ئىلى چاقچاق سەنئىتى ھەققىدە ئويلار
ئوسمان ئىسمايىل
ئىلى چاقچاق سەنئىتى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر ژانىرى. ئۇ ئىلى خەلقى كوللېكتىپ ياراتقان ئاغزاكى ئەدەبىيات شەكلى، شۇنداقلا كەڭ ئومۇملاشقان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى. چاقچاق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋىي ژانىر. مەلۇمكى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى نۇرغۇن ژانىرلار زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ خىرىس قىلىشى بىلەن تەدرىجىي يوقىلىشقا يۈز تۇتتى، ئەمما چاقچاق يوقىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، كۈندىن كۈنگە جانلىنىپ، ياشناپ، تەرەققىي قىلىپ كەتتى. بۇ ھال چاقچاق سەنئىتىنىڭ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش فاڭجېنىدا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بۇ فاڭجېن ياراتقان ئەۋزەل شارائىت ئاستىدا، ئىلى خەلق چاقچاقلىرى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت مىراسىغا ئايلاندى. ئىلى خەلق چاقچاق سەنئىتى 2009-يىلى ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك ئەسىرى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، ئۇنىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، (2011-يىلى 5-ئايدا) مەملىكەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن چاقچاق سەنئىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش بويىچە كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەر ئىشلەندى. ئالايلۇق، ئىلى چاقچاقلىرى توپلاندى، رەتلەندى ۋە نەشىر قىلىندى، چاقچاق سەنئىتى سەھنە ۋە ئېكرانغا ئېلىپ چىقىلىپ، كەڭ تۈردە تارقىتىلدى، ئىلى چاقچاقلىرى ھەققىدە مەملىكەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسى تۇرغۇزۇلۇپ ئىشلەندى، چاقچاق پائالىيەتلىرى تەپسىلى تەسۋىرلەنگەن كىتابلار، چاقچاق ھەققىدىكى مەخسۇس تەتقىقات ئەسەرلىرى ۋە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەر ئېلان قىلىندى، شۇنداقلا چاقچاق سەنئىتى تېمىسىدىكى پىروزا ئەسەرلىرىمۇ يېزىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئىلى خەلق چاقچاقلىرىنى قوغداشتا ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى- ۋارىس يېتىشتۈرۈش جەھەتتە قولغا كەلگەن نەتىجىلەردۇر. پېشقەدەم چاقچاق ئۇستازى، مەملىكەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسى ھېسام قۇرباندىن باشلانغان يېڭى دەۋر چاقچاق سەنئىتى ئۆزىگە ئۈزۈكسىز تۈردە، يېڭىدىن يېڭى ۋارىسلاررنى يېتىشتۈرۈپ كەلدى. ھازىر يالغۇز ئىلى رايونىدىلا يۈزدىن ئارتۇق ياش مەخسۇس چاقچاق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. شۇنى ھاياجان ئىچىدە كۆرمەكتىمىزكى، ئىلى رايونىدا ھەر كۈنى، ھەر سائەتتە ئىجاد قىلىنىۋاتقان بىھېساپ چاقچاقلار زور بىر ئېقىننى ھاسىل قىلىپ، توسقىلى بولمايدىغان كۈچ بىلەن شاۋقۇن سېلىپ ئاقماقتا.
بىزنىڭ ئالاھىدە دېققىتىمىزنى تارتقىنى، چاقچاق سەنئىتى مەملىكىتىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ مۇھىم كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئايلانماقتا. جۈملىدىن، خەنزۇ قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىمۇ چاقچاق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ماھىرلار يېتىشىپ چىقماقتا. «ھېسامنىڭ خەنزۇ شاگىرتى» دەپ نام ئالغان غۇلجىلىق ۋاڭ ياڭ (王洋) ئاشۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ چاقچاقنى چاڭچىلە سەنئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە يېڭى شەكىل ياراتتى. ئۇ ئاغزاكىي بايان قىلىش بىلەن ناخشا ئېيتىشنى تەڭ قوللىنىپ، تۇرمۇش ھادىسلىرىنى ھەجۋىي تۈستە ئىپادىلەپ، كىشىلەرنى ھوزۇرلاندۇرۇپ كەلمەكتە. ۋاڭ ياڭ ئۆزىنىڭ چاقچاق ئىجادىيىتىگە قوشقان مۇشۇنداق تۆھپىسى بىلەن مەملىكەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسى شەرىپىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زىمىندىكى مەدەنىيەتنىڭ ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ياراتقان يۇغۇرۇلما مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
تۆۋەندە مەن ئىلى چاقچاق سەنئىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
1. چاقچاقنىڭ ئۇقۇمى
چاقچاق ھەجۋىي خاراكتېرگە ئىگە گەپ-سۆزدۇر. ئۇ دىيالوگ شەكلىدىكى ژانىر بولۇپ، ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سۆزلىشىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ شەكلى سۆزلىشىشتۇر. ئەمما ئۇ ئادەتتىكى سۆزلىشىش ۋە ئادەتتىكى گەپتىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. بۇنداق پەرق تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتە كۆرۈلىدۇ:
1> چاقچاق تىلى كۈچلۈك ھەجۋىي خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ.
چاقچاق دېگەنلىك كىشىلەرنى كۈلدۈرەلەيدىغان گەپ-سۆز دېمەكتۇر. شۇڭا كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن دېيىلىۋاتقان سۆز قىزىقارلىق، يۇمۇرغا باي بولۇشى كېرەك. ھەجۋىلىكى بولمىغان سۆز كىشىلەرنى كۈلدۈرەلمەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھەجۋىلىك چاقچاقنىڭ جېنىدۇر.
2> چاقچاق ھازىر جاۋابلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. مەلۇمكى، ئۆز ئارا سۇئال-جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان چاقچاقتا، تېز جاۋاب قايتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر چاقچاقچى چاقچاق ئىجرا قىلىنىۋاتقاندا، تېز ئىنكاس قايتۇرالماي ئازراق ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئاندىن جاۋاب بەرسە، ئۇنىڭ جاۋابى توغرا ۋە ھەجۋىيلىككە ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، كىشىلەرنى كۈلدۈرەلمەيدۇ-دە، ئۇنىڭ سۆزى ئۆز ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا چاقچاق- چاقماق شەكلىدىكى تېز ئىنكاسنى تەلەپ قىلىدىغان تىل سەنئىتىدۇر.
دېمەك، بىز چاقچاقنى بىر خىل سۆزلىشىش، كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان پارىڭى دەپ تونۇش بىلەن بىرگە، ئۇ ئادەتتىكى پاراڭ ئەمەس، بەلكى ھەجۋىيلىك ۋە ھازىر جاۋابلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن ئادەتتىكى گەپ-سۆزلەردىن پەرقلىنىدىغان تىل سەنئىتى دەپ قارايمىز.
چاقچاق تىلى ئىستىلىستىك ۋاستىلەرگە باي، ئوبرازلىق تىل. ئۇنىڭدا مۇبالىغە، ئوخشتىش، سېلىشتۇرۇش، جانلاندۇرۇش، سىلىقلاش، تەنە قىلىش، قوش بىسلىق سۆزلەش، ئېگىز كۆتىرىپ تاشلىۋېتىش قاتارلىق ۋاستىلەر كەڭ قوللىنىدۇ.
چاقچاق ئاددىي سۆز ئويۇنى ئەمەس، بەلكى ئوبرازلىق تىل ئارقىلىق بەلگىلىك مەنىنى ئىپادىلەيدىغان خەلق ئىجادىيىتى. سىرتتىن قارىغاندا ھەممە ئادەم چاقچاق قىلالايدىغاندەك قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، چاقچاقنى تېز سۈرئەتتە، ئوبرازلىق ۋە ھەجۋىي تىل ئارقىلىق دەل جايىدا ئېيتماق، ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. شۇڭا چاقچاقچى خەلق ئارىسىدا باشقا خەلق سەنئەتكارلىرىدەكلا، چوڭقۇر ھۆرمەتكە ئىگە.
2.چاقچاق بىلەن لەتىپە ۋە لاپلارنىڭ پەرقى
چاقچاق ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس ژانىرى. ئۇ لەتىپە ۋە لاپقا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ ئۈچىنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقى بار. ئالدى بىلەن بىز چاقچاق بىلەن لەتىپىنىڭ پەرقىنى كۆرۈپ باقايلى:
1> لەتىپىنىڭ ھېكايىچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، چاقچاقنىڭ سۇس بولىدۇ، ھەتتا بەزى چاقچاقلاردا سۇژىت بولمايدۇ. لەتىپە دېگىنىمىز- ھەجۋىي خاراكتېرگە ئىگە قىسقا ئاغزاكى ھېكايىدۇر. ئۇنىڭدا مەلۇم بىر ۋەقە، ھادىسە ۋە شەخىسنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەجۋىيلەشتۈرۈلۈپ بايان قىلىنىدۇ. ئەكسىچە چاقچاقتا، بولۇپمۇ روبىرو چاقچاق، چاچما چاقچاق، ئايلانما چاقچاق قاتارلىقلاردا ھېچقانداق سوژىت بايان قىلىنمايدۇ، بىرەر ئىش-ھەرىكەت مۇكەممەل تەسۋىرلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭدا بىر-بىرىنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىش، بىر-بىرىگە تىل ئۇرۇشى قىلىش، ئۆز ئارا ھەجۋىي قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ.
2> لەتىپە سورۇن ۋە ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەمما چاقچاق پەقەت مەلۇم سورۇن ئىچىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. لەتىپە بىر خىل ھېكايە بولغاچقا، خالىغان ئادەم ئۇنى ئېسىدە تۇتىۋېلىپ، خالىغان سورۇندا ئېيتسا بولىۋېرىدۇ. ئەمما چاقچاقنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئاپتوماتنىڭ ئوقىدەك كەينى-كەينىدىن ئېيتىلىپ چىقىۋاتقان چاقچاقنى ئەينەن ئېسىدە تۇتۇۋېلىش ۋە باشقا بىر سورۇندا تولۇق بايان قىلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. بايان قىلىپ بەرگەندىمۇ ئۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئەسلى سورۇندىكى كىشىلەردەك كۈلدۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى چاقچاق كۈچلۈك سورۇن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇ شۇ سورۇننىڭ شارائىتى، شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى ۋە چاقچاقچىنىڭ پارتلاش خاراكتېرىدىكى ئىلھامىغا ئاساسەن نەق مەيداندا پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئۇ شۇ مۇھىتتا تۇرغان كىشىلەرنىلا كۈچلۈك ھوزۇرلاندۇرالايدۇ. ئەكسىچە باشقا سورۇندىكى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. مەسىلەن، چاقچاقچى ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىم بىر سورۇندا، مەلۇم بىر ساقاللىق شائىرنى ھەجۋىي قىلغان. ئۇ ئاۋال بۇ شائىرنىڭ ساقىلىنى توباغا ئوخشاتقان، ئاندىن بۇ توبانى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تازىلىق ئىشچىسىغا تۇتقۇزۇپ، ئىشخانا- كارىدورلارنى تازىلاتقۇزغان، ئۇ يەنە بۇ ساقالنى سۈپۈرگىگە ئوخشىتىپ، بارلىق يارىماس، ئەخلەت ئەسەرلەرنى سۈپۈرۈپ تازىلاتقۇزىۋەتكەن. ئاندىن ئۇ يەنە شائىرنىڭ ساقىلىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى ئۆچكىگە ئوخشىتىپ، شېئىرلارنى چاناپ قىيما قىلىپ، كېپەككە ئارىلاشتۇرۇپ ئۆزىگە يېگۈزىۋەتكەن... بىز شۇنى پەرەز قىلالايمىزكى، مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغان كىشىلەر ھېبىنىڭ بۇ چاقچاقلىرىدىن كۈلۈپ تېلىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما شۇ سورۇندا ئولتۇرغان مەلۇم بىر كىشى ئەتىسى ياكى ئۆگۈنى بۇ چاقچاقنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارنى قاتتىق كۈلدۈرەلىشى ناتايىن. بۇ ھال بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، چاقچاق مەلۇم سورۇن، مۇھىت ۋە كەيپىياتتىن ئايرىلىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، چاقچاق ئىككىنچى قېتىم «تەكرارلانماس» بولىدۇ. ھالبۇكى، لەتىپە ئۇنداق ئەمەس. لەتىپە ماكان ۋە زاماندىن ھالقىپ كېتىدۇ. ئۇنى خالىغان ئادەم، خالىغان ۋاقىتتا كىشىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەپەندى لەتىپىلىرى نەچچە يۈز يىلدىن بېرى قايتا-قايتا ئېيتىلىپ، كىشىلەرنى ھوزۇرلاندۇرۇپ كەلدى. مۇشۇلارغا ئاساسەن بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ھەرقانداق ئادەم لەتىپە ئېيتالايدۇ، ئەمما ھەرقانداق ئادەمنىڭ چاقچاقچى بولالىشى مۇمكىن ئەمەس.
بىراق چاقچاق بىلەن لەتىپە بەزىدە ئۆز ئارا زىچ باغلىنىپ كېتىدۇ. بۇنداق باغلىنىش چاقچاقلارنىڭ لەتىپىگە ئايلىنىپ كېتىشىدە روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بەزى سورۇنلاردا ئېيتىلغان قىسقا ھەجىملىك سۇئال-جاۋاپ شەكلىدىكى چاقچاقلارنى، كىشىلەر شۇ سورۇن ئاياقلاشقاندىن كېيىن، قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ، ھېكايە شەكلىگە كىرگۈزۈپ، باشقا سورۇنلاردا تارقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ چاقچاقلار لەتىپىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. (ئەمما روبىرو شەكلىدىكى ئارقا-ئارقىدىن كەلتۈرۈلگەن، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۆپ جۈملىلىك چاقچاقلارنىڭ لەتىپىگە ئايلىنالىشى قىيىن.) دېمەك، بىز بۇنىڭدىن چاقچاق بىلەن لەتىپە ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەت بارلىقىنى بىلەلەيمىز.
يەنە بىر خىل ئەھۋال شۇكى، بىر قىسىم سورۇنلاردا چاقچاقنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولماي قالغاندا، چاقچاقچى لەتىپە ئېيتىپ كىشىلەرنى كۈلدۈرىدۇ. چاقچاق سورۇنىدا مۇنداق ئۈچ خىل ئەھۋالدا لەتىپە ئېيتىلىدۇ: چاقچاقچى يالغۇز بولۇپ، ئۇنىڭغا پاس چىقىرىپ بېرىدىغان ئادەم بولمىسا، ئۇ چاقچىقىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالماي قالىدۇ-دە، ئىختىيارسىز چاقچاق قىلىشتىن لەتىپە ئېيتىشقا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئىككىنچىسى، گەرچە سورۇندا ئۆز ئارا پاس چىقىرىپ، بىر-بىرىنى غىدىقلايدىغان ۋە تاتىلايدىغان، بىر-بىرىگە ھوجۇم قىلىدىغان بىر نەچچە چاقچاقچى بولغان تەقدىردىمۇ، چاقچاق مەلۇم مەزگىل قىزغىن داۋاملاشقاندىن كېيىن، ھامىنى پەسىيىش باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ. چۈنكى چاقچاقچىلارنىڭ ئىلھامى ئۇزۇن مەزگىل توختىماي كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارمۇ دەم ئېلىشقا، يېڭىدىن ئېنىرگىيە توپلاشقا موھتاج بولىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا چاقچاقچى چاقچىغىنى ۋاقىتلىق توختىدۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە سورۇن ئەھلىنى زىرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن مەلۇم بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ لەتىپە ئېيتىدۇ. ئۈچىنچىسى، ئەگەر سورۇن ئەھلى چاقچاق كۆتۈرەلمەيدىغان ۋە چاقچاقنى توغرا چۈشىنەلمەيدىغانلاردىن بولسا، ئۇ ھالدا چاقچاقچى ئۇلارغا چاقچاق قىلماي، لەتىپە ئېيتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
بەزىلەر مانا مۇشۇنداق چاقچاق سورۇنىدا ئېيتىلغان لەتىپىلەرنىمۇ «چاقچاق» دەپ ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ چاقچاق ئەمەس، لەتىپىدۇر.
ھازىر كىشىلەر لەتىپىنى «يۇمۇر» دەپمۇ ئاتايدىغان بولدى. «يۇمۇر» چەتتىن كىرگەن قىزىقچىلىق شەكلى بولۇپ، ئۇمۇ خۇددى بىزنىڭ لەتىپىلىرىمىزگە ئوخشاش، مەلۇم بىر ۋەقەنى ھەجۋىي ئۇسۇلدا بايان قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا يۇمۇرنىمۇ خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان جايدا تەكرار ئېيتىپ بەرگىلى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا يۇمۇر بىلەن لەتىپە ئوخشاش مەنىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ بىرى چەتئەلچە، يەنە بىرى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ، خالاس.
ئەمدى بىز «لاپ» قا كەلسەك، ئۇ ھەرخىل ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى كۈچلۈك تەسەۋۋۇر ۋە مۇبالىغە ۋاستىسى ئارقىلىق ئەمەلىي ئەھۋالدىن ئاشۇرۇپ ئىپادە قىلىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاغزاكىي ھېكايىدۇر. ئۇ كۆپىنچە خەلق ئارىسىدىكى لاپچىلار تەرىپىدىن بايان قىلىنىدۇ. لاپچىلارنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ۋە ھەرخىل تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى بۇنداق مۇبالىغە شەكلىدە بايان قىلىشتىكى مەقسىتى، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختىنىش ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئەمەس، بەلكى قىزىقچىلىق قىلىش ۋە كىشىلەرنى كۈلدۈرۈپ كۆڭلىنى ئېچىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر پەقەت ئۆزىنى ماختاشنىلا مەقسەت قىلغان لاپچىلىقنى (پوچىلىقنى) يامان كۆرسىمۇ، ئاڭلىغۇچىلارنى كۈلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا بەدىئىي ھوزۇر بېغىشلايدىغان لاپلارنى ياخشى كۆرىدۇ. لاپچىلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مەلۇم ھادىسىلەرنى تۇتىۋېلىپ، ئۇنى كۆپتۈرۈش، شاخلىتىش ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئىشقا سېلىپ يۈكسەك دەرىجىدە مۇبالىغىلەشتۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە.
بىز لاپ بىلەن چاقچاقنى سېلىشتۇرغان ۋاقتىمىزدا، لاپنىڭ ھېكايىلىق خاراكتېرىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى، چاقچاقنىڭ ئىنايىن سۇسلۇقىنى بىلىۋالالايمىز. شۇڭا لاپ بىر خىل ئاغزاكىي ھېكايە، ئەمما چاقچاق ھېكايە ئەمەس، گەپ-سۆزدۇر. ئەمدى لەتىپىگە كەلسەك، گەرچە لەتىپە بىلەن لاپنىڭ ھەر ئىككىلىسى خەلق ھېكايىسى ھېسابلانسىمۇ، لېكىن بۇلار ئوتتۇرىسىدىمۇ يەنە پەرق بار: لەتىپە ھەجىم جەھەتتىن قىسقىراق، لاپ ئۇزۇنراق بولىدۇ، لەتىپە ۋەقەنى ھەرخىل ئىستىلىستىك ۋاستىلەر بىلەن بايان قىلىدۇ، لاپ بولسا پەقەت چەكتىن ئاشقان مۇبالىغە ئۇسۇلىدىلا بايان قىلىدۇ.
ئۇيغۇر خەلق لاپلىرى خەلق ئارىسىدا مۇستەقىل ژانىر سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، يەنە چۆچەك، لەتىپە ۋە چاقچاقلارغا سىڭىشىپ كەتكەن. مەسىلەن، «ئۈچ يالغاندا قىرىق يالغان» ناملىق چۆچەكتە لاپنىڭ ئاجايىپ نەمۇنىلىرى ئۇچرايدۇ. مەشھۇر چاقچاقچى ھېسام ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر چاقچاقلىرىدا لاپلاردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نەسىردىن ئەپەندىمۇ داڭلىق لەتىپىچى بولۇپلا قالماي، يەنە ماھىر لاپچى سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ.
دېمەك، ئىلى خەلقى چاقچاق سورۇنلىرىدا لەتىپە ۋە لاپمۇ ئېيتىشىدۇ، ئەمما لاپ بىلەن لەتىپە ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چاقچاق ئەمەس. مەن «چاقچاق» ناملىق بۇ ژانىرنىڭ دائىرىسىنى چەكسىز كېڭەيتىپ، بارلىق ھەجۋىي خااكتېردىكى ئاغزاكىي ئەسەرلەر ۋە يازما ساتىرىك شېئىرلار (ئاتالمىش «شېئىرىي چاقچاق»لار)نى چاقچاقنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈشنى قوللىمايمەن.
3. ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ شارائىتى
چاقچاق ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ھەممىسىدە بار. بىراق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ژانىرى سۈپىتىدىكى چاقچاق پەقەت ئىلىدىلا بار. چاقچاق ئىلى خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا سۇغا سۈت قوشۇلغاندەك ئارىلىشىپ كەتكەن. ئىلى خەلقىنىڭ ھاياتىنى چاقچاقسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداق بولسا ئىلىدا نېمە ئۈچۈن چاقچاق ئىجادىيىتى باشقا يۇرتلارغا قارىغاندا بەكرەك تەرەققى قىلغان؟ ئىلى چاقچاقلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن شارائىت نېمە؟ بىز بۇ شارائىتنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن مۇھاكىمە قىلالىشىمىز مۇمكىن.
1> جۇغراپىيەلىك شارائىت. ئىلى دىيارى مۇنبەت زىمىن. بۇ زىمىن ياپيېشىل تاغلار، سۈپسۈزۈك سۇلار، كەڭ ئورمانلار، ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن گۈل-گىيالار، مۇنبەت ئېكىنزارلىقلار ۋە كۆجۈم مەھەللە، باغ-ۋارانلار بىلەن قاپلانغان. بۇنداق گۈزەل تەبىئىي مۇھىت ئىلى خەلقىدە تەبىئەتكە ۋە ھاياتقا بولغان چەكسىز مۇھەببەتنى، قىزغىن، جۇشقۇن خاراكتېرنى يىتىلدۈرگەن.
2> ئىقتىسادىي شارائىت. ئۆز ۋاقتىدا مۇنبەت زىمىن ئاتا قىلغان مول بايلىق، بۇ زىمىندا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى مۇقىم كاپالەتكە ئىگە قىلغان. ئۇلار ئاچ-يالىڭاچ قېلىشتىن غەم يېمىگەچكە، تۇرمۇشتا بىغەم ۋە خۇشال ياشىغان. شۇڭا ئۇلار بوش ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. سەنئەتكە بولغان، كۆڭۈل ئېچىشقا بولغان بۇنداق قىزغىنلىق ئىلى سەنەملىرى، ئىلى مەشرەپلىرى، ئىلى ناخشىلىرى ۋە ئىلى چاقچاقلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
3> ئېتنىك مۇھىت. ئىلىغا شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن كىشىلەر كېلىپ توپلاشقان. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۇ زىمىننى ئېچىش ئۈچۈن پىلانلىق تۈردە كۆچۈرۈپ كەلگەن كىشىلەردىن باشقا، يەنە زور تۈركۈمدىكى ئاھالە بۇ يەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەن. بۇ كىشىلەر ئەسلىدىنلا ئىدىيە جەھەتتە ئەركىن، ئويۇن-تاماشاغا ئامراق، ھاياتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىغان، قائىدە-يوسۇنغا بويسۇنۇپ كەتمەيدىغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار دەل مۇشۇنداق خاراكتېرى سەۋەبىدىن ئۆز يۇرتىدا چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ، تاغ ئاتلاپ «ئىلىخو»غا كەلگەن. شۇنداق قىلىپ، يۇرت-يۇرتتىن كەلگەن ئەركىن خاراكتېردىكى كىشىلەر غۇلجىغا توپلانغان. نەتىجىدە جېنى تېنىگە پاتمايدىغان بۇ شوخ كىشىلەرنىڭ گېنى كېيىنكى غۇلجىلىقلارغا ئۆتۈپ كەلگەن.
4> پىسخىك شارائىت. ئىلى خەلقى يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي خەلق، ھاياتقا كۈلۈپ قارايدىغان جۇشقۇن خاراكتېرگە ئىگە خەلق. بۇ يەردىكى كىشىلەر خۇشال بولغاندا چاقچاق ئارقىلىق كۈلكىسىنى ياڭرىتىدۇ، ئازاب چەككەندە ئاچچىق كۈلكە ئارقىلىق دەردىنى چىقىرىۋالىدۇ، زىددىيەت- توقۇنۇش بولغاندا چاقچاق ئارقىلىق ئۇنى ئىناقلىقققا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ، باشقىلاردىن رەنجىپ قالسا، ئاغرىنىشلىرىنى چاقچاق ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئىچىنى بوشىتىۋالىدۇ، بىرسىنىڭ يارىماس قىلىق-ئادەتلىرىنى كۆرگەندە چاقچاق ئارقىلىق ئۇنى تەنقىد قىلىپ تۈزىتىدۇ... ۋەھاكازا. ئىلى خەلقى ئۆز ئائىلىسىدە، مەھەللىسىدە، ئەمگەك مەيدانىدا، توي-تۆكۈندە، مەشرەپ سورۇنلىرىدا، ھەتتا ماتەم مۇراسىملىرىدىمۇ توختىماي چاقچاق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تىلى يۇمۇرلۇق تىل، يۇمۇرغا باي تىل، يۇمۇردىن ئوت چاقنىتىدىغان تىل. ئۇلار ھەرقانداق گەپنى يۇمۇرلۇق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ. مانا بۇ ئىلى خەلقىنىڭ ھاياتى. مۇشۇنداق بىر ھايات مۇشۇنداق چاقچاقچىلارنى ۋە ئاجايىپ گۈزەل چاقچاق سەنئىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
4. چاقچاق سەنئىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللار
چاقچاق پائالىيىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن چاقچاق سورۇنى، چاقچاقچىلار ۋە ئاڭلىغۇچىلاردىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل بولۇشى لازىم.
1> چاقچاق سورۇنى. بۇ چاقچاقنىڭ ئىجرا قىلىنىش مەيدانىنى كۆرسىتىدۇ. چاقچاق سورۇنىنى رەسمىي سورۇن ۋە بىرەسمىي سورۇن دەپ ئىككىگە بۆلۈش مۇمكىن. رەسمىي سورۇن دېگىنىمىز- كىشىلەر مەخسۇس كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلىپ توپلانغان سورۇننى كۆرسىتىدۇ. ئىلى رايونىدا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىلا بولغان ئىكەن، ئۇ يەردە ناخشا بىلەن چاقچاق تەڭ بولىدۇ. شۇڭا چاقچاقسىز كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئىلى خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى_ چاقچاق سورۇنىدۇر. قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپلەر، ھەرخىل مېھماندارچىلىق ئولتۇرۇشلىرى، توينىڭ مەسلىھەت چېيى، باشقا جايلاردىن كەلگەنلەرنى كۈتىۋېلىش زىياپىتى قاتارلىق پائالىيەت سورۇنلىرى چاقچاق سەنئىتىنىڭ رەسمىي سورۇنلىرىدۇر. بىرەسمىي سورۇنلار بولسا، كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلمايدىغان، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندۈلۈك تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن ئۇچرىشىدىغان جايلىرىدۇر. چاقچاقنى ئۆيدە، كوچىدا، خىزمەت ئورنىدا، ئېتىزلىقتا، دۇكاندا، ئىشقىلىپ خالىغان يەردە ئېيتسا بولىۋېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس سورۇن تۈزۈش شەرت ئەمەس.
2> چاقچاقچى. چاقچاقچى چاقچاقنىڭ سوبيېكتى بولۇپ، ئۇ چاقچاقنىڭ ئىجراچىسى. چاقچاقچى داڭلىق سۆز ئۇستىسى. ئۇ زىرەك، ھۇشيار، تەسەۋۋۇر ۋە تىلغا باي، ئىپادىلەش ئىقتىدارى يۇقىرى سەنئەتكاردۇر. ئۇ يەنە تۇرمۇشنى پىششىق بىلىدىغان، ھايات ھادىسلىرى، تەبىئەت كۆرۈنۈشلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى ئىنچىكە كۆزىتەلەيدىغان كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، ئوخشىتىش، مۇبالىغە، سېلىشتۇرۇش قاتارلىق ئىپادىلەش ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوبيېكىتنى توغرا، ئوبرازلىق ۋە ھەجۋىيلەشتۈرۈپ ئىپادە قىلالىشىدا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بىز چاقچاقچىنى ئالاھىدە قابىلىيەت يېتىلدۈرگەن خەلق سەنئەتكارى دەپ قارايمىز.
3> ئاڭلىغۇچى. ئاڭلىغۇچى چاقچاقچ پائالىيىتىنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ، ئۇ چاقچاقنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. چاقچاق پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى دەل مانا مۇشۇ ئاڭلىغۇچىلارنى ھوزۇرلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا ئەگەر ئاڭلىغۇچى بولمىسا، چاقچاق پائالىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقلا چاقچاقچى ئاڭلىغۇچىنى ھوزۇرلاندۇرالمىسا، چاقچاقنىڭ داۋاملىشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئاڭلىغۇچى چاقچاقنى پاسسىپ قوبۇل قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى ئاكتىپ تۈردە ئۇنى باھالىغۇچىدۇر. ئاڭلىغۇچى چاقچاققا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئارقىلىق ئۈن-تىنسىز ھالدا چاقچاق ئىجادىيىتىگە ئارىلىشىدۇ، ئۆزىنىڭ رايى ئارقىلىق چاقچاقچىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. چاقچاقچى قانداق چاقچاقنى ئىجاد قىلىش، قايسى چاقچاقنى قايسى سورۇندا سۆزلەش ۋە ئۇنى قانداق بايان قىلىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئاڭلىغۇچىنىڭ رايىغا باقىدۇ. ئاڭلىغۇچىنىڭ چاقچاقچىنى يېتەكلەيدىغان، چاقچاقنى باھالايدىغان ۋە چاقچاق سەنئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋاستىسى كۈلكىدۇر. كۈلكە چاقچاقنىڭ تارازىسى ۋە ئەڭ ياخشى ئۆلچىمى. كۈلكە چاقچاقنىڭ سۈپىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. كۈلكە قانچە كۈچلۈك ياڭرىسا، بۇ چاقچاقنىڭ شۇنچىلىك ياخشى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە كۈلكە پەسەيسە ياكى يوقاپ كەتسە، بۇ چاقچاقنىڭ قاملاشمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كۈلكە يەنە چاقچاقچىلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى. چاقچاقچى بار ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ئاڭلىغۇچىلاردا كۈلكە قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ.
5. چاقچاق ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ قاتلىمى
يۇقىرىقى بايانىمىزدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاڭلىغۇچىلار پۈتكۈل چاقچاق ئىجادىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سۈپىتى، يەنى چاقچاقتىن ھوزۇرلىنىش سەۋىيەسى چاقچاقنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. قەيەردە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولسا، ئۇ يەردە چاقچاقنىڭ داۋاملىشىشى ۋە تەرەققى قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
بىز چاقچاق ئاڭلىغۇچىلىرىنى قاتلام جەھەتتىن مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلەلەيمىز:
1> ئۈستۈن ئاڭلىغۇچىلار. بۇنداق ئاڭلىغۇچىلار چاقچاق ئېستېتىكىسىنى تولۇق ئىگىلىگەن كىشىلەردۇر. ئۇلار چاقچاق سورۇنىغا كۆپ قېتىم قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزىدە زوقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن، چاقچاقنىڭ كومىدىيە نۇقتىسى ۋە تۈگۈنىنى دەرھال سېزىۋېلىپ، قاتتىق كۈلكىسى ئارقىلىق چاقچاقچىغا ئالقىش ياڭرىتىدىغان، چاقچاقتىن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ھوزۇرلىنالايدىغان كىشىلەردۇر.
2> تۆۋەن ئاڭلىغۇچىلار. بۇلار چاقچاقنىڭ ئېستېتىكىسىنى تولۇق ئىگەللىيەلمىگەن، چاقچاقتىن تۆۋەن سەۋىيەدە ھوزۇرلىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار چاقچاقتىكى ئاشكارا ئىپادىلەنگەن، بىراز قوپال تۈستىكى ھەجۋىيلىكنى سېزەلەيدۇ ۋە ئۇلاردىن ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ كېتىدۇ. ئەمما سۆزنىڭ ياپتا مەنىسى، چوڭقۇر قاتلامدىكى مەنىسى ۋە كۆپ قىرلىق مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇنداقلا چاقچاقنىڭ يۆنىلىشى ۋە ھەجۋىي قىلىنىۋاتقان ئوبيېكتىنى دەرھال پەرق ئېتەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار نەپىس تۈستىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك چاقچاقلارنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ كومېدىيە نۇقتىسىنى ئاڭقىرالماي، كۈلمەي جىم ئولتۇرىدۇ ياكى ئۈستۈن ئاڭلارمەنگە ئەگىشىپ، ساختا ۋە ئاڭسىزلارچە كۈلۈپ قويىدۇ. بۇنداق ئاڭلىغۇچىلارنىڭ چاقچاق دىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇلارنى چاقچاقچىلىق سەنئىتىگە كۆپ قېتىم قاتناشتۇرۇش ئارقىلىقلا، زوقلىنىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
3> قارشى ئاڭلىغۇچىلار. قارشى ئاڭلىغۇچىلار چاقچاق ئېستېتىكىسىنى بىلمەيدىغان، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنالمايدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار چاقچاقنى كىشىلەرنى پەسلەشتۈرۈش ۋە ھاقارەتلەش ۋاستىسى دەپ قاراپ، ئۇنىڭدىن بىئارام بولىدۇ، بىزار بولىدۇ ۋە چاقچاقچىغا ئۆچمەنلىك كۆزى بىلەن قارايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىدۇ.
ئىلى رايونىدا چاقچاقنىڭ شۇنچىۋالا كەڭ ئومۇملىشىشىنى ئۇنىڭدىكى ئاجايىپ سۈپەتلىك ئۈستۈن ئاڭلىغۇچىلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئىلى خەلقى چاقچاق ئېستېتىكىسىنى ئەڭ ياخشى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ چاقچاقتىن ھوزۇرلىنىش سەۋىيەسى باشقا ھەرقانداق يۇرتتىكى كىشىلەردىن يۇقىرى. مەسىلەن، بىز يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرگەن ھېبىنىڭ چاقچىقىنى ئالساق، باشقا يۇرتتىكى بىر قىسىم ئاڭلىغۇچىلار بۇ چاقچاقنى توغرا چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئۇلار ھېبى بىر پىشقەدەم شائىرنى مەسخىرە قىلدى، پەسلەشتۈردى دەپ تونۇشى، شۇ سەۋەبتىن بۇ چاقچاقتىن ھوزۇرلىنالمايلا قالماي، بەلكى ھېبىگە غەزەپلىنىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ ئىلىلىقلار ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈستىلىق بىلەن قىلىنغان چاقچاق ھېساپلىنىدۇ. ئىلىلىقلارنىڭ قارىشىچە، ھېبىنىڭ بۇ چاقچىقى بىلەن ئاشۇ پىشقەدەم شائىرنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق. ھېبى بۇ شائىرنىڭ شەخسىيىتىگە تەگمىدى، بەلكى ئۇنىڭ ساقىلىنى ۋاستە ۋە ماتېرىيال قىلىپ، چاقچاق توقۇدى. ئۇ ساقالنى ھەرخىل نەرسىگە ئوخشىتىپ، مۇبالىغە قىلىپ تەسۋىرلەپ بەردى. ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ ئوخشىتىش سەنئىتىدىن، ئۇنىڭ ئاجايىپ تەسەۋۋۇرىدىن ئىختىيارسىز زوقلاندى ۋە ھوزۇرلاندى. چاقچاقتىن مۇشۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ھوزۇرلىنىش پەقەت ئىلىلىقلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. شۇڭا بىز ئىلى چاقچاقلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلغاندا، چاقچاقنىڭ پەيدا بولۇشى، ئىجرا قىلىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىلىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئاڭلىغۇچىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز.
6. ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ تۈرلىرى
بىز تۆۋەندە ئىلى خەلق چاقچاقلىرىنى ئاساس قىلىپ، چاقچاقنىڭ بىر نەچچە تۈرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:
1> روبىرو چاقچاق. چاقچاقنىڭ بۇ شەكلىدە ئىككى چاقچاقچى ياكى ئىككى گۇروھ چاقچاقچى ۋە ياكى بىر چاقچاقچى بىلەن بىر گۇروھ چاقچاقچى ئۆز ئارا دىيالوگ شەكلىدە چاقچاق قىلىشىدۇ. بۇ خىل چاقچاقنىڭ ھەجۋىي قىلىش ئوبيېكتى ئاشۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىدۇر. چاقچاق تېمىسى باشتىن ئاخىر مۇشۇ قارمۇ-قارشى ئىككى تەرەپتىكى كىشىلەردىن باشقىلارغا يۆتكەلمەيدۇ. باشقىلار بۇ ئىككى تەرەپنىڭ چاقچىغىغا ئارىلاشماي، ئاڭلاپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ مەلۇم قىياپىتى ياكى ھەرىكىتىنى ھەجۋىي قىلىپ چاقچاق باشلىسا، يەنە بىرى دەرھال ئۇنىڭغا ئۇستىلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ، قارشى تەرەپنى ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ مەسخىرە قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بەس-بەستە بىر-بىرىگە ھوجۇم قىلىدۇ. ھەربىر چاقچاقتىن كېيىن سورۇندا قاتتىق كۈلكە كۆتىرىلىپ، چاقچاقچىلارغا كۈچلۈك ئىلھام بولىدۇ. كەينى-كەينىدىن ئۈزۈلمەي كەلتۈرۈلگەن بۇ چاقچاقلاردا قارشى تەرەپنىڭ ھاياتىدىكى ھەر بىر ئىش، خاراكتېرىدىكى ھەر بىر دېتال، ھەتتا بەدەن شەكلى ۋە چىراي قىياپىتىدىكى ھەر بىر ئالامەتلەر تۇتۇۋېلىنىپ، مۇبالىغە شەكلىدە تەسۋىرلەپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن، بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشتا بىر چاقچاقچى ھېسامغا «چاقچىغىغا باشقىلار كۈلمىسە، غىدىقلاپ كۈلدۈرىدىغان ئەخمەق» دەپ چاقچاق قىلغانىكەن، ھېسام مۇشۇ ئەخمەق سۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى كەينى-كەينىدىن تۆۋەندىكىدەك ھەجۋىي قىپتۇ:
چاقچاقتا يېڭىلىپ قالسا، ئۆيىگە بېرىپ خوتۇنىنى ئۇرىدىغان ئەخمەق.
چېچىنى گەدەنگىچە ئۆستۈرۈۋېلىپ، ناخشىچى بولدۇم دەيدىغان ئەخمەق.
يىڭناغۇچقا مىنىۋېلىپ، ئايغا چىقىمەن دەيدىغان ئەخمەق.
ئىككى پېتەكنى مۈرىسىگە قويۇۋېلىپ، گېنىرال بولدۇم دەيدىغان ئەخمەق.
سالپاڭ قۇلاقچىنى كىيىۋېلىپ، ليۇتچېك بولدۇم دەيدىغان ئەخمەق.
مەست چاغدا خوتۇنىنى قويۇۋېتىپ، ساقايغاندا يارىشىۋالىدىغان ئەخمەق.
ئالماقچى بولغان قىزى ياراتمىسا، دادىسىنى تىللايدىغان ئەخمەق.
چاپىنىمغا چىۋىن قونمىسۇن دەپ، مەيدىسىگە چىڭسەي قىستۇرۇۋالىدىغان ئەخمەق.
...
2> چاچما چاقچاق. بۇنىڭدا سورۇندا ئولتۇرغان بىرنەچچە چاقچاقچى ئۆز ئارا بىر-بىرىنى ياكى مەلۇم چاقچاق ئاڭلىغۇچىنى ھەجۋىي قىلىدۇ. چاقچاقچىلار چاقچاق تېمىسى ۋە چاقچاق ئوبيېكتىنى ئۆزلىرى خالىغانچە تاللاپ، چاقچاق كەلتۈرىدۇ. ئوبيېكىت ئۇ كىشىدىن بۇ كىشىگە ئۈزلۈكسىز يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل چاقچاققا كۆپ ئادەم قاتنىشىدۇ. چاقچاقچىلار بېكىتىلگەن چاقچاق ئوبيېكتى ۋە چاقچاق تېمىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى ئەركىن نامايان قىلىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى ئوبيېكىتنىڭ يۆتكىلىشى ھەرگىز قالايمىقان، خالىغانچە بولمايدۇ. بەلكى چاقچاقتىن چاقچاق چىقىش، بىرىدىن يەنە بىرى تۇغۇلۇش شەكلىدە بولىدۇ. مەسىلەن، بىرسى ئالدىدىكى تاماقنى چاقچاق ماتېرىيالى قىلسا، يەنە بىرى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا تەخسىدىكى پىشۇرۇلغان بېلىقنى ماتېرىيال قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن چاقچاق بېلىقتىن سۇغا، سۇدىن يامغۇرغا، يامغۇردىن بۇلۇتقا، بۇلۇتتىن ئاسمانغا، ئاسماندىن قۇياش ۋە ئايغا ئۆتۈپ، ئۈزۈكسىز داۋاملىشىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنى بىز يەنە «باغلانما چاقچاق». «چاتما چاقچاق» دەپمۇ ئاتىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن: كۆپ كىشى يىغىلغان بىر سورۇندا ھېسام ئاكا، تۇداخۇن، ھېبى، تاش، ياقۇپ قاتارلىق داڭلىق چاقچاقچىلار ئۆز ئارا چاقچاق قىلىشىدۇ: ئالدى بىلەن تاش تۇداخۇنغا ھوجۇم قىلىدۇ، تۇداخۇنمۇ ئۇستىلىق بىلەن تاشنى كەلتۈرىدۇ، ھېسام ئاكا بۇ چاقچاققا ئارىلىشىپ تاشقا تەنبىھ بېرىدۇ، ھېبى دەرھال ھېسامكامنىڭ سۆزىنى ئىلىۋېلىپ، ئۇنى ھەجۋىي قىلىدۇ، تاش ھېبىنىڭ سۆزىگە ماسلىشىپ، تۇداخۇنغا قايتا ھوجۇم قىلىدۇ، ھېبى تاشنىڭ سۆزىنى پىشاڭ قىلىپ، ياقۇپنى چاقچاققا سۆرەپ كىرىدۇ، ئارقىدىن تۇداخۇن ھېبىنىڭ چاقچىغىنى ۋاستە قىلىپ، تاشقا قايتارما ھوجۇم قىلىدۇ...
3> ئايلانما چاقچاق. چاقچاقنىڭ بۇ تۈرىدە مەلۇم بىر مەشھۇر چاقچاقچى سورۇندا ئولتۇرغان بارلىق كىشىلەرنى بىر باشتىن ھەجۋىي قىلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدا چاقچاق ئوبيېكتى تەرتىپ بىلەن يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. ھەر بىر كىشىگە كەلگەندە، چاقچاقچى دەرھال ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى تېپىپ چىقىدۇ ۋە ئۇنى ئوخشىشتىش، مۇبالىغە قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. بۇ خىل چاقچاق شەكلى چاقچاقچىدىن كىشىلەرنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئېچىپ بېرەلەيدىغان، كۆزىتىش نۇقتىسىنى تېز يۆتكەپ، دەرھال ئىنكاس قايتۇرالايدىغان ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ.
بۇ يەردە شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتمەكچىمەنكى، ئىلى خەلقى مەن بۇ يەردە ئېيتىۋاتقان «ئايلانما چاقچاق» تۈرىنى «چاچما چاقچاق» دەپ ئاتايدۇ. مەن بۇنداق ئاتاش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، بەزى چاقچاق سورۇنلىرىدا ھەجۋىي قىلىنىدىغان ئوبيېكىت ئىختىيارسىز ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاقچاق ئەينى بىر تېما دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلماي، ھەرخىل تېمىغا يۆتكىلىپ كېتىدۇ. مانا مۇشۇنداق چاقچاقنى «چاچما چاقچاق» (تېمىسى چېچىلىپ كەتكەن چاقچاق) دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەمدى مەلۇم بىر چاقچاقچى سورۇندا ئولتۇرغان بارلىق كىشىلەرنى بىر باشتىن ھەجۋىي قىلىپ چىقىدىغان چاقچاقنى بولسا، «ئايلانما چاقچاق» (سورۇندا ئولتۇرغانلارنى بىر ئايلىنىپ چىقىدىغان چاقچاق) دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ. بىز ئىلاجى بار چاقچاق سەنئىتىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
4> تەرجىمە چاقچاق. بۇ ئىلى رايونىدا كېيىنكى مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن چاقچاق تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭدا چاقچاقچى ئىنگىلىز، رۇس، ياپون ياكى ئەرەب تىللىرىدىن مەلۇم بىرىنىڭ تەلەپپۇزىنى دوراپ، سورۇندىكىلەردە خۇددى ئاشۇ تىلنى ئىنتايىن پىششىق بىلىدىغاندەك تەسىرات پەيدا قىلىش ئۈچۈن راۋان «سۆزلەپ» كېتىدۇ. يەنە بىر چاقچاقچى بولسا، دەرھال ئۇنىڭ سۆزىنى «تەرجىمە قىلىپ»، ھەرخىل يۇمۇرىستىك گەپلەرنى قىلىدۇ. سورۇندىكى ئاڭلىغۇچىلار بىر تەرەپتىن، چاقچاقچىنىڭ چەتئەل تىلىنى ئەينى تەلەپپۇزى بىلەن دوراش ماھارىتىدىن ھوزۇرلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن، «تەرجىمان»نىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئاجايىپ ساتىرىك سۆزلەرنى ئاڭلاپ، تېلىقىپ كۈلىشىدۇ. بۇ «چەتئەل تىلىنى پىششىق بىلىدىغان چاقچاقچى» بەزىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەشھۇر كىشىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى دورىسا، يەنە بەزىدە «چەتئەل تىلى» بىلەن سورۇندىكى بارلىق كىشىلەرگە بىر باشتىن گەپ قىلىپ، كۈلكە پەيدا قىلىدۇ.
5> تەقلىدىي چاقچاق. بۇنىڭدا چاقچاقچى بىرەر بېخىلنىڭ، ھاراقكەشنىڭ، كاجنىڭ، ھورۇننىڭ، كالۋانىڭ، غەيۋەتخورنىڭ، قىسقىسى جەمئىيەتتىكى بولمىغۇر قىلىق-ئادەتلەرنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغان كىشىلەرنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنى دوراش ئارقىلىق كۈلكە پەيدا قىلىدۇ. چاقچاقچى غەلىتە مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى خۇددى ئارتىسقا ئوخشاش، تىلى، چىراي ئىپادىسى ۋە بەدەن ھەركىتى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئەينەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، كۆپچىلىك ئىختىيارسىز كۈلۈشۈپ كېتىدۇ.
6> لەقەملىك چاقچاق. ئۇيغۇرلاردا شەخىسلەرنىڭ ئىسىملىرىغا بىرەر لەقەمنى قوشۇپ ئاتاش ئادەت بولۇپ كەلگەن. شۇڭا خەلق ئارىسىدا لەقەمسىز كىشى بولماس دېگەن سۆز بار. لەقەم كىشىلەرنىڭ بەدەن قىياپىتى، مىجەز-خاراكتېرى، ئاڭ-سىزىمى، سەرگۈزەشتلىرى ياكى كەسپىي ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن قويۇلىدۇ. لەقەملىك چاقچاقتا، چاقچاقچى كىشىلەرنىڭ لەقىمىنى ھەجۋىي قىلىدۇ. چاقچاق ئەۋج ئالغاندا ئوبيېكىت قىلىنغان شەخىسنىڭ لەقىمى تۈرلۈك بوياقلار بىلەن پەردازلىنىدۇ. شۇڭا لەقەمنى ئاستىرىتتىن ئىپادە قىلىشنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى چاپسان كۈلكە پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل چاقچاقتا كۆپىنچە ھاللاردا، چاقچاقچىلار قارشى تەرەپنىڭ لەقىمنى توغرىدىن توغرا تىلغا ئالماستىن، بەلكى لەقەم بولۇپ كەلگەن شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە شۇ شەيئى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتلىك باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق لەقەمگە ئىشارە قىلىدۇ. مەسىلەن، سەلەيكام قار ياغدى دېگەن كىشىنىڭ ئانىسى تۈگەپ كەتكەندە، ئابدۇكېرىم سېرىق دېگەن كىشى بىر توپ ئادەم بىلەن ئۆلۈم پەدىسىگە كەپتۇ. ئابدۇكېرىم سېرىق ئانىسىغا ھازا ئېچىپ يىغلاۋاتقان سەلەيكام قار ياغدىغا مۇنداق تەسەللى بېرىپتۇ: «سەۋر قىل ئاداش، ھېلىمۇ ياخشى ئاناڭ رەھمىتى قار-شىۋىرغان، جۇدۇن-چاپقۇن كۈنلەرگە قالماپتۇ. بۇمۇ سېنىڭ تەلىيىڭ.» بۇنى ئاڭلىغان سەلەيكام دەرھاللا «ۋاي ئانام، كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرمەي تۈگەپ كەتكەن ئانام، سېرىقتال كۈنلەردە بېشىمىزنى سىلىغان ئانام، بىزنىڭ چىرايىمىزنى سارغايتمىغان ئانام» دەپ توۋلاپ كېتىپتۇ. دېمەك، بۇ يەردە دېيىلگەن «قار-شىۋىرغان»، «جۇدۇن-چاپقۇن» سەلەيكامنىڭ «قار ياغدى» دېگەن لەقىمىگە قىلىنغان ئىشارە بولسا، «كۈننىڭ سېرىقى»، «سېرىقتال كۈنلەر»، «چىرايىمىزنى سارغايتمىغان» دېگەن سۆزلەر ئابدۇكېرىم ئاتلىق كىشىنىڭ «سېرىق» دېگەن لەقىمىگە قىلىنغان ئىشارىدۇر.
7> قاپىيەلىك چاقچاق. بۇ خىل چاقچاق قاپىيەلىك سۆزلەر ئارقىلىق توقۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار: بىرىنچى خىلى، يالغۇز كىشىلىك قاپىيەلىك چاقچاق. بۇنىڭدا مەلۇم بىر چاقچاقچى قاپىيىلىك سۆزلەر ئارقىلىق سورۇندىكىلەرنى ھەجۋىي قىلىدۇ. چاپچال ناھىيە قاينۇق يېزىسىدىكى ئىنئامجاننىڭ چاقچاقلىرى ئاشۇنداق بولۇپ، ئۇ سورۇندىكى بارلىق كىشىلەرنى قوشاق شەكلىدىكى سۆزلەر بىلەن تەرتىپ بويىچە تەسۋىرلەپ چىقىدۇ. ئۇ ھەربىر ئادەمگە بىر كوبلېت ياكى ئىككى كوبلېت قوشاق بېغىشلاپ، ئۇنىڭ كەسپى، خاراكتېرى، مىجەزى ۋە قىياپىتىنى يۇمۇرلۇق سۆزلەر بىلەن ئاجايىپ ماھىرلارچە سۆرەتلەپ بېرىدۇ. قاپىيەلىك چاقچاقنىڭ يەنە بىر تۈرى، ئۇ بىر ئېغىزدىن، بۇ بىر ئېغىزدىن توقۇش شەكلى بولۇپ، بۇنداق چاقچاق ئىككىدىن كۆپ كىشى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ بىرىنچىسى چاقچاق باشلىغاندا، چاقچاقنىڭ ئاخىرىنى مەلۇم بىر سۆز بىلەن تۈگەتسە، ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى كىشىمۇ ئۆزىنىڭ جاۋابىنىڭ ئاخىرىنى شۇ سۆز بىلەن قاپىيە كەلتۈرىدۇ. مەسىلەن، بىر سورۇندا ھاجىم ئىسىملىك كىشى ھېسامغا «پىنجەكنى كىيىۋاپتۇ ھېسامىدىن دېگەن قاقىر» دەپ چاقچاق قىلىپ، ھېسامنىڭ بويۇنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ھەجۋىي قىپتىكەن، ھېسام دەررۇلا «ھەر نىمە دېگەن بىلەن، ھاجىمنىڭ بېشى تاقىر» دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ تاقىر بېشىنى ھەجۋىي قىپتۇ.
بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمىزكى، ھازىر بەزىلەر ئاتالمىش «شېئىرىي چاقچاق»لارنىمۇ چاقچاقنىڭ بىر تۈرى تەرىقىسىدە تىلغا ئالماقتا. مەن ئۇنى چاقچاق دەپ قارىمىدىم. سەۋەبى شۇكى، بىرىنچىدىن، بۇ شېئىرلار يازما ئەدەبىياتقا تەۋە بولۇپ، ئۇنى مەلۇم شائىر قەلەم بىلەن يېزىپ تەييارلاپ، سورۇندا ئوقۇپ بېرىدۇ. چاقچاق ژانىرى بولسا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاغزاكىي تىل بىلەن نەق مەيداندا ئىجاد قىلىنىدۇ ۋە ئىجاد قىلىنىش جەريانىدا ئېلان قىلىنىدۇ. يەنى ئىنئامجانغا ئوخشاش، ئىجاد قىلىش بىلەن ئېلان قىلىشنى بىرلا ۋاقىتتا، ئاغزاكى تىل بىلەن نەق مەيداندا ئېلىپ بارىدۇ. ئىككىنچىدىن، بىزنىڭ يازما ئەدەبىياتىمىزدا بۇرۇندىنلا بۇنداق ھەجۋىي شېئىرلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ «چاقچاق» دەپ ئاتالمىغان، بەلكى «ساتىرىك شېئىرلار»، «ساتىرا» دەپ ئاتالغان. شۇڭا مەن ئالدىن يازما شەكىلدە تەييارلىۋېلىپ، ئاندىن سورۇندا ئوقۇپ بېرىدىغان شېئىرلارنى «چاقچاق» ژانىرىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈش ئورۇنلۇق ئەمەس دەپ قارايمەن. مەن چاقچاق سورۇنلىرىدا شېئىر ئوقۇلمىسۇن دېمەكچى ئەمەس، بەلكى يازما شېئىرنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ چاقچاق ژانىرىغا تەۋە قىلىشقا بولمايدۇ دېمەكچى.
8> تاققا-تۇققا چاقچاق. بۇ مەنتىقىسىز پاراڭلار توپىدۇر. ئۇ «يەكپاي پاراڭ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا مەلۇم بىر چاقچاقچى بىر-بىرىگە باغلانمىغان، قالايمىقان سۆزلەرنى قىلىپ، سورۇن ئەھلىنى كۈلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، كەينى-كەينىدىن ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدە «تاغ»نى تەسۋىرلىگەن بولسا، ئىككىنچى جۈملىسىدە «باغ»نى تەسۋىرلەش، بىرىنچى جۈملىسىدە ئاسماندىكى ئىشلارنى بايان قىلسا، ئىككىنچى جۈملىسىدە يەردىكى ئىشنى بايان قىلىش، سۆزنىڭ ئالدىنقى قىسمى بىلەن كېيىنكى قىسمى بىر-بىرىگە مەزمۇن جەھەتتىن مۇتلەق ماس كەلمەسلىكتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدا يەنە «قوي يۈگۈرگەچكە يامغۇر يېغىپ كەتتى» دېگەندەك، قاملاشمىغان سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋەت ئويدۇرۇپ چىقىلىدۇ. تاققا-تۇققا چاقچاقنىڭ دەل مۇشۇ بىمەنىلىكى ۋە لوگىكىسىزلىقى، كىشىلەردە ئىختىيارسىز كۈلكە قوزغايدۇ. مەسىلەن، بىز چاقچاقچى رېشىت مۇھەممەتنىڭ تاققا-تۇققا پاراڭلىرىدىن ئارىيە كۆرۈپ باقايلى: «... ئېشىكىنى سوراپ ئىشلىتىپ تۇراي دېسەم، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قان سالىمىز دېدى. قارىسام بىر ئوبدانلا بالىكەن، سەككىز كىلو قاننىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا سېلىۋەتسە، ئۆپكە-ھېسىپىنى قۇيغىلى بولامدۇ دەيسىلەر. شۇنداق قىلىپ ئۇدۇللا ئاپاردۇق. توخۇسىنى ئىككى ئاتلاشتۇرمايلا تۇتىۋالىدىغان ئادەم تۈگمەنگە كېتىپ، يوق. كىچىك بالىغا توكقا قولۇڭنى ئاپارما، خەتەرلىك دەپ نەچچە دېدۇق بولمىسا. شۇ ئەمەسمۇ، بىر يېرىم كېسەك قىلىپ تام قويۇش ئۈچۈن ئۇنچىۋالا لاينى ئېتىۋالغان بىلەن، لەغمەننى ياخشى سوزغىلى بولمايدۇ-دە. ئەستەرلىك دېدى، ئاپىرىپ بەردۇق، يانچۇقلۇق دېدى، يەنە ئاپىرىپ بەردۇق. زەنجىر چاقلىق تىراكتورغا كەپلەپ باسقان بىلەن يېلى چىقىپ كەتسە، ئوخشاشلا ئاۋارىچىلىققۇ. شۇنى ئويلاپ توشقانغا سامان، مۈشۈككە ھەلەپ، كالىغا سۆڭەك سالمىسام، ئاچ قالىدىغان ئوخشايدۇ دەپ يېنىپ كەلدىم...»
7. ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ رولى
ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك قىممىتى بار. ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېچىش، ئەخلاقىي تەربىيە بېرىش، دەردىنى چىقىرىۋېلىش، يوشۇرۇن ئاڭنى ئىپادىلەش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىش قىممىتى بار، شۇنداقلا ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدا مىللىي پىسخىكىنى، مەدەنىيەتنى، ئۆرپ-ئادەتنى، تىلنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلىشتا ماتېرىياللىق قىممىتى بار.
ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئەڭ مۇھىم قىممىتى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1> كۆڭۈل ئېچىش قىممىتى. ئىلى خەلقى چاقچاق بىلەن كۆڭۈل ئاچىدۇ، ئۇلار توختىماي چاقچاق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە خۇشاللىق بېغىشلايدۇ، چاقچاق ئارقىلىق ھاياتىنى جانلاندۇرىدۇ، نۇرلاندۇرىدۇ ۋە رەڭدارلاشتۇرىدۇ، چاقچاق ئارقىلىق ھاياتىغا ئاجايىپ جەزبىدار مەنە بېغىشلايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئىلى خەلقىنىڭ ھاياتىدەك كۆڭۈللۈك ھاياتنى ئىككىنچى بىر يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ.
2> تەربىيىۋىي قىممىتى. چاقچاقچىلار چاقچاق ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرىنى ھەجۋىي قىلىپ، ئۇنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. چاقچاقچىلار چاكىنا، غەيۋەتخور، قارا كۆڭۈل، خوشامەتچى، پوچى، ساختىپەز... كىشىلەرنى ئوبيېكىت قىلىپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن سەلبىي تەسىرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق يامان سۆز-ھەركەتكە چەك قويىدۇ، ئۇنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ياشلارغا ساۋاق بېرىدۇ. مەسىلەن، خوتۇن ئېلىپ، خوتۇن قويۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋاتقان تازىمۇ پوچى بىر ناخشىچى بىر سورۇندا ئايالىغا سادىق بولۇش مەزمۇن قىلىنغان «ئۆز يارىڭ» ناملىق ناخشىنى ئېيتىپ بولۇپ، «مېنىڭ مۇشۇ ئاۋازىمغا گەپ كەتمەيدۇ، سائەتلەپ توۋلىساممۇ دۇتارنىڭ تارىسىدەك جاراڭلاپ تۇرغان» دەپ ماختىنىپ كېتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان چاقچاقچى ساتتار باقى دەرھال سورۇندىكىلەرگە قاراپ «بۇ ئىنىمىز توغرا دەيدۇ، ئۇ توختىماي توۋلاۋاتىدۇ، كۆپرەك <ئۆز يارىڭ>غا توۋلايدۇ، ھازىر ئۇ يەتتىنچى قېتىملىقىنى توۋلاپ بولۇپ، سەككىزىنچى قېتىملىقىنى توۋلاش ئۈستىدە» دەپتۇ.
8. رۇزاخۇننىڭ توكشوۋ سەنئىتى
يېقىنقى يىللاردا ئىلى چاقچاقچىلىرى ئىچىدىن بىر تالانتلىق سەنئەتكار يېتىشىپ چىقتى. ئۇ بولسىمۇ رۇزاخۇن تۇداخۇندۇر.
ھازىر رۇزاخۇن ئىجاد قىلغان كۈلدۈرگە ئەسەرلىرى توكشوۋ سەنئىتى دەپ ئاتالماقتا. توكشوۋ ئېنگىلىزچە «talk show» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ئىگەللىشىمچە، ئۇنىڭدىكى «talk» دېگەن سۆز سۆھبەتلەشمەك، مۇھاكىمە قىلماق، سۆزلىمەك دېگەن مەنىلەرنى، «show» دېگەن سۆز بولسا، ئىزاھلىماق، كۆرگەزمە قىلماق، نامايان قىلماق، پروگرامما قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ ئىككى سۆزنىڭ بىرىكمىسىدىن توكشوۋ (talkshow) دېگەن سۆز ياسىلىپ، ئۇ مەخسۇس بىر پروگراممىنىڭ نامى بولغان. بۇ پروگرامما رىياسەتچى بىلەن تاماشىبىنلار بىللە ئولتۇرۇپ ئىللىق ۋە قىزغىن تۈردە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىغان پروگراممىدۇر. دېمەك، ئۇ بىر خىل سۆھبەت پروگراممىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا رىياسەتچى بىلەن تاماشىبىنلار بىرلىكتە مەلۇم مەسىلە ياكى كۆزقاراشنى مۇلاھىزە قىلىشىدۇ.
توكشوۋ مەملىكىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلىدا脱口秀 دەپ ئاتالدى، بۇ توكشوۋنىڭ مەنە تەرجىمىسى ئەمەس، بەلكى ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر. ئەمما بۇ ئاتالغۇ دۆلىتىمىزگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلدۈرىدىغان مەنىسىدە ئۆزگىرىش بولدى، يەنى, 脱口秀 مونولوگ شەكلىدىكى قىزىقچىلىقنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇغا ئايلاندى. ئۇنىڭدا بىر ئادەم سەھنىدە تۇرۇپ، تاماشىبىنلارغا سۆزلەيدۇ، سۆزنىڭ مەزمۇنى سۆزلىگۈچىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە ھايات ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىدۇر. شەكىل جەھەتتىن ئالغاندا. ئۇ كۈلكىلىك ھېكايە ۋە ھەجۋىلىكى كۈچلۈك گەپ-سۆزلەردۇر.
يۇقىرىقى چۈشەنچىلەردىن قارىغاندا رۇزاخۇننىڭ ئىجادىيەتلىرىنى توكشوۋ سەنئىتى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئەمما رۇزاخۇننىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ئىلى چاقچاقلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.مەن ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ئىزچىل دېققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشىم مۇمكىن. ھازىرچە يۈزەكى ھېس قىلغانلىرىمنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتەي.
بىرىنچى، رۇزاخۇننىڭ ئىجادىيەتلىرى ئىلى چاقچاقچىلىقىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. گەرچە ھازىر ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى توكشوۋ دەپ ئاتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ ئېنىقلا ئىلى چاقچاقچىلىق سەنئىتىنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى. بىز رۇزاخۇننىڭ سەرگۈزەشتلىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋەردارمىز. ئۇ دەسلەپتە خەلق چاقچاقچىسى ئىدى. ئۇ ئاۋۋال جاغىستايدا، كېيىن غۇلجا شەھىرىدە، ئاندىن ئۈرۈمچىدە چاقچاق ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئىلى چاقچاقچىلىقى موھىتىدا چوڭ بولغان، ئىلى چاقچاقلىرىغا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغان، داڭلىق چاقچاقچىلارنى دوراپ، ئۇلارنى ئۇستاز تۇتۇپ بېرىلىپ ئۆگەنگەن. ئۇ باشقا چاقچاقچىلارغا ئوخشاش خەلق ئارىسىدىكى ھەرخىل سورۇنلاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئۇنىڭ يېتىلىشىنى ئەلئىچى ئەدەبىيات-سەنئىتىدىن، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن، غۇلجىدىكى ھەرخىل چاقچاق سورۇنلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. گەرچە ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە توكشوۋدىن ئىبارەت بۇ سەھنە سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن بۇرۇنلا خەلق ئىچىدە داڭلىق چاقچاق سەنئەتكارى سۈپىتىدە تونۇلۇپ بولغان ئىدى، شۇڭا بىز ئۇنى يەنىلا ئىلى چاقچاقچىلىق سەنئىتىنىڭ ۋارىسى دەپ قارايمىز.
ئىككىنچى، رۇزاخۇن چاقچاق سەنئىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سەھنىلەشتۈرۈپ چىقتى. مەلۇمكى، چاقچاق خەلق ئېغىز ئەدبىياتىغا تەۋە، ئۇ نەق مەيداندا سورۇننىڭ كەيپىياتىغا ئاساسەن ئىجات قىلىنىدۇ. ئۇ نەچچە يۈز يىلدىن بېرى مۇشۇنداق بولۇپ كەلدى، بۈگۈنكى زامانىۋىي جەمئىيەتتىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا ئاغزاكىي توقۇلىدىغان ئالاھىدىلىكىنى يوقاتمىدى، كېيىنكى كۈنلەردە، رېژىسسورلىرىمىز ئۇنى تېلېۋىزىيە ئېكرانىغا ئېلىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ كۆردى. ئەمما ھەممىسى ياخشى ئۈنۈمى ھاسىل قىلالمىدى. سەۋەبى ئاددى، چاقچاق سەھنە سەنئىتى ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش سورۇنى سەنئىتى. ئۇ ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالىدىغان، ئالدىن توقۇلىدىغان نەرسە ئەمەس. ئەگەر «سەن سەھنىگە چىققاندا مۇنداق دەيسە، مەن مۇنداق دەيمەن، ئاندىن سەن يەنە مۇنداق دەيسەن...» دېگەن ئۇسۇلدا، چاقچاق ئالدىن توقۇلىدىغان بولسا، بۇنداق چاقچاق سۈنئىي، جانسىز، تېتىقسىز بولۇپ قېلىپ، تاماشىبىنلارنى ھوزۇرلاندۇرالمايدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ بۇرۇنقى مۇقىملاشقان كۆزقارىشىمىز.
ئەمما رۇزاخۇن بىزنىڭ بۇ مۇقىملاشقان كۆزقارىشىمىزنى كەسكىن بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ چاقچاقنى سەھنىلەشتۈردى، سەھنىلەشتۈرگەندىمۇ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سەھنىلەشتۈردى. ئۇ چاقچاقنى ئالدىن ئىجاد قىلىۋېلىپ، سەھنىدە ئورۇنلاپ بەردى. بىز ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىن، چاقچاقنى ئالدىن ئىجاد قىلسا ۋە سەھنىدە ئېيتسا بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدۇق.
رۇزاخۇن ئىلى چاقچاقچىلىق سەنئىتىدە بىز ئويلاپ باقمىغان يېڭىلىق ياراتتى. ئۇ چاقچاقچىلىق سەنئىتىنى ئەلئىچىدىن سەھنىگە ئېلىپ چىقتى، قوپاللىقتىن نەپىسلىككە ئىگە قىلدى، تۆۋەن نۇقتىدىن يۇقىرى نۇقتىغا كۆتۈردى. ئاتام زاماندىن تارتىپ بىر ئىزدا چۆرگىلەۋاتقان چاقچاق سەنئىتىنى زامانىۋى جەمئىيەتكە، يېڭى تاراتقۇ ۋاستىلىرىغا ماس ھالدا تەرەققى قىلدۇردى ۋە يۈكسەلدۈردى. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز.
ئۈچىنچى، رۇزاخۇن لەتىپىنى توكشۇۋغا ئايلاندۇردى. رۇزاخۇننىڭ توكشوۋ سەنئىتى شەكىل جەھەتتىن چاقچاققا ئەمەس، لەتىپىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى بىز يۇقىرىدا دېگەندەك، چاقچاقنىڭ سۇژىتى بولمايدۇ ياكى سۇس بولىدۇ، ئەمما لەتىپە سۇژىتلىق سەنئەت، ئۇنى ھېكايە تەرىقىسىدە ئېيتقىلى بولىدۇ. رۇزاخۇنمۇ كىشىلەرگە ھېكايە ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ھېكايىلىرى لەتىپىگە ئوخشاش قىسقا ئەمەس، بەلكى ناھايىتى ئۇزۇندۇر. ئۇ ئۆزى توقۇغان ھېكايىنى يۇمۇرلۇق تىل، يۇمۇرلۇق قىياپەت ۋە يۇمۇرلۇق ھەركەت بىلەن ئېيتىپ بېرىپ، بىزنى كۈلدۈرىدۇ. ئۇ ھايات ھادىسلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلايدۇ، تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇستىلىق بىلەن چاتىدۇ، نەتىجىدە ئۇزۇن بىر پارچە سەھنە ھېكايىسى مەيدانغا كېلىدۇ.
بىز ئۇنىڭ توكشوۋلىرىنى ئاڭلىغاندا، كۈلۈپ ئۈلگىرەلمەي قالىمىز، ئۇ توقۇغان ۋەقەلەرنىڭ ئاخىرىسى قانداق بولار دەپ جىددىلىشىمىز، ۋەقەلەرنىڭ كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلىرىدىن ھاڭ-تاڭ قالىمىز، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان يۇمۇرلۇق تىلغا مەپتۇن بولۇپ كېتىمىز. ئۇ ۋەقەلىكنى تۇرمۈشتىن ئالىدۇ، ئەتراپىمىزدا داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان، بىز ئېتىۋار بەرمىگەن ئىشلار ئۇنىڭ ئاغزىدا ئاجايىپ قىزىقارلىق ۋەقەگە ئايلىنىدۇ. بىز ئۇنىڭ توكشوۋ كۈلدۈرگىلىرىنى تېلىقىپ كۈلۈش ئىچىدە ئاڭلاپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەسلىدە شۇنچىلىك قىزىقارلىق، شۇنچىلىك جانلىق، شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىۋالىمىز.
يۇقىرىقىلار مېنىڭ رۇزاخۇن تۇداخۇننىڭ توكشوۋلىرى ھەققىدە دەيدىغانلىرىم.
ھازىر ئىلى چاقچاقچىلىق ئىجادىيىتى ئۈچۈن تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاندى، شۇڭا ئۇ تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆپ ئىجاد قىلىنىۋاتىدۇ، تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك قارشى ئېلىنىۋاتىدۇ، ئومۇملىشىۋاتىدۇ ۋە باشقا يۇرتقا تونۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن بىز ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ ئۆلمەس ھاياتى كۈچىنى بارغانسېرى چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمىز. ئىشىنىمىزكى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بۇ ئاجايىپ ئېسىل شەكلى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا ئۆزىنىڭ رولىنى ئۇزۇن مەزگىلگىچە جارى قىلىدۇ.
(مەزكۈر ماقالە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2016- يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى، بۇ قېتىم چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.)
مەنبەسى: باشكارىز سالونى
Yorumlar
Yorum Gönder