تۆت پارچە تۇيۇق (شېئىر)
ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى
1
باشتا سەزمەستىن ئوقۇپ سالغان كەبى «ئو» دەپ «ئۇ» نى،
يۈز ئۆرۈپ كەچكەندە سادىق يار، تونۇپ يەتتىم ئۇنى.
كەپتىمەن باغلاپ مۇھەببەت ئەھلى نامەردكە، نېتەي؟
ئېزىلىپ دەردمەن يۈرەكىم بولدى تۈگمەننىڭ ئۇنى.
-2026يىلى 14-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى
2
پورۇقلاپ قاينىغان ياغدۇر پىراقىڭ، مەن گويا قۇيماق،
ئۈمىد لالەم كۈتۈشتە چاڭقىدى يوق سەندە سۇ قۇيماق.
مۇھەببەت بىر ئۇلۇغ زەرگەر ئاڭا مۈشكۈل ئەمەس ھەرگىز،
سېنى ئالتۇن ئۈزۈك ئەيلەپ، پېقىر دۇر كۆز ئۈچۈن قۇيماق...
2026-يىلى 11-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى
3
ئامىتىڭ ئوڭدىن كېلىپ قۇچتۇڭ سامانى، ئۈلپىتىم،
شادلىقىڭغا جۆر بولۇپ سالدىم سامانى، ئۈلپىتىم.
ئايلىنىپ دوستتىن تونۇشلارغا، بولۇشتۇق ناتونۇش،
سەن دېنى ئەمدى خاماننىڭ، مەن سامانى، ئۈلپىتىم...
2026-يىلى 10-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى
4
بېقىشتۇق بىرلا، قەلبىمدە ئىشق غەليانى يۈز بەردى،
گۈزەللىك ئىمتاھانىدا ساڭا سەھرايى يۈز بەردى.
كۆيۈپ ئوت-ئىشتىياقىڭدا، سىنالدىم كۆپ پىراقىڭدا،
ۋىسال ئاخىر كۈلۈپ ئىللىق، سۈزۈك سۆيگۈمگە يۈز بەردى
2026-يىلى 9-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى
Yorumlar
Yorum Gönder