جۈملە
جۈملە
§1. جۈملە ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى
1. جۈملە ھەققىدە چۈشەنچە
سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن، نىسپىي تولۇق ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرنى بىلدۈرىدىغان ۋە بەلگىلىك ئىنتوناتسىيەگە ئىگە بولغان ئەڭ ئاساسىي ئالاقە بىرلىكى جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ
قۇرۇلما نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۈملە سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ مۇئەييەن سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەتتە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ
. مەسىلەن:
ئۆتكەن يىلى مەكتىپىمىزگە 2000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى
. ۋەتىنىنى قوغداش بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز
. ياتىقىمىز ئازادە، يورۇق
. ئېتىمنى قەيەرگە باغلايمەن؟
جېنىم دوستۇم، ئانامغا ئېيت، مېنى ئۇنىڭغا بەرمىسۇن
. كاپلا، مەن كىرمىسەم بوپتىكەن-ھە!
بۇ لۇغەت نىجاتنىڭ
.
رولىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۈملە ئالاقىلىشىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق بىرلىك، چۈنكى جۈملە توپى، بىر مەيدان دوكلات، بىر پارچە ماقالە قاتارلىقلار مۇ ئادەتتە ئالاقە بىرلىكى ھېسابلىنىدۇ
. لېكىن، ئۇلار ئۆزئارا ئالاقىلىشىشتە يەككە (مۇستەقىل) ھالدا قوللىنىشقا بولىدىغان ئەڭ ئاساسىي ئالاقە بىرلىكىدىن، يەنى جۈملىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ . شۇڭا، جۈملە ئەڭ ئاساسىي ئالاقە بىرلىكى ھېسابلىنىدۇ . فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر جۈملە مۇئەييەن ئىنتوناتسىيەگە ئىگە بولىدۇ
. كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەمىشە باشقىلارنىڭ گەپ قىلغان چاغدىكى ئىنتوناتسىيەسىدىن قارشى تەرەپنىڭ بىر جۈملە گەپنى قىلىپ بولغانلىقى ياكى گەپنىڭ يېرىمىدا توختاپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلالايدۇ . شۇڭا، مەلۇم ئۈزۈندىنىڭ جۈملە ياكى جۈملە ئەمەسلىكىنى پەرق ئېتىشتە، ئىنتوناتسىيە مۇھىم ئاساس بولىدۇ .
ئىنتوناتسىيە جۈملىنى سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىدىن پە Hostلەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ
كېچە. ئەتراپ دىمىق ۋە بۇرۇقتۇرما
. ئەتىياز. قارلار ئېرىشكە باشلىدى
.
مانا بۇ جۈملىلەردىكى «كېچە»، «ئەتىياز» دېگەن سۆزلەر يۇقىرىقىدەك تىل شارائىتىدا ئىنتوناتسىيەگە ئىگە قىلىنىپ ۋە مۇئەييەن كۈنتېكىستقا كىرىپ جۈملىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلىنغان
— ئىسمىڭىز نېمە؟
— غالىب
. — قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىز؟
— شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا
. — قايسى فاكۇلتېتتا؟
— تىل فاكۇلتېتىدا
. — قايسى كەسىپتە؟
— خەنزۇ تىلىدا
. — نەچچىنچى يىللىقتا؟
— ئىككىنچى يىللىقتا
.
بۇ دىئالوگنىڭ 2، 4، 6، 8، 10-لاردىكى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرىمۇ ئۆز ئالدىغا ئايرىم-ئايرىم جۈملە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ
جۈملىنىڭ يەنە بىر فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە تىنىق ياكى پائۇزا بولىدۇ
جۈملە ئىنتوناتسىيەسى يەنە جۈملە تۈرلىرىنى پەرقلەندۈرۈشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ
مەزمۇن جەھەتتىن ئالغاندا، جۈملە نىسپىي تولۇق ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ
. چۈنكى، بىر جۈملە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك مۇرەككەپ ئوي-پىكىرلىرى شۇ بىر جۈملىدە بىردىنلا تولۇق ئىپادىلىنىپ كېتىلىشى ناتايىن . ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى باشقا جۈملىلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندىلا، ئاندىن تولۇق ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ . يەنە بىر جەھەتتىن، جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئوي-پىكىر چوقۇم مۇئەييەن تىل شارائىتىنى ئۆزىگە شەرت قىلىدۇ، جۈملە مەنىسى مۇئەييەن تىل شارائىتىدا روشەنلىشىدۇ . شۇڭا، ئادەتتە جۈملە تولۇق ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ دېگەن سۆز ئۇنىڭ مۇئەييەن تىل شارائىتىدىكى فۇنكسىيەسىگە قارىتا ئېيتىلغان . جۈملىدە مۇئەييەن بىر ئوي-پىكىر ئىپادىلىنىش بىلەن بىللە يەنە تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇلارمۇ ئىپادىلىنىدۇ
. چۈنكى، جۈملىدە سۆزلىگۈچىنىڭ مەلۇم بىر شەيئى ياكى ھادىسىگە قارىتا مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئىنكار قىلىش، سوئال قويۇش، بۇيرۇق قىلىش قاتارلىق ئوي-پىكىرلىرى ئىپادىلىنىش بىلەن بىللە يەنە شۇ شەيئى ياكى ھادىسىگە قارىتا خۇشاللىنىش، ھاياجانلىنىش، ھەيران قېلىش، بىزار بولۇش، ياقۇرماسلىق قاتارلىق تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇلىرىمۇ ئىپادىلىنىدۇ . جۈملە بايانىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ
. جۈملىنىڭ بايانىي خۇسۇسىيىتى دېگىنىمىز سۆزلىگۈچىنىڭ گەپ مەزمۇنىغا بولغان سۇبيېكتىپ پوزىتسىيەسىنى (نېمىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، نېمىنى ئىنكار قىلغان، قانداق ئارزۇنى ئىپادىلىگەن، قانداق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى) كۆرسىتىدۇ . جۈملە ئۆزىدىن چوڭ قۇرۇلمىنىڭ ئىچىگە ئېلىنماسلىقى كېرەك
. ئەگەر جۈملە ئۆزىدىن چوڭ قۇرۇلمىنىڭ ئىچىگە ئېلىنسىلا، ئۆزىنىڭ جۈملىلىك خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ، جۈملىنىڭ مۇئەييەن بىر بۆلىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . مەسىلەن: ئاش بار
. ئاش بار يەردە جان بار
. ئاش بار يەردە جان بار دەپ توغرا ئېيتقان
. ئاش بار يەردە جان بار دەپ توغرا ئېيتقانلىقىنى بىلىمىز
. قان چىقتى
. جان چىقتى
. قان چىقتى — جان چىقتى
.
2. جۈملىنىڭ سۆز بىرىكمىسىدىن پەرقى
جۈملە بىلەن سۆز بىرىكمىسى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ:
سۆز بىرىكمىسىدە ئىنتوناتسىيە بولمايدۇ
. جۈملىدە بولسا مۇئەييەن ئىنتوناتسىيە بولىدۇ . سۆز بىرىكمىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تىنىق نىسبەتەن قىسقا، جۈملىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنىق نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ
. سۆز بىرىكمىسى جۈملىنىڭ قۇرۇلما بىرلىكى بولۇپ، ئۇنىڭدا بايان خۇسۇسىيىتى بولمايدۇ، جۈملىدە بولسا بايان خۇسۇسىيىتى بولىدۇ
. سۆز بىرىكمىسى ئۇقۇملار توپىنى ئىپادىلەيدۇ، جۈملە بولسا ئاياغلاشقان ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ
. سۆز بىرىكمىسىدە قاراتما بۆلەك، قىستۇرما بۆلەك، ئۈندەش بۆلەك ۋە تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇ تەركىبلىرىگە ئوخشاش قوشۇمچە تەركىبلەر بولمايدۇ
. جۈملىدە بولسا بۇنداق قوشۇمچە تەركىبلەر بولىدۇ . سۆز بىرىكمىسى جۈملىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغان گرامماتىكىلىق بىرلىك، جۈملە بولسا سۆز بىرىكمىسىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرىدىغان گرامماتىكىلىق بىرلىك
.
§2. جۈملە بۆلەكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇن تەرتىپى
جۈملىدە سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى مەلۇم سىنتاكسىسلىق ۋەزىپىدە كېلىدۇ
ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ جۈملىدە قانداق بۆلەك بولۇپ كېلىشىنى ئۇلارنىڭ گرامماتىكىلىق ئۆزگىرىشلىرى بەلگىلەيدۇ
جۈملە بۆلەكلىرى سىنتاكسىسلىق رولىغا ئاساسەن جۈملىنىڭ باش بۆلەكلىرى ۋە جۈملىنىڭ ئەگەشمە بۆلەكلىرى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ
جۈملىنىڭ تۈزۈلۈشىدە ئاساس بولىدىغان، جۈملىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بۆلەك جۈملىنىڭ باش بۆلىكى دەپ ئاتىلىدۇ
جۈملىنىڭ باش بۆلەكلىرىگە ياندىشىپ كېلىپ، جۈملىنىڭ باش بۆلەكلىرىدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇننى تولۇقلاش، كېڭەيتىش، كونكرېتلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان بۆلەكلەر جۈملىنىڭ ئەگەشمە بۆلەكلىرى دەپ ئاتىلىدۇ
ئەسكەرتىش: جۈملىنى تەھلىل قىلىشتا، جۈملە بۆلەكلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ كۆرسىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ھەربىر جۈملە بۆلىكى تۆۋەندىكى شەرتلىك بەلگىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەندى:
ئىگە: ـــــ ؛ خەۋەر: ═ ؛ تولدۇرغۇچى: ⎽⎽⎽ ؛ ئېنىقلىغۇچى: ~~~~~ ؛ ھالەت: ...
1. ئىگە
جۈملىدە خەۋەر تەرىپىدىن بايان قىلىنىدىغان، ھۆكۈملىنىدىغان ۋە تەسىرلەندۈرىدىغان باش بۆلەك ئىگە دەپ ئاتىلىدۇ
ل. مۇتەللىپنىڭ خىيال كەپتىرى بىردىنلا غۇلجىغا قاراپ پەرۋاز قىلدى
. ئۇيغۇر تىلىدا سوزۇق تاۋۇشسىز بوغۇم تۈزۈلمەيدۇ
. ئەخمەق كۈندۈزى چىراغ ياقىدۇ
. يىگىرمە — جۈپ سان
. بىر كىلومېتىر مىڭ مېتىرغا تەڭ
. ئەتە چارشەنبە
. بىز ھازىر پەن تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمىز
. ھەركىم ئۆز ئىشىغا پۇختا بولسۇن
. ئۇسسۇلغا قاتنىشىدىغانلار سائەت بىردە سىنىپقا يىغىلسۇن
. شائىرنىڭ ئۆز قولىدا قالغان بارلىق ئەسەرلىرىنى رەتلەپ، ئۆز پېتىچە نەشرگە تەييارلاش خېلى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان قىيىن ئىش
. تاماقنىڭ ئالدى مېھمانلارغا تارتىلدى
. قان چىقتى — جان چىقتى
. دەرد-ھەسرەت، پۇشايمان ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېغىر ئەمگەكتىنمۇ بەتتەر ئازابلايتتى
.
ئىگە جۈملىدە ئومۇمەن خەۋەرنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ
يىرتىلسا كالېندارنىڭ بىر ۋارىقى،
تۆكۈلىدۇ ئۆمۈرنىڭ بىر تال يوپۇرمىقى
. كاللا دېسە، پاچاق دېيىشىدۇغۇ، بۇ ئوغرىلار!
قېنىغا پاتمايدىغان چوكان-دە، سەن!
ھاكىمىيەتنى ئارزۇ قىلىپ ئورۇقلاپمۇ كەتتى، بۇ بىچارە
. تۈركىي يېزىق تىللىرىنىڭ، تۈركىي دىئالېكتلىرىنىڭ تارىخىي يىلتىزلىرىنى ۋە تەرەققىيات جەريانلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن مەنبەدۇر، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»
.
2. خەۋەر
جۈملىدە ئىگىنى بايان قىلىدىغان، ھۆكۈملەيدىغان ۋە تەسۋىرلەيدىغان باش بۆلەك خەۋەر دەپ ئاتىلىدۇ
ئۇيغۇر تىلىدا پېئىللار، تۇرغۇن سۆزلەر ۋە سۆز بىرىكمىلىرىمۇ خەۋەر بولۇپ كېلەلەيدۇ
پېئىللار ياكى پېئىللىق بىرىكمىلەر خەۋەر بولۇپ كەلسە، مۇنداق خەۋەرلەر شەخس ۋە سان جەھەتتە ئىگە بىلەن ماسلىشىپ كېلىدۇ ۋە ئىگىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى بايان قىلىپ، بايان خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ
مەن ئەتىسى بىر كۈن تاماق يېمىدىم
. قىپقىزىل قان خەمىتنىڭ كۆكسىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتاتتى
. ئۇ ئۈنچىمىستىن يىراق-يىراقلارغا كۆز سالدى
. ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت قىلىدۇ
. مەن بۇ تەشەببۇسنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمەن
. سادىق بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەرمەكچى بولدى
. مەن سىزنى ساقلىغىلى ئىككى سائەت بولدى
. مەن تۇرپانغا بېرىشىنى بارىمەن، لېكىن ھازىر بارمايمەن
. مەن ئۇ ئۆيگە كىرسەم كىردىم
. ئوقۇشقا بارغىنىم بارغان
.
تۇرغۇن سۆزلەر ياكى تۇرغۇن سۆزلۈك سۆز بىرىكمىلىرى خەۋەر بولۇپ كەلسە، ئىگىنى ھۆكۈملەپ ياكى تەسۋىرلەپ، ھۆكۈملەش ياكى تەسۋىرلەش خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ
سائادەت مېنىڭ دوستۇم
. تەرپىنىڭ جەنۇبى بەك ئىسسىق
. سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلارنىڭ سانى يىگىرمە ئۈچ
. يۇرتداشلار چاپىنىنىڭ ياقىسىنى تۇتۇپ ھاڭ-تاڭ قىلىۋاتقان ئىش مانا شۇ!
بۇ بېلىقنىڭ ئېغىرلىقى بەش كىلو
. ئوغرىنىڭ يۈرىكى پۈك-پۈك
. مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىم پەقەت خىزمەت ئۈچۈنلا
. يىغىننىڭ ۋاقتى ئەسلى ئەتە
. بۇ چاچلار قۇندۇز تۈكىدەك توم، قارا ۋە پارقىراق
. ئەقىل — سېنى غايە يولىدا ئۇچۇرىدىغان قانات
. زامان زورنىڭ، تاماشا كۆرنىڭ
. ۋاقتىڭ كەتتى — بەختىڭ كەتتى
. كۆزدىن نېرى — كۆڭۈلدىن نېرى
.
خەۋەر ئومۇمەن جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كېلىدۇ، لېكىن، شېئىرلاردا ياكى دىئالوگلاردا ۋەياكى شوئار مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملىلەردە ئىگىنىڭ ياكى خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە بۆلەكلەرنىڭ ئالدىدا كېلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار
ئۇنتۇمايمەن ئاشۇ باھار پەسلىنى،
بىز سۆيۈشكەن ئاشۇ گۈل تۈۋىدە
. مۇھەببەتنىڭ ئىككى مىسرا بېيتى،
جەم بولغانتى ئىككىمىزنىڭ لېۋىدە
. توختىمەت جۈرىنى نېمە دېمەيدۇ، بۇ خەق
. ئىچىدە ئوغا قاينايدىغان ئادەملەر-دە، ئۇ
. ياشىسۇن مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى!
3. تولدۇرغۇچى
جۈملىدە پېئىل ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئوبيېكت تولدۇرغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ
مەن يۇرتۇمنى قىزغىن سۆيىمەن
. ئۇ بۇ نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىرىنى تاللىۋالدى
. ئىدارىمىز بۇ يىل قانۇن كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككىنى ئالىدۇ
. بۇ ئانارنىڭ ئىككى كىلو سىنى سەن ئال، ئۈچ كىلو سىنى مەن ئالاي
. ئۇ مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى
. ئىنىم ئوقۇشنى بۇ يىل پۈتكۈزىدۇ
. ئاڭلىغىنىمنى دەيمۇ؟ كۆرگىنىمنىمۇ؟
بۇ تاراڭ-تۇرۇڭنى توختاتساڭلارچۇ!
شەمشىنۇرنىڭ ھەمراھلىرى خەتەرسىز يول بىلەن مېڭىشنى تەلەپ قىپتۇ
. مەن كۆسەي بىلەن تونۇردىكى نۇرسىزلانغان ئوتنى چوقچىلىدىم
. سېپىل تۈۋىدە لەگلەك تالىشىپ مۇشتلاشقىنىمىزنى ئۇنتۇپ قاپسەن-دە
. مەكتەپ رەھبەرلىكى بۈگۈن چوڭ تازىلىق قىلىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى
.
تولدۇرغۇچى ئۆتۈملۈك پېئىلدىن تۈزۈلگەن خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە بۆلەك بولغاچقا، ئادەتتە خەۋەرنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ
بولدى، بولدى! يەنە شۇ كونا خاماننى سورىغىلى تۇردۇڭغۇ، ئالسام ئالارمەن، ئۇنداق گاداينىڭ قىزىنى
. مېنى كۆرسە، بىر قىسمىلا قىلىقلارنى قىلىپ كېتىدۇ قارا، يۈرگىنە كېتەيلى، كۆزۈم كۆرمىسۇن شۇ تېتىقسىزنى
. بىرنى قويۇپ قولۇمغا بىلەزۈك قىلىۋالىمەن، جۇمۇ، سېنى ھازىر
. ئەمىسە نېمانچە كۆپ ئالىسىلەر گۆش، توخۇنى؟
4. ئېنىقلىغۇچى
جۈملىدە شەيئىلەرنىڭ تۈرلۈك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ كېلىدىغان ئەگەشمە بۆلەك ئېنىقلىغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ
ئېنىقلىغۇچى ئېنىقلانغۇچىغا (ئىگە، تولدۇرغۇچى ياكى ئىسىمدىن تۈزۈلگەن خەۋەرگە) ئىككى خىل سىنتاكسىسلىق ۋاسىتە ئارقىلىق بىرىكىپ كېلىدۇ:
بىرىنچى، ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچى سۆز تەرتىپى ئارقىلىق باغلىنىدۇ
. بۇ خىل باغلىنىش ئىنتايىن چىڭ بولۇپ، ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچىنىڭ ئارىسىغا باشقا بۆلەكلەرنى قىستۇرۇشقا بولمايدۇ . ئىككىنچى، ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچى تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار (ئىسىملارنىڭ ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن شەخس قوشۇمچىسى، ئوخشاتما كېلىش، ئورۇن-بەلگە كېلىش، تەڭلەشتۈرمە كېلىش قوشۇمچىلىرى، پېئىللارنىڭ سۈپەتداش قوشۇمچىلىرى) ئارقىلىق باغلىنىدۇ
. تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان بۇ خىل باغلىنىش بىر قەدەر ئەركىن بولىدۇ . شۇڭا، بۇنىڭدا ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچى يانداش كەلسىمۇ بولىدۇ ياكى ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچى ئوتتۇرىسىغا باشقا تەركىبلەر قىستۇرۇلۇپ كەلسىمۇ بولىدۇ .
ئېنىقلىغۇچى ئادەتتە تۇرغۇن سۆز ياكى تۇرغۇن سۆزلۈك سۆز بىرىكمىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ
تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى بىلەن پاختىسى خېلى داڭلىق
. مەكتەپ كىنوخانىسى يېڭىدىن ياسالدى
. سىنىپىمىزدا تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار كۆپ
. ئۇ بىردەمدىلا تۆت-بەش يىگىتنى باشلاپ كەلدى
. بۇ ئىشنى ھەرقانداق ئادەم قىلالايدۇ
. غۇر-غۇر شامال چىقىپ تۇراتتى
. سەن سىزغان رەسىمنى مەنمۇ سىزالايمەن
. ئۇلار ئاددىي ياسالغان، ئەمما ناھايىتى پاكىز بىر ئۆينى بۇ يىگىتكە بەردى
. ئۇ بەك تىرىشچان ھەم مۇلايىم ئوقۇغۇچى
.
ئېنىقلىغۇچىلار مەيلى سۆز تەرتىپىنى سىنتاكسىسلىق ۋاسىتە قىلغان ئېنىقلىغۇچى بولسۇن ياكى تۈرلىگۈچى قوشۇمچىسىنى ۋاسىتە قىلغان ئېنىقلىغۇچى بولسۇن، ئادەتتە ئېنىقلانغۇچىنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ
مەن ئەخمەق ئەمەس، ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان
. قانداق ئادەم بۇ، ئۆزىنى بىلمەيدىغان
. قارا، زىغىر-قىچا، تىكەنلىرىمۇ گۈل بۇ يەرنىڭ
. سىز بىلەن سوقۇشقىلى چولام يوق مېنىڭ
.
5. ھالەت
جۈملىدە پېئىل ياكى پېئىل خاراكتېرلىك بىرىكمىلەرگە ۋەياكى سۈپەتلەردىن تۈزۈلگەن خەۋەرگە بېقىنىپ كېلىپ، خەۋەردە ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ ۋاقتى، ئورنى، سەۋەبى، مەقسىتى، يۆنىلىشى، ۋاسىتىسى، دەرىجىسى، سان-مىقدارى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدىغان ئەگەشمە بۆلەك ھالەت دەپ ئاتىلىدۇ
ئۇيغۇر تىلىدا:
بىرىنچىدىن، سۈپەت، سان-مىقدار، رەۋىش، رەۋىشداش ۋە تەقلىد سۆزلەر پېئىلدىن تۈزۈلگەن خەۋەرگە بىۋاسىتە بېقىنىپ كەلسە، جۈملىدە ھالەت بولۇپ كېلىدۇ
؛ ئىككىنچىدىن، تۇرغۇن سۆزلەر چىقىش كېلىش، يۆنىلىش كېلىش، ئورۇن كېلىش، چەك كېلىش، ئوخشاتما كېلىش، تەڭلەشتۈرمە كېلىش شەكلىدە كېلىپ ئۆتۈمسىز پېئىلدىن تۈزۈلگەن خەۋەرگە بىۋاسىتە بېقىنىپ كەلسە، جۈملىدە ھالەت بولۇپ كېلىدۇ
؛ ئۈچىنچىدىن، ئىسىم-تىركەلمىلىك بىرىكمە پېئىلدىن تۈزۈلگەن خەۋەرگە بىۋاسىتە بېقىنىپ كەلسە، جۈملىدە ھالەت بولۇپ كېلىدۇ
؛ تۆتىنچىدىن، رەۋىشلەر سۈپەتتىن تۈزۈلگەن خەۋەرگە بىۋاسىتە بېقىنىپ كەلسە، جۈملىدە ھالەت بولىدۇ
.
ھالەتلەر مەزمۇنىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
(1) سۈپەت-ھەرىكەت ھالىتى: ئادەتتە سۈپەت، سۈپەتلىك سۆز بىرىكمىسى، ھالەت رەۋىشى، رەۋىشلىك سۆز بىرىكمىسى، چەك كېلىش، ئوخشاتما كېلىش، تەڭلەشتۈرمە كېلىش، تەقلىد سۆز، رەۋىشداش ۋە رەۋىشداش سۆز بىرىكمىسى قاتارلىقلار سۈپەت-ھەرىكەت ھالىتى بولۇپ كېلىدۇ
ئۇ بۇ قېتىمقى ئىمتىھاننى بەك ياخشى بېرىپتۇ
. ئۇ ئورنىدىن دەس تۇردى
. ئۇ قورققىنىدىن غال-غال تىترەپ كەتتى
. زەرىپىخان يۈزىنى بىلىكىگە قويۇپ بوقۇلداپ يىغلىۋەتتى
.
(2) سەۋەب ھالىتى: چىقىش كېلىش شەكلىدىكى تۇرغۇن سۆزلەر، «سەۋەبلىك»، «ئۈچۈن» قاتارلىق تىركەلمىلەر ۋە بەزى «-پ»لىق رەۋىشداشلار جۈملىدە سەۋەب ھالىتى بولۇپ كېلىدۇ
ئۇنداق ئادەملەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ پاۋاشلىقىدىن زىيان تارتىدۇ
. رۇخسەت سورىماي ئۆيگە كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا چارە كۆرۈلدى
. ئەخمەت ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن يىغىنغا كېلەلمىدى
. ئىشىم چىقىپ قېلىپ كېچىكىپ قالدىم
.
(3) مەقسەت ھالىتى: مەقسەت رەۋىشلىرى، «ئۈچۈن» تىركەلمىسى، «-غىلى»لىق رەۋىشداشلار، يۆنىلىش كېلىشتىكى ئىسىمداشلار جۈملىدە مەقسەت ھالىتى بولۇپ كېلىدۇ
ئۇ بۈگۈنكى ئەمگەككە قەستەن قاتناشمىدى
. ئۇ قىزىنى بەزلەش ئۈچۈن لايىقىراق سۆز تېپىشنى ئويلايتتى
. بىز بۇ يەرگە ئوقۇغىلى كەلدۇق
. ئۇ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەتتى
.
(4) ۋاقىت ھالىتى: ۋاقىت ئىسىملىرى، ۋاقىت رەۋىشلىرى، ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن «-غان»لىق سۈپەتداشلار، «-ش» ئىسىمداشلارنىڭ «بىلەن» ياكى «بىلەن تەڭ» قاتارلىق سۆزلەر بىلەن بىرىككەن شەكلى، «-ش»لىق ئىسىمداشلارنىڭ يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن شەكىللىرى، «-پ»لىق رەۋىشداشلارنىڭ «لا» يۈكلىمىسى بىلەن بىرىككەن شەكىللىرى ۋە ئورۇن كېلىش شەكلىدە تۇراقلاشقان ئىدىيوملار جۈملىدە ۋاقىت ھالىتى بولۇپ كېلىدۇ
ئۇ تۈنۈگۈن قايتىپ كەلدى
. ئادىل ھېلى كەلدى
. ئۇ كەلگەندە مەن ئۆيدە يوق بولۇپ قاپتىمەن
. مەن كېلىشىم بىلەن (تەڭ) يىغىن باشلاندى
. ئۇ ئۆيگە كىرىشىگە مېھمانلار ئۇزىدى
. ئەسقەر ئۆيگە كىرىپلا سۆزلەپ كەتتى
. مەن ئۇنى بۇندىن ئۈچ يىل ئىلگىرى بىر كۆرگەن
. راستتىنلا مەن تېخى قۇم چېچەكلەنگەندە، تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە تەگكەندە پۇتۇمدىكى بۇ تۈپلەي دەپ يۈرەتتىم
.
(5) ئورۇن ھالىتى: ئورۇن-تەرەپ ئىسىملىرى ۋە ئورۇن كېلىش، چىقىش كېلىش، چەك كېلىش شەكلىدىكى تۇرغۇن سۆزلەر ۋە «قەدەر» تىركەلمىسى بىلەن بىرىككەن ئىسىم-تىركەلمىلىك بىرىكمىلەر جۈملىدە ئورۇن ھالىتى بولۇپ كېلىدۇ
سىز ھازىرقى ئورنىڭىزدىن سەل كېيىن تۇرسىڭىز
. پەرىدە بېيجىڭدا ئوقۇۋاتىدۇ
. مەن بۇ كىتابنى كۈتۈپخانىدىن ئالدىم
. سىز بىرىنچى بەتتىن ئونىنچى بەتكىچە ئوقۇڭ
. مەن بۇ قېتىم خوتەنگىچە بارىمەن
. بىز مەكتەپتىن پويىز ئىستانسىسىغا قەدەر پىيادە ماڭدۇق
.
(6) دەرىجە-مىقدار ھالىتى: دەرىجە رەۋىشلىرى، چىقىش كېلىش شەكلىدىكى سانلار ۋە ھەرىكەت سان-مىقدارلىرى جۈملىدە دەرىجە-مىقدار ھالىتى بولۇپ كېلىدۇ
سەن بەك سەمىرىپ كېتىپسەن
. ئوقۇغۇچىلار سىنىپقا بىردىن-ئىككىدىن كېلىشكە باشلىدى
. قېنى، ئۈچتىن-ئۈچتىن كىرىڭلار ئەمىسە
. مەن بۇ كىنونى ئىككى قېتىم كۆرگەن
. ئۇنىڭ بويى بەك ئېگىز ئىكەن
.
ھالەتنىڭ مەنىۋى تۈرى كۆپ بولۇپ، يۇقىرىقى ئالتە تۈردىن باشقا يەنە بەزى تۈرلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن
مەن بۇ تاماقنى چوكىدا يېدىم
. ئۇ قۇمۇلغا پويىز بىلەن بارىدۇ
. بىز بۇ ئىپلازنى چالما-كېسەك قىلىش ئارقىلىق قارىغا ئېلىش ماھارىتىمىزنى مەشىق قىلالايمىز
. بۇلاردە ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ۋاسىتىسى ئىپادىلەنگەن
.
«دەپ»لىك سۆز بىرىكمىسى (سۆز، سۆز بىرىكمىسى ياكى جۈملىنىڭ «دەپ» رەۋىشدىشى بىلەن بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بىرىكمە «دەپ»لىك سۆز بىرىكمىسى دەپ ئاتىلىدۇ) پېئىلدىن تۈزۈلگەن خەۋەرگە بېقىنىپ كېلىپ، جۈملىدە سەۋەب ۋە مەقسەت ھالىتى بولۇپ كېلىدۇ
مەن بۇ يەرگە مۇشۇ ئىشنى دەپ كەلدىم. (مەقسەت)
مەن ئۇ يەرگە سېنى بارىدۇ دەپ بېرىپتىمەن. (سەۋەب)
مەن سىزنى كۆرەي دەپ كەلدىم. (مەقسەت)
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھالەت ئۆتۈمسىز پېئىل ياكى سۈپەتتىن تۈزۈلگەن خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك بۆلەك بولۇپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن بىر جۈملىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ
نۆۋەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا
. بۇ يىل قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئاشلىقتىن ئومۇميۈزلۈك مەھسۇلات ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلمەكتە
.
ھالەتنىڭ جۈملىدىكى ئورنىدىن قارىغاندا، سۆز تەرتىپى ئارقىلىق خەۋەرگە باغلانغان ھالەت خەۋەرگە يانداش كېلىدۇ، ئورنى مۇقىم بولىدۇ، يەنى خەۋەرگە يانمۇيان كېلىدۇ
ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى ھەقسىز رېمونت قىلىمىز
. *ھەقسىز ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىمىز
. ئوقۇغۇچىلار مۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۆرگەن
. *كۆپ ئوقۇغۇچىلار مۇنداق ئىشلارنى كۆرگەن
.
ۋاقىت رەۋىشلىرىدىن تۈزۈلگەن ھالەتلەرنىڭ، تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلار ياكى تىركەلمىلەر ئارقىلىق خەۋەرگە باغلانغان ھالەتلەرنىڭ ئورنى نىسبەتەن ئەركىن بولىدۇ
8-پارتىيە ئىش بېجىرىش ئورنى دېگەن ئىككى قەۋەتلىك بىنا بار ئىكەن، نەنجىڭ دېگەن يەردە
. ئۇنداق ئون قوتۇر ئاتمۇ پاي بېرەلمەيدۇ پېقىرىمگە
. زەپ چىرايلىق بالىكىنە، بىر قوشۇق سۇ بىلەن يۇتۇۋەتكۈدەك
. مانا ئەمدى گۆش پارچىلاپ، ياڭيۇ ئاقلاشقا تۇتۇندى، خۇددى ئاپىسى رەيھانگۈلدەك، يېڭىسى ئاسىيە ناپپايندەك
. قاينىتىپ قويۇپسىزغۇ بۇ بىچارىنى، بەيگىگە سېلىنغان پەرىشتىدەك
. بۇ خېنىمنىڭ مانا تېخى مەسلىھەت قىلغۇسى بار ئوخشايدۇ، قۇۋۇرغامنى كېسىپ
. غوجانىياز تاسلا قاپتۇ، جېنىدىن ئايرىلغىلى
. ئالايىتەن بېگىمگە دە، قىچىشقان يەرنى قاشلىسۇن، قىچىشمىغان يەرنى قاشلىماي
. چۈشتىن كېيىن تېلېفون بېرىپتىكەن، ئاپاڭغا داۋاملىق خىزمەت ئىشلى دەپ
. خېلىمۇ تويۇپ كەتتىم شۇ ئۆمەر شاڭيوۋنىڭ شۇملىرىدىن
. كاۋا ئېشى ئېتىپ بېرىمەن بىردەمدىلا.
3. جۈملىنىڭ ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكلىرى
1. جۈملىنىڭ ئىزاھلىق تەڭداش بۆلىكى ھەققىدە چۈشەنچە
مۇئەييەن بىر ئوبيېكت ياكى بىر ئوبيېكتنىڭ مۇئەييەن بىر بەلگىسى، ئورنى، سانى، ۋاقتى، يۆنىلىشى، ۋاسىتىسى، ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئىپادىلەپ، جۈملىنىڭ مۇئەييەن بىر بۆلىكى بولۇپ كېلىدىغان ئىككى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەك دەپ ئاتىلىدۇ
ئۇ (ل. مۇتەللىپ) غۇلجىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان
. ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ كېلەچەكتىكى خوجايىنلىرى — ئەدىبلىرى، ئالىملىرى، قەھرىمانلىرى
. يەنە بىر قولىدا كېچىلىك كىيىمى — ئۇزۇن كۆڭلىكىنى كۆتۈرۈۋالغانىدى
. تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئودۇلىدىكى — ئىشچىلارنىڭ ئۆيلىرى قاتارىدىكى بىر ئۆينى ئالدىم
. نۇرى ئەتىسى شەھەرگە — گىمنازىيەگە قايتىپ كەلدى
.
ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەك ئىزاھلىغۇچى بۆلەك ۋە ئىزاھلانغۇچى بۆلەكتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ
2. ئىزاھلىغۇچى تەڭداش بۆلەك بىلەن تەڭداش بۆلەكنىڭ ئورتاقلىقى ۋە پەرقى
ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەك بىلەن تەڭداش بۆلەك ھەم ئورتاقلىقلارغا، ھەم ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە
(1) ئورتاقلىقى:
ھەر ئىككىسىدىكى بۆلەكلەر مۇئەييەن بىر گرامماتىكىلىق شەكىلدە كېلىدۇ
. مەسىلەن:
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ساھىبخانىنىڭ ھەمراھلىقىدا زىيارىتىمىزنىڭ تۇنجى بېكىتىگە — پاكىستاننىڭ دۆلەت ئاتىسى مۇھەممەد ئەلى جىنناھنىڭ قەبرىسىگە باردۇق
. بىز ۋەتىنىنى، خەلقنى، ئەمگەكنى، پەننى قىزغىن سۆيىمىز
.
بەزىدە ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكنىڭ ھەر ئىككى تەركىبىگە ئايرىم-ئايرىم ئۇلىنىشقا تېگىشلىك بولغان گرامماتىكىلىق تەركىبلەر ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ئۇلانماي، پەقەت كەينىدىكى بۆلەككە، يەنى ئىزاھلىغۇچى بۆلەككىلا ئۇلىنىدۇ
يىپەك يولى داۋاملىق غەربكە قاراپ ئىلگىرىلەپ ھەم ئۇزۇن، ھەم خەتەرلىك بولغان دۇنيانىڭ ئۆگزىسى — پامىر ئېگىزلىكىگە يامىشىشقا باشلىدى
. بۇ بوران باغلاردىكى ئۆرۈك، ئالما، شاپتۇللارنى يەرگە تۆكۈۋەتتى
.
ھەر ئىككىسىدىكى بۆلەكلەر بىر-بىرىگە بېقىنماي، ئۆزئارا تەڭ دەرىجىدە باغلۇنۇپ، ئورتاق ھالدا جۈملىنىڭ باشقا بۆلەكلىرى بىلەن تۈرلۈك سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەتتە (ئىگە-خەۋەرلىك، تولدۇرغۇچى-تولدۇرۇلغۇچىلىق، ئېنىقلىغۇچى-ئېنىقلانغۇچىلىق، ھالەت-خەۋەرلىك مۇناسىۋەتتە) بولىدۇ
. ھەر ئىككىسىدىكى بۆلەكلەر جۈملىدە مۇئەييەن بىر جۈملە بۆلىكى بولۇپ كېلىدۇ ۋە بىر سوئالغا جاۋاب بولۇپ كېلىدۇ
. مەسىلەن:
قارىغۇچىلار — باھارنىڭ ئەلچىلىرى ئاللىقاچان ئۇچۇپ كەلدى
. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ئورمانچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى
.
ھەر ئىككىسىدىكى بۆلەكلەرنىڭ سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋىتى تەڭداشلىق مۇناسىۋەت بولغاچقا، تىل ئادىتى يول قويغان شارائىت ئاستىدا ئۇلارنىڭ بۆلەكلىرىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ
. مەسىلەن:
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى — ئۈرۈمچى گۈزەل شەھەر
. ئۈرۈمچى — ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى گۈزەل شەھەر
. ئۇلار خەلق ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان
. ئۇلار مىللەت ئۈچۈن، ئەۋلادلار ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان
.
ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى جۈملىنىڭ باش ۋە ئەگەشمە بۆلىكى بولۇپ كېلەلەيدۇ
.
(2) پەرقى:
ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكتىكى ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك مۇئەييەن بىر شەيئىنى ياكى شۇ شەيئىنىڭ تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلىسە، تەڭداش بۆلەكتىكى ھەرقايسى بۆلەكلەر باشقا-باشقا شەيئىنى ياكى باشقا-باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەيدۇ
. ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەك پەقەت ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەكتىن ئىبارەت ئىككىلا بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ
. تەڭداش بۆلەك تەركىبىدىكى بۆلەكلەرنىڭ سانى بولسا ئىككى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ . ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكتىكى ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەكنىڭ ھەجىمى كۆپ ھاللاردا ئوخشاش بولمايدۇ، يەنى بەزىدە ئىزاھلانغۇچى بۆلەك بىر سۆزدىن تەركىب تاپسا، ئۇنىڭ ئىزاھلىغۇچى بۆلىكى سۆز بىرىكمىسىدىن تەركىب تاپىدۇ؛ بەزىدە ئىزاھلانغۇچى بۆلەك سۆز بىرىكمىسىدىن تەركىب تاپسا، ئۇنىڭ ئىزاھلىغۇچى بۆلىكى بىر سۆزدىن تۈزۈلىدۇ
. مەسىلەن:
غوجام — ئۈستىگە سۈلەيسۈن جۇۋا، بېشىغا قاما تۇماق، ئىچىگە كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ گالستۇك تاقىغان، يوغان بۇرۇن، قارا بۇرۇت، ئاق يۈزلۈك ئادەم غەمكىن ۋە خىيالچان ھالدا كالاسكىدىن چۈشتى
. ھازىر رەيھاننىڭ قەلبىدىكى ھەدە — سابىخە مەۋجۇت ئەمەس، ئۇنىڭ ئەڭ لەشەدددىي دۈشمىنى سابىخە ئىسىملىك جادۇگەرلا مەۋجۇت
.
ئەمما، تەڭداش بۆلەك تەركىبىدىكى ھەرقايسى بۆلەكلەر بىر-بىرىگە نىسبەتەن ھەجىم جەھەتتىن ئومۇمەن باراۋەر بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھەرقايسى بۆلەكلەر ئومۇمەن ياكى پۈتۈنلەي سۆزدىن، ياكى پۈتۈنلەي سۆز بىرىكمىسىدىن تۈزۈلىدۇ
ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكتە پەقەت ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك ئوتتۇرىسىغىلا «يەنى» باغلىغۇچىسى ئىشلىتىلىدۇ، باشقا باغلىغۇچىلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
. تەڭداش بۆلەكتە بولسا ئۇنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرى ئوتتۇرىسىغا ياكى ئاخىرقى بىر بۆلىكىنىڭ ئالدىغا «ۋە»، «ھەم»، «ھەمدە»، «بىلەن»، «شۇنىڭدەك»، «شۇنداقلا»، «يا»، «ياكى» دېگەندەك تۈرلۈك باغلىغۇچىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ .
3. ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەك بىلەن ئېنىقلىغۇچىنىڭ پەرقى
بەزىلەر ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكنى «ئىزاھ ئېنىقلىغۇچى» دەپ ئاتايدۇ، مۇنداق دېيىش توغرا ئەمەس، چۈنكى مۇنداق دېيىلسە، كىشىلەردە «ئىزاھ ئېنىقلىغۇچى» جۈملىنىڭ ئەگەشمە بۆلەكلىرىدىن بىرى بولغان ئېنىقلىغۇچىنىڭ بىر تۈرى بولسا كېرەك دەيدىغان بىر خىل خاتا قاراشنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ
بىرىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ئورۇن تەرتىپى ئوخشىمايدۇ
. ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكتىكى ئىزاھلىغۇچى بۆلەك ئىزاھلانغۇچى بۆلەكنىڭ كەينىدە كېلىدۇ . ئېنىقلىغۇچى بولسا ئېنىقلانغۇچى بۆلەكنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ . مەسىلەن: ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، يەنى مېنىڭ قىزىم بىلەن كۈيۆ ئوغلۇم ئۇنى چەت ئەلگە ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ
. تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئايدىڭكۆل دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن
. مىسال 1دە «مېنىڭ قىزىم بىلەن كۈيۆ ئوغلۇم» دېگەن ئىزاھلىغۇچى بۆلەك «ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى» دېگەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەكنىڭ كەينىدە كەلگەن بولسا، مىسال 2دە «تۇرپان ئويمانلىقىدىكى» دېگەن ئېنىقلىغۇچى بۆلەك «ئايدىڭكۆل» دېگەن ئېنىقلانغۇچى بۆلەكنىڭ ئالدىدا كەلگەن .
ئىككىنچىدىن، كۆرسىتىدىغان ئوبيېكتلىرى ئوخشىمايدۇ
. ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكتىكى ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك مۇئەييەن بىر شەيئىنى ياكى بۇ شەيئىنىڭ مۇئەييەن بىر بەلگىسى، ئورنى، ۋاقتى، يۆنىلىشى، ۋاسىتىسى ياكى ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى ھەر خىل نۇقتىلاردىن ئىپادىلەپ كېلىدۇ . ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچى بۆلەك بولسا ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئورتاق بىر شەيئىنى ئېنىقلاپ كەلمەيدۇ، بەلكى ئېنىقلانغۇچى بۆلەك بىر ئوبيېكتنى، ئېنىقلىغۇچى بۆلەك بولسا ئېنىقلانغۇچى بۆلەكتە ئىپادىلەنگەن ئوبيېكتنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىرىنى ياكى تەۋەلىكىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ . مەسىلەن: ئىشىك ئېچىلدى، ئەخمەت — قىرغىز يىگىت تاپانچىسىنى غىلىپىغا سالدى
. ئۇلار شەھەرنىڭ جەنۇبىي قاپقىسى — خوتەن دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدى
. بىز يېڭى دەۋردە — ئىسلاھات دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز
. تاغنىڭ ھاۋاسى بىردىنلا ئۆزگەردى
. مىسال 1دە «قىرغىز يىگىت» دېگەن ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن «ئەخمەت» دېگەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك مۇئەييەن بىر ئادەمنى؛ مىسال 2دە «خوتەن دەرۋازىسى» دېگەن ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن «شەھەرنىڭ جەنۇبىي قاپقىسى» دېگەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى «-غا» ئارقىلىق مۇئەييەن بىر يۆنىلىشنى؛ مىسال 3تە «ئىسلاھات دەۋرى» دېگەن ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن «يېڭى دەۋر» دېگەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى «-دە» ئارقىلىق ئەينى بىر ۋاقىتنى بىلدۈرۈپ كەلگەن . مىسال 4تە بولسا «ھاۋا» دېگەن ئېنىقلانغۇچى بۆلەك باشقا بىر شەيئىنى، «تاغنىڭ» دېگەن ئېنىقلىغۇچى بۇ شەيئىنىڭ تەۋەلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن .
ئۈچىنچىدىن، ئۇلارنىڭ جۈملىدىكى كۆرۈلۈش شەكىللىرى ئوخشىمايدۇ
. ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكتىكى ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك جۈملىدە مۇئەييەن بىر خىل گرامماتىكىلىق شەكىلدە كېلىدۇ . ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچى بۆلەك بولسا جۈملىدە مۇئەييەن بىر گرامماتىكىلىق شەكىلدە ئەمەس، بەلكى باشقا-باشقا گرامماتىكىلىق شەكىللەردە كېلىدۇ . مەسىلەن، ئالدىنقى مىسال 1دە ھەر ئىككى تەركىب باش كېلىش شەكلىدە؛ مىسال 2دە ھەر ئىككى تەركىب «ئالدى» سۆزىگە ئورتاق باغلۇنۇپ، يۆنىلىش كېلىش شەكلىدە؛ مىسال 3تە ھەر ئىككى تەركىب ئورۇن كېلىش شەكلىدە كەلگەن . مىسال 4تە بولسا ئېنىقلىغۇچى بۆلەك ئىگىلىك كېلىش شەكلىدە، ئېنىقلانغۇچى بۆلەك باش كېلىش شەكلىدە كەلگەن . تۆتىنچىدىن، ئۇلارنىڭ جۈملىدىكى سىنتاكسىسلىق ۋەزىپىسى ئوخشىمايدۇ
. ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەك تەركىبىدىكى ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك جۈملىدە مۇئەييەن بىر سىنتاكسىسلىق ۋەزىپىدە كېلىدۇ، يەنى مۇئەييەن بىر جۈملە بۆلىكى بولۇپ كېلىدۇ . لېكىن، ئېنىقلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئېنىقلانغۇچى بۆلەك جۈملىدە ئوخشاش سىنتاكسىسلىق ۋەزىپىدە كېلەلمەيدۇ، يەنى مۇئەييەن بىر جۈملە بۆلىكى بولۇپ كېلەلمەيدۇ . مەسىلەن: شۇنداق بولسىمۇ ئەنۋەر ئەپەندى ماشىنىسىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە — ۋاڭ قادىر بېغى تەرەپكە تارتتى
. پەرىزات — ئون ئالتە ياشلىق، گۈزەل، ھېسسىيات كونتۇروللۇقىدىن ئايرىلغان قىز بىرلا چىرقىرىدى-دە، ھوشىدىن كەتتى
. ئۇ ئۆز قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئالغان سوۋغا — سۇلياۋدىن ياسالغان بىر قونچاقنى جۈزىگە قويدى
. مەكتىپىمىزنىڭ دەرۋازىسى قايتا ياسالدى
. مىسال 1دە ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك جۈملىنىڭ ھالىتى؛ مىسال 2دە جۈملىنىڭ ئىگىسى؛ مىسال 3تە جۈملىنىڭ تولدۇرغۇچىسى بولۇپ كەلگەن . مىسال 4تە «مەكتىپىمىزنىڭ» دېگەن بۆلەك جۈملىنىڭ ئېنىقلىغۇچىسى، «دەرۋازىسى» دېگەن ئېنىقلانغۇچى بۆلەك جۈملىنىڭ ئىگىسى بولۇپ كەلگەن . شۇ سەۋەبلىك، جۈملىنىڭ ئىزاھلانغۇچى بۆلىكى قىسقارتىۋېتىلسىمۇ، ئىزاھلىغۇچى بۆلەك ئىزاھلانغۇچى بۆلەكنىڭ رولىدا كېلەلەيدۇ . ئەمما، ئېنىقلانغۇچى بۆلەك قىسقارتىۋېتىلسە، ئېنىقلىغۇچى بۆلەك ئېنىقلانغۇچى بۆلەكنىڭ رولىدا كېلەلمەيدۇ .
بەشىنچىدىن، ئۇلارنىڭ سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ كېلىش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ
. ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكتىكى ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك جۈملىدە ئوخشاش سىنتاكسىسلىق ۋەزىپىدە كېلىدىغان بولغاچقا، ئوخشاش بىر سوئالغا جاۋاب بولۇپ كېلەلەيدۇ . ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچى بۆلەك بولسا جۈملىدە ئوخشاش بىر سوئالغا ئەمەس، بەلكى باشقا-باشقا سوئاللارغا جاۋاب بولۇپ كېلىدۇ . ئالتىنچىدىن، ئۇلارنىڭ جانلىق تىلدىكى ئىپادىلىنىش شەكىللىرى ئوخشىمايدۇ
. ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكتىكى ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك جانلىق تىلدا ئىنتوناتسىيە ياكى ئىزاھ باغلىغۇچىسى «يەنى» ئارقىلىق بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ ئېيتىلىدۇ، بىر تۇتاش ئىنتوناتسىيەگە ئىگە بولمايدۇ . ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچى بۆلەك بولسا جانلىق تىلدا بىر تۇتاش ئىنتوناتسىيەدە ئېيتىلىدۇ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا توختاش ياكى تىنىشقا ۋەياكى «يەنى» سۆزىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . يەتتىنچىدىن، ئۇلارنىڭ يېزىق تىلىدىكى ئىپادىلىنىش شەكىللىرى ئوخشىمايدۇ
. ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكتىكى ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك ئوتتۇرىسىغا يېزىقتا سىزىق ياكى تىرناق ۋەياكى ئىزاھ باغلىغۇچىسى «يەنى» سۆزى ئىشلىتىلىدۇ . ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچى بۆلەك ئوتتۇرىسىغا ھېچقانداق تىنىش بەلگىسى ياكى «يەنى» سۆزى ئىشلىتىلمەيدۇ . سەككىزىنچىدىن، ئۇلارنىڭ جۈملىدىكى ئورۇنلىرى ئوخشىمايدۇ
. ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكتىكى ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك جۈملىنىڭ باش بۆلەكلىرىدىمۇ (ئىگە، خەۋەردىمۇ)، ئەگەشمە بۆلەكلىرىدىمۇ (تولدۇرغۇچى، ئېنىقلىغۇچى، ھالەتلەردىمۇ) ئوخشاشلا كۆرۈلىدۇ ؛ ئېنىقلىغۇچى بولسا جۈملىنىڭ ئەگەشمە بۆلەكلىرىنىڭ بىر تۈرىلا، خالاس .
4. ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكنىڭ تۈرى
ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكلەر جۈملە تەركىبىدىكى ھەرقايسى بۆلەكلەرنىڭ ئىزاھلاش-ئىزاھلىنىش مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
(1) ئىزاھلىق تەڭداش ئىگە: جۈملىدە ئىزاھلىق تەڭداش مۇناسىۋەتتە كېلىپ مۇئەييەن بىر شەيئىنى باشقا-باشقا نۇقتىدىن ئىپادىلەيدىغان، خەۋەر بىلەن ئىگە-خەۋەرلىك مۇناسىۋەتنى ھاسىل قىلىدىغان ئىككى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى ئىزاھلىق تەڭداش ئىگە دېيىلىدۇ
پەقەت ياراتقۇچى كۈچ — ئىنسانلا دۇنياغا خوجىلىق قىلىدىغان بولىدۇ
. بارات بىرىككەن، تىرىشچان ئىنىسى ئۇلارغا دۈمبىسىنى قىلىپ، شاتۇۋار يوتقاننى يېپىنىپ تۈگۈلۈپ ياتاتتى
.
