مەن ئۆزۈمگە يېتىپ ئاشىمەن (شېئىر)


ئايگۈل ناسىر ياسىمەن


گاھ خىلۋەتتە سۈزۈك بۇلاقمەن،

گاھى دېڭىز كەبى تاشىمەن.

كېرەك ئەمەس تامچە سۈيۈڭلار،

مەن ئۆزۈمگە يېتىپ ئاشىمەن.


مەيلى مېنى جورۇپ ساراڭغا،

ئۈلپەت قىلماي ئەخلەت پاراڭغا،

يۈرسەڭلاركەن تەگمەي يارامغا،

مەن ئۆزۈمگە يېتىپ ئاشىمەن.


ھاجىتىم يوق ساختا كۈلۈشكە،

زورلىماڭلار قاپاق تۈرۈشكە،

كۆنەلەيمەن يالغۇز يۈرۈشكە،

مەن ئۆزۈمگە يېتىپ ئاشىمەن.


يۇلىماڭلار سۇمبۇل چېچىمنى،

سىلاپ قويغان بولۇپ بېشىمنى،

سۈرتەلەيمەن ئۆزۈم يېشىمنى،

مەن ئۆزۈمگە يېتىپ ئاشىمەن.


كۈلكەڭلاردا يۇشۇرۇن نەيرەڭ،

نىقابىڭلار ھەرخىل، رەڭمۇ- رەڭ،

سىلەر بىلەن ماڭالمايمەن تەڭ،

مەن ئۆزۈمگە يېتىپ ئاشىمەن.


پۈتۈندۈرمەن، يوقتۇر ھېچ كېمىم،

ئۆز ئۆيۈمدە بىر بۇردا نېنىم،

سلەرسىزمۇ يۆلەكلىك تېمىم،

مەن ئۆزۈمگە يېتىپ ئاشىمەن.


ياشىغۇم بار پىنھانلىرىمدا،

يالغۇز ئەركىن تىنغانلىرىمدا،

ئۆزۈمنى خان قىلغانلىرىمدا،

مەن ئۆزۈمگە يېتىپ ئاشىمەن.


سورۇنلارغا تارتمىساڭلارچۇ،

ئاراڭلارغا قاتمىساڭلارچۇ،

غەيۋەتلەرگە چاتمىساڭلارچۇ،

مەن ئۆزۈمگە يېتىپ ئاشىمەن...已无更

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك