قۇياشقا قارىساڭ ئەنە شۇ چاغدا (شېئىر)

 ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان


ئەگەر سەن قۇياشقا سىنچىلاپ قاراپ،

بايقىساڭ ئۇشتۇمتۇت قاراڭغۇلۇقنى،

مەنمۇ ئاھ سۈرىتىڭ ئالدىدا شۇتاپ،

ئەكەلدىم يىغلاشقا سانسىز بۇلۇتنى.


بۇلۇتلار ياش تۆكۈپ دەريا بولغاندا،

تېنىمنى قولۋاق قىلىپ سالىمەن ئاڭا.

ئېسىمدىن بېلىقتەك ئۈزۈپ ئۆتىسەن،

ئەڭ چوڭقۇر بىر جايغا يېتىپ بارغاندا.


چىققاندا قىرغاقنىڭ ئۇ تەرىپىگە،

دەريامۇ، سۈرەتمۇ يوقايدۇ ئاستا.

كۆرىسەن بىر دۆۋە قۇم ۋە كېچىنى،

قۇياشقا قارىساڭ ئەنە شۇ چاغدا.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك