كۆڭلۈم ئاغرىسا (شېئىر)



ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم 


مېنى مەندىن ئىزدىمەڭ غەمخانە كۆڭلۈم ئاغرىسا،

«نە ئۈچۈن يات سەن؟» دېمەڭ مەستانە كۆڭلۈم ئاغرىسا.


جان دېگەن ھەركىمدە بار، ئىززەت شۇ جاننىڭ قىممىتى،

ھېچكى ھۆرمەت كۆزلىمەڭ مېھمانە كۆڭلۈم ئاغرىسا.


ھەر قورساق بىر بۇردا ناندا تويسا، توقلۇق شۇ ئىرۇر،

مەن غېرىب تويلار ئارا سەرسانە، كۆڭلۈم ئاغرىسا.


قولنى قول يۇيسا، كېلىپ يۈزنى يۇيارمىش ئاڭلىسام،

بىنومۇس يۈز تەڭلىمەڭ پەرۋانە كۆڭلۈم ئاغرىسا.


ئۆزئارا بولغاي قەدىر- قىممەت، مۇھەببەت، ھەممىسى،

ھار ئەمەسمۇ بىتۇيۇق مارجانە كۆڭلۈم ئاغرىسا.


گەر بىلىپ- بىلمەي ئازار سۇنسام ئۆزۈردە تىز چۆكەي،

ھېچ كەچۈرمەسمەن ناھەق دۇردانە كۆڭلۈم ئاغرىسا.


خالىسام لاي سۇ ئىچەي جاڭگالدا يالغۇز ئولتۇرۇپ،

مىڭلاپ پاراغەت بىر تىيىن بىردانە كۆڭلۈم ئاغرىسا...


2026-11-9    خوتەن، ئەتىرگۈللۈكى


مەنبە: ھىجران كېچىسى سالۇنى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك