ئەركىلەڭ (شېئىر)
ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى
ئەركىلەڭ يارىم، ئىچىمنى كۆيدۈرۈپ شوخ ئەركىلەڭ،
تاشلىغاندەك بىر دۆۋە چوغ ئۈستىگە چوغ ئەركىلەڭ.
پەيلىڭىزدە تارتىنىشلارغا پەقەت بەرمەي ئورۇن،
ئايلىنىپ تەنتەك، سەبىيگە كۆڭلىڭىز توق ئەركىلەڭ.
دومسىيىڭ، باتناڭ ھوزۇرغۇ مەن ئۈچۈن شۇ خۇلقىڭىز،
بۇ ھۇزۇردىن ھېچقاچاندا بەزگىنىم يوق ئەركىلەڭ.
ئەركىلەشلەرگە ئوماقلىق، بىغۇبارلىق جەم ئېرۇر،
شۇ سەۋەبتىن ھېسلىرىم بال، بۇ كۆڭۈل توق، ئەركىلەڭ.
ساپ، يېقىملىق ئەركىلەشلەردىن جۇدا بولماڭ ئەبەت،
مەنىلىك گۈلگۈن ھاياتىمغا قوشۇپ زوق، ئەركىلەڭ...
-2026يىلى 2-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى
Yorumlar
Yorum Gönder