كىم قويدى (شېئىر)

 

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم 


جېنىم بىر دانىدۇر، مىڭ جان بولۇپ ئۆتمەكنى كىم قويدى؟

دىلىمنى ئۇشبۇ جانىمدىن يۇلۇپ سۆكمەكنى كىم قويدى؟


ئۆزۈمگە چوغ تاپالمايمەن، ئىشىك چەكسەم ئاچالمايمەن،

بولۇپ گۈلخان بىراۋلارغا كۆيۈپ ئۆچمەكنى كىم قويدى؟


بەھەيۋەت ئاقسىمۇ دەريا ماڭا كەلگەندە توختارمىش،

تۇتۇپ باقمايلا بۇرنۇمنى چۆمۈپ چۆكمەكنى كىم قويدى؟


قېنىدا بولمىغانلار ھېچ كۆيۈم بەرمەس، ۋاپا كەلمەس،

غېمىمنى يېمىگەنلەردىن ئۈمىد كۈتمەكنى كىم قويدى؟


كۆڭۈلچەك بولغىچە گالۋاڭ، ساراڭ بولغانمۇ ياخشىكەن،

ئېچىپ باغرىمنى بارىمنى تامام تۆكمەكنى كىم قويدى؟


«چاۋاك بىر قولدا چىقمايدۇ» دېسە باش چايقىدىم، ئەپسۇس،

مېھىر بىلمەس نادانلارغا كۆيۈپ سۆيمەكنى كىم قويدى؟


تېپىپ ئەقلىمنى، ھۆرمەتسىز بوسۇغا ئالدىدىن ياندىم،

ئۆزۈمنى ئۇنتۇبان ياتقا كۆڭۈل بۆلمەكنى كىم قويدى؟


2026-10-19

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك