سەھەردىكى سېغىنىش (شېئىر)


ياقۇپ خالىق


تاڭ ئاتتى، يەنە سەن يادىمغا يەتتىڭ،

يار، سېنى سېغىنىش گۈزەل نەقەدەر.

ئۆزۈڭلا بىلمەيسەن ئامراقلىقىمنى،

بىلىدۇ قوياشلىق ھەربىر تاڭ سەھەر.


سۇ بولۇپ ئاققۇم بار مۇھەببەت ئارا،

ئېرىقىڭ، ئۆستىڭىڭ، دەريالىرىڭدا.

شاماللار بەھرىدە چىرمىشىپ كەتسەك،

ئېچىلسام لېۋىڭنىڭ سەلكىن بېغىدا.


ئىزغىرىن قولۇڭنى تۇتار خىيالىم،

چېچىڭنى قويۇۋەت يەلپۈنۈپ تۇرسۇن.

ئۆمۈرلۈك سۆيۈلۈش ئىزدىسەڭ ئەگەر،

ئۈمىدىم – كۆزلىرىڭ مېنىلا كۆرسۇن!


2025-02-02 قاغىلىق

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك