خىيالىڭنى بەر (شېئىر)
ساداقەتجان ھاجى
كەل چېچىڭدىن رەڭ بەر كېچىگە،
كۆزلىرىڭدىن يۇلتۇز تۆكۈلسۇن.
شوخ بۇلاقنىڭ سىرلىق كۈيىگە
يۈزۈڭدىن ئاي چىقىپ چۈمۈلسۇن.
ھىدلىرىڭنى بەرگىن شامالغا
ياپراقلارغا پۈركۈپ ئوينىسۇن.
خىيالىڭنى بەر مەجنۇنتالغا،
سۇ بويىدا مېنى ئويلىسۇن.
Yorumlar
Yorum Gönder