سەنئەتكە ئالاقىدار بىر نەچچە مەسىلە ھەققىدە
مەن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، سەنئەت ھەققىدە يېزىلغان بەزى ماقالىلەرنى ئوقۇپ ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىنى ئاڭلاپ، ئايرىم كىشىلەرنىڭ سەنئەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىدا ئېنىقسىزلىق ۋە خاتالىق بارلىقىنى سەزدىم. بۇ ئەھۋال مېنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى. نەتىجىدە بۇ ماقالىنى يېزىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئورتاقلاشماقچى بولدۇم. ئەگەر كۆز قاراشلىرىمدا خاتالىق بولسا، تۈزىتىش بېرىشىڭلارنى سورايمەن.1. سەنئەت بىلەن ئىلىم-پەننىڭ پەرقى مەسىلىسىمەن ماقالە-ئەسەرلەردە «سەنئەتتىن ئىبارەت بۇ ئىلىم...»، «سەنئەت ئالاھىدە تالانتنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلىم»، «سەنئەت ئىلىم-پەننىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر تارمىقى» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇچراتتىم. روشەنكى، بۇ سۆزلەردە ئېنىق ھالدا، سەنئەتنىڭ ئۆزى بىر ئىلىم، ئۇ ئىلىم- پەننىڭ بىر تارمىقى دەپ تونۇلغان. مەن دېمەكچىمەنكى، سەنئەت ھەرگىز ئىلىم-پەن ئەمەس، ئۇ ئىلىم-پەنگە تەۋە بولمىغان ئاڭ شەكلى.ماركسىزملىق پەلسەپە بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، سەنئەت ئىدېئولوگىيەنىڭ ئالاھىدە بىر خىل شەكلى بولۇپ، ئۇ جەمئىيەتنىڭ قىممەت قارىشى ۋە گۈزەللىك قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ سىياسىي، قانۇن، پەلسەپە قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۈستقۇرۇلما تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بارلىق ئىدېئولوگىيە شەكىللىرى بەلگىلىك كۆز قاراشلارنىڭ يىغىندىسى سۈپىتىدە، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى بازىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ كوللېكتىپلىق، سىستېمىلىق ۋە تارىخىيلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇ بەلگىلىك سىنىپ ۋە گۇرۇھنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇشۇ سىنىپ ۋە گۇرۇھنىڭ ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىلىم-پەنگە كەلسەك، ئۇ ئىدېئولوگىيەگە تەۋە ئاڭ فورمىسى ئەمەس. ئىلىم-پەن تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە تەپەككۇر ھەققىدىكى بىلىم سىستېمىسى، ئۇ ئەمەلىي تەجرىبىلەرنىڭ جەۋھىرى. دېمەك، ئىلىم-پەن شەيئىلەر ھەققىدىكى سىستېمىلىق بىلىمدۇر. ئۇ تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ ۋە بۇ قانۇنىيەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ماددىي ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.ئەكسىچە، سەنئەت گۈزەل ئوبراز ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئېڭىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاڭ فورمىسى. ئۇنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ئوبراز يارىتىش بولۇپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىدىيەۋى كۆز قاراش، مانا مۇشۇ ئوبرازنىڭ ئىچىگە يۇغۇرۇلۇۋېتىلىدۇ. سەنئەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى گۈزەللىك يارىتىش، كىشىلەرگە گۈزەللىكنى تونۇتۇش، كىشىلەردە گۈزەللىك ئېڭى پەيدا قىلىش، كىشىلەرنى گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.سەنئەت بىلەن ئىلىم-پەننى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئۇلار تۆۋەندىكى جەھەتلەردە بىرى-بىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ: بىرىنچىدىن، بۇ ئىككىسىنىڭ ماھىيىتى ئوخشىمايدۇ. ئىلىم-پەن كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشكە بولغان ئىنتىلىشىدىن كېلىپ چىققان، سەنئەت بولسا كىشىلەرنىڭ گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىش ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان. ئىلىم-پەن كىشىلەرنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى بىلىملىرىنىڭ يىغىندىسى، سەنئەت بولسا ئېستېتىك ئىجادىيەتنىڭ يۇقىرى شەكلى. ئىككىنچىدىن، بۇ ئىككىسىنىڭ مەقسىتى ئوخشىمايدۇ. ئىلىم-پەن چىنلىقنى قوغلىشىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى_ شەيئىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىش، ھەقىقەتنى تېپىش. سەنئەت بولسا گۈزەللىكنى قوغلىشىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى_ ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى پائالىيىتىدىكى ئېستېتىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش. ئۈچىنچىدىن، بۇ ئىككىسىنىڭ تەپەككۇر شەكلى ئوخشىمايدۇ. ئىلىم-پەن ئابستراكت تەپەككۇر شەكلىنى، يەنى ئىسپاتلاش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسىلەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىدۇ. سەنئەت بولسا ئوبرازلىق تەپەككۇرنى، يەنى كونكرېت، جانلىق، ھېسسىي ئوبرازنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن، مۇزىكا ئاۋاز ئارقىلىق، ئۇسسۇل بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق، رەسىم رەڭ ئارقىلىق، ھەيكەلتىراشلىق قاتتىق ماتېرىيال ئارقىلىق، ئەدەبىيات تىل ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدۇ. تۆتىنچىدىن، بۇ ئىككىسىنىڭ مەشغۇلات شەكلى ئوخشىمايدۇ. ئىلىم-پەن ئەقلىيلىكنى تەكىتلەيدۇ، شۇڭا شەيئىلەرگە ئوبيېكتىپ، سالماق مۇئامىلە قىلىدۇ، پاكىت توپلاش، تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى نۇقسانسىز، توغرا ئېچىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ. سەنئەت بولسا ھېسسىيلىقنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ سۇبيېكتىپ تۈسى ناھايىتى قويۇق ئىجادىيەت بولۇپ، ئۇنىڭدا پاكىت ئەمەس، بەلكى تەسەۋۋۇر ۋە توقۇلما مۇھىم ۋاسىتە قىلىنىدۇ. بەشىنچىدىن، بۇ ئىككىسىنىڭ نەتىجىسى ئوخشىمايدۇ. ئىلىم-پەن بىلىملىرى ئومۇملۇققا ئىگە بولۇپ، ھەممە كىشىنىڭ قوللىنىشىغا باب كېلىدۇ. سەنئەت ئەسەرلىرى بولسا سەنئەتكارنىڭ شەخسىي ئىجادچانلىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ باشقىلارنى دورىماسلىقنى، باشقىلار بىلەن ئوخشاپ قالماسلىقنى تەكىتلەيدۇ. ئالتىنچىدىن، بۇ ئىككىسىنىڭ رولى ئوخشىمايدۇ. تەبىئىي پەننىڭ نەتىجىلىرى بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلىنىپ، ماددىي مەدەنىيەتنى يارىتىدۇ، ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن بىۋاسىتە ئىشلىتىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما سەنئەت ئەسەرلىرى ئۇنداق ئەمەس، ئۇ كىشىلەرنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىدۇ. ناۋادا، سەنئەتمۇ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالايدۇ دېيىلسە، بۇنداق تۆھپە ۋاسىتىلىك ۋە يوشۇرۇن بولىدۇ.دېمەك، سەنئەت بىلەن ئىلىم-پەن ماھىيەت، مەقسەت، تەپەككۇر شەكلى، مەشغۇلات ئۇسۇلى، نەتىجىنىڭ خاراكتېرى ۋە رولى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىرى بىرىدىن ئېنىق پەرق قىلىدۇ. شۇڭا بىز سەنئەتنى ئىلىم-پەن ھېساپلىيالمايمىز. ئەڭ مۇھىمى سەنئەت تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى سىستېمىلىق بىلىم ئەمەس، شۇڭا ئۇ پەن تۈرىگە كىرمەيدۇ. مەسىلەن، ئۇسسۇلچىلار ئۇسسۇل ئوينىسا، ناخشىچىلار ناخشا ئېيتسا، ئۇلارنى ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ دېسەك، بەك كۈلكىلىك گەپ بولىدۇ. ئوخشاشلا رەسساملارنىڭ رەسىم سىزىشى، ھەيكەلتىراشلارنىڭ ھەيكەل ياسىشى، مۇزىكانتنىڭ مۇزىكا ئىجاد قىلىشى، شائىرلارنىڭ شېئىر يېزىشى، يازغۇچىلارنىڭ ھېكايە-رومان يېزىشىمۇ ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانغانلىق ئەمەس. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئالىملارغا ئوخشاش پاكىت توپلاپ ۋە تەجرىبە ئىشلەپ، مەلۇم شەيئىنىڭ قانۇنىيىتى ھەققىدە ئىزدەنمەيدۇ، بەلكى ئۇلار ئۆز تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ ئوبراز يارىتىپ، ئىنساننىڭ ئېڭى، قىممەت قارىشى ۋە ھېسسىياتىنى نامايەن قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بىز سەنئەت ئەسەرلىرىنى «بەدىئىي ئەسەر»، ئىلىم- پەن ئەسەرلىرىنى بولسا «ئىلمىي ئەسەر» دەيمىز. «بەدىئىي ئەسەر» بىلەن «ئىلمىي ئەسەر»نى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە زادى بولمايدۇ.بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتمەكچىمىز، سەنئەتنى پەن ھېساپلىمىغانلىق ھەرگىز ئۇنى چۈشۈرگەنلىك ئەمەس. بىز ئىلىم- پەن بىلەن سەنئەتنى ئوخشاش دەرىجىگە قويىمىز. ئۇنىڭ بىرسى ئۈستۈن، يەنە بىرسى تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايدۇ. پەقەت بۇ ئىككىسى بىر تۈردىكى ئاڭ ھالەتلىرى ئەمەس، خالاس. ئالىملار جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق تەتقىقات نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. يازغۇچى-سەنئەتكارلارمۇ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىدۇ. بىز ھۇزۇرلىنىۋاتقان ئاشۇ ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا، رەسىم، ھەيكەل، شېئىر ۋە ھېكايە-رومانلار قانچىلىق مۇشەققەتتە ئىجاد قىلىنىدۇ- ھە! بىر مۇزىكانت كۆڭلىدىكىدەك بىر مۇزىكىنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن قانچە كېچىنى تاڭغا ئۇلىۋەتكەنلىكىنى، رەسسام ۋە ھەيكەلتىراش ئېسىل بىر رەسىم ۋە ھەيكەلنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن يېرىم يىل، ھەتتا بىر_ئىككى يىلنى سەرپ قىلىدىغانلىقىنى، بىر شائىرنىڭ بىر مىسرانى جايىغا چۈشۈرەلمەي چاچلىرىنى يۇلۇپ تاشلىغانلىقىنى، بىر يازغۇچىنىڭ رومانىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئۆيگە سولىنىپ، يىللاپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. ناھايىتى ئېنىقكى، سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش خۇددى ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانغانغا ئوخشاشلا چىدام-غەيرەت، ئەجىر-مېھنەتنى تەلەپ قىلىدۇ. سەنئەت مۇشەققەتلىك ئەمگەكنى ۋە بەدىئىي تالانتنى تەلەپ قىلىدىغان ئالاھىدە مەنىۋى مەھسۇلات. شۇڭا ئىلىم-پەن بىلەن سەنئەتنىڭ بىرىنى كۆتىرىپ، يەنە بىرىنى پەسلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، سەنئەت (艺术) پەن ئەمەس، بىراق سەنئەتنى تەتقىق قىلىدىغان سەنئەتشۇناسلىق (艺术学) پەندۇر. بىز «سەنئەت» دېگەندە، ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، كىنو -فىلىم، تېلېۋىزىيە فىلىمى، تور قىسقا فىلىمى، ئەلنەغمە سەنئىتى، سېرك، قورچاق ئويۇنى، بىناكارلىق سەنئىتى، ھۈنەر- سەنئەت، باغچە سەنئىتى، لايىھەلەش سەنئىتى، رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق، فوتو سۈرەت، ھۆسنخەت، شېئىر، نەسر، پىروزا... قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرىنى كۆزدە تۇتىمىز. مانا بۇلار يازغۇچى-سەنئەتكارلار تەرىپىدىن كىشىلەرنىڭ ئېستېتىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان بەدىئىي ئەسەرلەردۇر. ئەمدى «سەنئەتشۇناسلىق»قا كەلسەك، ئۇ سەنئەتنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئىلىمدۇر. ئۇنىڭ بۇ خاراكتېرى ئىلىم-پەننىڭ شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان خاراكتېرى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاشتۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مەلۇم بىر مۇزىكانت مۇزىكا ئىجاد قىلسا، ئۇ ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانغان بولمايدۇ، ئەمما ئۇ مۇزىكا ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ماقالە-ئەسەر يازسا، ئاندىن ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانغان بولىدۇ.سەنئەتنى كەڭ مەنىدىن چۈشەنگەندە، ئەدەبىياتمۇ سەنئەتنىڭ بىر تۈرى. ئۇنى ئادەتتە بىز «تىل سەنئىتى» دەيمىز. سەنئەت پەن ھېسابلانمىغان ئىكەن، ئۇنىڭ بىر تۈرى بولغان ئەدەبىياتمۇ پەن ئەمەس. ئەمما ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىدىغان ئەدەبىياتشۇناسلىق پەندۇر. ئەدەبىياتشۇناسلىق_ ھەرخىل ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرى ۋە قائىدىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پەن. ئۇ ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، ئەدەبىيات تارىخى ۋە ئەدەبىي تەنقىدتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.دېمەك، سەنئەت پەن ئەمەس، بەلكى سەنئەتنى تەتقىق قىلىدىغان سەنئەتشۇناسلىق پەن؛ ئەدەبىيات پەن ئەمەس، بەلكى ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىدىغان ئەدەبىياتشۇناسلىق پەن. بۇ خۇددى تىل پەن ئەمەس، تىلنى تەتقىق قىلىدىغان تىلشۇناسلىق پەن؛ مەدەنىيەت پەن ئەمەس، مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىدىغان مەدەنىيەتشۇناسلىق پەن؛ ئىنسان پىسخىكىسى پەن ئەمەس، ئاشۇ پىسخىكىنى تەتقىق قىلىدىغان پىسخولوگىيە پەن؛ جەمئىيەت پەن ئەمەس، جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىدىغان جەمئىيەتشۇناسلىق پەن؛ ئەخلاق پەن ئەمەس، ئاشۇ ئەخلاقنى تەتقىق قىلىدىغان ئەخلاقشۇناسلىق پەن؛ قانۇن پەن ئەمەس، بەلكى قانۇننى تەتقىق قىلىدىغان قانۇنشۇناسلىق پەن بولغىنىغا ئوخشاش ئاددىي ساۋات!2. چىنلىق سەنئەتنىڭ جېنى دېيىش توغرا ئەمەسيۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، كېلىش مەنبەسى جەھەتتىن ئالغاندا، ئىلىم-پەن كىشىلەرنىڭ چىنلىققا بولغان ئىنتىلىشىدىن كېلىپ چىققان، سەنئەت بولسا گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىدىن كېلىپ چىققان.مەلۇمكى، ئىلىم-پەننىڭ كېلىش مەنبەسى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ قىزىقىشى، بىلىش تەرەققىياتى، مەدەنىيىتى، تارىخى، پەلسەپەسى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئامىل ئىنسانلارنىڭ بىلىشكە بولغان ئىنتىلىشى ۋە قىزىقىشىدۇر. ئىنسانلار ئەزەلدىن تارتىپ، ئۆز ئەتراپىدىكى دۇنياغا قىزىقىپ، تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە، ئالەمنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنى ئىزاھلاشقا ئۇرۇنغان. ئاسمان قانداق پەيدا بولغان؟ قۇياش قانداق پەيدا بولغان، ئۇ نېمە ئۈچۈن شەرقتىن چىقىپ، غەربتە يوقاپ كېتىدۇ؟ ئاي نېمە ئۈچۈن كېچىسى كۆرۈنۈپ، كۈندۈزى كۆرۈنمەيدۇ؟ يۇلتۇز قانداق ھادىسە؟ زېمىن قانداق پەيدا بولغان؟ ئەڭ دەسلەپكى ئىنسان قانداق پەيدا بولغان؟ ئادەم ۋە ھايۋان نېمە ئۈچۈن ئۆلىدۇ؟ دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھ قانداق پەيدا بولغان، ئۇلار نېمە ئۈچۈن كۆكلەيدۇ ۋە قۇرۇيدۇ؟ سۇ، تۇپراق ۋە تاغۇ تاش قانداق ھادىسە؟... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىش دائىرىسىدىكى نەرسە ۋە ھادىسە ئىدى. ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسى تۆۋەن بولغاچقا، بۇ نەرسە ۋە ھادىسىلەرنى ئىنتايىن ساددا، كۈلكىلىك ھالدا چۈشەندۈرگەن. گەرچە بۇ خىل چۈشەندۈرۈش ئىلمىي بولمىغان، خاتا چۈشەندۈرۈش بولسىمۇ، ئۇ كېيىنكى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ۋە ئادەم ھەققىدىكى ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن باشلانغان مانا بۇنداق بىلىشكە بولغان قىزىقىش، ھەۋەس ۋە ئىنتىلىشلەر ئىلىم-پەننىڭ ئۈندۈرمىسى، دەسلەپكى تۇپرىقى بولغان. ئۇ كېيىنكى ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلىم-پەننىڭ پەيدا بولۇشىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكەن. دېمەك، ئىنسانلارنىڭ چىنلىققا بولغان ئىنتىلىشى، يەنى تەبىئەتتىكى ھەرخىل نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىلىشكە، جەمئىيەت ھادىسىلىرىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىلىشكە ۋە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىلىشكە بولغان قىزىقىش-ئىنتىلىشلىرى ئىلىم-پەننىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مۇھىم ئامىل. شۇڭا ئىلىم-پەننىڭ مەزمۇنى راست، ھەقىقىي، چىن بولۇپ، ئۇ ئازراقمۇ ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ. ئەمما سەنئەت كىشىلەرنىڭ چىنلىققا بولغان ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان ئەمەس، بەلكى گۈزەللىككە بولغان ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان. كىشىلەردە گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىش ، گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئېھتىياجى بولىدۇ. بۇنداق ئېھتىياج سەنئەتنى پەيدا قىلغان. گۈزەللىك ۋە ئۇنىڭ ئىپادىسى بولغان سەنئەتكە ئىنتىلىش- ئىنساننىڭ تۇغما ئىنتىلىشى. ئىنسانلار ئەڭ ئىپتىدائىي دەۋرلە ئەپسانە-چۆچەكلەرنى توقۇغان، قىيا تاشلارغا رەسىملەرنى ئويغان، تاش ھەيكەللەرنى ياسىغان. ئىنسانلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان مۇنداق ئېھتىياجى تۇغما ئېھتىياج، مەڭگۈلۈك ئېھتىياج، يوقالمايدىغان ئېھتىياج.دېمەك، سەنئەت بىلەن ئىلىم-پەننىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىياجى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارغا قويۇلىدىغان ئۆلچەم ۋە تەلەپمۇ ئوخشىمايدۇ. بىز ئىلىم-پەنگ چىنلىق ئۆلچىمىنى قويىمىز، يەنى ئۇنىڭ مۇتلەق راست بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەمما سەنئەتكە چىنلىق ئۆلچىمىنى قويساق بولمايدۇ. بىز سەنئەتكە چىنلىقنى ئەكس ئەتتۈرگەنمۇ-ئەتتۈرمىگەنمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا گۈزەللىك يارىتىلغانمۇ-يارىتىلمىغانمۇ دېگەن ئۆلچەمنى قويىمىز. چۈنكى، بىر پارچە ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ھەرقانچە چىن، راست، ھەقىقىي بولۇپ كەتسىمۇ، ئەگەر ئۇنىڭدا گۈزەل ئوبراز يارىتىلمايدىكەن، شۇنداقلا ئۇ گۈزەل شەكىلگە ئىگە بولمايدىكەن، بۇنداق ئەسەرنى بەرىبىر سەنئەت ئەسىرى دېگىلى بولمايدۇ. گۈزەل ئوبرازسىز شەكىلدە رېئاللىق ئىپادىلەنسە، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرىدىن ھېچقانداق پەرقى قالمايدۇ.ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى، بىز «سەنئەت رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى»، «سەنئەت ئەسەرلىرى رېئاللىقنىڭ ئەينىكى»، «رېئال تۇرمۇش سەنئەتنىڭ مەنبەسى» دېگەننى كۈچەپ تەرغىب قىلدۇق. بۇ سۆزدە چوڭ خاتالىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ تەكىتلەنگەنسېرى ئىككىنچى بىر تەرەپنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدۇ. بۇ ئىككىنچى تەرەپ_ سەنئەتنىڭ كۈچلۈك سوبيېكتىپلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. بىزگە مەلۇم، سەنئەت رېئاللىقنىڭ بىۋاسىتە ئىنكاسى ئەمەس، بەلكى سەنئەتكارنىڭ ئېڭىدىكى ئىنكاسى. سەنئەت ئەسەرلىرى ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئىنكاس قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن سەنئەتكارلارنىڭ سۇبيېكتىپ غايىسى ۋە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئوبيېكتىپ ئامىللارغا باغلىق بولۇپلا قالماي، سۇبيېكتىپ ئامىللارغىمۇ باغلىق بولىدۇ. بۇ ئىككى تەرەپ سەنئەتكارنىڭ ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىگە سىڭىشىدۇ ۋە ئۆز ئارا بىرلىشىدۇ. سەنئەت ئىجادىيىتى جەريانى سەنئەتكارنىڭ كۈچلۈك سۇبيېكتىپ روھىنى ئۇرغۇتۇش جەريانى. شۇڭا سەنئەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۆزى بىر خىل ئىجادىي خاراكتېردىكى ئەمگەك. ئۇ بىر خىل ئالاھىدە مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش، ئەركىن ۋە ئاڭلىق ھالەتتىكى ئىجادىي ئەمگەكتۇر. دېمەكچىمىزكى، سەنئەت ئىشلەپچىقىرىشى ئوبيېكتىپ رېئاللىقتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇش سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى. بىراق سەنئەت ئىجادىيىتى يەنە سۇبيېكتىپ ئىجادىيەتتىنمۇ ئايرىلالمايدۇ. پەقەت بىر سەنئەتكار ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋە مول تەسەۋۋۇرىنى ئىشقا سېلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندىلا، ئاندىن ھەم قېنى، ھەم گۆشى بولغان، تەسىرلىك بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتالايدۇ. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، سەنئەت جەزمەن ئوبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپنىڭ بىرلىكى، رېئال تۇرمۇش بىلەن سەنئەتكار قەلبنىڭ بىرلىكى. مانا بۇ ماركسىزملىق سەنئەت قارىشى.شۇنداق، سەنئەت ئىجادىيىتى كۈچلۈك سوبيېكتىپلىققا ئىگە بولىدۇ. سەنئەتكار ئۆزىنىڭ ئېستېتىك كۆز قارىشى ۋە ئېستېتىك ئېڭىغا ئاساسەن، گۈزەل ئوبراز يارىتىدۇ. بۇ گۈزەل ئوبرازدا رېئاللىق ئىپادىلىنىدۇ، لېكىن ئۇ رېئاللىقنىڭ ئەينەن ئىپادىسى ئەمەس. ھەر قانداق سەنئەت ئەسەرلىرى سەنئەتكارنىڭ ئېستېتىك كۆز قارىشى ۋە گۈزەللىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن، سەنئەتكارنىڭ تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق توقۇپ چىقىلىدۇ، قوراشتۇرۇلىدۇ ۋە ئىجاد قىلىنىدۇ. ھەر قانداق مۇنەۋۋەر بەدىئىي ئەسەر ئاشۇ ئاپتورغىلا خاس، يېگانە، تەكرارلانمىغان ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز سەنئەتنىڭ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ كۈچلۈك سوبيېكتىپلىققا، شەخسىي ئىجادىيلىققا، توقۇلما ئوبرازغا، گۈزەل شەكىلگە ئىگە بولىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىشىمىز كېرەك.بۇرۇن ئانچە-مۇنچە ھېكايە يېزىپ، ژۇرناللاردا ئېلان قىلىدىغان بىر تونۇشۇم بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. مەن ئۇنىڭدىن «يېقىندىن بۇيان ھېكايە يازمايدىغان بولۇپ قالدىڭىزغۇ» دەپ سورىدىم. ئۇ «ۋەقە بولمىسا» دەپ جاۋاب بەردى. مەن ھەيران قېلىپ، «سىزگە قانداق ۋەقە لازىم ئىدى» دېدىم. «ھېكايە يېزىش ئۈچۈن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى ۋەقە بولۇشى كېرەك. تۇرمۇشىمىزدا يۈز بەرگەن كونا ۋەقەلەرنى يازغۇچىلار ئاللىقاچان يېزىپ بولدى، ئۇنى قايتا يازغان بىلەن ئوقۇرمەنلەر قىزىقمايدۇ» دېدى ئۇ. بۈ گەپنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ قالدىم. مەن بۇ بۇرادەر ئەدەبىي ئەسەر يازماقچىمۇ ياكى ئاخبارات خەۋىرى يازماقچىمۇ دەپ ئويلىنىپ قالدىم. مەلۇمكى، بۇ بۇرادەرگە «چىنلىق ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ جېنى» دېگەن سۆز قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇشى، ئەدەبىي ئەسەرلەردە چىنلىق ئەكس ئەتمىسە، ئۇنىڭ جېنى بولمايدۇ دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ھېكايىنىڭ توقۇلما ئىكەنلىكىنى، يازغۇچى ئۆزىنىڭ خىيالى بويىچە ۋەقەلىك توقۇپ چىقىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدا راست يۈز بەرگەن ۋەقەلىك ئەمەس، يازغۇچىنىڭ ئېڭى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىگەن. بىز بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسۇلانماي تۇرالمايمىز.دېمەك، مەن سەنئەتتە چىنلىق ئەكس ئېتىدۇ، لېكىن ئۇ سەنئەتنىڭ جېنى ئەمەس، سەنئەتنىڭ جېنى ئۇنىڭ گۈزەللىكىدە، بەدىئىيلىكىدە، ئېستېتىكىلىقىدا دېگەن قاراشتىمەن.ئېستېتىكا ئىلىمى گۈزەللىكنى بەش قىسىمغا بۆلىدۇ. بۇلار: ئوبيېكتىپ گۈزەللىك، ئېستېتىك سەزگۈ، ئېستېتىك ئاڭ، سەنئەت گۈزەللىكى، بەدىئىي زوق. ئوبيېكتىپ گۈزەللىك كىشىلەردە ئېستېتىك سەزگۈنى پەيدا قىلىدۇ، سەنئەتكارلارنىڭ قەلبىدە مۇشۇنداق سەزگۈ ئۇزۇن مۇددەت توپلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئۆزىگە خاس ئېستېتىك ئاڭ شەكىللىنىدۇ. ئېستېتىك ئاڭنىڭ ئىچىدە ئېستېتىك ئۆلچەم مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئېستېتىك ئۆلچىمى بويىچە، بەزى شەيئىلەردىن زوقلىنىدۇ ۋە يەنە بەزى شەيئىلەردىن يىرگىنىدۇ. ئېنىقكى، بۇنداق ئۆلچەم كۈچلۈك سوبيېكتىپلىققا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا بىر كىشىگە ياققان نەرسە يەنە بىر كىشىگە ياقمايدۇ، بىر كىشى گۈزەل دەپ قارىغان نەرسىنى يەنە بىر كىشى خۇنۈك ھېسابلايدۇ. سەنئەتكارلار بولسا، مانا شۇنداق ئۆزىدە شەكىللەنگەن گۈزەللىك ئۆلچىمى بويىچە، ئۆزىنىڭ ئېستېتىك ئېڭى ۋە ئېستېتىك غايىسى بويىچە، يېڭى گۈزەللىك يارىتىدۇ. شۇڭا مەن دەيمەنكى، سەنئەتكار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە يېپيېڭى گۈزەللىك ئىجاد قىلىدۇ. بەزىلەر «سەنئەت گۈزەللىك ياراتمايدۇ، بەلكى ئەسلى گۈزەللىكنى قايتا نامايەن قىلىدۇ» دەيدىكەن. مېنىڭچە بۇ قاراش نادانلارچە قاراش بولۇپ، ئۇ رېئال تۇرمۇش بىلەن سەنئەتنىڭ پەرقىنى يوققا چىقارغانلىق، سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ تەقلىد قىلىش، نۇسخىلاش ئەمەس، بەلكى بۇرۇن زادىلا مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىق، سەنئەتنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنىلا ئېتىراپ قىلىپ، سوبيېكتىپلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇنى ناتۇرال ھادىسە دەپ قارىغانلىق بولىدۇ.3. سەنئەتنىڭ رولى مەسىلىسىئۇنداقتا سەنئەتنىڭ رولى نېمە؟ بەزىلەر سەنئەتنىڭ كىشىلەرگە بىلىم بېرىش رولى بار دەيدۇ، بەزىلەر تەربىيە بېرىش رولى بار دەيدۇ، بەزىلەر سەنئەت كىشىلەرنىڭ كۆز قاراش ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ دېسە، يەنە بەزىلەر سەنئەت كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتەلەيدۇ دەيدۇ، بەزىلەر سەنئەتنىڭ كىشىلەرنى گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلاندۇرۇش رولى بار دېسە، يەنە بەزىلەر سەنئەتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش رولى بار دەيدۇ. دېمەك سەنئەتنىڭ رولى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم رولى يەنىلا ئۇنىڭ ئېستېتىك رولىدۇر. ئېستېتىك رول دېگىنىمىز كىشىلەرگە گۈزەللىكنى تونۇتۇش، كىشىلەردە گۈزەللىك ئېڭى يېتىلدۈرۈش ۋە كىشىلەرنى گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلاندۇرۇش رولىدۇر. مانا بۇ سەنئەتنىڭ تۈپ رولى. ئەلۋەتتە بىز سىمفونىيە ئارقىلىق، ناخشا ئارقىلىق ۋە شېئىر- رومان ئارقىلىق تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدە مەلۇم بىلىمگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. دېمەك، سەنئەت تەبىئەت ۋە جەمئىيەت بېلىملىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئەمما تەبىئەت ۋە جەمئىيەت بىلىملىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش سەنئەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئەمەس. ئۇنداقتا سەنئەتنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ سەنئەتنىڭ ۋەزىپىسى گۈزەللىك يارىتىش، گۈزەللىك ئىچىدە مەلۇم قىممەت قارىشى، ئىدىيە ۋە ئاڭنى ئىپادىلەشتۇر. بىز سەنئەتنىڭ كىشىلەرگە بىلىم بېرىش، تەربىيە بېرىش، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش رولىنى چەتكە قاقمايمىز، بەلكى مەلۇم دەۋردە، مەلۇم تارىخىي مەزگىلدە ئۇلارنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىز. مەسىلەن، بىز بۈگۈن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بەختلىك تۇرمۇشتا ياشاۋاتىمىز، بۇ بەختلىك تۇرمۇشنى كومپارتىيە بىزگە بەرگەن. شۇڭا سەنئەت ئەسەرلىرىدە كومپارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. بىز بۈگۈن مەملىكىتىمىزنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن قۇدرەتلىك پەيتىدە ياشاۋاتىمىز، مەملىكىتىمىزگە بۇ قۇدرەتنى سوتسىيالىستىك تۈزۈمىمىز بەرگەن، شۇڭا ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تېشىۋاتقان سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزنى، ھەرقايسى سەپلەردە قولغا كېلىۋاتقان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۈيلىشىمىز كېرەك، بۇلار بىزنىڭ ۋىجدانىي قەرزىمىز. بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىمىز، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىش، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇش رېئاللىقىنى ئىپادىلىشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇلتاشتەك بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى، قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ تارىخىي بۇرچىمىز. بىز يەنە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل ئەنئەنىۋىي ئەخلاقىنى تەشۋىق قىلىشىمىز، بۇ ئارقىلىق ياشلارنى پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيەلىشىمىز كېرەك. بىراق بۇنداق بىلىم، تەربىيە، تەشۋىقاتلار سەنئەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەندە، ئۇلار گۈزەللىكنىڭ ئىچىگە يۇغۇرۇۋېتىلىشى، سەنئەتتىكى بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق تەبىئىي ئىپادىلىنىپ چىقىشى كېرەك. شۇڭا بىز سەنئەتنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى_ ئېستېتىك رول دەپ قارايمىز. سەنئەتنىڭ بىلىم بېرىش رولى، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش رولى، ئەخلاقىي تەربىيەۋى رولى، كۆڭۈل ئېچىش رولى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېستېتىك رول ئاساسىدا بولىدۇ. ئەگەر سەنئەت ئەسەرلىرى گۈزەللىك ئۆلچىمىگە يەتمىسە، مەزمۇن جەھەتتىن ساغلام ۋە چوڭقۇر پىكىرلىك ئەسەر بولسىمۇ، بەرىبىر ئۇ سەنئەت ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا بىز سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي گۈزەللىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويماي، ئۇنى تەكىتلىمەي، پەقەت ئاكتىپ مەزمۇننىلا تەشەببۇس قىلساق، ياخشى بولمايدۇ. بۇنداق بىر تەرەپلىمە تەشەببۇس سەنئىتىمىزنى جانسىز، قۇرۇق، ھېسسىياتسىز نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئىتىمىز سەنئەت ئەسەرلىرىگە باشتىن ئاخىر «مەزمۇنى ساغلام، شەكلى گۈزەل بولۇش» تەلىپىنى قويۇپ كەلدى. بىز بۇ ئىككى خىل تەلەپنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز، ئۇنىڭ بىرىنى تەكىتلەپ، يەنە بىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.سەنئەت كىشىلەرگە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ ۋە كىشىلەرنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. ئۇ قەدىمدىن بۇيان شۇنداق بولۇپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە بىز سەنئەتكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، ھەرقانداق ۋاقىتتىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. نېمىشكە بىز سەنئەتكە بەك ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىمىز؟ چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە بىز يۈكسەك تەرەققىي قىلغان دەۋردە ، ئەقلىي ئىقتىدار ئومۇملاشقان ۋە ئۇچۇرلاشقان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. بىز ھازىر ماشىنىدەك ئىشلەپ، بەگدەك يەۋاتىمىز. خىزمىتىمىز ئالدىراش، ماددىي تۇرمۇش ئېھتىياجىمىز قانغان، ئەمما مەنىۋى ئېھتىياجىمىز، ئېستېتىك ئېھتىياجىمىز قانمىغان ھالەتتە تۇرۇۋاتىمىز. ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ماشىنىلارنى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇيۇملارنى بىز ياسىدۇق، ئەمما بۇلار بىزنى باشقۇرماقتا. ئىنتېرنېتنى بىز كەشىپ قىلغان، ئەمما ئۆزىمىز ئۇنىڭغا قۇل بولۇۋاتىمىز . بىز ھازىر يەنە ھەرقانداق ئىش قىلىشتا ماددىي مەنپەئەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋاتىمىز. بىرەر ئىش قىلىشتا، بۇ ئىشتىن مەن قانچىلىك مەنپەئەتكە ئېرىشىمەن، قانچىلىك پۇل تاپالايمەن دېگەننى ئويلايدىغان بولۇپ قالدۇق. دېمەك بىز بىرىنچىدىن ماشىنا ئادەم، ئىككىنچىدىن مەنپەئەتپەرەس ئادەم، ئۈچىنچىدىن ھېسسىياتسىز سوغۇق ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىمىز. مانا بۇ زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ كېسىلى ۋە كەمتۈكلۈكى .ئۇنداق بولسا، زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ بۇ كەمتۈكلۈكىنى نېمە تولدۇرالايدۇ؟ دەل سەنئەت تولدۇرالايدۇ. ئىنسان ئىلىم-پەنگە، ئەقلىيلىككە موھتاج. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھېسسىيلىققا، سەنئەتكىمۇ موھتاج. ھازىر ئەقلىيلىكىمىز كۈچىيىپ كەتتى، ئەمما ھېسسىيلىقىمىز ئاجىزلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭپۇڭلۇقىمىز بۇزۇلۇپ كەتتى. بىز ئەقىللىك ئادەمگە ئايلىنىپ كەتتۇق، ئەمما بارغانسېرى ھېسسىياتسىز سوغۇق ماشىنىغا ئايلىنىپ قالدۇق. قانداق قىلغاندا بىز نورمال ئادەم بولالايمىز؟ قانداق قىلغاندا مەنىۋىيىتىمىز ساغلام بولالايدۇ؟ ناھايىتى ئېنىقكى، بىز ئەقلىيلىكىمىز بىلەن ھېسسىيلىقىمىزنى بىرلەشتۈرگەندىلا ساغلام بولالايمىز. شىللېر مۇنداق دېگەن: «ئادەم پەقەت ئويۇن ئوينىيالىغاندىلا، ساغلام ئادەم بولالايدۇ». شىللېر دەۋاتقان ئويۇن سەنئەتنى كۆرسىتىدۇ، سەنئەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئەقىللىك ئادەم بولۇش بىلەن بىرگە ھېسسىياتلىق ئادەم بولۇشىمىز، مېھىرى-مۇھەببەتلىك ئادەم بولۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ھېسسىيلىققا بولغان ئېھتىياجىمىزنى پەقەت سەنئەتلا قاندۇرالايدۇ. شۇڭا بىز بۈگۈنكى كۈندە تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىن بەكرەك سەنئەتكە موھتاج.سەنئەت گۈزەللىك يارىتىدىغان ئاڭ شەكلى. ئۇ بىزگە گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇرالايدۇ، بىزنى گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلاندۇرالايدۇ، سوغۇق قەلبىمىزگە ئوت ياقالايدۇ، كىرلىشىپ كەتكەن قەلبىمىزنى تازىلىيالايدۇ، بىزنى غايىۋى ئېستېتىك مەنزىلگە باشلىيالايدۇ، سېھىرلىك دۇنياغا ئەكىرىپ كېتەلەيدۇ، تىرىكچىلىك ئىشلىرىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلدۇرالايدۇ، روھىمىزنى كۆكلەردە پەرۋاز قىلدۇرالايدۇ! شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز سەنئەتنى سۆيەيلى، سەنئەتنى قەدىرلەيلى! (بۇ ماقالە «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2024- يىللىق 6- سانىدىن ئېلىندى.)مەسئۇل مۇھەررىر: ئۆمەر ئىمىن(ئاپتور: شىنجاڭ داشۆ فىلۇلوگىيە شۆيۈەنىنىڭ پېنسىيۇنېرى، پىروفېسسور)
Yorumlar
Yorum Gönder