غەربكە ساياھەت - يەتتىنچى باب

 


يەتتىنچى باب

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ رەم ئوچىقىدا تاۋلىنىپ چىققانلىقى

ۋۇخاڭشەن تېغىنىڭ ئاستىغا بەند قىلىنغانلىقى

ئەلقىسسە، پەلەك لەشكەرلىرى سۇن ۋۇكۇڭنى تۇتۇپ جازا مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى ۋە جازا تۈۋرۈكىگە باغلاپ قىلىچ، پالتىلار بىلەن چاپتى، نەيزىلەرنى سانجىدى. بىراق، ئۇنىڭ بەدىنىگە قىلچىمۇ زەخمەت يەتكۈزەلمىدى. بۇ چاغدا جەنۇبىي قۇتۇپ يۇلتۇزى ئوت مالائىكىلىرىنى چاقىرىپ ئۇنى ئوت - يالقۇن ئىچىدە ئۆرتەشكە بۇيرۇدى. بۇمۇ كار قىلمىدى. يەنە گۈلدۈرماما مالائىكىلىرىنى بۇيرۇپ چاقماق بىلەن سوقتۇردى. بۇ نەرسىلەر سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زەخمەت يەتكۈزەلمىدى. ئاخىر كۈچتۈڭگۈر جەنناس كۆپچىلىك بىلەن بىرگە يۇرۇن سۇلتاننىڭ ئالدىغا كىرىپ:

− سەلتەنەتلىك شاھ ئالىيلىرى، بۇ ئەۋلىيا ئەزەم قانداق سېھىرگەرلىكنى ئۆگىنىپ كەلدىكىنتاڭ، پالتا، قىلىچلار بىلەن چاناپ، ئوت - چاقماقلار بىلەن كۆيدۈرۈپ باقساقمۇ مىت قىلماي ساق تۇرىدۇ. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ − دېدى.

− بۇ ئەبلەخنى قانداق بىر تەرەپ قىلساق بولاركىن؟ − دېدى يۇرۇن سۇلتانمۇ ئەتراپىغا سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ.

بۇ چاغدا ئەۋلىيا پېشۋاسى ئالدىغا چىقىپ مۇنداق ئىلتىجا قىلدى:

− بۇ مايمۇن پىرونۇس شاپتۇلىنى يەۋالدى، شاھانە شارابنى ئىچىۋالدى، ئىسكىر - ناياپنىمۇ ئوغرىلاپ كەتتى. شۇڭا، ئۇنىڭ بەدىنى گىگانتقا ئايلىنىپ، ھېچنېمە كار قىلماس بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كۆرە، مەن ئۇنى ئاپىرىپ رەم ئوچىقىدا كۆيدۈرۈپ، ئىسكىر - ناياپنى چىقىرىۋالاي، ئۆزىنى كۈلگە ئايلاندۇرۇپ تاشلىۋېتەي !

يۇرۇن سۇلتان بۇنى ئاڭلاپ ئالتە كۈتۋال بىلەن ئالتە چىغىناققا سۇن ۋۇكۇڭنى بوشىتىپ ئەۋلىيا پېشۋاسىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ئەۋلىيا پېشۋاسى پەرماننى ئىلكىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

ئۇ تۇشتا سارىيىغا كېلىپلا سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قولىنى يېشىپ، تارغاق سۆڭىكىگە ئۆتكۈزۈپ قويغان زىخنى سۇغۇرۇپ ئېلىۋېتىپ، ئۇنى رەم ئوچىقىغا تاشلىدى ۋە ئوچاققا قارايدىغان زاھىت، ئوت قالايدىغان غۇلاملارغا ئوتنى ئۇلغايتىشنى بۇيرۇدى. ئۇ ئوچاق ئاسمان، ئويمان، تاغ، گۈلدۈرماما، شامال، ئوت، تۇپراق، سايازلىق قاتارلىق سەككىز قەۋەتلىك رەم ئوچىقى ئىدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئوچاقنىڭ دەل شامال قەۋىتىگە بېكىنىۋالدى. بۇ يەردە ئوت كۆيمەيتتى. شامال بىلەن تۈرۈلۈپ كەلگەن ئىس - تۈتەكلەر ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قىزارتىۋەتتى. بارا - بارا ئۇنىڭ كۆزلىرى يالقۇنلۇق بىگاھقا ئايلاندى.

كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ تېز ئۆتتى. كۆيە - كۆيە قىرىق توققۇز كۈن بولغاندا ئەۋلىيا پېشۋاسى ئوتنى توختىتىپ، ئىسكىر - ناياپنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئوچاقنىڭ ئاغزىنى ئاچتى. ياش ئېقىۋاتقان كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ئولتۇرغان سۇن ۋۇكۇڭ تاراقلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئىتتىك كۆزىنى ئاچتى ۋە ئوچاق ئىچىگە كىرىپ كەلگەن يورۇقلۇقنى كۆردى. ئۇ تاقەتسىزلىك بىلەن ئوچاق ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقتى - دە، ئوچاقنى بىرلا تېپىپ ئۆرۈۋېتىپ، سىرتقا قاراپ قاچتى. ئوت قالىغۇچى، ئوچاققا قارىغۇچى زاھىدلار ۋە كۈتۋاللار ئالمان - تالمان كېلىپ ئۇنىڭغا يۇپۇرۇلدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارنى بىر - بىرلەپ يەر چىشلەتتى. ئارقىدىنلا ئەۋلىيا پېشۋاسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى كاپ قىلىپ تۇتۇۋالدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىمۇ بىرلا ئىتتىرىپ تىك موللاق چۈشۈرۈۋېتىپ قۇتۇلۇپ چىقتى - دە، قۇلىقىدىن دىلىپسەن گۈرزىسىنى چىقىرىپ، شامالدا بىر - ئىككى سىلكىپلا پىيالىنىڭ ئاغزىدەك توملۇقتا قىلىپ، ئالدىغا ئۇچرىغان نەرسىنى ئۇرۇپ - چېقىپ، پەلەك ئوردىلىرىنى قالايمىقان قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن توققۇز ئەقرەب ئىشىك - دېرىزىلىرىنى مەھكەم تاقىۋېلىشتى. تۆت پەلەك شاھى قەيەرگىدۇر غايىب بولدى. ئۇ نۇرانە قەسرىنى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىپ، خىسلەتدار قەسرىگە كەلگەندە قەسرىنى قوغداۋاتقان باقاۋۇل قەسىر بېگى قولىغا ئالتۇن قامچىسىنى ئېلىپ، ھەيۋەت بىلەن بېسىپ كەلگەن سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى ۋە:

− ھەي ئۆلۈمتۈك مايمۇن ! قەيەرگە بارماقچىسەن؟ مەن بار يەردە كۆرەڭلىگۈچى بولما ! − دەپ ۋارقىرىدى.

سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ سۆزىگە پىسەنتمۇ قىلماستىن گۈرزىسىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ سالدى. ئوردا باقاۋۇل بېگى قامچىسىنى ئىشقا سېلىپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇردى.

خىسلەتدار قەسىرنىڭ ئالدىدا بىر مەيدان ئېلىشىش باشلىنىپ كەتتى. شۇ ئارىدا قەسىرنىڭ پاناھدار خانى ياردەمچى ئەمىرنى گۈلدۈرماما مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ، ئوتتۇز ئالتە گۈلدۈرماما سەركەردىسىنى باشلاپ كەلدى. ئۇلار سۇن ۋۇكۇڭنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ غالجىرلىق بىلەن ھۇجۇم ياسىدى. سۇن ۋۇكۇڭ بولسا قىلچە قورقماستىن تۇرۇپ، بىر تال گۈرزىسى بىلەنلا ئۇلارنىڭ زەربىسىنى قايتۇردى. بىرئازدىن كېيىن گۈلدۈرماما سەركەردىلىرىنىڭ نەيزە، قىلىچ، يالمان، يارما دەستە، ئۇمۇت، دەررە، ئايپالتا ۋە تىرنىلىرى سۇن ۋۇكۇڭنى بارغانسېرى شىپقاپ كەلدى. ئۇ شۇ ھامان بىرلا ئۆزگىرىپ ئۈچ باشلىق، ئالتە قوللۇق بولدى - دە، دىلىپسەن گۈرزىسىنى ئۈچ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا خۇددى چاقپەلەكتەك پىرقىراشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغان گۈلدۈرماما مالائىكىلىرى نېمە قىلارىنى بىلمەي ۋارقىرىشىپ - جارقىرىشىپ كەتتى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان يۇرۇن سۇلتان دەرھال قورشاۋ بېگى بىلەن چاپاۋۇل شاھقا كۈنپېتىش دىيارىغا بېرىپ سۇن ۋۇكۇڭنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن بۇددا پەيغەمبىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە پەرمان چۈشۈردى.

ئىككى ئەۋلىيا پەرماننى ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن لىڭشەن تېغىدىكى لېييىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېلىپ تۆت ۋاجرا ۋە سەككىز بۇدساتۋاغا تەزىم - تاۋاپ بەجا كەلتۈردى ھەم تاتھاگاتو بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلدى. مالائىكىلەر ئەۋرەڭ مۇنبىرى ئالدىغا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى يەتكۈزدى. تاتھاگاتو كىرىشكە ئىجازەت بەردى. ئىككى ئەۋلىيا بۇتخانىغا كىرىپ تاتھاگاتوغا تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن مۇنبەر ئالدىدا تىك تۇرۇشتى.

− يۇرۇن سۇلتان نېمە سەۋەبتىن ئىككىڭلارنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپ قالدى؟ − دەپ سورىدى تاتھاگاتو.

ئىككى ئەۋلىيا ئەھۋالنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

− نەچچە ۋاقىتتىن بېرى گۈلشەن تېغىدا ئاپىرىدە بولغان بىر مايمۇن ئۆزى بىلگەنچە ئەزۋەيلەپ مايمۇنلارنى توپلاپ جاھاننى مالىمان قىلدى. يۇرۇن سۇلتان ئەل قىلىش يارلىقىنى چۈشۈرۈپ ئۇنى مىراخورلۇققا قويۇۋىدى، ئۇ ئەمەل - مەرتىۋىسىنى كىچىك كۆرۈپ قېچىپ كەتتى. ۋايجىراۋانا بىلەن شاھزادە ناجا ئۇنى قوغلاپ چۈشۈپمۇ بويسۇندۇرالمىدى. شۇنىڭ بىلەن يۇرۇن سۇلتان ئۇنىڭغا قايتىدىن «پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم» ئۇنۋانىنى بېرىپ ئەرشكە ئاچىقتى. ئۇنىڭ ئەمىلى بولغان بىلەن مائاش بېرىلمەيتتى. ئۇ پىرونۇس شاپتۇللۇق بېغىنى باشقۇرۇشقا قويۇلغاندىن كېيىن شاپتۇللارنى ئوغرىلاپ يەپ كەتتى. قاشبۇلاققا كېلىپ نازۇنېمەتلەرنى، شارابلارنى ئوغرىلىدى. بەزمىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى ۋە تۇشتا سارىيىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ پېشۋا چالنىڭ ئىسكىر - ناياپلىرىنى بۇلاپ ئەرشتىن قېچىپ چۈشۈپ كەتتى. يۇرۇن سۇلتان يۈز مىڭ ئەرش لەشكىرىنى ئەۋەتىپمۇ ئۇنى بويسۇندۇرالمىدى. كېيىن ئاۋالوكتسۋارا ئەۋلىيا ئەرلاڭ بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىنى ئەۋەتىۋىدى، ئۇ سېھىرگەرلىك قىلىپ بوي بەرمىدى. ئاخىر ئەۋلىيا پېشۋاسى ئالماس بىلەزۈك بىلەن ئۇنى ئۇرۇپ يىقىتقاندىن كېيىنلا ئەرلاڭ ئۇنى قولغا چۈشۈردى. ئەرشكە ئاچىققاندىن كېيىن يۇرۇن سۇلتان ئۇنى چېپىپ تاشلاشقا بۇيرۇدى. بىراق قىلىچ، نەيزە ۋە گۈلدۈرماما، چاقماقلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا كار قىلمىدى. بۇ چاغدا ئەۋلىيا پېشۋاسى سۇلتاننىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۇنى ئاپىرىپ رەم ئوچىقىغا تاشلاپ كۆيدۈردى. قىرىق توققۇزىنچى كۈنى ئوچاقنىڭ ئاغزى ئېچىلىشى بىلەنلا، ئۇ ئوچاق ئىچىدىن سەكرەپ چىقىپ، پەلەك كۈتۋاللىرىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ، نۇرانە قەسىر بىلەن خىسلەتدار قەسرىگە بېسىپ كىردى. باقاۋۇل ئوردا بېگى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ قاتتىق ئېلىشتى، ئوتتۇز ئالتە گۈلدۈرماما سەركەردىسىمۇ كېلىپ ئۇنى قورشىۋالدى. بىراق، ئۇلارمۇ تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمىدى. ئەھۋال ناھايىتى جىددىي، شۇ ۋەجدىن، يۇرۇن سۇلتان ئۆزلىرىدىن ياردەم تىلەپ مېنى ئەۋەتكەنىدى !

تاتھاگاتو بۇ باياننى ئاڭلاپ دەرھال ئاناندا، ماخاكاسياپا ئىسىملىك ئىككى مۇرىتىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئىبادەتخانىدىن چىقتى - دە، خىسلەتدار قەسىرنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردىكى ۋارقىراپ - جارقىراشلار قۇلاق - مېڭىنى يەپ كەتكۈدەك دەرىجىدە بولۇپ، ئوتتۇز ئالتە گۈلدۈرماما مالائىكىسى سۇن ۋۇكۇڭنى ئارىغا ئېلىۋالغانىدى. بۇ چاغدا تاتھاگاتو پەرمان چۈشۈردى:

− گۈلدۈرماما سەركەردىلىرى جەڭنى دەرھال توختاتسۇن، بارگاھ ئېچىۋېتىلىپ ئەۋلىيا ئەزەم مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىنسۇن، مەن ئۇنىڭ قانداق سېھرىي قۇدرىتى بارلىقىنى سوراپ باقاي !

سەركەردىلەر جەڭنى توختىتىپ چېكىندى. سۇن ۋۇكۇڭمۇ سېھرىي قىياپىتىدىن يېنىپ، ئۆز ئەسلىگە قايتتى ۋە تاتھاگاتونىڭ ئالدىغا دەرغەزەپ بىلەن كېلىپ:

− قەيەردىن كەلگەن شاپائەتچىسەن؟ ئەجەب لەشكەرلەرنى توختىتىپ مېنى سوراق قىلماقچى بولۇۋاتىسەنا؟ − دەپ ۋارقىرىدى.

تاتھاگاتو كۈلۈپ قويۇپ:

− ئامىتابا ! مەن كۈنپېتىشتىكى بېھىشتىن كەلگەن ساكيامۇنى بولىمەن. بۈگۈن ھەددىڭدىن ئېشىپ كۆرەڭلەپ، ئەرشكە ئۆكتە قوپقانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. ئۆزۈڭ قەيەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، قاچان ئىستىقامەت قىلغان؟ نېمىشقا بۇنچە زوراۋانلىق قىلىسەن؟ − دېدى.

− سۆزۈمگە قۇلاق سالسىلا ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ تۆۋەندىكى نەزمىنى باشلاپ:

كائىنات تۇغقان زېرەك بىر ئەۋلىيادۇرمەن ئۆزۈم،

ئۇشبۇ گۈلشەن تېغىدىكى مايمۇنلار سەردارىمەن.

بولدى ھۆر ماكان ماڭا سۇ پەردىلىك غارنىڭ ئىچى،

دوست تۇتۇپ، ئۇستاز تۇتۇپ بولدۇم سېھىر پالۋانىمەن،

كۆپ ئۆمۈر كۆرمەككە ئۆگەندىم ماھارەت شۇنچە كەڭ،

قادىر بولدۇم كۈللى خىلدا ئۆزگىرىشكە بىمالال،

ئەمدى تار كەلدى بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن قەپەس كەبى.

شۇ سەۋەب ھەم ئەرشتە تۇرماقنى چوقۇم قىلدىم خىيال.

ئۇشبۇ خىسلەتدار قەسىر باقىي ئەمەس ھېچكىمگىمۇ،

تاكى ئەزەلدىن ئالمىشىپ كەلگەن بۇ تەخت ھەم بۇ خاقان.

مەردكە شان خاستۇر ھامان، ئەمدى پەيت كەلدى ماڭا،

ئېلىشار مەيدان ئارا گەر كىمىكى بولسا قەھرىمان.

تاتھاگاتو بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سوغۇق بىر كۈلۈپ قويدى ۋە:

− سەن ئەسلىي مايمۇن زاتى تۇرۇقلۇق يەنە نامەردلىك قىلىپ تېخى يۇرۇن سۇلتان بىلەن ئورۇن تالاشماقچى بولۇۋاتامسەن؟ ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ جان كۆيدۈرۈپ، بىر مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك قېتىملىق بالايىئاپەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ھەربىر بالايىئاپەت يىگىرمە توققۇز مىڭ ئالتە يۈز يىلغا باراۋەر بولىدۇ. قېنى ھېسابلاپ كۆرگىن، قانچە يىل بولىدىكەن؟ ئۇ مۇشۇ ئەجرى ئۈچۈن جاھان راھىتىدىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق ئەمەسمۇ؟ سەن جاھان كۆرمىگەن ھايۋان بۇنچىلىك چوڭ سۆزلەپ كەتمىگىن ! − دېدى.

− ئۇ ياشقا چوڭ، ئەجرى كۆپ بولسىمۇ، بۇ يەردە مەڭگۈ تۇرۇۋالسا بولمايدۇ - دە، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − «خانلىق تۇرغاي ئالمىشىپ، ئەتە كەلگەي ماڭا يېتىپ» دېگەن گەپ بار. ئۇ ئەرش قەسرىنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، بۇ يەردىن چىقىپ كەتسىلا بولدى. ئەگەر ئۆتۈنۈپ بەرمەيدىكەن، ئالەمنى مالەم قىلىپ، مەڭگۈ تىنچ قىلمايمەن !

− بۇ سەلتەنەت قەسرىنى تالىشىدىغانغا سېنىڭ مەڭگۈ قېرىماسلىق ماھارىتىڭدىن باشقا يەنە قانداق كارامىتىڭ بار ئىدى؟

− ھۈنەر دېسە مەندە ئېشىپ - تېشىپ تۇرۇپتۇ. يەتمىش ئىككى خىل ئۆزگىرەلەيمەن، ھەرقانداق بالايىئاپەتتىمۇ ئۆلمەي مەڭگۈ ياش تۇرالايمەن. بۇلۇتلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ، بىر موللاق ئېتىشىمدا بىر يۈز سەكسەن مىڭ چاقىرىم يۈرەلەيمەن. مۇشۇ ماھارەتلىرىم بىلەن ئەرش قەسرىدە تۇرۇشقا مۇناسىپ بولالمامدىمەن؟

− ئۇنداق بولسا بىز پۈتۈشەيلى، ئوڭ قولۇمنىڭ ئالىقىنىدىن بىرلا موللاق ئېتىپ چىقىپ كېتەلىسەڭ ئۇتقان ھېساب بول، قايتا جەڭ قىلىپ ئېلىشىپمۇ يۈرمىگىن، يۇرۇن سۇلتان ئەرشنى ساڭا بىكارلاپ بېرىپ، كۈنپېتىشقا كەتسۇن. ئەگەر ئالىقىنىمدىن چىقىپ كېتەلمىسەڭ، يەرگە قايتىپ چۈشۈپ ماھارىتىڭنى ئاشۇرغاندىن كېيىن ئاندىن كېلىپ ئېلىشقىن.

سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «تاتھاگاتو دېگەن بۇ بىرنېمە تازا ھاماقەتمۇ نېمە؟ مەن بىر موللاق ئېتىشىمدا بىر يۈز سەكسەن مىڭ چاقىرىم يۈرەلەيدىغان تۇرسام، ئۇنىڭ ئالىقىنى بىر چىمۇ چىقمايدىغان تۇرسا، سەكرەپ چىقىپ كېتەلمەسمەنما؟» دېگەننى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى - دە، دەرھال:

− ئۇنداق بولسا گەپلىرىدە تۇرالامدىلا؟ − دەپ سورىدى.

− گېپىم گەپ ! − دېدى تاتھاگاتو ۋە شۇئان ئالىقىنىنى ئاچتى. ئۇنىڭ ئالىقىنىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى نېلۇپەر يوپۇرمىقىچىلىك بار ئىدى.

سۇن ۋۇكۇڭ گۈرزىسىنى قۇلىقىغا سېلىپ قويۇپ، مەردانە قىياپەتتە تاتھاگاتونىڭ ئالىقىنىغا دىككىدە سەكرەپ چىقتى ۋە:

− خوش ئەمىسە، مەن كەتتىم ! − دېگەن پېتى بۇلۇتلارنى ئارقىغا تاشلاپ كۆزدىن غايىب بولدى.

تاتھاگاتو ئۇنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆزىتىپ تۇردى. سۇن ۋۇكۇڭ خۇددى چاقپەلەكتەك پىلدىرلاپ ئالغا كېتىۋاتاتتى. ئۇ كېتىۋېتىپ بىردىنلا بەش تال گۆش تۈۋرۈككە دۇچ كەلدى. ئۇنىڭ ئەتراپىنى كۆكۈچ تۇمان قاپلىغانىدى.

«بۇ ئاداققى پەللە بولسا كېرەك، ئەمدى قايتىپ كەتسەم، تاتھاگاتو كېپىل بولسا خىسلەتدار قەسرى جەزمەن ئىلكىمگە ئۆتىدۇ، − ئۇ سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، − ياق، ئالدىراپ كەتمەي. تاتھاگاتوغا گەپ قىلىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بۇ يەرگە بىرەر بەلگە قىلىپ قوياي» دېدى - دە، بىر تال مويىنى يۇلۇۋېلىپ «سۈف» قىلغىنىچە «ئۆزگەر» دەپ ئىلتىجا قىلدى. شۇئان قېنىق سىياھقا چىلانغان بىر تال موي قەلەم پەيدا بولدى. ئۇ ئوتتۇرىدىكى تۈۋرۈككە چوڭ - چوڭ قىلىپ «پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم بۇ يەرنى سەيلە قىلىپ كەتتى» دېگەن خەتنى يېزىپ قويدى. خەتنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن مويىنى يىغىشتۇردى ۋە ئەدەبسىزلىك بىلەن بىرىنچى تۈۋرۈكنىڭ تۈۋىگە مايمۇن پەدىسىدە سىيىپ قويدى. ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ بۇلۇتلار ئۈستىدە موللاق ئېتىپ ئەسلىي جايىغا قايتىپ كەلدى ۋە تاتھاگاتونىڭ ئالىقىنىدا تۇرۇپ:

− مەن بېرىپ - كېلىپ بولدۇم، سىلى يۇرۇن سۇلتانغا بېرىپ ئېيتسىلا، ئۇ سەلتەنەت قەسرىنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرسۇن ! − دېدى.

− ھەي، سىيگەك مايمۇن ! − دېدى تانھاگاتو ئۇنى تىللاپ، − سەن مېنىڭ ئالىقىنىمدىن چىقالمىدىڭغۇ !

− سىلى نېمىنى بىلىدىلا، مەن ئەرشنىڭ ئەڭ چېتىگىچە باردىم. قارىسام بەش قىزىل گۆش تۈۋرۈك كۆكۈچ تۇمانغا قاپلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئۇ يەرگە بەلگە قىلىپ قويدۇم. ئىشەنمىسىلە بىللە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.

− بېرىش ھاجەتسىز، ئۆزۈڭ بېشىڭنى ئېگىپ قاراپ باققىن ! − دېدى تاتھاگاتو.

سۇن ۋۇكۇڭ ئوت چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، تۆۋەنگە ئېگىلىپ قارىغۇدەك بولسا، تاتھاگاتونىڭ ئوتتۇرا بارمىقىغا «پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم بۇ يەرنى سەيلە قىلىپ كەتتى» دېگەن خەت يېزىلغان ھەم ئوڭ بارمىقىنىڭ تۈۋىدىن مايمۇن سۈيدۈكىنىڭ بەتبۇي پۇرىقى كېلىۋاتقانىكەن. سۇن ۋۇكۇڭ ھەيران بولۇپ:

− بۇ قانداق بولغىنى ! مەن بۇ خەتنى ئەرش تۈۋرۈكىگە يېزىپ قويغان تۇرسام، قانداق قىلىپ سىلىنىڭ بارماقلىرىغا كېلىپ قالدى؟ بۇ يەردە چوقۇم بىر سېھىرگەرلىك بار. مەن ئىشەنمەيمەن ! توختاپ تۇرسىلا، مەن يەنە بىر بېرىپ كېلەي، − دېدى.

سۇن ۋۇكۇڭ مېڭىشقا تەييارلىنىپ تۇرۇشىغا تاتھاگاتو بىر شاپىلاق قويۇپلا ئۇنى غەربىي ئەرش دەرۋازىسىدىن دومىلىتىپ چۈشۈرۈۋەتتى - دە، بەش بارمىقىنى ئالتۇن، ياغاچ، سۇ، ئوت، تۇپراقتىن ئىبارەت بىر - بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان بەش تاغقا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا بەش ئاناسىر تېغى دەپ نام قويۇپ، سۇن ۋۇكۇڭنى يېنىككىنە باستۇرۇپ قويدى. بۇنى كۆرگەن گۈلدۈرماما مالائىكىلىرى بىلەن ئاناندا ۋە ماخاكاسياپالار چاۋاك چېلىشىپ «بەلەن بولدى، ئەجەپ بەلەن بولدى !» دەپ ئاپىرىن ئوقۇشتى.

تاتھاگاتو سۇن ۋۇكۇڭنى تاغ ئاستىغا باستۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئاناندا بىلەن ماخاكاسياپانى چاقىرىپ، كۈنپېتىشتىكى بېھىش دىيارىغا قايتماقچى بولدى. شۇ ئەسنادا ئىككى ئەرش پالۋانى خىسلەتدار قەسرىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ:

− تاتھاگاتو، سەل كۈتۈپ تۇرسىلا، ئۇلۇغ ئىگەم كېلىۋاتىدۇ، − دېدى.

تاتھاگاتو بۇ سۆزنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى. ھايت - ھۇيت دېگۈچە ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئەنقا تەختىراۋانلار پەلەكنى زىلزىلىگە سالغان نەغمە - ناۋا، گۈزەل قەسىدە كۈيلىرى، رەڭدار چاچقۇ ۋە خۇش پۇراق كۈجە - ئىسرىقلار ئىچىدە يېتىپ كەلدى. يۇرۇن سۇلتان تەختىراۋان ئىچىدىن چىقىپ:

− ھەزرەتلىرىنىڭ جادۇگەرنى ئۇجۇقتۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت. بولسا بىرەر كۈن تۇرۇپ بەرگەن بولسىلا، ئەۋلىيالارنى چاقىرىپ كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلار ئىدۇق، − دېدى.

تاتھاگاتو رەت قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىماي، قولىنى جۈپلەپ تەشەككۈر بىلدۈردى ۋە:

− مەن ئىززەتلىك ئىگەمنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن، كۈچ - ماھارىتىممۇ چاغلىق. يەنىلا ئىززەتلىك ئىگىمىز بىلەن ئەۋلىيالىرىمىز تەلەيلىك ئىكەن. رەھمەت ئېيتىشقا ئەرزىگۈدەك نېمىسى بولسۇن؟ − دېدى.

يۇرۇن سۇلتان شۇئان گۈلدۈرماما مالائىكىلىرىنى ئەۋەتىپ ئەرشتىكى بارلىق بەگ - سىپاھلارنى، مالائىكى، ئەۋلىيالارنى، پېشۋا، سەركەردىلەرنى چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇدى ۋە تۆت چوڭ پەلەك مۇرەببىسى بىلەن توققۇز جەننەتتىكى پەرىزاتلارغا ئەرشتىكى ھەرقايسى قەسىر، ئوردىلارنى ئاچقۇزۇپ، تاتھاگاتونى سەلتەنەت مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلىپ، تۈرلۈك نازۇنېمەتلەرنى، ئېسىل شارابۇ ئەنتۇھۇرلارنى، پىرونۇس شاپتۇللىرىنى كەلتۈردى.

بىرئازدىن كېيىن يۇرۇن قۇتبۇل ساماۋى ھەزرەتلىرى، يۇقىرى قۇتبۇل گۆھىرى ھەزرەتلىرى، ساقىپ قۇتبۇل پەزىلەت ھەزرەتلىرى، ھاۋايىخان ھەزرەتلىرى، قابىس يۇلتۇز تۆرە، ئۈچ چاپارمەنلەر، پەلەك شاھلىرى ۋە ناجا قاتارلىق پەلەك مۆتىۋەرلىرى قاتار - قاتار تۇغ - ئەلەملەر ئاستىدا قوللىرىدا ئېسىل گۆھەر - مەرۋايىتلارنى، ئابىھايات مېۋىلىرىنى، خۇش ئەمبەر گۈل - گىياھلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا تاتھاگاتونىڭ ئالدىغا كېلىپ تاۋاپ قىلىشتى ۋە بىردەك:

− جادۇگەر مايمۇننى تەڭداشسىز قۇدرەتلىرى بىلەن يەڭگەنلىرىگە بارىكاللا ! سۇلتان ئالىيلىرى ئۆزلىرىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بىزنى بۇ بەزمىگە تەكلىپ قىلدى. جانابلىرى بۇ بەزمىگە بىر ئىسىم قويۇپ بەرسىلە قانداق؟ − دېيىشتى.

تاتھاگاتو ئەۋلىيالارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ:

− ئۇنداق بولسا بۈگۈنكى بۇ بەزمىنى «ئەرش ئاسايىشلىق بەزمىسى» دەيلى، − دېدى.

− ناھايىتى باب ئىسىم، ناھايىتى باب ئىسىم ! − دېيىشتى ئەۋلىيالار بىردەك تەستىقلىشىپ.

شۇنىڭدىن كېيىن ھەممەيلەن تېگىشلىك جايلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، قەدەھلەرنى ئايلاندۇرۇپ، نەغمە -ناۋانى باشلىۋەتتى. ھەممەيلەن غەرق مەست بولدى. شۇ ئارىدا چارلىغۇچى بەگ يۈگۈرۈپ كىرىپ:

− ئەۋلىيا ئەزەم بېشىنى چىقىرىۋاپتۇ ! − دەپ خەۋەر قىلدى.

− ھېچ ۋەقەسى يوق، ئەنسىرىمەڭلار ! − دېدى تاتھاگاتو ۋە يېڭىدىن «ھىم، ما، نى، با، مۇ، نۇ» دېگەن ئالتە خەت يېزىلغان بىر باغاقچىنى چىقىرىپ، ئانانداغا بەردى ۋە ھېلىقى تاغنىڭ چوققىسىغا چاپلاپ قويۇشقا بۇيرۇدى.

ئاناندا بۇ باغاقچىنى ئېلىپ ئەرش دەرۋازىسىدىن چىقتى - دە، بەش ئاناسىر تېغىنىڭ چوققىسىغا يېتىپ كېلىپ چوڭ بىر چاسا تاشقا مەھكەم قىلىپ چاپلاپ قويدى. ھېلىقى تاغدىن يىلتىزلار ئۆسۈپ چىقىپ يېرىقلار ئېتىلدى. سۇن ۋۇكۇڭغا پەقەت نەپەس ئالغۇدەك، قوللىرىنى چىقىرىپ مىدىرلاتقۇدەكلا ئورۇن قالدى.

− باغاقنى چاپلاپ قويدۇم، − دېدى ئاناندا قايتىپ كېلىپ.

تاتھاگاتو يۇرۇن سۇلتان بىلەن خوشلىشىپ، ئىككى مۇرىتىنى

ئەگەشتۈرۈپ ئەرش دەرۋازىسىدىن چىقتى - دە، توساتتىن

مېھىر - شەپقىتى قوزغىلىپ، سۈرە - ئەپسۇن ئوقۇپ بەش ئاناسىر تېغىغا بىر زېمىن مۇئەككىلىنى چاقىرتتى ۋە بەش جەھەت ساتيالىرى بىلەن بىرگە مۇشۇ تاغدا يېتىپ - قوپۇپ سۇن ۋۇكۇڭغا نازارەتچىلىك قىلىشقا بۇيرۇدى. سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قورسىقى ئاچقاندا، ئۇلار تۆمۈر ساقا يېگۈزدى، ئۇسسىغاندا مىس شەربىتى ئېرىتىپ ئىچكۈزدى. خەير، جازا مۇددىتى توشقاندا ھامان ئۇنى قۇتۇلدۇرىدىغان ئادەم چىقىپ قالار. ئۇنىڭ كۈلپەتلىك كۈنلىرىنىڭ قاي زامان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك