مەن سېنى سۆيمىدىم (شېئىر)

 

گۈزەلنۇر تۇرسۇن سەرۋى


سۆيگىلى كەلمىدىم، كەلدىم ئۆلگىلى،

بىر سىقىم قۇمچىلىك ھاياتنى ياشاپ.

ئۆلۈشكە جۈرئەت يوق، سۆيۈشكە ئىمكان،

نە قىلاي قەدىرسىز جېنىمنى ئاياپ.


كۆزۈمنىڭ پەسلىدە چاڭقىدى سۆيگۈ،

مۇھەببەت-لېۋىمدە قۇرىغان چېچەك.

مەن سېنى سۆيمىدىم، ئۆزۈمنىمۇ ھەم،

نېمەم بار يارىدار قەلبىمدىن بۆلەك؟


كېتىشنى ئىستىگىن، كەتكىن، كەلمىگىن،

كۆڭلۈمنىڭ بۇ قۇرغاق، چاڭقاقلىقىغا.

مەن ئۆزۈم كۆيەرمەن، قۇرۇپ تۈگەرمەن،

مەشۇقسىز ئاشىقلىق سەۋدالىقىدا...

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك