قىزىل راۋاقتىكى چۈش - توقسەن بىرىنچى باب

 توقسەن بىرىنچى باب

شەھۋەتتە دىغرىغان باۋچەننىڭ ئۇستاتلىق بىلەن تۇزاق قۇرغانلىقى

باۋيۈينىڭ ئېزىتقۇلۇق بىلەن ديانادىن گەپ ساتقانلىقى

شۇنداق قىلىپ، شۆ كې دەرگۇماندا ئولتۇراتتى، پەنجىرىدىن تۇيۇقسىز كۈلكە ئاڭلىنىپ چۆچۈپ كەتتى ۋە: «بۇ باۋچەن بولمىسا، چوقۇم جىنگۇي. ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي قويسام ئۇلار نېمە ئامال قىلالايدۇ !» دېگەن خىيالغا كېلىپ، بىر ھازاغىچە قۇلاق سېلىپ باقتى، لېكىن ئۇلار ئۈن - تىنسىز جىمىپ كەتتى. شۆ كې شاراب، مېۋە - چىۋىلەردىن بېقىشقا پېتىنالماي، ئىشىكنى تاقىدى، يېشىنىپ ياتاي دەپ تۇرۇشىغا، پەنجىرىگە يەملەنگەن قەغەز شىتىرلىدى. شۆ كې باياتىن باۋچەننىڭ شەيتانلىقىدىن بىر پەس قايمۇقۇپ، نېمە قىلىشىنى بىلمەي دەككە - دۈككىدە قالغانىدى، پەنجىرە قەغىزى شىتىرلاش بىلەنلا سىنچىلاپ قاراپ باقتى، يەنە ھېچقانداق شەپە ئاڭلانمىدى. ئاندىن ئۇ ئۆز - ئۆزىدىن خۇدۈكسىنىپ، چاپىنىنىڭ ئالدىنى ئەتتى - دە، چىراغ تۈۋىدە ئولتۇرغىنىچە ھاڭ - تاڭ بولۇپ ئويغا چۆمدى. بايىقى مېۋە - گېزەكتىن بىر پارچىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا تازا زەن سېلىپ قاراپ چىقتى. ئاندىن بىردىنلا قايرىلىپ پەنجىرىگە قارىۋىدى، پەنجىرىگە يەملەنگەن قەغەزنىڭ بىر يېرى ھۆل بولۇپ قالغانلىقىغا كۆزى چۈشتى. پەنجىرە ئالدىغا بېرىپ ھېلىقى يەرگە قادىلىپ قارىغانىدى، بىر كىم قەغەزنىڭ تۆشۈكىدىن «پۈۋ» دەپ ئۇنى قورقۇتۇۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن تەڭلا «پىخ - پىخ» قىلغان كۈلكە ئاڭلاندى. شۆ كې ھاپىلا - شاپىلا چىراغنى ئۆچۈرۈپ، تىن تارتماي جىم يېتىۋالدى.

− ئوتتۇرانچى غوجام ! شاراب، مېۋە - گېزەكلەردىن باقمايلا يېتىۋالدىلىغۇ؟ − دېدى تالادا بىر كىم. ئۇ يەنىلا شۇ باۋچەننىڭ ئاۋازى ئىدى. شۆ كې زۇۋان سۈرمەي، ئۇخلىغان بولۇۋالدى. بىر پەستىن كېيىن، تاشقىرىدىن يەنە:

− جاھاندا شۇنداق بىتەلەي كىشىمۇ بولىدىكەن - ھە ! − دېگەن كايىش ئىشىتىلدى. بۇ ئاۋاز شۆ كېغا بىر تۇرۇپ باۋچەننىڭكىدەك، بىر تۇرۇپ جىنگۇينىڭكىدەك تۇيۇلدى. ئۇ بۇلارنىڭ ئەسلىدە مۇنداق غەرىزى بارلىقىنى ئەمدى بىلدى. شۇ ياتقىنىچە ئۇيان - بۇيان ئۆرۈلۈپ بەشىنچى جېسەكتىن كېيىن ئۇيقۇغا كەتتى.

تاڭ ئەمدىلا يورۇغاندا بىركىم ئىشىكنى قاقتى. شۆ كې ئالمان - تالمان:

− كىم؟ − دەپ سورىۋىدى، تالادىن جاۋاب بولمىدى. شۆ كې نائىلاج قوپۇپ ئىشىكنى ئېچىپ قارىسا، ئۇ باۋچەن ئىكەن. باۋچەن چاچلىرى تۈرمىلەكلىك، كۆكسى يېپىقلىق، ئالتۇن جىيەك تۇتۇلغان قىيپاش يۆگەن پەشلىك تار جىلىتكە كىيگەن، بېلىگە قارىغاي گۈللۈك يېشىل نىمكەش ئىشتانباغ چىگىۋالغانىدى، بەل كۆڭلەك كىيمىگەچكە ئانار رەڭ چاچما گۈللۈك تار تامبىلى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى، پۇتىغا كەشتىلىك يېڭى قىزىل خەي كىيىۋالغانىدى. باۋچەن خەقلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، يۇيۇنۇپ - تارانمايلا سەھەردە چىنە - تەخسە ئېلىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن كىرگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىسكەتتە كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۆ كېنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى.

− نېمانچە ئەتىگەن تۇردىڭىز؟ − دېدى شۆ كې كۈلۈمسىرەپ.

باۋچەن قىزارغان پېتى جاۋابمۇ بەرمەي، مېۋە - گېزەكلەرنى بىر تەخسىگە يىغىشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ ماڭدى. شۆ كې ئۇنىڭ بۇ ئەپتىدىن ئاخشامقى ئىش سەۋەبچى بولغانلىقىنى بىلدى - دە: «بۇمۇ ئوبدان بولدى، ئاچچىقى كېلىشكەن بولسا، نىيىتىدىن يېنىپ مېنى يەنە ئاۋارە قىلىشماس» دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى تىنىپ، سۇ ئەكىرگۈزۈپ يۈزىنى يۇدى، ئارام ئېلىش ھەم ئىزدەپ كەلگۈچىلەر بىلەن يولۇقماسلىق ئۈچۈن، تالاغا چىقماي ئۆيدە ئىككى كۈن جىم ئولتۇرماقچى بولدى.

ئەسلىدە شۆ پەن بىلەن چىقىشىپ يۈرگەنلەر شۆ ئائىلىسىدە شۆ كېدىن باشقا ئىش باشقۇرغۇچى ئادەم يوقلۇقىنى كۆرۈپ ئۇنى ياش چاغلىشىپ، خىلمۇخىل تەمەلەر بىلە ھايان ئېلىش كويىغا چۈشكەنىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئارىغا قىستۇرۇۋېلىپ يۈگۈر - يېتىم ئىشلارنى قىلماقچى بولغانلارمۇ، ئەرز - پەرز يېزىش قولىدىن كېلىدىغان ۋە بىرەر خەتچى موللام بىلەن تونۇشلۇقى بولغان، يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى ئارىلىقتا قاتراپ، ئىشلارنى ئېپىگە كەلتۈرۈپ بەرمەكچى بولغانلارمۇ، ھەتتا شۆ كېنى بۇ ئىشتىن ھايان تېپىشقا دەۋەت قىلىدىغانلارمۇ، ئىغۋا تارقىتىپ تەھدىت سالىدىغانلارمۇ، ئىشقىلىپ، ھەر خىل ئادەملەر بار ئىدى. شۆ كې بۇنداق ئادەملەرنى كۆرگەندە، ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولدى، لېكىن ئۇلارنى يۈزمۇيۈز رەت قىلىشقا پېتىنالمايتتى. بىرەر كۈتۈلمىگەن ۋەقەگە سەۋەبكار بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۆيگە مۆكۈۋېلىپ، ئارىچى ئارقىلىق ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ تۇردى. بۇ گەپ شۇ يەردە قالغاي.

ئەمدى گەپنى جىنگۇيدىن باشلايمىز. جىنگۇي ئاخشام شۆ كېنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىش غەرىزىدە باۋچەندىن شاراب، مېۋە - گېزەك كىرگۈزگەنىدى. باۋچەن يېنىپ چىقىپ شۆ كېنىڭ ئەۋزايىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىۋىدى، جىنگۇي ئىشنىڭ ئانچە ئەپلەشمىگەنلىكىنى پەملەپ، بىكاردىن - بىكار ئىش تۇغدۇرۇپ قويغاننىڭ ئۈستىگە، مېنى كۆزىگە ئىلماي قويارمىكىن دەپ باۋچەندىن ئەنسىرىدى. گەپنى توغرىلاپ، بىر - ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن يوپۇتۇۋېتەي دېسە، شۆ كېنى قولدىن چىقارغۇسى كەلمەيتتى. شۇڭا، ئۇ كۆڭلىدە بىر قارارغا كېلەلمەي، دەككە - دۈككىدە ئولتۇرۇپ قالدى.

باۋچەنمۇ شۆ پەننىڭ قايتىپ كېلەلىشىگە كۆزى يەتمەي، ئۆزىگە يول تېپىشنىڭ كويىدا يۈرەتتى ۋە جىنگۇيگە تۇتۇلۇپ قالارمەنمىكىن دەپ، چاندۇرماسلىققا ھەرىكەت قىلاتتى. بۈگۈن ئەمدى جىنگۇي ئاۋۋال باشلاپ يول ئېچىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ بۇغداينىڭ باھانىسىدە قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ، دېگەندەك ئېچىلىپ - يايراپ، شۆ كېنى بالدۇر قولغا چۈشۈرۈۋالماقچى بولدى. شۇڭا، جىنگۇينىڭ خاپا بولۇپ قېلىشىدىىنمۇ ئەنسىرەپ تۇرماي، شۆ كېنى گەپ بىلەن چېكىپ كۆرگەنىدى. ئۇنىڭغا شۆ كې ئىشقى يوق يىگىت ئەمەستەك، ئەمما ئانچە چاڭگال سالمايدىغاندەك تۇيۇلۇپ، قاراملىق قىلىپ قويۇشتىن بىردەم تەپ تارتىپ تۇرۇپ قالغانىدى. ئۇ قاراپ تۇراتتى، شۆ كې چىراغنى ئۆچۈرۈپ يېتىۋالدى. بۇ ئەھۋالدىن ئۇنىڭ ھەپسىلىسى ئۆچتى - دە، كىرىپ جىنگۇيگە بولغان ئىشنى ئېيتاي، ئۇ نېمە ئامال قىلاركىن، شۇنىڭغا بېقىپ ئىش قىلاي، دېگەن پىكىرگە كەلدى. كىرىپ قارىسا، جىنگۇيمۇ ئامالسىز قالغان بىچارىدەك ھاڭقىيىپ ئولتۇرۇپتۇ. باۋچەن نائىلاج ئورۇن سېلىپ جىنگۇيگە ھەمراھ بولۇپ ياتتى. بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئۇيقۇسى كېلەمتى؟ ئۇياققا ئۆرۈلۈپ - بۇياققا ئۆرۈلۈپ، ئويلا - ئويلا ئاخىر بىر ئامال تاپتى. ئەتە سەھەر تۇرۇپ، نەرسە - كېرەكلەرنى ئالغىلى كىرەي، كىرگەندىمۇ شوخ رەڭدىكى جەلپ قىلارلىق كىيىملىرىمنى كىيىپ، يۇيۇنماي - تارانماي، ناز - كەرەشمە بىلەن كىرەي، شۆ كېنىڭ تەرىگە بېقىپ، ئەتەي قېيىدىغان ھالەتتە، ئۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلمىغان بولۇۋالاي. ئەگەر شۆ كې پۇشايمان يېگەن بولسا، ئەلۋەتتە ماڭا كۆڭلى تارتىدۇ، ئۇ چاغدا مەن ئاۋۋال قولغا چۈشۈرەلمەسمەنمىكىن دەپ غەم يەپ ئولتۇرمايمەن، دېگەن پىكىرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغانىدى. بىراق، كىرىپ قارىغۇدەك بولسا، ئۇ يەنە شۇ ئاخشامقى ئەۋزايى پېتىچە، ھېچقانداق قىڭغىر يولغا دەسسەيدىغان تۈرى يوق. باۋچەن بۇ ھالنى كۆرۈپ بايىقى ياسىمىلىقنى ئۆزگەرتىپلا راۋرۇس ئادەم قىياپىتىدە بولۇۋېلىپ، تەخسىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ چىقتى، قايتا كىرىشكە باھانە بولۇش ئۈچۈن، شاراب چەينىكىنى ئەتەي ئالماي چىقىپ كەتتى.

− نەرسە - كېرەكنى يىغىشتۇرغىلى كىرگىنىڭدە بىركىم بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالمىغانسەن؟ − دەپ سورىدى جىنگۇي ئۇنىڭدىن.

− يوقسۇ، − دېدى باۋچەن.

− ئوتتۇرانچى غوجام سەندىن ھېچنېمە سورىمىدىمۇ؟

− سورىمىدى.

− جىنگۇي كېچىچە ئۇيقۇسى كەلمەي ئويلىنىپ، ھېچ ئامال تاپالمىغاچقا: «بۇ ئىشىمنى باشقىلاردىنغۇ يوشۇرارمەن، لېكىن باۋچەندىن قانداق يوشۇرغىلى بولار؟ ئۇنىڭغا ئاز - تولا نەپ بەرسەم، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تىلى باغلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۆزۈم كىرەلمىگەچكە، مۇشۇنى ئارىدا ئىشقا سالماي بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ بىلەن پۇختا مەسلىھەتلىشىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ» دېگەن ئويغا كەلدى ۋە شۇ خىيال بىلەن ھىجىيىپ:

− سېنىڭچە، ئوتتۇرانچى غوجام زادى قانداقراق ئادەمدۇ؟ − دەپ سورىدى.

− راسا گالۋاڭ ئوخشايدۇ ! − دېدى باۋچەن.

− غوجاملارنى نېمىشقا كەمسىتىسەن؟ − دەپ كۈلدى جىنگۇي.

− ئۇ ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە شۇنداق دەيمەن - دە، − دېدى باۋچەنمۇ كۈلۈپ.

− ئۇ قانداقسىغا مېنىڭ كۆڭلۈمنى يەردە قويۇپتۇ؟ قېنى دېگىنە، − دېدى جىنگۇي.

− ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ئوبدان نەرسىلەرنى كىرگۈزۈپ بەرسىلە، ئۇ ئېغىز تەگكۈزۈپمۇ قويمىدى، مانا بۇ ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويغانلىقى بولماي نېمە؟ − باۋچەن لاپپىدە جىنگۇيگە قاراپ كۈلۈپ قويدى.

− ئۇنداق يوقىلاڭ ئويدا بولما ! − دېدى جىنگۇي، − ئۇ چوڭ غوجامنىڭ غېمىدە جاپادىن قاچماي پايپېتەك بولۇپ يۈرۈۋاتىدۇ، شۇڭا، ئۇنىڭغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈپ نەرسە - كېرەك كىرگۈزۈپ بەردىم. باشقىلارنىڭ بىھۇدە سۆز - چۆچەك قىلىشىدىن ئەنسىرەپ سەندىن سوراپ باققىنىم ئىدى، ماڭا بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتىسەن، نېمە دېگىنىڭكىنتاڭ، ئۇقالمىدىم.

− خېنىم، گۇمان قىلمايلا قويسىلا ! − دېدى باۋچەن كۈلۈمسىرەپ، − مەن دېگەن ئۆزلىرىنىڭ ئادىمى تۇرسام، ئالا كۆڭۈللۈك قىلامتىم؟ لېكىن، ئىشنىڭ يوشۇرۇنچە بولغىنى ياخشى، مۇبادا يېيىلىپ كەتسە، ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس بۇ.

جىنگۇي پوكاندەك قىزىرىپ كېتىپ:

− سەنچۇ، ئەسكى نېمە ئىكەنسەن ! ھەرقاچان ئۆزۈڭنىڭ كۆڭلى چۈشۈپ قېلىپ مېنى دالدا قىلماقچى بولۇۋاتىسەنغۇ دەيمەن، شۇنداقمۇ؟ − دەپ قويدى.

− خېنىم، ئۆزلىرىنىڭ خىيالى شۇنداق ئوخشايدۇ، − دېدى باۋچەن، − مەن ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆيۈپ - پىشىپ يۈرىمەن. ئۆزلىرى ئوتتۇرانچى غوجامنى يارىتىپ قالغان بولسىلا، بۇنىڭغا مېنىڭ بىر ئامالىم بار. خېنىم، ئويلاپ كۆرسىلە، بەز يېمەيدىغان مۈشۈك بولامدۇ؟ بەلكىم ئۇمۇ ئۆز كۆڭلىدە ئىش يوشۇرۇنچە بولماي، يېيىلىپ كېتىپ چاتاق چىقىپ قالسا سەتچىلىك بولارمىكىن، دەپ ئەنسىرىسە كېرەك. مېنىڭچە بولغاندا، خېنىم، بۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمىسىلە، ئۇنىڭ كەم - كوتىلىرىغا پات - پات قارىشىپ تۇرسىلا، ئۇ سىلىگە قېيىنئىنى، تېخى ئۆيلەنمىگەن يىگىت. ئۇنىڭغا كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىپ كۆيۈنۈپ، ياخشىلىق قىلسىلا، خەقلەرمۇ ھېچقانداق گەپ تاپالمايدۇ، كۈنلەر ئۆتكەنسېرى، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ مېھرىبانلىقلىرىدىن ئېرىيدۇ - دە، ئەلۋەتتە ئۆزلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا خېنىم باشقىدىن شاراب - تائام تەييارلاتقۇزۇپ ئۇنى ئۆيگە چىللايلا، مەن سىلىگە ياردەملىشىپ، ئۇنى مەست قىلىپ بېرىمەن. ئۇ چاغدا ئۇ سىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالامتى؟ شۇنىڭدىمۇ ئۇ ئۈندەككە كەلمىسە، بىز ئۇنى خېنىمغا قانات سۆرىدى دەپ غەلۋە كۆتۈرىمىز. ئۇ ئاخىر قورققىنىدىن نەگە يېتىلىسەك شۇ يەرگە مېڭىۋېرىدىغان بولىدۇ. بۇنىڭغىمۇ ياق دەپ تۇرۇۋالسا، ئۇنى ئادەم ئەمەس ئىكەن دەپ بولدى قىلىمىز. بىزنىڭمۇ بىكاردىن - بىكار يۈزىمىز چۈشكەن بولمايدۇ. خېنىم، بۇ پىكرىم سىلىگە قانداقراق؟

بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ جىنگۇينىڭ مەڭزى ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى.

− ھوي جۇۋاينىمەك ! بىرمۇنچە يىگىتلەرنى قولغا چۈشۈرگەندەكلا گەپ قىلىسەنغۇ ! − دېدى ھىجايغىنىچە كايىپ ئۇ، − شۇڭا چوڭ غوجام ئۆيدىكى چاغدا سېنىڭدىن نېرى كېتەلمەي يۈرۈپتىكەن - دە !

− ۋاي - ۋۇي ! − دېدى باۋچەنمۇ كۈلۈپ ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ قويۇپ، − خەق سىلىگە ئىلىندۈرۈپ بېرەي دەۋاتسا، سىلى قوپۇپ بۇنداق دەيلىغۇ !

شۇنىڭدىن تارتىپ جىنگۇينىڭ ئەس - يادى شۆ كېنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش بىلەن بولۇپ، جېدەلخورلۇق قىلىش نىيىتىدىن ياندى، ئۆي ئىچىمۇ خېلى تىنچىپ قالدى.

شۇ كۈنى باۋچەن يەنە كىرىپ شاراب چەينىكىنى ياندۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنى سالماقلىق تۇتۇپ، ئەپتىدىن راۋرۇس بولۇپ يۈردى. شۆ كې كۆزىنىڭ قىرىدا نەزەر سېلىپ بېقىپ، ئۆزىنىڭ قىلغىنىغا ئازراق پۇشايمان يېدى، كۆڭلىدە: «ئېھتىمال ئۇلارنى ئۆزۈم خاتا ئويلاپ قالغان ئوخشايمەن. مۇنداق قىلسام، ئۇلارنىڭ ياخشى نىيىتىنى يەردە قويغان بولۇپ قالىمەن. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى بەزى ئىشلار ماڭا چېتىلىپ قېلىپ جېدەل - غوۋغا تۇغۇلۇپ قالسا، ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا مەن سەۋەبچى بولۇپ قالارمەنمىكىن؟» دېگەن گۇمان تۇغۇلدى. بىرنەچچە كۈن ھەرھالدا تىنچ ئۆتتى. شۆ كې باۋچەنگە يولۇقۇپ قالسا، باۋچەن بېشىنى سېلىپ، قاپىقىنىمۇ ئاچماي ئۆتۈپ كېتەتتى، جىنگۇي بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، جىنگۇي ئوتتەك كۆيۈپ ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالاتتى، بۇ ئەھۋالدا شۆ كې خىجالەت ئىچىدە قالاتتى. بۇ ھەقتە بايان قىلماي قويايلى.

ئەمدى گەپنى باۋچەي ئانا - بالا ئىككىيلەندىن ئاڭلىغايسىز. جىنگۇينىڭ بىرقانچە كۈندىن بۇيان تىنچىپ، بىردىنلا كىشىلەرگە خۇش مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئۈچۈن كاتتا ئىش بولۇپ تۇيۇلدى. شۆ ھامما بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ: «شۆ پەن بۇ ئاغىچىغا ئۆيلەنگىنىدە بىرەر ياراشماسلىق بولغاندەك قىلغان، شۇڭا بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بىزنى نەس بېسىپلا كېلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شۇنداق كېلىشمەسلىكلەر بولسىمۇ، ھەرھالدا پۇل - دۇنيايىمىز بولغاچقا، ئاندىن جيا خانىدانى ھىممەت كۆرسەتكەچكە، ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كۆزىمىز يېتىۋاتىدۇ. كېلىنىمنىڭ بىردىنلا جىمىپ قالغانلىقى، ئەتىمالىم، ئوغلۇم شۆ پەننىڭ تەلىيى ئوڭغا تارتقانلىقىدىن بولسا كېرەك !» دېگەن ئويغا كەلدى - دە، ئۆز كۆڭلىدە بۇ ھالنى ھەيران قالارلىق ئىش دەپ بىلىپ، شۇ كۈنى غىزادىن كېيىن، تۇڭگۇيگە تايىنىپ جىنگۇينى يوقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا ماڭدى. ھويلىسىغا كىرىشگە، بىر ئەر كىشىنىڭ جىنگۇي بىلەن گەپلىشىۋاتقانلىقى ئاڭلاندى. تۇڭگۇي ھوشيار بولغاچقا:

− ئاپپاق خېنىم، ئاغىچا خېنىم كەلدى، − دەپ ئۇقتۇرۇپ قويدى.

ئۇلار بوسۇغىغا يېتىپ بېرىشىغا، لاپپىدە قىلىپ ئىشىك كەينىگە ئۆتۈۋالغان بىر كىمنىڭ قارىسى كۆرۈندى. شۆ ھامما چۆچۈپ كەينىگە داجىدى.

− ئاغىچا خېنىم، ئۆيگە مەرھەمەت قىلسىلا، يات ئادەم يوق، − دېدى جىنگۇي، − ئۇ بېقىۋالغان ئىنىم بولىدۇ، بالدۇر سەھرادا تۇراتتى، شۇڭا خەقلەرگە كۆرۈنۈش قىلىشقا ئادەتلەنمىگەن، ئۆزلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، يېڭىراقتىلا كەلگەنىدى، تېخى ئۆزلىرىگە سالامغا بارغۇچىلىكمۇ بولمىدى.

− قۇدا ئىنىمىز ئىكەن - دە، كۆرۈشۈپ قويىلى، − دېدى شۆ ھامما.

جىنگۇي ئىنىسىنى چاقىرىپ شۆ ھامما بىلەن كۆرۈشتۈردى، ئۇ ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ ھال - ئەھۋال سورىدى، شۆ ھاممىمۇ تىنچ - ئامانلىق سوراپ، ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى.

− قۇدا ئىنىمىزنىڭ پايتەختكە كەلگىنىگە قانچە ۋاقىت بولدى؟ − دەپ سورىدى شۆ ھامما.

− ئۆتكەن ئايدا ئانامنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇدەك ئادىمى بولمىغاچقا، مېنى بالا قىلىۋالغان، − دەپ جاۋاب بەردى شيا سەن، − پايتەختكە ئۈلۈشكۈن كەلگەن، بۈگۈن ئاچامنى يوقلىغىلى كەلدىم.

شۆ ھامما ئۇنى ھېيىقماس كۆرۈپ، سەل - پەل ئولتۇرۇپلا ئورنىدىن تۇردى - دە:

− ئىنىم، سىز ئولتۇرىۋېرىڭ، − دېدى ۋە جىنگۇيگە قاراپ:

− قۇدا ئىنىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىكەن، بىزنىڭكىدە غىزالىنىپ كەتسۇن، − دېدى.

جىنگۇي خوش دەپ جاۋاب بەردى، شۆ ھامما چىقىپ كەتتى. جىنگۇي قېيىنئانىسى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن شيا سەنگە:

− ئولتۇرغىن، ئەمدى ئالدىدىن ئۆتۈۋالدىڭ، شۆ كې غوجامنىڭ سۈرۈشتە قىلىشىدىنمۇ قۇتۇلدۇق. بۈگۈن ماڭا بەزى نەرسە - كېرەكلەرنى سېتىپ ئەكېلىپ بەرگىن، ئەمما باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن، − دېدى.

− بۇنى ماڭىلا قويۇپ بېرىڭ، − دېدى شيا سەن، − سىزگە نېمە لازىم بولسا، پۇللا بولىدىكەن، سېتىۋالالايمەن.

− بولدى، يوغان گەپ قىلما ! − دېدى جىنگۇي، − سېتىۋېلىشتا ئالدىنىپ قالساڭ، سېتىۋالغان نەرسەڭنى ئالمايمەن جۇمۇ !

ئىككىسى بىرپەس ئويناشقاندىن كېيىن، جىنگۇي شيا سەن بىلەن كەچلىك غىزانى بىللە يېدى، سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، بىر قۇر تاپىلىغاندىن كېيىن، شيا سەن چىقىپ كەتتى.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شيا سەن ئۈزۈلمەي كېلىپ - كېتىپ تۇردى. ياشانغان ئىشىك باقارمۇ ئۇنىڭ قۇدا ئىنىلىقىنى بىلگەچكە، ئانچە مەلۇم قىلمايدىغان بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىرمۇنچە غەلۋە - غۇدۇر پەيدا بولدى. بۇلار كېيىنكى گەپ، ھازىرچە بايان قىلمايمىز.

كۈنلەر ئۆتۈپ، بىر كۈنى شۆ پەندىن خەت كەلدى، شۆ ھامما خەتنى ئېچىپ باۋچەيگە ئوقۇتتى. خەتتە مۇنۇلار پۈتۈلگەنىكەن:

ئانىكا، ئوغلىڭىز ناھىيە يامۇلىدا جاپا تارتمىدىم، خاتىرجەم بولغايسىز. تۈنۈگۈن ناھىيە يامۇلىنىڭ كاتىپىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەرزىمىزنى ئايماقتىن تەستىقلاپتۇ، بۇ گەپچە، قىلغان ئادەمگەرچىلىكىمىز ئۇلارغا يەتكەن ئوخشايدۇ. بىراق، مەلۇم بولۇشىچە، ئايماقتىن ئەرز - مەلۇماتنى ۋىلايەتكە يوللىسا، ۋىلايەت رەت قىلىپ ياندۇرۇۋېتىپتۇ. بەختىمىزگە يارىشا، ناھىيە يامۇلىنىڭ باش كاتىپى ئوبدان ئادەم بولغاچقا، يەنە ئالاقە پۈتۈپ يۇقىرىغا قايتا يوللاپتىكەن، ۋىلايەتتىن ناھىيە ئامبىلىنى ئەيىبلەپتۇ، ھازىر ۋىلايەت ئۆزى بىۋاسىتە سوراق قىلماقچى بوپتۇ. ئۇ يەرگە ئەۋەتىلىدىغان بولسام يەنە ئازاب چېكىپ قالىمەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا ۋىلايەتكە ئادەمگەرچىلىكىمىز يەتمىگەن ئوخشايدۇ. ئانىكا، خېتىم تېگىشى بىلەنلا، بىر كىمگە ھاۋالە قىلىپ ۋالىي بېگىمگە ئىلتىجا قىلىڭ ! ئىنىممۇ تېز يېتىپ كەلسۇن ! ئۇنداق بولمىسا، مېنى ۋىلايەتكە ئېلىپ كېتىشىدۇ. بۇنىڭغا كېتىدىغان كۈمۈش ھەرگىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ! تېز بولسۇن ! ناھايىتى تېز بولسۇن !

بۇنى ئاڭلىغان شۆ ھامما يەنە بىرپەس زار - زار يىغلىدى. باۋچەي بىلەن شۆ كې بىر ياقتىن ئانىسىغا تەسەللى بەردى، بىر ياقتىن «ئىشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ !» دېيىشتى. شۆ ھامما نائىلاج شۆ كېنى ئۇياققا بېرىپ قارىشىشقا ئەۋەتىش قارارىغا كېلىپ، يۈك - تاقلىرىنى تەييارلاشقا دەرھال كىشى بۇيرۇدى. شۆ كې كۈمۈش ئېلىپ گۆرۈخانىسىدىكى بىر خىزمەتكار بىلەن كېچىلەپ يولغا چىقتى. شۇ كۈنى ھەممەيلەن شاپاشلاپ كېتىشتى، يول جابدۇقىنى قىلىشقا مۇلازىم - دېدەكلەر بولسىمۇ، باۋچەي ئۇلارنى ئويلاپ يېتەلمەي قالارمىكىن دەپ، ئۆزى تەييارلىشىپ بەردى. شۇ ئاۋارىچىلىك بىلەن تۆتىنچى جېسەك ۋاقتىدا ئاندىن ئارام ئالدى. باي، دۆلەتمەن ئائىلىنىڭ قىزى ئەركە چوڭ بولغاچقا، كۆڭلى بىئارام بولغاننىڭ ئۈستىگە، كېچىچە ھېرىپ كېتىپ، ئەتىسى بويى قىزىپ گېلىدىن سۇمۇ ئۆتمەي قويدى. يىڭئېر دەرھال شۆ ھاممىغا خەۋەر يەتكۈزدى.

شۆ ھامما ئالمان - تالمان كېلىپ قارىسا، باۋچەي يۈز - كۆزلىرى قىزىرىپ، بەدىنى چوغدەك قىزىپ، گەپمۇ قىلالماي يېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن شۆ ھامما تەمتىرەپ كېتىپ، يىغلاپ ئۆلەي دېدى. باۋچىن يۆلەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى. چيۇلىڭمۇ يېنىدا تۇرۇپ، ياش تۆكۈپ زار - زار يىغلاشنىلا بىلدى. باۋچەينىڭ تىلىمۇ گەپكە كەلمەيتتى، ھەتتا قولىنىمۇ قىمىرلىتالماي، كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، دىمىقى پۈتۈپ قالغانىدى. تېۋىپ چاقىرتىپ ئەملەتكەندىن كېيىن، بارا - بارا ھوشىغا كەلدى، شۆ ھامما باشلىق ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى ئاندىن بىرئاز تەسكىن تاپتى. بۇ خەۋەردىن نىڭگۇ، رۇڭگۇ قەسىرىدىكىلەر ئاللىقاچان بىسەرەمجان بولۇشقانىدى. ئاۋۋال فېڭجيې «ھوشىغا كەلتۈرىدىغان ھەببى خۇشبۇي» دورىسى ئەۋەتىپ بەردى، ئاندىن ۋاڭ ئاغىچا خېنىم «ھەببى گۆھەر» ئەۋەتتى، جيا ئانا، شىڭ، ۋاڭ ئاغىچا خېنىملار ۋە يۈشى خېنىملار ئۆز دېدەكلىرىنى ئەۋەتىپ ھال - ئەھۋال سورىدى، لېكىن بۇ ئەھۋالنى باۋيۈيگىلا بىلىندۈرمىدى. ئۇدا يەتتە - سەككىز كۈن داۋالانغان بولسىمۇ ھېچ شىپالىق تاپمىدى. ئاخىر باۋچەينىڭ ئېسىگە «سوغۇق ئەتىر كۇمىلىسى» كېلىپ، شۇنىڭدىن ئۈچ كۇمىلاچ ئىچكەندىن كېيىن كېسىلى ساقايدى. كېيىن باۋيۈي بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ساقىيىپ قالغاچقا يوقلاپ بارمىدى.

شۇ چاغدا شۆ كېدىن يەنە خەت كېلىپ قالدى. شۆ ھامما باۋچەي بىئارام بولمىسۇن دەپ، ئۇنىڭغا بىلدۈرمەي، ئۆزى ۋاڭ ئاغىچا خېنىمغا ھال ئېيتىپ باردى ھەمدە باۋچەينىڭ ئاغرىقى توغرۇلۇق بىر پەس پاراڭلاشتى. شۆ ھامما كەتكەندىن كېيىن، ۋاڭ ئاغىچا خېنىم جيا جېڭغا يالۋۇرغانىدى، جيا جېڭ:

− بۇ ئىشنى يۇقىرىغا ھاۋالە قىلىش ئاسان، تۆۋەنگە ھاۋالە قىلىش تەس، بىرئاز پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ، − دېدى.

ئاندىن ۋاڭ ئاغىچا خېنىم باۋچەي توغرىسىدىكى ئىشنى ئەسلىتىپ مۇنداق دېدى:

− بۇ بالىغىمۇ جاپا بولدى. ئۇ ھامان بىزنىڭ ئادىمىمىز بولغاندىكىن، بالدۇرراق كېلىن قىلىپ كۆچۈرۈپ كىرسەك بولاتتى، بىكار ئۆزىنى نابۇت قىلىۋالمىغىيدى دەيمەن.

− مەنمۇ شۇنداق ئويلىۋىدىم، − دېدى جيا جېڭ، − ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆيئىچى ھازىر بىرئاز مالىمان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسلىمۇ ئاخىرلىشىپ چاغان قىستاپ كېلىپ قالدى، ھەركىم ئۆزىنىڭ سەرەمجانلىرىنى قىلماي بولمايدۇ. بۇ يىل قىشتا چاي ئىچۈرۈپ قويۇپ، كېلەر يىلى باھاردا توينى قىلايلى. ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، قۇتلۇق كۈندە كېلىن قىلىپ كۆچۈرۈپ كىرەيلى. بۇ گەپنى ئاۋۋال ھامما خېنىمنىڭ قۇلىقىغا سېلىپ قويغىن.

ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ماقۇللۇق بىلدۈردى.

ئەتىسى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم جيا جېڭنىڭ گېپىنى شۆ ھاممىغا يەتكۈزدى. ئۇمۇ ئويلاپ بېقىپ خوپ كۆردى، غىزادىن كېيىن، ۋاڭ ئاغىچا خېنىم شۆ ھامما بىلەن جيا ئانىنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئۆزئارا تۈزۈت قىلىشىپ بولۇپ ئولتۇرۇشتى.

− ھامما خېنىم بايىراقتا ئۆتۈپلا - دە، − دەپ سورىدى جيا ئانا.

− بۇ ياققا تۈنۈگۈن ئۆتكەنىدىم، − دەپ جاۋاب بەردى شۆ ھامما، − كەچ بولۇپ كېتىپ ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىمغا تەزىم قىلغىلى كېلەلمىدىم.

ۋاڭ ئاغىچا خېنىم جيا جېڭنىڭ ئاخشام ئېيتقان گەپلىرىنى جيا ئانىغا بىر قۇر سۆزلەپ بېرىۋىدى، جيا ئانا بەك خۇشال بولدى.

شۇ گەپ بولۇۋاتقاندا باۋيۈي كىرىپ كەلدى.

− غىزا يېدىڭمۇ؟ − دەپ سورىدى جيا ئانا.

− مەكتەپتىن بايا قايتىپ كېلىپلا غىزا يېدىم، − دېدى باۋيۈي، − يەنە مەكتەپكە بارماقچىدىم، ئۆزلىرىگە ئاۋۋال كۆرۈنۈش قىلاي دېدىم، ئاندىن ھاممامنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھاممامغا سالام بېرىپ كېتەي دەپ كەلدىم. باۋچەي ئاچام ئوبدان ساقىيىپ قالغاندۇ؟

− ساقىيىپ قالدى، − دەپ جاۋاب بەردى شۆ ھامما كۈلۈپ.

بايا باۋيۈي گەپ ئۈستىگە كىرىپ قالغاچقا، ئۇلار گېپىنى توختىتىۋالغانىدى. شۆ ھامما باۋيۈيگە ئەپتىدىن بۇرۇنقىدەك مېھرىبان ئەمەستەك كۆرۈندى، شۇڭا سەل ئولتۇرۇپلا: «شۇ تاپتا ھەممەيلەننىڭ كەيپى خۇش بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئاز - تولا پاراڭ سېلىشقان بولسا بولاتتىغۇ...» دېگەن گۇمانغا كەلدى - دە، ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ مەكتىپىگە كەتتى. ئاخشىمى مەكتىپىدىن يېنىپ كېلىپ ھەممىسىگە كۆرۈنۈش قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بامبۇكزار سارايغا كەلدى. مىلەڭزىنى قايرىشىغىلا، زىجۈەن ئۇنى كۈتۈۋالدى، ئۆيدە ئادەم يوق ئىدى.

− خان قىز نەگە كەتتى؟ − دەپ سورىدى باۋيۈي.

− تۆر ئۆيگە ھامما خېنىم كىرىپتۇ، سالام بېرىپ كېلەي دەپ كەتكەنىدى. غوجام، ئۆزلىرى تۆر ئۆيگە بارمىدىلىمۇ؟ − دېدى زىجۈەن.

− بېرىپ كەلدىم، سىلەرنىڭ خان قىزنى كۆرمىدىم.

ئۇ يەردە يوقمىكەن؟

− يوق ئىكەن، زادى نەگە كەتكەندۇ؟

− نەگە كەتتىكىنتاڭ !

باۋيۈي كېتەي دەپ چىقىشىغا، دەييۈي شۆيەن بىلەن بىر - بىر قەدەم تاشلاپ كىرىپ كەلدى.

− سىڭلىم قايتىپ كەلدى، − دەپلا باۋيۈي كەينىگە داجىپ يول بېرىپ، دەييۈي بىلەن سوڭدىشىپلا ئۆيگە قايتا كىردى. دەييۈي ئىچكىرىكى ھۇجرىغا كىرىپ باۋيۈيگە ئىچكىرىدىن ئورۇن كۆرسەتتى، زىجۈەن يېپىنچا ئېلىپ چىقىپ يەڭگۈشلەپ قويغاندىن كېيىن، دەييۈي ئولتۇرۇپ:

− تۆر ئۆيگە بارغىنىڭىزدا، ھاممامنى كۆردىڭىزمۇ؟ − دەپ سورىدى.

− كۆردۈم، − دېدى باۋيۈي.

− ھاممام مېنىڭ گېپىمنى قىلدىمۇ؟ − دېدى دەييۈي.

− سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، مېنى كۆرۈپمۇ بالدۇرقىدەك مېھرىبانلىق كۆرسەتمىدى. باۋچەي ئاچامنىڭ كېسىلىنى سورىساممۇ كۈلۈمسىرەپلا قويۇپ جاۋاب بەرمىدى. بىر - ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇنى يوقلاپ بارمىغانلىقىمدىن شۇنداق قىلىۋاتامدىكىن؟

− يوقلاپ بارمىغانمىدىڭىز؟ − دېدى دەييۈي كۈلۈپ قويۇپ.

− دەسلەپتە ئۇقماپتىمەن، كېيىن خەۋەر تاپقىنىمغا بىر - ئىككى كۈن بولغان بولسىمۇ بارماپتىمەن.

− ھە مۇنداق دېمەمسىز !

− راستىنى ئېيتسام، چوڭ ئانام مېنى بارمىغىن دېدى، ئاناممۇ بارغۇزمىدى، بەگ ئاتاممۇ بارمىسۇن دەپتۇ. مۇنداق تۇرسا مەن قانداق بارالايمەن؟ بالدۇرقىدەك يان ئىشىك ئوچۇق بولسىغۇ كۈنىگە ئون قېتىم يوقلاپ بېرىشمۇ تەس ئەمەس ئىدى. ھازىر يان ئىشىكنى ئېتىۋەتتى، ئالدى تەرەپتىن ئايلىنىپ ئۆتۈشۈمگە ئەپسىز ئىكەن.

− مۇنداقلىقىنى ئۇ نەدىن بىلسۇن؟ − دېدى دەييۈي.

− باۋچەي ئاچام ئادىمەتچىلىكنى بىلىدۇ، ھالىمغا بەك يېتىدۇ، − دېدى باۋيۈي.

− سىز ئۇنداق چۆچۈرىنى خام سانىماڭ ! باۋچەي ئاچام بەلكىم سىزدىن تېخمۇ ئاغرىنىپ يۈرگەندۇ، چۈنكى كېسەل بولغۇچى ھاممام ئەمەس باۋچەي ئاچام - دە. بالدۇردىن تارتىپ باغدا بىللە شېئىر يېزىشىپ، گۈل تاماشىسى قىلىپ، مەي - شاراب ئىچىشىپ قانداق خۇشال - خۇرام ئۆتۈشكەنىدۇق، مانا ئەمدى ئايرىلىپ كېتىۋىدۇق، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە كېلىشمەسلىك بولغىنىنى، ئاغرىپ شۇنداق ئېغىر ھالدا ياتقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، خۇددى خەۋىرى يوق ئادەمدەك يۈرسىڭىز، سىزدىن خاپا بولمامدىكەن؟

− ئۇنداقتا باۋچەي ئاچام مەن بىلەن ئەپلەشمىگۈدەك - دە؟

− ئەپلىشەمدۇ، ئەپلەشمەمدۇ، مەن نەدىن بىلەي، مەنمۇ يولى كېلىپ قالغاچقا دەپ قويدۇم.

بۇ گەپ بىلەن باۋيۈي كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ، بىر ھازاغىچە تېڭىرقاپ قالدى. دەييۈي باۋيۈينىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماي، كۆجىنى يەڭگۈشلەپ قويۇشقا كىشى بۇيرۇدى، ئاندىن كىتابنى ئېلىپ بىر پەس ئوقۇدى، باۋيۈي قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، يەرگە تەپكەن پېتى:

− مەندەك بىر ئىنسان نېمىشقىمۇ تۆرەلگەن بولغىيدى؟ مەن بولمىغان بولسام جاھان پاك - پاكىز بولغان بولاتتى ! − دېدى.

− ئەسلىدە «مەن» بولغاچقا، ئىنسان پەيدا بولغان؛ ئىنسان پەيدا بولغاندىن كېيىن، ھەددى - ھېسابسىز خاپىچىلىق، ۋەھىمە، پاراكەندىچىلىك، خام خىيال، يەنە شۇنداق بىرمۇنچە گادىرماچ ئىشلار كېلىپ چىققان. بايىقى ئېيتقانلىرىم چاقچاق گەپ. سىز شۆ ھاممامنىڭ مەيۈسلۈكىنى كۆرۈپلا نېمىشقا باۋچەي ئاچامدىن گۇمانلىنىسىز؟ ھاممام ئۆزلىرىنىڭ دەۋا ئىشى بىلەن ئۇ يەرگە كىرگەن، كۆڭلى پاراكەندە تۇرسا، بۇ ھالدا سىزگە تەكەللۇپ قىلىشقا رەۋىتى كېلەمتى؟ سىزچۇ، ئۆزىڭىزچە ھەر قىسما خىيال سۈرۈپ، ئېزىتقۇنىڭ كەينىگە كىرىپ قاپسىز.

باۋيۈينىڭ بىردىنلا كۆڭلى يورۇپ كۈلۈۋەتتى:

− راست، شۇنداق، سىزنىڭ زېھنىڭىز مېنىڭكىدىن ئۆتكۈر ئىكەن ! ئۈلۈش يىلى خاپا بولغان چېغىمدا، سىز ماڭا ديانادىن بىرنەچچە ئېغىز گەپ قىلىۋىدىڭىز، شۇڭا جاۋاب بېرەلمەپتىمەن - دە ! ئالتۇن بويۇم كەلسىمۇ گەرچە ئالتە غۇلاچ، تۆرەلمىدىم سىز − نېلۇپەر پەرگىگە موھتاج.

دەييۈي پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ:

− بىر سوئال قوياي، قېنى قانداق جاۋاب بېرەرسىزكىن؟ − دېدى.

باۋيۈي باداشقان قۇرۇپ، ئالىقىنىنى جۈپتەكلەپ، كۆزىنى يۇمۇپ، ئاغزىنى دومسايتىپ ئولتۇرۇپ:

− قېنى دەڭ، − دېدى.

− باۋچەي ئاچام سىز بىلەن ئەپ بولسا قانداق قىلاتتىڭىز؟ ئەپ بولمىسا قانداق قىلاتتىڭىز؟ باۋچەي ئاچام ئۆتكەن كۈنلەردە سىز بىلەن ئەپ بولۇپ، ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە ئەپ بولمىسا قانداق قىلاتتىڭىز؟ باۋچەي ئاچام بۈگۈنكى كۈندە سىز بىلەن ئەپ بولۇپ، كېيىنكى كۈنلەردە ئەپ بولماي قالسا قانداق قىلاتتىڭىز؟ سىز ئەپ بولىمەن دېسىڭىزمۇ، ئۇ ئەتەي سىز بىلەن ئەپ بولمىسا قانداق قىلاتتىڭىز؟ سىز ئەپ بولمايمەن دېسىڭىز، ئۇ ئەتەي سىز بىلەن ئەپ بولىمەن دېسە يەنە قانداق قىلاتتىڭىز؟

باۋيۈي بىر ھازاغىچە ھاڭۋىقىپ قېلىپ، بىردىنلا قاقاھلاپ كۈلۈۋەتتى:

− تىلسىم دەريا سۈيى ئۇلۇغ بولسا بىر تالاي، ئېلىپ سۇدىن ئىچكەيمەن پەقەت بىر نوگاي.

− نوگاي لەيلەپ ئېقىپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟ − دېدى دەييۈي.

− نوگاي ئۆزى ئاقمايدۇ لەيلەپ، سۇ ئۆزىچە ئاقىدۇ، نوگايمۇ ئۆزىچە لەيلەيدۇ.

− سۇ توختاپ، گۆھەر چۆكۈپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟ − دېدى دەييۈي.

− بۇدۇشقاقتەك ديانامەن دىلىم ئۆزگەرمەس، ھەر باھاردا ئۇچۇپ كېتەر زاكچى مەن ئەمەس.

− ديانا سۈلۈكىنىڭ بىرىنچى پەرھىزى يالغان گەپ قىلماسلىق، − دېدى دەييۈي.

− ئۈچ مۆجىزە شاھىتتۇر، − دېدى باۋيۈي.

دەييۈي بېشىنى ساڭگىلىتىپ زۇۋان سۈرمەي ئولتۇردى. شۇ ئەسنادا پېشايۋان ئۈستىدىكى قاغا «قاق - قاق» قىلىپ قويۇپ شەرقىي جەنۇبقا قاراپ ئۇچۇپ كەتتى.

− ئەي خۇدا ! بۇ ئامەتنىڭ ئالامىتىمۇ ياكى پالاكەتنىڭمۇ ! − دېدى باۋيۈي.

− «ئىنسان ئارا بولۇر ئامەت ياكى پالاكەت، قۇش ئاۋازى بولمىغاي ھېچ ئاڭا بېشارەت» − دېدى دەييۈي.

شۇ ئارىدا چيۇۋېن كىرىپ قالدى.

− غوجام، ئۆيگە قايتسىلا، ئۇلۇغ بېگىم باغقا كىشى ئەۋەتىپ، «غوجام مەكتەپتىن قايتىپ كەلدىمۇ؟» دەپ سوراتقانىدى، شىرېن ئاچام «قايتىپ كەلگەن» دەپ جاۋاب بەردى. تېز بولسىلا، − دېدى چيۇۋېن.

باۋيۈي قورققىنىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئالدىراپ - سالدىراپ تاشقىرىغا ماڭدى، دەييۈيمۇ ئۇنى يەنە ئولتۇرۇڭ دېيەلمىدى. ئەمدى نېمە بولغانلىقىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك