كېچىلىش (شېئىر)

 

ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى


ئۆتۈپ كەتتى سوغۇقلا سوقۇپ،

شامال ماڭا قاراپ قويمىدى.

«ئەي بىناۋا، ھالىڭ نېچۈك؟» دەپ،

سوئال ماڭا قاراپ قويمىدى.


سەرسان بولدى نىشانسىز كېمەم،

ئارال ماڭا قاراپ قويمىدى.

مەن زارىقىپ كۈتكەن يېقىملىق،

جامال ماڭا قاراپ قويمىدى.


كۆزلىرى يوق كۆرەرگە ئەسلا،

ۋىسال ماڭا قاراپ قويمىدى.

«نېمە ئۈچۈن؟» دېگىنىم بىكار،

مىسال ماڭا قاراپ قويمىدى.


تېنىم ياپراق، يۈرىكىم ھالسىز،

ماجال ماڭا قاراپ قويمىدى.

ئۆزى ئۈچۈن ئېتىۋەردى تاڭ،

زاۋال ماڭا قاراپ قويمىدى...


-2026يىلى 1-سېنتەبىر ئۈرۈمچى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك