تەرجىمە پېشىۋاسى ئەخمەت پاسارنىڭ تەرجىمىھالى، تەرجىمانلىق ھاياتى

بۈگۈن باشكارىز ئەھلىنىڭ نەزەرىگە ئاتاقلىق تەرجىمان، تۆھپىكار زىيالىي ئەخمەت پاسار ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالىنى سۇندۇم:


ئەخمەت پاسار 1933 - يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى ئالتۇنتاغ تىزمىلىرى ئىچىگە جايلاشقان چۆلدىكى بوستانلىق - چەرچەن ناھىيەسىنىڭ توققۇز داۋان تېغى ئارىسىدىكى تۇرا چارۋىچىلىق رايونىدا چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، تۇرا دېگەن جاينىڭ ئەتراپى ئېگىز تاغ - ئېدىرلار بىلەن قورشالغان بولۇپ، ئىككى تاغ ئارىسىدىكى سايلىقنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا سۈيى سۈپسۈزۈك دەريا ئېقىپ تۇرىدىكەن. ئۇ زامانلاردا بۇ يەردە ھاۋانى بۇلغايدىغان زاۋۇت - كان قاتارلىقلار بولمىغاچقا، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ، سۈيى پاكىز ھەم غول، ئوتى مول ئىكەن، يايلاقلىرىدا قوي، ئۆچكە، ئات، كالا، قوتاز، قۇلان، ئارقار، جەرەن، ئېيىق، بۆرە، تۈلكە، داۋغان (بۇرسۇق) قاتارلىق ھايۋانلار يايرايدىكەن، كۆكتە بۈركۈت، تازقارا، سا، لاچىن، قارچۇغا، قۇرغۇي، قۇچقاچ، توغاي، سۇندۇك، ئۇلار، كەكلىك، كەپتەر قاتارلىق ئۇچار قاناتلار پەرۋاز قىلىپ تۇرىدىكەن، يەر ئاستىدا ئالتۇن، مىس، قاشتېشى، تاشپاختا، تاش كۆمۈر قاتارلىق مول تەبىئىي بايلىقلىرى يوشۇرۇنۇپ ياتىدىكەن، يېرى مۇنبەت، ئەمما يوللىرى ئەگرى - بۈگرى، ئېگىز - پەس، قاتناش قورالى ئاساسەن ئات، ئېشەك، تۆگە بولۇپ، قاتنىشى قولايسىز، دۇنيادىن بىخەۋەر جاي ئىكەن. بۇ يەردىكى چارۋىچىلار ئاساسەن قوي، ئۆچكە، ئارقار، كۆكمەت، جەرەن، ئۇلار قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى، مۇھىمى قوي سۈتى قوشۇمچە قوتاز سۈتى ۋە قېتىقىنى ئىستېمال قىلىدىكەن، شۇڭا كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى ياخشىكەن، ئەخمەت پاسار ئەنە شۇ تاغلىق رايوندا سەككىز يېشىغىچە ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ ياشىغان ۋە مال بېقىپ يۈرگەن. ئەخمەت پاسار سەككىز ياشقا تولغان يىلى (1941 - يىلى) ئائىلىسى چەرچەن ناھىيەسى ئىچىگە كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلاشقان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ناھىيەدىكى پەننىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تونۇشۇپ قالغان، ئۇلاردىن بىرمۇنچە يېڭىلىق ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئاڭلاپ، پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەۋىسى قوزغالغان، پەننىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئەخمەت پاسار ناھىيە بازىرىدىكى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىۋالغان، ئۇ بۇ مەكتەپتە ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇپ، ئۈچ - تۆت ئايدىلا خەت يازالىغۇدەك ھەم راۋان ئوقۇيالىغۇدەك بولۇپ قالغان. ئەخمەت پاسارنىڭ بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ئالاھىدە تىرىشىپ ئوقۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئالتە يىللىق ئوقۇشنى بەش يىلدىلا ئوقۇپ تۈگەتكەن. 1947 - يىلى ناھىيەدىن ئەخمەت پاسارنى راخمان توختى دېگەن چوڭراق بىر يىگىتكە قوشۇپ، ئۈرۈمچىدىكى سىياسىي كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن، بۇلار قارا شەھەرگە كەلگەندە، قارا شەھەردىكى مائارىپ بۆلۈمى ئەخمەت پاسارنى كىچىككەن دەپ ئۇنى قارا شەھەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇشقا ئېلىپ قالغان. ئەخمەت پاسار بۇ مەكتەپتە 1949 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇغان. شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن، يەنى 1950 - يىلى 2 - ئايلاردا، ئەخمەت پاسار ئانا يۇرتى چەرچەنگە قايتىپ بېرىپ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن، ناھىيەدە يېڭىدىن قۇرۇلغان پارتىيە كومىتېتىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. ئەخمەت پاسار ئۆگىنىشكە تىرىشىپ، خىزمەتنى ئاكتىپ ۋە نەتىجىلىك ئىشلىگەچكە، 1951 - يىلى ناھىيە بويىچە بىرىنچى بولۇپ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا، 1952 - يىلى بىرىنچى بولۇپ كوممۇنىستىك پارتىيەگە قوبۇل قىلىنغان، 1951 - يىلى ناھىيەدە ئېچىلغان تەرجىمانلىق كۇرسىدا تۆت ئاي ئوقۇغان. 1952 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1953 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سابىق شىنجاڭ بيورو كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇغان، 1957 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلغان رۇس تىلى كۇرسىدا يېرىم يىل ئوقۇغان، 1989 - يىلى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش بۆلۈمىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن.

ئەخمەت پاسار 1950 - يىلى 9 - ئايدا ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق خەۋەرچى ۋە ئېغىز تەرجىمانى بولۇپ ئىشلىگەن. 1953 - يىلى 12 - ئايدىن 1954 - يىلى 4 - ئايغىچە سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىشخانىسىدا تەرجىمان بولغان، 1954 - يىلى 5 - ئايدىن 1960 - يىلى ئاخىرىغىچە شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر گېزىتخانىسىدا ئىلگىرى - ئاخىر تەرجىمان، مۇھەررىر، قوشۇمچە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1961 - يىلدىن 1963 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتىدا تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1964 - يىلدىن 1969 - يىلغىچە شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە 1971 - يىلدىن 1973 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى «7 - ماي» كادىرلار مەكتىپىدە ئەمگەك قىلىپ چېنىققان، بۇ جەرياندا ئۆگىنىش ۋە بىلىم ھاسىل قىلىشنى ئېغىشماي داۋاملاشتۇرغان. 1973 - يىلى ئاخىرىدا خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، 1976 - يىلى 12 - ئايغا قەدەر، دەسلەپ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ نەشرىيات سىستېمىسىدا، كېيىن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1976 - يىلى 12 - ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن بېيجىڭغا يۆتكىلىپ، دەسلەپ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە مۇئاۋىن مۇدىر ۋە مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1986 - يىلى 9- ئايدا مەركەزدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋە نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1999 - يىلى 6 - ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

ئەخمەت پاسار رەسمىي تەرجىمانلىق ۋە نەشرىياتچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن تاشقىرى، قوشۇمچە بىرمۇنچە ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان: جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى 1 - قارارىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ - مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى مىللەتلەر تەرجىمە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ئۈن - سىن جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك 9 - ۋە 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى نەشرىيات ۋە تەرجىمە ئالىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك كىتاب مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (ئىككى قېتىم)، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر - چياۋمىنلار (مۇھاجىرلار) كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تىل- يېزىق خىزمەت كومىتېتى (ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى)نىڭ تەكلىپلىك ئالىي ئوقۇتقۇچىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.


ئەخمەت پاسارنىڭ تەرجىمانلىق ھاياتى
ئەخمەت پاسارنىڭ تەرجىمانلىق ھاياتىنى خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقتىدىن تارتىپ باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ، يەنى شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىنكى 1950 - يىلى چەرچەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ناھىيە بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، زومىگەرلەرگە، ئىشپىيونلارغا ۋە خىيانەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش ھەمدە دېھقانلارغا سىنىپىي تەربىيە ئېلىپ يېزىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان، شۇ چاغدا ئەخمەت پاسار ناھىيەلىك پارتكومدىكى خەنزۇ كادىرلار ۋە ئازاتلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى بىلەن بىللە ئاشۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. ئەخمەت پاسار قارا شەھەر دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان چاغدا ئۆزلەشتۈرگەن خەنزۇچە سۆزلەردىن پايدىلىنىپ، خەنزۇ كادىر - جەڭچىلەر بىلەن ئۆزئارا سۆزلىشىش ۋە ئانچە - مۇنچە تەرجىمانلىق قىلىش يولى بىلەن بىرئاز چېنىققان ۋە مەشىق قىلىپ ماڭغان. تەرجىمە ئارقىلىق دېھقانلارغا سىنىپىي تەربىيە ئېلىپ بارغان، ئىنقىلابىي داۋلىلارنى چۈشەندۈرگەن، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە ئازادلىق ئارمىيەنىڭ «3 چوڭ ئىنتىزام، 8 دىققەت»ىنى تەشۋىق قىلغاندىن كېيىن، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ سىنىپىي ئېڭى ۋە ئۆز - ئۆزىگە خوجايىن بولۇش ئېڭىنىڭ ناھايىتى تېز ئۆسكەنلىكىنى، پارتىيە بىلەن دۆلەتنى ھىمايە قىلىش ھېسسىياتىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرگەن ئەخمەت پاسار تەرجىمانلىق خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان،  تەرجىمانلىق كەسپىنىڭ پارتىيە بىلەن دۆلەتنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ئوبدان چىقىشىپ ئۆتۈش مۇناسىۋىتىنى ئاشۇرۇشتا، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق - تەرەققىيات ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشتە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ شۇ تونۇشنىڭ تۈرتكىسىدە، تەرجىمانلىق كەسپىگە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلىپ ۋە بۇ كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، تەرجىمانلىق ئىقتىدارىنى پىششىق ئىەىلەش، تەرجىمانلىق ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، قاتتىق تىرىشىپ ئۆگىنىشكە كىرىشكەن، بىر تەرەپتىن پېشقەدەم تەرجىمانلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلاردىن تارتىنماي تەلىم ئالغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرچە  - خەنزۇچە گېزىت - كىتابلارنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنگەن، ئۆگەنگەن يېڭى سۆز - ئىبارىلەرنى خاتىرىلەپ نەچچە كىچىك دەپتەرنى تولدۇرغان ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ ماڭغان. ئەخمەت پاسارنىڭ دەسلەپكى تەرجىمانلىق پائالىيەتلىرى ھېسابقا ئېلىنسا، ئۇ تەرجىمانلىق كەسپىنىڭ ئەگرى - توقاي يوللىرىدا 70 نەچچە يىل قەدەم باسقان بولىدۇ. ئەخمەت پاسار تەرجىمانلىقنى ئۆگىنىش ۋە ئېلىپ بېرىشتا كىچىكتىن چوڭغا، ئاساندىن تەسكە، ئاددىدىن مۇرەككەپكە قاراپ يۈكسىلىش يولىنى تۇتۇپ، ئاۋۋال كىچىك ھېكايە، ئوچېرىك، ئوپېرا ۋە ئاممىباب شېئىرلارنى، ئاددىي، راۋان ئەدەبىي، نەزەرىيەۋى ماقالە ۋە كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ ۋە تەھرىرلەپ چېنىقىش ئارقىلىق تەرجىمانلىق ۋە تەھرىرلىك ئاساسىنى چىڭىتىپ بارغان. كېيىنچە بارا - بارا قىيىن ۋە مۇرەككەپ، پوۋېست، رومان، دىراما، قەدىمىي ۋە يېڭى شېئىر قاتارلىق يىرىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، ماركسىزملىق كىلاسسىك سىياسىي ئەسەرلەرنى ۋە دۆلىتىمىزدىكى پرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ سىياسىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە تەرجىمىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش بىلەن شۇغۇللانغان. مەسىلەن ئۇ باشتا «شاھىت بوۋاي»، «قاناتلىق خەت»، «5 - نومۇرلۇق ۋاسكىتبولچى ئايال»، «ھايات ۋە مامات»، «ئىككى ئەۋلات» (ئوپېرا)، «ئېكۋاتوردىكى جەڭ ساداسى»، «جەڭگىۋار شىنجاڭ»، «گۈزەل شىنجاڭ»، «ئۆي خوجايىنى»، «باش باھادىكى فېۋرال»، «ۋەتەنگە تەلپۈنگەن توققۇز قىزىل يۈرەك»، «ئەگىپ ئاققان چوڭ دەريا»، «كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش پونكىتى»، «لېڭ فېڭ خاتىرىسى»، «ئېگىزلىك شامىلى»، «توپچى چولپاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» دېگەنگە ئوخشاش نەچچە ئونلىغان ھېكايە، كىنو ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان، «ئۆي خوجايىنى» دېگەن تەرقىمىسى 1983 - يىلى 12 -ئايدا شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «كۆۋرۈك» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان ئەدەبىي تەرجىمىلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە مۇنەۋۋەر تەرجىمە باھالىنىپ، 1 -دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.


ئەخمەت پاسار «ئۇزۇن سەپەر قەھرىمانلىرى»، «قىزىل قىيا»، «جىنايەت ۋە نەپرەت» (پاكىستان رومانى)، «باھادىر شاھ لى زىچېڭ» (3 - توم 1 - كىتاب)، «دەرۋىش غوجىنىڭ ساياھەت خاتىرىسى» قاتارلىق رومانلارنى ئۆز ئالدىغا تەرجىمە قىلغان، بۇ تەرجىمىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. «قىزىل قىيا» رومانىنىڭ تەرجىمىسى 3 قېتىم، «جىنايەت ۋە نەپرەت» رومانىنىڭ تەرجىمىسى 5 قېتىم قايتا نەشر قىلىنغان.


ئەخمەت پاسار دۆلىتىمىزنىڭ «سۇ بويىدا» دېگەن كىلاسسىك روماننىڭ تەرجىمىسىگە قاتناشقان ۋە بىرىنچى تومدىكى نەچچە يۈزلىگەن شېئىر ۋە نەسرىي نەزملەرنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. يەنە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، «باھادىر شاھ لى زېچىڭ» رومانىنىڭ بىرىنچى توم ئىككى كىتابىنى تەرجىمە قىلغان ۋە پۈتۈن تەرجىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەخمەت پاسار «رەھبەرلىك ئىلمىي ئاساسلىرى»، «زامانىمىزدىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسى»، «قانۇن ساۋاتلىرى»، «گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ۋە ئاقىۋىتى»، «پاراسەتنامە»، «سۇنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى»، «ئويلاش ۋە ئىشلەش» قاتارلىق ھەجمى يىرىك كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان.

ئەخمەت پاسار نەچچە يىللاپ تىرىشىپ ۋە ئىزدىنىپ «ماۋ زېدۇڭ شېئىرلىرى»دىن بىر يۈز ئون نەچچىنى يېڭىدىن تەرجىمە قىلغان. «تيەنئەنمېن شېئىرلىرى»دىكى «قەبرە تاختىسى» دېگەن نەزمنى تەرجىمە قىلغان. جيايىنىڭ «چۈي يۈەنگە تەزىيە» دېگەن شېئىرىنى ۋە «شامال قوشىقى» دېگەن خەنزۇچە كىلسسىك شېئىرىنى چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىلغان.

ئەخمەت پاسار مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى ئۈستىگە ئېلىپ، «ياشلىق ناخشىسى»، «چەكسىز ئورمان، قارلىق دالا» دېگەن رومانلارنىڭ تەرجىمىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بەرگەن، ئۇنىڭدىن باشقا «سەنلىۋەن كەنتىدە»، «جەنۇبتىن خەت»، «نۇرلۇق قىرغاق»، «مۇھەببەت يولى»، «تۈرگېنىف ئەسىرى»، «ئۆمۈر داستانى»، «سەيپىدىن ئەزىزى ئەسلىمىسى»، «لۇشۈن زاۋېنلىرى» (ئىككى قىسىم)، «لۇشۈننىڭ ھېكايە، نەسر ۋە شېئىرلىرى»، «لۇشۈن خەت  - چەكلىرى»، «شىنجاڭ يىلنامىسى»، ئۇيغۇرچە «پۇل مۇئامىلە قامۇسى»، «دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇلۇغ تىلسىمات»، «مىللىي خىزمەتكە دائىر ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت»، «ئىسمايىل ئەھمەت ئەسىرى»، «يەرلىك ئورۇندىن مەركەزگىچە»، «ئەدەبىيات لۇغىتى»، «ئۇيغۇرچە جۈپ سۆزلەر لۇغىتى»، «تاش ئاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى» قاتارلىق كىتابلارنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئەخمەت پاسار تەرجىمىسىگە قاتناشقان ۋە تەرجىمىسىنى ئاخىرقى قېتىم تەكشۈرۈپ بېكىتكەن كىلاسسىك ئەسەرلەر ۋە باشقا يىرىك سىياسىي ئەسەرلەر تۆۋەندىكىچە: «ماركىس -ئېنگلىس تاللانما ئەسەرلىرى (2 - توم)، «لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى» (1 - ۋە 3 - توم)، «ماركىسنىىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنەيلى»، «ستالىن تاللانما ئەسەرلىرى» (1 - ۋە 2 - توم)، «ماۋ زېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى ئۇيغۇرچە 3 - نەشرى 4 توم»، «ماۋ زېدۇڭ خەت - چەكلىرى»، «ليۇشياۋچى تاللانما ئەسەرلىرى» (1 - ۋە 2 - توم)، «جۇ ئېنلەي تاللانما ئەسەرلىرى» (1 - ۋە 2 - توم)، «چېن يۈن ماقالىلىرىدىن تاللانما» (1 - ۋە 2 - توم) «دېڭ شياۋپىڭ ماقالىلىرىدىن تاللانما» (3 توم)، «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 10 - قۇرۇلتىيىنىڭ ھۆججەتلىرى»، «كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەربىيەلىنىشى»، «پارتىيە ئەزالىرىنىڭ 3 تۈرلۈك تەربىيەسىگە دائىر ئوقۇشلۇق»، «ماركسىزملىق ئۇلۇغ ھەقىقەت نۇرى ئالغا بېسىش يولىمىزنى يورۇتماقتا»، «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»، «ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي، ليۇ شياۋچى، جۇدې: سوتسىيالىستىك مەدەنىيلىك توغرىسىدا»، «6 - بەش يىللىق پىلاننىڭ تولۇق تېكىستى».

ئەخمەت پاسار 5 -، 6 -، 7 - ۋە 8 -، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىمى مۇھىم ھۆججەتلەر تەرجىمىسىنى ئاخىرقى قېتىم تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئەخمەت پاسار خەنزۇ، رۇس مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىنىدىغان خەنزۇچە - رۇسچە - ئۇيغۇرچە سۆزلۈك» دېگەن لۇغەتنى تۈزگەن.

ئەخمەت پاسار ياش تەرجىمە ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەرجىمانلىق سەۋىيەسى ۋە تىلدىن توغرا پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تەرجىمانلىق بىلەن ئۇنداق مۇددەت شۇغۇللىنىش جەريانىدا ۋە تىلدىن پايدىلىنىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرى ۋە ماھارىتىگە ئاساسەن مەركەزدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇر بۆلۈمى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيغۇر بۆلۈمى، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى تەرجىمانلىق كۇرسى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى تەرجىمان، تەھرىر خادىملارغا ھەمدە شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە شىنجاڭ تىل - يېزىق كومىتېتى - تەرجىمانلىق ئىدارىسى كۆپ قېتىم ئۇيۇشتۇرغان تەرجىمانلىق كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرىغا لېكسىيە سۆزلەشتىن تاشقىرى، بىر قىسىم ئىلمىي مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى ۋە كىتابلارنى يازغان، مەسىلەن، «ماركس - ئېنگلىز تاللانما ئەسەرلىرىدىكى بىر قىسىم سۆز - ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز -ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا»، «چەت ئەل ئادەم ئىسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلىشى ھەققىدە»، «法人 » دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە، «审计» ۋە «自然人» دېگەن سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىش ھەققىدە»، «تەرجىمىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇن - قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىش توغرىسىدا»، «ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىشىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا»، «法治,人治 » دېگەن سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا»، «تەرجىمىدە ئۆلۈكتىن ساقلىنايلى»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى سۈپەت ياسىغۇچى <چان>نىڭ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە» قاتارلىق مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى يېزىپ، بەزىلىرىنى كىتاب ۋە ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان، بەزىلىرىنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇغان ۋە دەرس قىلىپ سۆزلىگەن. «جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى»غا بېغىشلاپ ماقالە يازغان، «جۇڭگو ئوقۇشلۇقى»، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار» دېگەن خەنزۇچە ئىككى كىتابنى تەكشۈرۈپ باھا يازغان، ئەخمەت پاسارنىڭ «تەرجىماننىىڭ ئىزدىنىشى» دېگەن 350مىڭ خەتلىك ئىجادىي كىتابى 2007 - يىلى، «ئىلھام ئۇچقۇنلىرى» دېگەن 300 مىڭ خەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە شېئىرلار توپلىمى 2013 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

ئەخمەت پاسارنىڭ ئىش - ئىزلىرى «شىنجاڭ گېزىتى»، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، «كروران» ژۇرنىلى، «كۆۋرۈك» ژۇرنىلى، «جۇڭگو ئاخبارات گېزىتى»، «جۇڭگو مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى»، «ئاسىيا كىندىكى گېزىتى»، «ھازىرقى جۇڭگو مىللەتلەر ژۇرنىلى»، «جۇڭگو مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ژۇرنىلى» ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق سەھىپىلەردە تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە «جۇڭگو نەشرىياتچىلار ئىسىملىكى لۇغىتى»، «جۇڭگو تەرجىمىشۇناسلار لۇغىتى»، جۇڭگو ھۆكۈمەت ئورگانلىرى رويخېتى، «جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر لۇغىتى»، «زامانىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئادەم ئىسىملىك لۇغىتى»، «دۇنياۋى داڭلىق شەخسلەر رويخېتى» قاتارلىقلاردا تەرجىمىھالى بېرىلگەن. ئەخمەت پاسار ئىلگىرى - ئاخىر «نەشرىياتچىلىق بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللىنىپ، ئىجابىي تۆھپە قوشقانلار»، «مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى بىلەن 25 يىل شۇغۇللانغانلار»، «شىنجاڭدا 30 يىل خىزمەت قىلغانلار»، «مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن 39 يىل پىدائىي بولۇپ ئىشلىگەنلەر» دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇ 1985 - يىل ئالىي مۇھەررىر ئۇنۋانىغا، 1993 - يىلىدىن باشلاپ گوۋۇيۈەننىڭ ئالاىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدىغان مۇتەخەسسىس شەرىپىگە، 2004 - يىلى 11 - ئايدا مەملىكەت بويىچە مۆتىۋەر تەرجىمە مۇتەخەسسىسى» دېگەن نامغا، 2022 - يىلى 4 - ئايدا دۆلەتلىك تەرجىمانلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەرجىمە مەدەنىيىتى بويىچە ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئەخمەت پاسار قازاقىستاننىڭ ئالماتا، چىمكەنت، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، پاكىستاننىڭ كاراچى، ياپۇنىيەنىڭ توكيو، كوئوتو، ئوساكا، شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولىم، شىۋېتسارىيەنىڭ بېرنى، جەنۋە، لوساڭ، فىرانسىيەنىڭ پارىژ، ئىسپانىيەنىڭ بارسلونا، نورۋىگىيەنىڭ ئوسلو، دانىيەنىڭ كوپىنھاگىنشەھەرلىرىدە ئېكىسكۇرسىيە-زىيارەتتە بولۇپ، دۇنيانىڭ تۈرلۈك يېڭىلىقلىرىنى كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.


مەنبەسى: باشكارىز سالونى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك