سېغىنامسەن (شېئىر)



ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى



توسۇپ ئالدى لەشلەر سۈزۈك كۆزۈڭنى،

كۆرمەك قىيىن بويالمىغان يۈزۈڭنى،

ئاڭلىغۇم بار يۈرەكتىكى سۆزۈڭنى،

سېغىنامسەن شۇ بىغۇبار ئۆزۈڭنى؟


ئىدى سەندە قىلچىلىك پەس نىيەت يوق،

ئۆچمەنلىك يوق، نەيرەڭلەر يوق، ھەسەت يوق،

ئەمدى سەندە ئۇ سۈپەتلەر پەقەت يوق،

سېغىنامسەن شۇ بىغۇبار ئۆزۈڭنى؟


ئۇ دىلىڭدىن ئاقلىق كۆچتى ئاز- ئازدىن،

ۋىجدان قۇشۇڭ جۇدا بولدى پەرۋازدىن،

خالىي ئىدى كۈلۈشلىرىڭ پەردازدىن،

سېغىنامسەن شۇ بىغۇبار ئۆزۈڭنى؟


ئەر بولساڭمۇ تاغ نامايەن بەستىدە،

ئەقلىڭ ئۆلدى ئاچ نەپسىڭنىڭ دەستىدە،

گۇيا سۈتتەك بىر جان ئىدىڭ ئەسلىدە،

سېغىنامسەن شۇ بىغۇبار ئۆزۈۈڭنى؟


ساختا كۈلۈپ زېرىككەنسەن، ھارغانسەن،

پۇشايماننىڭ ئوتلىرىدا يانغانسەن،

قىلىپ بىرئاز سەبىيلىكنى ئارمان سەن،

سېغىنامسەن شۇ بىغۇبار ئۆزۈڭنى؟


ئاڭلىغۇم بار يۈرەكتىكى سۆزۈڭنى،

سېغىنامسەن شۇ بىغۇبار ئۆزۈڭنى؟...


2026-يىلى 11-سېنتەبىر  ئۈرۈمچى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك