«تەپەككۇر قىياملىرى»نىڭ تەمى ۋە رەڭگى

 

ئوسمان ئىسمايىل


مەن ئىككى يىل ئىلگىرى شائىر ئابلىمىت مەمەت ئەمىننىڭ «تەپەككۇر قىياملىرى» ناملىق ۋەزنى ئېغىر كىتابىنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتكەن چېغىمدىلا، كاللامدا بۇ كىتاب ھەققىدە تەسىرات يېزىش خىيالى پەيدا بولغان ئىدى. كېيىن بەزى ئالدىراش ئىشلىرىم بۇ تەسىراتنى ۋاقتىدا يېزىپ چىقالماسلىقنىڭ باھانىسى بولۇپ بەردى، ئەمەلىيەتتە، تەسىراتنىڭ كېچىكىشىگە، مەزمۇنى تىرەن بۇ كىتاب ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشقا چامىمنىڭ يەتمەسلىكىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى مۇھىم سەۋەب بولغان ئىدى. خەيرىيەت، ئاخىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ماقالىسىدەك بولسىمۇ بىر نەرسە يازاي دەپ، كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بارماقلىرىمنى كۇنۇپكا تاختىسىغا باستىم.

بىرىنچى، «تەپەككۇر قىياملىرى»نىڭ ژانىرى

مەن ئالدى بىلەن «تەپەككۇر قىياملىرى» قانداق ئەسەر دېگەن سۇئالغا دۇچ كەلدىم. بۇ بىر نەسرىي تىل بىلەن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، بىر قارىسام  پەلسەپەگە ئائىت ئەسەردەك تۇراتتى، چۈنكى ئۇنىڭدا تۇرمۇش پەلسەپىسى، يەنى ئاپتورنىڭ كىشىلىك ھايات قاراشلىرى بايان قىلىنغان ئىدى. يەنە بىر قارىسام، ئۇ ئەخلاقشۇناسلىققا ئائىت ئەسەردەك تۇراتتى، چۈنكى ئۇنىڭدا پەزىلەتلىك ئادەم بولۇش ھەققىدىكى ئۈگۈت-نەسىھەتلەر جىق ئىدى. كېيىن يەنە ئويلانسام، ئۇنى ئەدەبىي ئەسەر دېيىشكىمۇ بولىدىكەن، چۈنكى ئۇنىڭدا ئوي-پىكىر ئوبراز ۋە گۈزەل تىل ئارقىلىق بايان قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەر، ئۇ ئەدەبىي شەكىل ئارقىلىق ئاپتورنىڭ دۇنيا قارىشى، ھايات قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن دېگەن قاراشقا كەلدىم.

ئۇنداقتا «تەپەككۇر قىياملىرى» ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە بولىدۇ؟ مەن يەنە تىڭىرقاپ قالدىم. شۇ چاغدا مەشھۇر چەتئەل شائىرلىرىدىن تاگور بىلەن جىبراننىڭ نەسرىي شېئىرلىرى ئېسىمگە كەلدى-دە، ئۇلارنىڭ نەسرىي شېئىرلىرى بىلەن «تەپەككۇر قىياملىرى»نى سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم. مەلۇم بولدىكى، بۇلار بىر تۈردىكى ئەسەرلەر ئىكەن.

ئالدى بىلەن تاگورنىڭ بىر نەچچە پارچە نەسرىي شېئىرىغا قاراپ باقايلى:

💢سەن ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقىي چىرايىڭنى كۆرەلمەيسەن، كۆرەلەيدىغىنىڭ، پەقەت ئۆزۈڭنىڭ شولىسى.

💢 قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنى ئۆز ئۆتمۈشىگە ھەرگىز رەھمەت ئېيتمايدۇ.

💢قۇشنىڭ بۇلۇت بولغۇسى كېلىدۇ، بۇلۇتنىڭ قۇش بولغۇسى كېلىدۇ.

💢 ئۆزۈڭنىڭ ئىشتىھاسى بولمىسا، تاماقتىن قۇسۇر تېپىپ يۈرمىگىن.

💢سۇدا ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلار جىمجىت بولىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى ھايۋانلار شاۋقۇن-سۈرەن سالىدۇ، ئاسماندىكى قۇشلار ناخشا ئېيتىدۇ. بىراق ئىنسانلار دېڭىزدىكى جىمجىتلىق، يەر يۈزىدىكى شاۋقۇن-سۈرەن ۋە ئاسماندىكى ناخشىلارنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولالايدۇ.

ئەمدى جىبراننىڭ نەسرلىرىگە قاراپ باقايلى:

💢 مۇبادا ئۇ سىلەر قۇتۇلۇپ چىقماقچى بولغان ۋەھىمە بولسا، ئۇنى ئۆزۈڭلار تاپقان، ھېچكىم سىلەرگە مەجبۇرلاپ تاڭغان ئەمەس. مۇبادا ئۇ سىلەر يوقاتماقچى بولغان ساراسىمە بولسا، ئۇ سىلەرنى تەشۋىشكە سالغۇچىلارنىڭ قولىدا بولمايدۇ، بەلكى سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلاردىن ئورۇن ئالىدۇ.

💢 مۇبادا سەن خىيالىڭدا ۋاقىتنى تۆت پەسىلگە بۆلمەكچى بولساڭ، ئۇنداقتا ھەر بىر پەسىل باشقا پەسىللەرنى دەۋر قىلىپ ئايلانسۇن. بۈگۈنۈڭ ئەسلەش بىلەن ئۆتمۈشنى، ئۈمىد بىلەن كەلگۈسىنى قۇچاقلىسۇن.  

💢 سەن كۈزدە باغدىن ئۈزۈم ئۈزۈپ، ئۇنىڭدىن شېرىن شەربەت شاراپ چىقارغان چاغلىرىڭدا كۆڭلۈڭدە «مەنمۇ بىر ئۈزۈملۈك باغ، مېنىڭ مېۋەممۇ ئۈزۈۋېلىنىپ، شېرىن شەربەتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ، مەنمۇ يېڭى شارابقا ئوخشاش مەڭگۈ يوقالماس قەدەھكە قۇيۇلۇپ ساقلىنىمەن» دېگىن.   

 ئاخىرىدا «تەپەككۇر قىياملىرى»دىن بىر نەچچە مىسال كەلتۈرۈپ باقايلى:        💢 بەرمەك بولساڭ ئەڭ ياخشى نەرسەڭنى بەر، ئالغان نەرسەڭنى ئەڭ ياخشىسى دەپ بىل. ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى قاساشتىن نە ھۇزۇر سۈرگىلى بولسۇن.

💢 ئۆملۈكنى تامغا تىمسال قىل. تامنىڭ لاي بىلەن پۈتىدىغانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ، بىراق لاينى يېپىشتۇرۇپ تۇرىدىغىنىنىڭ سامان ئىكەنلىكىنى كۆپ كىشىلەر ئۇنتۇپ قالىدۇ. سەن تامچىمۇ؟ ئۇنداقتا لېيىڭنى يۇغۇرۇشقا دىققەت قىل.

💢 گاھى مەيلىمنى تارتقۇدەك ھېدى يوق دەپ گۈلدىن ئىشتىياقىڭنى ئۈزىسەن، گاھى باراڭدىن ساڭا بىر تال خام قاپاقمۇ تەگمەيدۇ. ئاخىرقى يەكۈن شۇكى، يوقاتقانلىرىڭ ھامان ئېرىشكەنلىرىڭدىن قەدىرلىك.

دېمەك، مەن «تەپەككۇر قىياملىرى»نىڭ شەكىل جەھەتتىن تاگورنىڭ نەسرىي شېئىرلىرى ۋە جىبراننىڭ نەسرلىرى بىلەن پەرقلەنمەيدىغانلىغىنى ھېس قىلدىم.

«نەسر» دېگەن بۇ ئاتالغۇ مەملىكىتىمىز ئەدەبىياتىدا، چوڭ بىر ژانىرنى كۆرسىتىدۇ.  مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز شېئىر، پىروزا  ۋە تىياتىر ئەسەرلىرىدىن باشقا بارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى نەسر دەپ ئاتايمىز. مەسىلەن، نەسرىي شېئىر، فىليەتۇن، ئەدەبىي خاتىرە، ساياھەت خاتىرىسى، ئەدەبىي خەۋەر، ئەسلىمە، ئەدەبىي تەسىرات... قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «نەسر» دەپ ئاتايمىز. بىز يەنە نەسرنى ئىپادىلەش ۋاستىسىغا ئاساسەن لىرىك نەسر، ئېپىك نەسر ۋە مۇھاكىمىلىق نەسر دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىمىز. بىراق چەتئەل ئەدەبىيات ساھەسىدە بۇنداق ئاتالغۇ يوق. ئۇلار بىز دەۋاتقان «لىرىك نەسر»نى شېئىرىيەتكە، «ئېپىك نەسر»نى پىروزىغا تەۋە قىلىۋېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تاگور ۋە جىبراننىڭ لىرىك نەسرلىرى شېئىر دەپ قارىلىدۇ. بىز بولساق، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى نەسر ياكى نەسرىي شېئىر دەپ ئاتاپ كەلدۇق. شۇنداق قىلىپ، «تەپەككۇر قىياملىرى»نىڭ ژانىرى ئېنىق بولدى: ئۇنىڭدىكى پارچىلارنى نەسرىي شېئىر (ياكى لىرىك نەسر) دېسەك بولىدىكەن.

«تەپەككۇر قىياملىرى» قىسقا ھەجىمدىكى 700 گە يېقىن لىرىك ئەقلىيە سۆزدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى بىرلا ئابزاس سۆزدىن تۈزۈلگەن. ئەمما ئۇنىڭ تىلى قاتتىق تاۋلانغان. ئۇ توغرا، ئېنىق، ئوبرازلىق، گۈزەل سۆزلەردىن تۈزۈلگەن قىسقا جۈملىلەر ئارقىلىق چوڭقۇر پىكىرنى ئىپادىلەپ بەرگەن.

«تەپەككۇر قىياملىرى» ئابلىمىت مەمەت ئەمىننىڭ «ھايات تەلقىنلىرى»، «ھايات نىدالىرى»، «ئەي ئوغۇل!» ناملىق ئۈچ رۇبائىي توپلىمىدىن كېيىنكى يەنە بىر ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئەسەر شەكىل جەھەتتىن رۇبائىي ھېسابلانمىسىمۇ، چوڭقۇر پىكىرنى قىسقا ھەجىمدە ئىپادىلەش جەھەتتە، يەنىلا ئالدىنقى توپلاملىرىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئىزچىللىققا ئىگە.

ئىككىنچى، «تەپەككۇر قىياملىرى»دىكى ھايات قاراشلىرى

يۇقىرىدا ئېيتقىمىزدەك، «تەپەككۇر قىياملىرى»دا ئاپتورنىڭ كىشىلىك ھايات قاراشلىرى كەڭ-كۇشادە ئىپادىلەنگەن. كىتابنىڭ مەزمۇنى كۆپ تەرەپكە چېتىلىدۇ. بۇ مەزمۇنلارنى بىر-بىرلەپ شەرھىيلەپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس. بىز تۆۋەندە بىر نەچچە مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدىلا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ ئۆتىمىز.

ئەل- ۋەتەن ھەققىدە. ئاپتور بۇ ئەسىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ۋەتەننى چەكسىز ئۇلۇغلايدۇ، ئۇنى سۆيۈشنى، ئۇنىڭغا سادىق بولۇشنى، ئۇنىڭغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ «تۇغۇلغان ئېلىڭگە جېنىڭنى ئاتىغىنىڭ ئەلا»، چۈنكى «نېنىڭ ۋە رىزقىڭ ۋەتەندە، ئىززىتىڭ ۋە غۇرۇرۇڭ ۋەتەندە، شادلىقىڭ ۋە تەختىڭ ۋەتەندە، شۇڭا ۋەتەن ئۈچۈن جېنىڭنى پىدا قىلىش نۆۋىتى كەلسە ئۇنى بەختىم دەپ بىل» دەيدۇ. ئۇ ۋەتەننى قۇرۇق زىمىن، نوقۇل ھالدىكى تاغ-دەريا مەنزىرىسى دەپ قارىمايدۇ. ئۇنىڭچە، ۋەتەن ئۆزىنىڭ خەلقى بىلەن ئەۋزەل، ۋەتەننى ئۇنىڭ خەلقىدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، ۋەتەننى سېغىنىش ئۇنىڭ خەلقىنى سېغىنىشتۇر، ۋەتەننى سۆيۈش ئۇنىڭ خەلقىنى سۆيۈش دېگەنلىكتۇر. «ئەر ئەلدە ئاتالغان، ئەر ئەلدە يۈكسەلگەن»، شۇڭا «خەلقىڭگە تىز پۈكۈپ يۈكۈنگىنىڭ ئەلا»، «ئەل-يۇرتنى ئۇنتۇغىنىڭ_ ۋىجدان گۈلۈڭنى قۇرۇتقىنىڭدۇر». ئاپتور شەخسنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى خەلقنىڭ ئارزۇ- ئارمىنى بىلەن بىرىكىپ كەتكەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ھەقىقىي قىممىتى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. «نىشانىڭ- ئاۋامنىڭ قۇت تېڭى بولسۇن، شەخسىيەتچىلىك بورىنى قەلبىڭگە زالالەت چاڭلىرىنى قوندۇرمىسۇن»، «ھەر بىر نەتىجەڭنى ئائىلەڭنىڭ، خەلقىڭنىڭ، ۋەتىنىڭنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى بىلەن باغلا، سېنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىڭ خەلقىڭ ئۈچۈندۇر، سېنىڭ ئۇتۇق قازىنالماسلىقىڭ- خەلقىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىڭدۇر». ئاپتور مانا مۇشۇنداق سۆزلەر ئارقىلىق شەخسنىڭ ئارزۇسى ۋە نەتىجىسىنىڭ خەلق بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ يەنە «دىلىڭنىڭ خەلقىڭنىڭ سۆيگۈسىدە مېھمان بولغىنى سېنىڭ ئەڭ زور پاراغىتىڭدۇر» دېيىش ئارقىلىق خەلقنى سۆيگەن، ئۇنىڭ غېمىدە بولغانلىقنىڭ ئۆزى بەخت ھېساپلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. ئاپتور ئەل ئۈچۈن ئىشلەنگەن خىزمەتنىڭ قىممىتى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتىرىلىدىغانلقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ، «ئەلنى دەپ تاغ ياسىساڭ، ئۇنىڭ قىممىتى يىلسېرى ئۆسىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنچە ھەر بىر تېشى گۆھەرگە ئايلىنىدۇ» دەيدۇ. ئاپتورنىڭ بىز ئەل- ۋەتەن ئالدىدا مەڭگۈ قەرزدارمىز دەيدىغان قارىشى تېخىمۇ قىممەتلىكتۇر. ئۇ مۇنداق قارايدۇ: ھەممىمىز كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن ۋەتەن، بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقان خەلق ئالدىدا قەرزدارمىز، سەن بەختلىك ياشايمەن دەيدىكەنسەن، «ئاۋۋال ئەل-يۇرتنىڭ ھەققىنى تۆلە». بىزنىڭ شان-شەرىپىمىز، ئىززەت-ئابرويىمىز ۋە بەختىمىزنى خەلق بەرگەنگە ئوخشاش، نۆۋىتى كەلگەندە خەلق يەنە بىزنىڭ قىممىتىمىزنىمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلالايدۇ، بىزنى بېشىغا ئېلىپ ئەزىزىزلىگەن خەلق، يەنە بىزنى خارۇزار قىلىۋېتەلەيدۇ، «ئەر ئۈچۈن ئەڭ يامان كۈن ئەل-يۇرت ئىچىدە نەزەردىن قالماقتۇر»، «<تىرىك ئۆلدى> دېگەننى سەن قانداق چۈشىنىسەن، مېنىڭ چۈشەنچەمدە، ئۇ بىر ئادەمنى ئەل- ئاۋامنىڭ قوينىغا ئالمىغىنىدۇر»، «ئەگەر خاتا قىلساڭ، ئەلنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن، ئەل ھۆكمى سېنى ئەللىك يىلدىن كېيىن بولسىمۇ، جازالىماي قالمايدۇ. ئېلىڭگە ئاسىي بولساڭ، تەڭداشسىز ئالىم بولساڭمۇ بىكار، ئىرىشكەن ئالەمچە نەتىجىلىرىڭ پىشانەڭدىكى زەررىچە لەنەت تامغىسىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ». كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلار قەدىرلىنىدۇ، ئەل بىلەن كارى بولماي  ئۆزىنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتى ئۈچۈنلا ياشىغانلار خارلىققا قالىدۇ، «ھەركىم كەچمىش-ئەتمىشلىرى بىلەن ئەلنىڭ قەلبىگە ئۆزىنىڭ تارىخىنى يازىدۇ»، «بىر زەردار دۇنيانىڭ كەيپىدىن مەست بولۇپ، يېشىلمەيلا ئالەمدىن ئۆتتى، بىر تال قىياقمۇ تەۋرىمىدى، بىر دانا ئەل پىراقىدا ئاھ ئۇرۇپ كۆزى ياش ئۆلدى، پۈتۈن يۇرت تەۋرىدى»، ئاپتور شەخسنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئار- نومۇسى ئەل-ۋەتەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىك روھىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتىرىدۇ.

ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە.ئەسەردە ياخشىلىق قىلغانلار مۇكاپاتلىنىدۇ، يامانلىق قىلغانلار جازالىنىدۇ دېگەن قاراش ناھايىتى كۆپ تەكرارلانغان. ئاپتور «ياخشىنىڭ گۈل تېرىيدىغان قولى بول، پېقىرنىڭ خەجلەيدىغان پۇلى بول، مەھزۇننىڭ ئۈمىدكە تۇتاشقان يولى بول»، «قەلبىڭ ئەزگۈلۈككە تولغاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇر ئالالايسەن» دېگەن سۆزلىرىدە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ياخشىلىقنى ئادەت قىلغان كىشى دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن تولۇق بەھرىمان بولالايدۇ دېيىش ئارقىلىق ياخشىلىقنىڭ خىسلىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئاپتور يەنە  ياخشىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئىنساننىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ئىكەنلىكى، ئادەم قانچە ياخشى بولغانسېرى ئۇنىڭ قىممىتى شۇنچە يۇقىرى كۆتىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كۆمۈرنىڭ ئىشى كۆيۈپ ئىنسانلارغا ھارارەت يەتكۈزۈش، ئۇنىڭ ئورنىنى باھاسىز گۆھەر تاشلارمۇ ئالالمايدۇ»، «ياخشىلىق ئىستىسەڭ غېرىب كۆڭۈلنى شاد ئەت، گۈل پۇرىساڭ باغۋەننى ياد ئەت، پەزىلەت ساھىبى_ ئۆزگىنىڭ كۆڭلىنى غەمدىن ئازاد قىلغان كىشىدۇر»، «ئىنسان ياخشىلىق قىلىشقا يارالغان، ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەزىپىسى دۇنيانى مۇھەببەتكە ئوراشتۇر». ئاپتور ياخشىلىقنى كۆز-كۆز قىلىش خاتا، ياخشىلىقنى باشقىلاردىن بىرەر نەرسە ئۈندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن قىلىش خاتا، ياخشىلىقنى ئابروي قازىنىش ئۈچۈن قىلىش خاتا، ئەگەر بۇ مەقسەتتە بولساڭ، قىلغان ياخشىلىقىڭ ساڭا پايدا كەلتۈرۈش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، زىيان كەلتۈرىدۇ، ياخشىلىقنى تەمەسىز، غەرەزسىز قىلغاندىلا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ، سەن ئۆزۈڭ قىلغان ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ، ئاندىن بۇ ياخشىلىقلارنىڭ بىرى يۈز بولۇپ ئۆزۈڭگە قايتىدۇ دەيدۇ: «ياخشىلىق قىلىۋەر، ئۇنى بىرسىنىڭ كۆرۈشى زۆرۈر ئەمەس، سەن بىراۋغا قىلغان ياخشىلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەن بىلمىگەن ھالەتتە ئۆزۈڭگە يانىدۇ»، «سۆي ۋە تەلەپ قىلما، سەن سۆيگەن ئادەملەر ھاياتىڭدا ئاپتاپ بولۇپ پارلايدۇ، بەر ۋە ئۇنتۇپ كەت، ئىلكىڭدىن كەتكەن نەرسە دۇنيا بېغىغا بىر دەستە گۈل بولۇپ قېتىلىدۇ» دېگەن سۆزلەر ئەنە شۇنداق مەزمۇننى ئىپادە قىلغان. ئاپتور كىشىلەرنى ياخشىلىق قىلىشقا شۇنداق كۈچلۈك ئۈندەيدۇكى، ياخشىلىق قىلىشلا ئەمەس، بەلكى قىلىشنى ئويلاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ياخشىلىق دەيدۇ: «كۆڭلۈڭگە ياخشى ئىشنى پۈككەن بولساڭ، شۇ ياخشى ئىشنىڭ يېرىمىنى قىلدىڭ دېگەن گەپ». ئاپتور ھەتتا ياخشىلىققا يامانلىق قىلىدىغانلار، ئېشىنى يەپ قازىنىنى چاقىدىغانلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىۋەر دەيدۇ: «چاياننى قۇتقۇز، چۈنكى ياخشىلىق قىلىش_ سېنىڭ ئىشىڭ، چاقتى دەپ چۇقان كۆتۈرمە، چۈنكى چېقىش_ چاياننىڭ ئىشى».

ئاپتور ياخشىلىقنى قانچىلىك مۇھەببەت بىلەن كۈيلىگەن بولسا، يامانلىقنى شۇنچىلىك نەپرەت بىلەن سۆكىدۇ. قاراڭ بۇ سۆزلەرگە: «لەنەتگەردى بولساڭ، نەپسىڭنىڭ يامانلىقىدىن كۆر، قارغىشقا قالساڭ، ئەلگە قارشى غوۋغايىڭدىن كۆر، يالغۇز قالساڭ، پىنخورلۇقۇڭدىن كۆر»، «پېقىرغا زۇلۇم سالغىنىڭ يېتەر، گۈلنى داپ قىلىپ چالغىنىڭ يېتەر»،«غۇربەت تەنلەرگە زىمىستان قەھرىنى سانچىغىنىڭ نىمىسى؟ قۇياش تاشلاپ كەتكەن خىرە ئۆينىڭ جىن چىرىغىنىمۇ ئۆچۈرۈۋەتكىنىڭ نېمىسى؟». ئاپتور قەلبىدە يامانلىق ئويلىمىغان كىشىنىڭ ئەركىن- ئازادە ياشايدىغانلىقى، يامانلىق قىلغان كىشىنىڭ دەككە-دۈككىدە پاراكەندە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ۋىجدانغا مۇخالىپ ئىشىڭ بولمىسا، تۆت كوچىدا دېپىڭنى چېلىپ يۈرىۋەر، ئىچىڭدە بىر خاتايىڭ بولسا، قازناقنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭىغا مۆكۈنسەڭمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايسەن». يامانلىقنى ئادەت قىلغانلار ھەمىشە ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، شۇڭا ھەرۋاقىت يامانلاردىن ھەزەر ئەيلەش، ئۇلاردىن ھۇشيار بولۇش كېرەك: «بىرلىرى سېنى ئالدىڭدا قوللايدۇ، كەينىڭگە ئۆتۈپلا پۇتلايدۇ، بىرلىرى سېنى مەيداندا سايلايدۇ، پىنھانغا ئۆتۈپ پايلايدۇ»، «ناكەسلەرنىڭ بىراۋنى پىتنىدە ئۆلتۈرمىكى تەس ئەمەس، بىر ئىغۋا، بىر بۆھتان نەق جايىغا چۈشسە، بولدى، بەس!»، «چىشلەش ئىتنىڭ ئادىتى، ئۇلارنىڭ قاۋىمايلا شىپپىدە كېلىپ، چىشلىگىنى بەكمۇ خەتەرلىك».

ئاپتورنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە يەنە مۇنداق بىر كۆز قارىشى بولۇپ، بۇ كۆز قاراش مېنىڭ كۈچلۈك دېققىتىمنى تارتتى: «دەۋرىمىزدە <يامان> دېگەن گەپ <ئەسكى> دېگەن مەنىدە ئەمەس، بەلكى <كۈچلۈك> دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلمەكتە، ئەجەبا، سەن <ياخشى>  دېگەن گەپنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان <لەقۋا>  دېگەن ئاتاققا قويماقچىمۇ؟» ئاپتور بۇ يەردە «يامان» دېگەن سۆزنىڭ قابىلىيەتلىك، كۈچلۈك دېگەن مەنىسىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، تۇرمۇشىمىزدىكى ياخشىلىقلارنىڭ ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە ياخشىلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەكلىكى، ئۇنىڭ يامانلىقنى بېسىپ چۈشۈشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەسكى خاراكتېر، ناچار ئادەتلەر ھەققىدە. ئاپتور مەزكۇر ئەسەردە كىشىلەردىكى ئاچكۆزلۈك، خىيانەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق، شەخسىيەتچىلىك، تەمەخورلۇق، ھاكاۋۇرلۇق، ئىشرەتخورلۇق، ساختىپەزلىك، يالغانچىلىق، پوچىلىق، شۆھرەتپەرەسلىك، خىيالپەرەسلىك، مىننەتخورلۇق قاتارلىق خىلمۇخىل يارىماس ئادەتلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ.

ئاپتور ناچار ئادەتلەر ھەققىدە توختالغاندا، ئالدى بىلەن ئاچكۆزلۈك ۋە تەمەخورلۇقنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ «بىرىنىڭ قورسىقى توق، كۆزى يىتىمنىڭ قولىدىكى بىر بۇردا ناندا، بىرى ۋاپادىن دەرس سۆزلەر، كۆزى سەندە-يۇ، كۆڭلى باشقىدا»، «ئۆلمەيدىغاندەك مال يىغىپ، نەپسىڭنىڭ تاغىرىنى تولدۇرالىدىڭمۇ؟» دېيىش ئارقىلىق ئاچكۆز ئادەملەرنىڭ مال-دۇنياغا تويماي، دائىم باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئىگىلىۋېلىش كويىدا يۈرۈيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتسە،  «ئات ئىستىگەن ئېشەككە قالدى، ئالتۇندىن ئۆي سالماقچى بولغىنى بىر تال كېسەككە قالدى، زاغرىنى ياراتماي ھالۋىغا لەۋ تامشىتقانلار بىر سىقىم كېپەككە قالدى» دېيىش ئارقىلىق بەزى ئاچكۆز ئادەملەرنىڭ ئۆزىنىڭ نەرسىسىگە قانائەت قىلماي، تېخىمۇ ئېسىل نەرسىنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، نەتىجىدە ھەممىدىن قۇرۇق قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «دۇنيانى تالاشما، نەدىمۇ مېھماننىڭ ساھىبخانىدىن نېمەت تالاشقىنى بار؟» بۇ يەردە ئاپتور دەيدۇكى، سەن بۇ دۇنياغا مېھمانسەن، مېھمان بولغىنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىن ئىبارەت ساھىبخانىنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالساڭ، ۋاپاغا جاپا قىلغانلىق بولىدۇ. ئاپتور ئاچكۆز كىشىلەرنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: «نەپسىڭنى مەغلۇپ قىلالمىساڭ، ئىنسانىي ئۇلۇغلۇقنىڭ قىرغىقىغا ئۈزۈپ بارالمايسەن»، «ھەۋەس تېغىدا مۇمكىنسىز ئولجىنى ئوۋلىماق بولغىنىڭدا دىققەت قىل، نەپسىڭنىڭ قىياسىدىن ھالاكەت جىلغىسىغا غۇلاپ چۈشمە يەنە»،«كىچىك بولسىمۇ يەۋالما، يىتىمنىڭ ھەققى_ ئوت، ئىچ باغرىڭنى ئۆرتەيدۇ». مەلۇمكى، ئاچكۆزلۈك تەمەخورلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تەمەخورلۇق نەپسى يامانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خۇددى ئاپتور ئېيتقاندەك، «تەمەخورنىڭ ئېغىزىغا چوغنى ياقساڭمۇ ھاپ ئېتىدۇ، چۈنكى، تەييار كەلگەن ھەر نېمىنى ھاپ ئېتىپ يۇتماقلىق ئۇنىڭغا ئادەتتۇر». ئاپتور يەنە «قورسىقىڭ تويۇپ نەپسىڭ تويمىسا، ئاش ئىزدەپ تۈۋى يوق قازانغا چۆمۈچ سالىسەن» دېيىش ئارقىلىق ئاچكۆزلەرنى ھەجۋىي قىلسا، «دۇنياسى تەقنىڭمۇ كېمى بار ئېمىش، بىراۋدىن سورىسام دېدىكى: <ئۇنىڭ ئالتۇندىن پۈتمىگەن تېمى بار ئىدى>، مەن ئاڭا دېدىم نەپسىدىن كەچكەن دىۋانىنى شاھ دېگىن!» دېيىش ئارقىلىق نەپسى بالا بايدىن قانائەتچان دىۋانى مىڭ ياخشى، نەپسىدىن كەچكەن دىۋانى مال-مۈلكى بولمىسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلەيدۇ دەيدۇ.

ئاپتور يەنە ھاكاۋۇرلۇقنى قاتتىق سۆكۈپ، كەمتەرلىكنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەنمەنلىك كېسەلدۇر، نە كېسەلكى، كېسەللەرنىڭ ئەڭ ئېغىرى بولغان ۋابادۇر»،«ئۆزۈڭگە ئارتۇقچە تەمەننا قويما، چۆمۈچكە چىققىنى قازاندىمۇ بار، گۈلدىكى نازاكەت خازاندىمۇ بار، ئۆزۈڭنى بىر دەيسەن، راست بىرسەن، لېكىن سەندىكى تۇتىيا جاھاندىمۇ بار»، ئېنىقكى بۇ سۆزلەردە ئاپتور مەنمەنلىكنى، ھاكاۋۇرلۇقنى، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى رەت قىلىدۇ. ئاپتور تۆۋەندىكى سۆزلىرىدە ھاكاۋۇرلۇقنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرنى كۆرسىتىش بېرىش ئارقىلىق بىزنى كەمتەر بولۇشقا ئۈندەيدۇ: «بۈگۈن تۇيۇقسىز كەلگەن يەلدىن ھاۋادا ئۇچساڭمۇ، ئەتە خاكسار بولۇپ تۇپراققا چۈشىسەن»، «ئەمەل كۇرسىدا ئولتۇرغاندا ئېگىزدىن كۆرە پەسكە بەكرەك نەزەر سال، كۆكتە بولساڭمۇ، ھامان يەرگە يېنىپ چۈشىسەن». ئاپتور ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالغانلارنى مۇنداق ئەيىبلەيدۇ: «ئەسلى قانداق ئىدىڭ؟ قۇراق چاپىنىڭ دۇردۇنغا ئالماشقاندا ئەسلىڭدىن تانغىنىڭ نېمىسى؟». ئاپتور «سەن كەتسەڭمۇ جاھان يەنە جاھان پېتى تۇرىۋېرىدۇ، ئورنۇڭغا بىرسى كېلىدۇ ۋە جاھاندا ئادەم كەملەپ قالمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان، مەن بولمىسام يەر شارى ئايلىنىشتىن توختاپ قالىدۇ دەپ قارايدىغانلارنى مەسخىرە قىلىدۇ. «تاساددىپىي قاناتقا ئېرىشىپ ئاسماندا ئۇچساڭمۇ، بىر كۈنى زېمىنغا چۈشىسەن، ئۇنتۇپ قالما، خەلق كۆتۈرگەندە خۇشياقتۇرۇپ يۇمشاق كۆتۈرگىنى بىلەن تاشلىغاندا ئاغرىتىپ قاتتىق تاشلايدۇ»، مانا بۇ باياندا ئاپتور ئۇچۇشىنى بىلىپ، چۈشۈشىنى بىلمەيدىغانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئاپتور ھاكاۋۇرلۇقنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، كەمتەرلىكنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ «سۇ ئېگىزگە ئۆرلىسە پارغا ئايلىنىپ يوقىلىدۇ، تۆۋەنگە ئاقسا يىغىلىپ كۆل بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق ھاكاۋۇرلۇق بىلەن كەمتەرلىكنى سېلىشتۇرۇپ، ھاكاۋۇرلۇقنىڭ زىيىنى ۋە كەمتەرلىكنىڭ پايدىسىنى ئوبرازلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ «ئاددىي-ساددىلىقنى تۇرمۇش ئادىتىڭگە ئايلاندۇر، ئۆزىنى چوڭ چاغلاش ۋە كۆرەڭلىك ھەممە ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، ئۇلۇغلۇق ئەزەلدىن ئاددىيلىق ئىچىدە بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئاددىي-ساددىلىققا قىزغىن مەدھىيە ئوقۇپ، ئۇنى ئۇلۇغلۇق دەرىجىسىگە كۆتىرىدۇ؛ «توز گۈزەللىكىمنى كۆز-كۆز قىلىمەن دەپ قۇيرۇقىنى كۆتۈرۈپ ئاچقاندا، كۆرۈمسىز كۆتى ئېچىلىپ قالارمىش»، بۇ سۆزدە قالتىس جايىغا چۈشكەن ئوخشىتىش ئارقىلىق ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق كىشىلەرنىڭ ئەپتى-بەشرىسى ئېچىپ تاشلىنىدۇ. مەلۇمكى، بەزىدە باشقىلارنىڭ ماختاشلىرى ھاكاۋۇرلۇقنى پەيدا قىلىدىغان مەنبە بولۇپ قالىدۇ، بۇ ھادىسىمۇ ئاپتورنىڭ نەزەرىدىن چەتتە قالمىغان: «ئالقىش-چاۋاكقا بېرىلىپ كەتمە، ماختاش بەئەينى تېگى يوق ھاڭدۇر، بۇ ھاڭغا سىيرىلىپ كەتسەڭ چىقالمىقىڭ تەس».

ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھاۋايى-ھەۋەسكە، ئەيشى-ئىشرەتكە بېرىلىدىغانلارنى، ھاراقكەش-پاھىشەلەرنى تەنقىد ئاستىغا ئالىدۇ ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدۇ: «ھاۋايى-ھەۋەس كوچىسىدا كىمنىڭ ئىززىتى كۆكلەپتىكەن؟ تاپقان دۇنيايىڭ ئىززەت- ئابرويىڭنى تۆكۈش ئۈچۈن بولسا، ئەي نادان، چاپقان ھەربىر كەتمىنىڭ روھىڭغا گۆر كولاش ئۈچۈندۇر»، «كۈن-تۈن مەينىڭ كەيپىدە مەست يۈردۈڭ، ۋۇجۇدۇڭ بەزمە- مەشرەپلەردە قايماقتەك ئېرىدى، روھىڭنى ئىشرەت پەرىسى ئىلكىگە ئالدى، خىيالىڭدا ئويۇن-تاماشىدىن باشقا ھېچ ئىش قالمىدى... بىراق بۇ ياشاشنىڭ ئۆزى ئەمەس، خۇدۇڭنى تاپ»، «نايناقلىقىڭدا ئارقاڭدىكى ئىزلىرىڭنى ئۆچۈرۈپ ماڭدىڭ، ئۆلگىنىڭدە بالىلىرىڭ قەبرەڭنى قانداق تېپىپ بارار؟»، «كۆڭۈلگە ئەگەشمە، كۆڭۈلنىڭ كەينىدىن ئىت-ئېشەكلەر ماڭىدۇ».

ئاپتور ساختىپەزلىكنى، ساختا قىياپەتكە كىرىۋالغانلارنى سۆكۈپ مۇنداق دەيدۇ: «قىلغىلى ئىشى يوق ھالىدىن كەتكەن <تۆھپىكار>لاردىن يىراق تۇر»، «نەدىدۇر بىر دەريا بار ئىمىش، قارىساڭ مۇلايىمغىنە تىپتىنىچ ئاقارمىش، بىراق ئۇنىڭغا سېلىنغان كېمە-قېيىقلار ئاسانلا ئاغدۇرۇلۇپ كېتەرمىش». ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىش يەنە ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ نىقابىدۇر. شۇڭا ئاپتور ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى، سۈيقەستچىلەرنى، مەككار- ئالدامچىلارنىمۇ قاتتىق سۆكىدۇ. ئاپتور «بىرىنىڭ شېرىن تىلىدىن ئاگاھ بول، بىرىنىڭ قىڭغىر دىلىدىن ئاگاھ بول، بىرىنىڭ يىغىسى قامچا، بىرىنىڭ كۈلكىسىدە پىچاق بار، بىرى بوينۇڭغا ئاسقان گۈلچەمبىرەك سىرتماق، بىرى قولۇڭغا تۇتقۇزغان نان تاش-توقماق... بۇ ئاگاھلار ئالىمى، ئۇنتۇپ قالما، رەقىبنىڭ يامىنى سېنى ياراغ ئىشلەتمەيلا ھىيلىدە جايلايدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئالدامچى-كاززاپلاردىن ھۇشيار بولۇش كېرەكلىكىنى ئېيتسا، «ئوۋچىنى توشقانغا غەمگۈزار دېمە، قۇرۇپ قويغان توزىقى بار، تۈلكىنىڭ مۇنۇ گېپىگە قۇلاق سال: <بىر بالاسى بولمىسا، قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا>»  دېيىش ئارقىلىق ھىيلە-مىكىرچىلەرنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

«تەپەككۇر قىياملىرى»نىڭ ئاپتورى يەنە «ناشتىلىقىڭ يالغاندىن بولسا، چۈشلۈكۈڭ ساختىلىق بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق يالغانچىلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بەرسە، «ئېغىزدا بولغان بىلەن ئەمەلدە بولمىسا بىكار» دېيىش ئارقىلىق پوچىلىقنى تەنقىد قىلىدۇ؛ «ھېچكىمگە پايدىسى تەگمەيدىغان قۇرۇق نام-شۆھرەتتىن بەزمىدىڭمۇ؟ زورۇقۇپ نامدار ئاتالماقنىڭ نىمە ھاجىتى؟ خار تۇرۇپ، بەگلەرچە سۆلەتنى ساڭا كىم قويۇپتۇ؟» دېيىش ئارقىلىق قۇرۇق سۆلەتۋازلىق ۋە شۆھرەتپەرەسلىكنى تەنقىد قىلىپ، ئاددىي ياشاشنى تەشەببۇس قىلسا، «ناۋاسىز سازغا قاچانغىچە ئۇسسۇل ئوينايسەن» دېيىش ئارقىلىق ھەمدەم خىياللارنى ئەمەلىيرەك بولۇشقا ئۈندەيدۇ، «بەتخەجنىڭ ھالىغا قارا، بىر نان تاپسا داپ چېلىپ ناۋا قىلىدۇ، تەلىيى قاچسا بىچارە بولۇپ، ئىشىكلەردە ساپايى چالىدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئىسراپخورلۇقنى تەنقىد قىلسا، «بىراۋنىڭ خامىنىنى ساقلاۋاتىسەن، چانمايدۇ دەپ ھەر كۈنى بىر تال-بىر تالدىن دېنىنى يەۋاتىسەن» دېيىش ئارقىلىق خىيانەتچىلىكنى سۆكىدۇ، «<ئۆزۈم> دىن ئىبارەت مۇشۇ دۈشمەننى يەڭسەڭلا، تېخىمۇ بۈيۈكلۈككە يېتەلەيسەن» دېيىش ئارقىلىق نەپسىنى يىغىشنى تەشەببۇس قىلسا؛ «ئەي قۇرۇق تاغار، بىلمىدىم، قانداقلارچە ئۆرە بولۇپ قالغانسەن» دېيىش ئارقىلىق تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال كىشىلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلايدۇ ۋە «مىننەت كۇرسىدا ئولتۇرما، تېگىدە يىلان بار؛ مىننەت ئېشىنى يېمە، ئۇ ئاشقازىنىڭنى يۈزۈڭگە تېگىشكىنىڭدۇر» دېيىش ئارقىلىق بەرگەن نەرسىسىنى مىننەت قىلىشنىڭ باشقىلارنىڭ يۈز-ئابرويىنى چۈشۈرۈش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىلىم-بىلىمنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە. مەزكۇر ئەسەردىكى ئىلىم-بىلىم ھەققىدىكى قاراشلارمۇ بىزنىڭ ئالاھىدە دېققىتىمىزنى تارتىدۇ. «ئىلىم تىلسىملار سىرىنى ئاچقۇچىدۇر، سائادەت نۇرىنى چاچقۇچىدۇر، جاھالەتنى قۇياشنىڭ دارىغا ئاسقۇچىدۇر»، ئەل-ۋەتەننى ناخشا- ناۋا، چۇقان-سۈرەنلەر ئەمەس، ئىلىملا قۇدرەت تاپقۇزالايدۇ دەيدۇ ئاپتور. ئۇ ئىنساننىڭ جىسمىنى قۇشقا، بىلىمىنى قاناتقا ئوخشىتىدۇ، قۇشنىڭ ئاسماندا قانداق ئۇچۇشىنى، قانچىلىك ئېگىز ئۇچۇشىنى قانات بەلگىلەيدۇ دەيدۇ. «پۇلۇڭ بولمىسىمۇ ئىلىمىڭ بولسۇن، ئىلىمسىزلىك ھەقىقىي يوقسىزلۇقتۇر، ئىنسان روھىغا يورۇقلۇق تارقىتىدىغان ئۇنىڭدىن باشقا قۇياش يوق». ئاپتورنىڭ كۆزقارىشىچە، ئىلىم بىپايان دېڭىز، دېڭىزغا چۈشۈپ، تەكتىگە چۆككەندىلا قىممەتلىك دۇر-سەدەپلەرنى سۈزۈۋالغىلى بولىدۇ؛ ئىلىم چەكسىز، ئىنساننىڭ بىلەلەيدىغىنى تولىمۇ ئاز، شۇڭا بىز بىر ئۆمۈر كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم؛ جاھاندا ئۆگىنىدىغان نەرسە بەك كۆپ، ئەمما تاللىماي ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، چوقۇم ئۆزىمىزگە ئەسقاتىدىغان بىلىمنى ئۆگىنىشىمىز لازىم؛ بىز ئاقىللارنى، ئالىملارنى ھۆرمەتلىشىمىز، ئۇلارغا يېقىن تۇرۇشىمىز، ئۇلاردىن بىلىم ئېلىشىمىز كېرەك؛ «مال-دۇنيا سېنى مەئىشەتكە يەتكۈزىدۇ، لېكىن سائادەت مەنزىلىگە يەتكۈزەلمەيدۇ، پەقەت ئىلىملا سېنى كامالەتكە ۋە بەختكە يەتكۈزىدۇ»، بىز ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشىمىز شۇنداقلا باشقىلارغا بىلدۈرۈشىمىز لازىم؛ «ئالىملار سېنى توغرا يولغا باشلايدۇ، نادانلار سېنى بالانىڭ غارىغا تاشلايدۇ»، «ئالىمنى كەتتى دەيمىز، بىراق خەلقنىڭ قەلبىدە تىرىك تۇرىدۇ، بەلكى بارغانسېرى ياشىرىدۇ»، «بىلىملىك كىشى تاشنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرىدۇ، نادان كىشى ئالتۇننى تاشقا ئايلاندۇرىدۇ». ئاپتور  ئىلىم- بىلىمنىڭ ئەھمىيىتىنى مانا شۇنداق يۈكسەك ئورۇنغا قويىدۇ.

ھاياتنىڭ جاپاسى ۋە راھىتى ھەققىدە. ئاپتور ھاياتنىڭ ئۆزى ئازاب دېگەن قاراشنى كەسكىن رەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ھاياتنى پۈتۈنلەي راھەت-پاراغەت گۈلىستانى دەپمۇ قارىمايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھايات ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ راھەت بىلەن جاپانىڭ بىرىكمىسىدۇر، ئىنساننىڭ كۈلكىسى يىغىغا، يىغىسى كۈلكىگە ئۆزگىرىدۇ؛ بەخت ئىچىدە خۇدۇڭنى يوقىتىپ قويساڭ، ئازاب تېز سۈرئەتتە يېتىپ كېلىپ، بەختىڭنى ۋەيران قىلىدۇ؛ ئازاب ئىچىدە خۇشاللىق، خۇشاللىقنىڭ ئىچىدە ئازاب بولىدۇ؛ «گاھى كۈنلەر قىشتا ئاپتاپ پارلىتىپ ئويناپ كەلسە، گاھى كۈنلەر يازدا دىر-دىر تىترىتىپ مۇزلاپ كېلىدۇ»؛ «ھايات تۇغۇمچان ئانا، گاھ شەپقەت تۇغسا، گاھ ھەسرەت تۇغىدۇ»؛ ئەمما ئىنسان ئۇلۇغ ئىشلار ئۈچۈن جاپا چەكسە، بۇنداق جاپانىڭ قىممىتى بولىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق جاپا كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن جاپا چەكسە، ئۇنىڭ ئېرىشكىنى ئەۋرەز گۈلى بولۇپ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ؛  بىز توي شادلىقىنىڭ ماتەم يىغىسىغا ئايلىنىپ كېتىشىگىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويۇشىمىز، بەخت ئىچىدە خۇدىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز، مۇشەققەتلىك كۈنلەردە روھىمىزنى تۈگەشتۈرمەسلىكىمىز لازىم؛  ئاگاھ بولغىنكى، «ئۆزۈڭنى شاھ چاغلاپ ئولتۇرغان ئالتۇن كۇرسۇڭ، ئۇخلاپ ياتقان ئەجدىھانىڭ دۈمبىسىدۇر»؛ ئەكسىچە «ئازاب قەلبىڭگە چەككەن زەخمەكتىن خۇش ناۋالارنى ئاڭلاشنى بىل»؛ رىيازەت چەكمەي تۇرۇپ پاراغەت سۈرەلمەيسەن.

ئەخلاق-پەزىلەت ھەققىدە. ئاپتور بۇ ئەسەردە ئەخلاقنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، كىشىلەرنى پەس ھەۋەستىن خالىي بولۇشقا چاقىرىدۇ: «پاكىز ياشا، دۇنيادىن ھايا قىل، دەرەخلەرنىڭ كۆزى يوق دېمە، ھاشارەتلەرنى سەزمەيدۇ دېمە، تاغ-دەريالارنى بىلمەيدۇ دېمە»؛ «قانچىلىك ئېچىرقاپ كەتسەڭمۇ شەھۋەت سۈيىگە نان چىلاپ يېمە». ئاپتور بىزگە   شەرمىي-ھايالىق بولۇش، ھەۋەسكە بېرىلمەسلىك ھەققىدە سەمىمىي نەسىھەت قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جاھاننىڭ تۈزۈلۈشىنى تىلەۋەرمەي، ئۆزۈڭنىڭ تۈزىلىشىنى تىلە»، «مال-دۇنيايىڭنى يوقاتساڭ يوقاتقىنكى، ئادىمىيلىكىڭنى يوقاتما»، «ھاۋايى-ھەۋەس سېنى توختىماي دەي-دەيگە سالىدۇ، رەسۋايى ئەزىمقىلغۇچى شەھۋەتكە ئىمكان بەرمە»، «ئىنسانىي پەزىلەت بولمىغان كىشى گويا مېڭىپ يۈرگەن جەسەتتۇر»، «قىڭغىرىڭنى تۈزە، پاك بول، نامىڭنى بۇلغىما».

ئىجاد-مېھنەت ھەققىدە. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئەمگەك ئىنساننى تاكاممۇللاشتۇرىدۇ، ئەمگەك ئىنساننى ئارزۇسىغا يەتكۈزىدۇ، ئەمگەك ئىنسانغا كېرەكلىك نەرسىنى بېرىدۇ. شۇڭا ئادەم توختىماي ئەمگەك قىلىشى، ئەمگەك ئارقىلىق قىممەت يارىتىش كېرەك. «مېھنەت جاپاسىدىن قاچما، ئۇ روھىڭنى چېنىقتۇرۇپ، سېنى تېخىمۇ ساغلام ۋە كۈچلۈك قىلىدۇ»، « مېھنەت قىلىشىڭ كېرەك، ھايات بىر بازار، ئۆزۈڭگە تېگىشلىك نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ بازاردا جېنىڭنى خەجلىشىڭ كېرەك».  ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: ھەرىكەت ئادەمدە ئىشەنچ پەيدا قىلىدۇ، پەقەت ھەرىكەتلا تىرىكلىكنى ئەڭ جانلىق ھالەتتە ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ؛ جاھان ھۇزۇرلىرى ئىچىدە ھېچقانداق ھۇزۇر سېنىڭ ئۆز ئەمگىگىڭدىن ئالغان ھۇزۇرغا يەتمەيدۇ. ئاپتور ئەمگەك قىلىشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئەمگەكنى ئىجاد دەرىجىسىگە كۆتىرىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا ئىجادىيەتنىڭ ئىنساننى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئىنسان ھامىنى ئۆلىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قايتا يارىلىش پۇرسىتى بار، ئۇ بولسىمۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىجاد ئادەمنى قايتا يارىتىدۇ: «ئۆمرۈڭنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئىجاد قىل، ھاياتىڭنى ئۆلۈمدىنمۇ ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئوبدانراق چارە يوق». ئاپتور يەنە  قانچە كۆپ ئىش قىلغان ئادەم شۇنچە كۆپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدۇ، شۇڭا ئىش قىلغاندا خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقما، خاتالىقمۇ سېنىڭ بايلىقىڭ ھېساپلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ساڭا مول ساۋاق بېرىدۇ دەپ قارايدۇ . ئادەمگە شان-شەرەپ پەقەت ئۇنىڭ ئىجاد- ئەمگىكىدىن كېلىدۇ، «رىيازەت يولى سېنى مۇراد گۈلزارىغا باشلاپ بارىدۇ، ئەمگەك قىل، تەر تۆك، شەرەپ سېنى ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ»؛ ئىنساننىڭ ئەسلى قىممىتى كۆپ ئىش قىلىشتۇر. «ياشاش كۈن ئۆتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى قىممەت يارىتىشتۇر»، «دەۋرىڭ جەبرىڭدىن كېيىن كېلىدۇ».

نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىش، ئەمگەكنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش، ئاخىرىغىچە چىداشلىق بېرىش كېرەك. دىلىغۇل بولۇش ۋە توختاپ قېلىش، ھەممە تىرىشچانلىقنى بىكار قىلىدۇ. «كۆرۈنگەن نۇرانە مەنزىلگە قاراپ ماڭ، بىر قەدەم ئالساڭ، ئۇنىڭغا بىر قەدەم يېقىنلىشىسەن، بىر قەدەم ئېلىپ توختاپ قالساڭ، ئىككى قەدەم يىراقلايسەن، چۈنكى سەن توختىغان بىلەن جاھان ئايلىنىشتىن توختىماس»، «جەبرىنى يەڭمىسەڭ ئىقبال پەرىسى قۇچاق ئاچمايدۇ، كېچىنىڭ يولى تاڭغا تۇتاش، بۇ يولنى ماڭماي تۇرۇپ، قۇياشنىڭ نۇر جامالىنى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولغىلى بولماس».

سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەققىدە. ئاپتور ئىنساندىكى سۆيگۈ- مۇھەببەتنى چەكسىز ئۇلۇغلايدۇ. ئۇ دەيدۇكى، «سۆيۈشلا ئىنساننى كامال تاپقۇزار، بۇ دۇنيا ئىنساننىڭ سۆيگۈ مەيدانى، سۆيگۈ ئىككى دۇنيانى بىر-بىرىگە باغلايدۇ»، «ئىنسان بىر تۈپ دەرەخ، مۇھەببەت ئۇنىڭ ئەڭ شېرىن مېۋىسى»، «مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتى ئوت، ئۇ كىشى قەلبىنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوچاققا ئايلاندۇرىدۇ»، مۇھەببەتنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا تەڭگە تەڭ ئالماشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ. مەن سېنى سۆيدۈم، سەنمۇ مېنى سۆيۈشۈڭ كېرەك دېيىش مۇھەببەت مەنتىقىسىگە توغرا كەلمەيدۇ. «ئىخلاسى بولسا سۆيگۈڭ ئۇنىڭغا مۇكاپاتتۇر، ئىخلاسى بولمىسا سۆيگۈڭ ئۇنىڭغا زۇلۇمدۇر»، ھەقىقىي سۆيگۈ بەدەل تۆلەش، ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق نامايان بولىدۇ، «ئاشىق كۆيدۈرىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ئوتقا كىرىدۇ، ئۆلتۈرىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىچقا بېشىنى تۇتىدۇ»، «ئاشىقمۇ سەن؟ ئۇنداقتا تاھىردەك دەريادا ئاق، مەجنۇندەك چۆللەرنى كەز، پەرھادتەك تاغلارنى تەش». مۇھەببەت ھايا-نومۇس ئىچىدە تۇرغىنى  ياخشى، «جانانىڭنىڭ ئاپتاپلىق رۇخسارىغا باقساڭ، قەلب قۇياشىنى شەلپەردەك قىزىرىپ تۇرغان يۈزىدە كۆرىسەن». «مۇھەببەت بىلەن مەسئۇلىيەت كۆپىنچە ھاللاردا توقۇنۇشۇپ قالىدۇ»، ئاشىق- مەشۇقلار توي قىلماستىن بۇرۇن مۇھەببەتكە ئاساسلانسا، توي قىلغاندىن كېيىن مەسئۇلىيەتكە ئاساسلىنىش لازىم، شۇنداق بولغاندىلا ئائىلىنى ئىناق ۋە خاتىرجەملىككە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ھەقىقىي مۇھەببەت تەننىڭ ھۇزۇرىدا ئەمەس، روھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىپادىلىنىدۇ، «قۇچاقلىشىپ تۇرغاندا تەندىن تەنگە روھ ئاقمىسا، بۇ تۈۋى تۆشۈك شارنى پۈۋلىگەندەك بىھۇدە ئىش ئەمەسمۇ؟». مۇھەببەت ئىشىدا شۇنداق ئازابلىق ئەھۋال باركى، سەن ئۇنى ياخشى كۆرىسەن، بىراق ئۇ سېنى ياخشى كۆرمەي باشقا بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، «سۆيمىگەنگە كۆيدۈرۈپ، كۆيگەننى ئۆلتۈرۈپ ئوينايدىغان ساراڭ دۇنيا بۇ! »، «سۆيۈلۈش گۇماندۇر، سۆيۈش ھەقىقەت»، شۇڭا «مۇھەببەت مىزانىدا كۆيدۈرگىنى ئۇلۇغ ئەمەس، كۆيگىنى ئۇلۇغ». ئاپتور يەنە مۇھەببەتنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ، «تىل يوشۇرسا كۆز ئاشكارلايدۇ، كۈلكە يوشۇرسا دەرد ئاشكارىلايدۇ» دەيدۇ.

يۇقىرىقىلار «تەپەككۇر قىياملىرى»دىكى گەۋدىلىك مەزمۇنلار. بۇلاردىن باشقا ئاپتور يەنە ۋاقىت («ۋاقىتنىڭ قۇلى ئەمەس، خوجايىنى بولۇشۇڭ كېرەك»)، خۇشخۇيلۇق («خۇشخۇيلۇق ئىنساننىڭ ئىچىدىن تېشىغا بالقىپ چىققان نۇر»)، خۇشاللىق («سەن دۇنيادا كۆرۈنمەيسەن، دۇنيا سېنىڭدە كۆرۈنىدۇ، كۈلسەڭ ئۇ گۈللەر ئېچىلغان باھاردۇر، يىغلىساڭ جۇت باسقان زىمىستان»)، ئۆملۈك («ئۆملۈكنى قۇت كانى دەپ بىل»)، ئۈمىدۋارلىق(«ئۈمىدۋار بول، قارا، زىمىستان دالىلاردىكى دىرىلدەپ تۇرغان قاخشال دەرەخلەر، باھار كېلىشى بىلەنلا ياشىرىپ ھۆسىن تۈزەيدۇ ئەمەسمۇ»)، دوست («بىر ياخشى دوستنىڭ ئورنىنى پۈتۈن بىر شەھەرنىڭ ئادەملىرىمۇ تولدۇرالمايدۇ»)، دۈشمەن («رەقىبسىز ئەر بىر ئۆمۈر غەلبنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلمەيدۇ»)، ئەدىب («قەلىمىڭنى قولۇڭ ئەمەس، قەلبىڭ تەۋرەتسۇن»)، سەمىمىيلىك («بىرسىگە ۋەدە قىلغىنىڭ ئۇنىڭغا قەرز بولغىنىڭ، سەمىمىي بول، قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇر»)، ئەقىل-پاراسەت («تەپەككۇردا خام بولما، بولمىسا كىشىلىك ھاياتنىڭ تۈگۈچلىرىنى يېشەلمەيسەن ۋە ئۆزۈڭمۇ بىر تۈگۈچكە ئايلىنىپ قالىسەن»)، تىل («ئاڭقىرىپ سۆزلە، قىلغان سۆزۈڭ يۈزۈڭگە تەستەك بولۇپ تەگمىسۇن»)، ئاتا-ئانا («ئاناڭنىڭ كىرپىكىدىكى توزاننى مۇقەددەس تۇپراقتىنمۇ ئەزىز بىل، ئاتاڭنىڭ ۋەسىيىتىنى شاھلارنىڭ ئەمرىدىنمۇ ئارتۇق بىل»)، ئۆلۈم («ئۆلۈمنى تىللىما، ئۇنى چىرايلىق قارشى ئال»)، ئىنسان («دانمۇ ئۆزۈڭسەن، سامانمۇ ھەم، قىسمەتنىڭ غەلۋىرىدە ئۆزۈڭنى تاسقاۋاتىسەن، گۈلمۇ ئۆزۈڭسەن، تىكەنمۇ ھەم، گۈزەللىكىڭنى قەھرىڭدە قوغداۋاتىسەن»)، ئادىمىيلىك («ئادەم ئەمگىگى بىلەن، تەپەككۇرى بىلەن، ھاياسى بىلەن ئۇلۇغ»)، غۇرۇر («ھاياتلىقتا ئاچ قېلىش نورمال ئىش، بىراق غۇرۇردىن ئايرىلىپ قېلىش بەك ئېچىنىشلىق ئىش»)، سىر («سىرىڭنى بىراۋغا ئىزھار ئەيلىگىنىڭ-تەشۋىشنى ئۆزۈڭگە چىلاپ كەلگىنىڭ»)، ياردەم («قۇياشنى يىلدىن يىلغا ياشارتىۋاتقىنى، ئۇنىڭ كىبىر-تەمەنناسىز، مەقسەت-تەمەسىز مەۋجۇدات دۇنياسىغا نۇر بېرىۋاتقانلىقىدۇر»)، قانائەت («ئات تاپقىچە ئېشەكنى دۇلدۇل بىلىپ مىنىپ تۇر، ئۆرۈك پىشقىچە غورىنى قەنت دەپ يەپ تۇر»)، سەۋر-تاقەت («سەۋرنىڭ كۆچىتى مېۋە بەرگەندە ئېتىكىڭ نېمەتكە تولىدۇ»)، نامەردلىك («نامەردتىن تۈگمە ئۆتنە ئالساڭ، تۆگە قايتۇرۇشۇڭغا توغرا كېلىدۇ»)، مىننەتدارلىق («بىراۋدىن ھىممەت كۆرسەڭ، سەندە ئۇنىڭ رەھمىتى بولسۇن»)، زۇلۇم-زورلۇق («ياخشىنى خارلىساڭ يامىنى كېلىدۇ، قۇڭغۇزنى چەيلىسەڭ چايىنى كېلىدۇ»)،ھەقىقەت («توغرىغا ئېگىل، يەردىن ئاسماننى كۆرىسەن»)، خاتالىق («خاتا ئىشىڭنى كىچىك دەپ سەل قارىما، ئۇ ئادەتكە ئايلىنىپ قالسا بېشىڭغا بالا بولىدۇ»)، مۇكەممەللىك («ئىنسانلار ئارىسىدىن مۇكەممەللىك ئىزدىمە»)، ئۆزىگە تايىنىش («سەن ئۆزۈڭنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىق كانىسەن، نىمىگە موھتاج بولساڭ ئۆزۈڭدىن ئىزدە، سەندە يوق نەرسە جاھاندا يوق»)، ئۆزىنى بىلىش («بارچە سىرلارنىڭ تۈگۈنى-ئىنساننىڭ ئۆزى، ئۆزۇڭنى بىر مەررە چۈشەنسەڭلا، باشقا سىرلارغا يول ئېچىلىدۇ»)، ئۆزگىرىش («جاھان ئۆزگىرىۋاتىدۇ، سەنمۇ ئۆزگەر، بولمىسا داشقالغا ئايلىنىپ كېتىسەن»)، ئەيىبلىنىش («باشقىلارنىڭ ئەيىپلەۋاتقىنى ئۇلارنىڭ خىيالىدىكى   ئوبرازىڭ، ھەقىقىي سەن ھامان ئۆزۈڭ بىلەن بىللە»)، ۋايسىماسلىق («مىڭ قېتىملىق يىغا-زارىدىن بىر دەملىك سۈكۈت ياخشى»)  قاتارلىقلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ئاقىلانە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۈچىنچى، «تەپەككۇر قىياملىرى»نىڭ بەدىئىي گۈزەللىكى

«تەپەككۇر قىياملىرى»دىكى ئەسەرلەرنى مەزمۇن جەھەتتىن ئەقلىيە سۆزلەر، شەكىل جەھەتتىن نەسرىي شېئىرلار دەپ ئاتاش مۇمكىن. ئۇ ھايات ھەققىدىكى چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە پەلسەپىۋىي قائىدىلەرنى بەدىئىي شەكىل ئىچىدە ئىپادىلەپ بەرگەن. تۆۋەندە مەن ئۇنىڭ مانا شۇ بەدىئىي شەكلى ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.

بىرىنچى، «تەپەككۇر قىياملىرى»دىكى پارچىلار ئىخچام سۆز ئىچىدە چوڭقۇر مەزمۇننى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئۇنىڭدىكى پارچىلار بىر جۈملە ياكى بىر ئابزاس سۆزدىن تۈزۈلگەن قىسقا ئىبارىلەردۇر. ئەمما ئۇنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، مانا شۇ قىسقىغىنە ئىبارىگە بىر كىتاب بولغىدەك مەزمۇن پىرىسلانغان. مەسىلەن، «ئۆزۈڭنى شاھ چاغلاپ ئولتۇرغان ئالتۇن كۈرسۇڭ، ئۇخلاپ ياتقان ئەجدىھانىڭ دۈمبىسىدۇر». بۇ بىر جۈملە سۆز بىزگە شۇنى ئۇقتۇرۇدۇكى: «سەن ئۆزۈڭنى پادىشاھتەك ھېس قىلىپ، ئالتۇن تەختتە كىرىلىپ ئولتۇرىسەن، ئەمەلىيەتتە سەن ئولتۇرۇۋاتقان تەخت_ ئەجدىھانىڭ دۈمبىسىدۇر؛ ئەجدىھا ئۇخلاۋاتقاندا، سەن بىخارامان ئولتۇرىسەن، ئەمما ئۇ ئويغىنىپ كەتكەندە، تۇيۇقسىز يېقىلىپ چۈشۈپ، ھالاك بولىسەن؛ بۇ دۇنيا تاسادىپىيلىقلارغا تولۇپ- تاشقان بولۇپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر چاقماق تېزلىكىدە ئىشلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ؛ شۇڭا سەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ كېرىلىپ كەتمەسلىكىڭ، مېنىڭ مال-دۇنيايىم ياكى نوپۇزۇم دەخلى-تەرۇزسىز دەپ قارىماسلىقىڭ، ھەمىشە كەمتەر ۋە ئېھتىياتچان بولۇپ، ھەرقانداق يامان ئاقىۋەتلەرگە تەييارلىق قىلىپ قويۇشۇڭ كېرەك».  دېمەك يۇقىرىقى بىر جۈملە سۆز مانا مۇشۇنداق كەڭ مەزمۇننى ئىپادىلىگەن بولۇپ، «تەپەككۇر قىياملىرى»دىكى تاتلىق قىياملار، ھەقىقەتەن، قىسقا سۆز ئارقىلىق چوڭقۇر پىكىرنى ئىپادىلەشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان. ئۇنىڭدىكى ھەر بىر پارچىنىڭ مەنىسىنى شەرھىيلەشكە توغرا كەلسە، بىر جۈملە سۆزنى ئون نەچچە جۈملە، بىر ئابزاس سۆزنى ئون نەچچە ئابزاس سۆز بىلەن بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاپتور بىرەر مەسىلە ھەققىدە توختالغاندا، ئۇنىڭ يادروسىنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر بولۇپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى دەل جايىدا ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىكى ھەر بىر پارچىدا بىر مۇھىم پەلسەپىۋى قائىدە، بىر ھېكمەت سۆزلەنگەن بولۇپ، بۇ ھېكمەت  تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى بولۇشىمۇ، ئىجتىمائىي ھادىسەلەرنىڭ شەرھىيسى بولۇشىمۇ  ۋە ياكى ئەخلاق جەۋھەرلىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ پەلسەپىۋىي قائىدىلەر ئاپتورنىڭ شەخسى تەجرىبىسىنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاللىقاچان ئىجتىمائىي قىممەتكە، ئومۇملۇققا ۋە ئەبەدىيلىككە ئايلانغان، بۇ قائىدىلەر كىشىلەرنى مەڭگۈ تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلىيەلەيدۇ شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ روھىنى يۈكسەلدۈرەلەيدۇ.

ئىككىنچى، «تەپەككۇر قىيامى»دىكى پارچىلار ئوبرازلىق سۆزلەر ئارقىلىق پىكىرنى جانلىق ۋە ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن. «تەپەككۇر قىيامى»دا كۆز قاراشلار ئۇدۇل ئوتتۇرىغا قويۇلمايدۇ، بەلكى بىر ھادىسىنىڭ بايانى ياكى بىر شەيئىنىڭ تەسۋىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، «يىپمۇ ئۆزۈڭسەن، لەگلەكمۇ ھەم، ھەۋەس ساماسىدا ئۆزۈڭنى ئۇچۇرۇۋاتىسەن». بۇنىڭدىكى پىكىر ئاسماندا لەگلەك ئۇچۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.«گاھى ئۆلۈكلەر قۇچقان ۋىسالنى قەبرە توزانلىرىدىن كۆرىسەن، گاھى دۇنيانىڭ نازاكىتىنى قەلەندەرنىڭ ئۈستىدىكى ئەسكى چاپاندىن كۆرىسەن». بۇنىڭدىكى پىكىر قەبرە توزانلىرى ۋە قەلەندەرنىڭ چاپىنى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دېمەك، ئاپتور ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى مانا مۇشۇنداق ئىش-ھەرىكەت ۋە نەرسە ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەس، بەلكى ئوبرازلىق، ئىماگلىق سۆزلەيدۇ، پىكىرنى ئابىستىراكىت ئۇقۇملار بىلەن ئەمەس، بەلكى كونكىرېت نەرسىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭدا ئايرىم ھادىسە ئارقىلىق ئومۇمىي قائىدىلەر چۈشەندۈرۈلىدۇ، پارچە ئارقىلىق بىر پۈتۈنلۈك ئىپادىلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، «تەپەككۇر قىيامى»دىكى پارچىلار قويۇق شېئىرىي پۇراققا ئىگە بولغان. بۇ توپلامدىكى ئەقلىيەلەر لىرىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا شېئىرىي رىتىم ۋە قاپىيە بار. مەسىلەن، «خاتا يول بىلەن مال توپلاپ، ئەتەڭنى غەملىمە، بىراۋدا تۈگىمەس ئۆچۈڭ بولسىمۇ، يوشۇرۇن يامانلىق پەملىمە»؛ «ياخشىنىڭ گۈل تېرىيدىغان قولى بول، پېقىرنىڭ خەجلەيدىغان پۇلى بول، مەھزۇننىڭ ئۈمىدكە تۇتاشقان يولى بول، سۆيگۈ سۇلتانىڭنى تاپساڭ ئىككىلەنمەيلا قۇلى بول». بۇ ئەسەردە ھەرخىل ئىستىلىستىك ۋاستىلەر كەڭ قوللىنىلىپ، پىكىر-قاراشلار ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن، «جېنىڭنىڭ راھىتى ئۈچۈن تېنىڭدە ئۇخلىما، تەن ئىشىكى_ ئوچۇق ئىشەنچىسىز ئۆي»، بۇنىڭدا تەن ئىشىكى ئوچۇق ئۆيگە ئوخشىتىلغان. «دانمۇ ئۆزۈڭسەن، سامانمۇ ھەم، قىسمەتنىڭ غەلۋىرىدە ئۆزۈڭنى تاسقاۋاتىسەن»، بۇنىڭدا ئادەم دانغا ۋە سامانغا، قىسمەت غەلۋىرگە ئوخشىتىلغان. «سۆيگۈنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى- كۆيۈپ ئۆلۈش»، بۇنىڭدا مۇبالىغە ۋاستىسى قوللىنىلغان. «گاھى كۈنلەر قىشتا ئاپتاپ پارلىتىپ ئويناپ كەلسە، گاھى كۈنلەر يازدا دىر-دىر تىترىتىپ مۇزلاپ كېلىدۇ»، بۇنىڭدا سېلىشتۇرۇش ۋاستىسى قوللىنىلغان بولۇپ، قىش بىلەن ياز سېلىشتۇرۇلغان. «سەن دۇنيادا كۆرۈنمەيسەن، دۇنيا سەندە كۆرۈنىدۇ؛ كۈلسەڭ ئۇ گۈللەر ئېچىلغان باھاردۇر، يىغلىساڭ جۇت باسقان زىمىستان»، بۇنىڭدا جانلاندۇرۇش ۋاستىسى قوللىنىلغان، يەنى تەبئەت دۇنياسى ئىنسانغا ئوخشاش كۈلدۈرۈلگەن ۋە يىغلىتىلغان. «ئەركەك ئۈچۈن تەمەنىڭ ئۆيىگە نان تىلەپ كىرىش_ ئۆلۈمدىن يامان ئىش»، بۇنىڭدا ئېپىتىت ۋاستىسى قوللىنىلغان، يەنى تەمەدىن ئىبارەت ئابىستىراكىت ئۇقۇم بىلەن ئۆيدىن ئىبارەت كونكىرېت نەرسە بىرلەشتۈرۈلگەن. «توز گۈزەللىكىمنى كۆز-كۆز قىلىمەن دەپ، قۇيرۇقىنى كۆتىرىپ ئاچقاندا، كۆرۈمسىز كۆتى ئېچىلىپ قالىدۇ»، بۇنىڭدا سۈپەتلەش ۋاستىسى ئارقىلىق توزنىڭ كۈلكىلىك ھالىتى تەسۋىرلەپ بېرىلگەن.

«تەپەككۇر قىيامى»دا يەنە پىكىر سىمۋول ۋاستىسى ئارقىلىق يوشۇرۇن ئىپادىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تەپەككۇر بوشلۇقى ھاسىل قىلىنغان، مەسىلەن، «ھەرقانچە تەملىك بولسىمۇ، ھەزىم بولمايدىغان تائامدىن نەپسىڭنى تارت»، بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىز «ھەزىم بولمايدىغان تائام»نىڭ قانداق تائام ئىكەنلىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىمىز. «يىراقلاردىن بىر تېۋىشنى ئاڭلاۋاتىسەن، كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيسەن، لېكىن بىر كىم كېلىۋاتىدۇ، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ كۆڭلۈڭنىڭ مېھمىنى، ئۇ كېلىۋاتقاندا كۆڭۈل خانەڭنى تازىلا، ھاۋاسىنىڭ ساپ، پاكىزە بولۇشى ئۈچۈن دېرىزىنى ئېچىۋەت»، بۇنىڭدىكى «كېلىۋاتقان ئادەم» ئۆزىنىڭ ئېنىقسىزلىقى بىلەن خىيالىمىزنى چەكسىزلىككە باشلايدۇ. «كوچىدا بىر كىشىنى كۆردۈم، ئالدىغا قەدەم تاشلايتتىيۇ، ئارقىسىغا كېتىۋاتاتتى»، بۇنىڭدىكى زىددىيەتلىك ھادىسە ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان ۋاقتىمىزدىلا، ئاندىن كونا ئاسارەتتىن قۇتۇلالمايۋاتقان بىچارە ھالىتىمىز كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.

دېمەك،«تەپەككۇر قىياملىرى» ئادەتتىكى ھېكمەتلىك سۆزلەر توپلىمى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئوبرازغا تولۇپ تاشقان، پىكىر-قاراشلار جانلىق، ھېسسىي ۋە كونكىرېت ئىپادىلەنگەن بەدىئىي ئەسەردۇر.

ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھەممە ئادەمگە تونۇش بولغان شەيئى ۋە ھادىسىنى بايان قىلىپ، مۇرەككەپ قائىدىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. «تەپەككۇر قىياملىرى»دىكى بۇ لىرىك ئەقلىيەلەر بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى قوزغاپ، ھايات، جەمئىيەت ۋە دۇنيا ھەققىدە  ئىزدىنىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ؛ بىزنى توغرا نىشانغا باشلايدۇ، قەلبىمىزنى ئويغىتىدۇ، ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىۋېلىشقا يېتەكلەيدۇ؛ بىزنىڭ ھاياتقا، باشقىلارغا تۇتىدىغان پوزىتسىيىمىزگە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئۇسۇلىمىزغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۇنى كىشىلىك ھاياتنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى ياكى ھەرىكەت ئۆلچىمى قىلىشقا بولىدۇ. 

«تەپەككۇر قىياملىرى» ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك كۆز قاراشلارغا تولغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئىلھام ۋە كۈچ قوبۇل قىلالايدۇ. ئۇ كىشىلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى نىشاننى قوغلىشىشقا، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا باش ئەگمەسلىككە ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۇ خۇددى بىر دانە يۈرەك كۈچەيتىش ئوكۇلىغا ئوخشاش، كىشىلەرگە جاسارەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئوڭۇشسىز شارائىتتا ئۈمىدۋار بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

2025- يىل، فېۋرال، بېيخەي.

(ئاپتور: شىنجاڭ داشۆ فىلولۇگىيە شۆيۈەنىنىڭ پىنسىيۇنېرى)


مەنبەسى: باشكارىز سالونى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك