قىزىل راۋاقتىكى چۈش - ئىككىنچى باب

 ئىككىنچى باب

جيا ئاغىچىنىڭ ياڭجۇ شەھىرىدە قازا تاپقانلىقى

لىڭ زىشىڭنىڭ رۇڭگو قەسىرى توغرىسىدا بايان قىلغانلىقى

جېن شىيىننىڭ قېيىنئاتىسى فېڭ سۇ دورغىلارنىڭ قىچقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئالدىراپ - تېنەپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، خۇشامەت بىلەن كۈلۈپ، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى.

− جېن بېگىمنى چاقىرىۋەت ! − دەپ ۋارقىرىدى دورغىلار.

− كەمىنىلىرى جېن جەمەتىدىن ئەمەس، فېڭ جەمەتىدىن، ئەمما ئۆز ۋاقتىدا پېقىرنىڭ جېن جەمەتىدىن بىر كۈيۈئوغلى بار ئىدى، ئۇ كىشىنىڭ تەركىدۇنيا بولۇپ چىقىپ كەتكىنىگە بىر - ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ھەربىرلىرىنىڭ ئىزدىگەنلىرى شۇ كىشىمىكىن؟ − دەپ جاۋاب بەردى فېڭ سۇ ھىجىيىپ تۇرۇپ.

ھېلىقى دورغىلار:

− ئۇ «جېڭ» مۇ، «جا»مۇ، ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق، كۈيۈئوغلۇڭ بولمىسا، ئامبال بېگىمنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆزۈڭنى ئېلىپ بارىمىز، دەيدىغىنىڭ بولسا شۇ يەرگە بارغاندا دېگىن، − دېدى -دە، فېڭ سۇنى ئىتتىرىپ - سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى. فېڭ سۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ھاڭ - تاڭ بولۇپ قېلىشتى.

جېسەكچى ئىككىنچى جىڭ قاققاندىلا فېڭ سۇ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى، ئۆيدىكىلىرى ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى بىلىشكە ئالدىراشتى. فېڭ سۇ ئۇلارغا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى:

− يېڭى كەلگەن ئامبال بېگىمنىڭ فامىلىسى جيا، ئىسمى خۇا ئىكەن. ئەسلىدە خۇجۇ دېگەن يەردىن بولۇپ، بىر چاغلاردا كۈيۈئوغلىمىزنىڭ قەدىناسلىرىدىن بولۇپ كەلگەن كىشى ئىكەن. دېدەك قىز جياۋ شىڭنىڭ ئىشىك ئالدىدا يىپ ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ كۈيۈئوغلىمىزنى مۇشۇ جايغا كۆچۈپ كېلىۋالغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، ئۇنى چاقىرتىشقا ئادەم ئەۋەتكەنىكەن. مەن بولۇپ ئۆتكەن ھادىسىنى سۆزلەپ بەردىم، ئامبال بېگىممۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، بىر پەس ئۇلۇغ - كىچىك تىندى. ئاندىن قىز نەۋرىمىزنى سورىدى، مەن ئۇنىڭ پانۇس ئويۇنى بولغان كېچىسى يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتىم. ئامبال بېگىم «سەۋر - تاقەت قىلىڭلار، مەن كىشى ئەۋەتىپ ئۇنى جەزمەن تاپتۇرۇپ كېلىمەن» دېدى. يەنە ئاز - پاز ئەھۋاللاشتۇق، خوشلىشىش ۋاقتىدا ماڭا ئىككى سەر كۈمۈش ئىنئام قىلدى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ جېن شىيىننىڭ ئاغىچىسىنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ كېچە ئۈن - تىنسىز ئۆتتى.

ئەتىسى سەھەردىلا، جيا يۈيسۇن خىزمەتكارى ئارقىلىق جېن شىيىننىڭ ئاغىچىسىغا ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى بولاق كۈمۈش، تۆت توپ كىمخاب - تاۋار ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فېڭ سۇغا يەنە بىر پارچە مەخپىي مەكتۇپ ئەۋەتىپ، جېن شىيىننىڭ ئاغىچىسىدىن دېدەك قىز جياۋ شىڭنى ئۆزىگە كىچىك ئاغىچىلىققا سوراتتى. فېڭ سۇ خۇشاللىقىدىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، جياۋ شىڭنى ئامبال بېگىمگە ئىككى قوللاپ تۇتقۇچە كۆزى تۆت بولدى. ئۇ بۇ قىزنىڭ ئالدىدا چېپىپ يۈرۈپ، ئەپلەپ - سەپلەپ ئىشنى پۈتكۈزدى - دە، جيا شىڭنى تەختىراۋانغا ئولتۇرغۇزۇپ شۇ كېچىسىلا يامۇلغا ئۇزاتتى. جيا يۈيسۇن بۇنىڭدىن دەپ تۈگەتكۈسىز مەمنۇن بولدى، فېڭ سۇغا يۈز سەر كۈمۈش ئىنئام قىلدى، جېن شىيىننىڭ ئاغىچىسىغىمۇ يەنە نۇرغۇن سوۋغا - سالام يوللاپ، مۇشۇنىڭ بىلەن ھازىرچە ئۆز كۈنىنى كۈن ئېتىپ تۇرۇشىنى، كېيىنچە قىزىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپ كۆرىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقۇزۇپ قويدى.

جياۋ شىڭ بىر چاغلاردا جيا يۈيسۇنغا بۇرىلىپ قارىغان ھېلىقى دېدەك قىز ئىدى، ئۆزىنىڭ بىر قاراپ قويۇشىنىڭ بۇنداق ئاجايىپ قىسمەتكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئۇ خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. يەنە كېلىپ تەلەي - ئامىتىنىڭ بۇنداق قوشلاپ كېلىدىغانلىقىنى كىممۇ بىلسۇن؟ ھېچبىر كۈتۈلمىگەندە، ئۇ مانا جيا يۈيسۇننىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ بىر ئوغۇلمۇ تۇغدى. يەنە يېرىم يىلدىن كېيىن، جيا يۈيسۇننىڭ چوڭ ئاغىچىسى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قازا تاپقاندا، جيا يۈيسۇن ئۇنى چوڭ ئاغىچىلىق ئورۇنغا ئۆتكۈزدى، بۇ ھال بەئەينى شۇنداق بولدىكى:

ئارقىغا تاسادىپەن بىر كۆز سېلىپ،

ئۆزگىنىڭ ئۈستىگە چىقتى تور ئېلىپ.

جيا يۈيسۇن ئاشۇ يىلى جېن شىيىندىن كۈمۈش ئىنئام ئالغاندىن كېيىن، ئون ئالتىنچى كۈنى پايتەختكە قاراپ يولغا چىققانىدى. ئۇ پايتەختكە بارغاندىن كېيىن، دۆلەتلىك چوڭ ئىمتىھان مەزگىلىدە تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ جىنشىلىققا ئۆتكەن ۋە جايلاردا ئىشلەيدىغان ئەمەلدارلار قاتارىغىمۇ ئىلىنغانىدى، بۇ يىل مانا ئۇ مەزكۇر ناھىيەنىڭ ئامباللىقىغا كۆتۈرۈلدى. ئۇنىڭ قابىلىيىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن ئاچ كۆز، تەمەگەر ئىدى، ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرغانلىقى ۋەجىدىن، شېرىكلىرى ئۇنىڭغا كۆزىنىڭ قىرىدا قارايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتەر - ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن: «تەق - تۇرقىدىن قابىلىيەتلىك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما خۇي - پەيلى بەئەينى بىر ھىيلىگەر تۈلكىگە ئوخشايدۇ» دەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئەمەلدار پادىشاھقا ئەرز قىلدى. شۇ ئەرزگە يەنە ئۇنىڭ يۇرتقا مىتە بولۇپ چۈشكەن دورغىلارنى قانىتى ئاستىغا ئالغانلىقى، يېزا ئاقساقاللىرى بىلەن ئاپاق - چاپاق بولۇۋالغانلىقى توغرىسىدىمۇ قىستۇرۇپ قويۇشقانىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرەت ئالىيلىرى قاتتىق غەزەپكە كېلىپ، ئۇنى ئەمىلىدىن قالدۇرۇشقا يارلىق چۈشۈردى. دىۋاننىڭ مەزكۇر يارلىقى ئامبال يامۇلىدىكى ھەممە ئەمەلدارلارنى خۇشال قىلىۋەتتى. جيا يۈيسۇن قاتتىق ئېچىنغان ۋە خورسىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ چىرايىدا قىلچە ھەسرەت ئالامىتى كۆرۈنمىدى. ئۆزىنى خۇشال - خۇرام ۋە تەمكىن تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى - دە، بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئامباللىقتىن توپلىغان بىساتىنى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆز يۇرتىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ ئوبدان جايلاشتۇرۇپ قويدى، ئاندىن ئۆزى يەر يۈزىدىكى مەشھۇر يادىكارلىقلارنى سەيلە قىلىش ئۈچۈن تەنھا چىقىپ كەتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ ۋېيياڭ دېگەن يۇرتقا كېلىپ قالدى ۋە كىشىلەردىن بۇ يىل شۇ يۇرتقا لىن رۇخەي دېگەن كىشى تۇز ئىشلىرى مۇپەتتىشى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئاڭلىدى.

لىن رۇخەينىڭ فامىلىسى لىن، ئىسمى خەي، لەقىمى رۇخەي بولۇپ، گۇسۇلۇق زاتلاردىن ئىدى. لىن رۇخەي ئۆتكەن نۆۋەتتىكى دۆلەتلىك چوڭ ئىمتىھاندا تەنخۇالىققا ئېرىشىپ، تېخى يېقىندىلا خانلىق كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى بولۇپ كۆتۈرۈلگەنىدى، ھەزرەت ئالىيلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بۇ يىل يەنە تۇز ئىشلىرى مۇپەتتىشلىكىگە مۇشەررەپ بولغان ۋە بۇ خىزمىتىگە كەلگىلى ئانچە ئۇزاق بولمىغانىدى. بىر زامانلاردا، لىن رۇخەينىڭ بوۋىلىرىمۇ خۇ مەرتىۋىسىدىكى ئەربابلاردىن ئىدى، تاكى لىن رۇخەيگە كەلگۈچە بەش ئەۋلاد مۇشۇ مەرتىۋىدە بولۇپ كەلگەنىدى. دەسلىپىدە ئۇلار ئۈچ ئەۋلادقىچىلا مۇشۇ مەرتىۋىگە ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى، لېكىن ھەزرەت ئالىيلىرى ئۇلارغا چەكسىز مېھىر - شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ۋەجىدىن، ئادەتتىن تاشقىرى ئىلتىپاتقا نائىل بولۇپ، لىن رۇخەينىڭ دادىسىمۇ بۇ مەنسەپكە ۋارىسلىق قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولدى. لىن رۇخەيگە كەلگەندە، ئۇ دۆلەتلىك چوڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. لىن رۇخەينىڭ ئائىلىسى بىرىنچىدىن، مەنسەپ مىراسخورلىرىدىن بولسا، ئىككىنچىدىن، مەرىپەتلىك جەمەتتىن ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ جەمەتى ئانچە غولدىيالمىغان ۋە قوۋم - قېرىنداشلىرىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى، بىرقانچە جەمەتلىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ قان - قېرىنداشلىرىدىن ئەمەس، شىرەم تۇغقانلىرىدىن ئىدى. لىن رۇخەي بۇ يىل ئەللىك ياشقا كىردى. ئۇنىڭ ئۈچ ياشلىق يالغۇز ئوغلى بار ئىدى، ئەپسۇسكى، ئۇ ئوغلى ئۆتكەن يىلى قازا قىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ بىرقانچە كىچىك ئاغىچىلىرى بولسىمۇ، ئۇلاردىن ئوغۇل يۈزى كۆرۈش نېسىپ بولمىدى. شۇڭا، تەقدىرگە تەن بېرىشتىن باشقا ئىلاج بولمىدى. جيا جەمەتىدىن بولغان چوڭ ئاغىچىسى بىر قىز تۇغۇپ بەرگەن، ئۇنىڭغا دەييۈي دەپ ئات قويۇشقانىدى. دەييۈي مانا بەش ياشقىمۇ كىرىپ قالدى، ئەر - خوتۇن ئىككىسى بۇ قىزىغا شۇنچە ئامراق ئىدىكى، ئۇنى خۇددى گۆھەردەك كۆرەتتى. قىزىنىڭ ناھايىتى چېچەن ۋە چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ھەۋىسى كەلگەن ئاتا - ئانا ئوغۇلغا بولغان تەشنالىقىغا ئارام بېرىش ئۈچۈن، ئۇنى ئوغۇل ئورنىدا كۆرۈپ، خەت - ساۋاتلىق قىلىپ قويۇشنىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.

جيا يۈيسۇن دەڭدە يېتىپ - قوپۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا، تۇيۇقسىز شامالداپ زۇكام بولۇپ قالدى، كېيىن زۇكىمىمۇ يېشىلدى. لېكىن، خىراجەتتىن ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئۆز يەلكىسىگە چۈشكەن بۇ ئېغىر يۈكتىن خالىي بولۇش نىيىتىدە، بىرەر پاناھ ئىزدەپ يۈرەتتى. ئەنە شۇ پەيتتە ئىككى كونا ئاغىنىسى خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەك ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى يېڭىدىن كەلگەن تۇز ئىشلىرى مۇپەتتىشى بىلەن تونۇش ئىدى، ئۇلار مۇپەتتىشنىڭ ئۆز قىزىغا تەلىم بېرىدىغان بىرەر خەلپەت تەكلىپ قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا جيا يۈيسۇننى ئەنە شۇ كىشىگە تونۇشتۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ تالىبەسىنىڭ يېشى كىچىك، بەدىنىمۇ ئاجىز ئىدى، شۇ سەۋەبتىن بۇ تالىبەگە دەرسىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى جەھەتتىن چەك قويۇلمىدى، دەرسكە يەنە ئىككى دېدەك قىز ھەمراھ بولۇپ قاتنىشاتتى. شۇڭا، جيا يۈيسۇنغا بۇ خەلپەتچىلىك ئىنتايىن يېنىك چۈشۈپ، كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئوبدان پەيتى بولۇپ قالدى.

ھەش - پەش دېگۈچە يەنە بىر يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى. بەختكە قارشى دەييۈينىڭ ئانىسى، جيا جەمەتلىك چوڭ ئاغىچا كېسەل تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىز قازا تاپتى. دەييۈي بىرىنچىدىن، ئانىسىنىڭ كېسىلىنى بېقىش، كېيىن ئۆلۈمىنى ئۇزىتىپ، ھازا تۇتۇش بىلەن تولا ھەسرەت چەككەنلىكى، ئىككىنچىدىن، ئەسلىدە ناتىۋان - ئاجىز بىر قىز بولغانلىقى ئۈچۈن، كونا كېسىلى يەنە قوزغىلىپ قېلىپ ئۇزاققىچە دەرسكە كېلەلمىدى. جيا يۈيسۇنمۇ بىكارچىلىقتىن ئىچى پۇشۇپ، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى غىزادىن كېيىن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىپ كېلىدىغان بولدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ شەھەردىن چىقىپ دالانىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغۇسى كەلدى، بىر دەسسەپ - ئىككى دەسسەپ، تاغ ئارىسىدىكى سۇ ئېقىۋاتقان، بۈك - باراقسان دەل - دەرەخلەر ئورالغان بىر جايغا كېلىپ قالدى. شۇ يەردە بىر بۇتخانا غىل - پال كۆرۈندى، بۇتخانىنىڭ دەرۋازىسى قىيسايغان، تاملىرىنىڭ سۇۋاقلىرى سويۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەن، دەرۋازىسىنىڭ ماڭلىيىغا «ئاقىللار جامائەسى» دېگەن ئىبارە، ئىككى يېقىغا بولسا كونىراپ ئۆچۈپ كېتەي دەپ قالغان مۇنداق بىر بېيىت يېزىلغانىدى:

گەر ھارامدىن تارتمىسا كىم قولىنى ئىمكان ئالدىدا،

قۇتۇلۇشقا يول تاپالماس بەلكى گۇمران ئالدىدا.

جيا يۈيسۇن بۇ ئىككى بېيىتنى ئوقۇپ: «بۇ ئىككى جۈملە ئەدەبىي جەھەتتىن ئاددىيلا كۆرۈنسىمۇ، مەنىسى چوڭقۇر ئىكەن. قانچە - قانچىلىغان داڭلىق تاغلارنى بېسىپ ئۆتكەن، قانچە - قانچىلىغان مەشھۇر مازار - ماشايىخلارنى زىيارەت قىلغان بولساممۇ، بۇنداق سۆزلەرنى بۇكەمگىچە ئۇچراتمىغانىدىم. ئەتىمالىم، بۇ بۇتخانىدا موللاق ئېتىپ ئەرشنى كۆرگەنلىرىدىن بىرەرسى باردەك قىلىدۇ، ئىچكىرى كىرىپ ئۇنى بىر زىيارەت قىلىپ چىقسام نېمە بوپتۇ» دەپ ئويلاپ بۇتخانىغا كىردى. بۇتخانىدا قاسماق بېسىپ كەتكەن بىر قېرى غالداڭ راھىبنىڭ شوۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. جيا يۈيسۇن قېرى راھىبتىن ئانچە ئەيمىنىپ تۇرماي، ئۇنى گەپكە سالماقچى بولۇپ سوئال بەردى، ئەمما ئۇ قېرى راھىب قۇلىقى پاڭ، ئۆزى گاراڭ، چىشلىرى قالمىغان ۋە تىلى كالۋالىشىپ قالغان ئادەم ئىدى، شۇڭا ئۇ تاغدىن سورىسا باغدىن جاۋاب بېرەتتى.

جيا يۈيسۇن بۇ قېرىدىن زېرىكتى بولغاي، بۇتخانىدىن يېنىپ چىقتى - دە، ئۆز سەيلىسىنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش نىيىتىدە بىر - ئىككى قەدەھ شاراب ئىچمەك بولۇپ سەھرا مەيخانىسىغا يول سالدى. ئۇ ئەمدىلا مەيخانىغا كىرىشىگە، مەي ئىچىپ ئولتۇرغانلارنىڭ بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈلگەن پېتى «مەرھابا ! مەرھابا !» دەپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. جيا يۈيسۇن لاپپىدە شۇ ياققا قارىدى. بۇ ئادەم پايتەختتىكى ئاسارئەتىقە پۇرۇش لېڭ زىشىڭ دېگەن كىشى ئىدى، جيا يۈيسۇن بىر چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن پايتەختتە تونۇشۇپ قالغانىدى. لىڭ زىشىڭنى جيا يۈيسۇن قولىدىن ئىش كېلىدىغان قابىل ئادەم دەپ ماختىسا، لېڭ زىشىڭ جيا يۈيسۇننىڭ ئەدىبلىكىدىن مەنپەئەتدار ئىدى، شۇ ۋەجىدىن ئۇ ئىككىسى بەك چىقىشاتتى.

− بۇرادەر ئەزىز، سىز بۇياققا قاچان كېلىپ قالدىڭىز؟ كەمىنىڭىز بۇنىڭدىن بىخەۋەر قاپتىمەن. تەقدىرنىڭ ماۋۇ كارامىتىنى كۆرۈڭ، بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ بۇ يەردە تاسادىپەن ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزنى ! − دېدى دەرھال جيا يۈيسۇن تەبەسسۇم بىلەن.

− بۇلتۇر، يىل ئاخىرىدا يۇرتۇمغا قايتىپ كەتكەنىدىم، ھازىر پايتەختكە كېتىۋاتىمەن. بۇ يەردە پېقىرنىڭ بىر دوستى بار ئىدى، ئۇنى يوقلىغاچ كېتەي دەپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغانىدىم، بىرقانچە كۈن تۇرۇپ كەتكىن دەپ تۇتۇۋالدى، دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ قېلىپ قالدىم. مېنىڭمۇ ئانچە زۆرۈر ئىشىم يوق، بىر - ئىككى كۈن تەخىر قىلىپ قېلىشىم مۇمكىن، مۇشۇ ئاينىڭ ئون بەشلىرىگىچە يولغا چىقىمەن. بۈگۈن دوستۇمنىڭ بىر ئىشى چىقىپ قالغاچقا، بىكارچىلىقتا سەيلە قىلغاچ بۇ يەرگە كىرىپ قالدىم، ئىككىمىز كۈتۈلمىگەن يەردە ئۇچرىشىپ قالدۇق، − دەپ جاۋاب بەردى لېڭ زىشىڭ. ئۇ جيا يۈيسۇنغا سۆزلەۋېتىپ، ئۇنى ئۈلپەت بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. يېڭىباشتىن يەنە شاراب ۋە تائام كەلتۈرۈپ، ئىككىسى ئۈلپەتلەشتى ۋە ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىشلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

− يېقىندىن بېرى پايتەختتە قانداق يېڭىلىقلار بارلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ − دەپ سورىدى جيا يۈيسۇن.

− يېڭىلىق دېگۈچىلىك بىرەر نېمە ئاڭلىغىنىم يوق، − دەپ جاۋاب بەردى لېڭ زىشىڭ، − ئەمما، تەخسىر، سىز بىلەن بىر جەمەتتىكىلەر ئىچىدە ئاز - تولا يوچۇن ۋەقەلەر چىققانلىقى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.

− پايتەختتە كەمىنىڭىز بىلەن بىر جەمەتتىكىلەردىن يوق ئىدى، ئەجەبا، سىز بۇنىڭدىن گەپ ئېچىپ قالدىڭىز؟ − دەپ كۈلدى جيا يۈيسۇن.

− فامىلىڭىزلەر ئوخشاش بولسىمۇ، يەنە نېمىشقا بىر جەمەتتىن بولمايسىز، بۇ ئەجەبا؟ − − دېدى لېڭ زىشىڭمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

− ئۇ قايسى جەمەت ئىكەن؟ − دەپ سورىدى جيا يۈيسۇن.

− رۇڭگو قەسىرىدىكى جيا نەسەبىدىكىلەر، تەخسىر. بۇلار سىزنىڭ نام - نىشانىڭىزغا داغ چۈشۈرمىسە كېرەك !

− ھە، سىز رۇڭگو قەسىرىدىكىلەرنى دەۋاتقانىكەنسىز - دە، − دېدى جيا يۈيسۇن، − سۆزلەپ كەلسەم، كەمىنىڭىزنىڭ جەددى - جەمەتلىرىمۇ ئەسلىي ئاز ئەمەس ئىدى، كېيىنكى خەن زامانىسىدىكى جيا فۇدىن بۇيان، يىلتىز - تومۇرلىرىمىز خېلى يېيىلىپ، ھەممىلا يەرگىچە شۇڭ تارتقانىكەنمىز، ھازىر بۇنى كىممۇ سۈرۈشتۈرىدۇ دەيسىز؛ ئەمدى رۇڭگو قەسىرىدىكى بۇ جەمەتكە كەلسەك، دەرۋەقە، مەن ئۇلار بىلەن بىر نەسەبداش، ئەمما ئۇلار ھازىر بۆلەكچىلا شان - شۆھرەت تېپىپ كەتتى، تۇغقانلىق ئىزدىشىپ بېرىشقىمۇ كىشى ئەيمىنىدۇ، شۇ ۋەجىدىن، بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتتۇق.

− ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس، تەخسىر، − دېدى لېڭ زىشىڭ ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ، − رۇڭگو قەسىرى بىلەن نىڭگو قەسىرى خارابلىشىپ قالدى، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى شان - شەۋكىتى قالمىدى.

− بىر زامانلاردا، بۇ ئىككى قەسىردىكىلەرنىڭ جەددى - جەمەتى ئىنتايىن ئاۋۇپ كەتكەنىدى، ئەمدى ئۇلار قانداقسىغا خارابلىشىپ كەتكەندۇ؟

− شۇنى دېمەمسىز، سۆزلەپ كەلسەك گەپ جىق.

− مەن، − دېدى جيا يۈيسۇن، − بۇلتۇر ئالتە سۇلالىنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرىنى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ جىنلىڭغا بارغىنىمدا، شىتۇچېڭ قەلئەسىگە كىرىپ ئۆتكەنىدىم، شۇ قېتىم مەن بۇ ئىككى قەسىرنىڭ ئالدىدىن ئۆتتۈم. كوچىنىڭ شەرق تەرىپىگە نىڭگو قەسىرى، غەرب تەرىپىگە بولسا رۇڭگو قەسىرى جايلاشقانىكەن، بۇ ئىككى قەسىر بىر - بىرى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن، پۈتۈن كوچىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىۋاپتۇ. چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدى چۆللىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما قەسىر ئىچىگە كۆز تاشلىغۇدەك بولسام، ئايۋان - سارايلار، شىپاڭ - راۋاقلار تېخىچىلا چوقچىيىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. قەسىرنىڭ كەينىدىكى باغدا دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان بولۇپ كۆكىرىپ، سۈنئىي تاغ - تاشلار يالتىراپ تۇرۇپتۇ، ھېچقانداق زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندەك كۆرۈنمەيدىغۇ؟

− سىزنىڭ جىنشى دېگەن ئۇنۋانىڭىزغا ۋاي، − دېدى لېڭ زىشىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ، − تېخى سىز ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىكەنسىز! قەدىمكىلەرنىڭ: «مىڭئاياغ ئۆلىدۇ، ئەمما قاتمايدۇ» دېگەن تەمسىلى بار. بۇ ئىككى قەسىردىكىلەر بۇرۇنقىدەك ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، لېكىن ئادەتتىكى مەنسەپدارلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ھال - ئەھۋالى يەنىلا باشقىچە. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ جەددى - جەمەتى كۈنسېرى ئاۋۇپ، مەئىشەتلىرىمۇ كۈنسېرى كېڭىيىپ كېتىۋاتىدۇ، بەگ - غوجاملاردىن تارتىپ قۇل - چاكارلارغىچە ئەيش - ئىشرەت، كەيپ - ساپا ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سەرەنجام قىلىدىغان تەدبىرلىك بىرەرمۇ ئادەم يوق. كۈندىلىك مەئىشەتتە تېجەش ۋە ئىقتىساد قىلىشنى بىلمەيدۇ، ھازىر ئۇلارنىڭ تاشقى جازىسىدىن قارىغاندا، سالاپىتى تۆكۈلۈپ كەتمىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىچىدىن ئاداپ تۈگەپ كېتىۋاتىدۇ. بۇغۇ كىچىك ئىش، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراقى شۇكى، شۇنچە راھەت - پاراغەت ئىچىدە ياشاۋاتقان بۇ قەسىردىكىلەرنىڭ ئۇرۇق - ۋۇجۇدى نېمە ئۈچۈندۇر ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا بەتتەرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ!

− شۇنداق ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە، − دېدى جيا يۈيسۇنمۇ لېڭ زىشىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋېتىپ، − مەرىپەتكە كۆڭۈل بۆلمىگىنى ئەجەب - ھە؟ باشقا نەسەبتىكىلىرىنى بىلمەيمەن، ئەمما مەزكۇر نىڭگو قەسىرى بىلەن رۇڭگو قەسىرىدىكىلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئۆز ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەش جەھەتتە ئەڭ تەدبىرلىكلەردىن ھېسابلىناتتى، ئەمدى نېمىشقا بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىكىنە؟

− گەپ مانا شۇ ئىككى قەسىردە ! − دېدى لېڭ زىشىڭ يەنە ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ، − سىزگە شۇنى بايان قىلايكى، ئۆز ۋاقتىدا نىڭگو گۇڭ بىر ئانىدىن ئىككى ئوغۇل قېرىنداش بولۇپ، ئىككى ئوغۇلنىڭ چوڭى ئىدى، ئۇمۇ ئۆمرىدە ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن. مەزكۇر گۇڭ قازا تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىگە چوڭ ئوغلى جيا دەيخۇا ۋارىسلىق قىلغان، ئۇمۇ ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن. تۇنجى ئوغلى جيا فۇ سەككىز - توققۇز ياشلاردىلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن، شۇ سەۋەبتىن ئاتىسىنىڭ مەرتىۋىسى كەنجى ئوغلى جيا جىڭغا قالغان، ئەمما ئۇ ھازىر تەرىقەتچىلىككە بېرىلگەن، باشقا ئىش بىلەن كارى بولماي، كىمىياگەرلىككە ھېرىس بولۇپ كەتكەن. خەيرىيەت، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا بىر ئوغۇل تېپىپ قويغانىكەن، مەزكۇر ئوغلىغا جيا جېن دەپ ئات قويغان. ئۆزى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئەۋلىيالىق يولىغا كىرىپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ مەنسىپىنى ئەنە شۇ ئوغلىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئۆيدە تۇرۇشنى راۋا كۆرمەي، پايتەختنىڭ سەھراسىغا چىقىۋېلىپ، دەرۋىشلەرگە ئارىلىشىپ كەتكەن. مەزكۇر جيا جېن بېگىمنىڭمۇ ھازىر بىر ئوغلى بار، ئىسمى جيا رۇڭ، بۇ يىل ئەمدىلا ئون ئالتە ياشقا كىرگەن. ئاتىسى جيا جىڭنىڭغۇ ھېچ ئىش بىلەن كارى يوق، جيا جېن بېگىممۇ بىرەر تۈزۈك ئىش قىلىدۇ دەمسىز؟ كەيپ - ساپا ۋە ئويۇن - تاماشىغا بېشىچە كىرىپ كەتكەن. ئۇ نىڭگو قەسىرىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتسىمۇ ھېچكىم ئۇنى «ھاي» دېيىشكە پېتىنالمايدىكەن. ئەمدى مەن سىزگە رۇڭگو قەسىرى توغرىسىدىمۇ سۆزلەپ بېرەي: بايا مەن سىزگە ئېيتىپ ئۆتكەن يوچۇن ۋەقە مانا شۇ قەسىردە بولغان. رۇڭگو گۇڭ قازا تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى جيا دەيشەن ئاتىسىنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، جىنلىڭ شەھىرىدىكى نەسەبلىك تۆرىلەردىن شى بېگىمنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. بۇ خېنىمدىن ئۇ ئىككى ئوغۇل كۆرگەن، تۇنجىسىغا جيا شې، كەنجىسىگە جيا جېڭ دەپ نام بەرگەن؛ جيا دەيشەن خېلى بۇرۇنلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن، ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم تېخى ھايات، شۇ ۋەجىدىن، ئاتىسىنىڭ مەنسىپى تۇنجى ئوغلى جيا شېغا قالغان. جيا شې مىيانە ئادەم ئىكەن، ئائىلە ئىشلىرى بىلەنمۇ ئانچىلا كارى يوق ئىكەن. كەنجى ئوغلى جيا جېڭ كىچىكىدىن تارتىپلا كىتابخۇمار، تۇغۇشلۇق، ئۇدۇللا كەتكەن ئادەم بولغانلىقتىن، بوۋىسى ئۇنىڭغا بەكمۇ ئامراق بولغانىكەن، ئەسلىي ئۇنى دۆلەتلىك چوڭ ئىمتىھانغا سۇنماقچىمۇ بولغانىكەن. لېكىن ئىش ئوڭدىن چىقىپ قالغان، جيا دەيشەن سەكراتتا ياتقاندا، پادىشاھ ھۇزۇرىغا بىر ئەرز قالدۇرۇپ كەتكەنىكەن، پادىشاھى ئالەم ئۆزىنىڭ بۇ سابىق ئەمەلدارىغا خەيرخاھلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلىغا ئەمەل بەرگەننىڭ سىرتىدا، يەنە قانچە ئوغلى بارلىقىنىمۇ سۈرۈشتە قىلىپ، دەرھال ئۆز دەرگاھىغا كەلتۈرۈپ كۆرۈشكەن. شۇ قېتىمدا ھەزرەت ئالىيلىرى جيا جېڭ بېگىمگىمۇ ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا نامزات سەركارلىق ئۇنۋانىنى بەرگەن ۋە ئۇنى دىۋاندا ئىشلەپ كۆرۈش پۇرسىتىگىمۇ سازاۋەر قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھازىر قوشۇمچە چۆپدارلىق مەنسىپىگە كۆتۈرۈلگەن. مەزكۇر جيا جېڭ بېگىمنىڭ چوڭ ئاغىچىسى ۋاڭ خېنىمدىن بولغان تۇنجى ئوغلى جيا جۇ ئون تۆت يېشىدىلا مەدرىسەنى تۈگىتىپ موللا بولغان كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئۆيلىنىپ بىر ئوغۇللۇقمۇ بولغان. لېكىن يىگىرمە ياشقا كىرە - كىرمەيلا كېسەل بولۇپ قازا تاپقان. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ئىككىنچى تۇغۇتىدا بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن، شۇنىسى ئەجەبكى، بۇ قىز دەل نورۇز كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئارىدىن يەنە ئون نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ۋاڭ ئاغىچا خېنىم يەنە بىر بەگزادە كۆرگەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، مەزكۇر بەگزادە تۇغۇلۇشى بىلەنلا، قانداقتۇر بىر دانە يالتىراپ تۇرغان رەڭدار قاشتاشنى چىشلەپ چۈشكەنىمىش، تاشقا تېخى بىرمۇنچە خەتلەرمۇ پۈتۈلگەنىمىش. قاراڭە، بۇ بىر مۆجىزە ئەمەسمۇ؟

− دەر ھەقىقەت، مۆجىزە ئىكەن ! بۇ بەگزادىنىڭ يارالمىشىدا قانداقتۇر بىر قىسمەت بولۇشى مۇمكىن ! − دەپ كۈلۈمسىرەپ جاۋاب بەردى جيا يۈيسۇن.

− ھەممە ئادەم شۇنداق دېيىشىدۇ، − دېدى لېڭ زىشىڭ سۆزىنى يەنە داۋام قىلىپ، − شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، مومىسى بۇ نەۋرىسىنى خۇددى گۆھەردەك ئەتىۋارلايدىكەن. بەگزادە بىر ياشقا تولغان چاغدا، ئاتىسى جيا جېڭ بېگىم ئۆز پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسى نىيەت - ئىقبالىنى بىر سىناپ كۆرمەك بولۇپ، جاھاندا بار نەرسىلەرنى بەگزادىنىڭ ئالدىغا توپلاپ ئۇنىڭغا تاللاتماقچى بوپتۇ. نېمە ئۈچۈندۇر، بۇ بەگزادە شۇنچە كۆپ نەرسىنىڭ ئىچىدىن باشقىسىنى تاللىماي، پەقەت ئۇپا - ئەڭلىك، سىرغا - جىرغىنى ئېلىپ ئويناپ ئولتۇرغۇدەك. بۇ ھالنى كۆرگەن جيا جېڭ بېگىمنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ، بۇ شارابخور، شەھۋەتپەرەس بىر نېمە بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ، ئۇنىڭدىن رايى قايتىپ قاپتۇ، پەقەت مومىسىلا ئۇنى جېنىدەك ياخشى كۆرىدىكەن. تېخى بۇنىڭدىنمۇ قىزىقىنى ئاڭلايسىز: مەزكۇر بەگزادە بۇ يىل ئەمدى ئون ياشتىن ئاشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن كەپسىزلىكىگە قارىماي، تېخى ناھايىتى ئەقىللىك، زېرەك ئىكەن، بىر دېمەتلىكلىرىدىن ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ بالىلىق گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلىسىڭىز تېخىمۇ ئاجايىپ. ئۇ: «ئايال كىشىنىڭ سۆڭىكى سۇدىن يارالغان، ئەر كىشىنىڭ سۆڭىكى لايدىن يارالغان. ئايال كىشىنى كۆرسەم ئېچىلىپ - يېيىلىپ كېتىمەن، ئەر كىشىنى كۆرسەم يىرگىنىپ - سەسكىنىپ كېتىمەن !» دەپ يۈرگۈدەكمىش، بۇنىڭ قىزىقلىقىغا قارىمامسىز؟ ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بىر شەھۋەتپەرەس بولۇپ چىقىشىدا قىلچە شەك يوق !

− ئۇنداق دېگىلى بولماس ! − دەپ ئېتىراز بىلدۈردى جيا يۈيسۇن جىددىي قىياپەتتە، − ئەپسۇسكى، بۇ بالىنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن قىسمەتتىن بىخەۋەر ئىكەنسىز - دە. شۇ جۈملىدىن، ئېھتىمال، پېشقەدەم جيا جېڭ بېگىممۇ ئۇنى ئىشقىۋاز، پاسىق دەپ خاتا ھۆكۈم قىلغاندۇ ! كۆپلەپ كىتاب ئوقۇپ، مۇپەسسەل بىلىم تەھسىل قىلمىغان، جۈملىدىن بىلىم ھاسىل قىلىش يولىدا مۇتالىئە يۈرگۈزۈپ ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن، تەرىقەت بىلەن ھېكمەتنىڭ تېگىگە يېتىش يولىدا تەر تۆكمىگەن ئادەمنىڭ ئۇنىڭ سىرىنى بىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

لېڭ زىشىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ جىددىي تۈس ئېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ، سەۋەبلىرىنى يېشىپ بېرىشنى دەرھال مۇراجىئەت قىلدى.

− روھى زېمىنغا يارالغان ئادەملەر ئىچىدە، − دەپ سۆز باشلىدى جيا يۈيسۇن، − رەھىمدىل ئۇلۇغلار ۋە ياۋۇز مەلئۇنلاردىن باشقىلىرى بىر - بىرىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. رەھىمدىل ئۇلۇغلارنىڭ يارالمىش تەقدىرى ئامەتتىن، ياۋۇز مەلئۇنلارنىڭ يارالمىش تەقدىرى ئاپەتتىن بولىدۇ. تەقدىرى ئامەتتىن جاھانغا ھالاۋەت كېلىدۇ، تەقدىرى ئاپەتتىن جاھانغا پالاكەت كېلىدۇ، ياۋ، شۇن، شيا يۇي، چېڭ تاڭ، ۋېنۋاڭ، ۋۇۋاڭ، جۇ گۇڭ، شاگۇڭ، كۇڭزى، مېڭزى، دۇڭ جۇڭشۇ، خەن يۈي، جۇدۇڭيى، چېڭ خاۋ، جۇشى، جاڭ زەي … لەر تەقدىرى ئامەتتىن يارالغانلار؛ چى يۇ، گۇڭ گۇڭ، جيې ۋاڭ، جۇۋاڭ، چىن شىخۇاڭ، ۋاڭ ماڭ، ساۋساۋ، خۇەن ۋېن، ئەن لۇشەن، چىن خۇيلەر بولسا تەقدىرى ئاپەتتىن تۆرەلگەنلەر. رەھىمدىل ئۇلۇغلار جاھانغا ئەمىنلىك ئېلىپ كەلسە، ياۋۇز مەلئۇنلار جاھانغا پاراكەندىچىلىك سالىدۇ. نازاكەتلىك ۋە دانالىق كائىنات ئۈچۈن ھالاللىقنىڭ ئالامىتىدۇركى، ئۇ رەھىمدىل ئۇلۇغلارنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، قاباھەتلىك ۋە تەرسالىق كائىنات ئۈچۈن ھاراملىقنىڭ ئالامىتىدۇركى، ئۇ ياۋۇز مەلئۇنلارنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ؛ بەخت - ئامەت جەۋلان قىلىپ، ئامانلىق ۋە ئاسايىشلىق قارار تاپقان بۈگۈنكى زاماندا، نازاكەتلىك ۋە دانالىق خىسلىتىگە ئىگە بولغۇچىلار خان ئوردىسىدىن تارتىپ تاكى ئەل پۇقرا ئىچىگىچە ھۆكۈم سۈرمەكتە؛ ئاندىن قالسا پاساھەتلىك ئالامەتلىرى ھەممە يەرگە يېيىلىپ، شەربەت ۋە مەيىن شامال تۈسىگە كىرىپ، يەتتە ئىقلىمنى ئۆزىدىن بەھرىمەن قىلماقتا؛ قاباھەتلىك ۋە تەرسالىق ئىللەتلىرى خەلقىئالەم ئىچىدە ئوچۇق - ئاشكارا يامراپ كېتەلمەي، چوڭقۇر جىلغا ۋە ئازگاللاردا تىقىلىشىپ ياتماقتا. شامالنىڭ قوزغىشى ۋە بۇلۇتلارنىڭ قىستىشى بىلەن ئۇلار قىمىرلاپ ئانچە - مۇنچە داۋالغۇپ چىقىشقا ئىنتىلىدۇ، مۇبادا بىرەر - يېرىمى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، نازاكەتلىك ۋە دانالىق خىسلەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغان بولسا، ھالاللىق ھەرگىز ھاراملىققا يول قويمايدۇ، ھاراملىق ھالاللىققا رەشك قىلىدۇ. بۇ ئىككى كۈچ بىر - بىرىدىن قېلىشمايدۇ، خۇددى شامال بىلەن بۇلۇت، گۈلدۈرماما بىلەن چاقماقتەك روھىي زېمىندا بىر - بىرىگە دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ، بىر - بىرىنى يوقىتالمايدۇ ھەم بىر - بىرىگە يول قويمايدۇ، ھامان بىر - بىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئېلىشىدۇ. مۇبادا ھاراملىق ئىللەتلىرىدىن ئازراق تەپچىپ چىققۇدەك بولسا، شۇئان كىشىلەرگە يۇقىدۇ. مەيلى ئايال ياكى ئەر بولسۇن، تاسادىپەن ئەنە شۇ ئىللەتنىڭ ئىلكىدە تۆرەلگەن بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلار رەھىمدىل ئۇلۇغلار ۋە ئالىيجانابلاردىنمۇ بولالمايدۇ، ياۋۇز مەلئۇنلار قاتارىغىمۇ كىرەلمەيدۇ، مىليونلىغان ئىنسانلار ئارىسىدا قېلىۋېرىدۇ. مۇنداق ئادەملەر پاراسەت ۋە پاساھەت جەھەتتە مىليونلىغان كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ تەرسالىق - ھاراملىق ۋە كىشىلىك تەبىئىتىگە خوپ كەلمەيدىغان ئىللەتلىرى جەھەتتە بولسا، مىليونلىغان ئادەملەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ؛ بەگ - ئەمىر ۋە باي - ئېسىلزادىلەر ئائىلىلىرىدە تۇغۇلۇپ قالسا، ئۇلاردىن كۆپىنچە مەجنۇن - سەۋدايىلار چىقىدۇ؛ ئۇلار مەرىپەتلىك پېقىر ئائىلىلەردە دۇنياغا كەلسە، ئۇلاردىن مەشھۇر تەركىدۇنيا ۋەلىيلەر چىقىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار ھەتتا بەختسىز - نامرات ئائىلىلەردە دۇنياغا كەلسە، ياكى ئاتاقلىق رەققاس بولىدۇ، ياكى داڭدار سەتەڭدىن بولۇپ چىقىدۇ. لېكىن، ئۇ ھېچقاچان كىشىلەرنىڭ تىزگىنىدىكى ئۇنداق قاۋۇل چاپارمەن - ئاتارمەنلەردىن بولۇپ چىقمايدۇ. مەسىلەن، بۇنىڭدىن مۇقەددەم ئۆتكەنلەردىن شۈي يۇ، تاۋچيەن، رۇەن جى، جى كاڭ، ليۇلىن، ۋاڭ ھەم شى جەمەتىدىكىلەر. گۇخۇتۇ، چېن خۇجۇ، تاڭ مىڭخۇاڭ، سۇڭ خۇيزۇڭ، ليۇتىڭجى، ۋېن فېيچىڭ، مى نەنگۇڭ، شى مەنچىڭ، ليۇچىچىڭ، چىن شاۋيۇ؛ يېقىنقى زاماندىكىلەردىن: نى يۇنلىن، تاڭ بەيخۇ، جۇجىشەن، شۇنىڭدەك لى گۇينەن، خۇاڭ فەنچو، جىڭ شىنمۇ، جوۋېنجۇن، خۇڭفۇ، شۆ تاۋ، سۇي يىڭ، جاۋيۇن قاتارلىقلارنى ئالساق، بۇلار ھەرخىل يەرلەردە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئەنە شۇ تائىپىگە كىرىدىغان ئادەملەردىندۇر.

− گېپىڭىزدىن قارىغاندا، غالىبلار ئەمىر ۋە بەگ، مەغلۇپلار قاراقچى - ئوغرى بولىدىكەن - دە؟ − دېدى لېڭ زىشىڭ.

− دەل شۇنداق، − دېدى جيا يۈيسۇن، − سىز تېخى بىلمەيسىز، مەن مەنسەپتىن ئېلىپ تاشلانغاندىن بۇيانقى ئىككى يىل جەريانىدا، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنى ساياھەت قىلىپ چىقتىم، شۇ جەرياندا، مەنمۇ ئىككى نەپەر غەيرىي تەبىئەتلىك بالىنى يولۇقتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز ھېلىقى باۋيۈي دېگەن بەگزادىنىڭ گېپىنى قىلىش بىلەنلا شۇنى قىياس قىلدىمكى، ئۇ يۈزدە - يۈز بولمىسىمۇ، مەن يولۇقتۇرغان ھېلىقى بالىلار بىلەن بىر تائىپىدىكىلەردىن بولسا كېرەك. يىراقتىن گەپ ئاچمايلا قوياي، مەزكۇر جىنلىڭ شەھىرىدىكى جىنلىڭ ئۆلكىلىك خەيرىيەت جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرلىقىغا مۇشەررەپ بولغان ھېلىقى جېن بېگىمدىن خەۋىرىڭىز بولسا كېرەك؟

− ئەلۋەتتە خەۋىرىم بار، − دېدى لېڭ زىشىڭ جيا يۈيسۇننىڭ سۆزىنى كېسىپ، − مەزكۇر جېن بېگىم نەق ئاشۇ جيا خانىدانىدىكىلەرنىڭ كونا تۇغقانلىرىدىن بولىدۇ. بۇ ئىككى ئۆيلۈكنىڭ باردى - كەلدىسى ئىنتايىن قويۇق بولغان، مەن چېغىمدىمۇ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن باردى - كەلدى قىلىپ تۇراتتىم.

− ئۆتكەن يىلى مەن جىنلىڭدا چېغىمدا، − دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى جيا يۈيسۇن، − بىر كىم مېنى شۇ جېن بېگىمنىڭ خانىدانىغا خەلپەتلىككە تونۇشتۇرغانىدى، مەن بۇ خانىدانغا كىرىش بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھال - ئەھۋالىغا سەپسالدىم. ئۇنىڭ ئائىلىسى شۇنداق شەۋكەتلىك ئائىلە ئىكەنكى، «دۆلەتلىك ھەم سۈلكەتلىك» بولۇش جەھەتتىن كەم ئۇچرايدىغان خانىدان ئىكەن. لېكىن، مېنىڭ ئۇ شاگىرتىم گەرچە ئىلىم تەھسىل قىلىشنى تېخى ئېلىپبەدىن باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا تەلىم بېرىش مېنى مەرتىۋىلىك موللاملارغا تەلىم بېرىشتىنمۇ ئارتۇق ھاردۇرۇۋەتتى. بۇ شاگىرتنىڭ ئەڭ قىزىق يېرى شۇكى: «مېنىڭ يېنىمدا ئىككى نەپەر قىز ھەمراھ بولۇشى كېرەك، شۇندىلا كۆڭلۈم روشەنلىشىپ، ماڭا بىلىم يۇقىدۇ، بولمىسا كۆڭلۈم خىرەلىشىپ كېتىدۇ» دەپ تەلەپ قويۇپ تۇرۇۋالدى. ئۇ يەنە مۇلازىملارغا: «قىز دېگەن سۆز ئىنتايىن ئالىيجاناب ۋە ئىنتايىن پاك سۆز، ئۇ ھەرقانداق جان - جانىۋارلارنىڭ سەردارىدىنمۇ قەدىرلىك، ھەرقانداق گۈل - چېچەكلەرنىڭ سەرخىلىدىنمۇ ئەتىۋارلىق. شۇ نەرسىدىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭلاركى، سەنلەرنىڭ نىجىس ئاغزىڭلار ۋە بەتبۇي تىلىڭلار بۇ سۆزگە ھەرگىزمۇ داغ چۈشۈرمىسۇن ! ئەگەر تىلىڭلارغا ئالماق بولساڭلار، ئالدى بىلەن ئاغزىڭلارنى زەمزەم بىلەن چايقاپ، تىلىڭلارنى گۇلاپ بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن ئېغىزغا ئېلىشىڭلار كېرەك ! مۇبادا ئاغزىڭلاردىن بۇ سۆز بىمەھەل چىقىپ قالىدىكەن، ئۇ چاغدا چىشىڭلارنى چېقىپ، كۆزۈڭلارنى ئويۇۋېتىمەن !» دەپ ھەمىشە تەنبىھ بېرىدۇ. ئۇ ئۆكتەم ۋە تەرسا بولۇپ، قىلىقلىرىمۇ غەلىتە. لېكىن، ئۇ مەكتەپتىن ئازاد بولۇپ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ قىزلارنى كۆرگەندە، پۈتۈنلەي باشقا بىر قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ، قىزلارنىڭ ئالدىدا ناھايىتى مېھرىبان، مۇلايىم، زېرەك ۋە نازاكەتلىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئۇنى ئاتىسى بىرنەچچە قېتىم دەررە ئاستىغىمۇ ئالدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خۇي - پەيلىدىن يانمىدى، ھەر قېتىم دەررە يەپ چىدىيالمىغاندا، «ۋاي ئاچام !» ، «ۋاي سىڭلىم !» دەپ نالە قىلىدۇ. كېيىن ئاڭلىسام، ساراي قىزلىرى ئۇنى گەپكە سېلىپ: «سەن نېمىشقا ھەر قېتىم دەررە يەپ چىدىيالمىغاندا <ۋاي ئاچام !>، <ۋاي سىڭلىم !> دەپ نالە قىلىسەن؟ بۇ گۇناھىڭنى تىلەش ئۈچۈن قىزلارغا مۇراجىئەت قىلغانلىقىڭمۇ يا؟ ئۇيالساڭچۇ؟» دېسە، ئۇ ناھايىتى ئەپچىل قىلىپ: «دەررىنىڭ ئاچچىقىغا چىدىمىغان چېغىمدا <ۋاي ئاچام !>، <ۋاي سىڭلىم !> دەپ توۋلاپ بەرسەم، ئاغرىقىم بېسىلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس دەپ ئويلاپ، نالە قىلىپ كۆردۈم، قارىسام، تېنىمنىڭ ئاغرىقى راستلا ئانچە بىلىنمىدى، مەن بۇ سىرنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم دەررىنىڭ ئاغرىقىغا چىدىيالمىغاندا <ۋاي ئاچام !>، <ۋاي سىڭلىم !> دەپ توۋلاۋېرىدىغان بولدۇم!» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنىڭ قىزىقلىقىغا قارىمامسىز؟ بىراق مومىسى ئۇنى بەكمۇ ئارزۇلايتتى، ئەنە شۇ نەۋرىسىنىڭ تۈپەيلىدىن مېنى تەقدىرلىگەنلىكى ۋە ئوغلىنى ئەيىبلەۋەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاخىر مەنمۇ خەلپەتلىكتىن ئىستېپا بېرىپ يېنىپ چىقتىم. بۇنداق پەرزەنتلەر ھېچقاچان ئاتا - بوۋىسىنىڭ بىساتىغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ، ئۇستاز - بۇرادەرلىرىنىڭ پەند - نەسىھەتلىرىگىمۇ قۇلاق سالمايدۇ. ئەمما، شۇنىڭغا ئەپسۇسلىنىمەنكى، بۇ خانىداندا بىرقانچە ياخشى قىزلار بار، ئۇنداق قىزلار بۇ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ.

− جيا خانىدانىدىمۇ ئەنە شۇنداق كېلىشكەن قىزلار بار، − دېدى لېڭ زىشىڭمۇ گەپكە ئارىلىشىپ، − جيا جېڭ بېگىمنىڭ چوڭ قىزى يۈەنچۈن خېنىم ئەنە شۇنداق چېچەن، ۋاپادار، قابىلىيەتلىك، پەزىلەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، خان ئوردىسىدا «دەپتەردار ئاغىچا» دېگەن مەرتىۋىگە مۇشەررەپ بولدى. ئوتتۇرانچى خېنىم يىڭچۈن، ئۇ جيا شې بېگىمنىڭ كىچىك ئاغىچىسىدىن بولغان، ئۈچىنچى خېنىم تەنچۈن، ئۇ جيا جېڭ بېگىمنىڭ كىچىك ئاغىچىسىدىن بولغان، تۆتىنچى خېنىم شىچۈن، ئۇ نىڭگو خانىدانىدىكى جيا جېن بېگىمنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى. شى جەمەتىدىن بولغان ئۇلۇغ ئاغىچا ئۆزىنىڭ بۇ قىز نەۋرىلىرىنى ناھايىتى ئوبدان كۆرگەنلىكتىن، ئۇلار مومىسىنىڭ يېنىدا بىللە تۇرۇپ، بىللە ئوقۇيدۇ، بىر - بىرىدىن ياخشى قىزلار.

− جېن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئادىتى ناھايىتى يوچۇن، ئۇلار قىزلىرىنىڭ ئىسمىنى ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئىزىدىن قويۇشىدىكەن، باشقىلارغا ئوخشاشلا قانداقتۇر «چۈن» (باھار)، «خۇڭ» (بەخت)، «شياڭ» (ئىپار)، «يۈي» (قاشتاش)قا ئوخشاش نەپىس سۆزلەرنى قوللانمايدىكەن. جيا قەسىرىدىكىلەر نېمانچە بۇنداق كونا ئەندىزىگە چۈشۈپ قالدىكىنتاڭ؟ − دېدى جيا يۈيسۇن.

− ئۇنداق ئەمەس، − دېدى لېڭ زىشىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈپ، − چوڭ خېنىم دەل بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تۇغۇلغان شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا «يۇەنچۈن» (نورۇز باھار) دەپ ئىسىم قويغان، قالغان قىزلارنىڭ ئىسمى ئەنە شۇ «چۈن (باھار) دېگەن سۆزنى قوغلىشىپ قويۇلغان. بۇ قىزلاردىن ئاۋۋالقىلىرىنىڭ ئىسمىنى بولسا، ئۆز ئاكا - ئىنىلىرىنىڭ ئىسمى ئىزىنى قوغلىشىپ قويغانىكەن. بۇنىڭغا ئىسپات شۇكى، ھازىر جانابىڭىز خەلپەتچىلىك قىلىۋاتقان قەسىردىكى لىن رۇخەي بېگىمنىڭ چوڭ ئاغىچىسى دەل ئاشۇ رۇڭگو قەسىرىدىكى جيا شې، جيا جېڭ بېگىملەرنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى بولىدۇ، ئۇنىڭ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان چاغدىكى ئىسمى جيا مىن ئىدى، ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز، سىز قايتقاندا زەن سېلىپ كۆرۈڭ، شۇ چاغدا مېنى راست دەپتۇ، دەپ قالىسىز.

− ئاجايىپ توغرا دېدىڭىز! − دېدى جيا يۈيسۇن ئۇنىڭ سۆزىنى چاۋاك بىلەن قۇۋۋەتلەپ، − مېنىڭ تالىبەمنىڭ ئىسمى دەييۈي. ئۇ ھەرقاچان «مىن» (敏) دېگەن سۆزنى ئوقۇشقا توغرا كەلگەندە «مى» (密) دەپ ئوقۇيدۇ، ئۇنى يېزىشقا كەلگەندە ھامان بىر - ئىككى سىزىقىنى كەم يازىدۇ. بۇ ھالنى كۆرۈپ مېنىڭ كۆڭلۈمگىمۇ بىر گۇمان چۈشكەنىدى، گېپىڭىزگە قارىغاندا، گۇمانىم بىھۇدە ئەمەس ئىكەن. مېنىڭ تالىبەمنىڭ گەپ - سۆز، مىجەز - خۇلق جەھەتتە ئادەتتىكى قىزلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىكەن - دە ! ئۇنىڭ ئانىسى باشقا ئاياللارغا ئوخشىمىغاچقا، قىزىمۇ دەل ئۇنىڭ ئۆزىنى دوراپتۇ. ئەمدى بىلسەم، رۇڭگو قەسىرىدىكىلەرنىڭ نەۋرىسى ئىكەن، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئەجەبلەنمىسەممۇ بولغۇدەك. ئەپسۇسكى، ئۆتكەن ئايدا بۇ تالىبەمنىڭ ئانىسى قازا بولۇپ كەتتى.

− بۇلار ئاچا - سىڭىل ئۈچ قېرىنداش بولغان، − دېدى لېڭ زىشىڭ ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ، − تالىبەڭىزنىڭ ئانىسى قىزلارنىڭ ئەڭ كەنجىسى ئىدى، ئۇمۇ قازا تېپىپ كېتىپتۇ. ھازىر ئالدىنقى جەمەتلەردىن بولغان ئاچا - سىڭىللارنىڭ بىرىمۇ قالماپتۇ. ئەمدى گەپ كېيىنكى جەمەتتە قالدى، ئۇلارغا قانداق يەردىن كۈيۈ ئوغۇل چۈشەركىنتاڭ؟

− شۇنداق، − دېدى جيا يۈيسۇنمۇ تەستىقلاپ، − بايا، جيا جېڭ بېگىمنىڭ بۇ دۇنياغا قاشتاش چىشلەپ چۈشكەن ئوغلى بار، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ يېتىم قالغان نەۋرىسىمۇ بار، دېگەنىدىڭىز، ھېلىقى جيا شې بېگىمنىڭ بىرەر بولسىمۇ ئوغلى بار بولغىيدى؟

− جيا جېڭ بېگىمنىڭغۇ باۋيۈي دېگەن ئوغلى بار، ئۇنىڭدىن بۆلەك، كىچىك ئاغىچىسىدىن بولغان يەنە بىر ئوغلىمۇ بار، ئەمما ئۇنىڭ يا ئاق، يا كۆك ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. دېمەك، جيا جېڭ بېگىمنىڭ ھازىر ئىككى ئوغلى ۋە بىر نەۋرىسى بار، كەلگۈسىدە قانداق بولىدۇ، بۇنى بىلىش تەس. ئەمدى سىز دېگەن ھېلىقى جيا شې بېگىمگە كەلسەك، ئۇنىڭمۇ جيا ليەن دەيدىغان بىر ئوغلى بار، ھازىر يىگىرمە ياشتىن ئېشىپ قالدى. ئۇلار قۇدا ئۈستىگە قۇدا بولۇشۇپ، بەگزادە جيا ليەننى جيا جېڭ بېگىمنىڭ چوڭ ئاغىچىسىنىڭ جىيەن قىزى بىلەن ئۆيلۈك - ئوچاقلىق قىلىپ قويغان، بۇنىڭغا ئالاھازەل تۆت - بەش يىلچە بولۇپ قالدى. بەگزادە جيا ليەن ھازىر مۇئاۋىن ۋالىيلىقنى سېتىۋالغان. ئۇمۇ تۈزۈك يولدا يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس، جاھاندارچىلىق قىلىشقا بەكمۇ ئۇستا، تىل ياغلىمچىلىقنى ئوبدانلا قاملاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ ھازىر تاغىسى جيا جېڭ بېگىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئائىلە ئىشلىرىغا «ھە - ھۈ» دېيىشىۋېتىپتۇ. جيا ليەن بېگىم ھېلىقى خېنىمنى نىكاھىغا ئالغاندىن بېرى، خانىداندىكىلەردىن بۇ خېنىمنى ماختىمايدىغىنى يوق ئىكەن، ئۇنىڭ ئالدىدا جيا ليەن بېگىم بىر چەتكە قايرىلىپ قالىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ چىراي شەكلىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق گۈزەللىكى، گەپ - سۆزىنىڭ ئاجايىپ چاققان ۋە ئۆتكۈرلۈكى، پەم - پاراسىتىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كامىللىقى بىلەن ھەرقانداق ئەرلەرنىمۇ بېسىپ چۈشىدىكەن !

− مەلۇم بولدىكى، − دېدى جيا يۈيسۇن ئاڭلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە، − مەنمۇ خاتا سۆزلىمەپتىمەن، ئىككىمىز پارىڭىنى قىلىشقان بايىقى بىر قانچە كىشىلەر، ۋەللاھى ئەلەم، ھالاللىق بىلەن ھاراملىق ئوتتۇرىسىدا تۆرەلگەن تائىپىلەردىن بولسا كېرەك !

− خاھى ئۇ ھالال بولسۇن، خاھى ھارام، ئەمدى سۆزىمىز تامام ۋەسسالام ! باشقىلارنىڭ ھېساب - كىتابى مەشەدىرەك تۇرۇپ تۇرسۇن. سىز يەنە بىر قەدەھ ئىچىۋەتسىڭىز ياخشى بولاتتى، − دېدى لېڭ زىشىڭ.

− گەپنىڭ قىزىقىدا مەنمۇ بىرقانچە قەدەھ ئارتۇق كۆتۈرۈۋەتتىم، − دېدى جيا يۈيسۇن.

− غەيۋەت سۆز شارابنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ ئەمەسمۇ، بىرقانچە قەدەھ ئارتۇق كۆتۈرۈۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇنىڭ نېمە زىيىنى بولاتتى ! − دېدى لېڭ زىشىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

− كەچ كىرىپ قاپتۇ، − دېدى جيا يۈيسۇن پەنجىرىدىن تالاغا قاراپ قويۇپ، − شەھەر دەرۋازىسىنى ئېتىپ قويمىسۇن يەنە، ئىككىمىز شەھەرگە كىرىپ، قالغان گەپنى شۇ يەردە قىلىشساق قانداق؟

ئىككىسى ئورنىدىن تۇرۇپ مەيخانا بىلەن ھېساب - كىتاب قىلىشتى. ئۇلار ئەمدىلا مېڭىشقا تەمشەلگىنىدە، كىمدۇر بىرىنىڭ:

− بۇرادەر جيا يۈيسۇن، مۇبارەك بولسۇن ! سىزگە ئالاھىدە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم ! − دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. جيا يۈيسۇن دەرھال كەينىگە بۇرىلىپ قارىدى، ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك