«ئىنسان پېتى قېلىش» كۈرىشى

 ئىنسان پېتى قالماق ئۆز نۆۋىتىدە فىترىتى ساق بولۇشنى، ئىمانى رۇس بولۇشنى ، ئەقىدىسى ساغلام بولۇشنى، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسان پېتى قالماق قەدەرىيەتلىرىگە كۆرە ياشاشتىن بىردەممۇ ۋاز كەچمەسلىكنى، ئادەم نەسلىگە خاس سۈپەت ئىگىسى بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. ئىنسان پېتى قېلىش كىم ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق، كىم بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىش ۋە نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىنسان پېتى قېلىش ئۆز نۆۋىتىدە ھەد – ھۇدۇدى بولۇشنى، چېگراسى بار خاراكتېر ئىگىسى بولۇشنى، ھەققى ۋە مەجبۇرىيىتى بار كىشىلىك ئىگىسى بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ساماۋى ۋەھيىنىڭ مۇخاتابى، شەرەپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەتنىڭ ئوبيېكتى بولۇش مانا بۇ بېجىرىم ئىنسان بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر تەڭرى ئۆزىنىڭ ۋەھيى ھەقىقەتلىرىدە «ئى ئىنسان!»، «ئى ئىنسانلار!» دەپ خىتاب قىلغان بولسا، شۈبھىسىزكى، بۇ ۋىجدان ۋە ئەقىلدىن نېسىۋىسى ئۈزۈلمىگەن «ھايۋانى ناتىق»غا، يەنى ئادەم ئەۋلادىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئورتاق خاراكتېرىنى، يەنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولىدىغان ۋىجدان ئىگىسىنى، ئەقىل ۋە ئوي – تەپەككۇر قابىلىيەتلىرى تېخى كاردىن چىقمىغان ھەربىر «ئىنسان»نى مۇخاتەبى قىلىشتىندۇر.

دەرۋەقە، مىللەت سۈپىتىدە تارتىۋاتقانلىرىمىز ۋە تارتىپ كەلگەنلىرىمىز بىزنى دىنىمىزنى قوغداشتىن تىلىمىزنى قوغداشقا، تىلىمىزنى قوغداشتىن ئۆرپىمىزنى قوغداشقا، بارا – بارا ھەممىنى تاشلاپ جىنىمىزنى ساقلاشقا قىستاپ ھالىمىزنى قويمىدى. ھەر تۈرلۈك باھانە ياكى سەۋەبلەردىن تەسەللى ئىزدىمەكچى بولايلۇق، ئەمدىلىكتە قوغداشقا مەجبۇر قېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ يالغۇز ئىنسانلىقىمىز بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمۇ ئەمەلىيەت بولۇپ تۇرۇپتۇ. دىنىمىز خەتەردە دېدۇق، ئەمما دىنىمىزغا سەمىمىيەت بىلەن يېپىشىشنى بەجا كەلتۈرەلمىدۇق، تىلىمىز خەتەردە دېدۇق، ئەمما تىلىمىزغا ھەقىقىي مەنىدە كۆيۈنمىدۇق، يازغان - پۈتكىنىمىز تىلىمىزنىڭ ھاياتىيلىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتىن باشقىغا يارىمىدى.  كۈلتۈرىمىز، مەدەنىيىتىمىز تەھدىتكە ئۇچرىدى دېدۇق، ئەمما ھېچبىرىنى ھاياتىمىزنىڭ ۋاز كەچمەس ياشاش سەنئىتى قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشتا بىرلىككە كېلەلمىدۇق. قىسقىسى ۋەتەن ئىچىدە كۈچ بېسىمىدە يىمىرىلگەن جىمى قەدەرىيەتلىرىمىز ۋەتەن سىرتىدا ساقلىنىپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن شالغۇتلاشتۇرۇلۇشتىن باشقا مۇئامىلە كۆرمىدى. خىرىسلار ئالدىدا بويۇن قىسىدىغان، پەقەتلا شەكىلۋازلىقنىڭ تەنتەنىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇرىلىدىغان «مالاي» دەرىجىسىگە چۈشۈرۈۋېتىلدى. ئەجەبا، بىز نېمە ئۈچۈن بۇ دەرىجىگە كېلىپ قېلىشنى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز راۋا كۆرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق؟ ئەگەر ئىخچام جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلسە، يۇقىرىقى نۇقتىئىينەزەرلەر ئاساسىدا شۇنداق جاۋاب بېرىش مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ: ئاسارەتنى قارشى تۇرۇش روھىمىزنىڭ يېقىلغۇسى قىلماستىن، ھالىمىزغا رازى بولۇشنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنى ئۇلارغا قاراپ شەكىللەندۈرۈشتەك ئەجەللىك خاتانى بەس قىلغۇدەك سەۋىيە – ساپا يېتىلدۈرمەسلىكىمىز، ياتلارنىڭ ھەر تۈرلۈك سىياسىي ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى ئۆزىمىزگە تەتبىقلىغاندا، بۇنىڭ مېنى مەن قىلىپ تۇرغان ئىنسانلىقىمنى زېدىلەمدۇ - يوق، دېگەن ئەقەللىي بىر ئۆتكەلنى قويۇشقا ئادەتلەنمەسلىكىمىز، نەتىجىدە ئۆزگىگە قاراپ شەكىللىنىش، مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ بولالماسلىق قاتارلىقلار ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ئۆزگىرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەس، كۆرۈپ يەتمەس ۋە كۆرۈپ يېتىشنى خالىماس ھالغا كېلىشتەك قېچىپ قۇتۇلغۇسىز ئاقىۋەتنى قارشىمىزغا ئېلىپ چىقىپ تۇرۇپتۇ.

شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، مىللەت بولۇش ئالدى بىلەن ئىنسان بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. مىللىي روھ ھېچقاچان ئىنسانلىق (ئادىمىيلىك)نى پايخان قىلىش بەدىلىگە ئىنشا بولغان ئەمەس. بىيولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇق مىللىي روھ  قەتلى قىلىنغان «ئىنسانلىق» بىلەن بىر گەۋدە ئىچىدە ھەرگىزمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.  مىللىي روھ بولسا، مىللىي دەۋانىڭ جېنىدۇر. ئىسلام بۇ روھنى كۆكلەتكۈچى زىلال سۇ مىسالى ھاياتلىق مەنبەسىدۇر. ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق بولسا، ئۇشبۇ ھاياتىيلىقنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ كاپالىتىدۇر. بۇ مەنىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادىمىيلىكىنى قۇرۇپ چىقالمىغان دىندارلىقتىن، دىندارلىقىنى يوقاتقان مىللەتۋازلىقتىن مىللەتكە خەيرلىك كەلمەيدۇ. شۇنداقلا ئۆز مىللەتداشلىرىنى ياتنىڭ قولىدا بابلاشتا ۋاسىتە تاللىمايدىغان، كاللىسى باشقىلارنىڭ ئەقلىنى ئويۇنچۇق قىلىش تەدبىرنامىلىرى بىلەن پىروگراممىلىنىپ كەتكەن «شالغۇت زېھنىيەت» بىمارلىرىدىنمۇ ۋەتەن -مىللەتكە خەيرلىك كەلمەيدۇ.  شۇنىڭدەك، ئىنسانلىقى زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلمىگەن بىرىنىڭ مىللىي دەۋا يولىدىكى سەمىمىيتىمۇ دەرگۇماندۇر. بۇ نۇقتىدا شۇنىمۇ سوراقلاپ كۆرۈشكە  ھاجەتمىزكى: ئەجەبا ۋەتەن – مىللەت يولىدا قىلىۋاتقان ئۇرۇنۇشلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مىللەتنىڭ ئەزاسىغا لايىق رەۋىشتە قىلىنىۋاتقان سەمىمىي تىرىشچانلىقلار، پۈتۈنلەي مۇقەددەس غايىنى كۆزلەپ قېلىۋاتقان، باشقا ھەرقانداق مەنپەئەت بىلەن دۇغلاشتۇرماي ئېلىپ بېرىۋاتقان سەمىمىي ئۇرۇنۇشلار دېگىلى بولامدۇ، يوق. مۇنداقچە ئېيتساق، قىلىۋاتقانلىرىمىزنى راستتىنلا داۋا، دېگىلى بولۇۋاتامدۇ، يوق؟! قىلىۋاتقانلىرىمىزدا ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ بىزدىن نېمە كۈتىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلىقىمىزنىڭ بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئىنسانلىقىمىزنىڭ بىزدىن قانداق ئىنسان بولۇشىمىزنى كۈتىدىغانلىقىنى ئىش – پائالىيەتلىرىمىزدە قانچىلىك دىققەتكە ئېلىۋاتىمىز، قايسى دەرىجىدە سەمىمىي بولۇۋاتىمىز؟ ئەجەبا، ھېلىھەم ئىنسان پېتى قىلىشتەك ئەقەللىي خۇسۇسىيىتىمىزنى مۇھاپىزەت قىلالاۋاتامدۇق - يوق، ئىنسانلىقىمىزنىڭ دۈشمەن نەزىرىدىكى ئاتالمىش ئىنسانلىققا ئۆزگىرىپ كەتمەيۋاتقانلىقىغا كاپالىتىمىز نېمە؟ ئىنسانلىقىمىزنى ساق – سالامەت دېسەك، ئۇنداقتا بۇ ئىنسانلىقىمىز ئاڭ – ئىدراكىمىزغا، ۋىجدان ۋە ئىرادىمىزگە ئەقەللىي بىر ھەرىكەت چاغلىق قارشىلىق روھىنى ئەكس ئەتتۈرەلەۋاتامدۇ - يوق، ئىنسانلىقىمىز زادى بىزنى قايسى دەرىجىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىدى ۋە كەلتۈرۈۋاتىدۇ؟

مانا بۇلار ھەقىقەتەن ئىنسانلىقى ئىشغالغا ئۇچرىمىغان، ئىنسانلىقى قايتا شەكىللەندۈرۈشنى رەت قىلىپ كەلگەن ھەمدە ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دەپسەندىچلىكلەرنىڭ، قىرغىنچىلىقلارنىڭ تاماشىبىنى بولۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتقان كۈنىمىز دۇنياسىدا «ئىنسان پېتى قېلىش» كۈرىشىنى توختاتمىغان ۋە ئاسارەتكە قارشى كۈرەشتىن شاشماسلىقنى  ئىنسانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى دەپ بىلگەن، قىسقىسى ئىنسانلىقى تېخى نابۇت بولۇپ ئۈلگۈرمىگەن ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى ئۈچۈن ئەمەلىي جاۋاب كۈتۈۋاتقان سوئاللاردۇر.

-بۇرھان مۇھەممەد

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك