غەربكە ساياھەت - تۆتىنچى باب
تۆتىنچى باب
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ مىراخورلۇقتىن كۆڭلى رەنجىگەنلىكى
ئەۋلىيا ئەزەملىكتىمۇ مۇراد - مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكى
تارىق - چولپان بوۋاي بىلەن سۇن ۋۇكۇڭ غاردىن چىقىپلا بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ، يولغا راۋان بولدى. سۇن ۋۇكۇڭنىڭ مۇئەللەق بۇلۇت ھۈنىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئىنتايىن تېز چاپاتتى. ئۇ تارىق - چولپان بوۋاينى كۆپ ئارقىدا قالدۇرۇپ، جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسىغا ئالدى بىلەن يېتىپ كەلدى. ئۇ بۇلۇتنى يىغىشتۇرۇپ ئەمدىلا ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا پەلەك سەركەردىسى زېڭ جاڭ باشچىلىقىدىكى نەيزە، قىلىچ، شەمشەر ۋە يالمان كۆتۈرۈشكەن كۈچتۈڭگۈر پەلەك كۈتۋاللىرى دەرۋازىدا ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى. سۇن ۋۇكۇڭ:
− بۇ قېرى ئالدامچى تارىق - چولپاننىڭ مېنى تەكلىپ قىلىپ قويۇپ، يەنە قوراللىق ئادەم چىقىرىپ ئالدىمنى توسۇۋالغىنى نېمىسى ! − دەپ كايىدى.
شۇ ئەسنادا تارىق - چولپان يېتىپ كەلدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ:
− ھەي قېرى، نېمىشقا مېنى ئالدايسەن؟ يۇرۇن سۇلتاننىڭ پەرمانىغا بىنائەن تەكلىپ قىلدىم دەيسەنۇ، يەنە نېمىشقا بۇلارنى ئەرش دەرۋازىسىنى تاقىۋېلىشقا قويۇپ، مېنى كىرگۈزمەيسەن؟ − دېدى.
− ئاچچىقلىرىنى يامان قىلمىسىلا پادىشاھ ئالىيلىرى، − دېدى تارىق - چولپان كۈلۈپ تۇرۇپ، − سىلى ئەزەلدىن بۇ جەننەتكە كېلىپ باقمىغان. ناملىرىمۇ چىقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈتۋاللار سىلىنى تونۇمىغاندىكىن ئەلۋەتتە توسۇيدۇ - دە ! ھېلى ئىززەتلىك سۇلتان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ يارلىقى بىلەن مەنسەپكە ئىگە بولغاندىن كېيىن خالىغانچە كىرىپ - چىقالايدىلا، ئۇ ۋاقىتتا ھېچكىممۇ سىلىنى توسۇمايدۇ.
− گەپ ئۇنداق بولسا بوپتۇ، مەن كىرمەيمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ كەينىگە يېنىپ.
تارىق - چولپان دەرھال ئۇنى تۇتۇۋېلىپ:
− يۈرسىلە، بىز بىرگە كىرىمىز، − دېدى.
ئەرش دەرۋازىسىغا يېقىن كەلگەندە تارىق - چولپان بوۋاي بار ئاۋازى بىلەن:
− ئەرش دەرۋازىسىدىكى سەركەردە، سىپاھلار، يولنى ئېچىۋېتىڭلار ! يەر يۈزىدىن كەلگەن بۇ ئەۋلىيانى مەن يۇرۇن سۇلتاننىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن چاقىرىپ كەلدىم، − دەپ ۋارقىرىدى.
پەلەك سەركەردىسى زېڭ جاڭ ۋە بارلىق كۈتۋاللار قوراللىرىنى چۈشۈرۈپ، كەينىگە چېكىندى، سۇن ۋۇكۇڭ بىلەن تارىق - چولپان بوۋاي دەرۋازىدىن كىرىپ، ئۇدۇل خىسلەتدار قەسىرنىڭ ئالدىغا كەلدى - دە، ئىجازەت كۈتۈپ تۇرماستىنلا سۇلتاننىڭ ئالدىغا كىرىپ ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. سۇن ۋۇكۇڭ تەزىممۇ قىلماستىن ئۇنىڭ يېنىدا تىك تۇرۇپ، سۆزگە قۇلاق سالدى.
− پېقىر پەرمانلىرىغا بىنائەن سېھىرگەر ئەۋلىيانى چاقىرىپ كەلدىم، − دېدى تارىق - چولپان.
يۇرۇن سۇلتان شايى پەردە ئىچىدە تۇرۇپ:
− سېھىرگەر ئەۋلىيا قايسىڭ؟ − دەپ سورىدى.
سۇن ۋۇكۇڭ شۇندىلا سەل ئېگىلىپ:
− لاۋسۇن مەن بولىمەن، − دەپ جاۋاب بەردى.
قورققىنىدىن چىرايلىرىدا قان دىدارى قالمىغان ئەتراپىدىكى ۋەزىر - مۇلازىملار:
− بۇ ياۋايى مايمۇن نېمىشقا باش ئېگىپ ئايىغىمىزغا يىقىلماستىن، بىھۆرمەتلىك قىلىپ قوپال گەپ قىلىدۇ؟ بۇنىڭ راستتىنلا ئۆلگۈسى كەپتۇ ! − دېيىشتى.
يۇرۇن سۇلتان مۇنداق دېدى:
− سۇن ۋۇكۇڭ بولسا تۆۋەنكى دۇنيادىن كەلگەن سېھىرگەر ئەۋلىيا، ئەمدىلا ئىنسان سىياقى كىرگەن، ئوردىمىزنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىدىن بىخەۋەر، شۇڭا ئۇنى ئەيىبكە بۇيرۇغىلى بولمايدۇ.
− شەپقەتلىرىگە مىڭ رەھمەت ! − دېيىشتى ۋەزىر، مۇلازىملار.
بۇ چاغدا سۇن ۋۇكۇڭ يەرگىچە ئېگىلىپ «سالام !» دەپ ۋارقىرىدى.
يۇرۇن سۇلتان شۇئان بارلىق ئەمەلدار - قەلەمدار بەگ - سىپاھلىرىنى چاقىرىپ، سۇن ۋۇكۇڭغا قايسى ئەمەلنى بېرىش توغرىسىدا مەسلىھەت سالدى. ئارىدىن ئەلەم يۇلتۇز مىرزا چىقىپ مۇنداق دېدى:
− ئەرشتىكى ھەرقايسى ئوردا، قەسىرلەردە ئەمەلدارلار تولۇق، پەقەت، خەيلىخانىدا بىر باشقۇرغۇچى كەم.
− بولىدۇ، ئۇنى مىراخورلۇققا تەيىنلەيلى، − دېدى يۇرۇن سۇلتان تەستىقلاپ.
ھەممەيلەن سۇلتاننىڭ ئىلتىپاتىغا رەھمەت ئوقۇشتى. سۇن ۋۇكۇڭمۇ خۇشاللىقىدىن يەرگىچە ئېگىلىپ تەزىم بەجا كەلتۈردى. يۇرۇن سۇلتان مۇشتەرى يۇلتۇز بەگنى سۇن ۋۇكۇڭنى خەيلىخانىغا باشلاپ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشقا بۇيرۇدى.
سۇن ۋۇكۇڭ خۇشال - خۇرام ھالدا مۇشتەرى يۇلتۇز بەگكە ئەگىشىپ كېلىپ، ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالدى. يۇلتۇز بەگ ئوردىسىغا قايتتى، ئۇ خەيلىخانىدىكى خادىملارنى يىغىپ، ئەھۋاللارنى بىر قۇر سۈرۈشتە قىلىپ، مىڭ تۇياق ئەرش ئېتى بارلىقىنى بىلىۋالدى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئەتىسى تىزىملىك دەپتىرىنى ئەكېلىپ ئاتلارنىڭ سانىنى سېلىشتۇرۇۋالدى. خەيلىخانىدا يەم - خەشەك تەييارلاش، ئاتلارنى يۇيۇپ تاراش، پىچان توغراپ ئاتلارنى سۇغىرىش، ھەلەپ ئېتىش قاتارلىق ئىشلار ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىدى. ئاتلار ئۇنى كۆرگەندە قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ، تېپچەكلەپ كېتەتتى، ساغرىسىدا تۇخۇم توختىغۇدەك چىرايلىق سەمرىپ كەتكەنىدى. ھايت - ھۇيت دېگۈچە يېرىم ئاي ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى خەيلىخانا خادىملىرى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ ۋە ئۇنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن زىياپەت ئۆتكۈزدى.
ئۇلار خۇشال - خۇرام مەي ئىچىۋاتقاندا سۇن ۋۇكۇڭ ئۇشتۇمتۇت قولىدىكى قەدەھنى قويۇپ:
− مېنىڭ بۇ مىراخورلۇقۇم قانداقراق ئەمەل بولىدۇ؟ − دەپ سوراپ قالدى.
− ئەمەللىرىنىڭ نامى ئۆزى شۇ، − دېدى كۆپچىلىك.
− بۇ ئەمەل قايسى دەرىجىگە تەڭ بولىدۇ دەۋاتىمەن؟
− دەرىجىسى يوق.
− دەرىجىسى بولمىسا بەكلا چوڭ ئوخشىمامدۇ؟
− ياق، چوڭ ئەمەس، بەلكى قاتارغا قوشقىلى بولمايدۇ.
− قاتارغا قوشقىلى بولمايدۇ دېگىنىڭلار نېمىسى؟
− ھېچقانداق دەرىجىسى يوق، يەنى بۇ ئەمەل ئەڭ كىچىك، ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، پەقەت ئاتقىلا قارايدۇ. ئازراقمۇ ھۆرمىتى بولمىغان بۇ ئىشتا ئاتلارنى ئوبدان بېقىپ سەمرىتسەڭ، پەقەت «ياخشى» دەپلا قويىدۇ. ئازراقلا ئورۇقلىتىپ قويساڭ، ئەيىبكار بولغىنىڭ شۇ. ناۋادا زىيان - زەخمەتكە ئۇچراتساڭ، جازاغا تارتىلماي قالمايسەن.
بۇنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلدى - دە، چىشلىرىنى غەزەپ بىلەن غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ:
− بۇ مېنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ئەمەسمۇ ! مەن گۈلشەن تېغىدا ئۆزۈم بەگ - ئۆزۈم خان ئىدىم. مېنى ئالداپ ئەكېلىپ ئات باقىدىغان ئىشقا سالامدىكەن؟ ئات بېقىش دېگەن ئۇششاق چۆرىلەر قىلىدىغان قارا ئىشقۇ ! ماڭا مۇشۇنداقمۇ مۇئامىلە قىلامدۇ؟ ئىشلىمەيمەن ! ئىشلىمەيمەن ! مەن قايتىپ كېتىمەن ! − دېدى - دە، ئالدىدىكى شىرەنى جاراڭڭىدە ئۆرۈۋەتتى. ئاندىن
قۇلىقىدىن ئەڭگۈشتىرىنى چىقىرىپ، بىر - ئىككى سىلكىپلا پىيالىنىڭ ئاغزىدەك توم قىلىپ، يول بويى پەررەك ئاتقانچە خەيلىخانىدىن چىقىپ، جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسىغا كەلدى. پەلەك كۈتۋاللىرى ئۇنىڭ يۇرۇن سۇلتان تەيىنلىگەن مىراخور ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، دەرۋازىدىن قارشىلىقسىزلا چىقىرىۋەتتى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا سۇن ۋۇكۇڭ گۈلشەن تېغىغا قايتىپ كەلدى. تۆت سەركەردە ھەرقايسى غارلاردىن كەلگەن ئالۋاستى پادىشاھلىرى بىلەن لەشكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇۋاتاتتى.
− بالىلىرىم، مەن قايتىپ كەلدىم ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ بۇلۇت ئۈستىدىن چۈشۈپلا.
بىر توپ مايمۇن يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىشتى، ئاندىن غار ئىچىگە باشلاپ كىرىپ، ئالىي قەسرىگە ئولتۇرغۇزۇپ كاتتا زىياپەت بېرىپ، ھال - ئەھۋاللاشتى.
− مۇبارەك بولسۇن، پادىشاھ ئالىيلىرى ! − دېيىشتى كۆپچىلىك، − ئەرشكە چىقىپ كەتكەنلىرىگە ئون يىلدىن ئاشتى. چوقۇم شانۇ شەۋكەت بىلەن قايتقانلا؟
− ئون يىل دەيسىلەرغۇ، ماڭا يېرىم ئايمۇ بولمىغاندەكلا بىلىندى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
مايمۇنلار تەرەپ - تەرەپتىن چۇرقىرىشىپ:
− پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى ئەرشتە تۇرغاچقا ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى سەزمەپتىلا. ئەرشتىكى بىر كۈن يەردىكى بىر يىلغا تەڭ بولىدۇ - دە، ئېيتىپ باقسىلىچۇ، سىلىگە ئۇلار قانداق ئەمەل بەردى؟ − دەپ سوراشتى.
سۇن ۋۇكۇڭ قولىنى سىلكىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
− ھەي نېمىمۇ دېسەم بولار. ئادەمنى ئىزاغا قويدى - دە ! يۇرۇن سۇلتان ئادەم ئىشلىتىشنى بىلمەيدىكەن. ئۇ مېنىڭ ئەپتىمنى كۆرۈپلا، مىراخور دەيدىغان بىر ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. ئەسلىي ئۇ ئات باقىدىغان ئىش بولۇپ، ئەمەل قاتارىغىمۇ كىرمەيدىكەن. دەسلىپىدە ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا مەن ھېچنېمىنى بىلمەي، خەيلىخانىدا ئويناپ يۈرۈپتىمەن. تاكى بۈگۈن ئەتىگەندىلا ھەمراھلىرىمدىن سوراپ، بۇنىڭ بىر قارا خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم - دە، غەزەپ ئاچچىقىمدا شىرەنى ئۆرۈۋېتىپ، مەنسەپ - پەنسەپ دېگەننىمۇ تاشلاپ قويۇپ قايتىپ چۈشتۈم.
− قايتىپ كەلگەنلىرى كاتتا ئىش بوپتۇ، − دېيىشتى مايمۇنلار، − سىلى بۇ سائادەتلىك غارىمىزنىڭ پادىشاھى. ئازدۇر - كۆپتۈر ھۆرمەتكە سازاۋەر تۇرۇپ ئۇ يەرگە چىقىپ مالچى بولسىلا قانداق بولىدۇ؟ قېنى، بالىلار، زىياپەت ھازىرلاڭلار، بىردەم ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرايلى.
زىياپەت داۋاملىشىۋاتقاندا، بىرى كىرىپ:
− پادىشاھ ئالىيلىرى، غار ئالدىغا يەك مۈڭگۈزلۈك ئىككى جەنناس كەپتۇ، سىلى بىلەن كۆرۈشكىدەك، − دەپ خەۋەرنى يەتكۈزدى.
− كىرسۇن ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ئىجازەت بېرىپ.
ئىككى جەنناس كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، غار ئىچىگە يۈگۈرۈشۈپ كىردى - دە، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ تەزىم قىلدى.
− مەن بىلەن كۆرۈشىدىغان نېمە ئىشىڭلار بار ئىدى؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
جەنناسلار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
− داڭقىلىرىنى خېلى بۇرۇن ئاڭلىغان بولساقمۇ كۆرۈشۈشكە پۇرسەت بولمىغانىدى. بۈگۈن جانابلىرى يۇرۇن سۇلتاننىڭ ئىلتىپاتىغا ئىگە بولۇپ، شانۇ شەۋكەت بىلەن قايتىپلا، ئۆزلىرىنى زەر رەڭلىك تون بىلەن قۇتلۇقلاش ئۈچۈن كەلگەنىدۇق. كەمىنىلىرىنى نادان كۆرمەي قويۇنلىرىغا ئالغايلا، ئاياغلىرىدا خىزمەت قىلىشقا رازى ئىدۇق.
سۇن ۋۇكۇڭ زەر رەڭلىك توننى كىيدى. ھەممەيلەن خۇشال - خۇرام ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ تاۋاپ قىلدى. جەنناسلار باش چاپاۋۇل بېگى قىلىپ تەيىنلەندى. ئۇلار تەزىم قىلىپ، تەشەككۇر ئېيتقاندىن كېيىن:
− پادىشاھ ئالىيلىرى ئەرشتە قانچە زامان تۇردىلا، نېمە ۋەزىپىدە بولدىلا؟ − دەپ سورىدى.
− يۇرۇن سۇلتان مېنى كۆزگە ئىلماي، مىراخور دېگەن بىر ۋەزىپىنى بەردى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
جەنناسلار بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن:
− پادىشاھ ئالىيلىرى شۇنچە كارامەتلىك تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئات باقارى بولسىلا قانداق بولغىنى، سىلىنى «پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم» دەپ ئاتىساق قانداق؟ − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ زىيادە خۇشال بولدى ۋە ئارقا - ئارقىدىن:
− ياخشى، ياخشى، ناھايىتى ياخشى گەپ، − دېگىنىچە تۆت سەركەردىسىنى بۇيرۇدى، − تېزدىن بىر ئەلەم تەييارلاپ ئۇنىڭغا «پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم» دېگەن خەتنى پۈتۈڭلار ۋە موما ياغاچ تىكلەپ ئېگىز ئېسىپ قويۇڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن مېنى پادىشاھ دېمەي پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم دەڭلار، ھەممە غارلاردىكى ئالۋاستى پادىشاھلىرىغىمۇ ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار !
بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.
ئەلقىسسە، ئىككىنچى كۈنى يۇرۇن سۇلتان ئوردا يىغىلىشى ئۆتكۈزگەندە پەلەك مۇرەببىسى جاڭ خەيلىخانىنىڭ باقاۋۇلى ۋە ياردەمچىسىنى باشلاپ كىرىپ، ئالىي قەسىر ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى:
− سەلتەنەتلىك شاھ ئالىيلىرى، يېڭى ۋەزىپىگە قويۇلغان مىراخور سۇن ۋۇكۇڭ ئەمىلىنى كىچىك كۆرۈپ، تۈنۈگۈن پەلەك ئوردىسىدىن چۈشۈپ كەتتى.
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن تەڭ پەلەك سەركەردىسى زېڭ جاڭ پەلەك كۈتۋاللىرىنى باشلاپ كىرىپ:
− مىراخور پەلەك دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتى، نېمە ۋەجدىن كەتكەنلىكىنى بىلمىدۇق، − دېدى.
يۇرۇن سۇلتان بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق پەرمان چۈشۈردى.
− ئىككى سەردار ۋەزىپىگە ھازىر بولسۇن، مەن لەشكەر ئەۋەتىمەن، ئۇ مەخلۇق دەرھال تۇتۇپ كېلىنسۇن !
شۇئان توپ ئىچىدىن پەلەك شاھى ۋايجىراۋانا لى بىلەن ئۈچىنچى شاھزادە ناجا چىقىپ مۇنداق دېدى:
− سەلتەنەتلىك شاھ ئالىيلىرى، كەمىنە ناقابىل بولساممۇ، جادۇگەر مەخلۇقنى تۇتۇپ كېلىشىمگە ئىجازەت بەرگەيلا !
يۇرۇن سۇلتان بۇلاردىن ئىنتايىن مەمنۇن بولۇپ، ۋايجىراۋانا لى جىڭنى باش سىپىھدارلىققا، ئۈچىنچى شاھزادە ناجانى باش سەنگۈنلۈككە تەيىنلەپ، دەرھال لەشكەر تارتىپ يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇدى.
ۋايجىراۋانا لى بىلەن ناجا تەزىم قىلىپ، تەشەككۇر ئېيتقاندىن كېيىن، سەردارلارنى باشلاپ ئۈچ يول لەشكەر ھازىر قىلدى ۋە سۈرقامەت مۇئەككەلنى چاپاۋۇللۇققا، پۇۋەكچى سەركەردىنى كەپتەۋۇللۇققا، چاڭگاكچى سەركەردىنى سۈركاۋۇللۇققا قويدى - دە، ھەش - پەش دېگۈچە جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسىدىن چىقىپ، گۈلشەن تاغقا يېتىپ كەلدى ۋە بىر تۈزلەڭلىكتە بارگاھ تىكلەپ، سۈرقامەت مۇئەككىلنى جەڭ ئېلان قىلىشقا بۇيرۇدى. سۈرقامەت مۇئەككىل بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ساۋۇت - دۇبۇلغىلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئايپالتىنى كۆتۈرگەن ھالدا سۇ پەردىلىك غار ئالدىغا كەلدى، قارىغۇدەك بولسا، غار ئالدىدا نۇرغۇن جىن - شاياتۇن، بۆرە، جاندار، يولۋاسۇيىلپىزلار ۋاقىرىشىپ - جارقىرىشىپ، قىلىچ - نەيزىلىرىنى جاراقشىتىپ، قىيقاس - چۇقان سېلىشىپ يۈرگۈدەك. سۈرقامەت مۇئەككىل ئۇلارغا قاراپ:
− ھەي، ھايۋانلار، تېز كىرىپ مىراخورغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش، مەن يۇرۇن سۇلتاننىڭ پەرمانىغا بىنائەن ئۇنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن پەلەك سەركەردىسى بولىمەن. جېنىڭلارنى ئامان قالسۇن دېسە، تېز چىقىپ تەسلىم بولسۇن !
بۇ جانىۋارلار غار ئىچىگە يۈگۈرۈشۈپ كىرىپ:
− پالاكەت باستى، پالاكەت باستى ! − دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى.
− نېمە پالاكەت باستى؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ تەمكىن ھالدا.
− سىرتتا بىر پەلەك سەركەردىسى ئەۋلىيا ئەزەمنىڭ ھېلىقى ئەمىلىنى ئاتاپ: «مەن يۇرۇن سۇلتاننىڭ پەرمانىغا بىنائەن ئۇنى قولغا ئېلىشقا كەلدىم. جېنىڭلارنى ئامان قالسۇن دېسە، تېز چىقىپ تەسلىم بولسۇن» دەۋاتىدۇ، − دېدى ھېلىقى جانىۋارلار.
− كۆرمە - تونلىرىمنى ئەكېلىپ بېرىڭلار ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ دەرھاللا.
ئۇ مايمۇنلار ئاچىققان ئالتۇن تاج، ئالتۇن ساۋۇت ۋە خىسلەتلىك كەشنى كىيىپ، راۋۇرۇس ياسانغاندىن كېيىن، ئالتۇن توقىلىق دىلىپسەن گۈرزىسىنى ئېلىپ، لەشكەرلىرىنى باشلاپ چىقىپ جەڭگە ھازىرلاندى. چاپاۋۇل سۈرقامەت سۇن ۋۇكۇڭنىڭ چىققانلىقىنى كۆرۈپ:
− ھەي مايمۇنەك، مېنى تونۇۋاتامسەن؟ − دەپ ۋارقىرىدى.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇنى ئاڭلاپ دەرھال:
− قەيەردىن كەلگەن چۈپرەندىسەن؟ سېنى كىم كۆرۈپتىكەن؟ نامۇئەمىلىڭنى تېز مەلۇم قىل ! − دېدى.
− ھەي كور مايمۇنەك، مېنى تونۇمايۋاتامسەن؟ مەن ئەرشئەلادىكى ۋايجىراۋانا لىنىڭ قول ئاستىدىكى چاپاۋۇل سۈرقامەت سەكەردە بولىمەن ! يۇرۇن سۇلتاننىڭ پەرمانىغا بىنائەن سېنى تۇتۇش ئۈچۈن كەلدىم. دەرھال قوراللىرىڭنى تاشلاپ بىزگە باش ئەگ. بولمىسا ھەممىڭنى قىرىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمەن !
− ھەي سولتەك، نېمەڭگە چوڭ سۆزلەيسەن؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭمۇ دەرغەزەپ بىلەن، − ھېلى گۇرزەم بىلەن بىرلا قويۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسام، ئۆلۈم خەۋىرىڭنى ئەكېتىدىغان ئادەممۇ قالمايدۇ. جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىسا تېز قايتىپ بېرىپ يۇرۇن سۇلتانغا ئېيتىپ قوي ! ئۇ، دانالارنى زادى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىكەن. مەندەك بىر كامىل كىشىنى نېمىدەپ ئات بېقىشقا قويىدۇ؟ ئەلىمىمگە يېزىلغان مۇنۇ خەتلەرنى كۆرۈۋال ! ئەگەر مۇشۇ بويىچە ئەمىلىمنى ئۆستۈرسە، تىغىم قانغا بويالمايدۇ. جاھانمۇ تىنچ بولىدۇ. مۇبادا دېگىنىمگە كۆنمىسە، خىسلەتدار قەسرىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنى تەختتىن غۇلىتىپ تاشلايمەن.
بۇنى ئاڭلاپ سۈرقامەت سەركەردە كۈلۈپ كەتتى ۋە:
− ھەي ئۆلۈمتۈك مايمۇن، يەنە خۇدۇڭنى بىلمەي چوڭ سۆزلەپ، پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم بولىمەن، دەمسىنا؟ پالتامنىڭ تەمىنى بىر تېتىپ باققىن ! − دېگىنىچە سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بېشىغا قارىتىپ غەزەپ بىلەن چاپتى. سۇن ۋۇكۇڭ تەمكىن تۇرۇپ، ئالتۇن توقىلىق گۈرزىسى بىلەن ئۇنىڭغا زەربە قايتۇردى. بىر مەيدان قاتتىق ئېلىشىشتىن كېيىن، سۈرقامەت سەركەردە بوشىشىپ قالدى. سۇن ۋۇكۇڭنىڭ گۈرزىسى ئۇنىڭ كاللىسىغا ئۇدۇللاپ ئېتىلىپ كەلدى. ئۇ ئالمان - تالمان پالتا بىلەن توسۇۋالدى. پالتىنىڭ سېپى قاراسسىدە سۇنۇپ، ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى. ئۇ شۇ ھامان قۇيرۇقىنى خادا قىلدى.
− ھەي نانقېپى، چۈشەنگەن بولساڭ دەرھال بېرىپ خەۋەر يەتكۈز ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كۈلۈپ.
سۈرقامەت سەركەردە بارگاھقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋايجىراۋانا لىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
− مىراخور ھەقىقەتەن كارامەتلىك نەرسە ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەي يېڭىلىپ قايتىپ كەلدىم. گۇناھىمنى كەچۈرگەيلا !
بۇنى ئاڭلاپ ۋايجىراۋانانىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتتى:
− ھۇي يارىماس سولتەك، يوقال كۆزۈمدىن !
بۇ چاغدا بىر ياندا تۇرغان شاھزادە ناجا تەزىم بىلەن ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى:
− شاھ ئاتا، ئاچچىقلىرىنى بېسىۋالسىلا، سۈرقامەتنىڭ گۇناھىنىمۇ كەچۈرۈۋەتسىلە، مەن بېرىپ بىر ئېلىشىپ باقاي، ئۇنىڭ قانچىلىك كارامىتى بار ئىكەن قېنى !
پەلەك شاھى بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سەركەردە سۈرقامەتنى بارگاھقا قايتىپ، گۇناھ بىلەن ئىش باشقۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى.
شاھزادە ناجا ساۋۇت - دۇبۇلغىلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، بارگاھتىن ئېتىلىپ چىقتى - دە، سۇ پەردىلىك غارنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرۈۋاتقان سۇن ۋۇكۇڭ ناجانىڭ سۈر - ھەيۋە بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ:
− ئۆزلىرى كىمنىڭ بەگچىكى بولىلا؟ دېۋەيلەپ كەلگەنلىرىگە قارىغاندا بىر ئىشلىرى بارمۇ، نېمە؟ − دېدى.
− ھەي سولتەك مايمۇن، − دېدى ناجا ۋارقىراپ، − مېنى تونۇمايۋاتامسەن؟ مەن مۇنارچى ۋايجىراۋانانىڭ ئۈچىنچى شاھزادىسى ناجا بولىمەن، يۇرۇن سۇلتاننىڭ پەرمانىغا بىنائەن سېنى تۇتقىلى كەلدىم.
سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ كېتىپ:
− ھەي بالىخان، ئاغزىڭدىن ئاناڭنىڭ سۈتى پۇراپ تۇرغىنىغا قارىماي ئەجەب چوڭ سۆزلەيسىنا؟ رەھىم قىلىپ سېنى ئاياپ قوياي. سەن ئەلىمىمدىكى ماۋۇ خەتلەرنى كۆرۈۋېلىپ، يۇرۇن سۇلتانغا بېرىپ ئېيتقىن. ئەگەر مۇشۇ ئەمەلنى بەرسە، قايتا جېدەل قىلماي سىلەر تەرەپكە ئۆتىمەن. مېنىڭ رايىمغا باقماي قالسا، خىسلەتدار قەسرىگە بېسىپ كىرىمەن ! − دېدى.
ناجا بېشىنى كۆتۈرۈپ «پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم» دېگەن خەتنى كۆردى - دە:
− ھەي مايمۇنەك، سېنىڭ بۇ نامغا ئېرىشكۈدەك قانچىلىك كارامىتىڭ بـار ئىـدى؟ بېـرى كـەل، شەمـشىـرىمـنى تېتىپ كۆرگىن ! − دېدى.
− مەن قىمىرلىماي تۇرۇپ بېرەي، شەمشىرىڭنى خالىغانچە تىقىۋال ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
ناجا غەزەپ بىلەن نەرە تارتىپ «ئۆزگەر !» دېدى - دە، ئۈچ باشلىق، ئالتە قوللۇق بولۇپ، شەمشەر، قىلىچ، ئارقان، توقماق، گۈرزە ۋە ئوت كالتەكلەرنى كۆتۈرگەن ھالدا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كەلدى. سۇن ۋۇكۇڭ بۇنى كۆرۈپ سەل چۆچۈپ قالدى. ئۇ كۆڭلىدە: «بۇ شۇمتەك تېخى ئانچە - مۇنچە سېھىرگەرلىك قىلىپ قويىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ھوي ئۆكتەم، مېنىڭ كارامىتىمنى كۆرۈپ باقسۇن !» دېدى - دە، «ئۆزگەر !» دەپ بىرلا ۋارقىراپ، ئۈچ باشلىق، ئالتە قوللۇق بولدى. ئالتۇن توقىلىق گۈرزىسىنىمۇ بىرلا سىلكىپ ئۈچ قىلدى. ئالتە قولىغا ئۈچ كالتەكنى ئالدى. ئەييۇھەنناس، بۇ، تاغۇ دەريالارنى زىلزىلىگە سالغان شۇنداق قاتتىق ئېلىشىش بولدىكى، ئوتتۇز مەرتەم ئېلىشىپمۇ ئۇلار بىر - بىرىنى يېڭەلمىدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئەسلىدىنلا سەزگۈر ۋە چاققان بولغاچقا، مالىمانچىلىق ئىچىدە بىر تال مويىنى يۇلۇۋېلىپ «ئۆزگەر» دەپ توۋلىدى. موي دەل ئۇنىڭ سىياقىدىكى سۇن ۋۇكۇڭغا ئايلىنىپ، گۈرزىنى ئويناتقان ھالدا ناجانىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىشقا باشلىدى. ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ ناجانىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، گۈرزە بىلەن ئۇنىڭ سول بېلىكىگە قارىتىپ سالدى. ناجا گۈرزىنىڭ ۋىڭىلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى چاققانلىق بىلەن قاچۇردى. بىراق، گۈرزە ئۇنىڭ سول قولىنى سىيپاپ ئۆتۈپ كەتتى. ناجا ئاغرىققا چىدىماي بەدەر قاچتى.
بۇلارنى كۆرۈپ تۇرغان ۋايجىراۋانا ياردەمگە لەشكەر ئەۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغىنىدا، توساتتىن شاھزادە ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ، غال - غال تىترىگەن ھالدا:
− شاھ ئاتا، مىراخور ھەقىقەتەن كارامەتلىك نېمە ئىكەن. شۇنچە سېھىر ئىشلىتىپ كۆرسەممۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدىم، بىلىكىممۇ زەخىملەندى، − دېدى.
بۇنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن چىرايىدا قان قالمىغان ۋايجىراۋانا:
− ئۇ خۇمپەر شۇنداق كارامەتلىكمىكەن؟ سېنى قانداق يېڭىۋالدى؟ − دېدى.
− ئۇنىڭ غارى ئالدىدا تىكلەكلىك بىر ئەلەم بار ئىكەن، − دېدى ناجا، − ئۇنىڭغا «پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم» دېگەن خەت يېزىلىپتۇ. ئۇ: «ئەگەر يۇرۇن سۇلتان ماڭا ئەۋلىيا ئەزەملىك مەرتىۋىسىنى بەرسە، ئىش مۇشۇ يەردىلا تۈگەيدۇ. ئۇنداق قىلىشقا ماقۇل بولمىسا خىسلەتدار قەسرىنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن» دەيدۇ.
− ئۇنداق بولسا ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ئېتىشمايلى. ئەرشكە چىقىپ سۇلتانغا مەلۇم قىلايلى. يەنىمۇ كۆپرەك لەشكەر باشلاپ كېلىپ، قورشاپ تۇتساقمۇ كېچىكمەيمىز، − دېدى ۋايجىراۋانا.
شاھزادە ئاغرىق تۈپەيلى قايتا جەڭگە قاتنىشالمايدىغان بولغاچقا، ئەرشكە خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ۋايجىراۋانا بىلەن بىرگە يۈرۈپ كەتتى.
ۋايجىراۋانا بىلەن ئۈچىنچى شاھزادە ناجا سەركەردىلىرىنى باشلاپ، خىسلەتدار قەسرىگە كەلدى - دە، يۇرۇن سۇلتاننىڭ ئالدىغا كېلىپ:
− كەمىنىلىرى مۇبارەك پەرمانلىرىغا بىنائەن لەشكەرلەرنى باشلاپ سېھىرگەر ئەۋلىيا سۇن ۋۇكۇڭنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشكەنىدىم. ئەپسۇسكى، ئۇ ناھايىتى كارامەتلىك بولغاچقا، يېڭىش مۇمكىن بولمىدى. ئۇنى قورشاپ يوقىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك شاھىمىزنىڭ لەشكەر كۆپەيتىپ بېرىشىنى سورايمىز، − دېدى.
− يەنە لەشكەر كۆپەيتكۈدەك بىر مايمۇنەكنىڭ قانچىلىك كارامىتى بار ئىدى؟ − دېدى يۇرۇن سۇلتان ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى ئاڭلاپ.
ئۈچىنچى شاھزادە بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەپ مۇنداق دېدى:
− سەلتەنەتلىك شاھىم، پېقىر ئالدىلىرىدا كەچۈرگۈسىز گۇناھكار بولدۇم. ئۇ جادۇگەر مايمۇن بىر تال تۆمۈر كالتىكى بىلەنلا سۈرقامەت سەركەردىنى يەڭدى. ئاندىن مېنىڭ بىلىكىمنى زەخىملەندۈردى. ئۇ، غار ئالدىدىكى موما ياغاچقا «پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم» دېگەن سۆز يېزىلغان ئەلەمنى ئېسىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭغا شۇ مەرتىۋە بېرىلسە، كېلىپ بىزگە ئەل بولغۇدەك، بولمىسا مۇبارەك قەسرىگە باستۇرۇپ كىرىمەن، دەيدۇ.
بۇ سۆزدىن ھەيران بولغان يۇرۇن سۇلتان:
− بۇ مايمۇنەك شۇ قەدەر ئەدەپ كېتىپتۇما؟ ھەممە سەركەردىلەرنى باشلاپ چۈشۈپ، ئۇنى دەرھال كۆزدىن يوق قىلىڭلار ! − دەپ ۋارقىرىدى.
ئۇنىڭ سۆزى تۈگە - تۈگىمەيلا توپ ئىچىدىن تارىق - چولپان بوۋاي چىقىپ مۇنداق دېدى:
− ئۇ مايمۇنەك گەپنى قىلغان بىلەن مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭغا لەشكىرىي كۈچ بىلەن ھازىرچە تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ. ئەجرىمىزمۇ بىكار كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە، شەپقەتلىرىنى كەڭ قىلىپ، يەنە يارلىق چۈشۈرسىلە، ئۇنىڭغا يالغان - راستلاردىن پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم دېگەن مەرتىۋىنى بېرەيلى. قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولۇپ يۈرىۋەرسۇن.
− قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب قىلىش دېگەنلىرى نېمىسى؟ − دېدى يۇرۇن سۇلتان.
− بۇ شۇنداق گەپكى، − دېدى تارىق - چولپان چۈشەندۈرۈپ، − نامدا ئەۋلىيا ئەزەم دەپ ئاتايمىز. ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئىشنى تۇتقۇزمايمىز، مائاشمۇ بەرمەيمىز. ئەرشتە تەربىيىلەپ تەلۋە نىيىتىدىن ياندۇرىمىز. شۇنداق قىلىپ ئەرش - پەرش ۋە تەھتىساراغا مەڭگۈ ئەمىنلىك يارىتىمىز.
− دېگەنلىرىدەك بولسۇن ! − دېدى يۇرۇن سۇلتان ۋە يارلىقنى ئېلىپ بېرىشقا تارىق - چولپاننى بۇيرۇدى.
تارىق - چولپان بوۋاي جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسىدىن چىقىپ، ئۇدۇل گۈلشەن تېغىنىڭ سۇ پەردىلىك غارى ئالدىغا كەلدى. بۈگۈن ئەھۋال باشقىچە ئىدى، تەلەتىدىن دەھشەت يېغىپ تۇرغان ھەر خىل جىن - ئالۋاستىلار قوللىرىدىكى نەيزە - قىلىچلىرىنى ئۇيان - بۇيان سانجىپ - چېپىپ، دەھشەت بىلەن نەرە تارتىپ سەكرىشىپ يۈرۈشەتتى.
ئۇلار تارىق - چولپان بوۋاينى كۆردى - دە، بىراقلا يۈگۈرۈشۈپ كېلىپ ئۇرۇشقا تەمشەلدى.
− قايسىڭلار سەردارلىرى بولىسىلەر؟ − دېدى بوۋاي ئانچە پىسەنت قىلماستىن تۇرۇپ، − كىرىپ ئەۋلىيا ئەزەمگە ئېيتىڭلار. مەن تەڭرىتائالانىڭ ئەلچىسى بولىمەن، ئۇلۇغ ئىگىمىز ئۇنى ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلدى.
بىر توپ مەخلۇق يۈگۈرۈشۈپ كىرىپ سۇن ۋۇكۇڭغا خەۋەر يەتكۈزدى:
− سىرتتا بىر قېرى ئەرشتىن كەلگەن ئەلچىمەن دەيدۇ، سىلىنى يەنە ئەرشكە تەكلىپ قىپتۇدەك.
− كەلگىنى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − بەلكىم ئۇ ئالدىنقى قېتىم كەلگەن تارىق - چولپان بوۋاي بولسا كېرەك. ئۆتكەندە ئەرشكە تەكلىپ قىلىنغىنىمدا مەنسىپىم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، ئەرشنى بىرقۇر سەيلە قىلىپ، چوڭ - كىچىك يوللىرىنى بىلىۋالغانىدىم. بۈگۈن ئۇ چوقۇم ياخشى نىيەت بىلەن كەلدى.
ئۇ سەردارلىرىنى داغدۇغا بىلەن چىقىپ سەپراس بولۇشقا بۇيرۇدى - دە، ئۆزى مايمۇنلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ غاردىن چىقتى ۋە ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ تۇرۇپ:
− ئالدىلىرىغا بالدۇر چىقالماي قالدىم، قېنى مەرھەمەت قىلسىلا پىر چولپان ! − دېدى.
تارىق - چولپان بوۋاي غار ئىچىگە سالماق قەدەم تاشلاپ كىرىپ، جەنۇبقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
− بۈگۈن ئەۋلىيا ئەزەمگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئۆتكەن قېتىم مەنسەپلىرىنى كىچىك كۆرۈپ، خەيلىخانىدىن قېچىپ چۈشۈپلا، بۇنى خەيلىخانىدىكى چاپارمەنلەر يۇرۇن سۇلتانغا كىرىپ ئېيتىپتۇ. يۇرۇن سۇلتان: «مەنسەپكە قويۇلغان ھەرقانداق كىشى ئاستا - ئاستا يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، سۇن ۋۇكۇڭ نېمىشقا ئاغرىنىدىكەن؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ۋايجىراۋانا ۋە ناجالار لەشكەر تارتىپ چۈشتى. سىلىنىڭ كارامەتلىرىنى بىلمەي ئېلىشىپ قويۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ چىقىپ، سىلىنىڭ ئەۋلىيا ئەزەم بولماقچى بولغانلىقلىرىنى ئېيتتى. پەلەك سەركەردىلىرى بۇنى ئاڭلاپ يەنە سىلىگە جازا يۈرگۈزمەكچى بولۇشتى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، سىلى ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتتىم ۋە يۇرۇن سۇلتاندىن لەشكەر ئەۋەتمەسلىكنى، تەقسىرگە قايتا مەنسەپ - مەرتىۋە بېرىشنى ئۆتۈندۈم. يۇرۇن سۇلتان ماقۇل بولغاندىن كېيىن سىلىنى تەكلىپ قىلىشقا كەلدىم.
بۇنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭ خۇشال بولغان ھالدا:
− بۇرۇنمۇ مەن ئۈچۈن ئاۋارە بولغان ئىدىلە، يەنە ئىلتىپاتلىرىنى ئايىماي كەپلا. سىلىگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ! بىراق ئەرشكە چىقسام، ئەۋلىيا ئەزەملىك مەرتىۋەمنى ساقلاپ قالغىلى بولارمۇ؟ − دېدى.
− مەن مۇشۇ مەرتىۋە بويىچە يارلىق ئالغاندىن كېيىن سىلىنى تەكلىپ قىلىپ كەلدىم. مۇبادا چىگىت چاقىدىغان يېرى بولۇپ قالسا، مانا مەن تۇزكور بولۇپ كېتەي !
سۇن ۋۇكۇڭ بىردىن ئېچىلدى ۋە زىياپەتكىمۇ توختىماستىن چولپان بوۋاي بىلەن بىرگە بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ، جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردىكى پەلەك سەركەردىلىرى ۋە كۈتۋاللىرى ئۇلارنى قول قوشتۇرغان ھالدا قارشى ئالدى. خىسلەتدار قەسرىگە كىرگەندىن كېيىن تارىق - چولپان تەزىم قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
− كەمىنىلىرى پەرمانلىرىغا بىنائەن مىراخور سۇن ۋۇكۇڭنى چاقىرىپ كەلدىم.
− سۇن ۋۇكۇڭ، بۇ ياققا كەل، − دېدى يۇرۇن سۇلتان، − بۈگۈن ساڭا رەسمىي يوسۇندا ئەۋلىيا ئەزەملىك مەرتىۋىسىنى بەردىم. مەنسەپ - مەرتىۋەڭمۇ ھەل بولدى. لېكىن، باشباشتاقلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىڭغا يول قويۇلمايدۇ.
سۇن ۋۇكۇڭ شۇئان ئالىي قەسىر ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يەرگىچە ئېگىلىپ تەزىم قىلدى - دە، «شەپقەتلىرىگە رەھمەت !» دەپ ۋارقىرىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن يۇرۇن سۇلتان ئىنشائات مەنسەپدارى جاڭ بىلەن لۇنى پىرونۇس شاپتۇللۇق بېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم ئۈچۈن بىر قەسىر سېلىپ بېرىشنى، قەسىردە سۈكۈنات مەھكىمىسى ۋە ئەمىنلىك مەھكىمىسى دەپ ئىككى مەھكىمە تەسىس قىلىشنى، ئىككى سىپاھنى مەھكىمە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشنى بۇيرۇپ، قابىس يۇلتۇز تۆرىگە سۇن ۋۇكۇڭنى ئاپىرىپ قويۇشنى تاپىلىدى ھەمدە سۇن ۋۇكۇڭغا ئىككى كوزا شاھانە ئەنتۇھۇر شارابى، ئون تال ئالتۇن ئىلتىپات ئېتىپ، يامانلىق قىلماستىن خاتىرجەم ئىشلەشنى جېكىلىدى. سۇن ۋۇكۇڭ سۇلتاننىڭ ئەمرىنى ئىلىك ئېلىپ، قابىس يۇلتۇز تۆرە بىلەن قەسرىگە يېتىپ كەلدى - دە، كوزىنى ئېچىپ قانغۇدەك ئىچىشتى. يۇلتۇز تۆرىنى ئۆز قەسرىگە ئۇزىتىۋەتكەندىن كېيىن، سۇن ۋۇكۇڭ رازىمەنلىك ئىچىدە خۇشال - خۇرام يايراپ، ئەرشتىكى كۈنلىرىنى ئەركىن - ئازادە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. كېيىن قانداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder