قىزىل راۋاقتىكى چۈش - ئوتتۇز ئۈچىنچى باب
ئوتتۇز ئۈچىنچى باب
قىزغانچۇق ئىنىنىڭ ھەسەتخورلۇقىدىن چېقىمچىلىق قىلغانلىقى
نائەھلىي ئوغۇلنىڭ بەتقىلىقلىقىدىن پالاققا تارتىلغانلىقى
شۇنداق قىلىپ، ۋاڭ ئاغىچا خېنىم جىنچۇەرنىڭ ئانىسىنى چاقىرتىپ، كىيىمنى، بىرنەچچە تال تۈرگۈچ، سىرغا ئىنئام قىلدى، ئاندىن:
− بىرنەچچە راھىب تەكلىپ قىلىڭلار، دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ، ئۇنىڭ روھىنى ئازابتىن خالاس قىلسۇن، − دەپ تاپىلىدى.
جىنچۇەرنىڭ ئانىسى باش قويۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ قايتىپ چىقتى.
باۋيۈي جيا يۈيسۇن بىلەن كۆرۈشۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جىنچۇەرنىڭ نومۇسقا چىدىماي ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ يۈرەك - باغرى پۇچىلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيگە كىرگەندە ۋاڭ ئاغىچا خېنىمدىن بىر قۇر تەنبىھ ئاڭلاپ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب ياندۇرالمىدى. ئۇ باۋچەينىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ غىپلا چىقىپ كەتتى. نەگە بېرىشنى بىلمەي، گاڭگىرىغان پېتى قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئۇھ تارتقىنىچە بىر بېسىپ - ئىككى بېسىپ مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى. دالدا ئىشىكتىن ئەمدىلا بۇرىلىپ ئۆتۈشىگە، ئالدىدىن بىر كىشى ئۇدۇل كېلىپ قالدى، ئۇ قارىماي مېڭىۋەرگەچكە، ھېلىقى ئادەمنىڭ مەيدىسىگە ئۈسۈۋالدى. ئۇ ئادەم ۋارقىراپ كەتتى:
− توختا !
باۋيۈي چۆچۈپ كېتىپ، بېشىنى كۆتۈرۈۋىدى، ئۇ باشقا بىرسى ئەمەس، دەل ئۆزىنىڭ ئاتىسى ئىكەن. ئۇ بېشىدىن تۈتۈن چىققاندەك بولۇپ، قوللىرىنى سېلىپ بىر چەتتە تۇردى.
− ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق نېمىدەپ بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئاھ - ۋاھ قىلىپ يۈرىسەن؟ − دېدى جيا جېڭ، − بايا جيا يۈيسۇن كەلگەندە سەن بىلەن كۆرۈشۈپ كېتەي دېسە، يېرىم كۈنچە ساقلىتىپ ئاندىن كەلدىڭ ! كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئېچىلىپ - يېيىلىپ سۆزلەشمەي، سۇلىشىپ - سالپىيىپ ئولتۇردۇڭ. قارىسام، ئەپتىڭدىن شەخسىي ھەۋەس قايغۇسى چىقىپ تۇرىدۇ ! ئەمدى يەنە ئاھ - ئۇھ قىلىپ قاپسەن. نېمەڭگە نېمەڭ يەتمەي قالدى. نېمىدىن قىسىلىپ يۈرىسەن؟ نېمە سەۋەبتىن بىكاردىن - بىكار مۇشۇنداق قىلىسەن؟
باۋيۈي ئادەتتە سۆزگە چېچەن، ھازىر جاۋاب بولسىمۇ، شۇ تاپتا جىنچۇەرگە ئىچ ئاغرىتىپ ئادا - جۇدا بولاي دېگەنىدى. شۇڭا، ئاتىسىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرسىمۇ، ھېچنېمىنى چۈشەنمەي، تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدى.
جيا جېڭنىڭ ئەسلىدە ئاچچىقى كەلمىگەنىدى، لېكىن ئوغلىنىڭ ئالاقزەدە بولۇپ، ئادەتتىكىدەك گەپكىمۇ جاۋاب بېرەلمەيۋاتقانلىقىدىن بىرئاز ئاچچىقى كەلدى. ئۇ ئەمدىلا گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، دەرۋازىۋەن كېلىپ خەۋەر قىلدى:
− ساداقەتلىك چىنۋاڭ غوجامنىڭ قەسىرىدىن بىر كىشى كەپتۇ، بېگىم بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەن.
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، جيا جېڭنىڭ كۆڭلىگە شەك چۈشۈپ، ئويلىنىپ قالدى: «ئادەتتە ساداقەتلىك چىنۋاڭ غوجامنىڭ قەسىرى بىلەن ھېچقانداق بېرىش - كېلىشىمىز يوق ئىدى، بۈگۈن نېمىشقا كىشى ئەۋەتكەندۇ؟ ...»
− مېھمانخانىغا تەكلىپ قىلىنسۇن، − جيا جېڭ شۇ گەپتىن كېيىن دەرھال ئېگىن يەڭگۈشلەش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى. قايتىپ چىقىپ كۆرۈشكۈدەك بولسا، بۇ ئادەم ساداقەتلىك چىنۋاڭ غوجام قەسىرىنىڭ باش دورغا بېگى ئىكەن. سالاملاشقاندىن كېيىن ئولتۇرۇشتى، چاي كەلتۈرۈلدى. باش دورغا بەگ تۈزۈك ھال - ئەھۋاللاشمايلا ئالدى بىلەن سۆز ئاچتى:
− كەمىنىلىرى، قەسىرى ئالىيلىرىغا ئۆز خاھىشىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ۋاڭ غوجامنىڭ ئەمرىگە بىنائەن بىر ئىش توغرۇلۇق مۇراجىئەت قىلىپ كەلگەنىدىم. ۋاڭ غوجامنىڭ يۈز - خاتىرىنى قىلىپ بۇ ئىشقا ئىگىدارچىلىق قىلىپ قويسا دەپ جانابلىرىغا مالاللىق كەلتۈرۈشكە توغرا كەلدى. شۇنداق بولغاندا، ۋاڭ غوجام مىننەتدار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كەمىنىلىرىمۇ چەكسىز تەشەككۈر بىلدۈرگەن بولاتتىم.
جيا جېڭ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى پەملىيەلمەي، دەرھال تەبەسسۇم بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ سورىدى:
− جانابلىرى بۇيرۇققا بىنائەن كەلگەن بولسىلا، ۋاڭ غوجامنىڭ بىزگە قانداق بۇيرۇقى باركىن؟ جانابلىرى يەتكۈزگەن بولسىلا، كەمىنىلىرى بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن.
باش دورغا بەگ سوغۇققىنا كۈلۈپ قويدى:
− بەجا كەلتۈرگۈدەكمۇ ئىش يوق، پەقەت جانابلىرىنىڭ بىر ئېغىزلا سۆزى كۇپايە قىلىدۇ. قەسىرىمىزدە قىز رولىنى ئوينايدىغان چىگۇەن ئىسىملىك بىر ئويۇنچىمىز بار ئىدى. ھازىرغىچىلىك قەسىردە بىر ئوبدان يۈرەتتى، تۆت - بەش كۈن بولدى، يوقاپ كېتىپ قايتىپ كەلمىدى. ھەممە يەردىن ئىزدىگەن بولساقمۇ ھېچقانداق ئىز - دېرىكىنى ئالالمىدۇق. شۇڭا، ھەر يەرگە بېرىپ سۈرۈشتە قىلىپ يۈرىمىز. شەھەردىكى ئەھلىمەھەللىنىڭ تەڭدىن تولىسى چىگۇەننىڭ يېقىندىن بۇيان جانابلىرىنىڭ قاشتاش چىشلەپ تۇغۇلغان بەگزادىلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتىشتى. كەمىنىلىرى بۇنى ئاڭلاپ، قەسىرى شەرىپلىرى باشقا ئائىلىلەردەك ھەركىم ئۈسۈپ كىرىۋېرىدىغان جاي بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ ئىشنى ۋاڭ غوجامغا مەلۇم قىلغانىدىم، ۋاڭ غوجام: «باشقا ئويۇنچىلاردىن يۈزى يوقاپ كەتسىمۇ مەيلى ئىدى، چىگۇەن ئۇلارغا ئوخشىمايتتى، زېرەك - چېچەن، ئېھتىياتچان، تەمكىن بولۇپ، كۆڭلۈمگە بەكمۇ ياقاتتى، بۇ ئادەم بولمىسا زادى بولمايدۇ» دېدى. شۇ سەۋەبتىن، جانابلىرىدىن ئۆتۈنىمىزكى، بەگزادىلىرىگە تاپىلاپ قويغان بولسىلا، چىگۇەننى قايتۇرۇۋەتكەن بولسا. بۇنداق بولغاندا، بىرىنچىدىن، ۋاڭ غوجامنىڭ سەمىمىي ئۆتۈنۈش قىلغان كۆڭلى تەسكىن تاپسا، ئىككىنچىدىن، كەمىنىلىرىمۇ ئوشۇقچە ئىزدەش ئاۋارىگەرچىلىكىدىن قۇتۇلغان بولاتتىم، − ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.
جيا جېڭ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھەيران بولدى ھەم ئاچچىقىمۇ كەلدى ۋە دەرھال باۋيۈينى چاقىرغۇزدى. باۋيۈيمۇ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەي ئالدىراش يېتىپ كەلدى، جيا جېڭ ئۇنىڭغا:
− ھوي ئۆلگۈر غالچا ! سەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇمىساڭمۇ بىر نۆرى ئىدى، نېمىشقا ھېيىقماي مۇنداق يولسىز ئىشلارنى تۇغدۇرۇپ يۈرىسەن؟ چىگۇەن ساداقەتلىك ۋاڭ غوجامنىڭ ھۇزۇرىدا خىزمىتىنى قىلىۋاتقان كىشى ئىكەن، ئۇنى ئازدۇرۇپ ئاچىقىپ كېتىدىغان قانچىلىك بىرنېمە ئىدىڭ؟ مانا ئەمدى بۇ ئىش بېشىمغا بالا بولۇۋاتىدۇ ! − دېدى.
بۇنى ئاڭلاپ باۋيۈي چۆچۈپ كەتتى - دە، دەرھال جاۋاب قايتۇردى:
− مەن بۇ ئىشنى راستلا بىلمەيمەن. «چىگۇەن» نىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇقمىسام، ئۇنى قانداق «ئازدۇرۇپ ئاچىقىپ كەتكىلى» بولغاي؟ − دېدى - دە، يىغلىۋەتتى.
جيا جېڭ ئېغىز ئاچاي دېگۈچە، ھېلىقى باش دورغا بەگ سوغۇققىنا كۈلدى:
− بەگزادەم، ئۆزلىرىمۇ يوپۇتمىسىلا، بەلكىم ئۇنى يا ئۆيگە يوشۇرۇپ قويغانلا ياكى ئۇنىڭ ئىز - دېرىكىنى بىلىدىغانلا، بالدۇرراق ئېيتىپ بەرسىلە بىزمۇ ئانچە ئاۋارە بولمىساق. بىز بەگزادىنىڭ بۇ ھىممىتىنى ھەرگىز يەردە قويمايتتۇق !
− راستلا بىلمەيمەن، − دېدى باۋيۈي يەنە، − بەلكىم خاتا ئاڭلىغان بولسىلا كېرەك.
− دەلىل - ئىسپاتىم بار، − دېدى باش دورغا بەگ سوغۇققىنا كۈلۈپ قويۇپ، − بېگىم ھەزرەتلىرىنىڭ ھۇزۇرىدا ئېيتىپ بەرسەم، بەگزادەم زىيان تارتىپ قالارلىمىكىن؟ بىلمەيمەن دېسىلە، ھېلىقىنىڭ قىزىل ئىشتانبېغى قانداق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بېلىگە باغلىنىپ قالدى؟
باۋيۈي بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئەرۋاھى ئۇچۇپ، ھاڭ - تاڭ بولۇپ قالدى، ئىچىدە: «بۇنى ئۇ قانداق بىلىۋالغاندۇ؟ ئۇ شۇنچىلىك مەخپىي سىرنى بىلىۋالغان يەردە، باشقا ئىشنى بۇنىڭدىن يوشۇرغىلى بولمىسا كېرەك، شۇڭا ئۇنى تېزرەك يولغا سېلىۋېتەي، بولمىسا باشقا ئىشلىرىمنىمۇ ئېيتىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ» دېگەن ئويغا كەلدى - دە، جاۋاب بەردى:
− جانابلىرى ئۇنىڭ ئۇنچىلىك ئۇجۇر - بۇجۇرىنى بىلىدىغان بولسىلا، ئۆزىگە جاي - زېمىن سېتىۋالغاندەك مۇشۇنداق چوڭ ئىشنى نېمىشقا بىلمەي قالغانلا؟ ئاڭلىشىمىزچە، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدە يىگىرمە يول نېرىسىدا قىزىل سەندەل قورغىنى دېگەن يەر بار ئىمىش، شۇ يەردىن ئۇ بىرنەچچە مو يەر ۋە بىرنەچچە ئېغىز ئۆي سېتىۋاپتۇدەك. ئۇ ھازىر شۇ يەردە تۇرامدىكىن، بۇنى بىلمىدىم.
− ئۇنداق بولسا چوقۇم شۇ يەردە ئىكەن ! مەن شۇ يەرگە بېرىپ ئىزدەپ باقاي، چىقىپ قالسا، بولدى قىلىمەن. يوق بولۇپ قالسا، يەنە سىلىنى ئاۋارە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، − باش دورغا بەگ كۈلۈپ قويۇپ، ئالدىراش خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.
جيا جېڭنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ، ئاغزى قىيسىيىپ كەتتى. ھېلىقى ئەمەلدارنى ئۇزاتقىلى چىقىۋېتىپ، باۋيۈيگە قايرىلىپ ۋارقىرىدى:
− مىدىرلىماي تۇر ! قايتىپ كىرىپ سەندىن سورايدىغان گەپ بار !
جيا جېڭ ئەمەلدارنى ئۇزىتىپ قويۇپ قايتىپ كىرىۋېتىپ، بىردىن جيا خۇەننىڭ كەينىگە بىرنەچچە مۇلازىم بالىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئوپۇر - توپۇر يۈگۈرۈشۈپ يۈرگەنلىكىگە كۆزى چۈشتى - دە، مۇلازىملارغا ۋارقىرىدى:
− بۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىڭلار !
جيا خۇەن ئاتىسىنى كۆرۈپ، قورققانلىقىدىن لاسسىدە بوشىشىپ كەتتى - دە، دەرھال بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇردى.
− نېمىگە يۈگۈرىسەن؟ − دەپ ۋارقىرىدى جيا جېڭ، − يېنىڭدىكى كىشىلىرىڭ سەن بىلەن كارى بولماي نەگە كېتىشتى؟ سەن توسۇن تايدەك چېپىپ يۈرگىنىڭ يۈرگەن ! مەكتەپكە بىللە بارىدىغان مۇلازىملار قېنى؟
جيا خۇەن ئاتىسىنىڭ دەرغەزەپ بولغىنىنى كۆرۈپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي سۆز ئاچتى:
− ئەسلىدە يۈگۈرمەي كېلىۋاتاتتۇق، قۇدۇق بېشىدىن ئۆتۈپ كېلىۋاتساق، قۇدۇقتا بىر دېدەك ئۆلۈپ قالغانىكەن، قارىسام، بېشى مۇشۇنداق يوغىناپ، پۈتۈن ئەزايى مۇشۇنچە كۆپۈپ كېتىپتۇ. كىشىنىڭ قورققۇسى كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يۈگۈرۈپ قېچىپ كېلىشىم ئىدى.
جيا جېڭ بۇ گەپكە ھەيران بولۇپ سورىدى:
− بىكاردىن - بىكار كىم ئۆزىنى قۇدۇققا تاشلاپتۇ؟ بىزنىڭ ئائىلىدە ئەزەلدىن بۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان، ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ خىزمەتكارلارغا كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنىدۇق. بەلكىم مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئائىلە ئىشلىرىدىن ئۆزۈمنى يىراق تۇتقانلىقىم ئۈچۈن، غوجىدارلار قولغا كەلتۈرۈۋالغان ھوقۇقىغا يۆلىنىپ، قاتتىق قوللۇق قىلىپ، مۇشۇنداق ھارام ئۆلۈشتەك ئىشلارنى پەيدا قىلىشقان ئوخشايدۇ ! بۇ ئىشنى سىرتتىكى كىشىلەر بىلىپ قالسا ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئابرۇيى تۆكۈلمەمدۇ؟ − جيا جېڭ ۋارقىراپ جورۇدى، − جيا ليەننى چاقىر ! لەي دامۇ كەلسۇن !
مۇلازىملار بىر ئېغىزدىن «خوش» دېيىشىپ ماڭماقچى بولۇشقانىدى، ئاڭغىچە جيا خۇەن دەررۇ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تىزلاندى - دە، پېشىدىن تارتىپ، سۆز باشلىدى:
− بەگ ئاتا، ئاچچىقلىرى كەلمىسۇن، بۇ ئىشنى ئاغىچا خېنىمنىڭ ئۆيىدىكىلەردىن باشقا ھېچكىم ئۇقمايدۇ. مەن ئانامدىن ئاڭلىسام ... − سۆزى شۇ يەرگە كەلگەندە، جيا خۇەن بۇرىلىپ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتكەنىدى، جيا جېڭ بۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، مۇلازىملارغا كۆز ئىشارىتى قىلدى، مۇلازىملار بۇنى ئۇقۇپ ئىككى يانغا داجىپ كېتىشتى.
− ئانامنىڭ دەپ بېرىشىچە، − دېدى جيا خۇەن ئاستا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، − باۋيۈي ئاكام ئۈلۈشكۈن ئاغىچا خېنىمنىڭ ئۆيىدە دېدەك جىنچۇەرنى بىر چەتكە تارتىپ نومۇسىغا تەگمەكچى بولغانىكەن، جىنچۇەر قارشىلىق كۆرسەتسە ئۇنى ئۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن جىنچۇەر ئاچچىقىغا چىدىماي ئۆزىنى قۇدۇققا تاشلاپ ئۆلۈۋاپتۇ ...
گەپ تېخى تۈگىمەستىنلا، جيا جېڭنىڭ جەھلى چىقىپ تاتىرىپ كەتتى، قەھر بىلەن ۋارقىرىدى:
− باۋيۈينى ئەكېلىڭلار !
ئۇ كۇتۇپخانىغا كېتىۋېتىپ ۋارقىراپ سۆزلەپ ماڭدى:
− ئەمدى كىم ماڭا نەسىھەت قىلىدىغان بولسا، ئەمەلدارلىق تاج - كەمىرىمنى، پۈتۈن ئۆيۋاقىمنى شۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن، ئۇ باۋيۈي بىلەن بىللە ئۆتىۋەرسۇن. ئۇ مۇشۇنداق كېتىۋەرسە مەن گۇناھكار بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلالمىغۇدەكمەن. مۇشۇنداق كۈلپەتلەرنى كەلتۈرگۈچى مۇشۇ بىر تۇتام چېچىمنى چۈشۈرۈۋېتىپ، تەركىدۇنيا بولۇپ كېتەي. شۇنىڭ بىلەن ئاتا - بوۋىلىرىمنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرگەن ۋە ناكەس بالا تاپقان گۇناھىمدىن خالاس بولاي !
سۇخەنچىلەر بىلەن مۇلازىملار جيا جېڭنىڭ پەيلىنى كۆرۈپ يەنە باۋيۈينىڭ تۈپەيلىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدى - دە، تىللىرىنى چىقىرىشىپ، بارماقلىرىنى چىشلىشىپ چىقىپ كېتىشتى. جيا جېڭ ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كېلىپ ئورۇندۇقتا غادىيىپ ئولتۇردى، يۈز - كۆزى ياش يۇقى پېتى ھە دەپ ۋارقىرىدى:
− باۋيۈينى ئەكېلىڭلار ! كالتەك بىلەن ئارغامچا كەلتۈرۈڭلار ! ئىشىكنى تاقىۋېتىڭلار ! كىمكى ئىچكىرىگە خەۋەر قىلىپ قويىدىغان بولسا، شۇ زامان تاياق ئاستىدا ئۆلىدۇ !
مۇلازىملار بىر ئېغىزدىن خوش دەپ پەرمانبەردار بولۇشتى، بىرنەچچىسى باۋيۈينى ئالغىلى كەتتى.
باۋيۈي بايا جيا جېڭنىڭ «مىدىرلىماي تۇر» دەپ جېكىلەپ قويغىنىدىن ياخشىلىق يوق ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان پەملىگەنىدى. جيا خۇەننىڭ چېقىمچىلىق قىلغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن؟ ئۇ ئىچكىرىگە خەۋەر قىلىپ قويىدىغانغا بىرەركىم چىقىپ قالارمىكىن دەپ، مېھمانخانا ئالدىدا تېپىرلاپ تۇراتتى، قېرىشقاندەك ھېچكىم چىقمىدى، ھەتتا بېيمىڭمۇ كۆرۈنمەي كەتتى. ئۇ تازا تەلمۈرۈپ تۇرغاندا، بىر موماينىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك بولدى - دە، ئالدىغا چېپىپ بېرىپ، ئېسىلىپ تاپىلاشقا باشلىدى:
− چاپسان بول، ئىچكىرىگە كىرىپ ئېيتىپ قوي، بەگ ئاتام مېنى ئۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ ! تېز بول، تېزرەك، مېنى قۇتقۇزۇۋالسۇن، قۇتقۇزۇۋالسۇن !
بىرىنچىدىن، باۋيۈي ھودۇقۇپ كېتىپ سۆزىنى ئېنىق ئۇقتۇرالمىغان بولسا، ئىككىنچىدىن، قېرىشقاندەك موماينىڭ قۇلىقى ئېغىر بولۇپ، نېمە دېگەنلىكىنى تۈزۈك ئاڭلىيالماي، «قۇتقۇزۇۋالسۇن» دېگىنىنى «قۇدۇققا تاشلاپتۇ» دەپ چۈشىنىپ كۈلدى:
− قۇدۇققا تاشلىسا تاشلىمامدۇ، سىلى نېمىدىن قورقاتتىلە، غوجام؟
باۋيۈي موماينىڭ پاڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تېخىمۇ تىتىلداپ ۋارقىراشقا باشلىدى:
− ماڭ، يۈگۈر، مۇلازىمىمنى چاقىرىپ قوي !
− يەنە نېمە «بالايىئەزىم» بولاتتى؟ ئاللىقاچان تۈگىگەن ئىشقۇ، ئاغىچا خېنىم ئۇنىڭ ئانىسىغا كۈمۈشمۇ بەردىغۇ، يەنە قانداق «بالايىئەزىم» ئىكەن ئۇ؟ − دېدى موماي. باۋيۈي تىت - تىت بولۇپ، ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي تۇرغىنىدا، جيا جېڭنىڭ مۇلازىملىرى كېلىپ ئۇنى سۆرەپ ئېلىپ مېڭىشتى. جيا جېڭ ئوغلىنى كۆرۈشى بىلەنلا كۆزلىرى قانغا تولدى - دە، باۋيۈينىڭ تالادا چاڭچىلىكەش بىلەن ئۈلپەت بولۇپ، ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلىشقان - قىلىشمىغانلىقىنى، ئائىلىدە ئوقۇشىنى تاشلاپ قويغان - قويمىغانلىقىنى، ئانىسىنىڭ دېدىكىگە زورلۇق قىلماقچى بولغان - بولمىغانلىقىنى سوراپ تۇرماستىنلا، قەھرى بىلەن ۋارقىرىدى:
− ئاغزىغا بىرنەرسە تىقىڭلار، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار !
مۇلازىملار بۇيرۇقتىن باش تارتىشقا پېتىنالماي، باۋيۈينى بەندىڭگە ياتقۇزۇپ يوغان پالاق بىلەن ئوننى ئۇردى. باۋيۈي كەچۈرۈم سوراشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ چىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. جيا جېڭ پالاق تۇتقاننى بوش ئۇرۇپ قويدى دەپ، بىرنى تەپتى - دە، پالاقنى تارتىۋېلىپ، قەھرى بىلەن ئۆزى ئون نەچچىنى سالدى. باۋيۈي ئۆز ئۆمرىدە ھەرگىز مۇنداق ئازاب تارتمىغانىدى. دەسلەپتە تاياقنىڭ زەربىسىگە چىدىماي، داد - پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى، كېيىن بارغانسېرى ھالىدىن كېتىپ، ئاۋازى بوغۇلۇپ، خىرىلداپ، ئاخىرىدا ئۈنى چىقماي قالدى. سۇخەنچىلەر بۇنداق ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، جيا جېڭنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىشىپ، يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ تىلەشكە باشلىدى. جيا جېڭ نەدە گەپكە قۇلاق سالسۇن؟
− سىلەر ئۇنىڭ نېمە قىلىقلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئۆزىدىن سوراپ بېقىڭلار، ئەپۇ قىلىشقا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى ئاندىن بىلىسىلەر ! سىلەر ھەمىشە يان بېسىپ بۇنى بۇزۇۋەتتىڭلار، ئەھۋال شۇ يەرگە يەتكەندە، يەنە ماڭا تەسەللى ئېيتماقچىمۇسىلەر؟ ئەتە - ئۆگۈن ئىش يوغىناپ، ئاتىسىنى ياكى خاننى ئۆلتۈرىدىغان دەرىجىگە يەتكەندە، ئاندىن ھاي بەرمەكچىمۇ سىلەر؟
كۆپچىلىك بۇ گەپنىڭ ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى پەملەپ، ئۇنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى بىلدى - دە، دەرھال ئىچكىرىگە ئادەم كىرگۈزۈپ خەۋەر قىلىپ قويۇش ئۈچۈن پىتىرلىشىپ كەتتى، ۋاڭ ئاغىچا خېنىم بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، جيا ئانىغا مەلۇم قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، ئالمان - تالمان چاپىنىنى كىيىپ، نامەھرەم بولۇشقىمۇ قارىماستىن، دېدەككە يۆلەنگىنىچە كۇتۇپخانىغا ھاپىلا - شاپىلا يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز كىرىشىدىن ئالاقزەدە بولۇشقان سۇخەنچىلەر ۋە مۇلازىملار ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. جيا جېڭ يەنە ئۇرۇشقا تەمشەلگىنىدە، بىردىن ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ، ئوتقا ياغ چاچقاندەك بولدى - دە، قولىدىكى پالاق بارغانسېرى قاتتىق ۋە تېز چۈشۈشكە باشلىدى. باۋيۈينى بېسىپ تۇرغان ئىككى مۇلازىم ئۇنى قويۇپ بېرىپ، دەرھال ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشتى. باۋيۈينىڭ مىدىر - سىدىر قىلغۇچىلىكى قالمىغانىدى.
جيا جېڭ يەنە ئۇرماقچى بولۇۋىدى، ۋاڭ ئاغىچا خېنىم پالاققا ئېسىلىۋالدى.
− قوي، قويۇۋەت ! − دېدى جيا جېڭ ۋارقىراپ، − بۈگۈن ھەممىڭ مېنى جىلە قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان بولۇشتۇڭ !
− باۋيۈينىغۇ ئۇرۇشقا تېگىشلىكتۇ، ئۆزلىرىنىمۇ ئايىسىلا بېگىم ! − دېدى ۋاڭ ئاغىچا خېنىم يىغلاپ تۇرۇپ، − يەنە كېلىپ مۇشۇنداق تومۇز ئىسسىقتا. ئۇلۇغ ئانىمىزنىڭ تەن سالامەتلىكىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، باۋيۈينى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسىلە بۇنىڭ كارى چاغلىق، مۇبادا ئۇلۇغ ئانىمىزغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئىش چوڭىيىپ كەتمەمدۇ؟
− بۇنداق گېپىڭنى قوي؟ − دېدى جيا جېڭ زەھەرخەندە بىلەن، − بۇ قارغىش تەگكۈرنى تاپقىنىمنىڭ ئۆزى ئاتا - ئانامغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىم. ئادەتتە ئۇنىڭغا بىرەر قېتىم تەنبىھ - تەزىر بەرسەملا بۇنى ھەممىڭلار قانات ئاستىغا ئېلىۋالىسىلەر. بۇ ھارامزادىنى بۈگۈنلا جېنىدىن جۇدا قىلىۋەتسەمغۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان بالا - قازادىن قۇتۇلارمەن ! − دېدى - دە، ئارغامچا كەلتۈرۈپ ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ئالمان - تالمان جيا جېڭغا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى:
− بېگىم، ئوغۇللىرىغا تەربىيە بېرىشكىغۇ ئەلۋەتتە ھەققىلىرى بار، ئەر - خوتۇنچىلىق يۈز - خاتىرىنى قىلىشلىرى كېرەك ! مەن ئەمدى ئەللىك ياشقا كىرىپ قالدىم، مېنىڭ مۇشۇ بىرلا شور پېشانەم بار. ئۇنىڭ زادى قاتتىق جاجىسىنى بېرىمەن دېسىلە، مېنىڭمۇ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋېلىشىمغا ھەددىم ئەمەس. بۈگۈن بۇنى چوقۇم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش نىيىتىگە كەلگەن بولسىلا، مېنىمۇ كۆزدىن يوقاتماقچى بولغان ئوخشىماملا؟ ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولسىلا، ئالدى بىلەن مېنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈرسىلە ! بىز ئانا - بالا بىللىلا ئۆلسەك، مېنىڭمۇ ئاخىرەتتە تايانچىم بولسۇن ! − ئۇ باۋيۈينى قۇچاقلاپ قاتتىق ھۆڭگىرەك ئېتىپ يىغلاپ كەتتى.
جيا جېڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز بىر ئۇھ تارتتى - دە، ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ، يامغۇردەك ياش تۆكۈشكە باشلىدى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم باۋيۈينى قۇچاقلاپ تۇرۇپ نەزەر سالغانىدى، ئۇ يۈزى ئاپپاق ئاقىرىپ ھالىدىن كېتىپتۇ، ئىچىگە كىيگەن يېشىل شايى تامبىلى قانغا بويىلىپ كېتىپتۇ. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم چىداپ تۇرالماي، ئۇنىڭ ئىشتانبېغىنى يېشىپ قارىغانىدى، پاقالچىقىدىن تارتىپ كاسىسىغىچە ھەممە يېرى كۆكىرىپ، تىتىلىپ، قان ئۇيۇپ، ساق يېرى قالماپتۇ. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم ئىختىيارسىز: «شۇم پېشانە بالام !» دەپ نالە قىلىشقا باشلىدى. يىغلاۋېتىپ «شۇم پېشانە بالام !» دېيىشى بىلەنلا، چوڭ ئوغلى جيا جۇ ئېسىگە چۈشتى - دە، بىردىن جيا جۇنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ:
− كاشكى سەن ھايات بولغان بولساڭ، باۋيۈيدەك يۈزىنى ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ مەيلى ئىدى ! − دەپ پەرياد كۆتۈردى.
شۇ ئەسنادا، ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكى ئىچكىرىدىكىلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ، لى ۋەن، فېڭجيې ۋە ئاچا - سىڭىل يىڭچۈن، تەنچۈنلەرمۇ يۈگۈرۈپ چىقىشتى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىمنىڭ جيا جۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ يىغلىغىنىنى ئاڭلاپ، باشقىلارغۇ بىر نۆرى، لى ۋەن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى، جيا جېڭنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ خۇددى يىپىدىن ئۈزۈلگەن ئۈنچىدەك تارام - تارام ياش تۆكۈلدى. داد - پەرياد بېسىلماي تۇرۇشىغا، تۇيۇقسىزدىن بىر دېدەك:
− ئۇلۇغ ئاغىچا خېنىم كېلىۋاتىدۇ ! − دەپ خەۋەر قىلدى، شۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ، دېرىزىنىڭ سىرتىدا تىترىگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:
− ئاۋۋال مېنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈر ! شۇ چاغدا قۇلاق تىنچىيدۇ !
جيا جېڭ ئانىسىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپلا تەمتىرەپ كەتتى ھەم ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالدى. ئالدىراپ - تېنەپ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقتى. جيا ئانا دېدەكنىڭ مۈرىسىگە تايانغان ھالدا ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئاران مېڭىپ كېلىۋاتاتتى. جيا جېڭ ئالدىغا بېرىپ ئېگىلىپ تۇرۇپ ھىجايدى:
− بۇنداق پىژغىرىم ئىسسىقتا، بۈزرۈكۋار ئانىمىزنىڭ جېكىلەيدىغان ھەرقانداق گەپ - سۆزلىرى بولسا، ئۆزلىرى چىقماستىن مېنى چاقىرتقان بولسىلا، قاشلىرىغا ئۆزۈم كىرسەم بولماسمىدى؟
بۇ گەپ بىلەن، جيا ئانا قەدىمىنى توختىتىپ بىر ئۇھ تارتتى - دە:
− سەن تېخى ماڭا گەپ قىلىۋاتامسەن ! مېنىڭمۇ دەيدىغان گەپ - سۆزۈم بار ئىدى، لېكىن ئۆمرۈمدە ياراملىق بىر ئوغۇل كۆرمىگەن تۇرسام، گېپىمنى كىمگىمۇ دەيمەن !
جيا جېڭ بۇ گەپنىڭ غەيرىيرەك بولۇۋاتقانلىقىنى پەملەپ، دەرھال تىزلاندى - دە، كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ:
− پېقىر ئوغۇللىرى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شان - شۆھرىتى ئۈچۈن ئۇنى جىملەپ قويغانىدىم، بۈزرۈكۋار ئانىمىزنىڭ بۇ سۆزىنى ئوغۇللىرى قانداقمۇ كۆتۈرەلىسۇن؟ − دېدى.
جيا ئانا بىرنى تۈكۈردى - دە:
− مەن بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسام ئەجەب چىدىماي كەتتىڭا ! سېنىڭ ئۇ شۇملۇق ياغىدىغان پالىقىڭغا باۋيۈي بالام چىدالامتى؟ سەن تېخى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شان - شۆھرىتى ئۈچۈن ئوغلۇمغا تەنبىھ بېرىۋاتىمەن دەيسەن، ئۆز ۋاقتىدا ئاتاڭ ساڭا مۇشۇنداق تەنبىھ بەرگەنمىدى ! − دەپلا يىغلاپ تاشلىدى.
− بۈزرۈكۋار ئانىمىز كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا، − دېدى جيا جېڭ ھىجىيىپ تۇرۇپ، − ئوغۇللىرى بىردەملىك ئاچچىقىمغا پايلىماي قاپتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى ئىككىنچى ئۇرمايمەن.
− سەنمۇ ماڭا قورساق كۆپۈكى قىلمايلا قوي، بۇ سېنىڭ ئوغلۇڭ، ئۇنى ئۇرغۇڭ كەلسە ئۇرىۋەر. سەن بىزدىنمۇ بىزار بولغان ئوخشايسەن، سەندىن بالدۇرراق ئايرىلىپ كەتسەك، ئۇ چاغدا ھەممىمىزنىڭ قۇلىقى تىنچىيدۇ ! − دېدى سوغۇققىنا كۈلۈپ قويۇپ ۋە خىزمەتكارلارغا بۇيرۇدى، − تەختىراۋان تەييارلانسۇن. مەن ئاغىچاڭ بىلەن باۋيۈينى ئېلىپ ھازىرلا نەنجىڭغا كېتىمەن !
خىزمەتكارلار نائىلاج خوش دېيىشىپ چىقىپ كېتىشتى.
− سىزمۇ يىغلىماڭ، − دېدى جيا ئانا ۋاڭ ئاغىچا خېنىمغا، − باۋيۈي تېخى كىچىك، شۇڭا ئۇنىڭغا ئىچىڭىز كۆيىدۇ، چوڭ بولۇپ ئەمەلدار بولغاندا، بۇنىڭمۇ سىزنى ئانام ئىكەن دەپ ئويلاپ قويۇشى ناتايىن، شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ئۇنىڭغا بەكمۇ كۆيۈنۈپ كەتمەڭ، كەلگۈسىدە خاپىلىقنى ئازراق تارتىسىز !
جيا جېڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال باش ئۇرۇپ يالۋۇردى:
− ئانا، سىلىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن پېقىر ئوغۇللىرىنىڭ تۇرغۇدەك يېرىم قالمىدى !
− سەن مېنىڭ بۇ يەردە تۇرغۇچىلىكىمنى قويماي تۇرۇقلۇق، تېخى ئۆزۈڭنى دەيسىنا ! − دېدى جيا ئانا سوغۇققىنا كۈلۈپ، − بىز كەتسەك سېنىڭ كۆڭلۈڭمۇ تىنچىيدۇ، ئۇ چاغدا ھېچكىم سېنىڭ ئۇرۇشۇڭغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ ! − دېدى - دە، بۇيرۇق قىلىۋەردى، − يۈك - تاق، مەپە - ھارۋا، ئات - ئۇلاغلارنى تېز تەييارلاڭلار، بىز كېتىمىز !
جيا جېڭ قەددىنى رۇسلاپ تىزلاندى ۋە باش قويۇپ گۇناھىنى تىلەشكە باشلىدى.
جيا ئانا شۇ گەپنى قىلغاچ باۋيۈينىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇنىڭ ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك تاياق يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ كەتتى ھەم ئاچچىقىمۇ كەلدى، ئۇنى قۇچاقلاپ يەنە يىغلىۋەتتى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم بىلەن فېڭجيې ۋە باشقىلار بىر پەس تەسەللى بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئاستا - ئاستا يىغىدىن توختىدى.
خېلىدىن بېرى شۇ يەردە كۈتۈپ تۇرۇشقان دېدەكلەر ۋە خىزمەتكار ئاياللار كېلىشىپ باۋيۈينى يۆلەپ تۇرغۇزماقچى بولۇۋىدى، فېڭجيې ئۇلارغا كايىدى:
− دۆت - كالۋالار ! كۆزۈڭنى ئېچىپ قاراشمامسەن، بۇ ئەھۋالدا تۇرسا قانداق ماڭالايدۇ؟ چاپسان ئىچكىرىدىن ئۆرۈمە كۇرسىنى ئاچىقىپ كۆتۈرۈپ مېڭىش !
خىزمەتكارلار ئۇچقاندەك يۈگۈرۈشۈپ كىرىپ بىر ئۆرۈمە كۇرسىنى ئېلىپ چىقىشتى. ئاندىن باۋيۈينى شۇنىڭغا ياتقۇزۇپ، كۇرسىنى جيا ئانا، ۋاڭ ئاغىچا خېنىملارنىڭ كەينىدىن جيا ئانىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى.
شۇ تاپتا جيا جېڭ جيا ئانىنىڭ غەزىپى بېسىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز مەيلىگە بېرىلىشكە پېتىنالماي، ئۇمۇ سوڭدىشىپلا ماڭدى. ئۇ باۋيۈيگە قاراپ، دەرۋەقە قاتتىق ئۇرۇۋېتىپتىمەن، دېگەن يەرگە كەلدى. ۋاڭ ئاغىچا خېنىم يەنە «جىگىرىم بالام»، «جېنىم بالام» دەپ نالە قىلىشقا باشلىدى:
− جيا جۇ بالام ئۆلگۈچە سەن ئۆلۈپ، جيا جۇ بالام ئامان قالغان بولسا، ئاتاڭنىڭمۇ ئاچچىقى كەلمىگەن بولاتتى. مەنمۇ بۇ ئۆمرۈمگە كېلىپ بىھۇدە غەم يېمىگەن بولاتتىم ! ئەمدى ساڭا بىرەر ھادىسە بولۇپ قېلىپ مېنى تاشلاپ كەتسەڭ، مەن كىمگىمۇ تايىنارمەن؟ − دەپ زارلىنىپ يەنە يىغلىۋەتتى، − ھەي، تەتۈر پېشانە بالام.
بۇنى ئاڭلاپ، جيا جېڭ ئوغلىنى باغرى تاشلىق بىلەن شۇنچە قاتتىق ئۇرۇۋەتكەنلىكىگە كۆڭلى يېرىم بولدى. ئۇ يەنە جيا ئانىغا تەسەللى بەردى. جيا ئانا كۆزىگە لىققىدە ياش ئېلىپ:
− بالاڭ ئەسكى بولسا، ئەلۋەتتە جىمىلەش كېرەك، مۇشۇ ھالەتكىچە ئۇرۇش توغرا ئەمەس ! چىقىپ كەتمەي، يەنە نېمە قىلىپ تۇرىسەن؟ بۇنىڭغا تېخى كۆڭلۈڭ قانماي، ئۇنىڭ ئۆلۈشىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەكچىمۇ يا؟ − دېدى.
جيا جېڭ خوش، خوش، دەپ كەينىگە شوخشۇغىنىچە چىقىپ كەتتى.
بۇ چاغدا شۆ ھامما، باۋچەي، شياڭلىڭ، شىرېن، شياڭيۈنلەرمۇ شۇ يەردە ئىدى. شىرېن ئىچ - ئىچىدىن ئەلەم چەككەن بولسىمۇ، ئۇنى ئانچە بىلىندۈرمىدى، ھەممەيلەن باۋيۈينىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇشۇپ، بىرسى چاي ئىچۈرسە، بىرسى يەلپۈگۈچ بىلەن يەلپۈۋاتاتتى. شىرېن ئۆزى قىلغۇدەك ئىش قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ تالاغا چىقتى، ئارا دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىر مۇلازىمنى جورۇپ، بېيمىڭنى تاپتۇرۇپ كەلدى - دە، ئۇنىڭدىن بىر - بىرلەپ گەپ سورىدى:
− بايىلا ھېچ ئىش يوق ئىدىغۇ، ئۇنى نېمىشقا ئۇردى؟ سەنمۇ بىزگە بۇرۇنراق خەۋەر قىلىپ قويماپسەن !
− قېرىشقاندەك، قېشىدا مەن بولماي قاپتىمەن، − دېدى بېيمىڭ تەمتىرەپ، − ئۇرۇۋاتقاننىڭ ئارىلىقىدا، قۇلىقىمغا يەتتى، دەرھال سەۋەبىنى ئۇقۇپ باقسام، چىگۇەن بىلەن جىنچۇەر ئاچامنىڭ كاساپىتىدىن بولغان ئىش ئىكەن !
− ئۇلۇغ بېگىم قانداق بىلىپ قاپتۇ؟ − دەپ سورىدى شىرېن.
− چىگۇەننىڭ ئىشىغا كەلسەك، − دېدى بېيمىڭ، − شۆ پەن غوجام ئۇنى باۋيۈي غوجامدىن قىزغىنىپ، ئۆچىنى ئالالماي، سىرتتىن بىركىمنى ئۇلۇغ بېگىم ئالدىدا غوجامغا بوھتان چاپلاشقا كۈشكۈرتكەن بولسا كېرەك. جىنچۇەر ئاچامنىڭ ئىشىنى جيا خۇەن غوجام ئېيتىپ قويغانمىكىن دەيمەن. مەنمۇ بۇ گەپلەرنى ئۇلۇغ بېگىمنىڭ يېنىدا يۈرىدىغان مۇلازىملاردىن ئاڭلىدىم.
شىرېن بېيمىڭنىڭ دېگەن بۇ گەپلىرى ئۆزىنىڭ پەرىزىگە توغرا كېلىۋاتقانلىقىنى پەملەپ، بۇنىڭغا تولۇق دېگۈدەك ئىشىنىپ قالدى. ئاندىن جيا ئانىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كىردى. كىشىلەر باۋيۈينى ئەملەپ - ئوڭلاپ بولغانىدى.
− ئۇنى ئاۋايلاپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇڭلار، − دەپ بۇيرۇدى جيا ئانا.
مۇلازىملار خوش دېيىشىپ، باۋيۈينى ئارامبەخش ھويلىدىكى ئۆز ئۆيىگە ئولاش - چولاش ئاپىرىپ كارىۋىتىغا ياتقۇزۇشتى. بۇ يەردە يەنە بىردەم ئۆرىتۆپە بولۇشقاندىن كېيىن، كىشىلەر ئاستا - ئاستا تارقىلىشتى. شىرېن ئاندىن باۋيۈينىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى ئىخلاس بىلەن كۈتۈۋېتىپ، بولغان ئىشنى بىر - بىرلەپ سوراشقا باشلىدى. ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنىڭ قانچىلىكلىكىنى كېيىنكى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder