنداق دېسىڭىز سىزمۇ كۆرمەيلا قويۇڭ، − دېدى كۈلۈپ دەييۈي، ئاندىن باۋيۈينى كۆرسىتىپ، − ئۇ ئاللىقاچان تارتىۋالغان، − دېدى.

باۋيۈي ئاخىر شېئىرلارنى قوينىدىن چىقىرىپ باۋچەينىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار بىرلىكتە ئوقۇپ چىقتى. ئۇ شېئىرلار مۇنداق ئىدى:

شى شى

داڭقى چىققان نى گۈزەللەر بولدى غەرق سۇ قوينىدا،

چەكتى پىراق ۋۇ قەسرىدە ئۆز يۇرتىنىڭ غەم - كويىدا.

كۈلمىگەي ئەل قوشنا قىزدىن قوشۇما دوراپتۇ دەپ،

يۇيدى كىر ئاقارغۇچە ئۇ چاچلىرى سۇ بويىدا.

يۈي جى

كۆك بوز ئات كىشنەپتۇ تۈندە سوقسا يەل دەھشەت بىلەن،

يۈي قاراپتۇ قوش قاراققا تۈگىمەس نەپرەت بىلەن؛

قىيما - چىيما بولسىمۇ چىڭ - پېڭ يېتەلمەس يۈي جىگە،

يۈي ئۆزىگە ئۇردى شەمشەر چۇ قوشىدا دەرد بىلەن.

مىڭ فېي

كەتتى خەن خان ئوردىسىدىن، ۋاھ، ئەجەب ئايدەك جامال،

تا ئەزەلدىن شور پېشانە بولدى قىز تاپماي كامال؛

خان ئەگەر سالماي نەزەر قويغاندىمۇ گۈل ھۆسنىگە،

نە ئۈچۈن رەسسامغا بەردى تەقدىرىنى بىمالال؟

لۈيجۇ

پاخشە كاشىن، ئۈنچە دۇردۇن بارچە ۋاز كەچكەندە، بەس،

شى بېگىم قانداقمۇ قىلغاي نازەنىنغا كۆپ ھەۋەس.

بەخت - تەلەي ئەلمىساقتا پۈتۈلۈپ پېشانىگە،

تاپتى تەسكىن كۆڭلى گۈلنىڭ بىللە ئۈزگەچكە نەپەس.

خۇڭفۇ

ئۆزگىچە سىياقى، گەپدان، ئاسقىنى چوڭ زۇلپىقار،

بولسىمۇ موھتاج - مۇساپىر، بىلدى باتۇر دەپ نىگار؛

سەكراتتا قالسا ياڭ گۇڭ بارىگاھى مۇردىدەك،

شۇنچە مەردانە ئايالنى ئىلكىدە قانداق تۇتار؟

باۋيۈي بۇ شېئىرلارنى ئوقۇپ، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى ۋە:

− دەييۈي سىڭلىم بۇ شېئىرلاردىن دەل بەشنىلا يېزىپتۇ، بۇنى «بەش گۈزەل ھەققىدە كۈي» دەپ ئاتىساق بولمامدۇ؟ − دەپلا، باشقىلارنىڭ سۆزلىشىگىمۇ يول قويماي، قەلەم ئېلىپ كەينىگە شۇنداق دەپ يېزىپ قويدى.

− مەيلى شېئىر قانداق تېمىدا يېزىلسۇن، ئۇنىڭدىكى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىش كېرەك، − دېدى باۋچەي، − كىشىلەرنىڭ باسقاق ئىزىدىن كېتىۋەرسە، سۆز - ئىبارىلەرنى ھەرقانچە تاللاپ ئىشلەتكىنى بىلەنمۇ، مەنە جەھەتتىن ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇنداق شېئىرنى بەرىبىر ياخشى شېئىر دەپ ھېسابلىغىلى بولمايدۇ. ئىلگىرىكى ئادەملەرنىڭ ۋاڭ جاۋجۈن ھەققىدە كۈيلەپ يازغان شېئىرلىرى ناھايىتى تولا، ئۇلاردىن ۋاڭ جاۋجۈنگە ئېچىنغانلىرىمۇ بار، ماۋيەنشۇغا نەپرەتلەنگەنلىرىمۇ بار، رەسسامنى دانا ئەربابلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزىشقا سالماي، ئۇنىڭغا گۈزەللەرنىڭ رەسىملىرىنى سىزدۇرغان دەپ، خەن پادىشاھىنى ھەجۋ قىلغانلىرىمۇ بار. ئىشقىلىپ، ئۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەر ئاشۇنداق بىر خىل ئەمەس. كېيىن جىڭگوگۇڭ ۋاڭ ئەنشىنىڭ قايتا: «رەسىمىنى سىزالمىغاي ئۇ − ئەسلىي شۇنداق مۇددىئا، قەتل قىلغان بىگۇناھ مايەنشۇنى ئۆز ۋاقتىدا» دەپ يازغىنى، يۇڭشۇنىڭ «يەنىلا شۇنداق ئىدى - دە، ئاڭلىغان ھەم كۆرگىنى، مەقسىتى ياتلارنى چەكلەپ تىنچىتىش كەڭ ئۆلكىنى» دېگەن شېئىرىمۇ بار. بۇ ئىككى شېئىردا باشقىلارنىڭكىدىن ئۆزگىچە بولغان خاس پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دەييۈي سىڭلىمنىڭ يازغان بۇ بەش شېئىرىدا يېڭى مەزمۇن ئىپادىلىنىپ، ئاجايىپ يېڭىلىق يارىتىلىپتۇ.

ئۇ گېپىنى يەنە داۋام قىلدۇراي دەپ تۇراتتى، بىركىم كىرىپ مەلۇم قىلدى:

− جيا ليەن بېگىم يېنىپ كەپتۇ دەپ، تېخى بايىلا تاشقىرىدىن خەۋەر يەتكۈزگەنىدى. شەرقىي قەسىرگە كىرىپ كەتكىنىگە خېلى بوپتۇ، قايتىپ چىقىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى.

باۋيۈي دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، چوڭ دەرۋازىغا چىقىپ كۈتۈپ تۇرۇشىغا، جيا ليەن تالادا ئاتتىن چۈشۈپ كىرىپ كەلدى. باۋيۈي ئالدىغا چىقىپ جيا ليەنگە ئېگىلىپ تەزىم قىلدى، جيا ئانا ۋە ۋاڭ ئاغىچا خېنىملارنىڭ ئېسەنلىكىنى سورىدى، جيا ليەندىنمۇ ئامان - ئېسەنلىك سورىدى. ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ ئىچكىرىگە كىرىشتى. لى ۋەن، فېڭجيې، باۋچەي، دەييۈي، يىڭچۈن، تەنچۈن، شىچۈنلەر ئوتتۇرا ئايۋان سارايدا كۈتۈپ تۇرۇشاتتى، ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى.

− ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم ئەتە ئەتىگەندە يېتىپ كېلىدۇ، − دېدى جياليەن، − يول ئۈستىدە سالامەتلىكى ئوبدان كەلدى. بۈگۈن ئۆيگە بېرىپ خەۋەر بەرگەچ تۇر، دەپ مېنى ئەۋەتىۋەتتى. ئەتە بەشىنچى جېسەك ۋاقتىدا شەھەردىن چىقىپ كۈتۈۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاندىن، باشقىلار سەپەر ئۈستىدىكى ئىشلاردىن ئەھۋال سورىدى. جيا ليەن يىراق سەپەردىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، باشقىلار ھۇجرىسىغىچە بىللە بارماي، ئۇنىڭ ئارام ئېلىشىغا يول قويدى. ھۇجرىسىغا كىرگەندە بولغان ئەھۋاللارنى بىر - بىرلەپ بايان قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.

ئەتىسى، تەخمىنەن ئاش ۋاقتىدا، جيا ئانا، ۋاڭ ئاغىچا خېنىملار يېتىپ كېلىشتى. كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، بىردەم ئولتۇرۇپ بىر پىيالە چاي ئىچتى، ئاندىن ۋاڭ ئاغىچا خېنىملارنى ئېلىپ نىڭگو قەسىرىگە ئۆتتى. ئىچكىرىسىدىن قۇلاقنى يارغۇدەك يىغا - زار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. جيا شې بىلەن جيا ليەن جيا ئانىنى ئۆيىگە ئۇزىتىپ قويۇپلا بۇيانغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى، جيا ئانىنىڭ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جيا شى بىلەن جيا ليەن ئۆز جەمەتىدىكىلەرنى باشلاپ، يىغلىغان پېتى ئالدىغا چىقتى. ئاتا - بالا ئىككىسى جيا ئانىنى قولتۇقلاپ، مېيىت ئالدىغا باشلاپ كەلدى. جيا جېن بىلەن جيا رۇڭ يۈكۈنۈپ، ئۆزلىرىنى جيا ئانىنىڭ قوينىغا ئېتىپ قاتتىق يىغلاشتى. جيا ئانا ياشانغان ئايال بولغاچقا، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، جيا جېن، جيا رۇڭلارنى قۇچاقلىغىنىچە ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى. جيا شې بىلەن جيا ليەن تەسەللى ئېيتىپ يۈرۈپ، ئۇنى يىغىدىن ئاران توختاتتى. جيا ئانا ئايلىنىپ مېيىتنىڭ ئوڭ يېنىغا ئۆتتى، ئۇ يەردە يۈشى خېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنى كۆرۈپ، بىر - بىرىگە تاشلانغىنىچە يەنە بىر پەس قاتتىق يىغا - زار قىلدى. ئاندىن، باشقىلار بىر - بىرلەپ ئالدىغا كېلىپ ئېسەن - ئامانلىق سورىدى.

جيا ئانا يېڭىلا سەپەردىن كېلىپ تېخى ئارام ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە قاراپ ئولتۇرۇۋەرسە يەنە كۆڭلى بۇزۇلمىسۇن دەپ، جيا ليەن ئۇنىڭغا قايتا - قايتا تەسەللى خاتىر ئېيتتى. جيا ئانا نائىلاج قايتىپ چىقتى. جيا ئانا ياشىنىپ قالغان ئايال بولغاچقا، يول ئازابىغا ۋە دەرد - ئەلەمگە پايلىيالماي، كېچىسى بېشى چىڭقىلىپ، يۈرىكى سىقىلىپ، دىمىقى پۈتۈپ، ئۈنلىرى گاراڭ - گۇرۇڭ بولۇپ بىتاپ بولۇپ قالدى. دەرھال تېۋىپ تەكلىپ قىلىپ، تومۇر تۇتقۇزۇش، دورا بېرىش ئىشلىرى بىلەن يېرىم كېچىگىچە ئوپۇر - توپۇر بولۇپ كېتىشتى. بەختكە يارىشا، كېسەل ئىچىگە ئۆتۈپ كەتمەي تېزلا قويۇپ بەردى. ئۈچىنچى جېسەك ۋاقتىدا بىرئاز تەرلەپ، تومۇر سوقۇشى سەل ئورنىغا چۈشۈپ، قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ كۆڭلى تىندى. ئەتىسى يەنە دورا ئىچۈرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشتى.

بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، جيا جىڭنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىش ۋاقتى بولۇپ قالدى. جيا ئانا تېخىچە ئوبدان تۈزىلىپ كېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرۇشقا ئۆيدە باۋيۈينى قالدۇرۇپ قويدى. فېڭجيېمۇ راسا تۈزىلىپ كېتەلمىگەچكە مېيىت ئۇزىتىشقا چىقمىدى. جيا شې، جيا ليەن، شىڭ ئاغىچا خېنىم، ۋاڭ ئاغىچا خېنىملار ئۆيئىچىدىكىلەر بىلەن خىزمەتكارلارنى باشلاپ، مېيىتنى تۆمۈر ئاستانىلىق مازارغىچە ئۇزىتىپ قويۇپ ئاخشىمى قايتىپ كېلىشتى. جيا جېن بىلەن يۈشى خېنىم ۋە جيا رۇڭ مازاردا سىپارىسى توشقاندىن كېيىن مېيىتنى ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇپ مېيىت يېنىدا قالدى. ئائىلە ئىشىدىن خەۋەر ئېلىشنى يەنىلا يۈشى خېنىمنىڭ ئانىسى بىلەن ئىككى سىڭلىسىغا ھاۋالە قىلدى.

جيا ليەن ئادەتتە يۈشى خېنىمنىڭ سىڭىللىرىنىڭ ئىسىملىرىنى تولا ئاڭلاپ، ئۇلارنى كۆرۈشكە ھېچ نېسىپ بولمايۋاتقىنىغا ئىچى پۇشۇپ يۈرەتتى. جيا جىڭنىڭ مېيىتى ئائىلىدە توختىتىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر كۈنى شۇ يەرگە كىرىپ، ئېرجيې، سەنجيېلەر بىلەن ئوبدانلا تونۇشۇۋالدى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشقىدا ئۆزىنى باسالماي چاكىلداپ كەتتى، جيا جېن بىلەن جيا رۇڭ ئاتا - بالا ئىككىسى بىر مارالغا ئېسىلغان بۇغىلاردەك بىر ئايالنىڭ كەينىگە چۈشۈۋالغانلىقىنى جيا ليەن ئوبدان بىلەتتى، شۇڭا پەيتتىن پايدىلىنىپ، ئۇ قىزلارنى ھەدەپ ئۆزىگە تارتىپ قاش - كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ئۇ قىزلارغا ئۆز ئىشقىنى بىلدۈرگىلى تۇردى. يۈسەنجيې ئۇنىڭغا توڭلۇق قىلاتتى، پەقەت يۈئېرجيېنىڭلا ئۇنىڭغا ئازراق كۆڭلى تارتىپ قالغانىدى. لېكىن، كۆز - قۇلاق بولغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئامال تاپالماي يۈرۈشەتتى. جيا ليەنمۇ جيا جېننىڭ كۈنلىشىدىن قورقۇپ، يېنىكلىك قىلىشقا پېتىنالماي، ئېرجيې ئىككىسى پەقەت كۆڭلىدىلا بىلىپ يۈرۈشتى.

مېيىتنى ئۇزىتىش ۋاقتى كەلگەندىن كېيىن، جيا جېننىڭ ئائىلىسىدە ئادەم ئاز بولغاچقا، يۈ ئانىكا ئۆزىنىڭ ئىككى قىزى ھەم قاتتىق - قۇرۇق ئىشلارنى قىلىدىغان بىرقانچە چۆرە ۋە خىزمەتكار مومايلار بىلەن تۆر ئۆيدە قېلىپ قالغاندىن باشقا، قالغان كىچىك خوتۇن ۋە دېدەكلەر مازارغا بىللە چىقىپ كەتتى. قەسىردە قالغان چاكارلار ۋە خىزمەتكار ئاياللار كېچىلىرى جېسەكچىلىك قىلاتتى، كۈندۈزلىرى ئىشىككە قارايتتى، بىرەر ئىش چىقىپ قالمىسا، ئەتىسى كەچكىچە ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرمەيتتى. شۇڭا، جيا ليەن ئەنە شۇ پەيتتىن پايدىلىنىپ قول سالماقچى بولدى. جيا جېنغا ھەمراھ بولىمەن دېگەننى باھانە قىلىپ، مازاردا تۈنەپ تۇردى، جيا جېننىڭ ئورنىدا ئائىلە ئىشلىرىدىن خەۋەر ئالىمەن دەپ، پات - پات نىڭگو قەسىرىگە كېلىپ ئېرجيې بىلەن يەڭ ئىچىدە ئالاقىلىشىپمۇ يۈردى.

بىر كۈنى كىچىك غوجىدار يۈي لۇ كېلىپ جيا جېنغا مەلۇم قىلدى:

− لەمپىلەرگە ئېسىلغان قارىلىق رەخت ۋە تۇغ - بويداش كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ قارا كىيىملىرى ئۈچۈن جەمئىي بىرمىڭ بىر يۈز ئون سەر كۈمۈش سەرپ قىلىنغانىدى، بەش يۈز سەر نەق بېرىلدى، ئالتە يۈز ئون سەر نېسى قالغان. تۈنۈگۈن ئىككى سودىگەر تەڭلا قەرزنى سۈيلەپ كەپتۇ. شۇڭا، پېقىر قۇللىرىنىڭ جانابلىرىدىن يوليورۇق سوراپ كېلىشىم.

− ھازىرچە خەزىنىدىن ئېلىپ تۇرساڭ بولىۋېرەتتىغۇ، ماڭا مەلۇم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، − دەپ جاۋاب بەردى جيا جېن.

− تۈنۈگۈن خەزىنىگە پۇل ئالغىلى بارغانىدىم، − دېدى يۈي لۇ، − لېكىن ئۇلۇغ بېگىم ئەرشكە راۋان بولغاندىن كېيىن، ھەر خىل چىقىملار كۆپ بولۇپ، قالغان پۇلنى سىپارىسى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان تىلاۋەتكە ۋە مازاردا قىلىنىدىغان خىراجەتكە ئاتاپ قويغانىكەن، ھازىرچە ئۇ پۇلدىن بېرىشكە بولمايدىكەن. شۇڭا، پېقىر قۇللىرى جانابلىرىغا مەلۇم قىلىپ كەلگەنىدىم. ھازىرچە جانابلىرىغا خاس ئىچكى خەزىنىدىن بېرىپ تۇرساق ياكى بىرەر يەردىن قەرز ئېلىپ تۇرساق. بۇ ھەقتە پېقىر قۇللىرى جانابلىرىنىڭ گەپلىرىگە قاراپ ئىشنى توغرىلىغان بولاتتىم.

− سەن يەنىلا بالدۇرقىدەك، پۇل بار تۇرۇقلۇق ئىشلەتمەيۋاتىدۇ، دەپ ئويلايدىغان ئوخشايسەن، − دېدى كۈلۈپ جيا جېن، − نەدىن پۇل بولسۇن، قەرز ئېلىپ بېرىپ تۇرغىن.

− بىر - ئىككى يۈز سەر بولسىمۇ كاشكى، پېقىر قۇللىرى ئەپلەپ - سەپلەپ تۇراتتى، بۇ دېگەن بەش - ئالتە يۈز سەر تۇرسا، پېقىر قۇللىرىنىڭ قانداقمۇ قولىدىن كېلەر؟

− سەن ئاناڭدىن سوراپ باق، − دېدى جيا جېن بىرئاز ئويلىنىۋېلىپ جيا رۇڭغا، − تۈنۈگۈن مېيىتنى ئېلىپ ماڭغاندىن كېيىن، جياڭنەندىكى جېن ئائىلىسىدىن تەزىيە - نەزىر ئىشلىرى ئۈچۈن بەش يۈز سەر كۈمۈش ئەۋەتكەنىكەن، تېخىچە خەزىنىگە تاپشۇرمىغان. ئۆيئىچىدىن يەنە ئىزدەشتۈرۈپ باقسۇن، بولسا يىغىشتۇرۇپ، تەل قىلىپ بۇنىڭغا بېرىڭلار.

جيا رۇڭ خوش دەپ دەرھال بۇيانغا ئۆتۈپ، يۈشى خېنىمغا مەلۇم قىلدى، ئاندىن يەنە قايتىپ كېلىپ ئاتىسىغا ئۇچۇرىنى بەردى:

− تۈنۈگۈنكى ئۇ پۇلدىن ئىككى يۈز سەرنى ئىشلىتىۋېتىپتۇ، ئۈچ يۈز سەر قاپتىكەن، ئۇنى ئۆيگە ئەۋەتىپ چوڭ ئانىكامغا تاپشۇرغۇزۇپ بېرىپتۇ.

− ئۇنداق بولسا، بۇنى باشلاپ بېرىپ چوڭ ئانىكاڭدىن ئېلىپ بۇنىڭغا بەرگىن، − دېدى جيا جېن، − ئاندىن، ئۆيدە ئىش - پىش بارمۇ، قاراپ باق، قېينبويان ھەمشىرىلىرىڭدىن ھال سوراپ قوي. قالغان پۇلنى يۈي لۇ قەرز ئېلىپ سەپلەپ قويۇپ تۇرسۇن.

جيا رۇڭ بىلەن يۈي لۇ خوش ئېيتىپ، يېنىپ چىقايلى دەپ تۇرۇشىغا جيا ليەن كىرىپ كەلدى. يۈي لۇ ھاپىلا - شاپىلا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ سالام بەردى.

− نېمە ئىش؟ − دەپ سورىدى جيا ليەن.

جيا جېن ئۇنىڭغا تولۇق دەپ بەردى، جيا ليەن كۆڭلىدە: «راسا پەيتى كەپتۇ، نىڭگو قەسىرىگە بېرىپ، ئېرجيې بىلەن كۆرۈشۈۋالاي» دېگەن ئويغا كېلىپ:

− ھېچقانچە چوڭ ئىش ئەمەس ئىكەن، خەقتىن قەرز ئېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ تۈنۈگۈن قولۇمغا ئازراق كۈمۈش چۈشكەن، تېخى ئىشلەتمىدىم، بۇنىڭغا شۇنى بېرىپ تۇرساق ئىش ئازايمامدۇ؟ − دېدى.

− ئۇنداق بولسا تېخىمۇ قاملىشىدۇ. جيا رۇڭغا تاپىلاپ قويساڭ، ھەممىنى يىغىشتۇرۇپ ئېلىپ بەرسۇن، − دېدى جيا جېن.

− بۇنى ئۆزۈم ئېلىپ بەرمىسەم بولمايدۇ، − دېدى ئالمان - تالمان جيا ليەن، − ئۆيگە قايتمىغىنىمغا نەچچە كۈن بولۇپ قالدى، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم، بېگىم، ئاغىچا خېنىمدىن ئېسەنلىك سوراپ، سالامغا بېرىشىم بار ئىدى. ئاندىن سىز تەرەپكە ئۆتۈپ، كىشىلەر بىرەر ئىش تۇغدۇرۇپ قويدىمۇ، يوق، شۇنىمۇ كۆزدىن كەچۈرگەچ، قۇدا خېنىمدىن ئەھۋال سوراپ قوياي.

− سېنى يەنە جوۋىتىدىغانغا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ، − دەپ كۈلدى جيا جېن.

− بىز دېگەن ئاكا - ئۇكا تۇرساق، بۇنىڭ نېمە كارايىتى؟ − دەپ كۈلدى جيا ليەنمۇ.

− سەن تاغاڭ بىلەن بىللە بار، − دەپ جيا رۇڭغا جېكىلىدى جيا جېن، − ئاندىن نېرىقى قەسىرگە ئۆتۈپ، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم، بېگىم، ئاغىچا خېنىملاردىن ئېسەنلىك سورىغىن، مەندىن ۋە ئاناڭدىن سالام ئېيتقىن، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنىڭ ساقلىقى خېلى ئوبدان بولۇپ قاپتۇمۇ، دورا ئىچىۋېتىپتىمۇ، سۈرۈشتۈرۈپ باق.

جيا رۇڭ ھەممە گەپكە بىر - بىرلەپ خوش دەپ، جيا ليەن بىلەن بىللە يېنىپ چىقىپ، مۇلازىملاردىن بىرنەچچىسىنى ئەگەشتۈرۈپ بىللە شەھەرگە قاراپ ئاتلاندى. يول بويى، تاغا بىلەن جىيەن ئىككىسى پاراڭ سېلىشقاچ ماڭدى. جياليەننىڭ غەرىزى باشقا بولغاچقا، يۈئېرجيېنىڭ گېپىنى قىلىپ، ئۇنى ئۇنداق كېلىشكەن قىز ئىكەن، مۇنداق ياخشى ئادەم بوپتۇ دەپ ماختاپ كەتتى:

− يۈرۈش - تۇرۇشلىرى بەك يارىشىملىق، گەپ - سۆزدە يېقىملىق، كىشىنىڭ ئامراقلىقى كەلمەيدىغان بىرمۇ يېرى يوق ئىكەن. ھەممە ئادەم فېڭجيې خان ئاچاڭنى ماختايدۇ، مېنىڭچە بولغاندا، ئۇ سېنىڭ بۇ قېينبويان ھەمشىرەڭنىڭ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ جۇمۇ !

− تاغا، ئۇنىڭغا بۇنچە كۆيۈپ قالغان بولسىڭىز، سىزگە مەن سوچى بولۇپ، ئۇنى سىزگە ئىككىنچى ئاغىچىلىققا ئېلىپ بەرسەك قانداق دەيسىز؟ − دەپ كۈلدى جيا رۇڭ ئۇنىڭ غەرىزىنى بىلىپ.

− بۇ دېگىنىڭ چاقچاقمۇ ياكى راست گەپمۇ؟ − دەپ كۈلدى جيا ليەن.

− مېنىڭ دېگىنىم راست گەپ.

− ئۇنداقتىغۇ ياخشى بولاتتى، لېكىن خان ئاناڭ كۆنمەسمىكىن؟ ئاندىن چوڭ ئانىكاڭمۇ ئۇنىمايدۇ. ئاڭلىشىمچە، ئېرجيېنى بىر كىمگە ماقۇل كېلىشىپ قويۇپتىكەنغۇ؟

− ئۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېينى ھەمشىرىلەر چوڭ ئاتامغا ئۆگەي، ئەسلىدە ئۇلارنى چوڭ ئانىكام ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ كەلگەنىكەن. ئاڭلىشىمچە، چوڭ ئانىكام بالدۇرقى ئېرىنىڭ قولىدىكى چاغدا، ئىككىنچى قېينى ھەمشىرەمنى خانلىق جاڭزىنىڭ ئاقساقىلى جاڭ دېگەن كىشىنىڭ ئوغلىغا قورساقتا چېغىدىلا ماقۇل كېلىشىپ قويغانىكەن. كېيىن جاڭ ئائىلىسى دەۋا - دەستۇر ئىشى بىلەن ۋەيران بوپتۇ، چوڭ ئانىكام ئۇ ئېرىدىن چىقىپ باشقا ئەرگە ياتلىق بولۇپ كېتىپتۇ. ئىككى ئائىلە بىر - بىرىدىن خەت - خەۋەر ئېلىشمىغىنىغا ئون نەچچە يىل بوپتۇ. چوڭ ئانىكام ئۇلاردىن يېنىشىپ كەتسەك بولاتتى دەپ ھەمىشە دادلاپ تۇرىدۇ. ئاتاممۇ بۇ قېيىنسىڭلىمىزنى باشقا بىر كىمگە ياتلىق قىلساق دەپ، ئوبدان يەردىن لايىق چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بىر كىم ئارقىلىق جاڭ ئائىلىسىنى ئىزدەشتۈرۈپ، ئۇلارغا ئون نەچچە سەر كۈمۈش بېرىپ، يېنىشىپ كەتكەنلىك توغرىسىدا بىر پارچە تىلخەت يازدۇرۇۋالساقلا بولىدىغان ئىش. جاڭ ئائىلىسى نامراتلىشىپ كەتكەن خەق، پۇلنى كۆرسە ئۇلارنىڭ ئۇنىماي تۇرۇۋالىدىغان نېمىسى بار دەيسىز؟ ئاندىن ئۇلارمۇ بىزدەك كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ كۆنمەسلىكىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. سىزدەك تاغام ئىككىنچى ئاغىچىلىققا ئالىمەن دېسە، چوڭ ئانىكام بىلەن ئاتاممۇ، ئاناممۇ، ھۆددىگە ماقۇل بولىدۇ. لېكىنزە، فېڭجيې خان ئاچامنى بۇنىڭغا كۆندۈرۈش تەس جۇمۇ.

بايىقى گەپلەرنى ئاڭلاپ، جيا ليەننىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن تۇرسا دەيدىغان يەنە نېمە گېپى بولاتتى؟ كېيىنكى گەپكە پەقەت ئازراق مەڭدەپ كۈلۈپلا قويدى. جيا رۇڭ يەنە بىرئاز ئويلىنىۋېلىپ كۈلدى:

− تاغا، بۇ ئىشقا يۈرىكىڭىزنى توختىتىدىغانلا بولسىڭىز، مېنىڭ مەسلىھەتىم بويىچە بولغاندا ھېچقانداق كاشىلا بولمايدۇ، پەقەت بىرنەچچە سەر پۇلنى ئارتۇقراق خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ.

− ئوبدان يىگىت ! − دېدى ئالدىراپ جيا ليەن، − نېمە مەسلىھەتىڭ بار، ئېيتقىنا، مەن ئاڭلاپ باقاي.

− سىز ئۆيگە بارغاندا، چىرايىڭىزدىن ھېچنېمىنى بىلىندۈرمەڭ. ئاۋۋال مەن ئاتامغا ئۇقتۇرۇپ ئېيتاي، چوڭ ئانىكامغا دەپ ئىشنى ئەپلەشتۈرەي. ئاندىن بىزنىڭ قەسىرنىڭ كەينىدىكى يېقىنراق يەردىن بىر ھويلا ۋە كېرەكلىك ئۆي سەرەمجان سېتىۋالىمىز، ئۆي خىزمەتكارلىرىدىن ئىككىنى ئاجرىتىپ شۇ يەردە خىزمەتكە سالىمىز. لايىق كۈننى تاللاپ، ئىنس - جىنغا تۇيدۇرماي نىكاھ قىلىپ شۇ يەرگە كۆچۈرۈپ بارىمىز. خىزمەتكارلارغا ئۈن - تىن چىقارمايسىلەر دەپ جېكىلەپ قويىمىز. فېڭجيې خان ئاچام ھويلىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئولتۇرۇپ بۇنى نەدىن بىلىدۇ؟ تاغا، ئىككىڭىزلار شۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرسىڭىزلار، بىرەر - يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن، غەلۋە - غۇدۇر تۇغۇلۇپ قالغۇدەك بولسا، ناھايىتى شۇ، بېگىمدىن بىر قۇر ئاھانەت ئىشىتىسىز. ئۇ چاغدا بېگىمگە سىز: فېڭجيې خان ئاچامنى قايتا تۇغمىدى، ئوغۇل يۈزى كۆرەرمەنمىكىن دەپ تالادا يوشۇرۇنچە مۇشۇ ئىشنى قىلىپ قويۇپتىمەن، دەيسىز. فېڭجيې خان ئاچاممۇ، قارىسا، «ئاش ئاللىقاچان دەم يەپ بولغان»، شۇنىڭ بىلەن بوپتىلا دېمەستىن باشقا ئىلاج تاپالمايدۇ، ئاندىن ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمغا يالۋۇرسىڭىز، پۈتمەيدىغان ئىش يوق.

قەدىمكىلەر: «نەپسانىيەت ئەقىلدىن ئازدۇرىدۇ» دەپتىكەن. جيا ليەن يۈئېرجيېنىڭ چىرايلىق ھۆسنىگە شەيدا بولۇپ يۈرگەچكە، جيا رۇڭنىڭ بۇ گەپلىرىنى قالتىس مۇكەممەل تەدبىر دەپ بىلدى. شۇ تاپتا ئۇ ئۇچىسىدىكى قارىلىق ئېگىنىنى، خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئاتىسىنىڭ قاتتىق قوللۇقلۇقىنى، خوتۇنىنىڭ ھەسەتخور ئىكەنلىكىنى ... ئەنە شۇنداق بىر قاتار ئوڭۇشسىزلىقلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانىدى. ئۇ تېخى جيا رۇڭنىڭ يامان غەرىزىنى بىلمەيتتى: جيا رۇڭ ئۆزىنىڭ قېينبويان ھەمشىرىسىگە كۆڭلى تارتىپ يۈرەتتى، ئارىغا جيا جېن قىستۇرۇلۇۋالغاچقا، مەقسىتىگە يېتەلمەيۋاتاتتى. ئەمدى ئۇنى جيا ليەن خوتۇنلۇققا ئالسا، بەرىبىر تاشقىرىدا تۇرغۇزىدۇ، جيا ليەننىڭ يوق ۋاقتىدا كىرىپ ئىشنى ئەپلەۋەرمەيمەنمۇ دېگەن غەرەزدە ئىدى. جيا ليەننىڭ خىيالىغا بۇ ئىشلار كېلەمدۇ؟ جيا رۇۇڭغا ئۇ رەھمەت ئېيتتى:

− ئوبدان ئۇكام، بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان بولساڭ، راسا كېلىشكەن چۆرە قىزدىن ئىككىنى سېتىۋېلىپ بېرىپ ئەجرىڭنى ياندۇرىمەن !

شۇ گەپ بىلەن ئۇلار نىڭگو قەسىرىنىڭ دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلدى.

− تاغا، سىز كىرىپ چوڭ ئانىكامدىن پۇلنى ئېلىپ، يۈي لۇغا بېرىڭ، مەن ئاۋۋال ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمغا سالام بېرىپ چىقاي، − دېدى جيا رۇڭ.

− ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنىڭ ئالدىدا مېنىڭ بىللە كەلگەنلىكىمنى دېمىگىن، − دېدى جيا ليەن كۈلۈپ بېشىنى لىڭشىتىپ.

− ئۇقىمەن، − دېدى جيا رۇڭ، ئاندىن جيا ليەننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى، − بۈگۈن ئېرجيې بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىڭىز ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويماڭ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ كۆتۈرۈلۈپ قالسا، كېيىن ئىش تەس بولىدۇ.

− تولا ۋالاقلىما ! يولۇڭغا مېڭىۋەر. سېنى مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇرىمەن، − دېدى جيا ليەن.

جيا رۇڭ جيا ئانىغا سالام بەرگىلى ماڭدى. جيا ليەن نىڭگو قەسىرىگە كىرىشىگىلا، باش خىزمەتكار قول ئاستىدىكىلىرىنى باشلاپ سالام بەردى ۋە مېھمانخانىغىچە سوڭدىشىپ كەلدى. جيا ليەن ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا بىر - بىرلەپ گەپ سوراپ قويۇپ، ئۇلارنى تارقىتىۋېتىپ، ئۆزى يالغۇز ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى. جيا ليەن بىلەن جيا جېن ئادەتتە ناھايىتى يېقىن ئۆتۈشەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئاكا - ئۇكىلاردىن ئىدى، شۇڭا ئۇلاردىن ھېچكىم ئۆزىنى چەتكە ئالمايتتى، ئۇ كەلگەندە ئىچكىرىگە خەۋەر بېرىپمۇ تۇرمايتتى. ئۇ ئۇدۇل تۆر ئۆيگە قاراپ ماڭدى، ئايۋاندا كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان خىزمەتكار موماي جيا ليەنگە مىلەڭزە قايرىپ بەردى. جيا ليەن ئۆيگە كىرىپ كۆز يۈگۈرتتى. جەنۇب تەرەپتىكى كاڭدا يۇئېرجيې يېنىغا ئىككى دېدەكنى ئېلىپ بىللە يىڭنە ئىش قىلىۋاتاتتى، يۈ ئانىكا بىلەن سەنجيې كۆرۈنمەيتتى. جيا ليەن دەرھال ئالدىغا كېلىپ، يۈئېرجيې بىلەن كۆرۈشتى. يۈئېرجيې كۈلۈمسىرەپ ئۇنى تۆرگە تەكلىپ قىلىپ، ئۆزى شەرقىي ياندىكى پەنجىرە تۈۋىدە ئولتۇردى. جيا ليەن يۈئېرجيېنى تۆردە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. يۈز كۆرۈشكەندە بولىدىغان ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىدىن بىر - ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ھىجىيىپ سورىدى:

− قۇدا ئاغىچا خېنىم بىلەن ئۈچىنچى سىڭىل نەگە كەتتى؟ كۆرۈنمەيدۇغۇ؟

− ئىشى چىقىپ قېلىپ ئارقىغا كەتكەن، ھازىر كىرىدۇ، − دېدى يۈئېرجيې كۈلۈپ.

شۇ ئەسنادا كۈتكۈچى دېدەك چاي قۇيغىلى چىقىپ كەتكەنىدى. بۇ يەردە باشقا ئادەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، جيا ليەن ھەدەپ يۈئېرجيېگە كۆزىنى قىسىپ قاش ئاتقىلى تۇردى. ئېرجيې بېشىنى ساڭگىلىتىۋېلىپ كۈلۈپلا قويدى. جيا ليەن چېقىلىشقا پېتىنالماي تۇراتتى، ئېرجيېنىڭ قولىدا ئويناپ ئولتۇرغان ھەميان چىگىكلىك قول ياغلىققا كۆزى چۈشۈپ قېلىپ، گەپ ئېچىشقا باھانە ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ بېلىنى سىلاپ بېقىپ:

− سىپار مېۋىسى سالىدىغان ھەميىنىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، سىڭلىم، سىزدە سىپار مېۋىسى بولسا، يېيىشكە ماڭا بىر تال بەرسىڭىز ئىكەن، − دېدى.

− سىپار مېۋىسىغۇ بار، لېكىن مەن ئۇنى زادىلا بىر كىمگە بەرمەيمەن، − دېدى ئېرجيې.

جيا ليەن ھىجىيىپ، ھەمياننى ئېلىش ئۈچۈن يېقىنلاپ كەلمەكچى بولۇۋىدى، ئېرجيې بىر كىم كىرىپ كۆرۈپ قالسا سەت بولمىسۇن دەپ، كۈلۈمسىرەپ، ھەمياننى ئالمان - تالمان ئېتىپ بەردى. جيا ليەن كاپلا قىلىپ تۇتۇۋېلىپ، ھەمياندىكى سىپار مېۋىلىرىنى ئالىقىنىغا تۆكتى، ئېرجيې چىشلەپ قويغان يېرىم تالنى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى، قالغانلىرىنى يېنىغا تىقىۋالدى. ھەمياننى ئېرجيېنىڭ يېنىغا ئۆزى ئاپىرىپ بېرەي دەپ تۇرۇشىغا، ئىككى دېدەك چاي كۆتۈرۈپ كىرىپ قالدى. جيا ليەن قولىغا چاينى ئېلىۋېتىپ، بېلىدىكى خەن قاشتېشى بىلەن بېزىتىلگەن توققۇز ئەجدىھا گۈللۈك كەمىرىنى بىلىندۈرمەي يېشىۋېلىپ قول ياغلىققا ئورىدى، ئۇنى دېدەكنىڭ ئۇيانغا قايرىلىش پەيتىدىن پايدىلىنىپ يۈئېرجيېگە تاشلاپ بەردى. ئېرجيې قولىغىمۇ ئالماي، كۆرمىگەنگە سېلىپ چاي ئىچىپ ئولتۇرۇۋەردى.

ئارقا ئىشىكتىن مىلەڭزىنىڭ قايرىلغانلىقى ئاڭلىنىپ، يۇ ئانىكا بىلەن سەنجيې ئىككى دېدەكنى كەينىگە سېلىپ كىرىپ كەلدى. جيا ليەن ئېرجيېنى بايىقى ياغلىقىنى ئېلىۋېلىشقا كۆزى بىلەن ئىشارەت قىلدى، ئېرجيې يەنىلا پەرۋا قىلمىدى. جيا ليەن ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى چۈشىنەلمەي، تەمتىرەپ قالدى - دە، نائىلاج يۈ ئانىكا بىلەن سەنجيېنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى. شۇ ئارىدا قايرىلىپ ئېرجيېگە قاراپ باقتى، ئېرجيې ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى. يەنە بىر سىنچىلاپ قارىغىنىدا ياغلىق كۆرۈنمىدى، جيا ليەننىڭ ئاندىن كۆڭلى تىندى. ھەممەيلەن ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى.

− چوڭ يەڭگەمنىڭ دېيىشىچە، − دېدى جيا ليەن − قايسى كۈنى بىر ئورام كۈمۈشنى ئۆزلىرىگە ئېلىپ قويسىلا دەپ بېرىپتىكەن، ھازىر خەققە پۇل ياندۇرۇشقا توغرا كەلگەنلىكتىن، ئاكىمىز شۇ پۇلنى ئېلىپ كەل، ئۆيدە ئىش - پىش بارمۇ - يوق، قارىغاچ كەل دەپ مېنى بۇيرۇغانىدى.

يۈ ئانىكا دەرھال يۈئېرجيېنى ئاچقۇچنى ئېلىپ كۈمۈشنى ئاچىقىشقا جورۇدى.

− مەن ئۆزۈممۇ قۇدا خېنىمغا سالام بېرەي، ئىككى ھەمشىرىمىزنى يوقلاپ قوياي دەپ كەلگەنىدىم، − دېدى جيا ليەن شۇ ئارىدا، − قۇدا خېنىم ئۆزلىرىنىڭ چىرايلىرى بەك ئوبدان تۇرۇپتۇ. شۇغىنىسى، بۇ ئىككى ھەمشىرىمىز بىزنىڭ بۇ ئائىلىدە ئازار يەپ قالدىغۇ دەيمەن.

− بىز دېگەن يېقىن ئۇرۇق - تۇغقان تۇرساق، نېمە دېگەنلىرى ئۇ؟ − دېدى يۈ ئانىكا كۈلۈپ، − ئۆز ئۆيىمىزدىمۇ بىكار ئولتۇراتتى، بۇ يەردىمۇ بىكار ئولتۇرىدۇ، غوجام، ئۆزلىرىدىن يوشۇرمايمەن، ئېرىم ۋاپات بولغاندىن بۇيان، ئائىلە تىرىكچىلىكىمىز تەس بولۇپ قالدى، پۈتۈنلەي كۈيۈئوغلىمىزنىڭ ياردىمىگە تايىنىدىغان بولدۇق. كۈيۈئوغلىمىزنىڭ ئائىلىسىدە مۇنداق چوڭ مۇسىبەت ئىشى بولۇپ قالغاندا، بىز باشقا جەھەتتىن كۈچ چىقىرالمىساقمۇ، ئۆيىگە بولسىمۇ قارىشىپ بېرىشىمىز كېرەك - دە، بۇ يەردە نېمىدەپ ئازار يەيتتۇق؟

گەپ ئۈستىگە ئېرجيې پۇلنى ئەكىرىپ يۈ ئانىكىغا بەردى، يۈ ئانىكا جيا ليەنگە سۇندى. جيا ليەن چۆرە قىزنى بۇيرۇپ، خىزمەتكار مومايلاردىن بىرنى قىچقارتتى:

− سەن بۇنى يۈي لۇغا ئاچىقىپ بەر، ئۇ ئېلىپ ئۇ يانغا ئۆتۈپ، مېنى كۈتۈپ تۇرسۇن، − دەپ تاپىلىدى.

خىزمەتكار موماي خوش دەپ چىقىپ كەتتى. ھويلىدا جيا رۇڭنىڭ گەپ قىلىۋاتقانلىقى ئاڭلاندى. شۇ ئاندىلا جيا رۇڭ كىرىپ كەلدى - دە، چوڭ ئانىكىسى ۋە قېينى ھەمشىرىلىرىدىن تىنچلىق سورىدى، ئاندىن جيا ليەنگە:

− بايىراقتا بېگىم سىزنى بۇيرۇيدىغان ئىش بار دەپ سورىغانىدى، مازارغا بېرىپ قىچقىرىپ كېلىشكە ئادەم بۇيرۇماقچى بولغاندا، مەن تاغام ھازىر كېلىدۇ دەپ مەلۇم قىلىپ قويدۇم. بېگىم ماڭا: يولدا تاغاڭغا يولۇقۇپ قالساڭ ئېيتىپ قوي، چاپسانراق كەلسۇن دەپ تاپىلىدى، − دېدى.

جيا ليەن دەرھال ئورنىدىن تۇراي دېيىشىگە، جيا رۇڭ چوڭ ئانىكىسىغا:

− قايسى كۈنى چوڭ ئانا، سىزگە دېگەنىدىمغۇ، ئاتامنىڭ مۇنۇ ئىككىنچى ھەمشىرىمىزگە تاپقان كۈيۈسى دەل مۇشۇ تاغىمىزنىڭ چىراي - تۇرقىدىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ. چوڭ ئانا، قانداق، يارامدۇ؟ − دەپ قويۇپ، ئاستاغىنا قولى بىلەن جيا ليەننى كۆرسىتىپ، ئېرجيېگە ئاغزىنى ئۆمەللەپ قويدى. ئېرجيې بىر نېمە دېيىشكە ئوڭايسىزلاندى، لېكىن سەنجيې كۈلمەي ھەم تېرىكمەي تۇرۇپ تىل سالدى:

− پېسەندە مايمۇن كۈچۈكى ! دېمەيدىغان گېپى يوق، ئاناڭنىڭ غېرى ! بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى ئاغزىنى يىرتىۋەتمەيدىغان بولسام بۇنىڭ !

جيا رۇڭ كۈلگىنىچە قېچىپ چىقىپ كەتتى، جيا ليەنمۇ ھىجىيىپ، خوشلىشىپ يېنىپ چىقتى. مېھمانخانىغا كەلگەندە، ئۇ ئۆي خىزمەتكارلىرىنى قىمار ئوينىماڭلار، ھاراق ئىچمەڭلار دەپ جىملەپ قويۇپ، ئاندىن ئۇچقاندەك بېرىپ، ئاتاڭغا ئېيتقىن، دەپ جيا رۇڭغا ئاستا يالۋۇردى. ئۆزى يۈي لۇنى ئەگەشتۈرۈپ بۇيانغا ئۆتتى، كۈمۈشنىڭ كېمىنى تولدۇرۇپ ئۇنىڭغا بەردى، جيا شېغا ۋە جيا ئانىلارغىمۇ سالام بېرىپ چىقتى. بۇ گەپ شۇ يەردە قالغاي.

يۈي لۇ جيا ليەن بىلەن كۈمۈش ئالغىلى كەتكەندىن كېيىن، جيا رۇڭ باشقا ئىشى بولمىغاچقا يەنە ئىچكىرىگە كىرىپ، قېينبويان ھەمشىرىلىرى بىلەن بىر پەس ئوينىشىپ چىقتى. ئاخشىمى مازارغا يېنىپ كېلىپ، جيا جېنغا:

− كۈمۈشنى يۈي لۇغا بەردۇق، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم ئوبدانلا ساقىيىپ قاپتۇ، ئەمدى دورىمۇ ئىچمەيدىغان بوپتۇ، − دەپ مەلۇم قىلدى. ئاندىن يول ئۈستىدە جيا ليەننىڭ ئېرجيېنى ئىككىنچى ئاغىچىلىققا ئېلىش مەقسىتىنى ئېيتىپ بەردى. سىرتتا ئۆي راسلاپ ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، فېڭجيېگە بىلدۈرمەيدىغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەردى:

− شۇ تاپتا ئۇ ئوغۇل يۈزى كۆرۈش كويىدا تەڭلىكتە قاپتۇ. ئۇ ئىككىنچى ھەمشىرىمىزنى كۆرگەنىكەن، ئۇنى ئالسا سىز بىلەن تۇغقانلىقنىڭ ئۈستىگە باجا بولىدۇ. بىلمىگەن - ئۇقمىغان باشقا ئادەمگە بەرگەندىن كۆرە، شۇنىڭغا بەرگەن تۈزۈكتەك قىلىدۇ. شۇڭا، ئوتتۇرانچى تاغام ئاتاڭغا ئېيتىپ باقساڭ دەپ بەك يالۋۇرۇپ كەتتى، − دېدى. لېكىن، بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى دېمىدى.

− شۇنداق بولسىمۇ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ، − دېدى جيا جېن ئويلىنىپ بېقىپ، − شۇغىنىسى، قېيىنسىڭىل خالامدىكىن، قانداقكىن. ئەتە سەن بېرىپ چوڭ ئانىكاڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باق. چوڭ ئانىكاڭ قېيىنسىڭىلنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر قارارغا كېلەيلى، − ئاندىن ئۇ جيا رۇڭغا بىرمۇنچە گەپ ئۆگىتىپ قويدى، يۈشى خېنىمنىڭ يېنىغا كىرىپ، بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ باقتى. يۈشى خېنىم بۇنىڭ لايىق ئىش بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، كۈچىنىڭ بارىچە جيا جېننى رايىدىن ياندۇرۇشقا تىرىشتى. بىراق، جيا جېن بىر قارارغا كېلىپ بولغانىدى، ئادەتتە يۈشى ئۇنىڭ رايىغا بويسۇنۇپ كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېرجيې بىلەن بىر ئانىدىن تۇغۇلمىغاچقا، ئانچە كارى بولۇپمۇ كەتمەي، ئىشنى ئۇلارنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بەردى.

دېگەندەك، ئەتىسى ئەتىگەندىلا جيا رۇڭ شەھەرگە كىرىپ يۈ ئانىكا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاتىسىنىڭ مەقسىتىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. بىرمۇنچە گەپ قوشۇپ سۆزلەپ كەتتى: جيا ليەن بولسا ئۇنداق ياخشى ئادەم، ھازىر فېڭجيې كېسەل بولۇپ ياتىدۇ، ساقىيالمايدىغان ئوخشايدۇ. ھازىرچە سىرتتىن ئۆي - جاي سېتىۋېلىپ شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرىدۇ، بىرەر - يېرىم يىل ئۆتۈپ، فېڭجيې ئۆلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرانچى ھەمشىرىمىزنى ئىچكىرىگە كۆچۈرۈپ ئەكىرىپ، چوڭ ئاغىچىلىق ئورۇنغا چىقىرىدۇ. ئاتام شۇ تاپتىلا ماقۇللىشىپ قويدى، جيا ليەن تويلۇقنى ياخشى ئالىدۇ؛ «سىز ئانىكامنى قېرىغىنىڭىزدا ئوبدان باقىدۇ، ئۈچىنچى ھەمشىرىگىمۇ ئۇياقتىن كۈيۈ تېپىپ قويدى» دېگەندەك چىرايلىق گەپلەرنى ياغدۇرۇپ، يۈ ئانىكىنى ياق دېيەلمەيدىغان يەرگە ئەكېلىپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جيا جېن ئادەتتە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇۋاتاتتى. يۇ ئانىكا، كۈيۈئوغۇلنى جيا جېن ئۆزى تاللاپتۇ، تويلۇق جابدۇقنى ئۆزىمىز سېتىۋالمايدىكەنمىز، جيا ليەن ياش بەگزادە، ئابرۇيلۇق - دۆلەتمەن ئائىلىنىڭ ئوغلى دېگەن خىيال بىلەن، شۇئانلا ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ ئېرجيې بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆردى، ئېرجيې بولسا ئوڭايلا ئېرىپ كېتىدىغان قىز ئىدى، قېيىنئاغىسى بىلەن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىمۇ مۇناسىپ ئەمەس ئىدى. ئاندىن ئۆز ۋاقتىدا جاڭ خۇاغا ماقۇللىشىپ قويۇپ، ئۆمۈر سودىسىدا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىدىن ئاغرىنىپ يۈرەتتى. ھازىر قارىغۇدەك بولسا، جيا ليەن ئىشقى بار يىگىت ئىكەن، قېيىنئاغىسىمۇ شۇنىڭغا بېرىدىغان بولۇپ تايىن تېپىپتۇ. بۇ ھالدا ئۇ قانداقسىغا ياق دېيەلىسۇن؟ شۇڭا، بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇل بولدى. ئاندىن ئۇلارغا جاۋاب بېرىشتى.

جيا رۇڭ ئەھۋالنى ئاتىسىغا مەلۇم قىلدى، ئەتىسى جيا ليەننى مازارغا چاقىرتىپ كېلىپ، جيا جېن ئۇنىڭغا يۈ ئانىكىنىڭ ماقۇل بولغانلىقىنى يۈزتۇرا ئېيتىپ بەردى. جيا ليەن خۇشاللىقىدا قىن - قىنىغا پاتماي، جيا جېن، جيا رۇڭلارغا ئۈست - ئۈستىلەپ مىننەتدارلىق بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆي - جايغا قاراشتۇرىدىغانغا ئادەم بۇيرۇش، ئۆي جابدۇش، ئېرجيېگە تويلۇق بېزەك سېتىۋېلىش، يېڭى ھۇجرا ئۈچۈن كېرەكلىك كات - كېشىك قاتارلىق نەرسىلەرنى تەييارلاش ئىشلىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىۋالدى. بىرقانچە كۈندىن كېيىن، ھەممە ئىشنى ئېپى - جېپى بىلەن تۈگىتىپ، نىڭ - رۇڭ كوچىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى چاقىرىم يىراقلىقتىكى غۇنچە مەھەللىسىدىن يىگىرمە نەچچە ئېغىزلىق ئۆيى بار بىر ھويلىنى ئالدى، ئىككى چۆرە قىز سېتىۋالدى. قەسىردىكى خىزمەتكارلاردىن يۆتكەشكە پېتىنالمىدى، سىرتتىن سېتىۋالسا، سىرداش بولمىغاندىن كېيىن ئىشنى ئاشكارا قىلىپ قويارمىكىن دەپ ئەندىشە قىلىپ تۇراتتى. بىردىنلا خىزمەتكارى باۋ ئېر ئېسىگە چۈشتى. جيا ليەن ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن ئاشنا ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، فېڭجيې بىر قۇر غەلۋە قىلغان، باۋئېرنىڭ خوتۇنى ئىزا - ئاھانەت ئىچىدە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان، جيا ليەن باۋئېرگە باشقا خوتۇن ئېلىۋال دەپ يۈز سەر كۈمۈش بەرگەنىدى. باۋئېر بالدۇردىنلا بىللە ئاشپەزلىك قىلىۋاتقان لايغەزەلنىڭ خوتۇنى − نايناق چوكان بىلەن ئارىلىشىپ يۈرەتتى، كېيىن لايغەزەل ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن ئۆلۈپ قالدى، نايناق چوكان باۋ ئېرنىڭ قولىدا ئەركىن - ئازادە يۈرۈشنى پەملەپ، شۇنىڭغا تەگكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نايناق چوكان جيا ليەن بىلەنمۇ چىقىشىۋالغانىدى. ھازىر ئەر - خوتۇن ئىككىسى سىرتقا كۆچۈپ چىقىپ كەتكەنىدى. شۇلار ئېسىگە چۈشۈشى بىلەنلا، جيا ليەن ئۇ ئەر - خوتۇن ئىككىسىنى يېڭى ھويلىغا چاقىرتىپ كېلىپ، ئېرجيېنى كۆچۈرۈپ چىققاندا، شۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغانغا تەييار قىلىپ قويدى. باۋئېر ئەر - خوتۇن ئىككىسى بۇنداق نەپنى كۆرگەندە كەلمەي قالامتى؟

جاڭ خۇا توغرىسىدىكى گەپكە كەلسەك، ئۇنىڭ بوۋىسى ئەسلىدە خانلىق جاڭزىنىڭ ئاقساقىلى ئىدى، ئۇ ئۆلۈپ كېتىپ، بۇ ۋەزىپىنى جاڭ خۇانىڭ ئاتىسى ئۆتەپ كېلىۋاتاتتى. جاڭ خۇانىڭ ئاتىسى يۈ ئانىكىنىڭ بالدۇرقى ئېرى بىلەن قەدىناس بولغاچقا، جاڭ خۇا بىلەن يۈ ئېرجيېنى تۇغۇلماس چېغىدىلا بىر - بىرىگە چېتىپ قويغانىدى. كېيىن كۈتۈلمىگەندە جاڭ ئائىلىسى دەۋا ئىشى بىلەن ئۆيۋاقىدىن ئايرىلىپ، قورسىقىغا تاپسا، ئۇچىسىغا تاپالماي يۈرەتتى. بۇ ئەھۋالدا ئۇ خوتۇن ئالالامتى؟

يۈ ئانىكا ئۇ ئائىلىدىن باشقا ئەرگە تېگىپ چىقىپ كەتتى، ئىككى ئائىلە بىر - بىرىدىن دېرەك ئالمىغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغانىدى. ئەمدى ھازىر جيا قەسىرىدىن ئادەم كېلىپ، ئۇنى ئېرجيېدىن يېنىپ كېتىشكە زورلىدى. ئۇ كۆڭلىدە نارازى بولسىمۇ، جيا جېنلارنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ، ياق دېيەلمىدى. ئاخىر، يېنىشقانلىق توغرىسىدا تىلخەت يېزىپ بەردى. يۈ ئانىكا ئۇنىڭغا يىگىرمە سەر كۈمۈش بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئىككى ئائىلە قۇدىلىقتىن يېنىشقان بولدى.

ئەمدى جيا ليەنلەر ھەممە ئىشنىڭ توغرىلانغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئاينىڭ ئۈچىنچى كۈنىنى ئەبيەز كۈنى دەپ تاللاپ، شۇ كۈنى ئېرجيېنى ئەمرىگە ئېلىپ كۆچۈرۈپ چىقىدىغان بولدى. قالغان گەپنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك