غەربكە ساياھەت - ئەللىك بىرىنچى باب
ئەللىك بىرىنچى باب
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بارچە ھىيلىسىنى ئىشلەتكەنلىكى
ئالۋاستىغا سۇ، ئوتنىڭمۇ كار قىلمىغانلىقى
ئەلقىسسە، سۇن ۋۇكۇڭ يېڭىلگەندىن كېيىن، جىندۇشەن تېغىغا كېلىپ ئۇزاق ئولتۇردى. كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولۇپ يىغلاپ كەتتى. «بۇ ئالۋاستى مېنى تونۇيدىكەن، مەن بىلەن ئېلىشىۋېتىپ: (بۇ، ئەرشنى مالىمان قىلغان نوچى) دېدى، شۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇ زېمىندىكى مەخلۇق ئەمەس، جەزمەن ساماۋى ئەختەرلەردىن بىرى بولسا كېرەك. مەن ئەرشكە چىقىپ ئۇقۇپ باقاي» دەپ ئويلىدى.
سۇن ۋۇكۇڭ شۇئان ئورنىدىن تۇردى - دە، ئۇدۇل ئەرشنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىغا باردى. بېشىنى كۆتۈرۈشىگە پەلەك شاھى گۇاڭ مۇ كېلىپ سالاملاشتى:
− ئەۋلىيا ئەزەم، يول بولسۇن؟
− يۇرۇن سۇلتان بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ كېلىۋىدىم، ئۆزلىرى بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىدىلا؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− جەنۇبىي دەرۋازىنى كۆزەت قىلىش نۆۋىتى بۈگۈن ماڭا كەلگەنىكەن، − دېدى گۇاڭ مۇ. ئۇنىڭ گېپى تۈگىشىگە ما، جاۋ، ۋېن، گۇەن قاتارلىق تۆت باش سىپىھدار چىقىپ قېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى:
− ئەۋلىيا ئەزەم، ئالدىلىرىغا چىقالماي قاپتۇق. قېنى چايغا مەرھەمەت قىلسىلا، − دېيىشتى ئۇلار.
− رەھمەت، ئىشىم بار، − دەپ جاۋاب بەردى سۇن ۋۇكۇڭ، ئاندىن گۇاڭ مۇ ۋە تۆت نەپەر سىپىھدار بىلەن خوشلىشىپ جەنۇبىي دەرۋازىدىن كىردى. قەسىرنىڭ سىرتىدا ئۇ يەنە جاۋ داۋلىڭ، گې شيەنۋېڭ، شۈي جىڭياڭ، چيۇ گۇڭجى قاتارلىق تۆت نەپەر پەلەك مۇرەببىسى ۋە كىچىك ئېيىق يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ ئالتە ئەمىرى، يەتتە تىكەن يۇلتۇز بەگلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇلار قەسىر ئالدىدا سۇن ۋۇكۇڭنى كۈتۈۋېلىپ تەڭلا سالام بەردى:
− ئەۋلىيا ئەزەم، قانداق بولۇپ بۇ يەرگە قەدەملىرى يېتىپ قالدى؟
− تاڭ سېڭنى قوغداش ئىشلىرى تامام بولدىمۇ، قانداق؟ − دەپ سوراشتى ئۇلار يەنە.
− يوقسۇ ! ئۇنىڭغا تېخى بار ! − دەپ جاۋاب بەردى سۇن ۋۇكۇڭ، − يول يىراق، ئالۋاستىلار جىق بولغاچقا، يولىمىز تازا ئاۋۇمايۋاتىدۇ. بىز ھازىر جىندۇشەن تېغىدىكى جىندۇشەن غارىدا تۇرۇپ قالدۇق. ئۇ يەردە بىر ئالۋاستى بار ئىكەن، ئۇ ئۇستازىمىزنى غارغا ئەكىرىۋالدى. پېقىر ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىۋىدىم، ئۇ كارامەت يامان بىرنېمە ئىكەن، ئالتۇن توقىلىق گۈرزەمنى تارتىۋالدى. ئۇنى مەن زېمىنغا چۈشكەن ساماۋى ئەختەرلەرنىڭ بىرىمىكىن، دەپ گۇمان قىلىپ قالدىم، شۇڭا يۇرۇن سۇلتاندىن ئەرشنى نېمىشقا چىڭ باشقۇرمايدىغانلىقىنى سورىغاچ، ھېلىقى نېمىنىڭ زادى قايسى ئەختەرلىكىنى بىلەي دەپ كەلدىم.
− تېخىچە گەپنىڭ يوغىنىنى قىلىپ يۈرگىنىنى ماۋۇ مايمۇننىڭ، − دېدى شۈي جىڭياڭ كۈلۈپ.
− گەپنى ئاز قىلىپ ئۇنىڭ كەلگىنىنى خەۋەر قىلايلى، − دېدى جاڭ داۋلىڭ.
− رەھمەت ! رەھمەت ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
شۇئان تۆت پەلەك مۇرەببىسى ئۇنى يۇرۇن سۇلتان بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن خىسلەتدار قەسىرگە باشلاپ كىردى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئىختىدا قىلدى:
− سۇلتانىم، ئۆزلىرىنى مالال قىلىدىغان بولدۇم ! پېقىر ئۇستازىم تاڭ سەنزاڭ راھىبنى قوغداپ غەربكە بۇددا نومىنى ئالغىلى كېتىۋاتاتتىم، يول بويى رىيازەتنى كۆپ چېكىپ، ياخشىلىقنى ئاز كۆردۇق، بۇلارنى سۆزلىمەيلا قوياي. بۈگۈن جىندۇشەن تېغىغا كەلسەك جىندۇشەن غارىدىن بىر ئالۋاستى چىقىپ ئۇستازىم تاڭ سەنزاڭنى ئەكىرىپ كەتتى. پېقىر ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشتىم، ئۇ كارامەت يامان نېمە ئىكەن، ئالتۇن توقىلىق گۈرزەمنى تارتىۋالدى. شۇڭا، ئۇ ئالۋاستىغا تەڭ كېلىش قىيىن بولدى. پېقىر ئۇنى زېمىنغا چۈشكەن ساماۋى ئەختەرلەردىن بىرىمىكىن، دېگەن گۇمان بىلەن ئالايىتەن ھۇزۇرلىرىغا كېلىۋىدىم. ئەرشىئەلادىكى قۇددۇس ئەزەم ۋە ئۇلۇغ شەپقەت ئىگىسى، مالال كۆرمەي ساماۋى ئەختەرلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە پەرمان بەرسىلە، لەشكەر چىقىرىپ ئۇ ئالۋاستىنى تۇتۇپ بەرسىلە، پېقىرنىڭ مۈشكۈلى ئاسان بولاتتى.
سۇن ۋۇكۇڭ يەنە بىر تەزىم قىلىپ:
− قۇلىقىم سىلەردە، − دېدى.
بىر چەتتە تۇرغان گې شيەنۋېڭ كۈلۈپ:
− باشتا غادىيىپ ئاخىردا تەزىمغا چۈشتىڭىزغۇ؟ − دېدى.
− يوقسۇ، ھەددىم ئەمەس ! ھەددىممۇ ئۇنداق قىلىدىغانغا ! شۇمۇ ئىشمۇ، ھازىر پېقىرنىڭ بېشىغا كۈن چۈشتى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ. يۇرۇن سۇلتان بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال كې خەن ئەۋلىياغا:
− ئىش سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئېيتقىنىدەك بولسا، ھەرقايسى يۇلتۇز بەگلەرگە، تەڭرى، مالائىكىلەرگە ئېيتىپ زېمىنغا چۈشكەنلەر بار- يوقلۇقىنى دەررۇ ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇچۇرىنى بېرىڭلار، − دەپ ئەمر قىلدى.
كې خەن ئەۋلىيا يۇرۇن سۇلتاننىڭ ئەمرىگە بىنائەن سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن بىللە تەكشۈرۈشكە ماڭدى. ئۇلار ئاۋۋال تۆت دەرۋازىدىكى تەڭرىلەر، بەگ - سىپاھلارنى تەكشۈردى. ئاندىن ئەرش، زېمىن، سۇسەرا قاتارلىق ئۈچ جايدىكى چوڭ - كىچىك تەڭرى، مالائىكە، مۇئەككەللەر، گۈلدۈرماما، چاقماق بەگ ۋە سەركەردىلەرنى تەكشۈردى. شۇ تەرزدە ئوتتۇز ئۈچ كۈندۈز تىنماي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. كېيىن يىگىرمە سەككىز كېچە كۆزىتىۋىدى، پۈتۈنلەي جىمجىتچىلىق بولدى. قۇياش، ئاي، سۇ، ئوت - چۆپ، ئوتۇن - ياغاچ، ئالتۇن، تۇپراق ئوردىلىرى قاتارلىق يەتتە ئوردىنى ئاختۇردى. ئەختەرلەرنىڭ ھېچبىرى زېمىنغا چۈشمىگەنىدى.
− خوش، ئىش تۈگىدى. بۇلۇت قەسرىگە قايتا چىقمىساممۇ بولار، سىز ئۆزىڭىز قايتىپ كېتىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىڭ. مەن مۇشۇ يەردە جاۋاب ئېلىپ چۈشۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇراي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
كې خەن قايتىپ بېرىپ يۇرۇن سۇلتانغا مۇنۇلارنى مەلۇم قىلدى:
− ئەرشتىكى ئەختەرلەر تۈگەل ئىكەن، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تەڭرىلەرمۇ جاي - جايىدا تۇرۇپتۇ. زېمىنغا چۈشكەنلەر بايقالمىدى.
− سۇن ۋۇكۇڭغا ئېيتىڭلار، بىرنەچچە سەركەردىنى تاللىۋالسۇن - دە، ئۇلار بىلەن بىللە زېمىنغا چۈشۈپ ئالۋاستىنى تۇتۇپ كەلسۇن، − دېدى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان يۇرۇن سۇلتان.
تۆت پەلەك مۇرەببىسى يۇرۇن سۇلتاننىڭ ئەمرىگە بىنائەن دەرھال بۇلۇت قەسرىدىن چىقىپ سۇن ۋۇكۇڭغا:
− ئەۋلىيا ئەزەم، يۇرۇن سۇلتاننىڭ ئەمرى بىلەن تەكشۈرسەك، ئەرشتىن زېمىنغا چۈشكەنلەر يوق بولۇپ چىقتى. يۇرۇن سۇلتاننىڭ ئەمرى شۇكى، سىز بىرنەچچە پەلەك سەركەردىلىرىنى تاللاپ زېمىنغا چۈشۈپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئالۋاستىنى تۇتىدىكەنسىز، − دېدى.
− ئەرشتىكى سەركەردە - لەشكەرلەر مېنىڭ لەشكەرلىرىمدىن جىق ۋە قابىل ئەمەس. مەن ئەرشنى مالىمان قىلماقچى بولغاندا، يۇرۇن سۇلتان ئەرش لەشكەرلىرىدىن يۈز مىڭنى چىقىرىپ ھەممە يەرگە ئورۇنلاشتۇرغان، لېكىن ماڭا ھېچقايسى سەركەردە ياكى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر تەڭ كېلەلمىگەن. كېيىن ئەۋلىيازادە ئېرلاڭنى ماڭا قارشى قويغان بولسىمۇ، نەتىجە چىقمىغان. ھازىر مەن دېگەن ئالۋاستى پېقىردىنمۇ نەچچە ھەسسە كۈچلۈك تۇرسا، ئۇلار بىلەن مەن نېمىمۇ قىلالايمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئۇ چاغ بىلەن ھازىرقى چاغ ئوخشىمايدۇ. كونىلاردا: «بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ» دېگەن گەپ بار. دەرھال ئادەملەرنى تاللاپ مېڭىڭ، كېچىكسىڭىز ئىش چاتاق بولمىسۇن، يەنە، − دېدى شۈي جىڭياڭ.
− ئۇنداق بولسا بوپتۇ. سىلەردىن مىننەتدارمەن. مالال كۆرمەي تەلىپىمنى يۇرۇن سۇلتانغا يەتكۈزسىڭىز، ماڭا پەلەك شاھى توتالى بىلەن شاھزادە ناجانى بەرسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالۋاستى يوقىتالايدىغان قوراللىرى بار. ئۇلار زېمىنغا چۈشۈپ ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىپ كۆرسۇن، ئالۋاستىنى تۇتالىساق، پېقىرنىڭ بەختى، تۇتالمىساق، ئۇ چاغدا باشقىچە ئامال قىلارمىز، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
پەلەك مۇرەببىسى جېن گېنا مۇناجات بىلەن بۇنى يۇرۇن سۇلتانغا يەتكۈزۈۋىدى، يۇرۇن سۇلتان پەلەك شاھى توتالىنى ئەرش لەشكەرلىرنى ئاپىرىپ سۇن ۋۇكۇڭغا ياردەم بېرىشكە پەرمان بەردى. پەلەك شاھى پەرمانغا بىنائەن كېلىپ سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن ئۇچراشتى. سۇن ۋۇكۇڭ پەلەك مۇرەببىسىگە:
− يۇرۇن سۇلتاننىڭ پەلەك شاھى توتالىنى ئەۋەتكىنىدىن كۆپ مىننەتدارمەن، مالال كۆرمەي يەنە بىر ئىلتىماسىمنى يەتكۈزسىڭىز. چاقماق مالائىكىسىدىن ئىككىنى بەرسە، پەلەك شاھى ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىۋاتقاندا، ئۇلار بۇلۇت ئۈستىدە تۇرۇپ چاقماق چاقتۇرسا، ئۇ ئالۋاستىنىڭ جېنى چىقىپلا كېتەتتى، − دېدى.
− بولىدۇ ! بولىدۇ ! بولىدۇ ! − دېدى پەلەك مۇرەببىسى كۈلۈپ ۋە بۇنى يۇرۇن سۇلتانغا يەتكۈزدى. يۇرۇن سۇلتان ئەرش قەھرى ئوردىسىدىكى دېڭ خۇۋا، جاڭ فەن ئىسىملىك ئىككى چاقماق مالائىكىسىگە پەلەك شاھىغا ياردەم - ھەمدەمدە بولۇپ ئالۋاستىنى تۇتۇپ بالايىئاپەتنى تۈگىتىشكە ۋەھيى بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەلەك شاھى، سۇن ۋۇكۇڭلار جەنۇبىي دەرۋازىدىن يولغا چىقتى.
ئۇلار ھايال ئۆتمەي كۆزلىگەن جايغا يېتىپ كەلدى.
− مانا بۇ جىندۇشەن تېغى. تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدا جىندۇشەن غارى بار. قېنى مەسلىھەتلىشىپ كۆرگەيسىلەر، قايسىڭلار بىرىنچى بولۇپ جەڭ باشلايسىلەر−؟ دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، پەلەك شاھى بۇلۇت ئۈستىدە تۇرۇپ لەشكەرلەرنى تاغنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدا تۇرغۇزۇپ شۇنداق دېدى:
− ئەۋلىيا ئەزەم، كەنجەم ناجانى ئوبدان بىلىسىز، ئۇ توقسان ئالتە غاردىكى ئالۋاستىنى ئەل قىلغان، تۇرقىنى ئۆزگەرتىشكىمۇ ئۇستا، قورال - ياراغلارنىمۇ يېنىدىن زادىلا ئايرىمايدۇ، شۇڭا بىرىنچى بولۇپ ئۇ بارسۇن.
− ئۇنداق بولسا پېقىر شاھزادىنى باشلاپ باراي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
شاھزادە ئۆزىنى رۇسلاپ سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن بىللە تاغدىن سەكرەپ چۈشۈپ غار ئاغزىغا كەلدى. غار ئاغزى چىڭ يېپىق بولۇپ، جىنلار كۆرۈنمەيتتى.
− ھوي ئالۋاستى، چاپسان ئىشىكىڭنى ئاچ، ئۇستازىمنى چىقىرىپ بەر ! − دەپ ۋارقىرىدى سۇن ۋۇكۇڭ.
غار دەرۋازىسىغا قاراۋاتقان جىن ئۇلارنى كۆرۈپلا شاپاشلاپ بېرىپ خەۋەر يەتكۈزدى:
− غوجام، سۇن ۋۇكۇڭ بىر بالىنى باشلاپ كەپتۇ، ئۆزلىرىنى جەڭگە چاقىرىۋاتىدۇ.
جىنلار پادىشاھى بولغان ئالۋاستى:
− بۇ مايمۇنەك تۆمۈر كالتىكىنى تارتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن قۇرۇق قول ئېلىشىشقا كۆزى يەتمەي ھەمدەمگە لەشكەر تارتىپ كەپتۇ - دە، − دېدى ۋە ئەمر قىلدى، − قورالىمنى ئەكېلىش !
ئالۋاستى قورالىنى ئېلىپ ئىشىك ئالدىغا چىقتى - دە، ئىنتايىن چىرايلىق، كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قاۋۇل يىگىتنى كۆردى.
− سەن پەلەك شاھى توتالىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ناجا شاھزادىغۇ، نېمىدەپ ئىشىكىمگە كېلىپ چۇقان سالىسەن؟ − دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.
− سەن كاساپەت يولسىزلىق قىلىپ شەرقىي دىيارنىڭ راھىبلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىپسەن. مەن يۇرۇن سۇلتاننىڭ پەرمانىغا بىنائەن سېنى ئەل قىلغىلى كەلدىم ! − دېدى شاھزادە.
− سېنى چوقۇم سۇن ۋۇكۇڭ باشلاپ كەلدى. مەن ئاشۇ راھىبلارنىڭ غوجا ئاكىسى ! بۇنچە ھەددىڭدىن ئاشىدىغانغا قانچىلىك ھۈنىرىڭ بار، كۆرەيچۇ ! قاچما ! مانا ماۋۇنى تېتىپ كۆر ! − دېدى ئالۋاستى غەزەپ بىلەن.
شاھزادە ئالۋاستىنىڭ قىلىچىنى بىر ئۇرۇپ قولىدىن چۈشۈرۈۋەتتى - دە، ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشۇپ كەتتى. ئۇلار راسا ئېلىشىۋاتقاندا، سۇن ۋۇكۇڭ دەرھال تاغ باغرىغا بېرىپ ۋارقىرىدى:
− چاقماق ھەزرەت قەيەردە سىلەر؟ چاققان بېرىپ ئالۋاستىنىڭ بېشىغا چاقماق ياغدۇرۇپ شاھزادىگە ھە - ھۇ دېيىشىڭلار !
چاقماق ھەزرەت دېڭ خۇا، جاڭ فەنلەر شۇئان بۇلۇت ئۈستىگە چىقىپ ئىشقا كىرىشەيلى دەپ تۇرغاندا، شاھزادە ھۈنىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى: ئۇ بىر ئەپسۇن بىلەن ئۈچ باشلىق، ئالتە قوللۇق بولۇپ، ئالتە خىل قورالنى چىڭ تۇتقان ھالدا ئالۋاستىنىڭ ھۇجۇمىنى كۈتتى. ئالۋاستىمۇ شۇئان ئۈچ باشلىق، ئالتە قوللۇق بولۇپ، ئۈچ ساپلىق نەيزە بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، شاھزادە يەنە سېھىر بىلەن ئالتە خىل قورالنى، يەنى شەمشەر، خەنجەر، ئارغامچا، گۈرزە، تۈگمەگۈل، ئوت شارنى تەڭلا ئىشقا سالدى. «سۈف چىق !» دېگەنىدى، لەشكەرلەر كەينى - كەينىدىن چىقىپ بىرى ئون، ئونى يۈز، يۈزى مىڭ ۋە ئونمىڭ بولدى. ھەربىرى بىردىن قورالنى تۇتۇپ خۇددى مۆلدۈر ياغقاندەك تاراس - تۇرۇس، جاراڭ - جۇرۇڭ قىلىپ ئالۋاستى ئۈستىگە تاشلاندى. ئالۋاستى تەمتىرىمەستىن بىر قولىغا كۈمۈشتەك پارقىراپ تۇرغان چەمبىرەكنى ئېلىپ «يىخ !» دەپ ۋارقىراپ ئاسمانغا ئېتىۋىدى، «ۋىش - ۋىش» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئالتە خىل قوراللارنىڭ ھەممىسى چەمبەر ئىچىگە كىردى. شاھزادە ناجا تەمتىرەپ قالدى - دە، قۇرۇق قول جېنىنى ئارانلا ئەپقاچتى. ئالۋاستى غەلىبە قۇچۇپ قايتتى.
كۆكتە تۇرغان چاقماق ھەزرەت دېڭ خۇا، جاڭ فەنلەر ئىچىدە كۈلۈپ: «ھېلىمۇ ياخشى، يامان ئاقىۋەتكە كۆزىمىز يېتىپ چاقماقنى چاقماپتىكەنمىز. ناۋادا ئۇ چاقماقلىرىمىزنىمۇ يىغىپ كەتسە، يۇرۇن سۇلتانغا قايسى يۈزىمىز بىلەن قارايتتۇق؟» دېدى. بۇ ئىككى ھەزرەت پەسكە چۈشۈپ شاھزادە بىلەن تاغنىڭ جەنۇبىي يانباغرىغا كېلىپ پەلەك شاھىغا:
− بۇ ئالۋاستى ھەقىقەتەن بەك يامان نېمە ئىكەن ! − دېدى.
− ئەمدى قانداق قىلساق بولار؟ − دېدى پەلەك شاھى.
− سىلىچە قايسى چارىنى ئىشقا سالساق بولار؟ چەمبىرەككە چۈشمەيدىغان ئىشنى قىلساق، ئاندىن ئۇنى ئەل قىلغىلى بولاتتى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− چەمبىرەككە چۈشمەسلىك سۇ بىلەن ئوت مالائىكىسىنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. كونىلاردا: «سۇ بىلەن ئوت رەھىمسىز» دېگەن گەپ بار، − دېدى پەلەك شاھى.
− دۇرۇس گەپ بولدى بۇ ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، − سىلەر مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇشسىلا، پېقىر ئەرشكە چىقىپ باقاي.
− يەنە نېمە ئىش بىلەن ئەرشكە چىقاتتىلا؟ − دېدى چاقماق ھەزرەت دېڭ خۇا بىلەن جاڭ فەن.
− بۇ نۆۋەت يۇرۇن سۇلتاننى مالال قىلمايمەن. پەقەت جەنۇبىي دەرۋازىدىكى قىزىلگۈل قەسرىگە بېرىپ ئوت تەڭرىسىنى چاقىرىپ كېلەي، دەيمەن. ئۇ ھەزرەت بۇ يەرگە كېلىپ ئوت قويۇپ بۇ مەخلۇقنى كۆيدۈرسۇن ياكى ئۇنىڭ چەمبىرىكىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىپ، ئالۋاستىنى تۇتسۇن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ شاھزادە خۇش بولۇپ كەتتى:
ئۇنداق بولسا تەقسىر، ھايال قىلماي تېز بېرىپ تېز قايتسىلا ! مەن مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇراي.
سۇن ۋۇكۇڭ قۇتلۇق نۇر ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ئۇدۇل ئەرشنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىغا باردى. گۇاڭ مۇ بىلەن تۆت سەركەردە ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى:
− تەقسىر، يەنە قەدەم تەشرىپ قىلىپ قاپتىلىغۇ؟
− پەلەك شاھى شاھزادىنى جەڭگە چىقارغانىدى، بىرپەس ئېلىشقاندىن كېيىن ھېلىقى ئالۋاستى ئۇنىڭ ئالتە خىل قورالىنىڭ ھەممىسىنى تارتىۋالدى. ئوت تەڭرىسىنى چاقىرىش ئۈچۈن قىزىلگۈل قەسرىگە كەلدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
سەركەردىلەر ئۇنى تۇتماي دەرھال كىرگۈزۈۋەتتى، قىزىلگۈل قەسرىگە كېلىشىگە ئوت مۇئەككەللىرى دەررۇ كېلىپ خەۋەر قىلدى:
− سۇن ۋۇكۇڭ جانابلىرى ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشسەم دەيدۇ.
جەنۇبىي ئۈچ دىيارنىڭ ئوت تەڭرىسى كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئالدىغا چىقتى - دە:
− تۈنۈگۈن كې خەن قەسرىمىزنى تەكشۈرۈپ چىقتى، زېمىنغا چۈشكەنلەر سېزىلمىدى، − دېدى.
− خەۋىرىم بار، پەلەك شاھى بىلەن شاھزادە مەغلۇپ بولدى، قورال - ياراغلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىدىن ياردەم سوراپ كەلدىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ناجا ھەممىگە مەشھۇر كاتتا كىشى، تۇغۇلۇپلا توقسان ئالتە غاردىكى ئالۋاستىنى ئەل قىلغان، قالتىس كارامىتى بار ئىدى. شۇ چېغىدا ئالۋاستىنى يېڭەلمىگەن بولسا، پېقىرنىڭ قولىدىن قانچىلىك ئىش كېلەر؟ − دېدى ئوت تەڭرىسى.
− پەلەك شاھى ئاسمان - زېمىن ئارىسىدا ھەممىدىن قابىلى سۇ بىلەن ئوت، دەپ قارايدىكەن. شۇڭا ئالايىتەن سىلىنى تەكلىپ قىلىپ كەلدىم، لەشكەرلىرىنى ئاپىرىپ جىن - ئالۋاستىلارنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ ئۇستازىمنى قۇتۇلدۇرغايلا.
ئوت تەڭرىسى بۇنى ئاڭلاپ قول ئاستىدىكى ئەمىر - لەشكەرلىرىنى يىغدى - دە، سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن بىللە جىندۇشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدا پەلەك شاھى ۋە چاقماق ھەزرەتلەر بىلەن ئۇچراشتى.
− تەقسىر، سىلى ھېلىقى بىرنەرسىنى چاقىرىپ چىقسىلا، مەن ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلاي، ئۇ چەمبىرىكىنى ئىشقا سالغان ھامان مەن ئۆزۈمنى دالدىغا ئالاي، ئوت تەڭرىسى ئەمىر - لەشكەرلىرى بىلەن تەڭلا ئوت قويۇپ ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتسۇن، − دېدى پەلەك شاھى سۇن ۋۇكۇڭغا.
سۇن ۋۇكۇڭ جىندۇشەن تېغىغا كېلىپ ۋارقىرىدى:
− ئىشىكنى ئاچ ! دەرھال ئۇستازىمنى چىقىرىپ بەر !
ھېلىقى جىن يەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ:
− سۇن ۋۇكۇڭ يەنە كەلدى ! − دەپ خەۋەر قىلدى.
ئالۋاستى جىمى ئادىمىنى باشلاپ غاردىن چىقتى - دە، سۇن ۋۇكۇڭغا:
− ھەي پەسەندە، يەنە كىملەرنى باشلاپ كەلدىڭ ! − دېدى.
بۇ چاغدا پەلەك شاھى چىقىپ ۋارقىرىدى:
− ھۇي نەپرەتلىك ئالۋاستى، مېنى تونۇدۇڭمۇ؟
− ھەي پەلەك شاھى، سەن ئوغلۇڭ ئۈچۈن قىساس ئالغىلى كەلدىڭغۇ دەيمەن، − دېدى ئالۋاستى كۈلۈپ.
− بىرىنچىدىن، قىساس ئالغىلى، قوراللارنى قايتۇرۇۋالغىلى؛ ئىككىنچىدىن، سېنى ئەل قىلىپ تاڭ سەنزاڭ راھىبنى قۇتۇلدۇرغىلى كەلدىم ! كەتمە ! ماۋۇنى تېتىپ كۆر ! − دېدى پەلەك شاھى.
ئالۋاستى شاققىدە ئۆزىنى قاچۇردى ۋە دەرھال قورالىنى ئېلىپ جەڭگە ئاتلاندى. ئىككىيلەن غار ئاغزىدا قىر - چاپقا چۈشتى. ئېلىشىش شىددەتلىك بولدى، چاڭ - توزان كۆتۈرۈلدى، يەر - زېمىنمۇ قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇ ئىككىيلەننىڭ بىر - بىرىنى يېڭەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، شاققىدە بۇرۇلدى - دە، بىر سەكرەپلا تاغ چوققىسىغا چىقتى ۋە ئوت تەڭرىگە: «تەقسىر، ھوشيار تۇرسىلا !» دېدى. شۇ ئەسنادا ئالۋاستى چەمبىرىكىنى ئالاي دېۋىدى، بۇنى كۆرگەن پەلەك شاھى نۇرغا ئايلاندى - دە، چېكىنگەن بولۇپ قاچتى. تاغ چوققىسىدىكى ئوت تەڭرىسى دەرھال پەرمان بېرىۋىدى، لەشكەرلىرى تەڭلا ئوت قويدى. ئوت شۇنچىلىك كۈچلۈك كۆيدىكى، بەئەينى ئونمىڭلىغان ئوت تۇلپارلىرى چېپىپ كېتىۋاتقاندەك ئاسماننى ئوت قاپلىدى. ئەمما، ئالۋاستى دەھشەتلىك ئوتنى كۆرۈپ مىت قىلماي تۇردى. ئارقىدىن چەمبىرىكىنى ئاسمانغا ئېتىۋىدى، «ۋىش» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئوت ئەجدىھا، ئوت ئات، ئوت ئۆردەك، ئوت چاشقان قاتارلىق ئوت قويغۇچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋالدى - دە، بۇرۇلۇپ غارغا ماڭدى ۋە غەلىبە قىلدۇق، دەپ لەشكەرلىرىنى يىغىۋالدى.
ئوت تەڭرىسى قۇرۇق قول قالغان لەشكەرلىرىنى يىغدى ۋە پەلەك شاھى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ تاغ باغرىدا ئولتۇردى - دە، سۇن ۋۇكۇڭغا:
− تەقسىر، بۇنداق يامان ئالۋاستى ھەقىقەتەن كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ ! مەن ئوت ياقىدىغان قوراللىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، قانداق قىلارمەن، − دېدى.
− غەم قىلمىسىلا، ھەممىلىرى مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇشسىلا، مەن بىر بېرىپ كېلەي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ.
− يەنە قەيەرگە بارىدىلا؟ − دېدى پەلەك شاھ.
− ئۇ ئالۋاستى ئوتتىن قورقمىدى، جەزمەن سۇدىن قورقىدۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − كونىلاردا «ئوتنى سۇ ئۆچۈرىدۇ» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ. پېقىر ئەرشنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا بېرىپ سۇ تەڭرىسىنى باشلاپ كېلەي. ئۇ غارغا سۇ قويۇپ بېرىپ ئالۋاستى ۋە جىنلارنى سۇغا غەرق قىلسۇن - دە، قوراللارنى ھەرقايسىلىرىغا ياندۇرۇپ بەرسۇن.
− بۇ چارىمۇ بەلەن ئىكەن. بىراق ئۇنداقتا ئۇستازلىرىمۇ غەرق بولۇپ كەتمەسمۇ؟ − دېدى پەلەك شاھى.
− چاتاق يوق، ئۇستازىم غەرق بولۇپ كەتسە، ئۇنى تىرىلدۈرۈۋالىمەن. ھەرقايسىلىرىنى ساقلىتىپ قويىدىغان بولدۇم. ئەپۇ قىلىشارلا، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئۇنداق بولسا مەرھەمەت، يولغا چىقسىلا، − دېدى ئوت تەڭرىسى.
سۇن ۋۇكۇڭ قالتىس جۇمۇ ! بىر موللاق ئېتىپ ئۇدۇل ئەرشنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا باردى. بىردىنلا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، پەلەك شاھى دوۋېن كېلىپ سالام بەردى:
− تەقسىر، يول بولسۇن؟
− بىر ئىش بىلەن ۋۇخاۋ قەسرىگە كىرىپ سۇ تەڭرىسىگە يولۇقماقچىدىم، ئۆزلىرى نېمە ئىش قىلىۋاتىدىلا، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− بۈگۈن ماڭا كۆزەت نۆۋىتى كەلگەنىكەن.
بۇلار سۆزلىشىۋاتقاندا پاڭ، ليۇ، كې، بى قاتارلىق تۆت چوڭ سەركەردە كېلىپ ئېھتىرام بىلەن ئۇنى چايغا تەكلىپ قىلدى. سۇن ۋۇكۇڭ:
− رەھمەت، كايىشمىسىلا، بەكمۇ ئالدىراشمەن ! − دېدى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئۇدۇل ۋۇخاۋ قەسرىگە كەلدى، ئاندىن سۇ مالائىكىلىرىنى سۇ تەڭرىسىگە ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىشقا ئەۋەتتى.
− پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم سۇن ۋۇكۇڭ كەلدى ! − دەپ خەۋەر قىلدى ئۇلار. سۇ تەڭرىسى بۇنى ئاڭلاپ دېڭىز - ئوكيانلار، دەريالار، ئېرىق - ئۆستەڭلەر، ئېقىنلار ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ئەجدىھا شاھلارنى ئېنىقلاۋاتقان تەڭرى - مۇئەككەللىرىنى قايتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ، ئۆزى كىيىم - كېچىكىنى تۈزەشتۈرۈپ چىقىپ سۇن ۋۇكۇڭنى ئوردىغا باشلاپ كىردى:
− تۈنۈگۈن كې خەن قەسرىمنى تەكشۈرگىلى كەپتىكەن. تەۋەيىمدىكى تەڭرى، مالائىكىلەر ئىچىدىن نىيىتى بۇزۇلۇپ يامان يولغا ماڭغانلار بولۇپ قالمىسۇن، دەپ ھەممىنى ئېنىقلاپ چىقىۋاتاتتىم، بۇ ئىش تېخى تۈگىمىگەنىدى، − دېدى.
− مەن دېگەن ئالۋاستى سۇ مۇئەككىلى ئەمەس. بەكمۇ جىق ھۈنىرى بار بىرنېمە ئىكەن. مەن يۇرۇن سۇلتاننىڭ ئەمرىگە بىنائەن دەسلەپ پەلەك شاھى توتالى ئاتا - بالىنى ۋە چاقماق ھەزرەتتىن ئىككىنى باشلاپ چۇشۇۋىدىم، ئالۋاستى ئۇلارنىڭ ئالتە خىل قورال - يارىغىنى ئېلىۋالدى. پېقىر ئامالسىز يەنە قىزىلگۈل ئوردىسىغا بېرىپ ئوت تەڭرىسى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى چاقىرىپ كېلىپ ئوت قويغۇزۇۋىدىم، ئوت ئەجدىھاسى، ئوت ئېتى قاتارلىقلار يەنە ئالۋاستىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. مەن بۇ بىرنېمە ئوتتىن قورقمىغان بىلەن چوقۇم سۇدىن قورقىدۇ، دېگەن ئوي بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىۋىدىم. ئۆزلىرى سۇ بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئالۋاستىنى تۇتۇپ پەلەك سەردارلىرىنىڭ قورال - ياراغلىرىنى ئېلىپ بەرگەن بولسىلىرى پېقىرنىڭمۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ غەمدىن خالاس قىلاتتىلە، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
سۇ تەڭرىسى بۇنى ئاڭلاپ دەرھال خۇاڭخې دەرياسى مالائىكىسى شۈي بوغا:
− سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن بىللە بېرىڭ ! − دەپ ئەمر قىلدى.
شۈي بو چاپىنىنىڭ يېڭىدىن ئاق قاشتېشى قاچىدىن بىرنى ئېلىپ سۇن ۋۇكۇڭغا:
− بۇنىڭغا سۇ ئېلىۋالاي، − دېدى.
− نېمە ! بۇنىڭغا قانچىلىك سۇ پاتىدۇ؟ بۇنىڭ بىلەن ئالۋاستىنى قانداق غەرق قىلىۋەتكىلى بولىدۇ؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− تەقسىر، سىلىدىن يوشۇرمايمەن، بۇ قاچامغا خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى پاتىدۇ. يېرىم ئالسام دەريا سۈيىنىڭ يېرىمى، لىق ئالسام ھەممىسى پاتىدۇ، − دېدى شۈي بو.
− يېرىم قاچا ئالسىڭىزلا كۇپايە قىلىدۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ خۇشال بولۇپ، ئاندىن سۇ تەڭرىسى بىلەن خوشلىشىپ خۇاڭخى دەرياسى مالائىكىسى بىلەن ئەرشتىن ئايرىلدى.
شۈي بو خۇاڭخې دەرياسىدىن يېرىم قاچا سۇ ئالدى - دە، سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن جىندۇشەن تېغىغا كېلىپ پەلەك شاھى تەڭرىقۇت، چاقماق ھەزرەت، ئوت تەڭرىسى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشتى. بۇلار شۈي بوغا بايا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.
− جىق سۆزلىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. شۈي بو مەن بىلەن بىللە بارىدۇ، مەن ئىشىكنى ئاچقۇزغان ھامان شۈي بو ئالۋاستى چىققۇچە ئارىلىقتىلا سۇنى تۆكىدۇ، ئالۋاستى شۇ زامات سۇغا غەرق بولىدۇ، شۇندىلا مەن بېرىپ ئۇستازىمنى سۇدىن سۈزۈۋېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋالىمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
شۈي بو بۇيرۇققا بويسۇنۇپ سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن يولغا چىقتى. تاغ باغرىنى ئايلىنىپ غار ئاغزىغا باردى.
− ئىشىكنى ئېچىش !
ئىشىكباقار جىن سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ بېرىپ پادىشاھقا خەۋەر قىلدى:
− سۇن ۋۇكۇڭ يەنە كەلدى !
ئالۋاستى ئەڭگۈشتىرىنى ۋە قوراللىرىنى ئېلىپ چىقتى. تاش ئىشىك ئېچىلىشىغا شۈي بو ئاق قاشتېشى قاچىدىكى سۇنى غارغا تۆكتى. ئالۋاستى سۇنى كۆرۈپ قورالىنى قويۇپ شاققىدە چەمبىرەكنى ئېلىپ ئىككىنچى ئىشىكتىلا سۇنى توسۇۋالدى. سۇ شارقىراپ تاشقىرىغا ئېقىشقا باشلىۋىدى، سۇن ۋۇكۇڭ ھودۇقۇپ كەتتى - دە، شۈي بونى ئېلىپ بىر موللاق ئېتىپ تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىۋالدى. پەلەك شاھى قاتارلىقلار بۇلۇت بىلەن تاغ چوققىسى ئارىلىقىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا سۇنىڭ كارامىتىنى كۆرىمىز، دەپ تۇراتتى. سۇ شاۋقۇنلاپ، ئاسمان - پەلەك دولقۇن ياساپ ئېقىپ ھەممە يەرگە يېيىلىشقا باشلىدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى:
− چاتاق بولدى ! ھەممە ياقنى سۇ بېسىپ كەتتى، سۇ ئالۋاستىنىڭ غارىغا كىرمەي دېھقانلارنىڭ ئېتىزىغا كىرىپ كەتتى، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
سۇن ۋۇكۇڭ شۈي بودىن سۇنى دەرھال يىغىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغانىدى، ئۇ:
− مالائىكىلەر سۇنى قويۇشنىلا بىلىدۇ، يىغىۋالالمايدۇ. شۇڭا كونىلاردا: «چاچقان سۇنى يىغىۋالغىلى بولمايدۇ» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ − دېدى.
ئامال قانچە ! تاغ ئېگىز بولغاچقا، سۇ پەسكە قاراپ ئېقىپ ھەش - پەش دېگۈچە تەرەپ - تەرەپكە يول ئېلىپ، جىلغا - جىرالارغا قۇيۇلدى.
بىرقانچە جىن - شاياتۇن غاردىن چىقىپ چۇقان - سۈرەن قىلىشىپ، خۇشاللىقتىن تېرىسىگە سىغماي كېتىشتى.
پەلەك شاھى:
− سۇ غارغا كىرمەي بىكارلا زايە بولۇپ كەتتى - ھە ! − دېگەنىدى، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچتى. ئۇ ئىككى مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ جىنلارنىڭ قېشىغا باردى - دە:
− قېنى قەيەرگە قېچىشىسەن ! ماۋۇنى كۆر ! − دەپ ۋارقىرىدى.
جىنلارنىڭ جان - پېنى چىقىپ كەتتى ۋە قوراللىرىنى تاشلاپ قاچقىنىچە غارغا كىرىۋېلىپ خەۋەر قىلدى:
− غوجام، چاتاق بولدى ! سۇن ۋۇكۇڭ يەنە كەلدى.
ئالۋاستى نەيزىسىنى كۆتۈرۈپ غاردىن چىقىپ:
− ھە ئۆلۈمتۈك، ماڭا ئۆزۈڭ تەڭ كېلەلمىدىڭ، ئوت - سۇلىرىڭنىمۇ يېقىن يولىتالمىدىڭ، ئەمدى جېنىڭنى ماڭا ئامانەت قويغىلى كەلدىڭمۇ؟ − دېدى.
− ئاغزىڭغا بېقىپراق سۆزلىسەڭ بولارمىكىن ! قېنى كۆرىمىز، جاننى مەن ساڭا ئامانەت قويامدىمەن ياكى سەن ماڭا قويامسەن ! قېنى كەل، غوجا ئاكاڭنىڭ مۇشتتىنى بىر تېتىپ باق ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− پاھ، ماۋۇ مايمۇنەكنىڭ پوچىلىقىنى قارىمامدىغان ! مەن نەيزە ئىشلەتسەم ئۇ مۇشتتىنى ئىشلىتەر ئىمىش تېخى. ياڭاقچىلىك، بىر تېرە - بىر ئۇستىخان مۇشتۇڭنىڭ قانچىلىك تورى بار؟ بوپتۇ، نەيزەمنى قويۇپ سەن بىلەن مۇشتلىشىپ باقاي، − دېدى ئالۋاستى.
− بۇ گېپىڭ جايىدا، قېنى كەل ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ.
ئالۋاستى كىيىمىنى سېلىۋېتىپ بازغاندەك مۇشتتىنى تۈگدى. سۇن ۋۇكۇڭمۇ قەددىنى رۇسلاپ ئېلىشىشقا تەييارلاندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن غار ئالدىدىلا تۇتۇشۇپ كەتتى. بۇلار ئون مەرتەم قاتتىق تۇتۇشۇپ كۈچتە تەڭ كېلىپ قالدى، تاغ چوققىسىدا تۇرغان پەلەك شاھى توتالى ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ بارىكاللا ئېيتتى، ئوت تەڭرىسى چاۋاك چېلىپ سۇن ۋۇكۇڭنى ماختاپ كەتتى. ئىككى نەپەر چاقماق ھەزرەت، شاھزادە ناجا، تەڭرىلەر ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ھە - ھۇ دېيىشكە باشلىدى. جىنلارمۇ تۇغ - ئەلەملەرنى كۆتۈرۈپ، داقا - دۇمباقلارنى چېلىپ، قىلىچ - نەيزىلەرنى ئوينىتىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالغان سۇن ۋۇكۇڭ بىر تۇتام مويىنى يۇلۇپ ھاۋاغا چاچتى - دە، «سۈف» دېگەنىدى، شۇئان قىرىق - ئەللىك مايمۇنچاق پەيدا بولدى - دە، بەزىلىرى جىنلارنىڭ پۇتىغا، بەزىلىرى بېلىگە ئېسىلدى. گاھىلىرى كۆزىگە چاڭ سالدى، گاھىلىرى مويىنى يۇلدى. بۇنى كۆرگەن ئالۋاستى ھۇلۇقۇپ كېتىپ دەرھال چەمبىرىكىنى ئالدى. شۇ ئارىلىقتا سۇن ۋۇكۇڭ، پەلەك شاھى قاتارلىقلار بىر موللاق ئېتىپلا بۇلۇت ئۈستىگە چىقىپ قۇتۇلۇۋالدى. ئالۋاستى چەمبىرىكىنى «ۋىژ» قىلىپ ئېتىپ مايمۇنچاقلارنى يىغىۋېلىپ غارغا كىرگۈزۈۋەتتى. ئاندىن غەلىبە قىلدۇق، دەپ لەشكەرلىرىنى يىغىپ خۇشال ھالدا غارغا قايتتى.
− سۇن ۋۇكۇڭ كارامەت باتۇر ئىكەن جۇمۇ ! − دېدى پەلەك شاھى، − مۇشتلىشىش گۇمپىسىمۇ قالتىس ئىكەن؛ بار ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى ئوبدانلا كۆرسەتتى.
− ئالۋاستىغا كۈچۈم يېتىدۇ. پەقەت ئۇنىڭ چەمبىرىكىگە ئامال قىلالمايۋاتىمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئۇنى يېڭىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەڭگۈشتىرىنى قولغا چۈشۈرۈشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئۇنى تۇتالايمىز، − دېدى ئوت تەڭرىسى بىلەن شۈي بو.
− ئۇنى قانداق قولغا چۈشۈرىمىز؟ ئوغرىلىساق بولامدىكىنيا، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− ئوغرىلايدىغان ئىش بولسا سىلىدىن ئۇستىسى يوق، − دېدى چاقماق ھەزرەت دېڭ خۇا بىلەن جاڭ فەن، − ئۆز ۋاقتىدا ئەرشنى مالىمان قىلماقچى بولۇپ تۇڭلاپ ھاراقلارنى، ياڭاقلارنى، ئەجدىھانىڭ جىگىرىنى، سۈمۇرغنىڭ يىلىكىنى، پېشۋالىرىمىزنىڭ خاسىيەتلىك دورىلىرىنى قانداق ئۇستىلىق بىلەن ئوغرىلىغان - ھە ! بۈگۈن شۇ ھۈنەرلەر ئەسقاتسا ئەجەب ئەمەس.
− بەللى ! بەلەن گەپ بولدى ! ئۇنداق بولسا ئولتۇرۇپ تۇرۇشسىلا، بېرىپ تىڭ تىڭلاپ باقاي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
سۇن ۋۇكۇڭ بىر سەكرەپلا چوققىدىن چۈشۈپ تۇيدۇرماستىن غار ئاغزىغا باردى، بىر دومىلاپ ئاجايىپ چىرايلىق سۈر چىۋىنغا ئايلاندى - دە، يېنىك ئۇچۇپ ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ئىچكىرىگە كىردى. چوڭ - كىچىك جىنلار ئىككى تەرەپتە تىزىلىپ تۇرۇپ ئۇسسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى؛ ئالۋاستى بولسا تەختىدە ئولتۇرۇپ مەي ئىچىۋاتاتتى. سۇن ۋۇكۇڭ جىنلار توپى ئىچىگە چۈشۈپ بورسۇقباش جىنغا ئايلاندى. ئاستا - ئاستا تەختكە يېقىن كېلىپ زەن قويۇپ قارىۋىدى، ئەڭگۈشتەر كۆرۈنمىدى. ئايلىنىپ تەختنىڭ ئارقىسىغا ئۆتتى. ئۇشتۇمتۇت كۈنچىقىشتىكى تامغا يۆلەكلىك تۇرغان ئالتۇن توقىسىغا كۆزى چۈشۈپ خۇشال بولۇپ كەتتى، ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرقىنى ئۇنتۇپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى ئېلىۋېلىپ ئەسلىي قىياپىتىگە كىردى - دە، ئالتۇن توقىدا يول ئېچىپ تاشقىرىغا ماڭدى. ئالۋاستى گاڭگىراپ قالدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇدۇل كەلگەننى ئۇرۇپ - يىقىتىپ قانلىق يول ئېچىپ غاردىن چىقىۋالدى. دېمەك، ئالۋاستى مەغرۇرلۇقتىن بىخۇدلاشتى، مال ئۆز ئىگىسىنى تاپتى. كېيىن قانداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder