پۇللىرىڭنى سۈيلىمە (شېئىر)


(ساتىرا)

ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى


سۈيلىشىڭگە كۆپ باھانە، كېلىسەن دەپ ھەرنېمە،

ئۆيلىۋال ئوغلۇڭنى چاققان، مەن دېدىممۇ ئۆيلىمە؟

ئالتە مىڭ دەيسەن قەرزنى، قېنى ئىسپات؟ جۆيلۈمە!

ماختىساڭ ماختا مېنى، غەيۋەتلىرىڭدە «كۈيلىمە،»

بولما چۈپەي، ئىككى تۆت تال پۇلنى ئەمدى سۈيلىمە.


ئالتە مىڭ تۇرماق، بېرىشكە ئالتە موچەن يوق ساڭا،

چەك ئەلەم- تەشۋىش، ياراشمايدۇ خۇشاللىق، زوق ساڭا،

رەنجىسەڭ مەندىن ئەگەر، مەنمۇ قىلارمەن دوق ساڭا،

تىللىساڭ مەنمۇ تىلىمدىن ياغدۇرارمەن پوق ساڭا،

سۈيلىشىڭنىڭ كەينى جاڭجال، پۇلنى ئەمدى سۈيلىمە.


سورىسام پۇل، يوق دېمەي بەرگەندىكىن خوپ بولدى شۇ،

ھە شۇڭا ئاچچىق يۇتۇپ، زەردابقا باغرىڭ تولدى شۇ،

كۆڭلىدىن بىلسەڭ پېقىر ئىنسابنى پاكىز يۇلدى، شۇ،

بۈگۈنى ئالدىم پۇلۇڭنى، ئەتىسى ئۇنتۇلدى شۇ،

ئېيتقىنىڭنى ئۆزگىدىن ئال، پۇلنى ئەمدى سۈيلىمە.


مەن ئېشەك، يەيمەن قىلىپ مەززە پۇلۇڭ يۇمران بېدە،

تېپىمەن مەيدەڭگە ئاندىن، بولغۇسى باغرىڭ زېدە،

يانفۇنۇم ھۇشسىز، يوقايمەن گاھ دېرەكسىز جىممىدە،

گەپ ئالالماي، نەپ تېخى، قىلغاي يۈرەكىڭ چىممىدە،

جاننى ئال، يوق مەندە پۇل- مال، پۇلنى ئەمدى سۈيلىمە.


پۇلنى مىڭ- مىڭلاپ ئېلىپ سەندىن، بۇ يانچۇققا سېلىپ،

قايتۇرارمەن خۇشلۇقۇم تۇتقاندا يۈز سومدىن بېرىپ،

شۇمۇ چوڭ ئىش، بول خۇشال، رەھمەت ئوقۇپ قالما ھېرىپ،

خەجلىگىن گويا داداڭدىن خەجلىگەندەك پۇل ئېلىپ،

ئۆتنىنى يادىمغا ئاز سال، پۇلنى ئەمدى سۈيلىمە.


ھە دېسە قايتۇر دېدىڭ، بولمامدۇ بىر تارتساڭ ئىزا؟

شۇ سەۋەبلىك ئارىمىزدا ئاقىۋەت ئۈندى نىزا،

ھەر كۈنى يېسەڭ بولاتتى سەۋرنى ئەيلەپ غىزا،

بەك بىزار قىلدىڭ، پۇلۇڭنى ئەمدى بەرمەيمەن تازا،

مەن مۇشۇنداق پەس، بىلىپ قال! پۇلنى ئەمدى سۈيلىمە.


ئۆتكىچە ئىلكىمگە پۇل ھەيۋە خۇيۇمغا ئىدى يات،

ئەمدى مەن نوچى، ئېغىز ئاچقاندا قىلغىن ئېھتىيات،

كۈتكىچە مەندىن پۇلۇڭنى كۈت ئۆلۈكتىن ئىلتىپات،

يەپ پۇشايمان ئۆلگۈدەك، دەيسەن تېخى مىڭ پەندىيات!

بولدىمۇ ئەقلى- ھۇشۇڭ لال؟ پۇلنى ئەمدى سۈيلىمە.


ئويلىساڭچۇ پۇللىرىم تەگسىز قۇدۇققا چۈشتى دەپ،

بۇزمىغىن پەيلىڭنى بۇنچە ئەمدى سەۋرىم توشتى دەپ،

سېنى ئويلايتتىم ئۆزۈمنىڭ ئەڭ قەدىردان دوستى دەپ،

تاقىتى كەڭرى، ئاجايىپ مەرد جانابنىڭ پۇشتى دەپ،

بولدى قاخشاپ ئېيتمىغىن ھال، پۇلنى ئەمدى سۈيلىمە.


خويمۇ ئەسقاتتىڭ ماڭا قالغان چېغىمدا تەمتىرەپ،

ۋەلكېن قايتۇر دېمەي، بولسا بېرىپ تۇر ئۈستىلەپ،

يۈتتى خاتىرجەملىكىم پۇل سۈيلىشىڭدىن ئەنسىرەپ،

قايتۇراي چىقسا غەربتىن كۈن پۇلۇڭنى ھەسسىلەپ،

ئاڭغىچە بولسۇن تىلىڭ بال، پۇلنى ئەمدى سۈيلىمە.


مەن بېرەي قانداق قىلىپ؟ بولسا سېنىڭ ھالىڭ خاراب،

قايتۇرۇپ بەرسەم پۇلۇڭنى مەن يېمەمدىم گۆش- كاۋاپ؟

قاخشىماي كۈتسەڭ بولاتتى يىل، ئەسىرلەرنى ساناپ،

ئاغرىدى ئازراق ئىچىم غەمكىن چىرايىڭغا قاراپ،

ھەي…بولۇپ كەت مەيلى ئابدال، پۇلنى ئەمدى سۈيلىمە.


سەندىكى يۇمشاق كۆڭۈل قويدى پېقىرنى غاز قىلىپ،

كۈت قىلىپ قىش، كۈزلىرىڭنى، ئەتىيازنى ياز قىلىپ،

بولسا مەندىن نېرى تۇر ئىزدەشلىرىڭنى ئاز قىلىپ،

قولغا ئال- دە، خام تەمە، ئارمانلىرىڭنى ساز قىلىپ،

چال زېرىكمەي بىر ئۆمۈر چال، پۇلنى ئەمدى سۈيلىمە.


-2026يىلى 6-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك