غەربكە ساياھەت - ئىككىنچى باب
ئىككىنچى باب
بۇددانىڭ سۇن ۋۇكۇڭغا مەخپىي ماھارەت ئۆگەتكەنلىكى
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ يالماۋۇزنى يوقىتىپ، جەمەتىنى جەم قىلغانلىقى
ئەلقىسسە، ھۆر جامال مايمۇن پادىشاھ ئىسىم - فامىلىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بۇدھىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ، مىننەتدارلىق بىلدۈردى. پىر ئۇستاز كۆپچىلىكنى سۇن ۋۇكۇڭنى باشلاپ چىقىپ، خانىلارنى ئايلاندۇرۇشنى بۇيرۇدى. غۇلمانلار بۇيرۇققا بىنائەن سۇن ۋۇكۇڭنى باشلاپ چىقىپ كەتتى. سۇن ۋۇكۇڭ ھەمساۋاق ئاكىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، دەھلىز ئىچىدىن يېتىپ - قوپىدىغان جايىنى راسلىۋالدى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ ھەمساۋاق ئاكىلىرى بىلەن بىرگە تىل ۋە ئەدەب - قائىدىلەرنى ئۆگىنىپ، بۇددا نومىدىن ۋە تەرىقەت شەرھىلىرىدىن تەپسىر ئاڭلىدى، خەت يېزىشنى مەشىق قىلىپ، كۈجە - ئىسرىق كۆيدۈردى. ھەر كۈنى شۇنداق قىلدى. بىكار قالغان چاغلىرىدا يەرلەرنى سۈپۈرۈپ، ھويلىلارنى تۈزەشتۈردى. گۈللەرنى سۇغىرىپ، دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلدى. ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوت قالىدى، سۇ توشۇپ قىيام قايناتتى. لازىملىق نەرسىلەرنى بىرىنىمۇ قويماي تەل قىلدى. كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە غار ئىچىدە ئۇنىڭ يەتتە - سەككىز يىلى ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى پىر ئۇستاز مۇنبەردىن ئورۇن ئېلىپ ساۋاق بېرىشكە باشلىدى.
بىر چەتتە ئاڭلاپ ئولتۇرغان سۇن ۋۇكۇڭ خۇشاللىقتىن قۇلاقلىرىنى ئويناپ، پوكانلىرىنى قاشلاپ، كۆز - قاشلىرىنى يىمىرىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئويناقلاپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ قالغان پىر ئۇستاز سۇن ۋۇكۇڭغا قاراپ:
− سەن نېمىشقا سۆزۈمگە قۇلاق سالماي شىلتىڭ ئېتىپ يۈرىسەن؟ − دېدى.
− مەن زەن قويۇپ ئاڭلاۋاتاتتىم، سىلى سۆزلەپ ئېسىل يېرىگە كەلگەندە، خۇشاللىقىمنى باسالماي، ئىختىيارسىز سەكرەپ كېتىپتىمەن. گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغايلا، ئۇستاز، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ جاۋاب بېرىپ.
− ئېسىل يېرىنى چۈشەنگەن بولساڭ سېنىڭدىن سوراپ باقاي، − دېدى پىر ئۇستاز، − سەن بۇ غارغا كەلگىلى قانچە زامان بولدى؟
سۇن ۋۇكۇڭ مۇنداق دېدى:
− كەمىنە شاگىرتلىرى دۆترەك بولغاچقا، قانچە زامان بولغانلىقىنى بىلمەيمەن. پەقەت شۇ نەرسە يادىمدىكى، ئوچاقتا ئوت قالىمىغان چاغلاردا تاغقا چىقىپ ئوتۇن كەسلىدىم. بىر تاغدا ئاجايىپ ئېسىل شاپتۇل دەرىخىنى كۆرۈپ قېلىپ، شۇ جايدا يەتتە قېتىم قورساق توقلىدىم.
− ئۇ شاپتۇللۇق تاغ دەپ ئاتىلىدۇ، − دېدى پىر ئۇستاز، − شاپتۇلنى يەتتە قېتىم يېگىنىڭگە قارىغاندا يەتتە يىل بوپتۇ. سەن ھازىر مەندىن نېمىلەرنى ئۆگەنمەكچى بولۇۋاتىسەن؟
− ھەرقانداق تەلىملىرىگە ئىنتىزارمەن مۆھتەرەم ئۇستاز، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − بىراق، تويىن ئىلمىدىن ئازراق ماھارەت ئۆگىنىۋالسام بولاتتى.
− تويىن ئىلمىنىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش تارمىقى بار، بۇ تارماقلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى كامالەتكە يېتەكلەيدۇ، سەن قايسىبىرىنى ئۆگىنىسەن؟ − دېدى پىر ئۇستاز.
سۇن ۋۇكۇڭ جاۋاب بېرىپ:
− ئۆزلىرىنىڭ مەيلىلىرى، مۆھتەرەم ئۇستاز، مەن پەقەت سىلىگە بويسۇنىمەن، − دېدى.
− ئۇنداق بولسا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «سېھىر» پۇتىقى ماھارەتلىرىنى ئۆگىتىپ قويسام قانداق دەيسەن؟
− سېھىر پۇتىقىدا نېمىلەر سۆزلىنىدۇ؟
− بۇنىڭدا ئاۋۋال ئەۋلىيالارغا تائەت - ئىبادەت قىلىسەن، رەمماللارغا پال ئاچقۇزىسەن، شۇ ئارقىلىق قاباھەتلىكتىن ساقلىنىپ، سائادەتكە ئېرىشىش يولىنى بىلەلەيسەن.
− شۇنداق قىلسام ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلەيمەنمۇ؟ − دەپ سورىدى سۇن ۋۇكۇڭ يەنە.
− ياق، بولمايدۇ، − دېدى پىر ئۇستاز جاۋاب بېرىپ.
− ئۇنداق بولسا ئۆگەنمەيمەن ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ دەرھال.
ئۇستاز يەنە:
− ئۇنداق بولسا ساڭا «سۈلۈك» پۇتىقىنى ئۆگەتسەم قانداق؟ − دېدى.
− «سۈلۈك» پۇتىقىدا نېمە مەزمۇنلار بار−؟ سورىدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− «سۈلۈك» پۇتىقىدا، − دېدى پىر ئۇستاز، − كۇڭزىچىلىق، بۇددىستلىق، تويىنچىلىق، مۇنەججىملىك، مۇزىچىلىق، تېبابەتچىلىك، مۇناجات ئېيتىش ياكى بۇددا سۈرىلىرىنى قىرائەت قىلىش، تاۋاپ قىلىش قاتارلىقلار بار.
− بۇنىڭدا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشكە بولامدۇ؟
− ياق، بولمايدۇ.
− سۆزلىرىدىن قارىغاندا، بۇنىڭدىمۇ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا بولمايدىغان ئوخشايدۇ، بولدى بەس، ئۆگەنمەيمەن، بۇنىمۇ ئۆگەنمەيمەن !
− ئۇنداق بولسا «سۈكۈت» يولىنى ئۆگەتسەم قانداق؟ − دېدى پىر ئۇستاز.
− «سۈكۈت» يولىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
پىر ئۇستاز جاۋاب بېرىپ:
− بۇنىڭدا زىرائەتلەرگە كۆزەتچى بولىسەن، جىمى پاك ئىشلارنى قىلىسەن، ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرىسەن، سۆزلەشنى چەكلەپ، روزا تۇتىسەن، − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ يەنە سورىدى:
− شۇنداق قىلسا ئۆمرى ئۇزاق بولامدۇ؟
− ياق، ئانچە ئۇزاق بولمايدۇ.
− ئانچە ئۇزاق بولمىسا بۇنىمۇ ئۆگەنمەيمەن؟
− ئۇنداق بولسا ساڭا «ھەرىكەت» يولىنى ئۆگەتسەم بولامدۇ؟ − دېدى پىر ئۇستاز يەنە.
− بۇنىڭدا مەڭگۈ قېرىماسلىققا بولامدۇ؟ − دەپ سورىدى سۇن ۋۇكۇڭ.
پىر ئۇستاز جاۋاب بېرىپ:
− مەڭگۈ قېرىماسلىق خۇددى سۇ ئىچىدىن ئاينى سۈزگەنگە ئوخشاش ئىش، − دېدى.
− بۇنىمۇ ئۆگەنمەيمەن، ئۆگەنمەيمەن ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ۋارقىراپ.
بۇنى ئاڭلاپ پىر ئۇستاز مۇنبەردىن شاققىدە سەكرەپ چۈشتى - دە، قولىدىكى دەررىنى سۇن ۋۇكۇڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ:
− ھەي ئىتسىمان مايمۇن، بۇنىمۇ ئۆگەنمەيمەن، ئۇنىمۇ ئۆگەنمەيمەن دەيسەن، سەن زادى نېمە قىلاي دەيسەن؟ − دېدى ۋە قولىدىكى دەررە بىلەن سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بېشىغا ئۇچنى ئۇرۇپ، قولىنى ئارقىسىغا قىلغان ھالدا كۆپچىلىكنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇدۇل ئىشىك بىلەن ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى.
قورقۇپ قاتتىق دەككە - دۈككىگە چۈشكەن مۇرىتلار سۇن ۋۇكۇڭنى ئەيىبلىشىپ:
− ھەي، دىتى يوق نانقېپى مايمۇن ! پىر ئاتىمىز دىلىڭغا ئىلىم سالماقچى بولۇۋاتسا، سەن نېمىشقا ئۆگەنمەيمەن دەپ، ئۇستاز بىلەن تاكاللىشىسەن؟ ئۇنى رەنجىتىپ قويدۇڭ. ئەمدى قاچان چىقار - ھە؟ − دېيىشتى.
ئۇلار تەرەپ - تەرەپتىن تىل - ئاھانەت ياغدۇرۇپ، سۇن ۋۇكۇڭنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا نەپرەت بىلدۈردى. سۇن ۋۇكۇڭ بولسا ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا ھىجىيىپلا قويدى.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى سىرنى ئاللىقاچان چۈشىنىپ يەتكەن بولۇپ، كۆڭلىگە پۈكۈپ بولغانىدى. شۇڭلاشقا ئۇ كۆپچىلىك بىلەن دەتالاش قىلماستىن سەۋر قىلىپ گەپ قىلمىدى. ئۇستازنىڭ ئۇنى ئۈچنى ئۇرغىنى تۈن يېرىمىدا كىرگىن؛ قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ، ئۇدۇل ئىشىكتىن كىرىپ كەتكىنى ئارقا ئىشىكتىن كىرسەڭ، ساڭا مەخپىي ئۆگىتىمەن دېگەندىن دېرەك بېرەتتى.
شۇ كۈنى سۇن ۋۇكۇڭ كۆپچىلىك بىلەن ئۈچ يۇلتۇز غارى ئالدىدا ئويناپ - كۈلۈشۈپ، كەچ كىرىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتتى. گۇگۇم چۈشكەندىن كېيىن ھەممەيلەن ھۇجرىلىرىغا كىرىپ يېتىپ قېلىشتى. سۇن ۋۇكۇڭمۇ يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالدى. يېرىم كېچە بولغاندا ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ، كىيىملىرىنى كىيدى، ئاندىن ئۆيدىن پەخەس بىلەن چىقىپ، كونا يول بىلەن ئارقا ئىشىككە كەلدى. ئۇ ئىشىكنىڭ قىيا ئېچىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولغان ھالدا: «پېشقەدەم ئۇستاز ماڭا راستتىنلا ئىلىم ئۆگىتىشنى ئويلاپ، ئىشىكنى قەستەن ئوچۇق قويۇپتۇ - دە» دەپ ئويلاپ، ئىشىكتىن قىستىلىپ كىرىپ، ئۇدۇل ئۇستاز ئۇخلاۋاتقان كارىۋات ئالدىغا كەلدى. ئۇستاز تۈگۈلۈپ ياتقانچە، تام تەرەپكە قاراپ ئۇخلاپ قالغانىدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇستازنى ئويغىتىشقا جۈرئەت قىلالماي، كارىۋات يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. بىرئازدىن كېيىن ئۇستاز ئويغىنىپ، پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ، ئۆز - ئۆزىگە مۇنداق دېدى:
مۇشەققەتلەر شۇنچە كۆپ، سىرلىقتۇر ئەڭ تويىن ئىلمى،
بىراق ئىسكىرناياپنى بوش چاغلىما ھەرقاچان.
ئۆگەتمەيتتىم بۇ كىشى كەلمىسە جىڭ ماھارەت،
قۇرۇق كاپشىپ يەنىلا ئۆتەر ئىدى كۆپ زامان.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇنى ئاڭلاپ دەرھال:
− ئۇستازىم، بۇ يەردە مەن سىلىنى كۈتۈپ تۇرغىلى خېلى بولدى، − دېدى.
پىر ئۇستاز سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، دەرھاللا ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىندى ۋە كارىۋات ئۈستىدە بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
− ھەي مايمۇنەك، سەن جايىڭدا ئۇخلىماستىن بۇ يەرگە نېمىدەپ كېلىۋالدىڭ؟
− ئۇستازىم، تۈنۈگۈن سىلى مۇنبەر ئالدىدا ماڭا يېرىم كېچىدە ئارقا ئىشىكتىن كىرسەڭ ئىلىم ئۆگىتىپ قويىمەن دېگەن ئىدىلە. شۇ سەۋەبتىن ئالدىلىرىغا يۈرەكلىك تاۋاپ قىلىپ كىردىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
پىر ئۇستاز بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولدى ۋە كۆڭلىدە «بۇ بىرنېمە راستتىنلا ئاسمان - زېمىننىڭ جەۋھىرىدىن بولغانىكەن. بولمىسا ئۇ مېنىڭ خۇپىيانە سىرلىرىمنى چۈشىنىپ يېتەلەرمىدى؟» دەپ ئويلىدى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭغا قاراپ:
− بۇ يەردە يات كىشىمۇ يوق، پەقەت مەنلا يالغۇز، ئۇستازىم، ماڭا مېھىر - شەپقەت كۆرسىتىپ مەڭگۈ قېرىماسلىقنى ئۆگىتىپ قويسىلا، مېھىر - شەپقەتلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان بولاتتىم، − دېدى ئۆتۈنگەن ئاھاڭدا.
− بۈگۈن تەقدىر - پېشانەڭ ئوڭدىن كەلگىنىگە مەنمۇ ناھايىتى خۇشال، − دېدى پىر ئۇستاز، − مېنىڭ خۇپىيانە سىرلىرىمنى بىلەلىگۈدەك بولساڭ ئالدىمغا يېقىن كەلگىن، ئىخلاس قويۇپ ئاڭلا، ساڭا مەڭگۈ قېرىماسلىقنىڭ يولىنى ئۆگىتەي.
سۇن ۋۇكۇڭ تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ، مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە كارىۋات ئالدىغا كېلىپ پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. پىر ئۇستاز ئۇنىڭغا بىر - بىرلەپ يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قەلبى بەخت قاينىمىغا چۆمدى. ئۇ ھەربىر ئەپسۇننى ئېسىدە چىڭ تۇتۇۋالدى. ئاخىر ئۇستازىنىڭ ھىممەت كۆرسەتكەنلىكىگە چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىپ، ئارقا ئىشىك بىلەن قايتىپ چىقىپ، ئەتراپقا نەزەر سالدى. كۈنچىقىش تەرەپ ئاقىرىشقا باشلىغانىدى. غەربىي يول ئالتۇن نۇر - زىيا ئىچىدە يارقىن جىلۋىلىنەتتى. ئۇ كەلگەن يولى بىلەن ئايلىنىپ ئالدى ئىشىككە كەلدى ۋە ئىشىكنى يېنىك ئېچىپ كىرىپ، ئورنىغا كېلىپ يېتىۋالغاندىن كېيىن، كارىۋىتىنى غىچىرلىتىپ تۇرۇپ:
− تاڭ يورۇدى، تاڭ يورۇدى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار ! − دەپ ۋارقىرىدى.
كېچىچە شېرىن ئۇيقۇغا بۆلىنىپ ياتقان باشقىلار سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقىدىن تامامەن بىخەۋەر ئىدى.
ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتتى. پىر ئۇستاز يەنە مۇبارەك مۇنبىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، شاگىرتلىرىغا بۇددا نومىدىن تەپسىر ئېيتىۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت سۇن ۋۇكۇڭنى چاقىرىپ قالدى.
− خوش، ئۇستاز، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ.
− سەن بۇ كۈنلەردە نېمىنى ئۆگىنىۋاتىسەن؟ − دەپ سورىدى ئۇستاز ئۇنىڭدىن.
سۇن ۋۇكۇڭ جاۋاب بېرىپ:
− كەمىنە شاگىرتلىرى بۇددا ئەقىدىلىرىنى خېلى ئەتراپلىق ئىگىلىدىم. تەبىرلىرىنى داۋاملىق پىششىقلاۋاتىمەن، − دېدى.
− ئەقىدىلەرنى ئىگىلەپ، تەبىر ئېيتالىغۇدەك بولغان بولساڭ، ئەۋلىيالىققا توشۇپ قاپسەن. لېكىن، «ئۈچ بالايىئاپەت»تىن ھەزەر ئەيلىشىڭ كېرەك، − دېدى پىر ئۇستاز.
سۇن ۋۇكۇڭ بۇنى ئاڭلاپ بىرئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
− نېمىلەرنى دەۋاتىدىلا، ئۇستازىم. مەن ئەخلاقىي پەزىلەتتە كامالەتكە يەتكەنلەر ئالەم بىلەن تەڭ ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئۇلارغا سۇ ۋە ئوتمۇ زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ. ئۇنداق ئادەملەر ئاغرىق - سىلاقتىن خالىي بولىدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم. بۇ «ئۈچ بالايىئاپەت» دېگەنلىرى نېمىسى؟ − دېدى.
− بۇ ئاجايىپ سىردۇر، − دېدى پىر ئۇستاز، − سەن جاھان ئامەتلىرىگە ئىگە بولۇپ، قۇياش ۋە ئاينىڭ سىرلىرىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن، جىن - ئالۋاستىلاردىن قورقمايدىغان بولىسەن، لېكىن شۇ تەرىقە ئۆمۈر كۆرۈپ، بەش يۈز يىلغا بارغاندىن كېيىن، پەلەك ساڭا چاقماق ئاپىتى چۈشۈرىدۇ. سەن بۇنى ھوشيارلىق بىلەن ئالدىن سېزىپ، ئۆزۈڭنى قاچۇرۇشۇڭ كېرەك. بۇنىڭدىن ئامان قالالىساڭ، پەلەك بىلەن تەڭ ئۆمۈر كۆرىسەن. ئۆزۈڭنى قاچۇرالمىساڭ، ھالاك بولىسەن. يەنە بەش يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاسماندىن ئوت ئاپىتى چۈشۈپ، سېنى ئۆرتىمەكچى بولىدۇ. بۇ، پەلەك ئوتىمۇ ئەمەس، ئادەتتىكى ئوتمۇ ئەمەس، «دوزاخ ئوتى» دەپ ئاتىلىدۇ. تاپىنىڭدىن كىرىپ چوققاڭدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئىچ - قارنىڭنى ئۆرتەپ كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. پۇت - قولۇڭنى چىرىتىپ تاشلايدۇ. مىڭ يىللىق ئىبادىتىڭنى بىراقلا ۋەيران قىلىدۇ. يەنە بەش يۈز يىلدا بوران ئاپىتى ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ شەرق، جەنۇب، غەرب ۋە شىمال بورىنىمۇ ئەمەس، تەتۈر قۇيۇنمۇ ئەمەس، بوستانلىقتىكى مەيىن شامالمۇ ئەمەس، بەلكى «دەرغەزەپ بورىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ سوڭۇڭدىن كىرىپ، كىندىكىڭنىڭ تۆۋىنىدىن توققۇز تۆشۈك ئېچىپ چىقىپ كېتىدۇ. گۆشۈڭنى ئۇستىخانلىرىڭدىن سويۇپ تاشلاپ، تېنىڭنى پارە - پارە قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا، بۇ ئۆتكەللەرنىڭ ھەممىسىدىن ئامان ئۆتۈشۈك لازىم.
بۇنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتتى. ئۇ پىر ئۇستازغا ئالمان - تالمان باش ئۇرۇپ:
− سىلىدىن ئۆتۈنۈپ قالاي بوۋا، رەھىم قىلىپ ماڭا ئۈچ ئاپەتتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئۆگىتىپ قويسىلا، شەپقەتلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، − دېدى.
− بولىدۇ، سەن قايسى خىلىنى ئۆگىنىشنى خالايسەن؟ − دېدى پىر ئۇستاز، − بىر خىلى، ساماۋى ئەختەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوتتۇز ئالتە خىل ئۆزگىرىش بار، يەنە بىر خىلى، زېمنىي ئەپتەر بولۇپ، بۇنىڭدا يەتمىش ئىككى خىل ئۆزگىرىش بار.
− مۇرتلىرى كۆپرەك بولۇشىنى خالايدۇ. شۇڭا، زېمنىي ئەپتەرنى ئۆگىنەي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
پىر ئۇستاز سۇن ۋۇكۇڭغا شەرەت قىلىپ:
− ئۇنداق بولسا قېشىمغا يېقىن كەل. ساڭا ئەپسۇننى ئۆگىتىپ قوياي، − دېدى - دە، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ قۇلىقىغا ئاللىقانداق بىرنېمىلەرنى پىچىرلىدى.
سۇن ۋۇكۇڭ بىرىنىڭ ئېپىنى بىلىۋالسا، مېڭىسىدە ئەقىل تېپىپ كېتەتتى. ئۇ ئەپسۇننى شۇ ھامان يادلاپ، ئۆزى ئۆگىنىپ، ئۆزى مەشىق قىلىپ، يەتمىش ئىككى خىل ئۆزگىرىشنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئىگىلىۋالدى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پىر ئۇستاز كۆپچىلىك بىلەن ئۈچ يۇلتۇز غارى ئالدىدا كەچلىك مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋېتىپ، سۇن ۋۇكۇڭدىن ئۇشتۇمتۇت:
− ۋۇكۇڭ، ئىشلىرىڭ پۈتتىمۇ؟ − دەپ سوراپ قالدى.
− پىر ئۇستازنىڭ ھىممىتى بىلەن ماھارەتلىرىمنى تاماملاپ، ئۇچالايدىغان بولدۇم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
− قېنى ئۇچۇپ باققىن، مەن كۆرۈپ باقاي، − دېدى پىر ئۇستاز.
سۇن ۋۇكۇڭ ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، لىككىدە كۆتۈرۈلدى - دە، ئارقا - ئارقىدىن موللاق ئېتىپ، يەر يۈزىدىن بەش يۈز - ئالتە يۈز گەزچە ئېگىزلىككە ئۆرلەپ، بۇلۇت ئۈستىگە چىقىپ بارا - بارا يىراقلاشتى. ئالاھازەل ئۈچ چاقىرىمچە يىراققا بېرىپ كەلدى بولغاي، بىر ئاش پىشىمچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پىر ئۇستازنىڭ ئالدىغا قايتىپ چۈشۈپ، قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ مۇنداق دېدى:
− ئۇستازىم، مانا بۇ مېنىڭ بۇلۇت - تۇمانلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلغىنىم.
پىر ئۇستاز كۈلۈپ كېتىپ مۇنداق دېدى:
− بۇ، بۇلۇت - تۇمانلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. پەقەتلا بۇلۇتقا يامىشىپ چىققانلىق بولىدۇ. قەدىمكىلەر: «ئەۋلىيالار چىقسا تاڭدا سەيلىگە بېيخەي تامان، قايتىشار پەيتى گۇگۇمدا ئىزىغا ھارماي ئامان» دەپتىكەن. سەن يېرىم كۈندىمۇ ئۈچ چاقىرىم يۈرەلمىسەڭ، بۇلۇتقا ياماشقىنىڭ نېمىگە ھېساب بولاتتى؟
− «چىقسا تاڭدا سەيلىگە بېيخەي تامان، قايتىشار پەيتى گۇگۇمدا ئىزىغا ھارماي ئامان» دېگەنلىرى قانداق گەپ؟ − سورىدى سۇن ۋۇكۇڭ.
پىر ئۇستاز جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
− بۇلۇت - تۇمانلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلغان ئەجدادلىرىمىز تاڭ سەھەردە شىمالىي دېڭىزدىن چىقىپ، شەرقىي دېڭىزنى، غەربىي دېڭىزنى ۋە جەنۇبىي دېڭىزنى سەيلە قىلىپ، گۇگۇم چۈشۈشىگە يەنە ئۆز ئىزىغا قايتىپ كەلگەنىكەن. تۆت دېڭىزنى ئەنە شۇلاردەك بىر كۈندە سەيلە قىلىپ تۈگەتكەندىلا، بۇلۇت - تۇمانلار ئۈستىدە ھەقىقىي پەرۋاز قىلغانلىق بولىدۇ.
− بۇ تولىمۇ قىيىن ئىش ئىكەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
پىر ئۇستاز ئۇنىڭغا قاراپ دېدى:
− قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.
سۇن ۋۇكۇڭ يەنە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلىپ، يېلىنغان ھالدا:
− پىر ئاتا، بىلگىنىڭنى كىشىدىن ئايىما دەپتىكەن، بۇلۇت - تۇمانلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىدىغان شۇ ئۇسۇلنىمۇ بىر ئۆگىتىپ قويسىلا. شەپقەتلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمىغان بولاتتىم، − دېدى.
پىر ئۇستاز مۇنداق دېدى:
− بۇلۇت - تۇمانلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلغان ئۇستازلارنىڭ ھەممىسى ئىشنى تېپچەكلەشتىن باشلىغان. سەن بولساڭ ئۇنداق قىلالمىدىڭ. باياتىن قاراپ تۇرسام، ئاران دېگەندە سەكرەپ چىقىپ كېتىۋاتىسەن. شۇنىڭغا ئاساسەن، مەن ساڭا «بۇلۇت مۇئەللەق»نى ئۆگىتىپ قوياي.
سۇن ۋۇكۇڭ يەنە ئېھتىرام بىلەن تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ، سەمىمىي ئۆتۈندى. پىر ئۇستاز ئۇنىڭغا بىر ئەپسۇننى ئېيتىپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
− بۇ بۇلۇتنىڭ ئۈستىگە سەن ئەپسۇننى يادلاپ، ئايەتنى ئوقۇپ، مۇشتۇمۇڭنى چىڭ تۈگۈپ تۇرۇپ سەكرەپ چىقىپ، بىرلا موللاق ئاتساڭ بىر يۈز سەكسەن مىڭ چاقىرىم يۈرەلەيسەن.
بۇنى ئاڭلاپ ئەتراپتىكىلەر پىخىلدىشىپ كۈلۈشكەن ھالدا مۇنداق دېيىشتى:
− ۋۇكۇڭ، مانا ئەمدى تازا ئامىتىڭ كەپتۇ سېنىڭ. بۇ سېھىرگەرلىكنى ئۆگىنىۋالساڭ، خەۋەرچى لەشكەرلەرگە ئوخشاش باشقىلارنىڭ مەكتۇپلىرىنى، مەلۇماتلارنى توشۇپ بېرىپ، قەيەرگىلا بارساڭ، بىر چىشلەم نان تېپىپ يېيەلەيدىغان بولدۇڭ - دە !
ئۇستاز ۋە شاگىرتلار گۇگۇم چۈشكەندە غاردىكى ھۇجرىلىرىغا كىرىپ كېتىشتى. سۇن ۋۇكۇڭ كېچىچە سۈرە - ئەپسۇنلارنى يادلاپ، گۇمپا پىشۇرۇپ، «بۇلۇت مۇئەللەق»نىمۇ ئۆگىنىۋالدى. شۇندىن كېيىن ئۇ بۇ توپ ئىچىدە ئۆز ئەركى - ئۆز مەيلى بويىچە بەھۇزۇر ئويناپ كۈلۈپ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ پەيزىنى سۈردى.
باھار كېتىپ ياز كەلدى. بىر كۈنى كۆپچىلىك قارىغاي ئاستىدا پاراڭلىشىپ سۇن ۋۇكۇڭدىن:
− ۋۇكۇڭ، خېلى يېتىلىپ قېلىۋاتامسەن؟ ئالدىنقى كۈنى ئۇستاز قۇلىقىڭغا پىچىرلاپ، ئۈچ بالايىئاپەتتىن قۇتۇلۇشنى ئۆگىتىۋاتقانىدى، ھەممىسىنى بىلىۋالغانسەن؟ − دەپ سوراشتى.
سۇن ۋۇكۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
− ئاكىلار، سىلەردىن يوشۇرماي دەۋېرەي، بىرىنچىدىن، ماڭا ئۇستاز ئۆگەتتى؛ ئىككىنچىدىن، كېچە - كۈندۈز تەر ئاققۇزۇپ ئۆزۈم مەشىق قىلىپ ھەممىسىنى بىلىۋالدىم.
− مۇشۇ ياخشى پۇرسەتتە ئۆزۈڭنى بىر سىناپ باققىن، بىزمۇ كۆرۈپ باقايلى، − دېدى كۆپچىلىك.
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، سۇن ۋۇكۇڭ باشقىچە روھلىنىپ، ماھارىتىنى كۆز - كۆز قىلغان ھالدا:
− قېنى، سىلەر سوئال قويۇڭلار، نېمىگە ئۆزگىرىپ بېرىمەن؟ − دېدى.
− بىر تۈپ قارىغايغا ئۆزگىرىپ باققىن، − دېدى كۆپچىلىك.
سۇن ۋۇكۇڭ سۈرىنى يادلاپ، ئەپسۇننى ئوقۇپ تۇرۇپ، بىرلا سىلكىنىپ، بىر تۈپ قارىغايغا ئۆزگەردى. بۇنى كۆرگەن كۆپچىلىك چاۋاك چېلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى ۋە:
− يارايسەن، يارايسەن مايمۇن ! − دېيىشكىنىچە ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشىپ، پىر ئۇستازىنى چۆچۈتۈۋەتتى.
ئۇستاز دەرھال ھاسسىسىنى تايىنىپ چىقىپ:
− كىم ئۇ، بۇ يەردە ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشقان؟ − دېدى زەردە بىلەن.
كۆپچىلىك ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا دەرھال كۈلكىسىنى توختىتىپ، كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. سۇن ۋۇكۇڭمۇ ئۆز ئەسلىگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇلۇۋالدى ۋە:
− مۆھتەرەم ئۇستازىم، مەن بۇ يەردە سىلىنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم، ھېچكىم بىلەن پاراڭ سېلىشمىدىم، − دېدى.
پىر ئۇستاز دەر غەزەپكە كېلىپ:
− نېمانچە ۋارقىراپ - جارقىرىشىسىلەر ! سىلەرنىڭ نەرىڭلار ئىلىم - بىلىم ئۆگىنىدىغان كىشىگە ئوخشايدۇ؟ ! − دېدى رەنجىپ.
− سىلىدىن ھېچ ئىشنى يوشۇرمايمىز، ئۇستاز، − دېدى كۆپچىلىك ئۇنىڭ ئەلپازىغا قاراپ، − باياتىن سۇن ۋۇكۇڭنى ئۆزگىرىشكە سېلىپ ئوينىۋىدۇق، ئۇنى قارىغايغا ئۆزگەرگىن دېسەك، ئۇ راستتىنلا بىر تۈپ قارىغاي بولۇپ قالدى. ھەممىمىز ئۇنىڭغا بارىكاللا ئېيتىپ، ئاۋازىمىزنى قويۇۋېتىپ قاپتۇق. گۇناھىمىزنى كەچۈرگەيلا !
− سىلەر قايتىڭلار، − دېدى پىر ئۇستاز سۇن ۋۇكۇڭنى ئالدىغا چاقىرىپ، − بېرى كەل ۋۇكۇڭ. سەن نېمە شەيتانلىق قىلىپ قارىغايغا ئۆزگىرىپ يۈرىسەن؟ بۇ ماھارەتنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا كۆز - كۆز قىلىشقا بولامدۇ؟ مۇبادا باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق ماھارىتى بولسا، ئۇلارغا يالۋۇرامسەن؟ بۇ ماھارەت سەندە بولغان ئىكەن، باشقىلار جەزمەن ساڭا يالۋۇرىدۇ. ئەگەر نەس بېسىشتىن قورقساڭ، ئۇلارغىمۇ ئۆگىتىشىڭ كېرەك. ئۆگەتمىسەڭ، ئۇلار ساڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. ھەتتا ھاياتىڭنىمۇ ساقلاپ قالالمايسەن.
سۇن ۋۇكۇڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ:
− ئۇستازىم، گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلىشلىرىنى تىلەيمەن، − دېدى.
− سېنى گۇناھ قىلدى دېمەيمەن، بولدى، قايتىپ كەتكىن ! − دېدى پىر ئۇستاز.
بۇنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالدى:
− ئۇستاز ئاتا، مەن كېتىپ قەيەرگىمۇ بارىمەن؟
− قەيەردىن كەلگەن بولساڭ، شۇ يەرگە كەتكىن !
سۇن ۋۇكۇڭ شۇئان ئېسىنى يىغدى ۋە:
− ئۇستاز، مەن شەرقىي پورۋاۋىدىخا ئاۋلەي مەملىكىتىنىڭ گۈلشەن تېغىدىكى سۇ پەردىلىك غاردىن كەلگەن، − دېدى.
− تېز قايتىپ كەتكىن، سېنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشۇڭ ئەمدى ھاياتىڭغا پايدىلىق ئەمەس، − دېدى پىر ئۇستاز.
سۇن ۋۇكۇڭ گۇناھكارلاچە قىياپەتتە:
− مۆھتەرەم ئۇستازىم، مەن ئۆيدىن ئايرىلغىلى يىگىرمە يىل بولۇپ قاپتۇ. بالا - چاقىلىرىمنى سېغىنغان بولساممۇ، لېكىن ئۇستازنىڭ شەپقىتىنى تېخى قايتۇرالمىدىم. كېتىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمايۋاتىدۇ، − دېدى.
− شەپقەت - پەپقەت دېگىنىڭنى قوي، سەن ماڭا بالا تېرىپ بەرمىسەڭلا بولدى، − دېدى پىر ئۇستاز.
سۇن ۋۇكۇڭ باشقا ئامال قالمىغانلىقىنى بىلىپ، قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى ۋە كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشتى. پىر ئۇستاز ئۇنىڭغا جىكىلەپ:
− قايتىپ بارساڭ، كۈنۈڭ خېلى تەس بولىدىغان ئوخشايدۇ. ھەرقانچە بالا - قازا تېرىغان چاغدىمۇ، مېنىڭ شاگىرتىم ئىكەنلىكىڭنى بىرەرىگە تىنىپ سالما، ئاغزىڭدىن بىرەر ئېغىز سۆز چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپلا قالسام، سەن مايمۇننىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويۇپ، پۇت - قولۇڭنى چېقىپ، مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىمەن ! − دېدى.
− ئۇستاز، ھەرگىزمۇ بىرەرىگە تىنمايمەن. ئۆزۈم ئۆگىنىۋالغانلا دەيمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
سۇن ۋۇكۇڭ پىر ئۇستازغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ خوشلاشتى ۋە شۇئان سۈرە - ئەپسۇننى ئوقۇپ، موللاق ئېتىپ بۇلۇتقا چىقىپ، كۈنچىقىشقا قاراپ يول ئالدى. ئالاھازەل ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن گۈلشەن تېغىدىكى سۇ پەردىلىك غار كۆرۈندى. ئۇ بۇلۇتنى تۆۋەنلىتىپ، گۈلشەن تېغىغا چۈشتى. تاغ يولىدا كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قۇلىقىغا قۇشلارنىڭ ۋە مايمۇنلارنىڭ ئەلەملىك سايراشلىرى، ۋارقىراشلىرى ئاڭلاندى.
− بالىلىرىم، مەن قايتىپ كەلدىم ! − دەپ توۋلىدى سۇن ۋۇكۇڭ بار ئاۋازى بىلەن.
شۇئان قىيا تاشلار ئارىسىدىن، گۈل - گىياھلارنىڭ ئارىسىدىن ۋە دەرەخلىكلەردىن سانسىزلىغان چوڭ - كىچىك مايمۇنلار ئېتىلىپ چىقىپ، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى ۋە باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشقان ھالدا:
− پادىشاھىم، نېمانچە غەم يېمەيدىغانلا؟ ئەجەبمۇ ئۇزاقتا كەلدىلىغۇ؟ بىزنى بۇ يەردە تاشلاپ قويۇپ يوللىرىغا خويمۇ ئىنتىزار قىلدىلا. يېقىندا بىر يالماۋۇز بىزنى ئانىي تېپىپ، غارىمىزغا بېسىپ كىردى. بىز ئۇنىڭ بىلەن جېنىمىزنى تىكىپ تۇرۇپ ئېلىشتۇق. نەچچە كۈندىن بېرى ئۇ يەنە كېلىپ ئۆي بىساتلىرىمىزنى بۇلاپ كەتتى. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى تۇتۇپ كەتتى. بىزگىمۇ كېچە - كۈندۈز ئارام يوق. ئۆي - ماكانلىرىمىزنى ئاران ساقلاپ تۇرۇۋاتىمىز، ھېلىمۇ ياخشى قايتىپ كەلدىلە، يەنە بىرنەچچە يىلغىچە كەلمىگەن بولسىلا بىزمۇ غار بىلەن قوشۇلۇپلا باشقىلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتۇق ! − دېيىشتى.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ سۇن ۋۇكۇڭ دەرغەزەپكە كەلدى ۋە:
− شۇنچە كۆرەڭلەپ كەتكەن قايسى ئالۋاستى ئىكەن ئۇ؟ ئالدىرىماي سۆزلەڭلار، مەن ئۇنى تېپىپ جەزمەن ئىنتىقام ئالىمەن ! − دېدى.
مايمۇنلار بېشىنى تۆۋەن سېلىشىپ مۇنداق دېدى:
− پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ بىرنېمە ئۆزىنى، مالىمانچى يالماۋۇز دەپ ئاتايدىكەن، ئالدىمىزدىكى شىمالىي تۆۋەنلىكتە تۇرىدىكەن.
− ئۇنىڭ تۇرىدىغان جايى بۇ يەرگە قانچىلىك يىراق كېلەر؟ − سورىدى سۇن ۋۇكۇڭ.
مايمۇنلار جاۋاب بېرىپ:
− ئۇ بۇلۇت سىياقىدا كېلىپ تۇمان بولۇپ قايتىدۇ. گاھىدا بوران، گاھىدا يامغۇر، گاھىدا چاقماق ۋە گاھىدا گۈلدۈرمامىمۇ بولۇۋالىدۇ. بىز ئۇنىڭ كېلىدىغان يېرىنىڭ زادى قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، − دېدى.
− ئۇنداق بولسا سىلەر ئارام ئېلىپ ئويناپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ ئۇنى تېپىپ كېلەي، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ۋە لىككىدە ئۆرلەپ ئاسمانغا چىقىپ، يول بويى موللاق ئاتقان پېتى ئۇدۇل شىمالىي تۆۋەنلىككە كېلىپ، ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاجايپ بىر گۈزەل تاغ كۆرۈندى. سۇن ۋۇكۇڭ بۇ مەنزىرىگە زوق بىلەن قاراۋاتقاندا، ئۇشتۇمتۇت بىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ دەرھال تاغدىن چۈشۈپ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭدى. قارىسا، چوقچىيىپ تۇرغان قىيا ئالدىدا سۇ ئېقىپ تۇرغان بىر غار، غار ئالدىدا بىرقانچە كىچىك ئالۋاستى ئۇسسۇل ئويناۋاتقانىكەن. ئۇلار سۇن ۋۇكۇڭنى كۆرۈپلا قېچىشقا تەمشەلدى.
− قىمىرلاشما ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارغا قاراپ، − مەن جەنۇبتىكى گۈلشەن تېغى سۇ پەردىلىك غارىنىڭ خوجىسى بولىمەن. ھېلىقى مالىمانچى يالماۋۇز دېگىنىڭلار پەرزەنتلىرىمنى ئانىي تېپىپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈچ سىنىشىپ باقاي دەپ ئىزدەپ كەلدىم !
كىچىك ئالۋاستىلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئالمان - تالمان غار ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ، خەۋەر يەتكۈزدى:
− پادىشاھىم چاتاق بولدى !
− نېمە چاتاق بولدى ! − سورىدى يالماۋۇز.
كىچىك ئالۋاستىلار جاۋاب بېرىپ:
− غار سىرتىدا بىر مايمۇن مەن گۈلشەن تېغىدىكى سۇ پەردىلىك غارنىڭ خوجىسى بولىمەن، دەيدۇ، ئۇ سىلى بىلەن كۈچ سىنىشىش ئۈچۈن كەپتۇدەك، − دېدى.
يالماۋۇز كۈلۈپ قويۇپ مۇنداق دېدى:
− مەن ئۇ مايمۇنەكلەرنىڭ دائىم بىزنىڭ بىر پادىشاھىمىز بار دېگىنىنى ئاڭلىغانىدىم. سىرتقا كېتىپ قالغانىكەن. قارىغاندا، بۈگۈن قايتىپ كەپتۇ - دە. سىلەر دىققەت قىلدىڭلارمۇ، ئۇ قانداق ياسىنىپتۇ، قانداق قورالى بار ئىكەن؟
− ئۇنىڭ ھېچقانداق قورالى يوق ئىكەن. بېشىغىمۇ بىرنەرسە كىيمەپتۇ، ئۇچىسىغا قىزىل رەختتىن كۆڭلەك، تامبال كىيىپ بېلىنى سېرىق پوتىدا باغلىۋاپتۇ. پۇتىغا قارا كەشە سېپىۋاپتۇ. قولىدا ھېچنېمە يوق. سىلىنى چىقسۇن دەۋاتىدۇ، − دېدى كىچىك ئالۋاستىلار.
بۇنى ئاڭلاپ يالماۋۇز كۆرمە تون، قورال - ياراغلىرىنى ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. كىچىك ئالۋاستىلار ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى دەرھال بەجا كەلتۈردى. يالماۋۇز ساۋۇت - دۇبۇلغىلىرىنى كىيىپ قىلىچىنى قولىغا ئالدى ۋە ئالۋاستىلىرىنى باشلاپ سىرتقا چىقىپ:
− سۇ پەردىلىك غارنىڭ خوجىسى مەن، دېگىنىڭ قايسىڭ؟ − دەپ توۋلىدى.
− ھەي چۈپرەندە يالماۋۇز، شۇنچە يوغان كۆزۈڭ تۇرۇپ، ئاكاڭ قارىغاينى كۆرمەيۋاتامسەن؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭمۇ ۋارقىراپ.
يالماۋۇز ئۇنى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ:
− بويۇڭ تۆت چىغىمۇ توشمايدىكەن، ئوتتۇزغىمۇ كىرمىگەندەك قىلىسەن، قولۇڭدا قورالنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق تۇرىدۇ. يەنە نېمەڭگە كۆرەڭلەپ مەن بىلەن ئېلىشىمەن دەپ كەلدىڭ؟ − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنى تىللاپ:
− ھەي سولتەك يالماۋۇز، سەن تازىمۇ كور نېمە ئىكەنسەن ! سەن مېنى كىچىك چاغلىساڭ يوغىناشنىمۇ بىلىمەن. قورالىم بولمىغىنى بىلەن قولۇمنى ئۇزارتساملا ئاسماندىكى ئايغىمۇ يېتىدۇ. بۇ ياققا كېلىپ، مۇشتۇمۇمنى بىر تېتىپ كۆرگىن ! − دېدى - دە، ئېتىلىپ بارغانچە ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن مۇشت ئاتتى.
يالماۋۇز ئۇنىڭ مۇشتۇمىنى توسۇۋېلىپ:
− سەن پەتەكتىن مەن كۆپ ئېگىز تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن مۇشت ئاتىسەن، مەن قىلىچ ئىشلىتىمەن، سېنى ئۆلتۈرۈپ قويسام، تازىمۇ كۈلكىلىك ئىش بولغۇدەك، توختا، مەن قىلىچىمنى تاشلاپ قويۇپ، سەن بىلەن مۇشت ئېتىشىمەن ! − دېدى.
− راست دەيسەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − ئوغۇل بالا ئىكەنسەن، قېنى كەل !
يالماۋۇز يەڭلىرىنى شىمايلاپ دېۋەيلەپ كەلدى، سۇن ۋۇكۇڭمۇ ئۇنىڭغا قارشى شىددەت بىلەن ئېتىلدى. مۇشت - پەشۋالار ئېتىلىپ، قاتتىق ئېلىشىش باشلاندى. ئۇزۇن مۇشتلار بوشلۇقتا پىرقىراپ قالدى. قىسقا مۇشتلار گۈپۈلدەپ تەگدى. سۇن ۋۇكۇڭدىن بىقىنىغا ۋە چاترىقىغا ئەجەللىك زەربە يېگەن يالماۋۇز تىك موللاق ئېتىپ بېرىپ، قىلىچىنى قولىغا ئېلىۋالدى - دە، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ بېشىغا قارىتىپ چاپتى. سۇن ۋۇكۇڭ چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇردى. قىلىچ تەگمەي ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ يالماۋۇزنىڭ غالجىرلاشقانلىقىنى كۆرۈپ، تەن ئايرىش سېھرىنى ئىشقا سېلىپ، بىر تۇتام مويىنى يۇلۇۋالدى - دە، ئاغزىغا سېلىپ چايناپ، ئاسمانغا قارىتىپ پۈركۈگەندىن كېيىن «ئۆزگەر !» دەپ توۋلىدى. شۇئان ئىككى يۈز - ئۈچ يۈز مايمۇنچاق پەيدا بولدى. بۇ مايمۇنلار شۇ قەدەر چاققان ئىدىكى، ئۇلارغا ياكى قىلىچ، ياكى نەيزە زادى تەگمەيتتى. ئۇلار تەرەپ - تەرەپتىن يالماۋۇزغا ئېتىلىپ كېلىپ گاھىلىرى يامىشىپ، مورلاپ، گاھىلىرى ئېغىغا شۇڭغۇپ كىرىپ سوزۇپ، پۇتلىرىنى قايرىپ، كۆزلىرىنى كولاپ، بۇرۇنلىرىنى تولغاپ، چىرمىشىپ مىدىرلىيالماس قىلىۋەتتى. بۇ چاغدا سۇن ۋۇكۇڭ ئۇنىڭ قىلىچىنى تارتىۋېلىپ، مايمۇنلارنى ئاجرىتىۋەتتى ۋە قىلىچ بىلەن بىرلا چېپىپ، بېشىنى ئىككى پارچە قىلىۋەتتى. ئارقىدىنلا مايمۇنلىرىنى باشلاپ غارغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، كىچىك ئالۋاستىلارنى بىر - بىرلەپ قىرىپ تۈگەتتى. ئاندىن ھېلىقى بىر تۇتام مويىنى ئۆزىگە يىغىۋالدى، قارىسا، يەنە بىرمۇنچە مايمۇن يىغىلماي قاپتۇ. بۇلار يالماۋۇز سۇ پەردىلىك غاردىن تۇتۇپ ئەكەلگەنلەر ئىدى.
− سىلەر بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرىسىلەر؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارغا قاراپ.
قىرىق - ئەللىكچە مايمۇن كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا:
− پادىشاھىم، سىلى ئىستىقامەت قىلغىلى كەتكەندىن كېيىن، بۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئالىتوپىلاڭ قىلىپ بىزنى تۇتۇپ كېلىپ بۇ يەرگە قاماپ قويغان. قارىمامدىلا، غارىمىزنىڭ ئاۋۇ تاش تەڭنە، تاش قاچىلىرىنىمۇ شۇ ئەبلەخ بۇلاپ كەلگەن، − دېدى.
سۇن ۋۇكۇڭ:
− ئۆز نەرسىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ مېڭىڭلار ! − دېدى - دە، ئارقىدىنلا غارغا ئوت قويۇپ، غارنى تەلتۆكۈس كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە مايمۇنلارغا قاراپ قوشۇپ قويدى، − ھەممىڭلار ماڭا ئەگىشىپ قايتىڭلار !
مايمۇنلار:
− پادىشاھىم، بىز بۇ يەرگە كەلگەندە قۇلاق تۈۋىمىزدە بوران ھۇۋلىغاندەك بولۇپ، ھېچنېمىنى سەزمەيلا كېلىپ قالغانىدۇق. يولنى بىلمىسەك قانداق قايتىپ كېتىمىز؟ − دېدى.
− بۇ ئۇنىڭ سېھىرگەرلىكى، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − ئۇنىڭ سىرلىق دېگۈدەك ھېچنېمىسى يوق. مەن ھازىر بىرىنى بىلىۋالسام، يۈزىنىڭ ئېپىنى تېپىپ كېتەلەيمەن. ئۇنداق قىلىش مېنىڭمۇ قولۇمدىن كېلىدۇ، ھەممىڭلار كۆزۈڭلارنى يۇمۇڭلار، قورقماڭلار !
سۇن ۋۇكۇڭ ئەپسۇن ئوقۇدى، بىرپەس بوراندىن كېيىن، بۇلۇت ئاستا يەرگە تۆۋەنلىدى:
− كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار، بالىلىرىم ! − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ.
ئۆز غارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانلىقلىرىنى كۆرگەن مايمۇنلار خۇشاللىقىدىن غار تەرەپكە قاراپ چېپىشتى. ئۇلار غارغا دۈپۈرلىشىپ قىستىلىشىپ كىرىپ، ياش قۇرامى بويىچە توپقا ئايرىلىپ پادىشاھىغا تاۋاپ قىلىشتى. مېۋە - چېۋە، ھاراق - شارابلارنى تەييارلاپ سۇن ۋۇكۇڭنى داغدۇغا بىلەن تەبرىكلىدى. ئالۋاستىنى يوقىتىپ، پەرزەنتلەرنى قۇتۇلدۇرغانلىق ۋەقەسىنى زور قىزىقىش بىلەن سوراشتى. سۇن ۋۇكۇڭ ۋەقەنىڭ جەريانىنى تەپسىلىي ھېكايە قىلىپ بەردى. مايمۇنلار ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ:
− پادىشاھىم، سىلى ئۇ ياققا بېرىپ قالتىس ھۈنەر ئۆگىنىپ كەپتىلا جۇمۇ ! − دېيىشتى.
− ئەينى ۋاقىتتا مەن سىلەر بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ دولقۇنلار ئۈستىدە لەيلەپ، شەرقىي دېڭىزدىن ئۆتۈپ، غەربىي گۇدا دىيارىغا باردىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، − ئاندىن جەنۇبىي جامبۇدۋىپاغا بېرىپ ئادەم سىياقىدا بۇ كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىپ، ئىرغاڭلاپ مېڭىپ، سەككىز - توققۇز يىل سەرگەردان بولۇپ، ھېچقانداق ئەۋلىيانى تاپالمىدىم. كېيىن يەنە غەربىي دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈپ، غەربىي گۇداغا باردىم. كۆپ ۋاقىت سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئاخىر بەختكە يارىشا پىر ئۇستاز بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇ ماڭا ئاسمان - زېمىن بىلەن تەڭ ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ماھارىتى ۋە يولىنى ئۆگىتىپ قويدى.
مايمۇنلار تەبرىكلىشىپ:
− ئەمدى ھەرقانداق بالايىئاپەتمۇ كار قىلمايدىغان بوپتۇ - دە ! − دېيىشتى.
− بالىلىرىم، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ خۇش چىراي ھالدا، − يەنە بىر خۇشاللىق، ھەممەيلەننىڭ ئىسىم، فامىلىسى بار بولدى !
− پادىشاھ ئالىيلىرى، مۇبارەك نام - شەرىپلىرى نېمە بولدىكى؟
− فامىلەم سۇن، ئىسمىم ۋۇكۇڭ بولدى !
بۇنى ئاڭلاپ مايمۇنلار چاۋاك چېلىشىپ كەتتى ۋە:
− پادىشاھىم، سىلى لاۋسۇن بولسىلا، بىز سۇن ئىككى، سۇن ئۈچ، سۇن تۆت، كەنجى سۇن بولۇپ، پۈتۈن جەمەت، پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن ئۇۋىمىز بويىچە تامامەن سۇن بولدۇق - دە ! − دېيىشتى.
كىچىك مايمۇنلار ھەممىسى لاۋسۇنغا خۇشامەت قىلىشىپ تەلەڭگە - تاۋاقلاردا كۇكۇس شارابى، مۇسەللەسلەرنى تۇتتى. ئاجايىپ گۈل، مېۋىلەرنى سۇندى. پۈتۈن ئائىلە خۇشاللىق قاينىمىغا چۆمدى. بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى، بۇ يەردە يەنە قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder