غەربكە ساياھەت - يىگىرمە سەككىزىنچى باب
يىگىرمە سەككىزىنچى باب
گۈلشەن تېغىدىكى مايمۇنلارنىڭ قايتا جەم بولغانلىقى
تاڭ سەنزاڭنىڭ قارىغايزارلىقتا ئالۋاستىغا يولۇققانلىقى
ئەلقىسسە، تاڭ سەنزاڭ سۇن ۋۇكۇڭنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، سۇن ۋۇكۇڭ چوڭقۇر سېغىنىش ۋە خۇرسىنىش ئىچىدە شەرقىي دېڭىزغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئاپئاق تۇمان ئاستىدا دولقۇنلىنىۋاتقان دېڭىزغا بىرپەس قاراپ تۇرغاندىن كېيىن: «ئاھ، بۇ يولدىن ماڭمىغىلى توپتوغرا بەش يۈز يىل بوپتۇ !» دېدى - دە، شۇئان تىككىدە ئۆرلەپ، دېڭىزدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، گۈلشەن تېغىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ بۇلۇتتىن چۈشۈپ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى، بۇ جاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسى خارابىلىققا ئايلانغان، گۈل - گىياھلار تامامەن قۇرۇپ كەتكەنىدى. چوققىلار، قىيالار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن، دەل - دەرەخلەر قاغجىراپ قالغانىدى. نېمىشقا مۇنداق بولدى دەمسىز؟ سەۋەب، سۇن ۋۇكۇڭ ئەرشنى مالىمان قىلغاندىن كېيىن بۇ جاينىڭ مەئىشەتلىرى ئەرشكە كۆچۈرۈپ كېتىلگەن، ئەۋلىيا ئېرلاڭ يىشەندىكى يەتتە ئاغا - ئىنىنى باشلاپ كېلىپ، ئوت قويۇپ خانىۋەيران قىلغانىدى. كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىگە قاراپ سۇن ۋۇكۇڭ قاتتىق ئېچىندى.
شۇ ئارىدا ئوت - چۆپ ئارىسىدىن شىپىرلاپ يەتتە - سەككىز مايمۇن تاقلاپ چىقتى - دە، سۇن ۋۇكۇڭنى ئورىۋېلىپ باش ئۇرۇپ چۇۋۇلدىشىپ كەتتى:
− ئەۋلىيا ئەزەم، ئاخىر قايتىپ كەپسىز - دە !
− سىلەر نېمىشقا ئويۇن - تاماشا قىلماي مۆكۈنۈپ ياتىسىلەر؟ − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارغا قاراپ، − مەن كەلگىلى خېلى بولدى، سايەڭلەرنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغۇ؟
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ مايمۇنلار كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا شۇنداق دېدىكى:
− ئەي ئەۋلىيا ئەزەم، سىزنى ئەرشكە تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن ئوۋچىلارنىڭ دەردىدە ناھايىتى قىيىن كۈنگە قالدۇق. بىر ياقتىن ئوقيا، بىر ياقتىن قارچىغا، تايغان، بىر ياقتىن مىلتىق تەھدىت سېلىپ نۇرغۇن ھەمراھلىرىمىزنى جېنىدىن ئايرىدى. بىز غارلارغا، ئورەكلەرگە مۆكۈنۈپ يۈرۈپ، باش كۆتۈرەلمەي كەلدۇق. قورساق ئاچسا ئوت - چۆپلەرنى يۇلۇپ يېدۇق، ئۇسسىغاندا ئېرىقتىن سۇ ئىچتۇق. مانا ئەمدى سىزنىڭ كەلگەن تىۋىشىڭىزنى ئاڭلاپ، كۆرۈشەيلى دەپ يۈرەكلىك چىقىشىمىز.
بۇ بايانلارنى ئاڭلاپ، سۇن ۋۇكۇڭنىڭ يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشتى ۋە:
− بۇ تاغدا قانچىڭلار قالدىڭلار؟ − دەپ سورىدى.
− قېرى - ياش بولۇپ مىڭغا يېقىن قالدۇق، − جاۋاب بەردى مايمۇنلار.
سۇن ۋۇكۇڭنىڭ غەزىپى تېخىمۇ ئۆرلەپ تاشتى:
− غاردىكىلەرگە كىم باش بولۇۋاتىدۇ؟ − سورىدى ئۇ.
− ما، ليۇ سىپىھدار بىلەن بىن، با سەركەردە تۆتەيلەن ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
− بېرىپ ئۇلارغا مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى ئېيتىڭلار.
مايمۇنلار غارغا يۈگۈرۈپ كىرىپ:«بوۋىمىز ئەۋلىيا ئەزەم كەپتۇ !» دەپ ۋارقىراشتى.
تۆت سەركەردە دەرھال ئىشىك ئالدىغا چىقىپ سالام بەرگەندىن كېيىن سۇن ۋۇكۇڭنى غارغا باشلىدى. سۇن سۇكۇڭ غارغا كىرىپ ئورۇن ئالدى، مايمۇنلار كېلىپ ئۇنىڭغا تەزىم - تاۋاپ قىلىشتى ۋە:
− ئەۋلىيا ئەزەم بوۋا، سىزنى تاغ ئاستىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ تاڭ سەنزاڭغا ھەمراھ بولۇپ غەربىي دىيارغا كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىۋىدۇق، ئەجەب بۇ تاغقا كېلىپ قاپسىزغۇ؟ − دەپ سوراشتى.
− بالىلىرىم، سىلەر بىلمەيسىلەر، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − ھېلىقى تاڭ سەنزاڭ ئاقىل بىلەن ناداننى پەرق ئېتەلمەيدىغان نېمە ئىكەن. مەن يول بويى بارلىق كارامىتىمنى ئىشقا سېلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالۋاستىلارنى يوقاتسام، «قاتىللىق قىلدىڭ، شاگىرتلىققا يارىمايسەن» دەپ قوغلىۋەتتى ھەم «ئىككىنچى سېنى كېرەك قىلمايمەن» دەپ قولۇمغا بىر ئەيىبنامە يېزىپ بەردى.
− ئەمدى بىزگە ئامەت كەپتۇ ! − دەپ چاۋاك چېلىشىپ كەتتى مايمۇنلار خۇشاللىقىدىن، − راھىب بولغۇچە، قېشىمىزدا تۇرۇپ بىز بىلەن بىرنەچچە يىل شاد - خۇرام كۈن ئۆتكۈزسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ قېنى، يېزى ھارىقىدىن ئەكېلىڭلار ! بوۋىمىز ئازراق ھاردۇقىنى چىقىرىۋالسۇن.
− ھاراق ئىچىشنى قويۇڭلار، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ، − ئوۋچىلار قانچىلىك ۋاقىتتا بىر كېلىدۇ؟
− ۋاقتى - قەرەلى يوق، ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك كېلىپ بىزنى ئاۋارە قىلىدۇ، − دېدى ما، ليۇ ئىككى سىپىھدار.
− بۈگۈن ئەجەب كەلمەپتۇغۇ؟
− سەل تۇرۇپ كېلىپ قالارمىكىن.
− بالىلىرىم، تاغدىكى تاشلارنى يىغىپ ماڭا دۆۋىلەپ بېرىڭلار، يىگىرمە - ئوتتۇزنى بىر دۆۋە ياكى ئەللىك - ئاتمىشنى بىر دۆۋە قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. مەن ئۇنى لازىم قىلىمەن.
مايمۇنلار گۈررىدە قوزغىلىپ، بىردەمدىلا تاشلارنى يىغىپ دۆۋە - دۆۋە قىلىۋەتتى.
− بالىلىرىم، سىلەر غار ئىچىگە مۆكۈنۈۋېلىڭلار، مەن ئەمدى كارامىتىمنى كۆرسىتىمەن، − دېدى سۇن ۋۇكۇڭ ۋە تاغ چوققىسىغا چىقىپ ئەتراپقا كۆز تاشلىدى. تۇيۇقسىز جەنۇب تەرەپتە داقا - دۇمباقلار ياڭراپ، ئوۋ مىلتىقلىرىنى ئېسىشقان مىڭدەك ئاتلىق ئادەم تايغان، قارچىغىلىرىنى ئەگەشتۈرگەن ھالدا پەيدا بولدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارنى تەپسىلىي كۆزەتتى، كېلىۋاتقانلارنىڭ پەيلى ھەقىقەتەن يامان ئىدى. سۇن ۋۇكۇڭ دەرغەزەپكە كېلىپ، ئەپسۇن ئوقۇپ تۇرۇپ ئاغزىنى ئېچىپ شامال سۈمۈردى - دە، كۈچەپ پۈۋلىدى. شۇئان دەھشەتلىك بوران كۆتۈرۈلۈپ، تاشلارنى شىددەت بىلەن ئۇچۇرۇشقا باشلىدى. بىچارە ئاتلىقلار تاشنىڭ زەربىسىدىن بىر - بىرلەپ يىقىلدى، مىڭ ئادەمدىن بىرىمۇ ساق قالمىدى.
سۇن ۋۇكۇڭ چوققىدىن سەكرەپ چۈشۈپ خۇشاللىقىدىن ۋارقىراپ كەتتى:
− ئامەت دېگەن مانا شۇ ! تاڭ سەنزاڭغا باش ئېگىپ راھىب بولغاندىن كېيىن ئۇ ھەر كۈنى ماڭا: «مىڭ ياخشىلىق كەملىك قىلار، بىر يامانلىق زىيادە» دەپ نەسىھەت قىلاتتى. بۇ گەپكە ئەمدى ھەقىقىي ئىشىنىۋاتىمەن. ئۇنىڭ قېشىدىكى ۋاقتىمدا بىرقانچە جادۇگەرنى يوقىتىۋىدىم، قاتىل دەپ ئەيىبلەندىم. مانا ئەمدى ئۆز ئۆيۈمدە بولسا، شۇنچە نۇرغۇن ئوۋچىنى بىر تەرەپ قىلىۋەتتىم.
ئۇ مايمۇنلىرىنى چاقىردى، مايمۇنلار دۈپۈرلىشىپ يۈگۈرۈشۈپ چىقىشتى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:
− سىلەر تاغ ئېتىكىگە چۈشۈپ، ئۆلگەن ئوۋچىلارنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، قان داغلىرىنى يۇيۇۋېتىپ كىيىۋېلىڭلار. جەسەتلىرىنى ياردىكى سازلىققا تاشلىۋېتىڭلار، ئاتلارنى سويۇپ تېرىسىدە چورۇق تىكىپ كىيىۋېلىڭلار، گۆشىنى ئېلىپ قويۇڭلار، ئاستا - ئاستا يەيمىز، ئۇلارنىڭ نەيزە، قالقان ۋە ئوق يالىرى سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، ماھارىتىڭلارنى تېخىمۇ پىشۇرۇڭلار. ئۇلارنىڭ ئالىچىپار ئەلىمىنى ماڭا ئەكېلىپ بېرىڭلار !
مايمۇنلار ھەممە ئىشنى ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە پۈتتۈردى. سۇن ۋۇكۇڭ ئەلەمنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، ئۈستىگە «گۈلشەن تاغنى قايتا گۈللەندۈرۈپ، سۇ پەردىلىك غارنىڭ قىياپىتىنى تۈزەيمەن، پەلەك تەڭدىشى ئەۋلىيا ئەزەم» دەپ يازدى ۋە بىر موما تىكلەپ غار ئالدىغا ئېسىپ قويدى. بارا - بارا ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىرتقۇچلار، جادۇگەرلەر توپلاندى. «راھىب» دېگەن نام تىلغا ئېلىنمايدىغان بولدى. ئۇ يەنىلا يۈز - ئابرۇيلۇق بولغاچقا، تۆت دېڭىزدىكى سۇ ئىلاھلىرىدىن دەمىدە سۈيى ئەكېلىپ تاغلىرىنى بىرقۇر يۇيۇپ تازىلىدى. تاغنىڭ ئالدى تەرىپىگە قارىياغاچ، تال - سۆگەتلەرنى، كەينى تەرىپىگە قارىغاي، شاپتۇل، نەشپۈت، چىلان ۋە قارىئۆرۈكلەرنى تىكىپ، مەمۇرچىلىق، باياشاتلىق ئىچىدە كۈنلىرىنى شاد - خۇرام ئۆتكۈزدى.
ئەمدى گەپنى تاڭ سەنزاڭدىن ئاڭلايلى. ئۇ جۇ باجيېنىڭ ئوتقۇيرۇقلۇقىغا ئىشىنىپ سۇن ۋۇكۇڭنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، ئېتىغا مىنىپ، جۇ باجيېنىڭ يول باشلىشى بىلەن داۋاملىق غەربكە قاراپ ئىلگىرىلىدى، شاسېڭ ئەپكەشنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. ئۇلار ئاقيولۋاس چوققىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالدى تەرەپتە ئارچا ۋە قارىغايلار بىلەن قاپلانغان بىر قويۇق ئورمان كۆرۈندى.
− شاگىرتلىرىم، − دېدى تاڭ سەنزاڭ جۇ باجيې بىلەن شاسېڭغا قاراپ، − ئالدىمىزدىكى تاغ يولى بەكلا ئېگىز - پەس، ئورمانمۇ سۈرلۈك كۆرۈنىدۇ. پەخەس بولايلى، جىن - شاياتۇنلار چىقىپ قالمىسۇن يەنە !
بۇ گەپ بىلەن تېتىكلىشىپ غەيرەتكە كەلگەن جۇ باجيې ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى شاسېڭغا تۇتقۇزۇپ، تىرنىسىنى قولىغا ئالدى - دە، ئۇلارنى باشلاپ ئورمانغا ئىچكىرىلەپ كىردى. تاڭ سەنزاڭ كېتىۋېتىپ توساتتىن ئاتنى توختىتىپ، جۇ باجيېنى چاقىرىپ مۇنداق دېدى:
− بۈگۈن بىر كۈن قورسىقىم ئاچ قالدى، يېگۈدەك بىرنەرسە تېپىپ كەلسەڭ بولاتتى.
− ئۇستازىم، ئاتتىن چۈشۈپ ئارام ئالغاچ تۇرسىلا، مەن بېرىپ ئىزدەپ باقاي، − دېدى جۇ باجيې.
تاڭ سەنزاڭ ئاتتىن چۈشتى. شاسېڭ ئەپكەشنى يەرگە قويۇپ، جۇ باجيېغا تاۋاقنى ئېلىپ بەردى.
جۇ باجيې قارىغايزارلىقتىن چىقىپ غەربكە ئون چاقىرىمچە ماڭدى. ئەتراپتا ئۆينىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. چارچاپ پىخىلداپ كەتكەن جۇ باجيې كۆڭلىدە: «سۇن ۋۇكۇڭ بار چاغدا بۇ راھىب نېمە دېسە شۇنى تېپىپ كېلەتتى، مانا ئەمدى بۇ جاپاغا مەن قالدىم» دەپ ئويلىدى. بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن ئۇنى ئۇيقۇ باستى. ئۇ ئۆز - ئۆزىگە: «يەيدىغان نەرسە تاپالمىدىم، دەپ ھازىر قايتىپ كەتسەم، بۇ راھىب شۇنچە يول ماڭغىنىمنى بىلمەي ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە مۇشۇ يەردە ئۇخلاپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ بارغىنىم تۈزۈك» دېدى - دە، چۆپلۈككە تاشلىنىپ ئۇيقۇغا كەتتى.
تاڭ سەنزاڭ بولسا ئورمان ئىچىدە ساقلاۋېرىپ، قۇلاقلىرى قىزىرىپ، قاپاقلىرى تارتىشىپ تىت - تىت بولدى ۋە شاسېڭنى يېنىغا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:
− ۋۇنېڭ شۇ چاغقىچىمۇ قايتىپ كەلمەيدۇغۇ؟
− سىلى بىلمەيدىلا، ئۇستازىم، ئۇ غەربلىكلەرنىڭ قولى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز قورسىقى بىلەن بولۇپ كەتكەندە سىلىنى يادىغا ئالاتتىمۇ؟ ئۇ قورسىقى ئېتىلغۇدەك تويغاندىن كېيىن ئاندىن كېلىدۇ، − دېدى شاسېڭ جاۋاب بېرىپ.
− بۇنىمۇ قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، − دېدى تاڭ سەنزاڭ، − ئۇ ئۇدۇل كەلگەن يەردە نەپسى بالالىق قىلىپ يۈرسە، بىز بۇ يەردە تۇرۇپ ئۇنى كۆرەلەيتتۇقمۇ؟ قاراڭغۇ چۈشەي دەۋاتىدۇ، قونغۇدەك بىرەر جاي تاپمىساق تېخى بولمايدۇ.
− كېرەك يوق، ئۇستازىم، سىلى ئولتۇرۇپ تۇرسىلا، مەن بېرىپ ئۇنى تېپىپ كېلەي.
− ماقۇل، ماقۇل، يېمەكلىك تېپىلمىسىمۇ مەيلى، بىراق باش تىققۇدەك جاي بولمىسا زادى بولمايدۇ.
شاسېڭ گۆھەر ھاسسىسىنى قولىغا ئېلىپ، جۇ باجيېنى ئىزدەپ ئورماندىن چىقتى. يالغۇز ئولتۇرۇپ تاڭ سەنزاڭنىڭ ئىچى پۇشتى، ئاخىر ئۇمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بوپىلارنى بىر ياققا جايلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئاتنى دەرەخكە باغلىدى - دە، چىخ قالپىقى بىلەن ھاسىنى ئېلىپ، جۇ باجيې بىلەن شاسېڭنى ئىزدەپ ئورماندىن چىقتى.
جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ غەرب تەرەپكە كەتكەنىدى. ئەپسۇسكى، ئازغان تاڭ سەنزاڭ جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلدى. ئورماندىن چىققاندا ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بىر ئالتۇن شولا كۆرۈندى. ئۇ سىنچىلاپ قاراپ، ئېگىز بىر مۇنارنىڭ چوققىسىدىن نۇر چېچىلىپ تۇرغانلىقىنى بايقىدى. بۇ نۇر غەربكە پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ ئەكسىدە تېخىمۇ جۇلالىنىپ كەتكەنىدى.
«ئالدىمدا كۆرۈنگىنى ئالتۇن مۇنار ئىكەنغۇ، شاگىرتلىرىم نېمىشقا بۇ يولدىن ماڭمىغاندۇ؟ − دېدى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە، − مۇنارنىڭ قېشىدا جەزمەن ئىبادەتخانا بار، ئىبادەتخانا بولغان ئىكەن، ئادەممۇ بولىدۇ. ئۇ يەرگە بېرىپ باقاي، كۆڭۈلدىكىدەك بىر يەر چىقىپ قالسا، بىرلىكتە ئارام ئالارمىز».
تاڭ سەنزاڭ چوڭ - چوڭ قەدەم تاشلاپ مۇنار ئالدىغا يېتىپ باردى. ئىشىككە بامبۇك پەردە ئېسىقلىق تۇراتتى. ئۇ پەردىنى قايرىپ ئىچكىرىگە كىردى. ئۇنىڭ كۆزى بىردىن تاش كارىۋات ئۈستىدە يېنىچە يېتىپ ئۇخلاۋاتقان ئالۋاستىغا چۈشتى. ئالۋاستىنىڭ ئەپتى شۇ قەدەر سەت ئىدىكى:
يۈزلىرى كۆكىرىپ كەتكەن، كالاچتەك يوغان ئاغزىدىكى چىشلىرى ئېگىز - پەس ھىڭگىيىپ تۇراتتى. شالاڭ چاچلىرى چاڭگىدەك چۇۋۇق، بۇرۇنلىرى مورىدەك، كۆزلىرى كولاپ قويغان ئورىدەك، قوش مۇشتۇمى شەيخلەرنىڭ تەڭلىسىدەك، پۇتلىرى قىيادىن تېشىپ چىققان دەرەخ يىلتىزىدەك ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ماكانىنى دوزاخ دېگىلى بولمىسىمۇ، بۇ ئالۋاستىنىڭ ئۆزى ئۆكۈز باشلىق يەكسادىن قېلىشمايتتى.
تاڭ سەنزاڭ بۇ بەتبەشىرىنى كۆرۈپلا قورققىنىدىن غال - غال تىترەپ، پۇت - قوللىرى بوشىشىپ دەرھال كەينىگە چېكىندى. ئۇ ئەمدىلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇشىغا، ئالۋاستى كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ:
− بالىلىرىم، ئىشىك ئالدىغا چىقىپ بېقىڭلار، بىرى كەلگەندەك قىلىدۇ، − دەپ ۋارقىرىدى.
بىر كىچىك ئالۋاستى ئىشىكتىن بېشىنى چىقىرىپ تاڭ سەنزاڭنى كۆرۈپ قالدى - دە، قايتىپ كىرىپ ئاتامانىغا خەۋەر يەتكۈزدى:
− پادىشاھى ئالەم، كەلگىنى بىر راھىب ئىكەن. يۈزلىرى يوغان، يۇمىلاق باش، قۇلاقلىرى مۈرىسىگە ساڭگىلاپ چۈشكەن، گۆشلىرى لىغىرلاپ تۇرىدىغان، تازا تولغان بىرنېمە ئىكەن.
− بەللى، «ئۆلگۈسى كەلگەن چىۋىن يىلاننىڭ بېشىغا قونۇپتۇ» دېگەن مانا شۇ، − دېدى ئالۋاستى خۇشاللىقىدا، − دەرھال چىقىپ ئۇنى تۇتۇپ كېلىڭلار. سىلەرگە قوشلاپ مۇكاپات بېرىمەن.
كىچىك ئالۋاستىلار گۈرۈلدەپ قوزغىلىپ چىقتى.
تاڭ سەنزاڭ ئۇلارنى كۆرۈپلا جېنىنى ئېلىپ بەدەر قاچتى. گۇگۇم قاراڭغۇسىدا ئۇ ئېگىز - پەس تاغ يولىنى بويلاپ بىرپەس يۈگۈرۈپ باقتى، بىراق قورقۇنچ ئىچىدە سۈر بېسىپ، پۇت - قوللىرى بوشىشىپ قېچىشقا ئامالسىز قالدى. كىچىك ئالۋاستىلار ئۇنى تۇتۇپ كۆتۈرگەن پېتى بامبۇك پەردىلىك ئىشىك ئالدىغا ئەكېلىپ تاشلىدى ۋە:
− پادىشاھى ئالەم، راھىبنى تۇتۇپ كەلدۇق، − دەپ ۋارقىراشتى.
قېرى ئالۋاستى پەردە يوچۇقىدىن مارىلاپ، تاڭ سەنزاڭنىڭ قاملاشقان ھۆسن - جامالى ۋە قەددى - قامىتىنى كۆرۈپ: «چوقۇم ئادەتتىكى راھىبلاردىن ئەمەس، ئاسانلىقچە باش ئەگمەسلىكى مۇمكىن» دەپ ئويلىدى - دە، قان تامچىپ تۇرغان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، قىزىل بۇرۇتلىرىنى تىكەندەك قىلىپ، دەرغەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى:
− راھىبنى ئالدىمغا ئەكىرىڭلار !
ئالۋاستىلار «خوپ» دېگىنىچە، تاڭ سەنزاڭنى ئۆي ئىچىگە ئىتتىردى. قېرى ئالۋاستىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرگەن تاڭ سەنزاڭ دەرھال ئالىقىنىنى جۈپلەپ، تەزىم قىلدى.
− قېنى ئېيتە، شەيخ، قەيەردىن كەلدىڭ، قەيەرگە بارماقچىسەن؟ − دېدى ئالۋاستى ھەيۋە بىلەن.
− مەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ راھىبى بولىمەن، − دېدى تاڭ سەنزاڭ جاۋاب بېرىپ، − تاڭ خانىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن غەربىي دىياردىن بۇددا نومىنى ئەكېلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقانىدىم. يول ئۈستىدە مۇبارەك ئۆيۈڭلارنى كۆرۈپ، ئارام ئالغۇدەك جاي بارمىكىن دەپ كەلگەنىدىم. ئۆزلىرىگە دەخلى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ئويلىماپتىمەن. گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغايلا، پېقىر مۇقەددەس كىتابنى ئېلىپ شەرققە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلۇغ ناملىرىنى مەڭگۈ ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمەن.
ئالۋاستى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە:
− ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ئىكەنلىكىڭنى ئاللىقاچان بىلگەنىدىم. ساڭا تاۋىم تارتىپ تۇرغاندا ناھايىتى ئوبدان كېلىپ قاپسەن. ئەمدى سەن ئاغزىمغا چۈشكەن بىر پارچە لوق گۆش، قېچىپ قۇتۇلىمەن دەپ خام خىيال قىلما ! − دېدى ۋە كىچىك ئالۋاستىلارنى ئۇنى باغلاشقا بۇيرۇدى.
ئالۋاستىلار ئولىشىپ كېلىپ تاڭ سەنزاڭنى تۈۋرۈككە جەمبەرچاس قىلىپ باغلىدى. قېرى ئالۋاستى قولىغا پىچاق ئېلىپ تاڭ سەنزاڭدىن سورىدى:
− ھەي شەيخ، قانچە ئادەم بىللە چىققانىدىڭلار؟ سەن يالغۇز ئەمەسقۇ دەيمەن !
تاڭ سەنزاڭ ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاقنى كۆرۈپ، راست گەپ قىلدى:
− ھەزرىتىم، جۇ باجيې ۋە شاسېڭ ئىسىملىك ئىككى شاگىرتىم بار ئىدى. ئۇلار سەدىقە تىلەپ چىقىپ كەتكەن. بىر ئات بىلەن بوپىلىرىم قارىغايزارلىقتا قالدى.
− يەنە ئامەت بار ئىكەن - دە ! − دېدى قېرى ئالۋاستى، − ئىككى شاگىرتىڭ بىلەن سەن ئۈچ بولساڭ، ئېتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ تۆت بولساڭلار، ئوبدانلا بىر ۋاقلىق غىزا بولىدىكەنسىلەر.
− بىز بېرىپ ئۇلارنىمۇ تۇتۇپ كېلەيلى ! − دېدى كىچىك ئالۋاستىلار.
− ھاجىتى يوق، − دېدى قېرى ئالۋاستى، − ئىشىكنى مەھكەم تاقاپ قويۇڭلار. ئۇلار سەدىقە غىزانى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن چوقۇم ئۇستازىنى ئىزدەيدۇ. ئاخىر ئىزدەپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىدۇ، ئۇلارنى ئالدىرىماي تۇتىمىز.
كىچىك ئالۋاستىلار ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە دەرھال كېلىپ ئىشىكنى تاقىدى.
ئەمدى تاڭ سەنزاڭنىڭ بالا - قازاغا يولۇققانلىقىنى قويۇپ تۇرۇپ، گەپنى جۇ باجيې بىلەن شاسېڭدىن ئاڭلايلى. شاسېڭ جۇ باجيېنى ئىزدەپ، ئورماندىن ئون چاقىرىمچە ئۇزاپ ئادەمزات بار جاينى ئۇچرىتالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپنى كۆزەتتى. ئۇشتۇمتۇت چۆپلۈك ئىچىدە بىرىنىڭ گەپ قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ئالدىدىكى چۆپلەرنى ھاسسىسى بىلەن قايرىپ، چۆپ ئارىسىدا ئۇخلاپ قالغان جۇ باجيېنىڭ جۆيلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
− يارايسەن، لايغەزەل، − دېدى ئۇ جۇ باجيېنىڭ قۇلىقىدىن سوزۇپ ئاران تەستە ئويغىتىپ، − ئۇستازىم سېنى يېمەكلىك تېپىپ كەل دېسە، بۇ يەردە ئۇخلاپ يېتىپسەنغۇ؟
− نەۋاخ بولۇپ كەتتى؟ − دېدى ئەندىكىپ ئويغانغان جۇ باجيې.
− تېز ئورنۇڭدىن تۇر ! ئۇستاز يېمەكلىك تاپالمىساڭلارمۇ، ياتىدىغان جاينىڭ ئامالىنى چوقۇم قىلىڭلار، دەپ تاپىلىدى ! − دېدى شاسېڭ.
بۇ نۆۋەت تاڭ سەنزاڭنىڭ ئەجىلى توشمىغان بولسا كېرەك، ئېھتىمالىم، ئىككىيلەن ئۇيان ئىزدەپ، بۇيان ئىزدەپ ئۇستازىنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغاندىن كېيىن جەنۇب تەرەپكە كېتىۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت چاقناۋاتقان ئالتۇن نۇرنى كۆرۈپ قالدى.
− ئىنىم، ئامەت دېگەنمۇ بار يەردە بار ئىكەن، − دېدى جۇ باجيې، − ئۇستازىم ئۆز ئۆيىنى تېپىپتۇ. ئاۋۇ ئالدىمىزدىكى چاقناپ تۇرغان مۇنارنى كۆرۈۋاتامسەن؟ كىم ئۇنىڭغا بىھۆرمەتلىك قىلالايدۇ دەيسەن. ئۇ چوقۇم كاتتا زىياپەتكە داخىل بولدى بولغاي، بىزمۇ تېزرەك بېرىپ ئازراق بولسىمۇ ئېغىز تېگەيلى.
− بىرنېمىدەپ بولمايدۇ، ئاغا، − دېدى شاسېڭ، − راستتىنلا ئامەتمۇ ياكى ئاپەتمۇ، ئاۋۋال بېرىپ بىر كۆرۈپ باقايلى.
ئۇلار قەدەملىرىنى تېزلىتىپ مۇنار ئالدىغا يېتىپ باردى، ئىشىك تاقاقلىق ئىدى. ئىشىك بېشىدىكى ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان تاختايغا «يۈەنزى تېغى ئورغاق ئاي غارى» دېگەن خەت يېزىقلىق تۇراتتى.
− ئاغا، بۇ ئىبادەتخانا ئەمەس، جىن - ئالۋاستىلارنىڭ ئۇۋىسىدەك قىلىدۇ. ئۇستازىم بۇ يەردە بولغان تەقدىردىمۇ كۆرەلمەيدىغان ئوخشايمىز، − دېدى شاسېڭ.
− نېمىگە قورقاتتىڭ، − دېدى جۇ باجيې، − سەن ئات بىلەن بوپىلارغا قاراپ تۇر، مەن كىرىپ سوراپ باقاي.
جۇ باجيې ئىشىك ئالدىغا بېرىپ تىرنىسىنى پۇلاڭلىتىپ ۋارقىرىدى:
− ئىشىكنى ئېچىڭلار ! ئىشىكنى ئېچىڭلار !
دەرۋازىۋەن ئالۋاستى ئىشىكنى ئېچىپ جۇ باجيې بىلەن شاسېڭنى كۆرۈپلا، كەينىگە بۇرۇلۇپ كىرىپ قېرى ئالۋاستىغا مەلۇم قىلدى:
− پادىشاھى ئالەم، مال كېلىپ قالدى !
− قايسى مالنى دەيسەن؟
− بىرى ئىشىكنى قېقىۋىدى، ئېچىپ قارىسام، ئىككى راھىب قاراپ تۇرىدۇ. بىرى، سالپاڭ قۇلاق، بىرى، تازا سۆرۈن تەلەت نېمە ئىكەن.
− ۋاھ، جۇ باجيې بىلەن شاسېڭ كەپتۇ - دە ! − دېدى قېرى ئالۋاستى خۇشاللىقىنى باسالمىغان ھالدا، − دەل تېپىپ كەلگىنىنى قارىمامدىغان ! خەير، ئۇلارنىڭ پەيلى يامان بولسا ئالدىغا چىرايلىقراق چىقايلى.
ئۇ سېرىق تونىنى يېپىنچاقلاپ، قولىغا قىلىچ ئېلىپ ئىشىكتىن چىقتى ۋە:
− سىلەر قاياقتىن كەلگەن راھىبلار، نېمىشقا ئىشىكىم ئالدىدا ۋارقىراپ - جارقىراپ يۈرىسىلەر؟ − دېدى.
− ھەي جۇۋايىنىمەك، مېنى تونۇمايۋاتامسەن، − دېدى جۇ باجيې، − مەن سېنىڭ بوۋاڭ بولىمەن، بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىدىن غەربىي دىيارغا كېتىۋاتقان بوۋاڭ بولىمەن. ئۇستازىم تاڭ سەنزاڭ پادىشاھنىڭ ئىنىسى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى ئۆيۈڭگە قامىۋالغان بولساڭ، دەرھال قايتۇرۇپ بەر. بولمىسا، ھەممىڭنى جېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن.
− خوش - خوش، ئۆيۈمدە بىر تاڭ راھىبى بار، − دېدى قېرى ئالۋاستى ھىجىيىپ تۇرۇپ، − مەنمۇ ئۇنى ئادەم گۆشىدىن كاتتا زىياپەت بېرىپ چىرايلىق كۈتۈۋالدىم. سىلەرمۇ كىرىپ ئازراق ئېغىز تېگىڭلار، قانداق؟
جۇ باجيې ئەخمەق ھە دېگەندىلا كىرىشكە تەمشەلدى. شاسېڭ ئۇنى كاپ قىلىپ تۇتۇۋېلىپ:
− ئاغا، ئۇ سىزنى ئالداۋاتىدۇ. سىز قاچاندىن بېرى ئادەم گۆشى يەيدىغان بولۇپ قالدىڭىز؟ − دېدى.
جۇ باجيې شۇندىلا ئەقلىگە كېلىپ، تىرنىسى بىلەن ئالۋاستىنىڭ بېشىغا قارىتىپ ئۇردى. ئالۋاستى ئۆزىنى چاققانلىق بىلەن چەتكە ئېلىپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ جۇ باجيېغا تاقابىل تۇردى. ھەر ئىككىيلەن كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ بۇلۇت ئۈستىگە قاڭقىپ چىقتى - دە، ئاسمان بوشلۇقىدا جەڭ باشلىۋەتتى. بۇ چاغدا شاسېڭمۇ ئات ۋە نەرسە - كېرەكلىرىنى تاشلاپ قويۇپ ياردەمگە چىقتى. ئۈچەيلەن ئاسماندا نەچچە مەرتىۋە ئېلىشتى، لېكىن بىر - بىرىنى يېڭەلمىدى. جەڭ يەنە داۋام قىلدى. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، تاڭ سەنزاڭنىڭ قۇتۇلۇپ چىققان - چىقمىغانلىقىنى كېيىنى بابتىن ئاڭلىغايسىز.
Yorumlar
Yorum Gönder