بىلىمخۇمار ئەپەندىگە رەددىيە (مەۋلانا)
مەۋلانا
ئېلاۋە:
تۆۋەندىكىلەر ئەسلىدە ئۇشبۇ ئادىرىستىكى
http://bbs.izdinix.com/forum.php ... amp;page=8#lastpostبىلىمخۇمار ئەپەندىگە ئائىت يازمىغا يېزىلغان، خۇددى ئۇ كىشى ئۆز ئىنكاسىدا: مەن ئالدى بىلەن سىزدىن 2 مۇھىم سوئال سوراپ باقسام (بۇ بۇ سۆھبەتكە ئافىيفىي، تەۋبە، پىداكار، ئازھەرى، مەۋلانە قاتارلىق باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ قاتنىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن) دەپ ئېيتقىنىدەك، ئۇكىشىنىڭ ماقالە ۋە ئىنكاسلارغا قارىتا بىرىلگەن تەنقىد ۋە تەكلىپ-پىكىرلەرگە تۇتقان پوزىتسىيسى ئۈچۈن جاۋاب سۈپىتىدە خاس سۆھبەتكە قارىتىپ يېزىلدى.
1-
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك بىلىمخۇمار ئەپەندى. ئەسلى بۇ تېمىڭىز ھەققىدىكى تۇنجى ئىنكاسىمغا بەرگەن جاۋابىڭىزغا قارىتا سىز خاتا ھەزىم قىلىۋالغان نەرسىلەر ھەققىدە تۈزۈك سۆز ئاچاي دەپ بولۇپ، سەبرىمنى بىسىۋالغان ئىدىم.
تېمىغا قوشۇلغان نۇقتىلارغا كەلسەك، ئىمام قەردەۋىينى مىسال قىلساق، ئۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەزھەرىلەر نەزىرىدىكى ھەقىقى خەلقارالىق دىنى ئەرباب بولۇشقا مۇناسىپ كىشى بولىشى بىلەن بىرگە، ئىشغالىيەت ۋە غەيرى ئىسلامى مەدەنىيەتلەر تەسىرىنىڭ سەلبى ئاسارەتلىرى ئاساسىدا، شۇنداقلا، پىكىرى جاھانگىرلىك ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ئىلىپ بىرىلىۋاتقان دىنغا قارشى يۆلۈنۈشتە ھەرخىل دەرىجىلەرگە ئايرىلغان ئېقىم ۋە بۇ ئېقىم زىيالىلىرى تەرپىدىن ئىسلام ئەھلىنىڭ نەچچە ئەسىر داۋام قىلىپ كەلگەن شانلىق مەدەنىيتى ۋە دىنى ئەقىدىسىغا، ئىدىيسىگە قارىتا ئىلىپ بارغان ناچار ئىدىيلەر تەشۋىقاتى سايىسىدە چوڭ بولغان بۇ زامان ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۆز دۇنياسىنىڭ ئاجىز ۋە قالاق قىلىشىدا دۈچ كېلىۋاتقان دىنى ۋە مەدەنى كىرزىسلىرىغا ھەل قىلىش يولىنى تېپىپ بەرگەن ئىسلاھاتكارلاردىندۇر.
ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى خاس شەرقتىلا بولماستىن، ئىسلام دۇنياسىدىن سىرت غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ئىسلام ئويغۇنۇش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا زور تەسىرلەرنى، يېڭىلىقلارنى يارىتىپ، دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئېگە بولغان، دۇنيانىڭ شەرقىدىن غەربىگە، ياۋرۇپا ۋە ئورتا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار كۆپ جايلاشقان رايون-ئەللەرگە بىرىپ تۈرلۈك تېمىلاردا لىكسىيەلەرنى بەرگەن، ئىسلام تەشۋىقات خىزمىتى جەھەتتە بالاغەتكە تولغان مەزگىلىدىن تارتىپ تاكى ھازىرقى 88 يېشىغا قەدەر توختىماي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىسلام يولىدىكى تىرىشچانلىق ۋە خىزمەتلىرى، ھەر يېلى، ھەر مەۋسۈمدە، ھەر تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە ئۇيۇشتۇرىلىدىغان خەلقارا دىنى يېغىن ۋە بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ ۋە قاتنىشىپ شاھىد بولغان ئىلمى كېڭەش ۋە قۇرۇلتايلارغا ۋاقتىنىڭ ۋە سالامەتلىكىنىڭ يار بېرىشىچە قاتنىشىپ خەلقئارا سەھنىلەردە سورۇن ئەھلىنىڭ سەردارى ۋە سۆز ساھىبى بولۇش شەرىپىنى قولغا كەلتۈرگەن بىر ئالىمنىڭ نۆۋەتتىكى تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك فىقھى قاراشلىرىنى نەقىل ئەكەلگىنىڭىزنى كۆرگەندىن كىين، ئۆزىڭىزنىڭ كەتكۈزگەن تەرەپلىرىنى ھەر ھالدا ھېس قىلدى، ياش جەھەتتىن قارىغاندىمۇ مۇنبەردە كىملەرگىدۇر ئاكا سۈپەت، كىملەرگىدۇر ئاتا، يەنە كىملەرگىدۇر بۇۋا بولۇش سالاھىيتىغا ئىگە بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ھەممىمىزنى كەسپىڭىز مەيدانىدا تۇرۇپ پەخىرلەندۈرۈش تۇيغۇسىدا مۇئامىلە قىلىشىمىزغا مۇناسىپ بولۇپ كېلىۋاتقان بىر ئالىم ۋە پەزىلەتلىك بىرى دەپ تونۇغانلىقتىن ئارتۇقچە دە-تالاشقا يول بولماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ جاۋاب قايتۇرمايراق تۇرغان ئىدىم.
تۈنۈگۈندىن بىرىقى ئارقا ئارقىدىن ئېچقارنىڭىزنى تۆكۈپ تۇرۇپ يېزىۋاتقان يازمىلىرىڭىزدىكى، ئۆزىڭىزنىڭ ئىخلاسكار كىشىڭىزگە نىسبەتەن مۇتەئەسسىپلىك، ئۆز مىللەتداشلىرىڭىز ئېچىدىن چىققان ئالىم ۋە يېتەكچى كىشىلەر سالاھىتىدىكى ئۇيغۇرنىڭ دىنى، ئەقىدىسى ۋە ساغلام مەدەنىيتى ئۈچۈن سائەتلەرچە ئەمەس، كۈنلەرچە پايپىتەك بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان، بەزىلەردەك قۇرۇق نەزەرىيەلا ساتماستىن ئەمەلىي ئىشلاردىمۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە بىراۋغا داد ياكى زارلانماستىن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان كىشىلىرىڭىزگە قارىتا دارتمىلاپ تۇرۇپ سىز ئۈچۈن غەرپنىڭ ساپاسىغا ئۇيغۇن باھا، ئەمما، ئۇيغۇر ئەخلاقىغا نىسبەتەن ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچىدىن چىققان ئالىم ۋە پەزىلەتلىك كىشىلىرى ئۈچۈن بىر ھاقارەت بولىدىغان سۈپەتلەشلەرنى ئۇلارغا بىۋاستە قىلمىغاندىمۇ، دارتمىلاپ تۇرۇپ ئىشلىتىشىڭىز، رەددىيە ھىساۋىدا ئۆزىڭىزنىڭ ئىخلاس قويغان كىشىڭىزنى ئاتايىن تەرپلەپ بىلىم ساھەسىدە كاللىمىشاڭ يېزىلغان ئوقۇش تارىخىنى دىيەسلىتىپ تۇرۇپ كۆپتۈرمە قىلىشىڭىز، بۇ ئاز كەلگەندەك، ئۇيغۇرنىڭ يېقىنقى دەۋر تارىخىنى بىرچەتكە قايرىپ قويغان ھالدا، دۇنيانىڭ ھېچقانداق يىرىدە شارائىت ۋە ياشام تەرزىدە ئوخشىشى تىپىلمايدىغان بىر مىللەتنىڭ موھىتى ۋە شارائىتىنى قاراپ تۇرۇپ قارىسىغىلا ئامىركىنىڭ ئۆز مۇسۇلمان ۋەتەنداشلىرى ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن موھىتى بىلەن قىياسلاپ تۇرۇپ، گويا ئامرىكا مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئەھلى كىتاب ئىدىلوگىيسىغا تەۋە ئامرىكا ھاكىمىيتى مۇناسىۋىتىنى، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ئالەمگە مەشھۇر كومىنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى جوڭخوۋا خەلق جۇمھۇرىيتى ھاكىمىيىتى مۇناسىۋىتىدەك ئوخشاش قاراپ ئامرىكىدەك دىمكوراتىك دۆلەت مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىن چىققان دىنى زىيالىلارنىڭ ئىجىتىمائىيەتتىكى ئىمتىيازىنى، جوڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ئىگە بىر دۆلەت تۈزىمىنىڭ سايىسىدە دىنى ئىمتىيازلارنى يارىتىپ، ھەتتا، تايانمايمۇ ئۆز تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسىنى پىشىپ مەي قىلدۇرۇپ ئارقىدىن توختاپ قالماي يەنە، ئۆز مىللىتى بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشكە تىرىشىۋاتقان بىر ئەلنىڭ زىيالىلىرىنى سېلىشتۇرغاندەك سىياقتا، ئۇيغۇرلاردىن مۇنداق مۇنداق خەلقارالىق ئىمتىيازغا ئىگە بولغانلار بارمۇ؟ مۇنداق مۇنداق قىلالامدۇ يوق، دېگەندەك، خۇددى قىلىش ئىمكانىيتى جەھەتتە باشقا ئەللەرنىڭ مۇسۇلمانلىرىدەك سىياسى، ئىقتىسادى غەمخۇرلۇقلارغا تويۇنۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغاندەك، گويا سوئال ئەمەس، بىر مەسخىرە تۈسىنى ئالغان سوئالسىمان گەپلەرنى ئوتتۇرغا قويىشىڭىزنى كۆرۈپ، ئىنكاسىڭىزدىكى بەزىلەرنى ۋاي-ۋايغا سېلىۋەتكەن نۇقتىلارغا سىزگە ياقمىسىمۇ بىر يورۇتما بىرىپ قويۇشنى زۆرۈر قاراپ قالدىم. ھەم، بۇ ئىنكاسلارنى يېزىشىم، سىز جاۋاب بىرىشكە تەكلىپ قىلغانلار تېزىملىكىدە كەمىنىمۇ تىلغا ئىلىنغان بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئىنكاسىڭىز ھەققىدە سۆز يۈرۈتۈشكە ئۈزۈمنى تامامەن ھەقلىق دەپ قارايمەن.
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلار 50- يىللاردىن كىينكى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىغا ئوخشىغان ۋە ئوخشاپ قالغان بىر قاتار ئۆزگىرىپ تۇرغۇچى ھاۋا رايىلار تەسىرىدە پۇلدارلار، بىلىم ۋە دىن مەرىپىتىدە يىتەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ غەيرى رەسمى قازالارغا قۇربان بولۇپ كىتىشى، ھەرخىل ئامىللار تەسىرىدە ئىسلاھات ئىشىكىنىڭ ھازىرقىدەك كەڭرى ئېچىلماسلىقى سەۋەبلىك تالاي ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە ماددىي پاراۋانلىقتا ھازىردىن ماھىيەتتە پەرقسىز ھالەت ئېچىدە مەيلى دۇنياۋىي، ۋەياكى دىينى مەرىپەتتە خەلقارالاشقان موھىتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى بىر قوللۇق پەيدا قىلىش ئىمكانىيتى بولماسلىقى، بولۇپمۇ 10 نەچچە مىلىيون ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە، فىزىكا ئىلمى ساھەسىدە سىزدەك بىر ئادەمنىڭ بولسىمۇ ماددى تەرەققىياتتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆۋلەتلەردە ھايات كەچۈرۈپ، بىلىم ئىلىپ يۈرۈپ ناساغا ئوخشىغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرىدىن نەچچىلىگەن تەتقىقاتچىلار ئىچىدە بىرەر سانغا مۇۋەپپەق بولالىشىدەك تەلەيگە ئاران نىسىپ بولالايدىغان موھىتنىڭ ئادەملىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرنىڭ سىز سوئال قويغاندەك ھالەتكە كېلىشىگە ھازىرقى ئەمەلى رىئاللىق نۇقتىسىدىن گەرچە ئادەم تەل بولسىمۇ كەڭتاشا موھىت ھازىرلىقى يارىتىشىغا ۋە «خەلقئارا» دىيىشكە ھەقىقى مۇناسىپ مەيدانلاردا تەكلىپلىك ئىشتىراكچىلار، دوكىلاتچىلار، يەنە سىز چوڭ بىلىدىغان خەلقئارالىق ئەربابلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە يەنە نەچچە قوغۇن پىششىقى بار بولسا كېرەك. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ سىزدەك دىننى نەچچە پارچە تەرجىمە ماقالىنى بىيتىش ئاساسىدا يېزىلغان دىنغا دائىر ماقالىلەر ئىگىسىنىڭ سايىسىدە چىقالمايدىغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر. بەلكى، مەن ئۆزۈم ياشاپ باققان ۋە كۆرۈپ بىلگەن ئەھۋللاردىن قارىغاندا بۇنداق كىشىلەرنىڭ چىقىشىدا يەنىلا ئۈمىد بار بولۇپ، بۇلار دەل سىز تېگى-تەگدىن بىلمەي سۈپەتلەۋاتقان ئاشۇ ئاتالمىش مەسئۇلىيەتسىز، ئاڭسىز، ساپاسىز، يەنە قانداقتۇر سىزنىڭ خاتالىرىڭىزغا تۈزۈتۈش ۋە تولۇقلىما بېرىپ ھاماقەتلىك قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇل سېلىشى ئاساسىدا مەيدانغا كېلىدۇ. شۇنداقلا كەلگۈسىدە ئاشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنىڭ رىئال بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىرالايدىغان كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئۈمىدىمىز بېھىسابتۇر.
ئۇنداقتا، سىز بىلمەيۋاتقان بۇ زىيالىلار قانداق بىلىم تەھسىل ئالغان؟ ياكى سىزنىڭ ياسىر قازى ھەققىدىكى سوئالىڭىز بويىچە بولغاندا قانداق سىستىمىدا بىلىم ئالغان؟ ياكى ئېلىۋاتىدۇ؟
جاۋاب شۇكى، ياسىر قازى ئوقۇغان ئومۇمى ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەن بىر تەرەپلىمە پىكىرلەرنى تارقىتىپ قويۇشتىن خالى بولالمىغان ئۇنىۋىرستىتلاردا ياسىر قازى 10 يىللىقنى 8 يىللىقتا تاماملاپ ئوقۇغان بولسا، تالاي ئۇيغۇر يېگىتلىرى ئەزھەردىن ئىبارەت مىڭ يىللىق تارىخ مابەينىدە ھەر دەۋرگە خاس ياراملىق دىنى ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈشتە تەجىربىدە مول، پىشىپ قاق بوپ كەتكەن، يېلتىزى چىڭ، دائىرسى كەڭ، سېستىمىلىق بىر مۇئەسسەسەدە بولۇپ، نۆۋەتكى دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسىتىدىكى كەڭچىللىكى ۋە چەتئەلدە نورمال بولغان دىنى مائارىپلاردا تەربىيلىنىشتىكى يولنى تارايتىۋالماستىن ئىمكاننى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىدا يارىتىپ چىقىپ ئوقۇشقا مەيلى دەۋاتقان بىر ھالەتتە ئەزھەرنىڭ باشلانغۇچتىن باشلىنىدىغان ئاز دېگەندە 7 يىلدا تاماملىشى پىلانلانلغان مەكتىپىنى سەۋىيە ئىمتاھانلىرى ۋە ئارىدا قابىلىيەتلىكلەرگە پۇرسەت چىقىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مۇسابىقە پائالىيەتلىرىدە ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ ئازكەم 7 يىللىق ئوقۇشنى تېز دېگەندە 3 يىل نورمال مۇددەتتە تاماملاپ ئۇنىۋرسىتىتقا كىرىدۇ ۋە كىرىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۇنىۋىرسېتىتقا كىرىش ئىلتىماس قىلغاندا تېئولوگىيە پاكولتىتىغا ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئىككى يىلدا كەسپكە چىققانغا قەدەر ئومۇم پەن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ يېلىغا كەم دېگەندە 17،16 پەندىن دىن ساھەسىگە چىتشلىق ھەرساھە پەنلەردە ئوقۇشنى تاماملاپ بولغاندىن كىين، ھەدىسشۇناسلىق، تەپسىرشۇناسلىق، ئەقىدە ۋە پەلسەپە، دەۋەت-تەشۋىقات قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە ئۆزىنىڭ قىزىقىدىغان ساھەسىگە بېقىپ بىر كەسپنى تاللايدۇ ۋە شۇنى ئاساس، قالدى ساھەنىڭ پەنلىرىنى ياردەمچە سۈپىتىدە ئاساسى بىلىم قىلىپ ئىلگىرلەيدۇ. پاكولتىت پۈتكەندە، كەسپتە قايسىسىنى پۈتتۈرسە، ماگىسترلىق ئوقۇشىنىمۇ شۇ كەسپ بويىچە تاللايدۇ. قانداقتۇر ياسىر قازىدەك ئەرەپ تىلى پاكولتىتىنى، پۈتتۈرۈپ، پاكولتىتتا ئوقۇغان كەسپكە مۇناسىۋەتسىزلا بىر كەسپكە ماگىستىرلىق ئوقۇيتتىم دىسە، ماقۇل دەيدىغان ئىش بولماستىن، نېمە كەسپ پۈتتۈرگەن بولسا، شۇ كەسپ بويىچە ماگىستىرلىقتا يۇقىرىلاپ ئوقۇيدۇ. ئاندىن يەنە شۇ كەسپتە خەلقارالاشقان ساپاغا مۇناسىپ دىنى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملايدۇ.
ئەرەب ئىسلام تەتقىتاتى پاكولتىدا پاكولتىت پۈتكۈزگەنلەر بولسا، ئۇلار پاكولتىت پۈتكەنگە قەدەر پۈتۈن ئومۇم پەنلەردىن كەسپ تاللىماي ئوقۇپ پۈتتۈرىدىغان بولغاچقا يۇقىرىقى كەسپلەر بويىچە فىقھىشۇناسلىق قوشۇلۇپ خالىغان 4 كەسپنىڭ بىرىدە ماگىستىرلىق ئىلتىماسىنى قىلالايدۇ. ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى پاكولتىتىنى پۈتكۈزگەنلەر بولسا، پاكولتىتقا دەسسىگەندىن تارتىپ تاكى دوكتۇرلۇققا قەدەر شۇ كەسپنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇشنى تاماملايدۇ.
بۇ پاكولتىتلارنىڭ ئوقۇتۇش يۆلىنىشى بولسا، دىن بىلىملىرىنى ئاساسى گەۋدە قىلىش بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىيلىقى ۋە بىلىم قۇرۇلمىنىڭ كۆپ قىرلىقى بولۇشتەك تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشتە سەل قارىمايدۇ. مەسىلەن، ھەرقايسى كەسپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىدە، ھامان تېئولوگىيە، سېلىشتۇرما دىن تەتقىقاتى، تارىخ، ئىتىكا، ئىسلام ئىقتىسادى، جەمىيەتشۇناسلىق، ئىسلام پەلسەپىسى، ئومۇم پەلسەپە، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى، سېلىشتۇرما قانۇنشۇناسلىق، پىسخولوگىيە قاتارلىق بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك پەنلەرمۇ قوشۇلۇپ دەرسلىكلەردە كەڭ يەر ئالىدۇ.
دېمەك، بۇ يەردە، دىندا سىستىمىلىق ئوقۇش مۇشۇخىل يۆلىنىشنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئىسلاھات سىرتقا قاراپ ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرنىڭ دىنى مەرىپەتتە سېستىمىلىق خەلقئارالاشقان بىلىملەرنى دىننىڭ ئۇرۇقى بىخىلاپ كۆكلىگەن ۋە خەلقارالاشقان ئۇنىۋىرسىتىتتا تەلىم ئىلىش پۇرسىتى بولغان يېقىنقى يېللاردىن بۇيان، دوكتور ئابدۇلئەزىز، دوكتۇرانت ھەبىبۇللاھ توختىغا ئوخشىغان ئۆز كەسپىنىڭ پىشقان بىلىم ئەھلىلىرى، دىنى بىلىم يۇلدۇزلىرى مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. (ئەلۋەتتە، پۈتۈن پەن زىيالىلار قاتلىمىغا نىسبەتەن كەسپىگە خام، تەجىربىسىز كىشىلەر چىققىنىغا ئوخشاش، دىنى ساھەدىمۇ بۇنداقلار چىقىپ تۇرىدۇ.)
گەرچە سىزدەك بۇخىل مۇئەسسەسەنىڭ مائارىپىدىن بىخەۋەر كىشىلىرى، ئۇيغۇرنىڭ سۈيىنى ئېچىپ چوڭ بولغان، ئۇيغۇرنىڭ باغرىدا چوڭ بولۇپ، ئۇيغۇرنىڭ باغرىدا خىزمەت قىلىشقا ئۆز تىرىشچانلىقلىرىنى سەرپ قىلىۋاتقان كىشىلەرنى دارتمىلاپ بولسىمۇ ساپاسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىز دېگەندەك سۈپەتلەرگە نائىل قىلىپ قويۇش بىلەن تەڭ، ئۇلارنىڭ شارائىتىغا ۋە ئىمكانىيتىنى زالدا كىنو كۆرگەندەك ئەينەن كۆرىدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەجىر مېھنەتلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇش، ياسىر قازى ھەققىدىكى ۋە باشقا مەسىلىلەردىكى بەرگەن باھالىرىغا ئىجابىي قاراش تۈگۈل، ئۆزىڭىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى بىھۇدە ئاقلاشتىن ھارماي، تۆت ئېغىز تەنقىدنى ئەپلەپ ئۈستىڭىزگە ئېلىشتىن ھېيقىپ يەنە دىنى زىيالىلارغا ئارتۇقچە سۆزلەر بىلەن ئەدەپسىزلەرچە نامۇۋاپىق سۈپەتلەرنى دارتمىلاشلىرىڭىز كىشىنى بەكلا ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
مەسىلەن، ئىنكاسىڭىزدىكى مۇنۇ ئابزاسقا قارايلى:
«مەن دىن ئۈستىدىكى تېمىلارنى يېزىشنى باشلىغاندىن بۇيان، بىزنىڭ بەزى زىيالىيلىرىمىز ماقالىغا باھا بېرىش ۋە ياسىر قازىغا باھا بېرىشتە ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك، ئاڭسىزلىق ۋە ساپاسىزلىق ھادىسلىرىنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. مەن بەزىدە بۇ جەھەتتىكى غەرب ئەللىرىدىكى زىيالىيلاردا بار بولغان مەدەنىيەتلىك سۈپەتلەرنى جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا شەرقتە يېتىلدۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ، دەپمۇ ئويلاپ قالىدىغان بولدۇم.»
يۇقىرىقى جۈملىدە ئىيتقانلىرىڭىز دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ ياسىر قازى ھەققىدىكى باھاسىغا بەرداشلىقىڭىز يەتمىگەنلىكتىن، مۇتەئەسسىپلەرچە ئىبارە سۈرۈش بىلەن بىرگە، مۇناسىۋەتسىز ھالدا غەرب بىلەن شەرق زىيالىلىرى ئارىسىنى ئۆزىڭىزمۇ چۈشەنمەي ياقىلاۋاتقان دىنى بىلىم ۋە ئېقىم يۆلىنىشلىرى باھالاشتا شەرق ئەھلى مەدەنىيەتسىز بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا نائۇمىد ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادە قىلىشىڭىز بىر قاراشتا ئۆزىڭىزنى ھەق تەرەپتە، كۆرسىتىپ شەرقنىڭ بىلىملىك دىنى زىيالىلىرىنى كەمستىش خاھىشى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ شەرق ياكى غەربنىڭ ئورتتۇرىدىكى مەدەنىيەتلىك سالاھىيەتنى ئۆزىدە ھازىرلاش ياكى ھازىرلىماسلىقتىكى مەسىلە بولماستىن، دەل سىز ياسىر قازىنى ئۆلىما ئەمەس، ئۇ بىر دەۋەتچى دىگەن باھاغا نارازى ئىكەنلىكىڭىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ دېتىغا چۈشمىسىلا زورىغا سىېلىشتۇرما قېلىش ئارقىلىق بىرخىل پاسسىپ مەيدان تۇتقانلىقىڭىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. توغرا، ياسىر قازى دىن نۇقتىسىدىن سىزگە نىسبەتەن ئۆلىما بولىشى ئېنىق. يەنى سىزنىڭ دىن جەھەتتە ئاجىزلىقىڭىز، دىن ئىلمىدا ئۈگەنگۈچى باسقۇچىدىكى بىرى ئۈچۈن ياسىر قازى ئۆلىما بولۇش سالاھىيتىدىن ئۆتۈپ كىتىدۇ. بىراق دىنى بىلىم ئۆلچەملىرى، ئوقۇش تارىخىدىكى مۇنتىزىم تەربىيە ۋە سىز يەتكۈزگەن ئۇچۇردىكى قاراشلار، ماقالىلىرىدىكى قىسمەن يۆلىنىشلەر ئۇ كىشىنىڭ خۇددى ئىسلام دۇنياسىدا پىكىر ۋە دىنى پەنلەرنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە چوڭقۇر پاتالايدىغان، ئىجتىھادى مەسىلىلەردە بىراۋلارغا ھاۋالە قىلماستىن ئۆزىدە مۇستەقىل قاراش تىكلىگەن، ئىسلامنىڭ ئەقىدە، شەرىئەت ۋە ئەخلاق تېمىلىرىدا يېتەرلىكچە مول بىلىم ھازىرلىغان ئىجتىھادلىق ئالىم مەرتىۋىسىدىكى كىشى ئەمەسلىكىنى، پەقەت دەۋەت قىلىش يولىدا ئۆزىدە مۇئەييەن ساپا ھازىرلىغان، كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىسى ئىسلامنىڭ دەۋەت قىسمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، دىننىڭ ساپلىقىنى ئۆز خەلقىگە يەتكۈزۈشتە مۇئەييەن كىشىلەر ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن تەشۋىقات كەسپىدە ئۇتۇق قازىنىپ كېتىۋاتقان دۇنيا خاراكتىرلىك ئەمەس، پەقەت ئىقلىم خاراكتىرلىك تەسىرگە بىر زىيالى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
بۇنىڭدا دىننىڭ كەسپى بىلىملىرىدە مۇنتىزىم تەربىيە ۋە بىلىم قۇرۇلما جەھەتتىن شەخىسلەردىكى ئىلمى ساپا ۋە بىلىم زاپىسىغا باھا بىرىشتە كىمنىڭ ئالىم، كىمنىڭ دەۋەتچى، كىمنىڭ مۇجتەھىد، كىمنىڭ تەتقىقاتچى، كىمنىڭ ئۇستاز، كىمنىڭ ئۈگەنگۈچى ئىكەنلىكىنى پەرق ئىتەلەيدىغان دىن ئالىملىرى بار.
دىن ساھەسىدە ئالىملىق ۋەزنىگە كىمنىڭ توشىدىغانلىقىنى پەرق ئىتەلەيدىغانلاردىن چىققان پىكىرنى، سىزدەك دىننى تۇتۇپ ئۈگەنمەستىن، ئانچىكى ۋەز-تەبلىغلەردىن ئىلھاملىنىپ، ھەمدە دىن ھەققىدە تەرجىمە ماقالىلەردىن پايدىلىنىپ گاھ ئالىم، گاھ ئىسلاھاتچى، گاھ ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى سىياقىدا دىن ھەققىدە پىكىر تاشلاۋاتقان كىشىنىڭ ئايرىيدىغان سالاھىيەت بار يوقلىقىنى بىر دەڭسەپ كۆرمەستىن مەسىلىنى ئورۇنسىز شەرق ۋە غەرپنىڭ مەدەنىي ساپاسىغا باغلاپ گەپ قىلىشىڭىز ئۆزىڭىز ئىسپاتلاشقا ئاجىز نۇقتىلاردا بۇنداق گەپ ئوينىتىشىڭىز، مەسىلىنى شەرقنى چۆكۈرۈپ، غەرپنى داھى كۆرسىتىشكە ئوخشاش خاھىشلاردا سۆز قىلىشىڭىز ئەلۋەتتە ئىلمىلىككە زىتتۇر.
يەنە بىرى، سىز ماقالىلىرىڭىزگە، پىكىرلىرىڭىزگە قارىتا قارشى پىكىر تۇتقان ھەركىمنى يا چۈشەنمەسلىك، ياكى ساپاسىزلىق، ئاڭسىزلىق بىلەن سۈپەتلىشىڭىزدە ئېغىر ئەخلاقى مەسئۇلىيەتسىزلىك مەۋجۇت. بولۇپمۇ «ئاڭسىز» سۆزىنى ئىشلىتىشىڭىز، يەنە كېلىپ ياسىر قازىغا باھا بەرگەن، ئىسلامغا، دىنغا قىلغان خىزمەتلىرى سىزنىڭ نەچچە پارچە دىننى چۆرىدەيدىغان ماقالىڭىزغا سېلىشتۈرغاندا بىباھا دىيىشكە بولىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئاشۇنداق سۈپەتلىشىڭىز پەقەتلا ئىستىل ناچارلىقى دىمەكتىن ئۆزگە ئامال بولمىسا كېرەك. ئۇنداقتا، بۇنداق دىيشتە دوكتور ئابدۇلئەزىز قانداق شەخىس؟ دەپ سوئال قويساق، سىز ئەمدىلەتتىن تونۇشتۇرۇشقا تۇتۇنىۋاتقان ئاشۇ دۇنياۋى شەخس بولغان ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىيدەك، ئۇنىڭ ئۇستازى بولغان غەززالىي ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مۇتەپەككۇرلارنىڭ، ئالىملارنىڭ پىكىر ۋە ئىلىم مەدرىسىلىرىدە بىلىم ئىلىش ئىمكانىيتىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆمۈرىنىڭ ئازكەم ئوتتۇز يېلىنى مۇشۇ دىن ئىلمىنى ئۈگۈنۈش، تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلغان، ئۇيغۇرلارغا ئىمام قەرداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىنغان نەچچە ئون تىللار ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى لازىملىقىنى تونۇپ يېتىپ تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان، ئىبن كەسىرگە ئوخشىغان تەپسىر ساھەسىدا ئانا تەپسىرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان كاتتا ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىن ئالىملىرى ئېچىدە، تۇنجى تور مەتبۇئاتىدا تۇرۇپ ۋەزنىلىك، رادىكاللىقتىن، ئاشقۇنلۇق ياكى سەل قاراشتىن خالىي ئورتاھال يولنى ئاساس قىلىپ بەرگەن ئىشەنچلىك يازما پەتىۋالىرى، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە تۇرمۇش، ئىقتىساد ۋە ئىبادەتكە ئالاقىدار تېمىلاردا يازغان تەتقىقات ماقالىلىرى، شۇنداقلا ئاقارتىش خاراكتىرىنى ئالغان ھەر ساھە تېمىلاردا سۇنغان تەرجىمە ماقالىلىرى ۋە رىسالىلىرى بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا تونۇلغان ئىجتىھادلىق دىنى ئالىمدۇر. (يېقىندا يەنە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مول دىنى ئىجتىھادى ۋە بىلىملىرى ئاساسىدا يېزىلغان ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ھەر ساھە مەسىلىلىرىگە تاقىشىدىغان مەزمۇنلاردا يازغان پەتىۋالار توپلىمى نامىدىكى بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى ئەزھەر قارمىقىدىكى نەشىرىياتقا سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا.)
ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بۇخىل ئىلمى ئەمگەكلىرى، خىزمەتلىرىنى، سىزنىڭ خاتالىققا توشقان ۋە قوبۇل قىلىشىڭىزغا تەس كېلىۋاتقان تەرجىمە ئاساسىدىكى ماقالىلىرىڭىزغا سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ باھا بىرىشنىڭ ئۆزى كۈلكىلىك بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما شۇ ماقالىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان سىزنىڭ شۇ ئالىمغا دارتمىلاپ ئۇنى ئاڭسىز، مەسئۇلىيەتسىز، ساپاسىز دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىشىڭىز ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنداق پەزىلەتلىك ئالىملىرىغا قىلغان، يەنە كېلىپ سىزگە دىن جەھەتتە گەپ يوق ئۇستاز سانىلىدىغان بىرىگە قىلغان ھاقارەت بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەي بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇش شەرپىنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ھىسابلايدىغان بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىلىپ ئىيتقاندا ئۆزى تەۋە توپنىڭ ئالىمىنى ھۆرمەت قىلىش ياكى قىلماسلىقتا تۇتقان پوزىتسىيسى ئۇنىڭ ئەخلاقى ئىسىتىلىنىڭ قانداقلىقىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. ئىمام مۇنزىرى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئالىملىرىمىزنىڭ ھەققىنى تونىمىغان ئۈممىتىمدىن ئەمەس» دېگەن سۆزى بەلكىم بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قايتا-قايتا تەپەككۇر قىلىشىمىزنى ۋە ئەمەلىيتىمىزگە تەتبىقلىشىمىزنى تەقەززا قېلىۋاتسا كېرەك.
ئەمدى مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ باھاسىغا قارىتا ئۇلارنى ئەيىبلەشكە سەۋەب بولغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا دەلىل سۈپىتىدە ئىنكاسىڭىزنىڭ داۋامىدا بايان قىلغان ياسىر قازىنىڭ ئوقۇش تارىخى توغرلۇق بايانىڭىز ئۈستىدە توختۇلۇپ كۆرەيلى. ئاندىن ھەقىقى سېستىمىلىق دىنى بىلىملەرنىڭ قانداق ئىلىنىدىغانلىقى ۋە ئىلىنىۋاتقانلىقىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:
گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلغاندا ياسىر قازىنىڭ ئوقۇش تارىخى ھەققىدە ئۇنى ئەرەب تىلى پاكولتىتىنى پۈتتۇرۇپ، ھەدىسشۇناسلىق ماگىستىرى بولدى، ئەقىدە شۇناسلىقتا ماگىستىر بولۇپ ئىسلام تەتقىقاتىدا دوكتۇر بولدى دېگەن گەپلىرىڭىزدە ئىغىر كاللىمىشاڭلىق ۋە سېستىمىلىق بىلىم تارىخىنى بايان قىلىشتا بىر-بىرىگە پاي كەلمەيدىغان دەرېجىدە قولاشماسلىق مەۋجۇت. مۇشۇنداق قالايمىقان ئوقۇش تارىخىنى تىلغا ئىلىپ ماختاپ تۇرۇپ شۇنچە دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ھەممىگە تونۇشلۇق ئىسلام ئالىملىرىنى، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى مۇنداقلا قاراپ قويۇپ يەنە ياسىر قازى مۇنداق خەلقئارالىق ئەرباب دەپ كېتىشىڭىزنى دىن ساھەسىدىكى نورمال بىلىمگە ئىگە زىيالىنىڭ ئەقلى ئالمايدۇ. دوكتۇر ئابدۇلئەزىزنىڭ ياسىر قازىنى بىر دەۋەتچى، ئۆلىما ئەمەس دەپ باھا بىرىشىنى بىر نەقىل ئېلىۋېتىپ، يەنە مېنىڭ ئۇنىڭ ناخشا ھەققىدىكى سىز يەتكۈزگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن سەلەفىيلەرنىڭ قارىشىنى تۇتقانلىقىنى بايان قىلىشىم ئارقىلىق، ئورتاھاللىققا زىت گەپلىرىڭىزگە قارىتا رەددىيە قىلىپ ياسىر قازىنى دەۋەتچى، تەبلىغچى دەپ سۈپەتلىشىمگە بولالماي كېتىشىڭىزنىڭ ئاشۇنداق ھاقارەت بولىدىغان سۈپەتلەر بىلەن تەنقىدلىشىڭىزغا، ئۆزىڭىزنىڭ ياسىر قازى ھەققىدىكى چۇۋالچاق ئوقۇش تارىخى ھەققىدىكى تونۇشتۇرىشىڭىز بىلەن ئۇيغۇر دىن زىيالىلىرى ۋە ياسىر قازى ئارىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۈچەپ كېتىشىڭىزگە ئېلىپ بىرىشىنى، توغرىسى چۈشۈنۈپ بولمىدى دىمەي بولمىدى.
بىزدە ۋەتەن شارائىتىغا نىسبەتەن پەن ساھەسىگە بىرىلگەن ئىمكانىيەت دىن ساھەسىدىكى ئىمكانىيەتتىن داغدامراق ۋە ئىشكنىڭ ئېچىلىپ بىرىلىشى نۇقتىسىدىن ئالدىدىراق بولغاچقا، سىزدەك، تاشپولات روزى، رەيھان بەكتۇر، ۋە رىشات ئابباسقا ئوخشىغان كەسپىگە پىشقان كىشىلەر مەيدانغا كەلدى. تېخى تىلغا ئىلىشىمىز زۆرۈر بولغان، ئىسمى ۋە نام-شەرپى بىزلەرگە مەلۇم ۋەيا نەمەلۇم يەنە كۆپلىگەن دۇنيالىق بىلىملەردە كەسپ ئەھلى بولغان يېتەكچى زىيالىلارمۇ مەيدانغان كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەلۋەتتە پەخىرلىنىشكە، سۆيۈنۈشكە تىگىشلىك ئەھۋال.
ئەمما، دىنى مائارىپ جەھەتتە بولسا، تەلەينىڭ كاجلىقى، ئىمكاننىڭ ۋاقىت جەھەتتىن بولسۇن، ئىشكنىڭ ئىچىلىشىدا بولسۇن پەرق بىر قەدەر ئۆزگىچە بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنىڭغا يارىشا يەنە كىشىگە ئۈمىد بىرىدىغان يېڭى ئەۋلاد خەلقارالاشقان دىنى مائارىپتىن، خەلقئارا دىننى بىلىم ساھەلىرىدە ھەرقايسى ئەللەردە دىن ئىلمى ئوقۇۋاتقان ساپالىق زىيالىلار مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە تار ئىمكانىيەتتە تۇرۇپ دىنى مەرىپەتتە مېۋە بىرەلىگەنلەرنىڭ سان جەھەتتىن چەكلىك بولىشى، ئەلۋەتتە مىلىيونلىغان خەلقنىڭ ئىھتىياجىنى قامداشقا قارىتا، ۋە سىزنىڭ كۈتكىنىڭىزدەك، ئىتىراپلىق دىنى ئورگانلىرى بولىشى، ۋە خەلقئارا سەھنىلەرگە قەدەم ئېلىشى دېگەندەك ئالەمشۇمۇل ئىشلارغا نىسبەتەن بىراز ۋاقىت ۋە جەريان كىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز بولىشىغا قارىماي، ۋاختى ئەمەس سوئاللارنى تاشلاپ كەتكىنىڭىزدىن ھەيران قالدىم.
2-
دىنى زىيالىلار قاتلىمىغا ۋەكىل خاراكتىردا تەنقىد بەرگەنلەرگە قارىتا، بەزىلەر دەپ تۇرۇپ ئالغان تەنقىدىڭىزگە قاراپ باقسام مەن ئاساسى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەنمەن. تەنقىد ھەققىدە غەرپنىڭ شۇنچە مەدەنىي ئىدىيلىرى ھەققىدە سۆز ئىچىۋاتقان سىزدەك بىر كىشىنىڭ كەسپىڭىز بولمىغان بىر تېمىغا قارىتىپ تۇرۇپ قىلىنغان تۆت ئېغىز تەنقىدكە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا يوق، يەنە شۇ رەڭدار مەۋقەيىڭىزنى ئاساس قىلىشىڭىزغا قاراپ بىر تۇرۇپ كەتكەن ۋاقتىمنى زايەدەك ھىس قىلىپمۇ ئۈلگۈردۈم.
ئالايلۇق، سىز تۇنجى مەن ئىنكاس يازغان ماقالىڭىزدا دىن ۋە تەرەققىيات ھەققىدە يەنە شۇ ياسىر قازىلارنىڭ كىلونلانمىسىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتى ئۈچۈن لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدىيلىرىڭىز ۋە ياسىر قازى دىننىڭ تەرەققىيات ھەققىدىكى قارىشىغا نىسبەتەن سىزنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشىڭىزدىكى چولتا بايانلارغا قارىتىپ يازغان دەسلەپكى 4 سوئالىمغا، ئۇيغۇرغا شۈنچە كەسكىن تەشەببۇس ئىپادىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىپادىلەر بىلەن يازغان ماقالىنىڭ ئىگىسى تۇرۇپ تۈزۈك جاۋاب بىرەلمىدىڭىز. مەن چىرايلىقچە مەسلەھەت تەرىقىسىدە سۆزلەردىكى چۈشەندۈرۈشلەردە خاتا ئۇقۇم بىرىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزلەرگە تەنقىدى يۇسۇندا تۈزۈتمە بەرگەچ تېمىڭىزنى بىيىتىدىغان بەزى تولۇقلىمىلارنى مۇنازىرە جەريانىدا بەرگەنمۇ بولدۇم. سىز شۇۋاقىتتىكى مۇنازىرىدە مەن سۆزلەردە دېققەت قىلىمەن دەپ كەسكىن سەمىمى ئىپادە بىلدۈرگەن تۇرۇقلۇقۇم، يۇقىرىقى ئىنكاسىڭىزدا سۆزلەرنى ئىشلىتىشتا مەن خاتا قىلدىم دەپ ئويلىمايمەن. ماڭا نىسبەتەن قانداق ئىشلىتىلسە پەرقى يوق دېگەندەك ئاشۇ تېمىدىكى ئىپادىڭىزغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان قەدەمنى بېسىش بىلەن بىرگە، سىزگە تۈزۈتمە بەرگۈچىنى دارتمىلاپ تۇرۇپ شۇ سۆز ھەققىدىكى بايانىڭىزنى تەنقىدلىگەنلىكنى ھاماقەتلىككە دارتمىلاپ تۇرۇپ تەنقىدلەپ ئۈلگۈرۈپسىز. شۇ سۆزگە نىسبەتەن تۈزۈتمە بەرگەن ئىنكاسىمدا ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلگەن سۆزنىڭ دىنىمىزنىڭ شەنىگە، خاراكتىرىگە ماس كەلمەيدىغان ئىبارە ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ بۇ دىننى سىرتىدىن تۇرۇپ باھا يازىدىغان سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئىپادىلەيدىغان سۆزلۈكى بولغانلىقىنى بىلىدىغىنىم ئۈچۈن سىزگە تۈزتۈش ھەققىدە تەنقىد بەرگەن مەن بولغاندىن كىين بۇ يەردىكى گەپلىرىڭىزگىمۇ ھەيران قالدىم.
سىز يەنە چاپاقنى ئالىمەن دەپ كۆزنى قارغۇ قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلغىنىڭىزدەك، ماقالىلىرىڭىزدە شۇنچە تەنقىدلىنىدىغان جايلارغا كەڭچىللىك قىلىپ تۇرۇپ، يەنە نوقتىلىق جايلارغا تەنقىد بىرىلسە، قاراپ تۇرۇپ مەن ماقالىلىرىمدە نېمىنى خاتا قىلغىنىمنى ھازىرغىچە بىلمەيمەن دەپ تۇرۋالغىنىڭىزمۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
سىز تەنقىد يېگەن نۇقتىلار ئەمەلىيەتتە، دەل چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارغۇ قىلىپ قويىدىغان نۇقتىلار بولمىسا ئىدى، كەمىنىمۇ ئۈنچە ۋاقىت ئاجىرتىپ يۈرمەس ئىدىم.
يەنە ئالايلۇق، سىزنىڭ سەلەفىيلەرنى، ۋاھابىزىمنى تەنقىدلەيمەن دەپ تۇرۇپ، ئىسلام تارىخىنى بۇرمىلايدىغان ۋە ئەھلى سۈننەتنى ئۆچ كۆرىدىغان ئەڭ ناچار ئىستىلغا ئىگە پىرقىلەرنىڭ سەپسەتىلىرىنى ماقالىدا نەقىل قىلىپ ئىشلىتىشىڭىز، ئىمام ئبن تەيمىيەدەك، شەيخ مۇھەممەد ئىبن ئابدۇلۋەھھابدەك دىننى ئىسلاھاتچى، پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى قاتارىدا كۆرۈلۈپ دىن ئالىملىرى سىپىدە تىلغا ئىلىنىدىغان، قاراشلىرى ۋە پىكىرلىرى ھۆرمەت بىلەن قارىلىدىغان ئالىملارنىڭ ئۆز كىتابلىرىدا دېگەن گەپلىرىگە پەقەتمۇ يېقىن كەلمەيدىغان تۆھمەت گەپلەرنى شەرقشۇناس ئەسەرلىرىدىكى ئاساسسىز مەنبەلەر ئىكەنلىكى دەپ بىرىلىپ تۇرسىمۇ، يەنە كېلىپ ئىبن تەيمىيەنى ئىبن تەيمىيەنىڭ ئەسەرلىرىنى بىۋاستە تەتقىق قىلىدىغانلار توغرسىنى دەپ بىرىپ تۇرسىمۇ ئازىراقمۇ تەۋرەپ قويماسلىقىڭىزنى، مۇھەممەد ئىبن ئابدۇلۋەھھاب ھەققىدىكى ئىمام قەرداۋىينىڭ پەتىۋا-قاراشلىرى سۆزلىنىپ تۇرسىمۇ ھېسابتا، ئەھلى سۈننەت ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ سۆزىنى ئەمەس، ئازغۇن راپىزىلارنىڭ، ئىنساپسىز شەرقشۇناسلارنىڭ سۆزلىرىنى مودەك تۇتۇۋېلىپ يەنە ئارقىدىن بىر قارىسا ئىلمى پاكىت سوراپ، يەنە بىر قارىسا ئۆزىڭىزنى ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى، يەنە بىر قارىسا كېچە ئۇخلىماي ئۇيغۇرنىڭ دىنىنى ئىسلاھ قىلىپ بەرگۈچى ئىكەنلىكىدەك تۈسلەرنى ئالىدىغان سۆزلەر بىلەن نوپۇز سۈرۈشتە قىلىپ كېتىشىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ يىشىپ بىرەلمەيدىغان دىننىڭ تەرەققىيات قارىشى، ئىبنى تەيمىيەنىڭ، ئبىن ئابدۇلۋەەھھابلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئىزدىنىپ باقماي، ئۇلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى توغرا مەنبەلەردىن، ئەھلى سۈننەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك ماتىرىياللىرىدىن كۆرگەن، بىلگەن بىرى سۈپىتىدە تۈزۈكمە چۈشەنمەي تۇرۇپ نوپۇزغا گول بولۇپ ئىلمى مۇنازىرىگە نامۇناسىپ پوزىتسىيە تۇتۇشىڭىز، تا ھازىرغىچە ئۆزىڭىزنىڭ نېمىدە كەتكۈزۈپ قويغىنىڭىزنى كەسپ ئىگىلىرى تۈزۈتۈپ بىرىپ تۇرسىمۇ يانماسلىقىڭىز...مانا بۇلارنى نېمە دەپ تەرپلەشكە لايىق ھېچ ئېغىزدىن چىقىرىپ بولمىدى.
سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزغا دېققەت قىلغاندىن بىرى، ئىزچىل سىزگە تۈزۈتۈشكە تېگىشلىك جايلاردا تۈزۈتمە بىرىشكە تىرىشىپ، تەنقىد بىرىدىغان جايلاردا سىلىق تەنقىد بىرىپ كەلگەن بولساممۇ، مەن دېققەت قىلىپ تۇرغىنىمدەك، يەنە مۇشۇ تېمىڭىزدىكى ناخشا مۇزىكا ھەققىدىكى ئىنكاسىمغا بەرگەن جاۋابىڭىزدەك ئەپۇ سوراشقا تېگىشلىك خاتا نۇقتىلارنى بوينىڭىزغا ئالغان تۇرۇقلۇقۇم، ئاخىردا كېلىپ ئۈستىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىنكاسلىرىڭىزدا تا ھازىرغا قەدەر قانداق خاتا ئۆتكۈزگىنىمنى بىلمەيمەن دەپ ئۆزگىرىۋالسىڭىز بۇنىڭغا ئىككى ئىغىز گەپنىڭ ئوچۇقىنى يەتكۈزۈش مۇناسىپ بولىدۇ.
گەرچە تەنقىدنى مەن بەرگەن، نامەلۇم تورداشلار چىقىپ سىزنى دىنى ماقالە يازماسلىققا سىزنى ئويلاپ ئۈندەۋاتقان بولسىمۇ، مەن ئىزچىل سىزنى دىن ھەققىدە ماقالە يېزىشتىن توسۇپ گەپ قىلىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن. سىز باشقا كىشىلەردەك دېگەن سۆزى مۇنداقلا ئوقۇپ قويىلىدىغان كىشىلەردىن بولمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن تەنقىد بولسا بىرىپ تۇردۇم. ئەمما يازمىسىكەن دەپ ئاشكارە دېمىدىم. بەلكى، يازغاندا ئالدىرماي، سوغۇققان بولۇپ، ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ئۆزىمىزدە مەلۇم جەھەتتە بىلىم سۈپىتىدە ئۆزلەشكەندە يازسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم. سىزنىڭ ئۇششاق گەپلەرگە ئىسلىۋالدى دەپ چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارغۇ قىلماسلىقنى ئىيتقان سۆزىڭىزدە سىزدەك ھەممىنىڭ ئەھمىيەت بىرىشىغا مۇيەسسەر بولغان، دىگەنلىرى ئويلىنىلماي قوبۇللۇققا ئىرىشىش نىسپىتى كۆپ بىر زىيالى ئۈچۈن ئاشۇنداق نۇقتىلاردا سەمىمى ۋە دېققەت بىلەن سۆز قىلىشىڭىز موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەتتا ماقالىنىڭ پۈتۈن ئىدىيسىنى زىدىلەش ئثھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس. بىرى ناۋادا ئاشۇنداق شەرقشۇناس ئىبارىلىرىنى ئىسلام دۇنياسىدا تۇرۇپ تور مەتبۇئاتىدا بولسىمۇ ئەھلى سۈننەت ئىلىم ئەھلىلىرى ئېچىدە ئەمەس، نورمال ئادەتتىكى بىلىم ساپاغا ئىگە توپنىڭ ئارىسىدىمۇ سۆزلىسە، دەرھال تەنقىدكە ئۇچرايدىغان نازۇك سۆزلەر بولغاچقا، سىزگە كۆيۈنۈپ تەنقىد بىرىلگەن. ئاخىردا سىز بۇنى ھاماقەتلىك كۆرۈپ، تەنقىدلەنمەسىلىكىڭىزنى، تەنقىدلەنمىگەن يازمىلىرىڭىزنى ئاۋامنىڭ ئوقۇپ ئۇنىڭمۇ بىلمەي ھەزىم قىلىۋىلىشىنى راۋا كۆرگەندەك، خۇددى بۇ تەنقىدلەر سىزنى ماقالە يازمىسۇن دېگەندەك بىرىلگەن تەنقىد سۈپىتىدە كۆرۈۋالغانلىقىڭىز، چەكتىن سەل ئاشقانلىقنى ئىپادىلىسە كېرەك. بۇ جەھەتتە، ئۆزىڭىز يازغان تەنقىد ماقالىسىگە ئۆزىڭىز ئەمەل قىلىشىڭىزنى، يوللۇق تەنقىدنى يولسىز كۆرۈۋالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
يەنە شۇنى قايتا ئەسكەرتەيكى، سىزگە قارىتىپ يېزىلغان بۇ ئاشكارە تەنقىدنىڭ يېزىلىشى سىزنى دىنى ماقالە يازماسلىققا ئۈندەش ئەمەس. بەلكى، دىنى ساھەدە قەلەم تەۋرەتكەندە يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىش، ئۆزىمىزدە مۇستەقىل دىنى بىلىم ئاساسىدا شەكىللەنمىگەن قاراش ياكى گەپ سۆزلەرنى ئىشەنچىلىك ئۆلىمالاردىن نەقىل بولمىغان ئەھۋالدا يۈزەكى بولسىمۇ دەپ تاشلاش ئارقىلىق دىننىڭ روھىغا مۇۋاپىق بولمايدىغان گەپلەرنى دەپ سېلىشتىن ساقلىنىش ۋە دىن ئىلمى ساھەسىدە، دىن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پىكرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشتەك ئۆلچەملەرگە دېققەت قىلىنىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشتۇر. ئەلۋەتتە، قارشى پىكىر-تەكلىپلەرگە مەمنۇنىيەت مۇئامىلىسى قىلماي، ھەمدە مەسىلىنى ئۆزىمىزدە قانچىلىك بارلىقىغا ئاۋۋال دېققەت قىلماستىن، باشقىلارنىڭ چۈشەنچىسىدىن ئاۋۋال مەسىلە چىقىرىپ ئۇلارنى چۈشەنمەپسىز، نىيتىدە مەسىلە بار دېگەندەك ئېھتىماللارغا ئاۋۋل يول قويۇپ پىكىر بىرىشمۇ ئەخلاقى جەھەتتىن كەمتەرلىكىمىزنى، شۇنداقلا ئۆزىمىزدە خاس تىكلەنگەن ھۆرمەت ۋە سالاپىتىمىزنى زىدىلىۋىشتىن ئۆزگىگە پايدىسى يوقتۇر.
ئاندىن ھېلىقىدەك سودىلىشايلى دەپ ئىيتقانلىرىڭىزمۇ سىزگە ياراشمىغاندەك ھېس قىلدىم. مەن بۇ ئىپادىڭىزنى قوللىمايدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. مېنىڭچە ئۆزىڭىزنى ھېلىھەم دىنىمىزنى ئۈگىنىۋاتقان بىرى دەپ قارىسىڭىز يەنە يېزىڭ. خاتا بولسا تۈزۈتۈپ بىرىمىز، تەنقىد بولسا يولىدا قىلىمىز. بۇنىڭغا نارازى بوپ، ئۇنداق تەلەپلەردە بولسىڭىز بۇنى شەخسەن قوللىمايمەن.
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى دىن ھەققىدە ئىزدەنگۈچى، ئۈگەنگۈچى دەپ قارىماي، مىنىڭ پايدىلىنىپ يازغانلىرىم ئەڭ توغرا ئىدى، باشقىلار تەنقىدلىمەي ۋە چاپىقىنى ئادالىماي تۇرسا، قوبۇل قىلىدىغانلار سەللىمازا قوبۇل قىلىۋالسا بولاتتى دەيدىغان پىكىردە بولسىڭىز، ھەمدە ماقالىڭىزنىڭ ئاقارتىش ۋە ئىسلاھات خاراكتىردىكى يۈكسەك دىنى بىلىمغا ۋە پىكرى چوڭقۇرلۇققا تويۇنغان ماقالىلەر دەپ قارىسىڭىز، شۇنىڭغا يارىشا ماقالىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كىين چىقىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
بۇ تېما خاس بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى ئادىرىستا
http://bbs.izdinix.com/forum.php ... amp;page=8#lastpost دېگەن بىر نەچچە ئىنكاسىدىكى ئىلمى بولمىغان پوزىتسىيسىگە قارىتىپ يېزىلغان بولۇپ، ھېچقانداق دارتمىلاش ۋە يۇشۇرۇن تەنقىدلەش ئارلاشتۇرۇلماي يېزىلغان ئوبېكتى ئاشكارا، مەقسىتى ئېنىق بولغان بىر يازما. بۇ پەقەت ئۆز ئەھلىگە تېگىشلىك. ئۆزىگە ئېلىۋېلىپ ھاقارەت ۋەياكى تەرەببازلىق ئىنكاسلىرىغا قولىنى ئاپىرىۋاتقان قېرىنداشلار بار بولۇپ قالسا گەپنى ئۆز ئەھلىگە، ئۆز ئېگىسىگە قويۇپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
3-
مەن ئاخىردا ئېيتىپ قويايكى، قىسمەن دىندىن گەپ ساتىدىغان، قاراشقا دىنغا مۇھەببىتى باردەك، ئەمما كۆڭلىدە باشقا غەرەزلەردىن خالى ئەمەس كىشىلەرمۇ قارىماققا ئارىمىزدا قارىسا يوق ئەمەستەك. شۇڭا، ئاشۇنداقلارغا قارىتىپ ئىككى كەلىمە سۆز قىلماقچىمەن، ئەگەر سىز شۇنداقلاردىن بولمىسىڭىزلا بۇنىڭغا نورمال پوزىتسىيە بىلدۈرەلەيسىز ئەلۋەتتە!
دېمەكچىمەنكى، دىنى زىيالىلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى كۆرمەي، ياكى كۆرمەسكە سېلىپ، ياكى بىلمەي تۇرۇپ، يەتكۈزۈلگەن بىلىملەرنى، كىتاب-ئەسەرلەرنى ئوقۇماي تۇرۇپ، ئەتراپىمىزدىكى يات ئەلنىڭ دىنى تەشۋىقاتلىرىغا ئاھ ۋاھ دەپ كىتىۋاتقان، كەينىدىن قوپۇپ دىنى زىيالىلار ئاق، دىنى زىيالىلار ئۇيغۇرغا نېمە قىلدى؟ نىمىشقا مۇنداق قىلمىدى؟ دېگەندەك پىت باستى گەپلەرنى نۇمۇس قىلماي يېزىشتىن ئاۋۋال، ئالدى بىلەن ئۆز تىلىمىزدا بىز ئۈچۈن دائىملىق ئوقۇشلۇق قىلىشىمىزغا ئەرزىگۈلۈك نېمە ئەسەرلەر سۇنۇلدى قاراب باقساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.
مەسىلەن، ھەدىسلەر توپلىمىغا ئوخشاش نەچچە ئون توملۇق ھەدىسلەر جەمگاھىنى، «ئىبن كەسىر تەپسىرى تەرجىمىسى» ۋە «يېڭى ئۇسلۇپتىكى ھەنەفىي فىقھىسى»غا ئوخشىغان نادىر ئىسلام قانۇنىنى ئۈگىتىدىغان ئەسەرلەرنى، شۇنداقلا، ئەمدى كۆزىمىزگە پۇتلىشىۋاتقان، ئەمەلىيەتتە بۇندىن ئون يېللار ئەۋۋەل ئاللىبۇرۇن ناخشا-مۇزىكا، شەخس، ئائىلە، جەمىيەت ئارا مەسىلىلەردە نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام ئېكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ئىمام قەرداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام»، ئىسلام تارىخىنىڭ باشلىنىش ۋە گۈللىنىش تارىخى ئاجايىپ چوڭقۇر تەھلىل ۋە سېلىشتۇرمىلار ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان ۋە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ سۇنۇلغان «ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى» «ئىسلامنىڭ ياشلىق دەۋرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى، شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ دىن بىلەن كىشىلىك ھاياتتىكى ئومۇمى نەزەرىيە، ئىتىقاد ۋە ئەخلاقى چۈشەنچىلىرىنى بىلىش ئۈچۈن دىن ۋە ھاياتقا بولغان تونىشىنى ئۆستۈرىدىغان ئەسەرلەردىن «ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك» «ئىمان ۋە ھايات» «ئاللاھ ئىلىم پەن دەۋرىدە پارلىماقتا» «ئىنسانىيەت مەدەنى ئىسلام يېتەكچىلىكىگە مۇھتاج» «ئازغۇنلارنىڭ نېجات يۇلتۇزى» قاتارلىق بىر قاتار نادىر ئەسەرلەرنى ئالدىمىزغا بىر تۆكۈپ بېقىپ، كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغىلا قاراپ بۇرنىمىزنى قېقىپ قويماي، ئېچىدىكى مەرىپەتلەرگە ئەستايىدىل قاراپ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلۇق بۇرچى ئاساسىدا نەزەرنى كەڭرى، قورساقنىمۇ ئازادە تۇتۇپ دىنىمىز قانداق دىن، نېمىگە بۇيرىيدىكەن، نېىمىنى چەكلەيدىكەن، نېمە قىلساق مەنىۋىيتىمىز باي ۋە سائادەتلىك بولىدىكەنمىز دېگەننىڭ جاۋابىنى ئەپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپ تاپالمىغاندا دىنى زىيالىلىرىمىز ھەققىدە دەيدىغىنىمىزنى دەۋالساقمۇ كېچىكمەيمىز. شۇنچىۋالا ئىسلام ھەققىدە بىلىملەر تۇرسا، شۈنچە پىكرىمىزنى، ئەقلىيتىمىزنى، دىنغا بولغان توغرا تونۇشىمىزنى بىيتىدىغان، روھىيتىمىزنى ئىسلام نۇرى بىلەن پاكىزە تۇتۇشقا ياردىمى بولىدىغان نەرسىلەر ئالدىمىزدا، ئەتراپىمىزدا ۋەياكى نەچچە تال كونۇپكىمىزنى ئىشقا سىلىپ ئىزدىنىپ كۆرۈشكە قاراشلىق قىلغۇدەك دەرېجىدە يېقىنلىتىپ قويسىمۇ، يەنە ۋايسىساق، يەنە چۈشەنمىگەندە چۈشۈنۈشكە تىرىشماي، چۈشەنمىدىم دەپ زارلىساق ئادەمىيلىكىمىزگە سەل دەز كەتكۈزۈپ قويىشىمىز مۇمكىن. ئەھمىيەتسىز تارتىشىش، توغرا نەرسىلەردىن قەستەن كولاپ ماجىرا چىقىرىشقا، دىنى زىيالىلار نېمىلا دېسە چوقۇم قىسمەنلەرگە ئوخشاش خاتالا گەپلەنى قىلىدىغاندەك نەزەردە قارىۋالماي ئىلىمغا ئىلىم بىلەن مۇمائىلە قىلىشقا يۈزلىنىپ، بىھۇدە ۋاقىت ئسىراپچىلىقلىرىغا تەدرىجى بولسىمۇ خاتىمە بىرىشكە تېرىشايلى!
-------
-------
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام. تەكلىپلىرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. بىلىمخۇمار ئەپەندى، سىزدىگەن ئۇسلۇپتا دەۋەت قىلىشىمىز كىرەك بولغان دىنغا مايىل قىلىنىش باسقۇچىدىكى، ياكى دىنى تەتقىقاتچى ئەمەس. بەلكى، مەسىلە ئۇنىڭ دىن ھەققىدە ئۇچۇر بىرىشتىن سىرت خاتانى قوبۇل قىلىشتىكى ناتوغرا پوزىتسىيسىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ بىر قېتىم ئەمەس، نەچچە قېتىم سادىر بولدى. چىرايلىق تەنقىد بىرىلدى. بىر ئىنكاسىدا دېققەت قىلىمەن دەپ، ئىككىنچىسىدە يەنە ئۇنىڭغا ئۇدۇلمۇ كەلمەيدىغان گەپلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى.
خاتا چۈشەندۈردىڭىز دىسە، خاتا گىپىگە قارشى توغرىنى يەتكۈزسە ئۆزى سىلىق ئەمما، گىپىنىڭ تېگىنى ئويلىسا ئىلىم ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا ھار ئالغۇدەك گەپلەر ئاز ئەمەس. مېنىڭ تېخى تېمىدا مىسال سۈپىتىدە ئىلىپ تىلغا ئالغانلىرىم شۈنچىلىك. ئەگەر بىلىمخۇمار ئەپەندى مەن تەنقىدلەنمەسلىكىم كېرەك، ئەمما مەن باشقىلارنى، ئىسلام ئالىملىرىنى تەنقىدلەنگەن، تارىخ بۇرمىلانغان يازمىلارنى تەرجىمە قىلىپ چاپلاپ دىننىڭ پىكىر سىستىمىسىغا زىيان سالسام، مىنى تەنقىدلىمىسەڭ بولاتتى، دەيدىغان تەرىزدە مۇئامىلە قىلىمەن دېسە، مۇشۇنداق رەددىيەنىڭ سېگىنال سۈپىتىدە چىقىشى زۆرۈرىيەتكە ئايلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ تەنقىد چوقۇم چىقىشى كېرەك دەپ قارايمەن. ئەمما بۇنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىق بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ئەخلاقىغا، ئىنسابىغا باغلىق. قوبۇل قىلماسلىقمۇ ئۇنىڭ ئىختىارلىقىدا ئەلۋەتتە. ئەگەر سىز شۇنداق تۇرۇقلۇقۇممۇ يۇقىرىقىدەك تەنقىد يېزىلمىسا بولاتتى دېمەكچى بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىز. تېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ھەممە گەپنىڭ نېمە ئۈچۈن دىيلگەنلىكىگە قارىتىپ تەپسىلاتىنىڭ ئادىرسى بىرىلگەن. شۇنىڭغا تۈزۈكچە بىر قاراپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
كىتاب مەسىلىسىدە ئۈزۈرلۈكلەر ئەلۋەتتە تەنقىدنىڭ سىرتىدا. ئەمما ئاشۇنداق سۈپەتكە مۇناسىپ قىسمەن كىشىلەر باركى، ئۇلارغا قىلىۋاتقان قىلىقىنى يۈزىگە سالماي بولمايدۇ. ئاللاھ تائالامۇ ۋەلىد ئىبن مۇغىرەگە ئوخشىغان چەكتىن ئاشۇرغانلارنى مۇناسىپ جايىدا قىلىقلىرىنى يۈزىگە سېلىپ قۇرئاندا ئەينەن ئالغان. نۇن سۈرىسىگە مۇراجەئەت قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
چىرايلىق تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
-----
بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ ياخشى قىلىپسىز. ياسىر قازىنىڭ ئۇ ماقالىسىنى تۈنۈگۈن مەنمۇ كۆرگەن. ماقالىنىڭ ئومۇم قاراتمىلىقلىرىدىن ئورتاھال مەيداندا يېزىلغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم.
مېنىڭ رەددىيەم ياسىر قازىغا ئەمەس. ياسىر قازىنى مەن تېمىدا تىلغا ئالغان ھالىتىدىكى رىئال ئوقۇش تارىخىغا ئۇيغۇن ئەمەس تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ياسىر قازىنى ھەتتا ياسىر قازىنىڭ ئۆزىمۇ مۇناسىپ ھىس قىلمايدىغان تەرىزدە سۈپەتلەپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنى ئالىملىرىنى ھاقارەتكە ئۇدۇل كېلىدىغان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىشىنى تەنقىد قىلدىم.
ياسىر قازى ھەققىدە مەن ئالدىنمۇ ئىيتقاندەك، ئۆز تەۋەلىكىنىڭ مۇسۇلمانلىرىنى دىندا يىتەكلەشتە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىۋاتقان بىر دەۋەتچى. ئەمما ياسىر قازىنى خاتا ئىزاھلاپ ئىككى مىللەت زىيالىلىرى ئارىسىدا يوق يەردىن تەنقىدلىنىشىگە سەۋەب بولۇشتىكى مەسئۇلىيەت يەنىلا بىلىمخۇمار ئەپەندىدە. بىلىمخۇمار ئەپەندى، ياسىر قازىنى ئۆزىگە لايىق مۇناسىپ ماقام بىلەن تەبىرلىشىمىزگە قارشى بولۇپلا قالماي، تېىمىدا ئۇلىنىش قىلغان ئىنكاسىدىكى تەنقىد قىلىنغان نۇقتىلاردا سەھۋەنلىك سادىر قىلدى. تەنقىدمۇ ماھىيەتتە ياسىر قازىغا ئەمەس، ياسىر قازىنى تەپسىرلەش يولىدا سەھۋەنلىكىنى تونۇپ يېتىشقا ئۇنىمايۋاتقان تەنقىدلىنىشكە مۇناسىپ كىشىگە بىرىلگەن.
سىزنىڭ يۇقىرىقى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىمەن.
-------
ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىقتىم. بەزى ئىنكاسلاردا بىراۋغا بىرىلگەن رەددىيەنى ئۆزىگە ئېلىۋېلىپ چىدىماسلىق خاھىشى تىپىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرىدە رەددىيەگە نىسبەتەن توغرا مەيدان ۋە گۈزەل ئۈمىدلەر ئىپادىلىنىپتۇ. يەنە بەزىلىرىدە بولسا گاڭگىراش مەۋجۇتتەك.
مەن بۇ رەددىيەنى بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ پوزىتسىيسىنىڭ خۇلاسىسىنى بەلگىلەپ بىرىدىغان ئاخىرقى ئىنكاسلىرىدىكى بايانلاردىن نېمە چۈشۈنۈلسە شۇنى ئەينەن ئىپادىلەپ تۇرۇپ، ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يازدىم. ھەم پەقەت تەنقىد بىلەنلا كۇپايىلەنمەي ئۇنىڭ دىن ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىگە قارىتا مەيدانىمنىمۇ ساۋادى باركى ھەرقانداق ئۇيغۇر ئوقۇپلا چۈشۈنەلەيدىغان دەرېجىدە ئېنىق قىلىپ يازدىم.
شۇنداق تۇرۇپ يەنە تېمىنىڭ ئىسمىنى ئوقۇۋېلىپلا كېرىپ، تېمىغا دائىر ئىزدىنىشتىكى يازمىلاردىن بىخەۋەرلا يۈگۈرەپ كىرىپ ئىنكاس يېزىپ ئارىنى جىددىيلىككە، قارشىلىش ۋە جىدەلگە ئۆزگەرتىشكە ھەسسە قوشماقچى بولۇۋاتقان ھۆددىگەرلەرنىڭ ئوتتۇرغا چۈشىۋاتقىنى بىلىمخۇمار ئەپەندى بىلەن ماڭا نىسبەتەن ئارىمىزغا ھېچقانداق يېرىكلىك سالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇشۇمغا تۈرۈتكە بولدى.
شۇڭا، بۇ رەددىيەگە توغرا پوزىتسىيە تۇتالماي، ياكى چىدىماي قىلىۋاتقانلارغا ئۆزلىرىنى ئارتۇقچە زورۇقتۇرماسلىققا دەۋەت قىلىمەن.
بىلىمخۇمار ئەپەندى بىلەن ئارىمىزدا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان نەرسە يوق، چۈنكى، ئۇنىڭ مۇشۇ تېمىغا ئىپادىلىگەن ئىپادىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، ئۇ ھەر زامان ئورۇنلۇق تەنقىدكە ئۆزىنى يۈزلەندۈرەلەيدىغان سوغۇققان ئادەم. مەنمۇ ھەم بۇ تېمىنى ئۈنچە قاپاقنى تۈرۈپ يازغان ئەمەس. كەلتۈرۈلگەن مەزمۇنلارنىڭ بىر-بىرىگە ئارقا-ئارقىدىن باغلىنىپ كېلىشى بەلكىم تېمىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەنلەرگە سەل غەزەپ ھىدى بىرىپ قويغان بولىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، مەن بۇلارنى ناھايىتى راھەت ئولتۇرۇپ يازغانمەن.
بىلىمخۇمار ئەپەندى بىلەن ئارىمىزدا ھېچقان ئالالماي ياكى بىرەلمەي قالغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. تالاشقۇدەك نەرسە تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. مەن ۋاقىتىمنى سەرپ قىلىپ ئۇنىڭ ئەجىر قىلىۋاتقىنىغا ئوخشاش؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولىشى، كىشىلىرىمىزنىڭ تىخىمۇ ئۇنىڭدىن توغرا يۆلىنىشتە مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ يازمىلىرى، چۈشەنچىلىرى، پىكىرلىرى ھەققىدە تەنقىد ۋە پىكىر بايان قىلغانلىقىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن (ئاللاھ ساقلىسۇن) نەپرەتلىنىدىغانلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىنىم دىيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئايرىم يازمىسىغا ئايرىمچە، مۇشۇنداق كەڭ جامائەتچىلىك سورىنىدا يازغانلىرىغا جامائەت سورۇنىدا جاۋاب يېزىش ھېچقانداق ئەيبكە ئۇچرىغۇدەك ئىش ئەمەس.
مەن تېمىنىڭ ئاخىرىدىمۇ بۇ تېمىغا ناچار قول تېقىش ئارقىلىق مەسىلىنى جىددىيلىككە سوقماقچى بولغانلارنىڭ گەپنى ئۆز ئىگىسىگە، ئۆز ئەھلىگە تاشلاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى ئەسكەرتكەن. ھېلىھەم ئەسكەرتىمەن. بۇ تېما خاس بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ئۆزى تەكلىپ قىلىپ يازغان ئىنكاسىغا جاۋاب بولۇپ يېزىلدى. ئىنكاسنىڭ تەنقىدى ئاساسى كۈچلۈك بولغاچقا، تەنقىدى ئىنكاسقا تەنقىدى رەددىيە (جاۋاب) يېزىلدى. شۇڭا، نېمە گەپ بولسا، گەپنى يەنىلا ئىككىمىزگە قويۇپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
بىزدە تەنقىدكە نىسبەتەن ساپانىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ماڭا ئايان بولغاچقا شۈنچە ئىزاھلارنى دېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتىمەن. مېنى ئامال بار بىھۇدە ئىشلارغا مەجبۇر قالدۇرمىساڭلار دەيمەن.
ئاخىردا دەيدىغىنىم، مېنىڭ پىسخىكام بىلەن ھەپىلىشىش ئارقىلىق خاتاغا دەسسەتمەكچى بولۇۋاتقانلار، ئادىمىلىكتىن چىقىپ ھەرخىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ ئوۋ ئوۋلىماقچى بولغانلار قەتئىي ئاۋارە بولمىغايسىلەر. بۇنداق قىلغىنىڭلار ئەمەلىيەتتە ئۆزۈڭلارنىڭ ماھىيتىنى ئىسپاتلاپ بىرىۋاتقىنىڭلاردۇر. مەن بۇ جەھەتتە تەمكىنلىكىم ئۆزۈمگە يارىشا بار. ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇدىغانلار بولسا، مۇنبەرنىڭ سەردارلىرى مۇنبەر قائىدىسى بويىچە مۇۋاپىق توغرلاپ قويسا بولىۋىرىدۇ. چۈنكى، پاكلىقنى سۆيىدىغانلارلا مەۋجۇت بولىدىكەن، ئەخلەتلەر ھامان ئۆز جايىنى تاپماي قويمايدۇ.
----
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام ھۆرمەتلىك بىلىمخۇمار ئەپەندى. ئۇشبۇ رەددىيەگە قارىتا كەمتىرانە ۋە پەزىلەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر ئىيتىمەن.
ئۇچۇرىڭىزنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالدىم.
1
مەن سىزنىڭ بۇ رەددىيەنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدىكى، شۇنداقلا بۇ رەددىيەنىڭ يېزىلىشىنىڭ ناھەق ئەمەسلىكىنى، ھەتتا بەزىبىر ئىنكاس ھۆددىگەرلىرى شال چاچراتقىنىدەك ئۈنچىۋالا كۆپتۈرمە ئەمەسلىكى، شۇنداقلا كىشىگە ئاشۇنداق سەلبىي چۈشەنچ ۋە توغرا ئىدىيدە ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاندۇرۇپ قويىدىغان يازمىلىرىڭىزغا قارىتا مانا مۇشۇنداق رەددىيەنىڭ يېزىلىشىنىڭ توغرلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇناسىپ شەكىلدە يازغان بۇ جاۋابىڭىزنى كۆرۈپ توغرا نىيەتتە قىلىنغان ئەمگەكنىڭ ھامان توغرا ئىنسانلار تەرپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشىنىڭ ئەلا دەرېجىدە لايىق ئىكەنلىكىنى قايتا كۆرۈپ يەتكەندەك بولدۇم. ھەقىقەتەنمۇ تەنقىدكە مانا مۇشۇنداق دادىل يۈزلۈنۈپ، كەتكۈزگەن تەرەپلەرنى ھېس قىلغاندا ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى جايىدا ئىيتىپ يەنە دىنداشلىق، مىللەتداشلىق يۈزىنى ئەلا ئورۇنغا قويۇپ، تەنقىدنىڭ سەمىمى ئاساستا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ قېرىنداشلىق ئۈچۈن قول سۇنالىغان كىشى ھەقىقى پەزىلەت ئىگىسىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ناۋادا بۇ رەددىيەدە ئۇقۇشماي كۆڭۈل رەنجىتىدىغان سۆزلەر ئىشلىتىپ قالغان جايلار بولسا، كۆڭلىڭىزگە ئالماسلىقىڭىزنى ۋە توغرا چۈشۈنۈشىڭىزنى سورايمەن.
مەن بۇخىل پەزىلەتنى سىزنىڭ مۇشۇنداق يولىدا يېزىلغان جاۋابىڭىز چىقىپ بولغىچە ھاۋايى-ھەۋىسى ۋە شەيتانى خۇي-پەيلىگە ھاي بېرەلمەي، كۆكرەك يېرىپ ئېچىگە يۇشۇرۇنغان جانلىقنىڭ قايسى تىپقا مەنسۇپ ئېكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىۋاتقان ۋە ئىسپاتلاپ كېىلىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بىر دەرس ۋە ئۈلگە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دىنىمىزدا ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى ئۈچۈن مەيلى ئۇ ئالىم بولسۇن، ياكى جاھىل بولسۇن، ياكى زالىم بولسۇن، ياكى ئابروي ئېگىسى بولسۇن، بىرەر يامانلىقى، ياكى بىرەر سەھۋەنلىكى ۋەياكى بىرەر خاتالىقى كۆرۈلگەندە مەيلى ئۇ خاتانىڭ دەرېجىسى قانچە چوڭ، ياكى كېچىك بولۇپ كەتسۇن ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى، ئىمكانىيتىنىڭ يېتىشىچە مۇناسىپ ئۇسۇلدا ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش، يەنى تۈزۈتۈپ بېرىش ۋە كۆرسىتىپ بىرىش مەجبۇرىيتى بار. شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تۈزۈتۈپ بىرىلگەن يىرىنى ئېلىك ئېلىش، توغرانىڭ ئالدىدا كىبر كۆرسەتمەسلىك تەلەپ قىلىنغاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ئىشى ئىسلام ئۈممىتىدىن ئىبارەت بۇ ئورتاھال ئۈممەتنىڭ قۇرئان كەرىم تەرىپلىگەن باشقا ئۈممەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ تېپىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ تىلغا ئېلىنغان.
كۈنىمىزدىكى بۇ مەجبۇرىيەتنى ئىلىم ساھەلىرىدىكى ئىلمى تەنقىد ۋە ئىلمى تەنقىد ئاساسىدا ئورتاغا چىققان رەددىيە، ئوبزورلارغا قارىتا تەتبىقلىغاندا بۇخىل رەددىيەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى نورمال ئەھۋال بولۇپ، بۇنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتمەسلىك، ئاڭا پەقەت رەددىيە يازغانلىقى ئۈچۈنلا ھاقارەت ياغدۇرۇش، چۈشۈرۈشكە ۋە ئىككى تەرەپ ئارىسىنى ئىسلاھ ئەمەس، نەپرەت قاپلاپ ئېلىشىغا يېشىل چىراق يېقىشقا ئۇرۇنۇش، بولۇپمۇ مۇنبەرگە ئوخشىغان مەۋھۇم ئالەمدە مەجھۇل ئاتاقلاردا مەخسۇس كىرىپ خام-تالاش قىلىشلار ئۇشبۇ قىلمىش ئىگىلىرىنىڭ ئۆز جەمىيتى ئۈچۈن مەيلى ئۇنۋانى نېمە بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر نەقەدەر زەرەرلىك ۋە ساپاسىز كىشىلەر ئېكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسە كېرەك.
ئەمما، ئۆزى ياقلاۋاتقان تەرەپنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى شەرھىلەپ ئىزاھلىغاندەك، ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئەمەسلىكىنى، بەلكى، ھەقىقى پەزىلەت ۋە ئىلىم ئىگىسىنىڭ قانداقلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كىين ئۆز خاتالىقىغا، ئالدىراڭغۇلىقىغا، ناچارلىقىغا نىسبەتەن قىلمىشى ئۈچۈن ئۆكۈنۈش تۇيغۇسىغا كېلەلىگەنلەر ئەلۋەتتە يۇقىرىقىدەك كىشىلەر قاتارىدا قارىلىشتىن مۇستەسنادۇر.
مەن رەددىيە تېمىسى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئىنكاسلار تاكى 126 قەۋەتكە كەلگۈچە بولغان ئىككى كۈن ئارلىقىدا ھەددەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئىنكاس يېزىپ سەكرەپ كەتكەن قىسمەنلەرنىڭ بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقىدەك كەمتىرانە ۋە ئۆز سەھۋەنلىكىنى بوينىغا ئېلىپ ئەپۇ سوراشتەك كاتتا پەزىلىتى بىلەن ئۆزلىرىنى مات قىلىپ ھەقىقەتنىڭ يۈزىنى يەنىمۇ يورۇق قىلىدىغان مۇشۇنداق بىر جاۋابنىڭ چىقىپ قىلىشىنى، بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغاندىنمۇ پەزىلەتتە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپمۇ قويمىغانلىقلىرى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۆزلىرى كاتتا بىلىپ ھېمايە قىلىۋاتقان، تەرىپىنى ئىلىپ قارغۇلارچە ئىخلاس قىلىپ ئورۇنسىز يان بېسىۋاتقان بىلىمخۇمار ئەپەندىگە نىسبەتەن يۈز كېلەلمەسلىك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشماي ئېغىز يۈگىرىكى قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
2
مەن ئۇشبۇ مۇناسىۋەتتە تورداشلارغا بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى ئىنكاستىكى ئۆزۈرلىرىنى قوبۇل كۆرگەندىن سىرت ئۇنىڭ كەمىنىگە ئىيتقان ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ۋە تىلەكلىرىنى، شۇنداقلا ماڭا يازغان ئۇچۇرىدا ۋە ئىنكاسىدا ئىيتقان ئىجابى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى تامامەن قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۈرمەكچىمەن.
شۇنداقلا، بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ئۇشبۇ رەددىيە تېمىسىنى ئوقۇغاندىن كىين كەمىنىنىڭ سەمىمىيتىنى چۈشەنگەنلىكى، ئىشەنگەنلىكى ھەمدە ئۆزىنىڭ كەمىنە بىلەن ئۆزىنىڭ توغرا مەقسەتتىكى كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمە قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭغا نىسبەتەن گۈزەل تىلەك ۋە ئىشەنچلەرنى ئوتتۇرغا قويغانلىقى ئۈچۈن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللاھتىن بىلىمخۇمار ئەپەندىگە يەنىمۇ خەيرلىك نەتېجە، ياخشى ئۇتۇقلار تىلەيمەن.
شۇنداقلا يەنە، بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ تۇرۇپ كەمىنىگە يامان گۇمان قوزغاشقا ئۇرۇنغان قىسمەن تورداشلارنىڭمۇ ئۇشبۇ پەزىلەت ئېگىسىدىن ئۆگۈنۈپ ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ياخشى پەزىلىتىنى كۆپرەك ئۈلگە ئىلىشىنى، ئۇنى ئۇ ئويلىمىغان ۋە كۈتمىگەن ئىزاھلار بىلەن ئىزاھلاپ، شەرھىلەپ ئۆزىنى ئۆزى ئوسال ئەھۋالغا قويىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشىنى، ئۇ بىلەن كەمىنە ئارىسىدا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى زايە قىلىش ئارقىلىق سەلبى كەيپىيات يارىتىشقا ئۇرۇنۇشلاردىن قول ئۈزۈشىنى ئۈمىت قىلغان ھالدا سۆزۈمنى تۈگەللىمەكچىمەن.
ئاخىردا سەمىمى تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن ئالىمىمىز بىلىمخۇمار ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن.
----
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام بىلگەجان قېرىندىشىم، ئۇشبۇ رەددىيە ماقالىنى ئىجابى مۇئەييەنلەشتۈرگىنىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر ئىيتىمەن. سىز سورىغان نۇقتا مۇھىم ۋە بىلېۋېلىش مۇھىم نۇقتا ئېكەن.
ئەمەلىيەتتە چىركاۋدا ناماز ئوقۇش مەسىلىسى زۆرۈرىيەت تۈپەيلى بولغان ئەھۋالدا گۇناھ بولىدىغان ۋەياكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا گوناھ سۈپىتىدە قارىلىدىغان مەسىلە ئەمەس. قەدىمدىن ئىسلام يۇرتلىرىدا بولسۇن، ياكى ئىسلامنىڭ ئۆزگە يۇرتلىرىدا بولسۇن، مۇسۇلمانلار ناماز ئوقۇش مەسىلىسىدە ئىبادەتگاھ بولىدىغان جايلاردا ناماز ئوقۇشقا توغرا كېلىشتەك ھادىسىلەرگە يولۇققان بولۇپ، بۇ خىل مەسىلىلەرگە ساھابىلەر دەۋرىدىن باشلاپ بۇخىل ئەھۋالنىڭ مۇسۇلمانلار دۈچ كەلگەندە ناماز ئوقۇشىنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى ۋە ئوقۇلغان نامازنىڭ دەخل تەرۇزگە ئۇچرىمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: «زېمىن ماڭا سەجدە قىلىدىغان جاي ۋە پاك قىلىپ بىرىلدى، بىر ئادەم قەيەردە ناماز ۋاقتىنى تاپسا، نامىزىنى ئوقۇسۇن!» دەپ كەلگەن. شۇڭا ئالىملار ئەگەر ناماز ئوقۇشقا توغرا كېلىپ، ياكى نەقىلدە كەلگەندەك مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمە نامازلىرىغا ئوخشاش كوللىكتىپ شەكىلدە ئادا قىلىشى پەرز قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشىغا مۇناسىپ ماكان تىپىلمىغانلىقتىن، شۇنداق ئادا قىلىش ئىمكانىيتى يات دىن ئىبادەتخانىلىرىنىڭ ئىبادەت ئۈچۈن ھازىرلانغان ئورۇنلىرىدا ناماز ئادا قىلىشى، ئورۇنلانغان نامازنىڭ پاكىزە ماكاندا ئادا قىلىنىشى شەرتىگە رىئايە قىلىپ ئادا قىلىشىنى توغرا بولىدۇ دەپ قارىغان.
ھەنبەلىي فىقھىشۇناس مۇجتەھىدلىرىدىن ئىمام ئبىن قۇدامە مۇنداق دېگەن: «پاكىزە راسلانغان چىركاۋدا ناماز ئوقۇلسا كېرەك يوق. گەرچە ھەيكەل-سۈرەتلەر سەۋەبلىك چىركاۋدا ناماز ئوقۇشنى ئىبن ئابباس، ئىمام مالىك قاتالىقلار مەكروھ دېگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ جائىزلىقىغا قارىتا ھەسەن بەسىرى، ئۇمەر ئىبن ئابدۇلئەزىز، شەئبىي، ئەۋزائىي ۋە سەئىيد ئىبن ئابدۇلئەزىز قاتارلىق ئۆلىمالار رۇخسەت قىلغان. شۇنداقلا بۇنىڭ رۇخسەتلىكى ھەققىدىكى قاراشلار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئەبۇ مۇسا قاتارلىقلاردىنمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ.».[مۇغنى 1-توم، 723-بەت.]
شۇنىڭدەك، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەققىدىكى رىۋايەتتىمۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر چىركاۋدا ناماز ئوقۇماقچى بولۇپ ۋاز كەچكىنىدە، بىرى ئۇنىڭغا ناماز ئوقۇۋەرگىن دېگەن. بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ياق، كىين مۇسۇلمانلار كېلىپ بۇ ئەسلى مەسجىد ئىدى، ئۆمەر بۇ مەسچىددە ناماز ئوقۇغان دەپ بۇيەرنى ئۆزلىرىنىڭ مەسجىدى قىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن ناماز ئوقۇماي تۇراي.» دېگەن.
ئالىملارنىڭ زۆرۈرىيەت تېپىلغان ئەھۋالدا چىركاۋدا ناماز ئوقۇشنى جائىز قارايدىغانلىقى مەشھۇر قاراش بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن، زۆرۈرىيەت ئەھۋالىدا چىركاۋدا جۈمە ئوقۇغانلىق گۇناھ ئىش ئەمەس. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان چىركاۋلاردا ناماز ئوقۇشنى مەكرۇھ دېگەنلەرمۇ سۈرەت ياكى ھەيكەل بولسا ئاندىن مەكروھ دەپ قارىغان بولۇپ، ھەيكەل، سۈرەتتىن خالى بولغان ئەھۋالدا چىركاۋدا ناماز ئوقۇشقا كۆپچىلىكنىڭ پىكرى ئاساسەن ئوخشاشلىققا ئىگە.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالغان نەقىلدىكى بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگە ئەلنى ئۇرۇشتا مەغلۇپ قېلىشى ۋە بۇ زېمىننىڭ ئىسلام زىمىننى سۈپىتىدە قاراپ مۇسۇلمانلار ئورتاق گۈللەندۈرۈشنى نىيەت قىلىپ ئاچقان زىمىنىنى، يەنە كېلىپ ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ ئېلىنغان زېمىننى مۇستەبىدلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق مەنىلىرىنى ئىپادىلەپ قويىدىغان بېسىۋېلىش سۆزىنى ئىشلىتىشتىكى خاتا دېگەن يەكۇنىمىزنى يۇقىرىقى مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قارىشىنى تەكشۈرمەي تۇرۇپ ئۆز پەرىزىدىكى مەسچىددىن باشقا ياد دىننىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئىبادەت قىلىشنى گۇناھ ساناپ، ئۇلارنى خاتاغا يول قويغانغا چىقىرىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ خاتاسىنى خاتا دېگەندىمۇ يۇقىرىقى ئىش بىلەن سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شۇ سۆزىنى ئىشلىتىشنى توغرىغا چىقىرىشقا، ياكى تۈزۈتۈش بەرمىسىمۇ ئانچە زۆرۈرىيتى يوق نەرسە قاتارىدا كۆرۈشكە تىرىشقىنىنى توغرا بولمىغان دەپ قارىساق بولىدۇ.
بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ئۇ سۆزنى ئىشلىتىشكە دېققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىشىمىزمۇ دەل دىن دۈشمەنلىرى بۇ سۆزنى مۇسۇلمانلار تارىخىنى يازغاندا ئىشلىتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، يات ئەلنىڭ ئىتىقادى ۋە چۈشەنچىسىدە نېمە دەپ ئىپادىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، شۇنداقلا قانداقلا مۇسۇلمان يازارمەنلەر تەرپىدىن شۇنداق ئىشلىتىلگەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر؛ ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان زىيالىلىرى تىلىدا دېققەت قىلىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىغانلىقتىن ئىدى.
بىلىمخۇمار ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ئىپادىسى توغرۇلۇق ئاشۇ ئىككى ئىنكاسىدىن كىين توختالمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ رەددىيە ھەققىدە يازغان ئومۇمى بايانىدىن بۇنىڭدىن كىينكى قەدەمدە دېققەت قىلىدىغانلىقىدەك ئەھۋالنى بۇ ھەقتىكى ئومۇمى يۈزلۈك رەددىيەگە قاراتقان يۇقىرىقى ئىنكاسىدىكى ئىپادىسىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
ئەگەر بۇ چۈشەندۈرۈشكە نىسبەتەن بىلىمخۇمار ئەپەندىدىن قايتا ئىتىراز بولمىسىلا، بىز بۇ جەھەتتە بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى سەھۋەنلىكىنى كۆرسەتكەن بايانلىرىمىزغا قايىل بولغانلىقىنى بولسىمۇ بىلىپ قىلىشىمىز ئېھتىمال كۆڭۈلنى تېخىمۇ راھەت قىلسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئۇنداق بولمىغاندىمۇ، سۈكۈتنىڭ ئۆزى رازىمەنلىكنىڭ ئالامىتى بولغىسى، ئىنشائاللاھ!
----
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام 86 ئەپەندى. ئەسلى سىزنىڭ بۇ ئىنكاستا ئىيتقانلىرىڭىزغا لايىقىدا جاۋاب يېزىپ بولغان ئىدىم، بىراق قارىسام، سىزدە بۇ مۇنازىرىلەر ۋە بىلىمخۇمار ئەپەندى بىلەن ئارىمىزدىكى مۇئامىلىلەر ھەققىدە بىراز يۈزەكى تونۇش باردەك. مەن سىزنىڭ سىلىق بولۇش تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن، ھەم بۇ جەھەتتە ناۋادا قاتتىق تېگىپ كەتكەن تەرەپلەر بولسا، بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ توغرا چۈشۈنۈشى ۋە كۆڭلىگە ئالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنىمۇ ئىپادىلەپ بولدۇم. بىراق رەددىيە ھەققىدە ئىيتقان بەزى گەپلىرىڭىزگە نىسبەتەن قارىسام يەنە قايتا گەپنى ئېزىپ تۇرۇپ ئىزاھلىشىمغا توغرا كەلگۈدەك. مەن دەيدىغاننى ۋە يەنە دېسەم نېمە دەيدىغىنىمدىن تارتىپ ھەممىنى تېما ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلاردا ئېيتىپ ۋە ئىشارە قىلىپ بولغانمەن. شۇڭا تەكرارلىشىمنىڭ ئاڭلىق ئوقۇرمەن ئۈچۈن ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ ئىنكاستا قايتا تەكرارلاشنى خالىمىدىم.
بىلىمخۇمار ئەپەندى ئۆز ئۇچۇرىدا ۋە بۇ تېما ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىدا دىيىشكە لايىق گەپنى دېدى. مەنمۇ توغرا كۆرۈپ ئۆزرىسىگە مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرۇپمۇ بولدۇم. سىز قاتناشمىغان (بەلكىم ئىزچىل يېراقتىن تاماشىبىن سۈپىتىدە كۆرۈپ ئولتۇرغانسىز) ئالدىنقى كۈنلەردىكى مۇنازىرىلەردە بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ جاۋابى چىقىپ بولغۇچە ئوساللىق قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىغا مەندىن باشقا خىلى كۆپ تورداشلار شاھىت بولۇپ تۇردى. شۇلارغا قارىتا دېگەنلىرىم سىزگىمۇ تەگدىمۇ تاڭ بىراز سۆز قىستۇرۇپ قاپسىز. سىزگە تېگىپ كەتكەن تەرپى بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بىلىمخۇمار ئەپەندى رەددىيەگە قارىتا مەن تىلغا ئالغان نۇقتىلاردا سەھۋەنلىكىنى تەن ئالغاندىن كىين ئارىمىزدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى. سىزنىڭ بۇنىڭدىن خەۋرىڭىز بولمىسا كېرەك. ناۋادا مەن مەن يۇقىرىقى ئىنكاسىڭىزغا، بولۇپمۇ بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ ئىچ دۇنياسىنى ئىزاھلاشقا ۋە ناھەق يان باسقۇچىلارنىڭ مەيدانىنى ۋاكالىتەن ئىزاھلاشقا ياتىدىغان گەپلىرىڭىزگە جاۋاب يازىمەن دەپ مەسىلىنى ئىزاھلاشقا تۇتۇنسام يىپىلىپ بولغان كونا دەپتەرنى ئېچىشىمغا، بىلىمخۇمار ئەپەندىگە قارىتىپ يەنە قاندۇقتۇر تەنقىد مەيدانىمنى قايتا تەكرارلىشىمغا توغرا كەلگۈدەك. بۇنىڭ سىزگە جاۋاب بولىشىغا پايدىسى بولسىمۇ، بىلىمخۇمار ئەپەندى بىلەن ئارىمىزدىكى يېڭى سەھىپىگە نىسبەتەن قەلەمنىڭ سىياسى ئورنىغا رەڭلىرى چاچراپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، سىزنىڭمۇ بۇ يىپىلغان دەپتەرنى بىھودە كوچىلىماسلىقىڭىزنى سورايمەن. مېنىڭ بىلىمخۇمار ئەپەندى رەددىيەگە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئاۋۋالقى ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەم ۋە تەنقىد مەيدانىم توغرا ئىدى، ئۇ ئىپادە بىلدۈرگەندىن كىينكى تۇتقان نۆۋەتكى مەيدانىممۇ توغرا بولىۋاتىدۇ.
بىلىمخۇمار ئەپەندى بۇ يېڭى سەھىپە مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلخەت ئۇچۇرىدا ماڭا بەزى تەكلىپلىرى ۋە ئويلىرىنى ئىيتتى. مەنمۇ ۋاقتىمنىڭ يار بىرىشىچە قولۇمدىن كېلىدىغانلا ئىشتا ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. بىلىمخۇمار ئەپەندى بىلەن مەن شۇنچە مۇنازىرە قىلغان بولساقمۇ، يەنە ئىلخەتلىرىمىزدە قېرىنداشلارچە نورمال سۆھبەتلىشىپ مېڭىۋاتىمىز. شۇڭا، سىزنىڭ بۇ كونا دەپتەرنى قايتا ئېچىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىنكاسىڭىزغا قارىتا مۇناسىپ جاۋابنى يېزىپ بولغان تۇرۇقلۇق يوللىماستىن ئۇشبۇ تەرىقىدىكى ئىنكاسىمنى يوللىدىم.
ئاخىردا دەپ قويدىغىنىم، مېنىڭ كۈن تەرتىپىم بىلىمخۇمار ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ تېمىلىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇش، ئۇنى ئۇدۇل كەلگەن يېرىدە تەنقىدلەپ بىر نەرسە دەۋېلىش خوسۇسىدا ئەمەس. مەن بىر ئىشنى ئەرزىيدۇ، ئورنى بار دەپ قىلمىسام ئۇ ئىشقا كۆڭۈل قويمايمەن. شۇڭا، دىن ئىشىدا، دىنى ئىدىيدە، تەشەببۇستا، پىكىردە خاتالىق يۈزبەرگەندە ئورتاغا چىقىپ تۈزۈتۈش بەردىم، ئىنكار قىلىدىغان تەرەپكە ئىنكار، رەددىيە بىرىدىغان تەرەپكە رەددىيە بىرىش ئارقىلىق تۇتقان پوزىتسىيەلەرگە نىسبەتەن لايىقىدا جاۋاب ئالماقچى بولدۇم، لايىقىدا جاۋاب تۈگۈل گەپ-سۆز چەكتىن ئاشقاندا بولسا، رەددىيە سۈپىتىدە ئۇشبۇ رەددىيەنى جاۋاب سۈپىتىدە يازدىم. نىھايىتىدە قارشى تەرەپتىن، ئەجىرگە ۋە كۆڭۈل قويغانغا لايىق جاۋاب چىقتى. ئارىغا چوغ بولۇپ چۈشكەنلەرنىڭ خاتا گۈمانلىرى ۋە تۆھمەتلىرىمۇ كۈل بولدى. نەتېجە مۇشۇ.
ئەمدى يېڭى قەدەمدە، يېڭى سەھىپىدە ئىلگىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش ھاسىل بولىۋاتىدۇ. بۇنى يەنە كوچىلاش، مالتىلاش كويىدا بولۇشنىڭ ئەمدى مەززىسىمۇ تۈگىدى.
شۇنىڭدەك، بۇندىن كىينكى ئەھۋاللاردىمۇ ناۋادا دىنى تىمىلاردا مەن مۇنازىرىگە ئارلىشىپ قالىدىغان ئىش بولغان تەقدىردە، توغرلاپ قويۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلاردا ئىلمى يوسۇندا توغرلاپ بىرىمەن. قايتا قايتا ئىلمى پوزىتسىيە تۇتۇلىۋاتسىمۇ گەپ يورغىلىتىپ يەنە ئالدى- ئارقىغا دەسسەيمەن، دىن ئالىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاھال مەيدانىغا، شۇنداقلا ئەھلى سۈننەت پىكىر-ئىدىيسى ۋە شەرقنىڭ ئىلمى مىراسلىرىغا كۆڭلى ياخشى بولسىمۇ، ئاشكارا ئىپادىسىدە ناھەق تىل سېلىشقا يول قويۇلغىدەك بولسا، كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر؛ لايىقىدا رەددىيە بىرىشكە قەلەم قۇرۇمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكچىمەن. ئەمما، ئىلمى ۋە سەمىمى پوزىتسىيەگە قايتىپ توغرا پوزىتىسيەگە ۋە مۇئامىلىگە قايتقانلارغا بولسا، ئەلۋەتتە شۇنىڭغا يارىشا مۇئامىلە قىلىنغۇسى. دەپتەر يېپىلدى...يېڭى سەھىپىدە ئەرزىگۈلۈك ئىشلارنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، مەۋلانا.
Yorumlar
Yorum Gönder