دىڭدانى كۈتۈش (شېئىر)
مېڭ خاۋرەن
كۈن ئۆزىن داۋاننىڭ كەينىگە ئالدى،
جىلغىلار قاراڭغۇ قوينىدا قالدى.
قارىغايلىق سەگىدى بالقىغاندا ئاي،
شامال ۋە بۇلاقلار سازىنى چالدى.
يېنىشتى ئۆيلىرىگە ئوتۇنچىلار تەل،
قۇشلارمۇ ئوۋىسىغا جايلىشىپ ئالدى.
قونغىلى كەلمەكچى ئىدىڭ بۇياققا،
قولۇمدا ساز، كۆزۈم يولۇڭدا تالدى.
تەرجىمان: ئالىمجان ئازات
Yorumlar
Yorum Gönder