تۇيۇقسىزلا (شېئىر)
تۇيۇقسىزلا كىرىپ قالسام خىيالىڭغا،
مەن ھىدلىغان چاچلىرىڭنى تارارسەنمۇ؟
تارى ئۈزۈك راۋابىمدەك غېرىبسىنىپ،
قول تۇتۇشۇپ ماڭغان يولغا قارارسەنمۇ؟
ئاشىقلارنى ئايلاندۇرۇپ باغرىتاشقا،
باقمايدىكەن سۆيگۈ دېگەن ئىككى ياشقا،
غەملىرىڭنى ئېيتالماستىن قاراقاشقا،
ئۇزۇن تۈندە سەنمۇ مەندەك چانارسەنمۇ؟
ئايرىلساقمۇ ئوخشاش بىزنىڭ خىيالىمىز،
دەردتىن قاداق چۈشكەن كۆڭۈل پىيالىمىز،
بىر بولۇشقا بولمىغاچ ھېچ ئامالىمىز،
كونا دەردنىڭ سايىسىدە قالارسەنمۇ؟
گۈزەل ياشلىق پەيزىنى تەڭ سۈرۈشكەنتۇق،
مۇھەببەتنىڭ ئوتىدا ھەم كۆيۈشكەنتۇق،
گاھ يىغلىشىپ گاھى خۇشال كۈلۈشكەنتۇق،
شۇ كۈنلەرنى جانىم ئەسكە ئالارسەنمۇ؟
Yorumlar
Yorum Gönder