پال - پال زامان، غال - غال ھايات
«زامان بەزىدە ئاجايىپ دېسە! ئارسىزلار شەرەپ - ئىززىتىنى كۆز - كۆز قىلىش كويىدا. خائىن - ساتقىنلار ۋاپادارلىقتىن لاپ ئۇرۇپ ئاۋارە. مۇناپىق - يالغانچىلار ساداقەتنىڭ مۇجادىلىسىنى قىلىۋاتقان كۆرۈنۈپ جان بېقىۋاتقان» دەپ يازىدۇ، دوستويېۋىسكىي.
مەنچە زامان بەزىدە ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ھەمىشە شۇنداق ئىدى. شۇنداق تىپلار جاي ئىگەللەپ تۇرمىسا، ساداقەت، مەردلىكنىڭ قىممىتى بىلىنمەس، قەدرىمۇ قىلىنماس ئىدى. خەير بار ئىكەن، شەرمۇ بىكار تۇرۇپ قالمايدۇ. ئۇنداقتا مەسىلە قەيەردە؟ مەسىلە شۇ يەردىكى، شەرەپنىڭ، ئىززەتنىڭ قەدرىنى قىلىدىغانلار، قىممىتىنى چۈشىنىدىغانلار ئازلاپ قالدى. چۈشەنگەن بولۇۋېلىپ پېتىقدايدىغانلار كۆپىيپ ماڭدى. خائىن - ساتقىنلارغا ئارام بەرمەس كۈچ شەكىللەنمىدى. مۇناپىق - ساتقىنلار بىلەن مادارا قىلىش ئورنىغا، ئۇلارنى سەل بولۇپ ئاقتۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشۈلمىدى. ساداقەتنىڭ مۇجادىلىسىنى قىلىدىغان ساداقەتمەنلەر بىتابلاشتى.
بىر جەمئىيەت پاتقاققا پاتسا، ئۇنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى شەرەپسىزلەرنىڭ شەرەپنى داۋا قىلىشىدىن، ساداقەتسىزلەرنىڭ خىيانىتىدىن، مۇناپىقلارنىڭ تىمىسقىلاپ ئۆتۈشىدىنلا كۆرگىلى بولمايدۇ. سىنچىلاپ قارالغىنىدا شۇ مەلۇم بولىدۇكى، ئەسلىدە مەسىلە يۇقىرىقىلارنىڭ بولۇشىلا ئەمەس، بەلكى شەرگە قارشى خەيرنىڭ قوشۇنى ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلىكتىن، ياقا تۇرۇپ ئېتەك بولۇشقا رازى بولۇشتىن، ساداقەت ئەھلى تۇرۇپ ساداقەتنىڭ مۇجادىلىسىنى قىلىشقا ماجالسىز قېلىشتىن، ھەقىقەت ئەھلىنىڭ تۈگۈلۈۋېلىشىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر جەمئىيەت پاتقاققا پاتسا شەرنىڭ جىنايىتى قانچە ئېغىر بولسا، خەيرنىڭ جاۋابكارلىق سۈرۈشتىسىمۇ ئۇنىڭدىن قىلىشمايدۇ. جاۋابكارلىق ئەمەلىيەتتە شەرەپسىزلەردىن، مۇناپىقلاردىن، سەمىمىيەتسىز خىيانەتكارلاردىن سورالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار مەسئۇلىيەتكار ئەمەسكى جاۋابكارلىققا تارتىلسۇن. ئۇلار جاۋابكار ئەمەسكى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنسۇن. ئۇلار جىنايەتكارلار، گۇناھكارلار، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋە تەڭرىنىڭ غەزىپىنى تىلەپ تېپىشنى يول قىلىپ تاللىغان خۇمسىلاردۇر. شۇڭا ئۇلار جازادىن باشقىغا تارتىلمايدۇ. ئەمما ساداقەتمەنلەرچۇ، ھەقىقەت ئەھلى چۇ. ھەقنى بىلگەنلەرچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەھۋالى يۇقىرىقىلاردىنمۇ خەتەر. ئۇلار ئەسلىدىنلا مەسئۇلىيەتكار، ھەم جاۋابكار. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھەم گۇناھكار، ھەمدە جىنايەتكار. چۈنكى، ئۇلار بۇزۇلغان ئەمەس، بۇزۇق بولۇۋالغان؛ ساداقەتمەنلىكنى سەمىمىي جارى قىلدۇرالايدىغان تۇرۇپ ساداقەتنىڭ مۇجادىلىسىنى ساداقەتسىز خائىنلارغا تارتقۇزۇپ قويغان؛ خىيانەتنى بىلىپ تۇرۇپ ھەقىقەتنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا قاراپ تۇرغان؛ ئۇنى پاش قىلمىغان؛ قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن؛ جاھالەت تۇمانلىرىنى تارتىۋېتىش، زۇلمەت قاراڭغۇلۇقلىرىنى ئىلىم نۇرى بىلەن ئايدىڭلىتىش كويىدا بولمىغان. ئويلايلۇق، ئەجەبا قايسىسىنىڭ جىنايىتى قايسىسىدىن ئېغىر؟ بۇزۇلغاننىڭمۇ ياكى بۇزۇق بولۇۋالغاننىڭمۇ؟
شۇنداق، زامان بەزىدىلا ئەمەس، ھەمىشە ئاجايىپ ئىدى. شۇڭا زاماننى شەر بېسىپ كەتكەنلىكتىن خۇرسىنىش ئارتۇقچە. ئەگەر راستتىنلا خۇرسىنىشقا توغرا كەلسە شەرنىڭ زاماننى قاپلىغىنىغا ئەمەس، خەيرنىڭ سايىسىنى كۆرسەتمەيۋاتقىنىغا، ساداقەتنىڭ، مەردلىكنىڭ، مەرىپەت ۋە ھەقىقەتنىڭ ئەھلى بولغانلارنىڭ ئۆز ئىشىنى تېپىپ قىلمايۋاتقىنىغا، ۋاپا ئەھلىنىڭ، كۈرەش ئەھلىنىڭ مۇجادىلىدىن باش تارتىدىغان، ئۇھسىنىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغىنىغا خۇرسىنىش كېرەك. باتىلنىڭ داۋراڭ سېلىشلىرىغا، سەپسەتىنىڭ بازىرى چىققىنىغا ئەمەس، ھەقنىڭ پاسىبانلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقمايۋاتقانلىقىغا، تۇتامغا چىققۇدەك ھەقىقەت قورۇقچىلىرىنىڭ قالمايۋاتقىنىغا خۇرسىنىش كېرەك. دەرۋەقە، خۇددى ھېلىقى «يالىڭاچ ھەقىقەت» پورترېتىدىكى سەپسەتەگە كۆڭۈلچەكلىك قىلغان، ئۇنىڭغا يول بېرىپ قۇدۇقتىن چىقالماس بولۇپ قالغان ھەقىقەتنىڭ نۆۋەتتىكى مەھبۇس ھالىتىگە قانچە خۇرسىنىلسە، شۇنداق زاماندا ياشاپ قالغانلىقتىن قانچە ئۆرتۈنىلسە، تەئەججۈپ قىلىنسا ئارتۇقلۇق قىلمىسا كېرەك.
قويۇققىنە چۈشكۈنلۈك ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان بۇ پال - پال زاماننىڭ قىسمەتلىرى نېمىدېگەن ئاجايىپ، ھە! ئاجايىپ...راستتىنلا ئاجايىپ!
-بۇرھان مۇھەممەد
2022-12-17
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
Yorumlar
Yorum Gönder