كورغا ئايلانسام ئىدىم (شېئىر)

 

ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى


ئاھ، گۈزەل چېھرىڭدىكى شۇ نۇرغا ئايلانسام ئىدىم،

دىل بېتىڭدىن مەڭگۈ ئۆچمەس قۇرغا ئايلانسام ئىدىم.


ئۇيقۇدىن بەزدۈرسە ھىجرانىم سېنى ھەم تۈنلىرى،

كۆزلىرىڭدىن سىرغىۋاتقان دۇرغا ئايلانسام ئىدىم.


كەتمىدىڭ قىلچە كىچىكلەپ، مەن ئۈچۈن سەن زور ھامان،

ئامرىقىم، قەلبىڭدە مەنمۇ زورغا ئايلانسام ئىدىم.


دەخلىسىزلا جانۇ- جىسمىڭغا سىڭىپ كەتكۈم كېلەر،

سەن سۈمۈرسەڭ ساپ ھاۋاغا، ھورغا ئايلانسام ئىدىم.


بولدى ۋەسلىڭ قارمىقىمدىن يەمنى يەپ قاچقان بېلىق،

ھېس قىلىپ پەيلىڭنى كاشكى تورغا ئايلانسام ئىدىم.


ھەممىگە يات بولدى نائىل،سەن بەختلىك شۇ قەدەر،

كۆرگىچە بەختىڭنى بۇنداق كورغا ئايلانسام ئىدىم…


-2026يىلى 20-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك