مۇھەببەت ناخشىسى (شېئىر)

 ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان


مۇھەببەت ناخشىسى تۈگىمەس ناخشا،

ساڭىلا بېغىشلاپ ئېيتىمەن ئۇنى.

توختاشنى بىلمەيمەن، بىلمەيمەن يەنە

قاچانلار ناخشامدىن زېرىكىشىڭنى.


ئېيتىمەن، لەۋلىرىم قۇشقا ئايلىنىپ

بېغىڭغا ۋىچىرلاپ كىرىپ كەلگۈچە.

قەپەسسەن تولىمۇ نەپس ئىشلەنگەن،

قوغدايسەن ئۇلارنى ئۆلۈپ كەتكۈچە.


مۇھەببەت ناخشىسى ئاجايىپ ناخشا،

تېكىستى، ئاھاڭى چەكسىز ۋە قايناق.

سەن ئۇنى ئاڭلاشتىن توختىغان چاغدا،

ھېچ كىشى ئېيتالماس، ئېيتالماس بىراق.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك