مۇھەببەت دېدىلەر (شېئىر)
بۈزۈۆھرەگۈل يۈسۈپ ناتىۋان
لېۋىمدە تۇرسىمۇ زورىغا كۈلكە،
كۆزلىرىم چاندۇردى غەمكىنلىكىمنى.
نى چاغكى يېقىلدىم سۆيگۈ يولىغا،
يوقاتتىم مەغرۇرلۇق، تەمكىنلىكىمنى.
ھىجراننىڭ يۈزىدە ئۆمىلەپ رەت-رەت،
ئىشىققا يەم قىلدىم ئەركىنلىكىمنى.
مۇھەببەت دېدىلەر: قەدىم-قەدىمدىن،
جاۋابكار بولدۇممەن سۆيگۈ سوتىدا.
ھازىدار كەچمىشىم كۆيۈپ كېتەتتى،
بىر دەقىق بىخلانساڭ كۆڭلۈم قېتىدا.
ئەپسۇسكى سېنىڭدىن كەلمىگەچ شەپە،
سېغىنچىم سارغايدى كۆيۈك ئوتىدا.
بىپەرۋا يۈرۈشىڭ ئاشىقلىقىمدىن،
چاڭقىغان ئۆمرۈمنى تۈگەتتى قىرىپ،
شۇندىمۇ ياشىدىم ئۈمىد ئىلكىدە،
سۇنغان شۇ جېنىمنى بىرمۇبىر تېرىپ.
قىيا بىر باقساڭچۇ ناخۇش چېھرىمگە،
ئاخىرقى تىلىكىم قالمىسۇن ھېرىپ.
2026-10-12
Yorumlar
Yorum Gönder