سەن ئۇنى ھېلىھەم ياخشى كۆرىسەن (شېئىر)

 

ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى


ئەي دەردمەن، سۈكۈتتە كۆپتىن بېرى سەن،

ئىچىڭ تۈن، ۋەلېكىن كۈندەك يۈرىسەن.

مەندىنمۇ ياخشىراق ئۆزۈڭ بىلىسەن،

سەن ئۇنى ھېلىھەم ياخشى كۆرىسەن.


جۇدالىق سۆيگۈنىڭ قەبرىسى ئەمەس،

سۆيۈشنىڭ ھەقىقىي باشلىنىشى، بەس،

يۈرىكىڭ گۈلخاندۇر يالقۇنى پەۋەس،

سەن ئۇنى ھېلىھەم ياخشى كۆرىسەن.


دەيسەنۇ «ھېسلىرىم تەلتۆكۈس ئۆلگەن»،

كىم ئۆزى تالاي رەت زورىغا كۈلگەن؟

قەلبىڭدە بىر گۈل بار، چوڭقۇر كۆمۈلگەن،

سەن ئۇنى ھېلىھەم ياخشى كۆرىسەن.


بىلىمەن، بەرمىدىڭ ئايرىلغانغا جان،

سىرغىيدۇ ۋەلېكىن يۈرىكىڭدىن قان،

تەن ئالغىن بىچارە، يالغانچى ئىنسان،

سەن ئۇنى ھېلھەم ياخشى كۆرىسەن.


2026-يىلى 29-ئاۋغۇست  ئۈرۈمچى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك