رۇبائىيلاردىن تاللانما
ئابدۇرېھىم قاسىم رۇبائىيلىرى
1
ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئىزدىشىپ ساۋاب،
قىلىدۇ بەزىلەر مەككىنى تاۋاپ.
"ساۋاب" دەپ ۋەتەندىن كېچىش مەن ئۈچۈن
دوزاختا كۆيگەندىن بەتتەر چوڭ ئازاب .
2
تويغىچە يەپ تۇرۇپ شېرىن ئۈزۈمنى،
ۋەيران قىلامدىمەن ئۇنىڭ تېكىنى.
ئۆز يۇرتۇم بار تۇرۇپ، ياتقا كۆز تىكسەم،
سانجىلسۇن كۆزۈمگە نەپرەت تىكىنى.
3
قورقمايمەن باسسىمۇ توپان بىلەن سەل،
ۋە ياكى جان سوراپ تۇرسىمۇ ئەجەل.
جاھاندا قورقىمەن بىرلا نەرسىدىن:
رەنجىسە مېنىڭدىن مېنى تۇغقان ئەل.
4
يورۇقلۇق كۆرسەتتى ئانام كۆز بېرىپ،
تىلىمنى سۆزلەتتى تاتلىق سۆز بېرىپ.
گۇناھكار بولمامدىم قەرزنى ئاقلىماي،
ئالدىدا باش تاتىلاپ تۇرسام بېزىرىپ.
5
ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە،
يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە.
بىر تېمىم سۈت ھەققى شۇنچە ئۇلۇغكەن،
نېمە دەيسەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەجرىگە.
6
بولمىسا ئانىنىڭ جاپالىق ئەجرى،
كۈلەمدۇ بالىنىڭ بەختى - تەلىيى.
بولسىمۇ مەرتىۋەڭ ئەرشى ئەلادا،
كەتمىسۇن قۇلاقتىن ئاناڭ ئەللىيى.
7
مەن ئۆلسەم يۇرتۇمنى كۆرۈپ ياتىمەن،
مۇقەددەس تۇپرىقىن سۆيۈپ ياتىمەن.
ئانام ئۆز باغرىدا قۇچاقلاپ تۇرغاچ،
بەئەينى ھاياتتەك كۈلۈپ ياتىمەن.
8
ھېچقاچان چىرايدىن ئۆلچەنمەس كىشى،
ۋە ياكى تارازا ئەمەستۇر يېشى.
ئاۋارە بولماڭلار ئۆلچەمنى ئىزدەپ،
نەق باھا ئىنسانغا ئەمەلىي ئىشى.
9
بەزىلەر ياشايدۇ ئاجايىپ بېخىل،
ئۆمرىدە ئۆزگىگە ئۆتكۈزمەيدۇ قىل.
قەرزدار بولۇپ قالساڭ، ئۈندۈرەر سەندىن،
پاشىنى توخۇ دەپ، ئۆمۈچۈكنى پىل.
10
بىلىمسىز ئادەمنىڭ ئەقلىمۇ قىسقا،
تاڭ قالما ئالتۇننى تېگىشسە مىسقا.
ئۇلارنىڭ ئۆمرىنى ئوخشاتقىنىڭ ھەق،
شامالدا تارىلىپ تۈگىگەن ئىسقا.
11
بەزىلەر ۋاپانى ئۇنتۇيدۇ چاققان،
ئەسلى ئۇ بىر چايان، چاققىنى چاققان.
ئىنسانلار رېتىدىن ئۆچىدۇ نامى،
ئاش ئىچىپ، كۆز يۇمۇپ تاۋاقنى چاققان.
12
يا بىنا قىلغان بىر گۈللۈك بېغىڭ يوق،
باغ تۈگۈل كۆكلەتكەن بىر تال شېخىڭ يوق.
ئۆزگىلەر گۈل تىكسە قىرقىيسەن دائىم،
قايچا بوپ ئۆتمىگەن بىرمۇ چېغىڭ يوق.
13
ئېشەككە ئوڭلاپ مېنەلمەي تۇرۇپ،
دۇلدۇلغا ئېسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ.
ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنىش ئاتلىق،
بۇ يولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.
14
ئۇن قىلار ئۆمرۈمنى يىللار تۈگمىنى،
خالىساڭ مەيلى چاچ، مەيلى تۈگ مېنى.
ۋە لېكىن بارىمنى سۆزلىگىن ئەينەن،
تۆگە دەپ كۆرسەتمە بىر تال تۈگمىنى.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرى
1
مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا،
بۇرچىمىز قانچىلىك، ئويلايلى دائىم.
2
ھەرقانچە ئېگىزدە قۇش پەرۋاز قىلار،
ئوزۇقى، ئۇۋىسى يەر ئۆزرە بولار.
يەتتىنچى ئاسمانغا يەتسىمۇ بېشىڭ،
پۇتلىرىڭ يەنە شۇ تۇپراقتا بولار.
3
تاھىرغا ئۆزىنىڭ زوھراسى ياخشى،
مەجنۇنغا ھۈردىنمۇ لەيلاسى ياخشى.
مېنىڭ بۇ سۆيگۈگە چاڭقاق دىلىمگە،
ۋەتەن گۈلزارىنىڭ رەناسى ياخشى.
4
ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار،
ھەر باسقان قەدەمدىن بىر ئىزىڭ قالار،
يا ماختان، يا ئۆكۈن، ئۆزەڭنىڭ ئىشى،
ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.
5
ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس،
گۈزەلنىڭ كۆزلىرى سېنى قىلسا مەس،
كۈنۈڭ ئۆتسە ئالقىش - ماختاشلار ئارا،
ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ ئۆزى بۇ ئەمەس.
6
بىراۋلار ئەلگە قىلدى جېنىنى قۇربان،
بىراۋلار تەر بىلەن گۈللەتتى بوستان.
ئالار قۇش تۈلكىنى ئۈنسىز - تاۋۇشسىز،
قاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغقانغا مىكيان.
7
ئەل غېمى - شادلىقى ئىلھامغا بۇلاق،
ئۇنىڭسىز شېئىردا بولماس خۇش پۇراق.
كۆر، ئالتۇن قاچىغا چىلانسىمۇ گۈل،
سولىشىپ كېتەر تېز، بولمىغاچ تۇپراق.
8
ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم.
تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.
ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياغا،
ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ، چېكەرسەن ئەلەم.
9
شۆھرەت كەمەرىگە ئۇزاتقىچە قول،
ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئاغامچىسى بول.
تاجدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغىچە،
كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بول.
10
شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس،
شائىرغا ھىرىس - تاما بولمىغاي ھەۋەس.
يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزەڭ،
سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس.
11
قەددىڭنى پۈكۈپ سەن قىلمىغۇنچە يا،
ئاقمىسا تەرىڭدىن ۋە ياكى دەريا،
ئىندەككە كەلمەيدۇ بىلىمنىڭ قۇشى،
گەر بولسا قەلبىڭدە تېرىقچە رىيا.
12
ئۆتنە-يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،
بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.
بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېيىش،
ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش.
13
بىلمەكتىن مۇراد نام - شۆھرەت ئەمەستۇر،
شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر.
بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ،
ھوسۇلى ئەلگە نەپ بولسا، شۇ بەستۇر.
14
بىرەر نادان ساڭا ئۆگەتسە دانىش،
كۈلۈپ قويغىن ئاڭا، سەن قىلما كايىش.
ئېشەكنىڭ بىمەھەل ھاڭراپ تاشلىشى،
ئاتوم دەۋرىدىمۇ تۇرمۇشتا بار ئىش.
15
دۇئا قىلسا ھەرچاغ مۆمىن مۇسۇلمان،
تىلەيدۇ دوزاختىن بولماقنى ئامان.
ۋە لېكىن دوزاخنىڭ ئۆزى ئېيتارمىش:
«مەن ئۆزەم قورقىمەن ناداندىن يامان.»
16
كۆپەيسە دۈشمىنىڭ، سەن بولما غەمناك،
بېرۇر ئۇ ھەم ساڭا ئەقىل ۋە ئىدراك.
ئەگەرچە چاقمىسا ئادەمنى يىلان،
قەيەردىن تېپىلاتتى دورا - تەرياك.
17
ئۇنىكىم دوست دېمە، راھەتتە ئىناق،
ئايرىلسا سېنىڭدىن غۇربەتتە بىراق.
سايەڭگە نەزەر سال تەپەككۇر بىلەن،
يورۇقتا بىللەيۇ، زۇلمەتتە يىراق.
18
نېچۈن ئوتقا ئۇرار ئۆزىن پەرۋانە،
نېچۈن شام ئاققۇزار كۆزدىن دۇردانە.
نە بىلسۇن ھاياتنىڭ بۇ سىرلىرىنى،
تۇرمۇشتىن چەتلەشكەن زاھىد مەستانە.
19
يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پەلەك،
چېچەكسىز پەلەكتە نە قىلسۇن خەمەك.
ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى،
بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.
20
ئالتۇن ھەل يالاتساڭ كېسەكتۇر كېسەك،
گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئېشەك.
كۆرۈمسىز شۇ پىلە قۇرۇتىغا باق،
يەپ ئاددىي يوپۇرماق، بېرىدۇ يىپەك.
21
جاراڭلىق ھەر سادا بولمايدۇ ناخشا،
مۇھەببەت، نەپرەتسىز چىقمايدۇ ناخشا.
ئېشەكمۇ بەزىدە ھاڭرايدۇ قاتتىق،
ئۇنى ئەل ھېچقاچان دېمەيدۇ ناخشا.
22
ئەجىبا بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
23
ئۇنىكىم دوست دېمە غەيۋەتكە ماھىر،
سېنى ھەم قويمىغاي بىر چەتتە ئاخىر.
مىسالى چاياندۇر، ئۇنىڭ ئالدىدا
قېرى - ياش ۋە بوۋاق، دانىش بەرىبىر.
24
بۈيۈك تاغنى تالقان قىلسىمۇ ئەگەر،
ئۆزىگە تەمەننا قويماس يىگىت - ئەر.
كۆر، پىلە قۇرۇتى چېغىدا ھەر ياز،
پۈتتۈرگەچ غوزىنى، بىمىننەت ئۆلەر.
25
ياشلىق - ئۇ ئۆمۈرنىڭ تۇنجى باھارى،
باھارغا باغلىقتۇر ھەر يىلنىڭ كارى.
نېمە چاچسا يەرگە باھاردا دېھقان،
شۇنىڭ بىرلە توشقاي كۈزدە باھارى.
26
كۆكلەم-باھار كەتسە، يېنىپ كەلگەن بار،
جاندىن كەچسە جاناننى تېپىپ سۆيگەن بار.
ئېيتىڭچۇ بىر كەتكەن ياشلىق كەينىدىن،
قوغلىشىپ جاھاندا كىممۇ يەتكەن بار.
27
نەزەر سال يېقىلغان گۈلخانغا بىردەم،
ئۇنىڭ خۇلقى - مىجەزى قانداق مۈكەررەم.
يورۇتقاچ بىپايان چۆللەرنى، ئاندىن
ياتار بىر دۆۋە كۈل بولۇپ ئۇ دىلجەم.
28
كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
جاھان تۇرماق، ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ.
مۇبادا رەشك - ھەسەت قاپلىسا ئۇنى،
تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ.
29
مېنى باغدىن ئەمەس، چۆلدىن ئىزدەڭلار،
ۋە يا باغراش دېگەن كۆلدىن ئىزدەڭلار.
ئۇنىڭدىن ياخشىسى، ئۇزۇن سەپەردە
يېقىلغان گۈلخاندىكى كۈلدىن ئىزدەڭلار.
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر
1
ۋاز كەچمەيدىغانلار ھارام نىيەتتىن،
كۆپەرەك سۆزلەيدۇ سەمىمىيەتتىن.
ئالدىڭدا راۋاققا تەكلىپ قىلسىمۇ،
ئارقاڭدىن ئورا كولار ھەسەتتىن.
2
بەزىلەر ئالدىڭدا دولاڭنى قېقىپ،
ماختايدۇ ھە دېسە شالىنى چېچىپ.
ئۇلارنىڭ ساڭا تون ياپمىقى يالغان،
يۈرىدۇ پىنھاندا كېپەنلىك پىچىپ.
ئابدۇسەمەت خېلىل
1
بىراۋغا ھەرگىز قىلما يامانلىق،
ئۆلسە ئۇ ساڭا تەگمەس سامانلىق.
كەڭرى يول ئاچساڭ ئامانلىق ئۈچۈن،
ھەر كىم تىلەيدۇ ساڭا ئامانلىق.
2
قولۇڭدىن كەلگەنچە قىل ھامان ھىممەت،
ئارقىدىن ئۇنى قىلمىغىن مىننەت.
چۈنكى ئىنساننىڭ قەدرى - قىممىتى،
خالىس ئىش بىلەن ئۆلچىنەر پەقەت.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن
1
ئايلاندىم كۆپ دىيار - ۋەتەننى، ياتنى،
تاپمىدىم ئۆز يۇرتتەك قۇدرەت -
قاناتنى.
ئەل ئالتۇن بۆشۈكۈم، ئەل گۆھەر تەختىم،
قۇت بىلدىم بىر زامان چەككەن پەريادنى.
2
ئەقىلنىڭ جەۋھىرى ھېكمەت يېڭىلمەس،
ھېكمەتسىز مەنىلىك سۆھبەت تۈزۈلمەس.
چىن ھېكمەت تۇرمۇشنىڭ ئەينىكى، كۆركى،
ئەل ئامان، ھېكمەتنىڭ يىپى ئۈزۈلمەس.
3
قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ ھەر بېتى راھەت
ماڭا،
مەيلى قايغۇ، مەيلى شادلىق كەلگىنى ئامەت
ماڭا.
بولسا گەر قەلبىڭدە ھېكمەت قىلغۇلۇق جۇتنى
باھار،
بولمىسا قەلبىمدە ھېكمەت، ئامىتىم ئاپەت
ماڭا.
4
بولمىسا شاخىڭدا بۇلبۇل سەرۋى قامەت مەنىسىز،
كۈلمىسە يېنىڭدا جانان، بەختۇئامەت مەنىسىز.
زېھنۇ كارىڭنى ئەگەر ئەل، بەختىگە بەخش
ئەتمىسەڭ،
ئۆز غېمىڭ ئۈستىدە قىلغان ئىستىقامەت مەنىسىز.
5
قەلەم قۇدرەتلىك ئەجدىھا، سىياھ قان،
ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىز شاھۇ سۇلتان.
يوقالدى يەتتە گۈلشەن باغى بەھرام،
ياشار نىزامى پۈتكەن ئۇشبۇ داستان.
6
ئۆزگىنى ياراتماس ئۆزىدىن باشقا،
تەڭ كۆرمەس ياقۇتنى ئۆزدىكى تاشقا.
ۋە بەلكىم سالغاندۇر رەببىم ئەخمەقلىق
دەردىنى ئەڭ ئەخمەق رەشىكچى باشقا.
ئابدۇكېرىم خوجا
1
ئانام بوغدا زەردىن تۇتۇپ جىيەكلىك،
كىيىۋاپتۇ خان ئەتلەستىن كۆڭلەكلىك.
ئولتۇرۇپتۇ قىلىپ چوڭقۇر تەپەككۇر،
كۆك گىلەمنىڭ ئۈستىدە ئاق لىچەكلىك.
2
سالمىقى سۆزنىڭ ئەمەس ئاۋازىدا،
ياكى ناتىقنىڭ ئۇلۇغ ئەلپازىدا.
بارمۇ، يوق قىلغان سۆزىنىڭ قىممىتى،
ئۆلچىگىن چوتتا ئەمەس تارازىدا.
3
مېۋىنىڭ ئىنسان ئارا ھۆرمىتى كۆپ،
بەلكى گۈلنىڭمۇ پۇراق لەززىتى كۆپ.
ئەمما ئاددىي چاغلىما ياپراقنىمۇ،
گۈل ۋە مېۋە ئالدىدا خىزمىتى كۆپ.
4
مېۋىلىك قىلغان دەرەخنى يىلتىزى،
تولىدۇ شۇڭا ئېتەكمۇ كۈز كېزى.
مېۋىنى يېگەن بۇنى ئويلامدۇ، يوق،
بىر خۇدا بىلگەي ئۇنى ھەم بىر ئۆزى.
5
كۈندۈزى بولسا ھاۋا قانچە ئوچۇق،
كېتىدۇ سايەم بولۇپ شۇنچە قويۇق.
تۈن بىراق قورشاپ مېنى كەلسە شۇ دەم،
تاپقىلى بولماس پەقەت ئۇ ياندا يوق.
6
ئاۋۇغاي دەپ سۈتكە سۇ قوشساڭ بىراق،
سۈيى سۇچە قالىدۇ ھەم ئېقى ئاق.
چىن ھەقىقەتنىڭ سىرى شۇنداق نېمە،
سۇ كۆتۈرمەس سىركىسى ياق، زادى ياق.
7
كىم ئىشەنچكە قالسا گەر لايىق بولۇپ،
قالغىنى شۇ ئەلگە ئۇ بايلىق بولۇپ.
ئەمما بۇ مەرتىۋىگە يەتمەك قىيىن،
كەلمىسە ھەر ئىشىدا سادىق بولۇپ.
8
شوتىنىڭ رولى ئېنىق ئۆرگە چىقىش،
زادىلا پۈتۈلمىگەن تۆرگە چىقىش.
باسمىساڭ راۋۇرۇس ئاياغ بالدىقىغا،
كۈتىدۇ پەستە سېنى موللاق ئېتىش.
9
ھاك تېشىنىڭ تېشى خۇنۈك، ئىچى ئاق،
قەلبى چوغ، گەر بولسىمۇ تەرى سوغاق.
سەن ئاڭا سەپسەڭ سوغاق سۇ قانچە كۆپ،
ئىچىدىن قاينايدۇ ئوت شۇنچە ئۇزاق.
10
يازدا باقسام ياش ئىدى باغدا ياڭاق،
كۈزدە قېرىپتۇ بېسىپ قورۇق بىراق.
كاللىسىنىڭ پىشقىنى ئەمەسمۇ شۇ،
پۈتمىسەڭ، يېرىپ ئۇنى، ئىچىگە باق.
11
مامكاپ ئەنجۈرگە دەرمىش دوق قىلىپ:
«گۈل ئارا نەدىن ئېزىپ قالدىڭ كېلىپ؟»
دەپتۇ ئەنجۈر: «كەلسە كۈز ئايان بولۇر،
كەلگىنى كىمنىڭ دۇرۇس، كىمنىڭ ئېزىپ.»
12
ماركىنىڭ ھەرقانچە بولسۇن سەنئىتى،
بەرىبىر بولغاي تاۋارنىڭ زىننىتى.
تېگى پىششىق، چىڭلا بولسا شۇ تاۋار،
ماركىسىزمۇ زادى كەتمەس قىممىتى.
13
لاپ قىلىپ ياندى گۇگۇت، ئۆچتى، بىراق
قالدى تۈن ئىلكىدە ئۇندىن شام - چىراق.
كى ئۆمۈرنىڭ قىممىتى ھەم قەدرى شۇ،
بولمىسا ھاجەت نېمە ياشاش ئۇزاق.
14
- يارىشىپتۇ دوپپىڭىز سىزگە قەۋەت،
نە سەۋەبتىن كەلدىڭىز كىيمەي پەقەت؟
- بولمىسا ئۇ چاغدا باش زادى بىكار،
دوپپىغا نەدىن نېسىپ بولسۇن نۆۋەت.
15
چوت ۋە يا كەتمەننى ساپلاش تەس ئەمەس،
كېتىدۇ نايەت ئاڭا ئىرغايلا، بەس.
تاج ياساشمۇ ئانچە بىر تەس ئىش ئەمەس،
ئاڭا لايىق باش تېپىش تەس، بەكمۇ تەس.
16
ئىت ساڭا ھۈرگەندە رەنجىپ كەتمىگىن،
ھۈنىرى، خۇي - پەيلى شۇنداق ئەسلىدىن.
ھۈرمىسە قانداق ئاتالسۇن ئىت بولۇپ،
كىم سېنى بول دەپتۇ ئادەم نەسلىدىن.
17
مۇبادا پاقىلار ئاشۇ پىلىدەك،
چىقىرالايدىغان بولسىدى يىپەك.
قۇلاقنى يەپ، جانغا جازا سالاتتى،
كۇكۇراپ جاھاننى باشقا كىيگىدەك.
18
كېلىدۇ يازدا تومۇزغا، ئۆزىچە،
ناخشا ئېيتار توختىماي كۈندۈز - كېچە.
ئېيتقىنى ئېيتقان ئۇنىڭ بىر ناخشىنى،
بىلمىدىم ئېيتار يەنە قاچانغىچە.
ئابدۇكېرىم مەخسۇت
1
مەن يىغلاپ تۇغۇلدۇم، كۈلۈپ ياشايمەن،
ھاياتنى قەدىرلەپ، سۆيۈپ ياشايمەن.
بىلىم ئىشتىياقى قەلبىمدە چەكسىز،
ئۆمۈرنى ئۇزاققا سوزۇپ ياشايمەن.
2
تارىخ مەندىن دائىم ئالار ئىمتىھان،
بۇ ئىمتىھان مېنى تاۋلايدۇ ھامان.
مەن خۇشال، بەختىيار، تامچە تەرىمدىن
خەلقىم بەھرە ئېلىپ بولسا شادمان.
3
تېنىڭدە بار ئىكەن جېنىڭ مەرد يىگىت،
ئەجرىڭدىن چۆللەرنى بوستان ئەت يىگىت.
ياۋ رۇستەم بولسىمۇ ئەگمە بېشىڭنى،
ۋەتەن دەپ ئالەمدىن خۇشال كەت يىگىت.
4
ۋۇجۇدۇڭ چۆمۈلسە كۈمۈشتەك تەرگە،
يىللارنىڭ كۆكسىنى چۈمكەيدۇ زەرگە.
قازا ئۇزارتسىمۇ سېنى يەرلىككە،
نۇر كەبى ئىجادىڭ كۆمۈلمەس يەرگە.
5
يىل ئىكەن ئۆمۈرگە ئۆلچەم ۋە مىزان،
ئەزەلدىن بۇ ھېساب ھەممىگە ئايان.
ھاياتنىڭ قىممىتىن ئانا تۇپراققا،
تۆكۈلگەن ھەر تامچە تەر قىلۇر بايان.
6
مۇشەققەت - ھالاۋەت قوشكېزەك ئەسلى،
قىش ئۆتسە كېلىدۇ گۈل باھار پەسلى.
يەڭ تۈرۈپ تەر تۆكسە ئانا يەرگە كىم،
يار ئاڭا تۈگىمەس خەزىنە ۋەسلى.
7
ئۆمۈرنىڭ گۈل پەسلى - كۆكلىمى ياخشى،
كۆكلەمنىڭ مىننەتسىز تەقدىمى ياخشى.
ھەسرىتىڭگە ئۆتمۈش قايتىپ كەلمەيدۇ،
بىلگىنكى، بۈگۈننىڭ ھەردىمى ياخشى.
8
سۆكىمەن قەلەمدە مەن نادانلىقنى،
تىلەيمەن ۋەتەنگە تىنچ - ئامانلىقنى.
خۇشالمەن مۈشكۈلنى كۆتۈرگىنىمگە،
دوستلارغا قالدۇرۇپ بار ئاسانلىقنى.
9
ساقىيا، مەي تۇتساڭ گەر بولۇپ ھەمدەم،
ئۈلپىتىم بولسىمۇ زوھرا ۋە سەنەم.
لېۋىمگە بىر نەپەس قونمايدۇ كۈلكە،
بولمىسا خەلقىمنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم.
10
ئالمىنى قولۇمغا ئالغان چاغدا مەن،
سېزىمەن ئۆزەمنى گۈلشەن باغدا مەن.
ناخشامدىن بىر ئالما يېگۈزمەي ئەلگە،
كۆز يۇمسام، كېتەرمەن ھەسرەت داغدا مەن.
11
گەر بولسا ئىنساندا روھى گادايلىق،
بوستانلار بولىدۇ قاقاسلىق - سايلىق.
نادانغا بىر نەپەس مېھمان بولغاندىن
مىڭ ئەۋزەل ئاقىلغا قىلغان مالايلىق.
ئابدۇللا ساۋۇت
1
مەنسەپكە چىققاندا ئۈلپەت كۆپەيدى،
مەدھىيە، ئالقىش، ھۆرمەت كۆپەيدى.
كەتكەندە ئىلكىمدىن مەنسەپ ۋە ھوقۇق،
ھەممىسى دومسايدى، تۆھمەت كۆپەيدى.
2
مەيدىنى ئاغرىتقان ئاش-غىزا يامان،
دوست ئارا بەد گۇمان، ئۆچ-نىزا يامان.
ئىناقلىق كىشىگە بېرىدۇ راھەت،
ئاداۋەت كەلتۈرگەن ئار - ئىزا يامان.
3
ھايات ئۆركەشلەپ ئاققان بىر ئېقىن،
ياشلىق كۆكتىكى چېقىلغان چېقىن.
ئۆتكۈزسەڭ بىھۇدە ئاشۇ ياشلىقنى،
كەچكۈر گۈلىدەك سولمىقىڭ.
ئابدۇللا سۇلايمان
1
بىر كۈنى دىلىم غەش، ئىچكەنتىم شاراپ،
كەيپ بولدۇم، مەي - مەسلىك تېنىمگە
تاراپ.
چىقتى جام تېگىدىن بوۋامنىڭ ئۈنى:
"ئەقلىڭدىن خوشلاشما مۇنچە
ئالدىراپ!"
2
ماڭلايدىن تۆكۈپ ھەر كىم ساپ ئەجرى تەر،
باغ بىنا قىلسا، شۇلا ھەقىقى ئەر.
ئەر ئېلىپ نۆۋەت، سالسا بىر تال ئۇرۇق،
يەر ئېلىپ ئاندىن نۆۋەت، بېرىدۇ زەر.
3
بىر ھېسابتا ئىنسان ئوخشار لەگلەككە،
گايىدا خىيالى ئۇچار پەلەككە.
بىھۇدە خىيالنىڭ يىپىنى تارتقىن،
ئۇچىنى چىڭ باغلاپ ئۇلۇغ تىلەككە.
ئابدۇۋەلى ئېلى
1
ئوقۇسام ئەجدادلار ئەجرىدىن قىسسە،
زوقلىنار ۋۇجۇدۇم كۈچ كىرىپ ھەسسە.
مەن ئەلگە ياققۇدەك نېمە ئىش قىلدىم؟
دېسەملا قەلبىمدە خىجالەت غۇسسە.
2
بەزىلەر كەلمەكتە چۈشمەي سەپ بىلەن،
جاھانغا ماسلىشىپ ھەر خىل ئەپ بىلەن.
ۋىجدان بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق،
ئۆلچەيدۇ ھەممىنى پەقەت نەپ بىلەن.
ئابلەھەت ئابدۇللاھ
1
كەلگۈسىدە مارسقا سېلىنسا بىر يول،
ئادەملەر ئۇچۇشسا شادلىنىپ ئۇدۇل.
شۇندىمۇ ۋەتىنىم، بىر گىيا بولۇپ،
باغرىڭدا ياياتتىم يەنىلا تومۇر.
2
كىم ياخشى كۆرمەيدۇ شېرىن ئالمىنى،
كۆزنى يەپ، دەپ تۇرسا "قېنى، ئال مېنى!"
نە ئۈچۈن ئۈرتەنمەس ۋىجدان غەزەپتىن،
ئالما يەپ، باغۋەنگە ئاتسا چالمىنى.
3
سۆزلىمەك ھەممىدىن ئاسان ۋارقىراپ،
سۆز ئەمەس كىشىنىڭ ھەرىكىتىگە باق.
بەزىلەر سۆز بىلەن كۆككە يامىشار،
ئىشىدىن باراڭغا چۈشمەيدۇ قاپاق.
ئابلىمىت ھاجى
1
بۇ دۇنيا بىز ئۈچۈن بىر قونالغۇ دەڭ،
شۇ دەڭگە تۆت كۈنلۈك مېھمانسەن ئۆزەڭ.
ئۆمرۈڭنى قەدىرلە، ۋاقتىڭنى ئۇچلا،
بىر نىشان قالدۇرغىن ئۆلمەيمەن دېسەڭ.
2
نادان ئۆلۈپ ناھايەت يەتتىسى ئۆتتى،
كۈندۈزدىكى چۈشتەكلا ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
ئالىم ئۆلۈپ نەچچىلەپ ئەسىرلەر ئۆتتى،
بارغانسېرى شۆھرىتى پەلەككە يەتتى.
3
ھەسەتخور ھەمىشە راھەتتىن يىراق،
راھەتسىز كەسىپتىن كېچەلمەس بىراق.
بولمايدۇ بىر مىنۇت ئاراملىق ئاڭا،
بۇنداق ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشىراق.
ئابلىز ھوشۇر
1
شاھلىقتىن يوق ئەسلا تامايىم مېنىڭ،
ئېلىم، سېنىڭ رايىڭ ھەم رايىم مېنىڭ.
سەن بەخت دېسەڭ بۇ - بەختىم غۇرۇرۇم،
گەر گۇناھ دېسەڭ شۇ گۇناھىم مېنىڭ.
2
مەيلى سەن نۆۋىتى بەزمىدە ئولتۇر،
نۆۋىتى ئەمەل كۈت خەزىنىدە ئولتۇر.
تۇپراققا كىرگىچە جىسمىڭ، ئەل ئۈچۈن
ئۆمرۈڭنىڭ جامىنى شەرۋەتكە تولدۇر.
3
دىلىڭدا بارىنى تىلىڭغا دېگىز،
قېتىقنى قايماق دەپ ماختىما ھەرگىز.
كومزىكىڭ چېقىلسا سېرىڭ ئاشكارا،
بەرىبىر قاپ ئىچىدە ياتمايدۇ بىگىز.
ئابلىز ئۆمەر
1
كەڭ ئەلۋەك داستىخان گويا ھاياتلىق،
رىسقىڭنى ئالىسەن ئەجرىڭگە لايىق.
نېمىنى تېرىساڭ ئورۇيسەن شۇنى،
زۇۋۇلاڭ ئاققۇزغان تەرىڭگە تالىق.
2
بەزىلەر سەسكىنەر غەزەپتىن ئەجەپ،
قىلىدۇ ھەمىشە تەبەسسۇم تەلەپ.
مەن دەيمەن: مىڭ ياخشى، ساختا كۈلكىدىن،
گەر ئاچچىق بولسىمۇ ھەققانىي غەزەپ.
ئابلىكىم خېۋىر
1
ئاۋايلاپ دەسسىگىن قوچۇ توپىسىن،
ئاپرىنچۇر تېكىننىڭ بېشى بولمىسۇن.
بۇتلار مېھرابىنى لايدىن دېمىگىن،
ئىدىقۇت گۈزىلىنىڭ قېشى بولمىسۇن.
2
ئىجتىھاد تالانتنىڭ ئىنىگانىسى،
تالانت شۇ ئانىنىڭ ئەركىن بالىسى.
ئاق سۈت بوپ قۇيۇلار تالانت تېنىگە،
ئىجتىھاد تەرىنىڭ ھەر دۇردانىسى.
ئارسلان
1
بۇ ئۆتكۈنچى ئالەم، ئۆتىمىز چاپسان،
كىملەردىن قالمىغان ئىدى بۇ جاھان.
ئەل ئۈچۈن ئىشلەيلى، پەقەت ئەل باقى،
قايتا كەلمەكلىك يوق، كەتمەكلىك ئاسان.
2
تۆكمە ياش ئۆتكەننى قىلىپ تولا ياد
بۇ دۇنيا پەرۋاسىز، قانچە دېسەڭ داد.
ئېچىنما كەتكەندىن، قورقما كېلەردىن،
ئۈمىدلەر ئۆمۈرنى قىلىدۇ ئاۋات.
3
ياشلىقتا غەم ئەمەس، خۇشاللىق كېرەك.
چاقنىسۇن گۈزەللىك، قاينىسۇن تىلەك.
ئالدىرا، بوش قويما ئالتۇن پەسىلنى،
قېرىلىق سوغىدا سوۋۇيدۇ يۈرەك.
4
كەلمەيدۇ خۇشاللىق قايغۇ - ئازارسىز،
زەپەر يوق، شەرەپ يوق جاپا – دىشۋارسىز.
ئىجادتا بىلەيلى دەمنى غەنىمەت،
ئەجەلنىڭ كەلمىكى ھامان قارارسىز.
5
يەر مېنى باقتى ھەم باقىدۇ ھامان،
نېمىشقا ئۇ ماڭا شۇنچە مېھرىبان؟
مەن يەرگە قەرزدار، سادىق، چۈنكى ئۇ
بوۋىلار جىسمىدىن پۈتكەن - يارالغان.
6
تانسىغا ئالدىراپ كۈتىسەن تۈننى،
قولۇڭدا پاتۇرماق بولىسەن كۈننى.
سۆرەيدۇ لەھەتكە سېنىمۇ شۇنداق
ۋاقىتنىڭ زەنجىرى چىقارماي ئۈننى.
7
باتۇرلارنى ئاز كۆرىدۇ بۇ جاھان،
ساتقۇنلارنىڭ تېپىلمىقى بەك ئاسان.
باتۇر ئۆلسە، يەر قۇچاقلار، كۆك
يىغلار،
ياتالمايدۇ گۆردە ساتقۇن تىنچ -ئامان.
Yorumlar
Yorum Gönder