رۇبائىيلار (ئابدۇرېھىم قاسىم)

ئابدۇرېھىم قاسىم


1

ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب، 

قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ. 

"ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن 

دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب . 


2

تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى، 

ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى. 

ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇپ، ياتقا كۆز تىكسەم، 

سانجىلسۇن كۆزۈمگە نەپرەت تىكىنى. 


3

قورقمايمەن باسسىمۇ توپان بىلەن سەل، 

ۋە ياكى جان سوراپ تۇرسىمۇ ئەجەل. 

جاھاندا قورقىمەن بىرلا نەرسىدىن: 

رەنجىسە مېنىڭدىن مېنى تۇغقان ئەل. 


4

يورۇقلۇق كۆرسەتتى ئانام كۆز بېرىپ، 

تىلىمنى سۆزلەتتى تاتلىق سۆز بېرىپ.

گۇناھكار بولمامدىم قەرزنى ئاقلىماي، 

ئالدىدا باش تاتىلاپ تۇرسام بېزىرىپ. 


5

ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە، 

يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە. 

بىر تېمىم سۈت ھەققى شۇنچە ئۇلۇغكەن، 

نېمە دەيسەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەجرىگە. 


6

بولمىسا ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرى، 

كۈلەمدۇ بالىنىڭ بەختى - تەلىيى. 

بولسىمۇ مەرتىۋەڭ ئەرشى ئەلادا، 

كەتمىسۇن قۇلاقتىن ئاناڭ ئەللىيى.


7

مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن، 

مۇقەددەس تۇپرىقىن سۆيۈپ ياتىمەن. 

ئانام ئۆز باغرىدا قۇچاقلاپ تۇرغاچ، 

بەئەينى ھاياتتەك كۈلۈپ ياتىمەن.


8

ھېچقاچان چىرايدىن ئۆلچەنمەس كىشى، 

ۋە ياكى تارازا ئەمەستۇر يېشى. 

ئاۋارە بولماڭلار ئۆلچەمنى ئىزدەپ، 

نەق باھا ئىنسانغا ئەمەلىي ئىشى.


9

بەزىلەر ياشايدۇ ئاجايىپ بېخىل، 

ئۆمرىدە ئۆزگىگە ئۆتكۈزمەيدۇ قىل. 

قەرزدار بولۇپ قالساڭ، ئۈندۈرەر سەندىن، 

پاشىنى توخۇ دەپ، ئۆمۈچۈكنى پىل.


10

بىلىمسىز ئادەمنىڭ ئەقلىمۇ قىسقا، 

تاڭ قالما ئالتۇننى تېگىشسە مىسقا. 

ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئوخشاتقىنىڭ ھەق، 

شامالدا تارىلىپ تۈگىگەن ئىسقا.


11

بەزىلەر ۋاپانى ئۇنتۇيدۇ چاققان، 

ئەسلى ئۇ بىر چايان، چاققىنى چاققان. 

ئىنسانلار رېتىدىن ئۆچىدۇ نامى،

ئاش ئىچىپ، كۆز يۇمۇپ تاۋاقنى چاققان.


12

يا بىنا قىلغان بىر گۈللۈك بېغىڭ يوق، 

باغ تۈگۈل كۆكلەتكەن بىر تال شېخىڭ يوق.

ئۆزگىلەر گۈل تىكسە قىرقىيسەن دائىم، 

قايچا بوپ ئۆتمىگەن بىرمۇ چېغىڭ يوق. 


13

ئېشەككە ئوڭلاپ مېنەلمەي تۇرۇپ، 

دۇلدۇلغا ئېسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ.

ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنىش ئاتلىق، 

بۇ يولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.


14

ئۇن قىلار ئۆمرۈمنى يىللار تۈگمىنى، 

خالىساڭ مەيلى چاچ، مەيلى تۈگ مېنى. 

ۋە لېكىن بارىمنى سۆزلىگىن ئەينەن، 

تۆگە دەپ كۆرسەتمە بىر تال تۈگمىنى.



Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك