تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى
تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى
يېزىق تىلىدا ئوي-پىكىرنى توغرا ۋە ئېنىق ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان شەرتلىك بەلگىلەر تىنىش بەلگىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ
تىنىش بەلگىلىرى يېزىق تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدا بارلىققا كېلىدۇ
تىنىش بەلگىلىرى يېزىق تىلىدىكى ئالاقە ئېھتىياجىدىن بارلىققا كەلگەن ۋە يېزىقنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بەلگىلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى خۇددى يېزىقنىڭ قوللىنىلىشى قائىدىلىك بولغىنىغا ئوخشاش قائىدە-قانۇنىيەتلىك بولۇشى كېرەك
«تىنىش بەلگىسى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ «تىنىش» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئۇنى نۇتۇقتا تىنىلغان ياكى تىنىش بولغان ئورۇنغىلا قويۇلىدىغان بەلگە دەپ قاراش يېتەرلىك بولمايدۇ
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنى بەلگىلەشتە قوللىنىلغان پىرىنسىپلار تۆۋەندىكىلەر
بىرىنچى، قۇرۇلما پىرىنسىپى (سىنتاكسىسلىق پىرىنسىپ).
بۇ پىرىنسىپ مەلۇم بىر تىنىش بەلگىسىنىڭ قويۇلۇش-قويۇلماسلىقىنى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ بەلگىلەش، يەنى جانلىق تىلدىكى تىنىشنىڭ قۇرۇلما بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن مۇناسىۋىتى بار ياكى يوقلۇقىغا قاراپ بەلگىلەش پىرىنسىپىدۇر
ئەمەلىيەتتە جۈملە قۇرۇلمىسى شۇ جۈملىدىكى تىنىشنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى، تىنىش بەلگىسىنىڭ ھاجەت ياكى ھاجەت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ
ئىككىنچى، مەنىۋى پىرىنسىپ.
بۇ پىرىنسىپ مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ ياكى مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدا كەلگەن ئايرىم سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىۋى ۋە رول جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇشقا قارىتىلغان
تىنىش بەلگىلىرىنى بەلگىلەشتە بۇلاردىن باشقا «ئىنتوناتسىيە (پۈتۈن بىر سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنىڭ تەلەپپۇزدىكى ئالاھىدىلىكى) پىرىنسىپى» دېگەن پىرىنسىپ ئۈستىدىمۇ بەزى قاراشلار بار
توغرا، ئوخشاش بىر قۇرۇلمىدىكى جۈملىنىڭ ھەرخىل ئىنتوناتسىيەدە تەلەپپۇز قىلىنىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلمىنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇشى مۇمكىن
ئەھمەت كەلدى. (بايان ئىنتوناتسىيە، بايان جۈملە)
ئەھمەت كەلدى؟ (سوئال ئىنتوناتسىيە، سوئال جۈملە)
ئىنتوناتسىيە پۈتۈن بىر جۈملە قۇرۇلمىسى بىلەن ئالاقىدار ھادىسە
ئىنتوناتسىيەنىڭ جۈملە قۇرۇلمىسى بىلەنلا ئالاقىدار بولۇشى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يۇقىرىقىدەك بىرنەچچە خىللا بولۇشى يالغۇز ئۇيغۇر تىلىغىلا ئەمەس، بەلكى باشقا نۇرغۇن تىللارغىمۇ ئالاقىدار ئورتاق ھادىسە بولۇشى مۇمكىن
شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىش مۇمكىنكى، ئوخشاش بىر قۇرۇلمىدىكى جۈملىنى بىرنەچچە خىل ئىنتوناتسىيە ئارقىلىق بىرنەچچە خىل تەرزدە تەلەپپۇز قىلىش مۇمكىنلىكى ئىنتوناتسىيەنىڭ قۇرۇلمىدىن سىرت مۇستەقىل ھادىسە ئىكەنلىكىگە ئاساس بولالمايدۇ
نۇتۇق مەلۇم سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىغا ئاساسلىنىدۇ
مۇشۇلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىش قائىدىلىرىنى قۇرۇلما پىرىنسىپى بىلەن مەنىۋى پىرىنسىپ ئاساسىدا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلاش پىرىنسىپى ئاساسىدا بەلگىلىگەن مۇۋاپىق
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى تۆۋەندىكىلەر
چېكىت (.)
سوئال بەلگىسى (؟)
ئۈندەش بەلگىسى (!)
چېكىتلىك پەش (؛)
پەش (،)
تىرناق (( ))
قوش تىرناق (« »)
يالاڭ تىرناق (‹ ›)
سىزىقچە (-)
سىزىق (—)
قوش چېكىت (:)
كۆپ چېكىت (...)
1. چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
چېكىت ئوي-پىكىرنىڭ بايان تەرزدە تولۇق ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
بايان جۈملىدىن كېيىن، مەيلى ئىگىسى، خەۋىرى تولۇق جۈملە بولسۇن، مەيلى ئاتاش جۈملە بولسۇن، قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: مەن بۇ كىتابنى كۈتۈپخانىدىن ئارىيەت ئالدىم
. ئۇ شۇنچىلىك ئازابلاندىكى، كېچىسى كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىدى
. 1911-يىل، ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى
.
بۇيرۇق ۋە ئۈندەش ئاھاڭىدا ئېيتىلماي، بايان ئاھاڭىدا ئېيتىلغان بۇيرۇق، ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما
. مەن بىلەن بىر كۆرۈشسۇن
. خوش، ئامان بولۇڭلار
.
رەقەم بىلەن يېزىلغان رەت-تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان سانلار ياكى باش ماۋزۇ بىلەن تارماق ماۋزۇنىڭ رېتىنى بىلدۈرىدىغان سانلاردىن كېيىن (رىم رەقەملىرى مۇستەسنا) قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: بىرىنچى باب
قانلىق دەريا
ئېلىشامنىڭ راۋابى
قۇتلۇق خەۋەر
ئاقار جىسىملار
1.4. شىمالىي دېڭىزنىڭ سۈيىنى توسۇق قىلىش 2.4. ھاۋا نەيچىسى ئارقىلىق نەپەس ئېلىش 3.4. ...
قىسقارتىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: ل. مۇتەللىپ
ئا. س. پۇشكىن
يىل، ئاي، كۈنلەر رەقەم بىلەن ئىپادىلەنسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: 1949
ئونلۇق كەسىردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسىر سان ئارىسىغا، جۈملىدىن سائەت بىلەن مىنۇت كۆرسىتىلگەندە سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: 1.5 (بىر پۈتۈن ئوندىن بەش)
سائەت 3.20 دە (سائەت ئۈچتىن يىگىرمە مىنۇت ئۆتكەندە)
سائەت 8.00 دە (سائەت سەككىزدە)
2. سوئال بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
سوئال بەلگىسى ئوي-پىكىرنىڭ سوراق تەرزدە ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ھەرخىل سوئال جۈملىدىن كېيىن قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: بۇ كىم؟
غۇلجىغا بارمايدىغان بولدىڭىزمۇ؟
تېخى تۈنۈگۈن كەلدىڭىز؟
كەينى-كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سوئاللارنىڭ پەقەت كەينىدىكىسىگىلا قويۇلىدۇ، ئالدىنقىسىغا پەش قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: بۇ ئىشنى ئۇ ئۇقامدۇ، ئۇقمامدۇ؟)
سىز زادى مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسىمۇ، ئەمەسمۇ؟
جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ياكى ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى (؟) كۆپەيتتىم
. شۇ چاغدا ئۇلار پىشىنىپ (تىترەپ؟) ئۇنىڭ يېنىغا يېقىن باردى
. سەلەي چاققان (؟ – 1905) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن بىرى
.
ئەسكەرتىش:
ئەگەر جۈملە ھەم سوئال ھەم ئۈندەش تەرزدە ئېيتىلسا، ئاۋۋال سوئال بەلگىسى، ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ
شەھەرۋان، ھوي، سېسىق گەپنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟!
نېمە داستان، نېمە ئىجاد، تەپەككۇر، نېمە بۇ تۈگىمەس نازۇك تەسەۋۋۇر؟!
3. ئۈندەش بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
ئۈندەش بەلگىسى ئوي-پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق تەرزدە ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ئۈندەش جۈملىلەر ۋە بۇيرۇق ئاھاڭىدا ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: ۋەزىپىڭىزنى ۋاقتىدا ئورۇنلاڭ! (بۇيرۇق)
ياشىسۇن تىنچلىق! (ئۈندەش)
خىلايىق، ئاڭلىمىدىم، ئاڭلىتىلمىدىم دېمەڭلار، ھەربىر تۈتۈندىن بىر ئەر ئۆستەڭ چېپىشقا ماڭسۇن! (ئۈندەش-بۇيرۇق)
ئۈندەش ئاھاڭىدا ئېيتىلغان ئۈندەش سۆزلەر ۋە قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: توۋا، بۇلارنىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ؟!
بالام، خۇداغا ئامانەت!
يولداشلار، غەيرەت قىلىڭلار!
تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ سوئال، ئۈندەش بەلگىلىرى بۇنداق جۈملىنىڭ قانداق قۇرۇلمىدا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر قويۇلىدۇ
4. چېكىتلىك پەش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى پەشكە نىسبەتەن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىنىش بەلگىسى
كىمكى مېنى چېلىشىپ يېڭەلىسە، شۇ كىشىگە قىزىمنى بېرىمەن؛ ئەگەر يېڭەلمىسە، جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمەن
. مۇرات ئېرىم دەيدۇكى: «ئىككى ئۆينىڭ قۇرغۇنىنى قوشسا، بىر قازان ئاش بولىدۇ؛ قىسمەت ئاكام مەسئۇدىخان ئايام بىلەن باش قوشسا، كارامەت بەلەن توي بولىدۇ»
. شۇڭا، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت مائارىپ نازارىتى ھەرقايسى ۋىلايەتلەردىكى مائارىپ باشقارمىلىرى، شەھەر ۋە ناھىيەلەردىكى مائارىپ بۆلۈملىرى ئارقىلىق جايلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى، ئىلمىي مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەيىنلەش؛ ھەربىي سەپكە قاتنىشىۋاتقان ياكى باشقا خىزمەتلەرگە يۆتكىلىپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى پىلانلىق ھالدا مائارىپ سېپىگە قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق تەشكىلىي ئىشلارنى ئىشلىدى
. 74-ماددا. ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ تەشكىلاتىغا تەۋە مال-مۈلۈك ئەمگەكچىلەر ئاممىسىنىڭ كوللېكتىپ مۈلكىدۇر
. ئۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) قانۇندا كوللېكتىپ مۈلكى دەپ بەلگىلەنگەن يەر، ئورمان، تاغ، يايلاق، بوز يەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار؛ (2) كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى؛ (3) كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى بىنا، سۇ ئامبارلىرى، ئېرىق، سۇ ئەسلىھەلىرى ۋە مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىشلارغا دائىر ئەسلىھەلەر؛ (4) كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى باشقا مال-مۈلۈكلەر .
5. پەش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
بۇ بەلگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان، تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى چېكىتلىك پەشكە نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تىنىش بەلگىسى
1. ئاددىي جۈملىلەردە
تەڭداش ئىگىلەر ئۈچۈن: ئۇنىڭ كېكىلەكلىرى، تال-تال ئۆرۈلگەن چاچلىرى، چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ، چاچ تۇمارلىرى بەكمۇ ياراشقان ئىدى
. تەڭداش ئېنىقلىغۇچى ئۈچۈن: قىزىل كېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان، تۇرسۇن ئاتىغا تونۇش بولمىغان كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ، تۇرسۇن ئاتىنى قىزىل كېگىز بىلەن ئۆرىۋالماقچى بولغانىدى، جاللات يېقىن كەلتۈرمىدى
. تەڭداش تولدۇرغۇچى ئۈچۈن: ۋاڭ غوجامنىڭ تاغدىكى قۇتان-قۇتان قوي-كالىلىرىنى، يۈزلەپ ئاتلىرىنى تۈپتالاس قىلىپ بۆلۈشۈپ كەتتى
. تەڭداش ھالەت ئۈچۈن: قىز يىراقتىن قولىنى چېكىسىگە قويۇپ، ئوتلاۋاتقان ئاتلارغا، ئۆزىگە تونۇش بولمىغان كىشىلەرگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى
. تەڭداش خەۋەر ئۈچۈن:
... ھەم شائىر، ھەم ئۇستا رەسسام
. ئۇ ھەم دەرس بېرىدۇ، ھەم مەكتەپ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ
.
2. قوشما جۈملىلەردە
كىشىنىڭ تۈگمىدەك ئەيىبى كۆرۈنەر، ئۆزىنىڭ تۆگىدەك ئەيىبى كۆرۈنمەس (ماقال)
.
(2) بېقىنىش-بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتىدىكى قوشما جۈملىلەردە باش جۈملە بىلەن بېقىندى جۈملە ئارىسىغا قويۇلىدۇ
ئىگە بېقىندى جۈملىدە: شۇنىسى نىھايەتكى، بۇ ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارغا گويا خوجايىنىغا كۈچۈكلەپ، يالۋۇرۇۋاتقان ئۆي ھايۋانلىرىدەك مۇلايىملىق قىلىۋاتقاندەك
. خەۋەر بېقىندى جۈملىدە: مېنىڭ سەمىمىي نەسىھىتىم شۇكى، سىلى ھەممىدىن ئاۋۋال خانىش بىلەن كۆرۈشسىلە؛ ئۇنىڭ ئىسمى كارپتى، ئۇ ئېرى بىلەن بىر نەۋرە
. تولدۇرغۇچى بېقىندى جۈملىدە: شۇنى بىلىپ قويغىنكى، مەن سېنىڭ دېگىنىڭدەك قىلالمايمەن
. سەۋەب-قارشىلىق بېقىندى جۈملىدە: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق بېقىندى جۈملىلەر خەۋەر رولىدا كەلگەن پېئىلنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ئىنتوناتسىيەدە ئېيتىلىشى بىلەن، شۇنداقلا كۆپ ھاللاردا «-سا // -سە» فورمىسىدا كەلگەن پېئىل بىرىكمىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ
. مەسىلەن: سەن بارىدىكەنسەن، مەنمۇ بارىمەن
. ئەگەر بىز خەلق ئاممىسىغا تايىنىشقا ماھىر بولمىساق، پارتىيە سىرتىدىكى خادىملار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماھىر بولمىساق، خىزمەتلىرىمىزنى ياخشى ئىشلىيەلمەي قالىمىز
. تال ئاتسىلا، ئىش ئاسان
. بارسام، چوقۇم مېنى ياخشى قارشى ئالاتتى
. قولدىن چىقىرىپ قويسىڭىز، قايتۇرۇپ ئالالمايمەن
. كىمنىڭ رەھمى كەلسە، شۇ بەرسۇن
. ئۆيۈم تورولسا، تۆلەمسەن؟
بۇ يەر ساپلا تاغلىق بولسىمۇ، پۈتۈن دۇنياغا داڭقى بار
. شۇنچە كۆپ سۇ چاچساممۇ، يۇيۇلۇپ كەتمىدى
. پۈۋلىسىڭىزلا، ئۆچىدۇ
. ئىشلىسە، چىشلەيسەن
.
ئەگەر «-سا // -سە» قوشۇمچىسى ئارقىلىق ھاسىل بولغان مۇنداق بېقىندى جۈملە باش جۈملىنىڭ ئىگىسى بىلەن خەۋىرى ئارىسىغا ئورۇنلاشقان بولسا، ئىككى چېتىدىن پەش قويۇلىدۇ
ساڭا ئوخشاش ئىرادىسىز ئادەملەر، قىزلار مىيىقىدا كۈلۈپ قويسىلا، شامدەك ئېرىپ كېتىدۇ
.
لېكىن، «-سا // -سە» قوشۇمچىسى ئارقىلىق ھاسىل بولغان پېئىل بىرىكمىسى قوشما جۈملىدە سەۋەب-قارشىلىق رولىدىكى تارماق جۈملىلەرنى تەشكىل قىلغاندىن سىرت، بەزىدە خەۋەر رولى مەنىسىدە ياكى باشقا روللاردا كېلىشى مۇمكىن
(1) «-سا // -سە» فورمىسىدا كەلگەن پېئىل بىرىكمىسى باغلانغان قوشما جۈملىلەردە بىر تارماق جۈملىنىڭ خەۋىرى بولۇپ كەلسىمۇ، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ
دائىم بىرلا مەزگىلدە بەزى دەرەخلەر چېچەكلەپ تۇرغان بولسا، بەزى دەرەخلەر مېۋىلەيتتى
. بالىلارنىڭ دادىسى يەر ئىگىسى — خوجايىن بىلەن ئورتاقچىلىق قىلسا، ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇشقا بەرگەن بىر ئېغىز ئەسكى ئۆيى ئۈچۈن مەن يىل بويى خوجايىنلارنىڭ نېنىنى يېقىپ، كىرىنى يۇياتتىم
. ئۇ ساناپ باقسا، ھەممىسى ساق تۇرۇپتۇ
. خىزمەتچىسى بۇنچىلىك بولسا، باشلىقى قانداق ئىكەن؟
(2) مەيلى بېقىنىش-بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتىدىكى قوشما جۈملىلەردە بولسۇن، مەيلى باغلانغان قوشما جۈملىلەردە بولسۇن، «-سا // -سە» فورمىسىدا ئىپادىلەنگەن ھەرىكەتنىڭ ئىشلىگۈچىسى بىلەن جۈملىنىڭ ئاساسىي خەۋىرى بولۇپ كەلگەن پېئىلنىڭ ئىشلىگۈچىسى بىر بولۇپ قالغان ئەھۋالدىمۇ، بۇ قوشۇمچىلار قوشۇلغان سۆزدىن كېيىن ئوخشاشلا پەش قويۇلىدۇ
ئۇ دۇنياغا قانداق كەلگەن بولسا، شۇنداق كەتتى
. تۇرمۇش بەزىدە قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك بولسا، بەزىدە پېشانىدىن نۇر چېچىپ، يۈرۈپ كېتىدۇ
. يۈزىنى ئوڭ تەرەپكە ئۆرۈسە، ياش ئادەمدەكلا كۆرۈنىدۇ
. ھەرقانداق ۋىجدانلىق ئادەم بۇلارنى كۆرسە، بىئارام بولىدۇ
. سەن بۇنى قىلالمىساڭ، دادىڭنى باشقۇرالمايسەن
. مېنىڭ نېمە كۈنلەرنى كۆرگىنىمنى بىلسىڭىز، ئىچىڭىز ئاغرىغان بولاتتى
. كىچىككىنە ئىسسىقنى كۆرسىلا، ئېرىپ تۈگەيدۇ
.
(3) «-سا // -سە» قوشۇمچىسى بىلەن ھاسىل بولغان پېئىل بىرىكمىسى جۈملىنىڭ ئالدىدا باغلىغۇچى رولىدا كەلسە ياكى مۇستەقىل تەركىبنىڭ خەۋىرى بولۇپ كەلسە كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ
باغلىغۇچى رولىدا:
ئۇنداق بولسا، يېڭى ئۆي سېلىشقا يول قويۇش
. ھېچ بولمىسا، جەمئىيەتكە كېسەك قالدۇرۇلغۇدەك بىر ئادەم بولسۇن
. بولمىسا، مەن بىلەن مېڭىڭلار
. شۇنداق بولسىمۇ، تالاغا چىققاندىن كېيىن ئۇ يەرگە يولۇقۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم
.
مۇستەقىل تەركىبنىڭ خەۋىرى رولىدا:
مىسالى، تۇرسۇننى ئالساق، ئۇ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ
. راست گەپنى ئېيتساق، ۋاي، جېنىمىزدىن باشقىسىنى ئېلىپ بولدى
. ئۆزىڭىزگە كەلسەك، مۇشۇنداق ئۆزىڭىز تەڭ كېلەلمەيدىغان جەڭگە كىرىشكە پېتىنغانلىقىڭىز ئۈچۈن كىشىلەر سىزنى ئەخمەق دېيىشى مۇمكىن
.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا «-سا // -سە» قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كەلگەن پېئىلدىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ:
ھېلىھەم بولسىمۇ ئەكرەمنىڭ تىزگىنىنى تارتىدىغان تۈزۈك ئادەم بولسۇن
. قېرىغاندا بولسىمۇ بىرەر مەرتىۋىگە ئېرىشسەم دەيمەن
. ئازادلىقتىن كېيىن بولسا يېزىنىڭ تۇنجى ئاكتىپلىرى ھېسابلىنىپ، پارتىيەگە بىللە كىرگەن
. ئاچام بولسا سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتتى
. ... نى كۆردۈم، ... نى بولسا تېخى كۆرمىدىم
.
(2) «-سا // -سە» قوشۇمچىسى قوشۇلغان پېئىل «بول-» پېئىلى ياكى باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ، تۇراقلىق بىرىكمە ھاسىل قىلسا
ۋاي قىزىم، ئالدىرىمىسىڭىز بولمايدۇ
. قومۇش كۆرۈشۈشنىمۇ يېرىم كۈن توختاتساق بولىدىغان ئوخشايدۇ
. سىز رەسمىيەتلىرىڭىزنى ئۆتەشكە ماڭسىڭىزلا بولدى
. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشۇمنى قامدىسام بولار ئېمىش
. مېنىڭچە، ئۇ ئاپوللو بولسا كېرەك
. ھە دېسىلا، بۇلارنىڭ كەتمىنىنى چاپىۋەرمەڭ
.
(3) «-سا // -سە» فورمىسىدا كەلگەن پېئىل جۈملىنىڭ خەۋىرىگە ئەمەس، بەلكى جۈملىنىڭ باشقا بىرەر بۆلىكىگە باغلانغان بولسا
مۇنۇ لەكبەرنىڭمۇ جېدەل قىلمىسا تۇرالمايدىغان خۇيى بار ئىكەن
.
(4) ئاددىي جۈملىنىڭ خەۋىرى ئوخشاشلا بىر پېئىل يىلتىزى ياكى ئۆزىكىنىڭ ھەم «-سا // -سە» فورمىسى بىلەن تۈرلىنىشى، ھەم بۇيرۇق-تەلەپ رايى ياكى خەۋەر رايىدا كېلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولسا، مەنىدىكى ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ «-سا // -سە» فورمىسىدىن كېيىن پەش قويۇلمايدۇ
مەن بارسام باراي
. ئۇ بارسا بارسۇن
. بارساق بارايلى
. مەن بارسام بارىمەن
. بىز بارساق بارىمىز
. بارسام باردىم
. قېنى بارساق باردۇق
. كەتسەك كەتتۇق
.
لېكىن، بۇنداق خەۋەر كېڭىيىشى بىلەنلا ئارىسىغا پەش قويۇلىدىغان بولىدۇ
مەن بارسام، كېيىن باراي
. بىز بارساق، بىللە بارايلى
. مەن بارسام، ئۈچ-تۆت كۈندىن كېيىن بارىمەن
. بىز بارساق، سىلەرنى ماڭغۇزۇۋېتىپ بارىمىز
. ھالەت بېقىندى جۈملىدە: سەلىمجان شۇنچىلىك خۇشال بولدىكى، مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىگەنلىكىنى بايقىدىم
.
ھالەت بېقىندى جۈملىلەرنىڭ «كى» باغلىغۇچىسى ئارقىلىق باغلىنىدىغان بۇنداق شەكىللىرىدىن باشقا، رەۋىشداش ۋە سۈپەتداش بىرىكمىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان شەكىللىرىمۇ بار
بۇ مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى، پەرقلەندۈرۈشنىڭ قىيىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇنداق رەۋىشداش ۋە سۈپەتداش بىرىكمىلىرىنى ۋە ئۇلارغا پەشنىڭ قانداق قويۇلۇشى لازىملىقىنى تۆۋەندە كۆرسىتىپ ئۆتىمىز
1) «-پ // -ئىپ // -ۇپ، -ۈپ»، «-ماي // -مەي» رەۋىشداشلىرى ۋە «-ماستىن // -مەستىن» فورمىسى بىلەن ھاسىل بولغان بىرىكمىلەر
(1) بۇ بىرىكمىلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدىغان ئورۇنلار:
ئاندىن ئىشكاپنى ئېچىپ، ئۇ يەردىن قېتىپ كەتكەن ئىككى نان بىلەن چايداننى ئالدى
. مەن بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن سۆزلىشىپ، ھەممىنى پۈتتۈرۈپ قويدۇم
. بۇ پەقەت ئۇنى سۇندۇرغانلىقىڭلار بولۇپلا قالماي، بەلكى تەرەققىيات قانۇنىغا ۋە ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرىدۇر
. سىلى دوستلىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيلا قالماستىن، ھەتتا ئۆزلىرىمۇ قايتىپ كېلەلمەيدىلا
. ھەممىسىنىڭ داد-پەريادلىرى ئېشىپ، نالىلىرى كۆككە يېتىپتۇ
. ھەتتا بىر يىلغىچىمۇ بۇ ئاداۋەت تۈگىمەي، پۇرسەت تېپىپ ئۆچ ئېلىپ كەلدى
. ئۇنداق دېمەستىن، مۇنداق دېسە بولىدۇ
.
ئەگەر بۇ بىرىكمىلەر ئىككى «ھەم» باغلىغۇچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىپ قالسا، يەنىلا خەۋەرلىك فورمىسى تولۇق بولمىغان خەۋەر ھېسابلىنىپ، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ
ھەم جېنىغا قەست قىلىپ، ھەم ئەھۋالىنى سوراپتىمىشمەن
.
بۇ بىرىكمىلەر جۈملىدە خەۋەرلىك رولدىلا كەلمەي، بەزىدە پېئىلدىن ياكى باشقا سۆز تۈركۈمىدىن بولغان ئىگە، ھالەت، ئېنىقلىغۇچى قاتارلىق جۈملە بۆلەكلىرى بىلەن تەڭداش بولۇپ كېلىشىمۇ مۇمكىن
مەن ئۇنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نىكاھتىن ئاجرىشىپ (ئاجرىتىشىم)، ساراي خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرىگە بېرىشىم كېرەك
. لېكىن، مېھرى-شەپقەت كۆرسىتىپ (كۆرسىتىدىغانلار)، ئىچ ئاغرىتىدىغانلار نەدە؟
... مۈشكۈللۈكلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقلىرى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇپ (قويغىلى)، بۇ مۈشكۈللۈكلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى ھەققىدە سىلى بىلەن مەسلىھەتلىشكىلى كەلدىم
. ئەي خەلىپە، بالىلىرىغا ئاتا بولۇپ تۇرۇقلۇق (تۇرۇپ)، قانداق قىلىپ ئۇلارنى شۇنداق موھتاج ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدۇڭ؟
ئەمدى ئىشىكلەرگە ئىشەنچلىك كۆزەتچىلەرنى قويماي تۇرۇپ، تەرتىپكە سالماي تۇرۇپ، ھەرگىز ئوۋغا چىقمايمەن
. ئۇ قېرىپ كەتكەن چىشلىرىنى كۆرسىتىپ، ئاچچىق-ئاچچىق ھىجايدى
.
بۇ بىرىكمىلەر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق خەۋەرگە نىسبەتەن ھالەتلىك رول ئويناپ كەلسە، ئۇنىڭ بىرلا خەۋەرگە باغلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ
ئۇنىڭ بۇ مۇلايىم سۆزىنى ئاڭلاپ، سودىگەرنىڭ دىلى ئېرىپ، ئەقلى ئۇنىڭغا قايىل بوپتۇ
. ھۆرىيە خانىم يالغۇز قېلىۋاتقىنىنى بىلىپلا، يەنە يىغلاشقا، ھوشىدىن كېتىشكە باشلىدى
. ئۇ ھېچ نەرسە دېمەستىن (دېمەي)، قولىنى چىقىرىۋېلىپ، يۈگۈرگىنىچە پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتى
.
«-پ // -ئىپ // -ۇپ // -ۈپ» رەۋىشدىشىدىن ياسالغان قىستۇرما تەركىبلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ
مەرھەمەت قىلىپ، بۇنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىمنى دەپ بېرەمسىز، ئەپەندىم؟
ھەتتا ئاخىرى بېرىپ، قورسىقىمنىڭ ئاچقىنىنى، ئۇيقۇمنىڭ كەلگىنىنى مېھمانخانىنىڭ بۇغالتىرى، خىزمەتچىسىدىن سوراپ يۈرمىسەم بولاتتىغۇ!
«-پ // -ئىپ // -ۇپ // -ۈپ» بىلەن تۈرلەنگەن «بول-» پېئىلى تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ كەينىدىن كېلىپ، تۇرغۇن سۆزلەرگە خەۋەرلىك تۈس بەرسە، كەينىدىن پەش قويۇلىدۇ
ئۇ كىشى دىندار بولۇپ، كارامەت كۆرسىتىدۇ
. سەككىز-ئون يىل ئاۋۋال تۇغقانلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئۆيىدە ئېمىكداشلىق قىلغان بىر مۇھاجىر خوتۇن بولۇپ (بېرىشىدا)، ئۇ سەھرائى چەشتە تۇراتتى
. شاخلىرىمۇ ھەر تەرەپكە ئۆسكەن بولۇپ، بۇ چىمەنزارغا زىننەت بېرىپ تۇرىدىكەن
. كۆزىگە دۇنيا قاراڭغۇ بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ
.
(2) بۇ بىرىكمىلەردىن كېيىن پەش قويۇلمايدىغان ئورۇنلار:
بۇ بىرىكمىلەردىن كېيىن راي فورمىسىدا كەلگەن پېئىل تۈسلۈك مەنە بەرگەندە
مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەيلا قالدىم
. ئەمدى تاماق يېمىسە، تۈگمەندىكى قوشناڭغا ئوخشاپ قالىسەن
.
بۇ بىرىكمىلەر ئاددىي جۈملە ياكى تارماق جۈملىدە پېئىلدىن بولغان بىر تەركىبكە (مەيلى ئۇ راي فورمىسىدا كەلگەن بولسۇن، مەيلى راي فورمىسىدا كەلمىگەن بولسۇن) نىسبەتەن ھالەت (سەۋەب، مەقسەت، ۋاقىت، ئۇسۇل ھالەتلىرى) رولىدا كەلسە
ئۇ ئىشىكنى چالا-پۇچۇق يېپىپ چىقىپ كەتتى
. ھەقىقەتەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتالماستىن كۈلۈمسىرىگەنىدىم
. كۆزىدىن ياش توختىماي ئېقىپتۇ
. خۇدايىم ساقلىسۇن، جىق يەپ ئاغرىپ قالمىسام...
ئۇ شوخ ۋە ئالدىراڭغۇلۇقىدىن بەزى ۋاقىتتا ئويلىمايلا شۇنداق خاتا ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، ئانىسىدىن دائىم تىل ئاڭلاپ يۈرەتتى
. ئۆمەر ئەپەندىمگە گەپنى كۈچۈك ئېيتىپ خەت يازسام، ئاشۇ ئادەم قىزىنى ھاشىرنىڭ يېنىغا ئەۋەتمەسمۇ؟
ئايلاپ ئۈستەلدىن-ئۈستەلگە سۈرۈلۈپ ھەل بولمايدىغان بەزى ئىشلار ئۇلار خالاپ قالسا، شۇنچىلىك ئوڭايلا ھەل بولىدۇ
. سېنى بۇ ئەھۋالدا تاشلاپ چىقىپ كەتكىلى تېخى بولمايدۇ
.
ئاددىي جۈملە ياكى تارماق جۈملىلەردە پېئىلدىن بولغان بىرەر تەركىبكە ھالەت بولۇپ كەلگەن بۇنداق بىرىكمىلەر بىلەن مەزكۇر پېئىل ئارىسىغا بەزى ئەگەشمە بۆلەكلەر قىستۇرۇلۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن
ئىشىك ئالدىدا ئۈندىمەستىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم
. كېچىسى ئۆزىنىڭ ئۇلىغىغا مىنىپ ئۆمەرنىڭ ئالدىغا باردى
. ئەبۇلغازى بېشىنى كۆتۈرمەي كېيىكنىڭ قارنىنى يېرىش بىلەن بەند ئىدى
. يىگىت ئۇنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئولتۇرۇپ تاماق يېگۈدەك بوپتۇ
.
ئاددىي ياكى تارماق جۈملىلەردە پېئىلدىن بولغان جۈملە تەركىبلىرىگە نىسبەتەن ھالەتلىك رولدا كېلىدىغان، ئىشلىگۈچىسى بايان قىلىنمىغان ياكى ئىشلىگۈچىسى جۈملىنىڭ باشقا بۆلەكلىرىدىن مەلۇم بولىدىغان مۇنداق رەۋىشداش بىرىكمىلىرى بەزىدە جۈملىنىڭ ئىگىسىدىن بۇرۇن كېلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن
ئۇزاققا قالماي ئۇنىڭ جەسىتى لالما ئىتلارغا لۇقما بولىدۇ
. باغلارغا كېلىپ ھەممىسى ئاتتىن چۈشۈپتۇ
. بۇنى كۆرۈپ شەھەرىكاننىڭ غەزىپى تېخىمۇ ئۆرلەپتۇ
. قارنى تۈزۈتۈپ ئات چاپتۇرۇپ بىرى چىقىپ كېلىۋاتاتتى
. شۇنداق تۇرۇپ نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا رازى بولدۇڭ؟
ئىشنىڭ ئىككى-ئۈچ كۈنگە سوزۇلۇشىنى ئاڭلاپ جېنىم سىقىلدى
.
تۆۋەندىكى رەۋىشداشلار ياكى رەۋىشداش بىرىكمىلىرى ئاددىي جۈملىلەردە كۆپىنچە ھالەتلىك رولدىلا كېلىدۇ، شۇڭا كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ:
بولۇشلۇقتا ياكى بولۇشسىزلىقتا كەلگەن ھازىرقى زامان داۋام پېئىلىدىن بولغان رەۋىشداش بىرىكمىلىرى
:
ئۇ كۈلۈمسىرىدى ۋە كۆزەينىكىنى سۈرتۈۋېتىپ (ياكى سۈرتۈپ تۇرۇپ)، ماڭا تىكىلىپ قارىدى
. ئەتىگەندىن-كەچكىچە ئورما ئورۇۋاتماي، سايدا ئۇخلاپ يېتىپ پىشىمەنمۇ؟
تۈسلۈك مەنىدە كەلگەن «ئولتۇر-»، «تۇر-»، «يۈر-»، «بول-»، «كەت-»، «قال-»، «ئال-»، «بار-»، «ئات-»، «قوي-» قاتارلىق پېئىللاردىن ھاسىل بولغان رەۋىشداش بىرىكمىلىرى
:
چىشىمنى چىشلەپ تۇرۇپ بولغان ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردىم
. كىچىك ماشىنىغا غىل-پال قاراپ قويۇپ، شادى پاچاق ئالاقزادە سۈرۈشتۈردى
. توپلەي پايپاقلىرىمنى يېشىۋېتىپ، ئىشقا كىرىشىپ كەتتىم
. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب بىر كۈنى پادىچى قۇل ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ، قوي سېتىۋالماقچى بوپتۇ
. سودىگەر قىزىنى بەدەۋىينىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تونىغا ئوراپتۇ
. ئىككى باتۇر تويغۇچە يەپ-ئىچىپ بولۇپ ئۇخلاشقا كەتتى
. مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇخلاۋاتقاندەك كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپ، ئالدىغا كەلگەنلەرنىڭ سۆزىنى تىڭشايدىغان... كۆرۈنىدىغان ئېغىر بىر ئادەم ئىدى
. مەن سېنى قىزلار ئىچىدە ماختاپ يۈرۈپ، ئاسمانغا چىقىرىۋېتىپتىمەن
. ئۇ يوغان، قاتما بارماقلىرى بىلەن گېزىت قەغىزىگە موخوركا ئوراپ تۇرۇپ، سۆزگە قىزغىن كىرىشىپ كەتتى
.
جۈپ رەۋىشداش بىرىكمىلىرى
:
ئاق بۇرۇتلۇق كاتىپ رۇكۇغا بارغاندەك ئېگىلىپ-قوپۇپ قەغەزلەرنى يىغاتتى
. بۇنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن قەغەزنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ، ئۇ يەر-بۇ يېرىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى
. ... ئۈزۈپ-ئۈزۈپ سۆزلەشكە باشلىدى
. مەنمۇ «ئاپا! جېنىم ئاپا» دەپ تېلىقىپ-تېلىقىپ يىغلاشقا باشلىدىم
.
«قانداق»، «نېمىشقا» مەنىلىرىدە كەلگەن «قانداق قىلىپ» رەۋىشدىشى
:
پۇقرانىڭ ھال-ئەھۋالىنى بىلمىسە، ئۇلارنى قانداق قىلىپ ئىدارە قىلالايدۇ؟
قانداق قىلىپ سىلەر بىزنىڭ ماللىرىمىزنى ئالماقچى بولىسىلەر؟
ئاددىي جۈملىنىڭ تەركىبىدە كەلگەن «قاراپ»، «قارىماي» رەۋىشداشلىرى
:
يۇمشاق پاخالدا موللاق ئېتىشىپ، تۆۋەنگە قاراپ قېچىپ كېتىشتى
. شۇ چاغدا شەھەرىكان خادىملىرىغا قاراپ توي-زىياپەت ھازىرلىقىنى كۆرۈشنى بۇيرۇپتۇ
. بۇ ئېفىئوپىيەلىك لوزىنگى يارىدار بولغىنىغا قارىماي ئاكىللىشقا ئېتىلىپ كەلدى
.
«... تارتىپ» رەۋىشدىشى + «-غىچە // -قىچە // -گىچە // -كىچە» بىرىكمىسى
:
... دىن تارتىپ ... يىللارغىچە
... دىن تارتىپ تا ئايرىلغان كۈنگىچە
ھاكىمىدىن تارتىپ ئەمىرىگىچە
چىقىش كېلىشتىن كېيىن كەلگەن «باشلاپ» رەۋىشدىشى پۈتۈنلەي ۋاقىت ھالىتى رولىدا كېلىدۇ
. بۇنى «ئېتىبارەن» سۆزى بىلەن ئالماشتۇرغىلىمۇ بولىدۇ . شۇڭا، بۇ بىرىكمە بىر خەۋەرلىك ئاددىي جۈملىدە كەلسە كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ . مەسىلەن:
شۇ كۈندىن باشلاپ بەزىدە ياتىقىمنىڭ ئىشىكى غىچىلدايدۇ
. ئەتىسىدىن باشلاپ سەلىمجان مانا جانى توغرىسىدا گەپ قىلمايدىغان بولۇۋالدى
. مائارىپ نازارىتىدىن رەسمىيەت قەغەزلىرىمنى ئالغان مىنۇتتىن باشلاپ يېنىكلىك قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەنىدىم
.
بەزىدە «-پ» رەۋىشدىشى قاتلاملىق ھالەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن
. بۇنداق ھالدىمۇ كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ . مەسىلەن:
شەھەرىكاننىڭ ئېتى لوقماننىڭ ئېتىغا قاراپ چاپچىپ قويۇپ تۇرۇپتۇ
.
(2) «-غاچقا // -قاچقا // -گەچكە // -كەچكە» رەۋىشداشلىرى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بىرىكمىلەر
بۇ يەرگە پات-پات ئىسسىق غەرب شامىلى كېلىپ تۇرغاچقا، قىشتىمۇ، يازدىمۇ چېچەك ۋە مېۋىلەر ئۈزۈلمەيتتى
. يەكشەنبە بولغاچقا، ئۇ ئۆيىگە ۋاقچىرەك كەلدى
. ئودىسسېئۇس ئۇزاق سۆزلەپ، چارچاپ كەتكەچكە جىم ئولتۇرۇپ قالدى
.
ئەگەر بۇ رەۋىشداش بىرىكمىسى خەۋەرگە يانداش كەلسە كەينىدىن پەش قويۇلمايدۇ
مەن بارمىغاچقا كۆرەلمىدىم
.
(3) «-غۇچە // -قۇچە // -گۈچە // -كۈچە» قوشۇمچىلىرى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بىرىكمىلەر
پاراخوت قوزغالغۇچە، پاراخوت ئۈستىدىكى بىر بۇرجەكتە ئولتۇردۇق
.
- سادىق كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگۈچە ئىككى كەنتنى ئايلاندى.
- سىزمۇ جاۋاب كەلگۈچە سەۋر قىلىپ تۇرىسىز-دە.
- مەن ھاۋا ئۆزگىرىپ كەتكۈچە مېھمانخانىنىڭ سەل نېرىسىدىكى تۆپىلىكتىن ئۆتۈپ ... قاراپ ماڭدىم.
- بۇنى تاپقۇچە بىر ھەپتە باش قاتۇردۇم.
- دۈشمەن يەنە ئۆز جايىغا دېڭىز قىرغىقىغا چېكىنگۈچە شۇ يوسۇندا جەڭ قىلىشتى.
- ئادەملەر لەززەتلىك توي تاماقلىرىنى قورسىقى تويغۇچە يېيىشتى.
- بۇ ئىش ھايت-ھۇيت دېگۈچە پۈتۈن مەھەللىگە تارالدى.
- بۇ ئادەمنى ئىشەندۈرگۈچە جېنىم چىقاي دېدى.
- دەريا بويىغا يەتكۈچە ئالدىرا.
- ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ قىساس ئالمىغۇچە سېنىڭ ئالدىڭغا كەلمەيمەن.
- بىز يەرنى ئاغدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوتياش تېرىسلا.
- ئارىدىن بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، كالىنىڭ ئىگىسى تۇردى بوۋاي ئالدىراپ ھاشىم بوۋاينىڭ ھويلىسىغا يېتىپ كەلدى.
- ترويا قولدىن كەتكەندىن بۇيان، سىلىنى ئەسلىي قىياپەتلىرىدە كۆرۈپ باقمىدىم.
- ئەزىمخان ئۆيگە كىرگەندە، جەمىلە قەلەمچە قىلىۋاتاتتى.
- قاراڭغۇ چۈشكەندىلا، ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
- بىر ئالىم بىر مەسىلىنى ھەل قىلغاندىمۇ نەچچە مىڭلىغان ئالىملار بۇ ئىشلارنىڭ ئارانلا بىر قىسمىنى ھەل قىلالايدىكەن.
- ئالكا ئاتىسىنىڭ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەن چاغدا، ئودىسسېئۇس مۇقەددەس ئورمانلىقتىن چىقتى.
- جانابلىرى ئالتۇن تاج ۋە كەمەرلەردىن ئايرىلىپ ئولتۇرغان ئەھۋالدا، يەرگە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ماما شۇ كۆپتىكى ئالتۇن ئۈستىدىكى تۇپراقنى دەسسەپ تۇرغان ساتراچقا تەسىر قىلغان.
- شۇڭا ئىزىمنى تاپقان ھالدىمۇ، مەن بىلەن ئۇچرىشىشقا يۈزى چىدىماس.
- شەھەرىكان دەمەشىققە يېتىپ بارغان ھامان، پۈتۈن دەمەشىق ئاھالىسى ئۇنى قارشى ئېلىپ ... بىلەن چىقىپتۇ.
- پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقىنىمدا، كۆزۈمگە ئەتراپ قاپقاراڭغۇ كۆرۈندى.
- بىز نىسارالار شەھىرىدە تۇرغىنىمىزدا، ھېچكىم بىزدىن ھېچقانداق جەرىمانە ئالمىغانىدى.
- بىز مەسلىھەتلىك ئىش قىلغىنىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە غەلبىنى نېسىپ قىلدى.
- بۇ قىز ... گەپنى مۇشۇنداق قىلغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى پەملەپ ... دېدى.
- سوقما تامنىڭ تېگى زەي تارتىپ ئۇلى بوشاپ قالغانلىقتىن، تام ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، كالىنى بېسىۋالغان.
- ساراينىڭ ياخشى جابدۇقلىرى ھۇجرىغا چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، جەمىلىنىڭ قايغۇسى ئېچىلمىدى.
- موللا نىياز كۈلۈپ قويۇپ بىرپەس ئويلانغاندىن كېيىن، مۇنداق ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى.
- تىغ بىلەن يۇرت سورىغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ.
- ئۇ يەرگە بارغاندا، يەر تەڭرىلىرىدىن ئەركىنلىك تەلەپ قىلسۇن.
- بىز بۇ ئارالنىڭ پورتىغا يېتىپ كەلگەن چېغىمىزدا، بۇ يەردە كىم تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق.
- لېكىن گۈلشەنگە كەلگەندە، ئاغزىغا كەلگەن بىرمۇ گەپنى يۇتۇۋەتمەيتتى.
- جارچىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ھامان، ئەرلەر سېۋەت كۆتۈرۈپ، مېۋە قاققىلى ئون ئىككى باغقا بۆلۈندى.
- ھەممىمىز ھەددىدىن ئارتۇق چارچاپ كەتكەنلىكىمىز ھەم دەرد-ئەلەم تارتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ئوتلاقتا تۈپتۈز ئىككى كېچە-كۈندۈز ئۇخلاپتىمىز.
- جەمىلە يەرگە يورۇق چۈشكەندە ئورنىدىن تۇردى.
- نەگە بېرىشىمنى پەقەت كوچىغا چىققاندىن كېيىنلا ئويلىدىم.
- ھودۇققان ھالدا ئەتراپىمغا قاراايتتىم.
- بۇ ئەلدە ئەرلەر دېھقانچىلىققا ماھىر بولغاندەك، ئاياللار توقۇش ئىشلىرىغا ماھىر ئىدى.
- خۇددى نەچچە كىشىنىڭ قۇلىچى يەتمەيدىغان دەرەخنى ئادەمنىڭ كۆزىچىلىك يوپۇرماقلار ياشناتقىنىغا ئوخشاش، ئىنساندىكى ئەخلاق-پەزىلەتنىمۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر تەمىنلەپ تۇرىدۇ.
- ھاشىر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، رازىيە كۈلۈمسىرەپ، مېنى ئەيىبلەۋاتقاندەك كۆزۈمگە قارىشىپ تۇراتتى.
- كالفا سۆزلىرىمنى بالىلار چۆچەك ئاڭلاۋاتقاندەك كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئاڭلايتتى.
- ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەندەك قىزغىن، تەمكىن ۋە جىددىي سۆزلەشمەكتە ئىدى.
- ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر، پارسلاردا شۇ قائىدە-تەرتىپ جارى بولۇپ كەلگەن ئىدى.
- ئۇلار شۇ ماڭغانچە ماڭغان پېتى شەھەرىكاننىڭ سارىيىغا يېتىپ بېرىپتۇ.
- قەدىرلىك ئانا، ئۇرۇشتا يارىلىنىپ قايتىۋاتقان جەڭچىلىرىمىز كېچە دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
- نەچچە زامانلار بولدى بىرە قېتىم كۆرۈپ كېتەيمۇ دېمىدىيا، قىزىم.
- ئۇنىڭدىن باشقا، رەيھاننىڭ يەنە ئۆزىگە خاس بەزى سىرلىرىمۇ بار ئىدى.
- بەختكە يارىشا، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن تۆمۈر خەلىپىمۇ بارىكۆلدىن قايتىپ كەلدى.
- سەپەرقۇلنىڭ ساناق نۆۋىتى، نېمىشقىدۇر، ھەممىدىن كېيىنكى قاتارغا قويۇلغانىدى.
- ئەزىمجان، نېمىلا قىلمىسۇن، ئوغۇل ئۆيلەيدىغان ئەر بولغىنى ئۈچۈن بارلىق ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈردى.
- ئۇنىڭ تۇرمۇشنى كۆزىتىشىچە، ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھايات يولىنى بەلگىلىۋالالمايتتى.
- دېمەك، كۆز يېشىدىن كېيىن قايتىپ ئويغانغان ئوخشايدۇ.
- ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ كۆزى قانداق قىلىپ قارىغۇ بولۇپ قالدى؟
- ھە، بەللى، مانا شۇ ئەقىللىق خوتۇن-دە، سەن.
- مەيلى، كۆپچىلىكنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھەرقانداق زىيان تارتىشقا تەييار بىز...
- قۇمۇلدا تۇرىدىغان بولسىلا، بىرىنچىدىن، شا مەخسۇت ۋاڭ بىلەن ھېچقاچان ئوبدان ئۆتەلمەيدىلا، ... ئىككىنچىدىن، ...
- ئۇلار گەپ-سۆزسىزلا پىيالىنى بوشىتىشتى ۋە قازان كاۋىپىدىن ئىشتىھا بىلەن يېيىشتى.
- ھەربىر كىشى ئۇنى مۇقەددەس ئولىمپىيە تېغىدىكى تەڭرىلەرگە ئاتاپ سەدىقە قىلىشتى ھەم بۇ مېھماننىڭ ئۆز ئېلىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ بېرىشىنى تىلىدى.
- ئۆزى كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى قايغۇ ھەم قورقۇنچ بىلەن ئېيتىپ بەردى.
- پەقەت مۇئامىلە ئارقىلىقلا ئەمگەك كۈچىدىن ئىبارەت ئالاھىدە تاۋارنى سېتىۋالىدۇ ھەمدە ئاخىرىدا تاۋارنى سېتىپ، قوشۇمچە قىممەتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
- بۇ مەنسۇرنىڭ ھەم تەكلىپى، ھەم بۇيرۇقى؛ بۇنى ئولتۇرغانلار ياخشى بىلىدۇ.
- ئىستېمال قىممىتى ھامان ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ ماددىي مەزمۇنىنى ھاسىل قىلىدۇ. بىراق، ئىستېمال قىممىتىنىڭ ئۆزى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
- ئەمما، ئۇ پەقەت مۇيسىپىت نېستور پېتىپ كەلگەندىلا نىيىتىدىن ياندى.
- ئىنسانلار بىر مىليون يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، ئەمما تاۋارنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە 6-7 مىڭ يىللا بولدى.
- لېكىن، مەن دوستلىرىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەن ھەممىنى قىلىشقا بەل باغلىدىم.
- ئۇلارنىڭ ئۈستى-بېشى لايغا مىلەنگەن، لېكىن نېمىگىدۇر خۇشال ئىدى.
- تاۋارنىڭ ئايرىم قىممىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ۋاھالەنكى، ئوخشاش خىلدىكى تاۋار يەنە ئوخشاش ئىجتىمائىي قىممەت بويىچە سېتىلىدۇ.
- ئۇ ئەمدى قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغىنىدا، ئافىنا بىر ياش مالچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، شۇنداقسىمۇ شاھزادىلەرچە نازاكەت بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
- شۇڭا، ئۇمۇ بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بەلگىلەپ بېرىشنى ئىلتىجا قىلىپ ۋەھىي سورىدى.
- دەل مۇشۇ سەۋەبتىن تاۋار باشقا ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. شۇڭا، قىممەت تاۋارنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
- ئىنسانىيەت ئەنە شۇنداق ياشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتنىڭ قىزىقى بار.
- يەككە تاۋارلار بۇنداق بايلىقنىڭ ئامىل شەكلى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز تاۋارنى تەھلىل قىلىشتىن باشلىنىشى كېرەك.
- شۇڭلاشقا، قەھرىمانلارنىڭ بۇ ئوغۇللىرى ئۆزلىرىگە بىر داھىي تاللىۋېلىشى ئۈچۈن ئاپوللودىن ۋەھىي بېرىشنى ئىلتىجا قىلىشتى.
- ... بەلكى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىستېمال قىممىتى بولىدۇ.
- بۇنداق دېيىش خاتا، چۈنكى مۇئامىلە جەريانىدا قوشۇمچە قىممەت پەيدا بولمايدۇ.
- قۇيما پۇل ۋە قەغەز پۇل دۇنيا پۇلى بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئەسلىي قانۇنىي ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ.
- لېكىن، ئۇنىڭ زەربىسى بىلەن كۆپچىلىك بىر قەدەممۇ چېكىنمەيدۇ، بەلكى توڭغا تېخىمۇ جىقراق ئادەم يېپىلىدۇ.
- ئۆزىڭىز كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ كېلىشىگىمۇ توسالغۇ بولدىڭىز.
- لېكىن كامالدىن ئۈن چىقمىدى، ھەتتا مىدىرمۇ قىلمىدى.
- مەلىكە كەپسۇن ئوقۇپ بىر يۇمىلاقلا كەپتەرگە، سۇغا، ئوت-چۆپكە، دەل-دەرەخكە ئۆزگىرىشنى، ھەتتا سېھرىنىڭ باشقا تۈرلىرىنىمۇ ئۆگىنىپ بوپتۇ.
- قېنى، بىللە ئويلايلى، بەلكىم، بۇ تۈگۈننىمۇ يېشىۋالارمىز.
- بەلكىم، بۇ يەردە باشقا سىر باردۇ؟
- قانداق قىلاي، يوشۇرايمۇ ياكى خاتالىقلىرىمنى ئۈستۈمگە ئېلىپ كەچۈرۈم سورايما؟
- بەلكى ساپ قىممەتلىك ئالتۇن-كۈمۈش پۇل بولۇشى ياكى پۇل ماتېرىيالى بولغان قىممەتلىك مېتاللار بولۇشى كېرەك.
- يا ئۇنداق، يا مۇنداق پىكىرلەرنىڭ بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
- ئوقۇش، شۇنىڭدەك ئوقۇغاننى ئەمەلدە ئىشلىتىش ئاسان ئىش ئەمەس.
- ئۇنى چەكسىز مۇددەتتە ساقلىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت باشقا ھەرقانداق تاۋارغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
- ئۇنداق بولسا، پۇلنىڭ بۇ كۆپەيگەن سۇمىسى، يەنى قوشۇمچە قىممەت نەدىن كېلىدۇ؟
- نەرسىنى نېسى ئېلىپ، پۇلىنى كېيىنرەك بېرىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، يەنى نەرسىنى ئالغاندا نەق پۇل تۆلەنمەي، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن پۇل تۆلىنىدۇ.
- دۇنيا ئەللىرىنىڭ تارىخىدا نۇرغۇن تاۋارلار — مەسىلەن سەدەپ، گەزمەل ... ئوخشاشلار پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.
- سوتسىيالىزم جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلەر كونا جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرگە، مەسىلەن كاپىتالىزم جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.
- ئۇلارنىڭ ئىستېمال قىممىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، كىيىم-كېچەك بەدەننى ئىسسىتىدۇ.
- ئەگەر ئات ماڭغىلى ئۇنىمىسا، قامچا بىلەن بولۇشىغا ئۇر.
- ئۇنداقتا سەن مېنىڭ تۈكلىرىمدىن بىرنەچچە تال ئېلىۋال...
- ھەربىر تاۋار ئىگىسى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تاۋىرىنى پۇلغا ئايلاندۇرغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىنى ئالالايدۇ.
- تېخى بەزىلەر: «مەنسۇرنى، ئەكبەرنى يىقىتىمىز» دېيىشىدۇ.
- ... يامانلاشتۇرىدۇ، بولۇپمۇ 70-يىللاردىن كېيىن بەزى ئاساسلىق كاپىتالىستىك مەملىكەتلەردە ئىشسىزلارنىڭ نىسبىتى جىددىي ئۆرلەپ كەتتى.
- جان باقىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان ئىشچىلار ئىشسىز قالىدۇ.
- ... كونكرېت ئەمگەك ئابستراكت ئەمگەككە قايتالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ ئەمگىكى بىكار كېتىدۇ.
- بارلىق خەلققە پايدىلىق ئارزۇلار ئىشقا ئاشىدۇ، پەقەت بۇنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسىلا بار خالاس... دەپ قارىدى.
- ئۇنىڭ نېرىراقىدا يەنە بىر قەبرە تۇراتتى.
- ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنى تاپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىرنەچچە ياكى بارلىق جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئورتاق قانۇنىيەتلىرىنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ.
- ھېچ بولمىسا، سەن مېنىڭ مىياقلىرىمدىن بىرنەچچە تال ئېلىۋال. ھاجىتىڭ چىقىپ قالسا، كۆيدۈرسەڭ، ئەسقىتىپ قالسام ئەجەب ئەمەس دەپتۇ پىلان.
- شۇنداق قىلىپ، نىساخان خۇشى تۇتقاندا، ئوغلىنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ ئەركە-تايتاڭ قىلىۋېتىش، كېيىن ئۇنى يىغىۋالالماي، ئۇرۇپ-تىللاشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشكە باشلىدى.
- «تازا چاتاق بولدى»، دەپ گېپىنى باشلىدى دادام، «يەنى چاتاق شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، نېمە دېيىشىمنىمۇ بىلمەيمەن».
- 13,500
- 1,000,000
- سەن بارامسەن، يوق؟
- كەلدىمۇ، كەلمىدىمۇ؟
- تۆمۈريولنىڭ مەخسۇس لىنىيەسى، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇشىدىكى، دۆلەت تۆمۈريولى ياكى باشقا تۆمۈريوللار بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ئاچا لىنىيەنى كۆرسىتىدۇ.
- بۈگۈن پراكتىكىدىن قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار، سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ.
- ئۇزاق ئۆتمەيلا، يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان تۈتۈننى كۆرۈپ قالدىم.
- بوراننىڭ پەسىيىشى بىلەنلا بۇ كىچىككىنە شەھەرنى دەھشەتلىك بىر ۋەھىمە قاپلاپ كەتتى.
- يەردىن نەم كېتىش بىلەن ئەر-ئايال قوزغىلىپ، بۇغداينى بۇزۇپ شال ئۈچۈن داخزا-كەيزىلەرنى ياسىدى.
- زېۋىسنىڭ پاناھى بىلەن سكىللاغا كۆرۈنمەي قاينامدىن ئۆتۈپ كەتتىم.
- ئەنە شۇنىڭ مەسلىھەتى بىلەن باشقىلار ئۇنى چاقىرىپتۇ.
- بۇ قىز دېدەكلەر بىلەن بىللە دەرھاللا قېچىر ھارۋىسىنى قوشۇپ تەييارلاپ بولدى.
- ئۇزاق جىمجىتلىقتىن كېيىن تۇرسۇن ئاتىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
- كەچ كىرىشكە يېقىن شامال چىقىپ كەتتى.
- بۇ پەرىزاتلارنىڭ ماكانى ئىدى.
- ئۇ بۇ گۈزەل قىزلارنىڭ ئالدىدا خۇددى سالما يۇمۇقلۇق شىردەك تۇراتتى.
- بۇ قېتىمقى سەرگۈزەشتەمنى سىلىگە ئېيتىپ ئۆتتۈمغۇ، شاھىم.
- ئودىسسېئۇس تۇماننىڭ قورشاۋى ئاستىدا بەزمە قىلىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتتى.
- ئەمما، ئۇنى قوشلاپ قايغۇ-ھەسرەتكە سالماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىنى ئېيتمىدى.
- بۇ چاغدا بىزنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىمىز ئاللىقاچان تۈگەپ بولغانىدى.
- كېيىن ئۇ مېنى چىرايلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ، پۇتۇمغا كىچىككىنە دەسسەگۈچ قويۇپ بەردى.
- شۇ ئەسنادا ئافىنا ئۇنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە كېلىشكەن ھالەتكە كەلتۈردى.
- ئۇشتۇمتۇتلا ئۇزۇن مۈڭگۈزلۈك بىر بۇغىنىڭ دەرەخ ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئېرىق بويىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.
- ئاخىرى ئۆزىنى باسالماي ... دېدى.
- ئاخىرىدا ئافىنا ئۇنىڭ ھەمراھىغا ئاتقان پۈشزەكنىڭ يۆنىلىشىنى بۇرۇۋېتىپ، تېز ئېقىۋاتقان ئۆستەڭگە چۈشۈرۈۋەتتى.
جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ
«ۋاي قۇۋۇرغىماي، ‹چىراغپايىدا چاي ئىچكەن چېچەن›نى كۆردۈم دېگەندەك، ئەمدى كىتابلاردىن قۇسۇر تاپقىلى تۇردۇڭمۇ؟ ئوقۇپ قوي كېرىم، ئۇ دېگەن پەن»، دېدى رازىيە
.«مەن ‹پولات قانداق تاۋلاندى› رومانى ھەققىدە قىسقىچە تەسىرات دېگەن ئوبزورنى ئوقۇدۇم»
.
7. قوش تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
قوش تىرناق كۆچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور سۆزىدىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان بەلگە
جۈملىدە كەلگەن بارلىق كۆچۈرمە تەركىبلەر، جۈملىدىن كىتاب، گېزىت-ژۇرنال ناملىرى، ماۋزۇ قاتارلىقلار قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ
جۈملىدىكى كۆچۈرمە تەركىبلەر كۆپىنچە «دېمەك» پېئىلى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بىرىكمىلەردىن ئىبارەت بولىدۇ
1. «دېمەك» پېئىلى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بىرىكمىلەردە قوش تىرناقنىڭ ئىشلىتىلىشى
(1) راي فورمىسىدا كەلگەن «دېمەك» پېئىلىنىڭ ئالدىدىكى تەركىب دائىم قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ
... چۈشەندۈرۈپ: «قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان ھەرقانداق تەدبىرنى قوللانمىسىڭىز!» دېدىم
.«خۇپ!» دەپتۇ ۋەزىر دەندان
.
(2) ئەگەر «دېمەك» پېئىلى «-پ» قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ رەۋىشداش بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلسا، مەيلى كۆچۈرمە تەركىب ئېنىق نەقىل بولسۇن، مەيلى تەخمىن كۆچۈرمە بولسۇن، ئوخشاشلا قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ
«ھوقۇق قولىمىزدا» دەپ، شەپقەت بىلەن ئاداۋەتنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەيلى
.سائەت ئىگىسى «500 سوم تۆلەيسەن» دەپ كۈندە كېلىپ جېدەل قىلىۋاتقاندەك
.«ئۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ كونكرېت تەلىپى نېمىكەن؟» دەپ سورىدى مىشا
.
ئەسكەرتىش: مەيلى راي فورمىسىدا كەلگەن «دېمەك» پېئىلىنىڭ ئالدىدىكى كۆچۈرمە تەركىب بولسۇن، مەيلى «دەپ» رەۋىشدىشى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان كۆچۈرمە تەركىب بولسۇن، دىئالوگ سۈپىتىدە ئېلىنغان بولسا، قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ؛ كۆچۈرمە تەركىبتىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ
پۇل بىلەن شىمالىي قۇتۇپنىڭدەك كۆڭۈلنى تۇرپاننىڭ يەتتىنچى-سەككىزىنچى ئايلىرىدەك قىلىۋەتكىلى بولىدۇ، دەيتتىغۇ دائىم
.زادى تاختاي يۇيۇش ئۈچۈن قانچىلىك سۇ كېتىدۇ، دەپ سورىغىنىمدا بىچارە خوتۇننىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى
.
(3) «دېگەن» سۈپەتدىشى جۈملىدە تەكىتلەش مەنىسىدە كەلمىسە، ئۇنىڭ ئالدىدىكى كۆچۈرمە تەركىب قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ
سەن دېگەن بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
.قەشقەر دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مەدەنىيەت مەركىزى
.«باشقا يەرگە ئاتماڭ» دېگەن ئوق ئۇنىڭغا تېگىپ كېتىپ قاپتۇ
.ھازىرلىقلار پۈتۈپ: «ئەتە يەر ھەيدەشنى باشلايمىز» دېگەن كۈنى كەچقۇرۇن مەجلىس ئاچتۇق
.«ئۇيقۇلۇقتا دەسلەپ مېڭەمگە ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ» دېگەن ئوي كەلدى
.«ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك، ئەھۋالنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلمىگەن بەزى ئادەملەر ئۇنى «شەمشىدىن سەۋدايى» دەپ زاڭلىق قىلىدىغان بولدى
.
ئەگەر «دەپ» رەۋىشدىشى بىلەن «دېگەن» سۈپەتدىشىنىڭ ئالدىدا كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبنىڭ خەۋىرى ئالدىدا چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن سۆز بولسا، بۇنداق كۆچۈرمە تەركىب قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ؛ چۈنكى چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن سۆز ئەمەلىيەتتە كۆچۈرمە تەركىبتىكى خەۋەرنىڭ ئىگىسى بولۇپ، بۇنداق كۆچۈرمە تەركىب بىر پۈتۈنلۈكى بۇزۇلغان كۆچۈرمە تەركىب ھېسابلىنىدۇ
يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلار سادىقنى كۈچىگە كەپتۇ دەپ تاشلاپ ...
سەزگۈلىرىم ئاللىقاچانلا ئۇنى بىلىمسىز، ھېسسىياتسىز، قەدىرسىز قىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ بولدى
.مەن سېنى ئادەتتىكى بىر مۇئەللىمە دەپ يۈرۈپتىمەن
.ئۇلارنى ئۇست دەپ ئويلاپتىمەن
.مەن سېنى مۇنچىلىك دەپ ئويلىمىغانىدىم
.بۇ خوتۇن ئۆزىنى نەدە دەپ ئويلايدۇ؟
تۇرسۇننى كەندكە كەپتۇ دېگەن كىشى نەدە؟
ئۇنى ئاز دەپ مېنىڭ كۆزلىرىم قىزنىڭ كىيىنىشىگىمۇ زوقلاندى
.
(4) «دەپ»، «دېگەن» سۆزلىرىنىڭ ئالدىدا كەلگەن خاس ئىسىم، ئۈندەش سۆز، قاراتما سۆز قاتارلىق ئاتاش كۆچۈرمىلەر قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ
نىسارا ئەسكەرلىرى: «ئەي ھەزرىتى ئەيسا»، «ئەي بۈۋى مەريەم» دەپ چوقۇنۇپ ۋارقىرىشىپتۇ
.ئۇنى «ئەيسانىڭ قىلىچى» دەپ ماختىشىدىكەن
.ئۇ ... سىرلىق ئەمما يېقىملىق بۇ ئىسىمنى «ئالولى» دەپ ئۈنلۈك توۋلاپ تاشلىغانلىقىنى بىلمەي قالدى
.ئەبۇسۇفيان «ھەئە» دېدى
.«ئارتىس» دېسىلا «ئەخلاقى يامان» دەپ قارەيدىكەنسىز
.
(5) قاتلاملىق كۆچۈرمىلەردە «دېمەك» پېئىلى ئارقىلىق ھاسىل بولغان بىرىكمىنىڭ تۆۋەن قاتلامدىكىسى يالاڭ تىرناققا، يۇقىرىقى قاتلامدىكىسى قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ
ئۇ: «بىلىمگە بېرىلىڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى چەبدەس تۇتۇڭ، ناپالېئوننىڭ ‹پاسكىنا كىيىمىڭنى ئۆيگە مۆكۈنۈۋېلىپ يۇغىن› دېگەن سۆزى ئۆز ئەيىبىڭنى سازايى قىلما دېگەن مەنىدە ئېيتىلغان» دېگەنىدى
.لېكىن، قوغدىنىش تۇيغۇسى مېنىڭدە يەنە رول ئوينىدى: «مابادا ئۇ بىردىنلا مېنى ‹سەن تولۇق ئالىي مەلۇماتلىق ئەمەس› دېمەكچى بولىسەن دەپ تۇرىۋالسا، ئۇ ھالدا قانداق قىلىمەن؟»
(6) «سۆزلەش»، «ئېيتىش»، «كۆزدە تۇتۇش» مەنىلىرىدىكى «دەپ» رەۋىشدىشىنىڭ ئالدىدا كەلگەن يۆنىلىش كېلىش ۋە چۈشۈم كېلىش بىلەن تۈرلەنگەن سۆز بىرىكمىلىرى قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ
ئۇ يەنە ... بىر ئادەمنىڭ سۇدا ئۆلگەنلىكىنى دەپ بەردى
.سىزمۇ مېنى دەپ خاپىلىق تارتتىڭىز
.مۇشۇ زېرىكىشلىك ئىشنى دەپلا، دوستۇمنىڭ كۆڭلى ئۈچۈنلا ...
خەلق كومىسسارىغا دەپ بېقىش كېرەك
.
(7) تۈس مەنىسىدە كەلگەن «دېمەك» پېئىلىدىن ئالدىنقى تەركىبلەر قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ
قىرىق ياشقا كىرىپ قالاي دېدىم
.دۇيجياڭ بىردىنلا كۈلۈۋېتىپ، ئۆچۈپ قالاي دېگەن تاماكىسىنى تۇتۇپ چەكتى
.ئۇ ئەمدىلا قايتاي دېيىشكە، گۈلشەننىڭ جۆيلۈۋاتقىنى ئاڭلاندى
.
(8) «دېمەك» پېئىلى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان تۇراقلىق بىرىكمىلەر ياكى ئەسلى مەنىسىدىن يۆتكەلگەن «دېمەك» پېئىلىنىڭ ئالدىدا كەلگەن تەركىبلەر قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ
ئەمما نېمىدېگەن ئىنچىكە ئىش
!ئۇ ھەدەپ مۇنۇ گەپلەرنى تەكرارلايتتى
.ئەتە ھاممامغا نېمە دەپ خەت يېزىشىمنى بىلەتتىم
.نەگە بارسام باراي، نېمە دېسەم دەي
.ئوغلى مۇھەممەدنى چاقىرىپ شۇنداق دەپ ۋەسىيەت قىلدى
.ئالاقىچى راسا بىر ئاي دېگەندە شەھەرىكانغا ئاتىسىدىن جاۋاب خەت ئەكەپتۇ
.
2. جۈملىدە ئاتاپ كۆرسىتىلگەن ۋە ئەسلى مەنىسىدە ئىشلىتىلمىگەن تەركىبلەر قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ
پەقەت «سۇ» سۆزىگىلا ئۈچىنچى شەخستە «سى» قوشۇلماي «يى» قوشۇلىدۇ
.قادىر بەزىدە ئوغرىلىق قىلىپ قوياتتى، شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنىڭغا «ئوۋچى» دەپ لەقەم قويۇپ قويغانىدى
.
3. جۈملىدىكى مۇھىم ھۆججەت، ئەسەرلەر، ماقالە، گېزىت-ژۇرنال ناملىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ «ئىز»، «كۈرەشچان يىللار»، «ئىزدەنىش» قاتارلىق رومانلىرىنى نەشر قىلدى
.ئۇ «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ
.بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ماقۇللاندى
.
4. ئىدارە، جەمئىيەت، زاۋۇت، كان، كارخانا، سودا دۇكانلىرى، پۇل، تاۋار ماركىلىرى قاتارلىقلاردا ئاتاپ قويۇلغان نام كۆچۈرمە تەركىب ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ
«ئالغا» كوپىراتىپى
«ئاۋانگارت» ئاياغ كىيىم فابرىكىسى
«كۇئېنلۇن» مېھمانخانىسى
«سەددىچىن سېپىلى» ماگىزىنى
«بوغدا كۆلى» ئاق ھارىقى
«غالىبىيەت» پۇلى
ئاخىرىدىكى تەركىبلەرگە نىسبەتەن ئېنىقلىغۇچىلىقى ئېنىق بولغان تەركىبلەر قوش تىرناققا ئېلىنمايدۇ
دوڭكۆۋرۈك بازىرى
بېيجىڭ بېكىتى
5. تارىخىي ۋەقە، بايرام، مۇھىم مەجلىس ياكى يىغىلىشلارغا قويۇلغان نام قوش تىرناققا ئېلىنىدۇ
«1-ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى
«18-سېنتەبىر» ۋەقەسى
«1-ئۆكتەبىر» دۆلەت بايرىمى
«زونىي» يەنى «خەلقئارا بالىلار رەسىم كۆرگەزمىسى»
8. تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
تىرناق ئىزاھ بەلگىسىدۇر
1. جۈملىدە مەلۇم جۈملە بۆلىكىنى تولۇقلاش، ئىزاھلاش ياكى شەرھىلەش مەنىسىدە كەلگەن تەركىبلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ
ئۇ يەتتە گەز (بەش مېتىرغا يېقىن) رەخت سېتىۋالدى
.ئاتاقلىق، چوڭ موللاملار (ئۇلار «داموللا» ياكى «ئۆلىما» دەپ ئاتىلاتتى) بۇ يەردە ئەرەبچە، پارسچە مەشھۇر كىتابلارنىڭ مەنىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى
.ل. مۇتەللىپ (1922 — 1945) تالانتلىق شائىر
.$F = ma$ (نيۇتوننىڭ ئىككىنچى قانۇنى)
.«خوراز ۋە مايسا» (مەسەل)
.
2. سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتى، كەيپىياتى توغرىسىدا بەرگەن ئىلاۋىلىرى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ
زۆرىخان (ئالماسقا سېلىپ): نۇرۇم، چاي قاينىدىمىكىن، چىقىپ باققىنە
. (نۇرۇم باققا چىقىدۇ) .
3. نەقىل كەلتۈرۈلگەن مىسالغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ
يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە! (ل. مۇتەللىپ: «يىللارغا جاۋاب»)
9. سىزىقچە ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
سىزىقچە ئاساسەن يېرىم قوشۇپ يېزىش بەلگىسىدۇر
1. جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا ۋە سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلمايدىغان ئۇلانمىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ
بالا-قازا، پۇت-قول، ئېگىز-پەس، بەش-ئالتە
.بۇ نېمە دېگەن مەنزىرىلىك جاي-ھە!
تازا ۋاقتىدا كەلدىڭ-دە
.سىزگە بىرەر ئىش تەسىر قىلدىمۇ-يا؟
2. سۆزلەر قۇردىن قۇرغا بوغۇمدىن ئايرىپ كۆچۈرۈلگەندە ئايرىلغان بوغۇمدىن كېيىن قويۇلىدۇ
تىرىش-چانلىق
تەرەققىي-يات
3. رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن دەرىجە سانلاردىن كېيىن قويۇلىدۇ
ئۇ 2-سىنىپتا ئوقۇيدۇ
.
4. تىلشۇناسلىققا دائىر تېكىستلەردە پېئىلنىڭ بۇيرۇق شەكلى، قوشۇمچىلار كۆرسىتىلگەندە، پېئىلنىڭ بۇيرۇق شەكلى يەنى يىلتىز ياكى تومۇردىن كېيىن، سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ ئالدىدىن، سۆز ئالدى قوشۇمچىلىرىنىڭ كەينىدىن قويۇلىدۇ
| تۇر- | بار- | كەل- |
| -چان | -لىق | -سىز |
| نا- | بە- | بى- |
10. سىزىق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
سىزىق رولى ئاساسەن تىرناققا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئىزاھ بەلگىسى
1. جۈملىدە بىر خىل گرامماتىكىلىق شەكىلدە كەلگەن ئىزاھلىغۇچى بىلەن ئىزاھلانغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ
بىزنىڭ مەكتەپتە — شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەتتە مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ
.
2. ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆز بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلغان تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا قويۇلىدۇ
نۇرۇم ... قوش ھەيدەش، كۈتمەن چېپىش، ئورما ئورۇش، ھارۋا ھەيدەش — مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى موكۇل ئويناشمۇ، شاڭخەيكە ...
تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر — يۈگۈرۈش، سەكرەش، گىمناستىكا، پۇتبول، ۋاسكېتبول، ۋالىبول قاتارلىقلار بار
.
3. زامان ۋە ماكان مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆز (ياكى سان)نىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ
لەنجۇ — شىنجاڭ تاشيولىنىڭ تۇرپان تەۋەسىدىكى بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلاندى
.1959 — 1960-يىللىق ئوقۇش مەۋسۈمىدە سىنىپ بويىچە ئەلاچى بولدى
.
4. ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى دىئالوگلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ
— بۈگۈنكى ئىسسىقتا ئۆرۈك تازا پىشىدۇ، دېدىم
.— بىراق، كۈننىڭ شۇنچە تەپتىدە سىز تېخىلا غورا ئىكەنسىز، دېدى باھار كۈلۈپ
.
11. قوش چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
قوش چېكىت ئاساسەن بايان بەلگىسىدۇر
1. مۇستەقىل سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىلارنىڭ كېيىنكى قىسمى ئالدىنقى قىسمىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى ياكى بىرەر تەركىبىنى تولۇقلاپ، شەرھىلەپ كەلسە، ئالدىنقى قىسمىدىن كېيىن قويۇلىدۇ
خوشتارخان يەنە ئېتىز سەھنىسىدىن كېلىدىغان مۇزىكا ئاۋازىنى بېرىلىپ تىڭشىدى: نەدىندۇر ناخشا كېلەتتى، ئاللىقەيەرلەردىن قىيقاس-چوقان، ئۆستەڭ بويىلىرىدىن قۇشلارنىڭ ئاۋازلىرى، خامان تەرەپتىن ئاياللارنىڭ كۈلكىلىرى كېلەتتى
.ئۇ ھېكايىسىنى خۇددى چۆچەكچى مومايلاردەك راۋان، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن ئىخچام بايان قىلىشقا باشلىدى: ئاۋغۇستنىڭ يامغۇرلۇق كۈنلىرى ئىدى، بىر شەنبە كۈنى كەچتە ئادىتىم بويىچە ئىشتىن چۈشۈپلا كۈتۈپخانىغا بېرىپ، ئوقۇپ بولغان كىتابلارنى يېڭى كىتابلارغا ئالماشتۇردۇم، ھەپتىلىك گېزىت ۋە ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ژۇرناللارنى ئوقۇدۇم ...
قوبۇل قىلىش تەرتىپى:
ئاپتورلارنىڭ ئەۋەتكەن ئەسىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ھەجىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ قەلەم ھەققى بېرىلىدۇ . ئۆمىكىمىز «سەھنىلەشتۈرۈشكە بولىدۇ» دەپ قارىغان ئەسەرنىڭ ئاپتورىنى تەكلىپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك سەنئەت خادىملىرى بىلەن بىللە ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ .
2. ھۆرمەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما سۆزدىن كېيىن قويۇلىدۇ
ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە:
...ھۆرمەتلىك ئەھمەد تۇرسۇن:
سىزنى ئەتە كەچتە بىزنىڭ ئۆيگە چايغا تەكلىپ قىلىمىز . ھۆرمەت بىلەن: × × × (چېسلا)
3. سەھنە ئەسەرلىرىدە دىئالوگلارنىڭ ئالدىدا كەلگەن پېرسوناژلارنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ
غۇنچەم: مانا سىزگە تاۋار ياغلىق، گۈل ئوتتۇرىلىرىدا، مەيلى، ھەر قېتىم تاماكا چەككەندە تىككەن كىشىنى بىر ئەسلەپ قويارسىز
.ئىدارە باشلىقى: ھەممە تەييارلىق پۈتتىمۇ؟
4. بىرەر مەسىلىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇر بېشىدىن ئېلىنغان جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەن «مەسىلەن» سۆزىدىن كېيىن قويۇلىدۇ (مىسال كۆرسىتىلمىدى)
5. ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى بىلەن ئەسىرى بىللە كۆرسىتىلگەندە، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسىدىن كېيىن قويۇلىدۇ
زوردۇن سابىر: «ئاۋرال شاماللىرى»
6. تۈرلۈك ئۇسۇل-ھالەتلىرىدىن كېيىنكى جۈملە دىئالوگ سۈپىتىدە قۇر بېشىدىن باشلانسا ياكى قۇر بېشىدىن باشلانمىغاندىمۇ قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنسا، مەزكۇر ھالەتلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ
قوللىرىنى بىر-بىرىگە ئۇرۇپ:
— يالغان دەپتىمەنمۇ تېخى، بالا ئىكەنسەن، دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى .ئاتىسى رازىلىق بەرمەي: «سەۋر قىل، كېلەر يىلى ئۆزۈم مەككىگە بارىمەن، شۇ چاغدا سېنىمۇ بىللە ئېلىپ باراي» دەپتۇ
.خۇشى ياقمىغان ھالدا:
— بوپتۇ، مەيلىڭىز، دېدى .
12. كۆپ چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
كۆپ چېكىت قىسقارتىش بەلگىسىدۇر
1. جۈملىدە قىسقارتىلغان تەركىبلەر ئورنىغا، نۇتۇقتا سۈكۈت ئىپادىلەنگەن ئورۇنغا قويۇلىدۇ
ئىككىسى چاي ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ، موللا نىياز ھەققىدە ئۇزۇن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى... (قىسقارتىلغان تەركىب ئورنىدا)
پاتەمخان... (سۈكۈت ئورنىدا)
2. نۇتۇقتا سۆزنىڭ ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ياكى مەلۇم سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئادەتتىكىدىن سوزۇقراق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قويۇلىدۇ
ئامانقۇل تۆمۈر خەلىپىگە قاراپ: «را... زى... بول...، ئاكا!» دېدى-دە كۆزىنى يۇمدى
.گۈلى... ز، ھەي گۈلقى... ز، مە يەرگە كېلە، مە يەرگە
.
ئىزاھلار
بۇ مەزمۇن مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئامىنە غاپپار، راخمان خانبابالار تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىشى» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991-يىلى) ناملىق كىتاب ئاساسىدا تەييارلاندى
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان 12 خىل تىنىش بەلگىسىدىن باشقا بەزى بەلگىلەرمۇ ئەمەلىي ئىستېمالدا مەلۇم ئېھتىياجلار ئۈچۈن قوللىنىلماقتا
(«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، 1-توم، 647_700-بەتلەر)
Yorumlar
Yorum Gönder