(2) ئىزاھلىق تەڭداش خەۋەر: جۈملىدە ئىزاھلىق تەڭداش مۇناسىۋەتتە كېلىدىغان، مەلۇم بىر شەيئىنىڭ ھەرىكىتىنى باشقا-باشقا نۇقتىدىن ئىپادىلەپ، ئىگە بىلەن ئىگە-خەۋەرلىك مۇناسىۋەتنى ھاسىل قىلىدىغان ئىككى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى ئىزاھلىق تەڭداش خەۋەر دېيىلىدۇ
سۇلتان بىلەن ماھىرەنىڭ ئون يىللىق ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتى ۋەيران بولدى (ئايرىلىشىپ كەتتى)
. يېزىق قول ئارقىلىق يېزىلىدۇ (تىزىلىدۇ)، كۆز ئارقىلىق ئوقۇلىدۇ (كۆرۈلىدۇ)
.
(3) ئىزاھلىق تەڭداش تولدۇرغۇچى: جۈملىدە ئىزاھلىق تەڭداش مۇناسىۋەتتە كېلىدىغان، مەلۇم بىر ھەرىكەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئوبيېكتنى باشقا-باشقا نۇقتىدىن ئىپادىلەپ، تولدۇرۇلغۇچىغا (ئۆتۈملۈك پېئىلدىن تۈزۈلگەن خەۋەرگە) ئورتاق باغلۇنۇپ كېلىدىغان ئىككى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى ئىزاھلىق تەڭداش تولدۇرغۇچى دېيىلىدۇ
ئەخمەتجان ئۆزىنىڭ قەلبىدە بىر شېرىن سېزىم پەيدا قىلغان شۇ قىزنى — بىر گۈلنى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدى
. ئاقىلبەك ئىككى زاپاس ئات (قېرى بايتال بىلەن قۇلانتاي)نى كۆرسەتتى
. لېكىن بىر شەرتىم بار: دەرسلىكىڭنى ئېلىۋالغىن، مۇھىم ئىشىڭنى، يەنى كېلەر يىللىق ئىمتىھاننى يادىڭدىن چىقىرىپ قويما
.
(4) ئىزاھلىق تەڭداش ئېنىقلىغۇچى: جۈملىدە ئىزاھلىق تەڭداش مۇناسىۋەتتە كېلىدىغان، بىر شەيئىنىڭ مۇئەييەن بىر تەۋەلىكى ياكى مۇئەييەن بىر بەلگىسىنى باشقا-باشقا نۇقتىدىن ئىپادىلەپ، بىر ئېنىقلانغۇچىغا ئورتاق باغلۇنۇپ كېلىدىغان ئىككى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى ئىزاھلىق تەڭداش ئېنىقلىغۇچى دېيىلىدۇ
بۇ قاتتىق — پالتا تۇتمايدىغان ئوتۇن ئىكەن
. رادكو ھەممەيلەن بىلەن كۈلۈمسىرەپ قول ئېلىشىپ چىقىپ، ئاقساقال دېمچونىڭ، يەنى دەل يېرىم ئەسىر تاغدىن چۈشمىگەن قېرى قاتىلنىڭ مۈرىسىنى قېقىپ قويدى
.
(5) ئىزاھلىق تەڭداش ھالەت: جۈملىدە ئىزاھلىق تەڭداش مۇناسىۋەتتە كېلىپ مەلۇم بىر شەيئىنىڭ ئورنى، ۋاقتى، يۆنىلىشى، ۋاسىتىسى قاتارلىقلارنى باشقا-باشقا نۇقتىلاردىن چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ۋە ئۆتۈمسىز پېئىل ياكى سۈپەتتىن تۈزۈلگەن خەۋەرگە ئورتاق باغلۇنۇپ كېلىدىغان ئىككى سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى ئىزاھلىق تەڭداش ھالەت دېيىلىدۇ
بىز بۇ يەردە — ئورمانلىقتا دەرس تەكرار قىلىۋاتىمىز
. ئۇلار شۇ تەرىقىدە كەچ كىرگۈچە — كۈن يامالىق تېغى ئۈستىگە پەسلەپ، ئوت شارىدەك قىزارغان چاغقىچە كۈتتى
. ئاۋاز چىققان تەرەپكە، مەھەللىنىڭ ئۇ بېشىغا قاراپ يۈگۈرۈشتى
. مەن رىكشا (ئادەم سۆرەيدىغان ئىككى چاقلىق ھارۋا) بىلەن كەلدىم
.
ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەك تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل شەكىلدە كېلىدۇ:
ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك ئورۇن تەرتىپى ئارقىلىق بىرىكىپ ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكنى ھاسىل قىلىدۇ
. بۇ خىل شەكىلدىكى ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكلەر ئومۇمەن كىشىلىك ئالماشلار بىلەن ئالماش سانلارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ . مەسىلەن:
بىز ئىككىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇيمىز
. ئۇلار ئۈچى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن
.
ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك «يەنى» باغلىغۇچىسى ئارقىلىق بىرىكىپ ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەكنى ھاسىل قىلىدۇ
. مەسىلەن:
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، يەنى مېنىڭ قىزىم بىلەن كۈيۆ ئوغلۇم ئۇنى چەت ئەلگە ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ
. ئۇلار شەھەرنىڭ جەنۇبىي قاپقىسى، يەنى خوتەن دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدى
.
ئىزاھلىغۇچى بۆلەك بىلەن ئىزاھلانغۇچى بۆلەك جانلىق تىلدا ئىنتوناتسىيە ئارقىلىق، يېزىقتا سىزىق ياكى تىرناق ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ
.
§4. جۈملىنىڭ مۇستەقىل بۆلەكلىرى
جۈملە تەركىبىدىكى باشقا بۆلەكلەر بىلەن ھېچقانداق سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋىتى بولمايدىغان، يەنى جۈملىدە مەلۇم سىنتاكسىسلىق ۋەزىپە ئۆتەپ كېلەلمەيدىغان سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى جۈملىنىڭ مۇستەقىل بۆلىكى دەپ ئاتىلىدۇ
جۈملىنىڭ مۇستەقىل بۆلىكى جۈملە تەركىبىدىكى باشقا بۆلەكلەردىن نۇتۇقتا ئىنتوناتسىيە (پائۇزا) ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ
1. قاراتما بۆلەك
جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئوي-پىكىرگە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان ھەمدە سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىدە دېيىلىۋاتقان شەخس ياكى شەيئىنى كۆرسىتىدىغان سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى قاراتما بۆلەك دەپ ئاتىلىدۇ
قاراتما بۆلەك قارىماققا ئىگىگە ئوخشاپ كېتىدۇ
ھوي ئاسماندىن چۈشكەن كۆك مونچاق، ماۋۇ سۈتلەرنى ئەكىرىپ پىشۇرۇپ قوي
. ئوبدان دادا، سەن كۆزۈڭنى يۇمۇپ تۇرۇپ قەغەزگە ئىمزا قويالامسەن؟
بۈركۈت تاغا، مانا ھەممە قۇشلاردىن ئېگىز ئۇچۇشنى ئۆگىتىپ قويدىڭىز
. كۆكلەم، بارلىق تەبىئەتكە تېزدىن جان كىرگۈز!
بەرگەن ۋەدەڭنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئايشەم
.
2. قىستۇرما بۆلەك
سۆزلىگۈچىنىڭ جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئوي-پىكىرگە ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش ئەھۋالىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى قىستۇرما بۆلەك دەپ ئاتىلىدۇ
تەلەپلىرىمىزگە يارىشا، سىلەرمۇ دەل ۋاقتىدا كەلدىڭلار
. ئەلۋەتتە، مەن ئۇنىڭ تەۋەسى بولىمەن
. بەختىمىزگە يارىشا، بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولدى
. بەختكە قارشى، ئۇ ئوتتۇز يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى
. ئاداش، مېنىڭچە، ھاياتىمىزنى قەدىرلەيدىغان پەيت كەلدى
. قىسقىسى، مېنىڭ بۇ «گۈزەل»نى كۆرەرگە كۆزۈم يوق ئىدى
. سىنىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىتتىپاقى، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ياخشى
. بەلكىم، ئۇ كېتىپ قالغاندۇ؟
3. ئۈندەش بۆلەك
سۆزلىگۈچىنىڭ جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئوي-پىكىرلەر ھەققىدىكى تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بۆلەك ئۈندەش بۆلەك دەپ ئاتىلىدۇ
بەللى، بەللى، ھارۋىكەشلىكتىن كۆشكە ھەيدەشكە ئۆتۈپسەن-دە
. ۋاي-ۋۇي، ئەجەبمۇ تۈگىمىدى ئۇنىڭ گېپى
! پاھ، بۈگۈن ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن كۆرۈشۈپ راسا گەپلىشىۋاپسىلەر-دە؟
ۋېيدى، بۇ ئۈن نېمە بولىدۇ، ھېچبولمىغاندا خالتىنى توشقۇرۇپ ئالسىڭىزچۇ؟
ۋايجان، نېمە دېگەن سەت ھايۋان بۇ!
ۋېيەي، سىز بىر بويتاق، مەن بىر تۇل ئايال، قانداق مېھمان بولىمەن، ئەمىسە؟
ئەستەغپۇرۇللا، مۇشۇ بالامنى قانداق قىلسام بولار!
پاھ، تازا ۋاقتىدا مېھمان بولۇپ كەپتىمەن-دە!
§5. جۈملە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى
جۈملە تەھلىل قىلىش دېگىنىمىز ئاددىي جۈملە تەركىبىدىكى سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ سىنتاكسىسلىق رولىنى ئايرىپ كۆرسىتىش، قوشما جۈملە تەركىبىدىكى تارماق جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش شەكلى ۋە بىرىكىش مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش دېگەنلىكتۇر
ئاددىي جۈملىنى تەشكىل قىلىدىغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ جۈملىدىكى سىنتاكسىسلىق رولىنى ئايرىپ كۆرسىتىشتە ھازىر تۆۋەندىكىدەك جۈملە تەھلىل قىلىش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىۋاتىدۇ:
1. بۆلەكلەر بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى
بۇ ئۇسۇلدا جۈملە بىر تەكشىلىكتە دەپ قارىلىپ، مۇستەقىل سۆزلەر بىرلىك قىلىنغان ھالدا بىر قانچە بۆلەكلەرگە بۆلۈنىدۇ
گۈلخان خوش پېئىللىقى بىلەن ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇرىدى
. ئىنىم ئەركىن بۇ كىتابنى قىزىقىپ ئوقۇدى
.
بۆلەكلەر بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇ يەردىكى، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق جۈملىنىڭ غولىنى ئاسان تاپقىلى، جۈملە تىپلىرىنى ئاسان ئېنىقلىغىلى بولىدۇ، جەريانى ئاددىي ۋە ئېنىق
بۇ ئۇسۇلنىڭ كەمچىلىكى شۇ يەردىكى، بۇ ئۇسۇلدا جۈملە بىر تەكشىلىكتە تەھلىل قىلىنغاچقا، جۈملىنىڭ تۈز سىزىقلىق ئالاھىدىلىكىگىلا ئېتىبار بېرىلىپ، قاتلاملىق ئالاھىدىلىكىگە سەل قارىلىدۇ
شامال باھار پەيزىگە چۆمگەن يېزىنىڭ خۇشبۇي ھىدىنى دىماغقا ئۇرماقتا
. بۇ ئەھۋالنى زۈمرەتخان شۇ كۈنلەردە ھەجەرخان ۋە خەيرىنسىخانلارغا سۆزلەپ بەردى
. تۇرپاندىن كەلگەن ئادەم كەتتى
.
بۇنىڭدا مىسال 1دىكى «پەيزىگە چۆمگەن»، مىسال 2دىكى «شۇ كۈنلەردە»، مىسال 3تىكى «تۇرپاندىن كەلگەن» دېگەن بىرىكمىلەرنىڭ سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋىتىنى كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇلاردىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنتاكسىسلىق قائىدىلىرىگە خىلاپ بىر ئەھۋالنى بايقايمىز
2. قاتلاملار بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى
بۇ خىل ئۇسۇل بويىچە جۈملىنى تەھلىل قىلغاندا، ئالدى بىلەن جۈملە ئىگە بۆلەك ۋە خەۋەر بۆلەك دېگەن ئىككى بىۋاسىتە تەركىبكە ئايرىلىپ، ئاندىن بۇ بىۋاسىتە تەركىبلەر يەنە قۇرۇلما قاتلاملىرى بويىچە داۋاملىق تەھلىل قىلىنىدۇ
زېمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس
. تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى بىلەن پاختىسى خېلى داڭلىق
. ساۋاقداشلار تىلشۇناسلىق بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگۈنمەكتە
. شامال باھار پەيزىگە چۆمگەن يېزىنىڭ خۇشبۇي ھىدىنى دىماغقا ئۇرماقتا
. بىز ئوقۇش پۈتكۈرۈش ماقالىسى توغرىسىدا پاراڭلىشايلى دەپ كەلدۇق
. تۈنۈگۈن يوقالغان كىتاب تېپىلدى
.
قاتلاملار بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇ يەردىكى، بۇ ئۇسۇلدا باشتىن-ئاخىر ئىزچىل ھالدا جۈملىنىڭ قاتلاملىق ئالاھىدىلىكى تەكىتلىنىدۇ
بۇ ئوقۇغۇچى ئالىمنىڭ تونۇشىدۇر
. بۇ ئوقۇغۇچى ئالىمنىڭ تونۇشىدۇر
. ئىككى بالكونلۇق ئۆي بار
. ئىككى بالكونلۇق ئۆي بار
.
قاتلاملار بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ يېتەرسىزلىكى شۇ يەردىكى، بۇ ئۇسۇلدا جۈملە تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەركىبلەر (بۆلەكلەر) ئوتتۇرىسىدىكى سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ خاراكتېرىگە ئانچە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ
تىل — ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى
. مەن كېچىكىپ كېلىمەن
.
بۇ ئىككى جۈملىنى كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ قاتلاملىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز
يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ خىل تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى جۈملە بۆلەكلىرى نورمال تەرتىپتە ئورۇنلاشقان ئەھۋالدىلا، يەنى ئىگىگە مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە بۆلەكلەر ئىگىنىڭ ئالدىدا، خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە بۆلەكلەر ئىگىنىڭ كەينىدە، خەۋەرنىڭ ئالدىدا كەلگەن ئەھۋال ئاستىدىلا ئەسقاتىدۇ
ئۇ چاغلاردا يېزىمىزدا قارا چىراغلار يېقىلاتتى
. بۇ ئەھۋالنى ئالىم تۈنۈگۈن ماڭا سۆزلەپ بەردى
. چېچەكلەنگەن ئۆرۈك شاخلىرىدا قارىغۇچىلار نېمىلەرنىدۇر ئېيتىشاتتى
.
مىسال 1دە خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان «ئۇ چاغلاردا»، «يېزىمىزدا» دېگەن ۋاقىت ۋە ئورۇن ھالىتى ئىگىنىڭ ئالدىدا؛ مىسال 2دە خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان «بۇ ئەھۋالنى» دېگەن تولدۇرغۇچى ئىگىنىڭ ئالدىدا؛ مىسال 3تە خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان «چېچەكلەنگەن ئۆرۈك شاخلىرىدا» دېگەن ئورۇن ھالىتى ئىگىنىڭ ئالدىدا كەلگەن
3. قۇرۇلما-تەركىبلەر بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى
قۇرۇلما-تەركىبلەر (بۆلەكلەر) بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن جۈملە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى تۆۋەندىكىچە:
بۇ ئۇسۇلدىمۇ ئىگە، خەۋەر، تولدۇرغۇچى، ئېنىقلىغۇچى ۋە ھالەت دېگەندەك ئاتالغۇلار بار
. لېكىن، ئۇلارنىڭ مەزمۇنى بۆلەكلەر بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىدىكىگە ئوخشىمايدۇ . بۆلەكلەر بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىدا بۇ بەش تەركىبنىڭ ھەممىسى جۈملىنىڭ بۆلەكلىرى دەپ قارىلىدۇ . قاتلاملار بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىدا بىرىنچى قاتلامدا بۆلۈنگەن تەركىبلەرلا جۈملىنىڭ بۆلىكى دەپ قارىلىدۇ . تولدۇرغۇچى، ئېنىقلىغۇچى ۋە ھالەتلەر سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ بۆلەكلىرى (جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ بۆلەكلىرى) دەپ قارىلىدۇ . قۇرۇلما-تەركىبلەر بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىدا بولسا جۈملە بىلەن سۆز بىرىكمىسى بىردەك سىنتاكسىسلىق بىرلىك دەپ قارىلىپ ھەم جۈملىگە، ھەم سۆز بىرىكمىسىگە تەھلىل يۈرگۈزۈلىدۇ . مەسىلەن:
مەن ئۇنى يېزىغا ماڭدۇردۇم
.
قۇرۇلما-تەركىبلەر بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىدا، بۇ جۈملە پەقەت «مەن» دېگەن ئىگە بىلەن «ئۇنى يېزىغا ماڭدۇردۇم» دېگەن خەۋەر جۈملىنىڭ بۆلەكلىرى دەپ قارىلىدۇ
مەن ئۇنى يېزىغا ماڭدۇردۇم
.
ئەسكەرتىش: بۆلەكلەر بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىدا قوللىنىلىدىغان شەرتلىك بەلگىلەر ۋە بەزى ھەرپلەرنىڭ مەنىسى مۇنداق:
$i$ — ئىگە-خەۋەرلىك مۇناسىۋەت
$t$ — تولدۇرغۇچى-تولدۇرۇلغۇچىلىق مۇناسىۋەت
$e$ — ئېنىقلىغۇچى-ئېنىقلانغۇچىلىق مۇناسىۋەت
$h$ — ھالەت-خەۋەرلىك مۇناسىۋەت
$ten$ — تەڭداشلىق مۇناسىۋەت
بۇنىڭدا سۆز بىرىكمىسىنىڭ جۈملىدىكى رولىغا ۋە جۈملىنىڭ قاتلاملىق ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىلگەن
بۇ خىل ئۇسۇلدا بىر يۈرۈش شەرتلىك بەلگىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەرقايسى تەركىبلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ
. بۇ جەھەتتە بۆلەكلەر بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئارتۇقچىلىقى قوبۇل قىلىنغان . بۇ خىل ئۇسۇلدا جۈملە ئادەتتە سۆز ئىچىلا تەھلىل قىلىنىدۇ
. مەسىلەن:
ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇتلىقى ئادەملەرنىڭ ئىدىيەسىنى بەلگىلەيدۇ
. گۈلخان خوش پېئىللىقى بىلەن ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇرىدى
. ناخشىسىز، ئۇسسۇلسىز ئۆتكەن كۈنلىرىم سىرتماقتا تۇرغاندەك ئازابلىق
.
لېكىن، بۇ ئۇسۇلنىڭمۇ ئۆزىگە خاس يېتەرسىزلىكى بار
§6. جۈملە تۈرى
جۈملە تۈرى جۈملىنىڭ ئىنتوناتسىيەسى بويىچە ئايرىلىدىغان تۈرىدۇر
1. بايان جۈملە
مۇئەييەن بىر ئوي-پىكىرنى بايان تەرىقىسىدە ئىپادىلەيدىغان جۈملىلەر بايان جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ
ھەر قېتىملىق زىياپەتتە، باشلىق بىلەن ئىككىمىزنىڭ شەرىپىگە قەدەھلەر كۆتۈرۈلەتتى
. خوتەنگە بارغۇچە يولدا جىق جاپا تارتتۇق
. ئىككىنچى قېتىم تۇرۇشقا ئۇرۇندى، لېكىن بېلىنى مىدىرلىتالمىدى
. تىل — ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالىدۇر
. قادىر — يېزا باشلىقى
. بىزنىڭ يۇرتىمىز ناھايىتى گۈزەل
. ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، ئاھالىسى كۆپ
.
بايان جۈملىلەرنىڭ خەۋىرى پېئىلدىن تۈزۈلسە، پېئىللار خەۋەر رايىدا كېلىپ، جۈملە بايان خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ
2. سوئال جۈملە
سۆزلىگۈچىنىڭ ھەر خىل گۇمانىنى، سوئالىنى ئىپادىلەپ كېلىدىغان جۈملىلەر سوئال جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ
ئەگەر بۇ ئادەم راستتىنلا سېنى ئىتتىرىۋەتكەن بولسا، نېمىشقا بېشىڭ تامغا تېگىپ يېرىلمىدى؟
ئۇلار بىز بىلەن خوشلاشماي كېتىپ قالارمو؟
ئادەم ياش ۋاقتىدا مۇشۇنداق ئېغىر سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىسە، ياشلىقنىڭ ئەستە قالغۇدەك نېمە لەززىتى بولسۇن؟
سوئال جۈملىلەر ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنغا قاراپ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
(1) ئوچۇق سوئال جۈملە
بىرەر ئىشنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئەينەن (ئېنىق) بىلىش مەقسىتىدە ئېيتىلىدىغان سوئال جۈملىلەر ئوچۇق سوئال جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ
ئېتىمنى قەيەرگە باغلايمەن؟
بۈگۈنكى گېزىت كەلدىمۇ؟
سىز ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلامسىز؟
ئۇ تەتىلدە ئۆيگە بارمايدىكەن، سىزچۇ؟
بىز بارامدۇق ياكى سىلەر كېلەمسىلەر؟
قەيسەر دەرسكە كەلمىدى؟
بۇ يەر ياخشى ئەمەسكەن؟
— ئۇ كىم بولىدۇ؟
— تۇرسۇن . — تۇرسۇن؟
(2) گۇمانىي سوئال جۈملە
سۆزلىگۈچىنىڭ گۇمانىي كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدىغان سوئال جۈملىلەر گۇمانىي سوئال جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ
a. جۈملىنىڭ خەۋىرىگە «-دۇ / -تۇ» يۈكلىمىسىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ
. مەسىلەن: ئۇ ئەتە كېلىدىغاندۇ؟
ئۇلارنىڭ سىنىپىدىكى بالىلارنىڭ سانى ئوتتۇزدۇ؟
سىز بىلەن بىللە كەلگەن ھېلىقى ئادەمنىڭ ئىسمى سەمەتتۇ؟
b. جۈملە خەۋىرىنىڭ تەركىبىدە «-مۇ» يۈكلىمىسى كەلگەن ئوچۇق سوئال جۈملىلەرگە «يا»، «-دۇ» يۈكلىمىلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ
. مەسىلەن: ئۇ تۈنۈگۈن كەتتىمۇيا؟
ئۇ بۈگۈن كەلمەمدۇيا؟
ئۇ قايتىپ كەلگەنمىدۇ؟
c. سوئال ئىنتوناتسىيەسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ
. بۇ تۈردىكى سوئال جۈملىلەرنىڭ خەۋىرى ئومۇمەن ئىككىنچى شەخس شەكلىدە كۆرۈلىدۇ . مەسىلەن: سىزمۇ قەشقەرگە بارغانسىز؟
غۇلجىدا ئادىلنى ئۇچراتمىغانسىز؟
ئۇ يىغىنغا سىزمۇ قاتناشقانسىز؟
d. «-ار // -ەر // -ر»، «-ماس // -مەس»لىك بولۇشسىز سۈپەتداشلاردىن بولغان خەۋەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ
. مەسىلەن: ئۇلار بىزگە نېمە ھەققىدە سۆزلەپ بېرەر؟
ئەمدىغۇ شەھەرگە يېتەرمىز؟
ئاۋۋال ئۇ سۆزلەر؟
ئۇ بىز بىلەن خوشلاشماي كېتىپ قالماس؟
e. ئوچۇق سوئال جۈملىنىڭ خەۋىرىگە «قانداق»، «نېمە» ئالماشلىرى (ئەمەلىيەتتە، بۇ ئالماشلار مۇشۇ تۈردىكى سوئال جۈملىلەردە يۈكلىمە رولىدا كەلگەن)نى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ
. مەسىلەن: ئاغرىپ قالدىمۇ قانداق؟
ئۇ كەتتىمۇ نېمە؟
(3) قايتۇرما سوئال جۈملە
سۆزلىگۈچى تەرىپىدىن بېرىلگەن سوئالغا سوئال شەكلىدە بېرىلىدىغان جاۋابنى ئىپادىلەيدىغان سوئال جۈملىلەر قايتۇرما سوئال جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ
— دەريادىن قانداق ئۆتىمىز؟ (ئوچۇق سوئال جۈملە)
— كېمە ئارقىلىق ئۆتمەيمىزمۇ؟ (قايتۇرما سوئال جۈملە)
— ئويۇنغا سەنمۇ بارامسەن؟ (ئوچۇق سوئال جۈملە)
— نېمە دەپ بارمايدىكەنمەن؟ (قايتۇرما سوئال جۈملە)
— تەتىلدە ئۆيگە بارامسىز؟ (ئوچۇق سوئال جۈملە)
— ئۆيگە بارماي نەگە باراتتىم؟ (قايتۇرما سوئال جۈملە)
(4) ئۈندەش سوئال جۈملە
باشقىلاردىن جاۋاب تەلەپ قىلمايدىغان، جاۋابى ئۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان سوئال جۈملىلەر ئۈندەش سوئال جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ
نەدىمۇ قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرغان بار؟!
مېلىدىن كېچەلەيدىغان بېخىلمۇ بولامدۇ؟!
مەن قەدىناس ئاغىنىڭ تۇرۇپ شۇنچىلىك ئىشنى قىلالمايمەنمۇ؟!
3. بۇيرۇق جۈملە
بۇيرۇق، چاقىرىق، شوئار، ئۆتۈنۈش، ئۈمىد-تىلەك، مەسلىھەت مەزمۇنىدىكى ئوي-پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملىلەر بۇيرۇق جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ
ئەتە كەتكەندە كەلسىلە، تاغا، مەن مۇشۇ يەردىلا ماشىنىغا سېلىپ قوياي. (خالاش)
غەم دېگەن شۇنداق بولسا، بىر قوشۇق قېنىمنى تىلەي، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمنى بىلەي. (ئۆتۈنۈش)
ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغدايلى! (چاقىرىق)
ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئالغا باسايلى! (چاقىرىق)
مۇشۇ تاشلىقتا بىر تانسا قىلايلى، مېنىڭ ئۆمرۈمدە ئوينىغان تانسام مۇشۇ بولۇپ قالسۇن. (تىلەك)
بۇ گەپنى ئېغىزغا ئالما. (بۇيرۇق)
ماڭ، كۆزۈمدىن يوقال! (بۇيرۇق)
سىز ۋاقتىدا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىڭ. (مەسلىھەت)
يۇقىرى ئۆتسۈلە. (ئۆتۈنۈش)
خالايىق! ئالمىدىم، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار! ھەربىر تۈتۈندىن بىر ئەر ئۆستەڭ چېپىشقا ماڭسۇن! (بۇيرۇق)
خۇدايىم مۇشۇ قىزدەك بىر گۈزەلنى ئاتا قىلسۇن! (تىلەك)
ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن! (چاقىرىق)
بۇيرۇق، چاقىرىق، شوئار مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملىلەر ئادەتتە كۈچلۈك ۋە كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭدا ئېيتىلىدۇ
4. ئۈندەش جۈملە
سۆزلىگۈچىنىڭ تۈرلۈك ھېسسىياتلىق ئوي-پىكىرلىرىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملىلەر ئۈندەش جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ
ئۈندەش جۈملىلەرنىڭ مەزمۇنى ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئىملىق سۆزلەر ياكى ھېس-تۇيغۇ يۈكلىمىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ
ۋاي ئىسىت، ئەجەب بىلمەپتىمىز! (ئۆكۈنۈش)
يا تەقسىر، بىزنىڭ گېپىمىزنى سۇدەك بىلىدىكەنغۇ! (ھەيرانلىق)
كاپلا، مەن كىرمىسەم بوپتىكەن-ھە! (پۇشايمان)
سەندەك ئىپلازنى يانجىۋەتسەكمۇ دەردىمىز چىقمايدۇ! (غەزەپلىنىش)
بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلىگەن بولسام قانداق ياخشى بولاتتى-ھە! (ئارزۇ-ئارمان)
ۋاي-ۋۇي، ئەجەبمۇ تۈگىمىدى ئۇنىڭ سۆزى! (بىزار بولۇش)
بايان جۈملە، سوئال جۈملە، بۇيرۇق جۈملە ۋە ئۈندەش جۈملىدىن ئىبارەت بۇ تۆت تۈرلۈك جۈملە ئاددىي جۈملە تىپىدىمۇ، قوشما جۈملە تىپىدىمۇ ئوخشاشلا كۆرۈلىدۇ، يەنى ئاددىي جۈملە تىپى ئىچىدىمۇ بايان جۈملە، سوئال جۈملە، بۇيرۇق جۈملە ۋە ئۈندەش جۈملىلەر بولىدۇ
بەزىلەر يەنە جۈملىنى ۋەقەلىككە بولغان مۇناسىۋىتى جەھەتتىن بولۇشلۇق جۈملە ۋە بولۇشسىز جۈملە دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ ۋە ۋەقەلىك تەستىقلىنىدىغان جۈملىنى بولۇشلۇق جۈملە دەپ، ۋەقەلىك ئىنكار قىلىنىدىغان جۈملىنى بولۇشسىز جۈملە دەپ ئاتايدۇ
بولۇشلۇق جۈملە:
بىز ئەتە ئوقۇيمىز
. ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسى بار
. ماھىنۇر — ئوقۇتقۇچى
.
بولۇشسىز جۈملە:
بىز ئەتە ئوقۇمايمىز
. ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسى يوق
. ماھىنۇر ئوقۇتقۇچى ئەمەس
.
بولۇشلۇق جۈملە بىلەن بولۇشسىز جۈملە ئاددىي جۈملە تىپىدىمۇ، قوشما جۈملە تىپىدىمۇ ئوخشاشلا كۆرۈلىدۇ، يەنى ئاددىي جۈملە تىپى ئىچىدىمۇ بولۇشلۇق جۈملە بىلەن بولۇشسىز جۈملە بولىدۇ، قوشما جۈملە تىپى ئىچىدىمۇ بولۇشلۇق جۈملە بىلەن بولۇشسىز جۈملە بولىدۇ
(«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، 3-توم، 2079_2131-بەتلەر)
Yorumlar
Yorum Gönder