مۇھەببەتنىڭ ئېلىپبەسى (شېئىر)

 

مەمەتجان مەسئۇت ھەبىبى


سۆيۈلگەندە گۈزەل ئاتىلىپ،

ھىجرانىدا ئازاب دېيىلەر.

مۇھەببەت ئۇ شۇنداق بىر تۇيغۇ،

گاھ ئاچچىق، گاھ شېرىن بىلىنەر.


قىيناغىغا چىداپ بولالماس،

باش ئېگىدۇ مەن-مەن دېگەنلەر.

مۇھەببەتنىڭ سىر-ئەسرارىنى،

يوقتۇر تېخى تامام بىلگەنلەر.


ئۇلىنىدۇ تارىخى بەلكىم،

بۇ ھاياتلىق باشلانغان كۈنگە.

ئىنسانغىلا خاس ئەمەس، ھەتتا

ئاشىق دەيدۇ بۇلبۇلنى گۈلگە.


ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،

تەشۋىشلىرى، غەشلىكلىرىدىن.

كىرمەك بارۇ ئىشق قەسرىگە،

چىقماق يوقتۇر ئىشىكلىرىدىن.


يىغلاپ تۇرۇپ كۈلىمىز بەزەن،

كۆيۈپ تۇرۇپ سۆيىمىز يەنە.

بىر لەھزىلىك خوشاللىقىنى،

قامۇس، داستان قىلار تەنتەنە.


تەنبىھلەرگە قالىمىز تەكرار،

ئاڭلاپ تۇرۇپ ئىبرەت دەرسىنى.

بەلكىم مەڭگۈ تۈگىتەلمەيمىز،

مۇھەببەتنىڭ ئېلىپبەسىنى.


2026/10/08

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك