مەڭزىڭگە ياقارمەن قايسى يۈزۈمنى (شېئىر)
ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان
سۆيۈشتىن باشقىنى بىلمىگەن بولسام،
بىلمىگەن بولارمەن سۆيۈلۈشنىمۇ.
ئۆزۈمدىن باشقىنى سۆيمىگەن بولسام،
بىلمەيمەن ھەتتاكى ئۇيىلىشنىمۇ.
ئۆزۈمدىن باشقىنى بىلمىگەن بولسام،
بىلمىگەن بولارمەن ئۆزلۈكۈمنىمۇ.
ئۆزۈمنى بىلمەستىن سۆيدۈم دېگىنىم،
بىلدۈرۈپ قويار جۈپ يۈزلۈكۈمنىمۇ.
جۈپ يۈزلۈك ئۆزۈمدە تۇيغۇ نە قىلسۇن؟!
مەڭزىڭگە ياقارمەن قايسى يۈزۈمنى؟
يېڭى ئۆز، يېڭى مەن پەيدا بولارمۇ،
يوق قىلسام ئۆزگىگە تولغان ئۆزۈمنى.
Yorumlar
Yorum Gönder