بەش پارچە تۇيۇق (شېئىر)

 

ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى


1

بىغۇبار قەلبىمگە بىر قىز ئىسمىنى ئالدىم چېكىپ،

شىركەيىپ يۈردۈم ئۇنىڭ ئىشقىدا،گاھ ھەسرەت چېكىپ.

قىلدى ئىزھارىمنى رەت،ئەتتى ماڭا كۆڭلى ئىشىك،

مەنمۇ ھەم كەچتىم، ئىشىكنى يۈرمىدىم تەكرار چېكىپ.


-2026يىلى 11-ماي ئۈرۈمچى


2

قىينىدى ھىجران نىگار،سەنسىز بېشىمغا چۈشتى كۈن،

بولدى كەچ مىسكىن سىياقتا،ئاتتى تاڭ،چۈش بولدى كۈن.

ئاخىرى بولدى ئازاد كۆڭلۈم جۇدالىق دامىدىن،

سۆيگۈمىز ئاسمانىدا پارلاپ بۈگۈن يۈز ئاچتى كۈن.


-2026يىلى 11-ماي ئۈرۈمچى


3

يار مېنى ئەيلەپ غېرىب،«ۋەسلىم ئۈچۈن غەم يەڭ» دېدى،

«ئىككىمىز بىر-بىرىگە خوپ كەلمىگەن تون، يەڭ» دېدى.

«كەچ» دېدى ئەقلىم، قىسىپ كۆز«كەل» دېدى سۆيگۈمۇ ھەم،

يەڭدى ئەقلىمنى كۆڭۈل، سۆيگۈ تەرەپكە يەڭدىدى.


-2026يىلى 15-ماي ئۈرۈمچى


4


مەيلى ئىشقىمنى سىنا، ئاتەش دېڭىزغا سال مېنى،

قۇتقۇزۇپ ئال ۋەلېكىن مېھرىڭنى ئەيلەپ سال مېنى.

ئەيلىدىڭ زار كۆكلىتىپ تەنھالىقمدىن نالىلەر،

يەش پىراقىڭ تاشلىغان بوينۇمدىكى قىل سالمىنى.


2026-يىلى 30-سېنتەبىر ئۈرۈمچى


5

قارا دىلبەر، ئۆزۈم ئاددىيغىنە ئىنسانغۇ بىر باشلىق،

جاھانچە دەرد، جاپايىڭغا نېتەيكىم تولدى بۇ باش لىق.

قېنى بەھرى مۇھەببەتنىڭ؟ سىقىلدىم، چارچىدىم چەندان،

بۈيۈك قەدرىمگە، ئەركىمگە سېنى سايلاپتىمەن باشلىق.


2026-يىلى 30-سېنتەبىر ئۈرۈمچى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك