كۆزدىكى سۆز، كۆڭۈلدىكى سۆز (شېئىر)

 

ئېزىز تۇرسۇن


نېچۈن كۆزلەر بىر- بىرىگە باقار لەپ- لەپ؟

(ئاڭلىغانمۇ «كۆز-كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى» دەپ؟)

كۆڭۈلنىڭمۇ كۆزلىرى بار تۇيۇپ تۇرار،

كۆز، كۆڭۈللەر ئەمەس ھەرگىز باشقا بىر سەپ!


سۆز ئىچىدە سۆز بولىدۇ ئۇخلاپ ياتقان،

كۆز ئىچىدە كۆز بولىدۇ چوغدەك يانغان.

«بىر بېقىشتا جاننى ئالدى» دېگەن ئاشىق،

بىلسە ئەسلى كۆز كۆڭۈلگە ئۇيۇپ قالغان.


سۆزلەر سۆزدىن مەنا ئىزدەپ پورەكلەيدۇ،

كۆزدىن كۆزگە سۆيگۈ ئۈنسە پىلەكلەيدۇ.

كۆڭۈل سۇنسا چېگىشلىشەر تۈگۈنلىرى،

مۇھەببەتمۇ ئۇندا مايماق خەمەكلەيدۇ.


سۆز سۇنىدۇ كۆز سېھرىگە مەنا يەتمەي،

كۆز سۆزلەيدۇ راستنى راستقا- يالغان ئەتمەي.

كۆڭۈل دېگەن مۇھەببەتنىڭ يول خېتىدۇر،

سۆيگۈ نېمە؟ كۆڭۈلدىكى كۆزنى كۆرمەي.


2026-09-25

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك